مىجىت قەلەمدە بىر پارچە خەت يېزىپ باقتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirixqan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 13:46خەت يېزىپ باقمىغىلى نۇرغۇن يىللار بوپتىكەن. مىجىت قەلەمدە خەت يازسا ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولىدىكەن. ئىملالىرىمدا خاتالىقلار كۆرۈلۈپتۇ(تېمىسىدا) قانداق تۈزتۈشنى بىلمىدىم،
مىجىت قەلەم سېتىلىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىدا پەرزىمچە تۈۋەندىكى سەۋەبلەر بار:
1 - مىجىت قەلەمنىڭ ساقتىسى كۆپۈيۈپ كىتىپ جىڭ نۇسقىسىنىڭ سېتىلىشىغا توسالغۇ بولغان،
2 - ئەينى چاغدا خەتتاتىق ئىشلىرىنىڭ تاۋارلىشىشى ياخشى بولمىغان ھازىر قارسام خېىلى ياخشىلانغاندەك تۇرىدۇ ، ئۇيغۇر كارخانچىلىق نىڭ تەرەققى قىلىشى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا بولغان ئىھتىياج خىلى ياخشىدە تۇرىدۇ، مەسىلەن ئېلان لايھە ئىشلىرىدا مەخسۇس خەتتاتقا خەت يازغۇزۇپ لاھيە ئىشلەيدىغانلار كۆپكەن.
ھازىر قايتىدىن ئىشلەپ تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ بازارغا سالسا بازار تاپقۇدەك. تېمىنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۈرۈلگەن بىلەن يازغان خېتىڭىز (مىجىت قەلەمدە) ئىنتايىن كۆركەم، چىرايلىق چىقىپتۇ، شەرھىلىسە بىر كىتاپ بولغىدەك نادىر سۆزكەن. رەھمەت. ئىملا خاتا بۇلۇپ قاپتۇ....:( tirixqan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:08 static/image/common/back.gif
مىجىت قەلەمدە خەت يازسا ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولىدىكەن. ...
مىجىتقەلەم ھازىرمۇ بارمۇ؟ نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ كۆپرەك مەشىق قىلىپ بېرىڭ acid يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 15:46 static/image/common/back.gif
مىجىتقەلەم ھازىرمۇ بارمۇ؟ نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟
مەندىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ:lol
مەن ئۈلۈشكۈن يازغان خەت «مىجىتقەلەم» بىزنىڭ دۇكاندا، يەنى قەشقەر «ھېكمەت» كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
سانى چەكلىك
دۇكان ئورنى ھېيتگاھ مەسچىت يىنىدا 0998-2825798 مىجىت قەلەمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر،كۆرگەن ئىسسىق-سوغۇقلىرى توغرۇلۇق بىر كىتاپ بولىدىغان،،ئۇ ئادەم ھازىرمۇ ئۈرۈمچىدىمۇ؟ ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ ۋە يەنىمۇ مەشىق قىلىڭ. خەتتاتلىقتا بىر تال سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا بولسا بىر جۈملە خەتنى بۇزىدۇ قايسى كۈنى مەنمۇ يېزىپ باققانتىم بىر چىكىت كاممۇ قانداق؟ kitabpurux يوللىغان ۋاقتى 2015-03-09 16:12:35 static/image/common/back.gif
«مىجىتقەلەم» بىزنىڭ دۇكاندا، يەنى قەشقەر «ھېكمەت» كىت
قانچە پۇل؟ ئىزدىنىشتىكى خەتتات جاناپلىرى ئىشلەتكەن يىشىل سىياھنى نەدىن تاپقىلى بولۇر؟ مىجىتقەلەم ئۈرۈمچىدە نەدە سېتىلىدۇ? مىجىتقەلەم نى ئۈرۈمچىدە نەدە ساتىدۇ? شۇقەلەمدىن بىرنى ھالا بۈگۈنگە قەدەرسېتىۋالالمىدىم دىسە.ھەقىقىسى بارلار خەت قالدۇرۇڭلاردە .مەنمۇ قەلەملىك بولىۋالاي. yaziji يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 15:50 static/image/common/back.gif
مەندىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ
ئۆزلەدىكى مىجىتقەلەممۇ ياكى ياسىنقەلەممۇ؟! :P قانداق سېتىۋالىمىز؟
سېتىۋالاي لېكىن بىر شەرت، يۇقىرىقى ھۆسىنخەتتىكىدەك بىر چېكىتى كەم چىقمايدىغان بولسۇن؟!
بەت:
[1]
2