ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 18:59:51

قولدا يازغاندەك ئەمەسقۇ ، يىزىپ بولۇپ لاھىيەلىگەنمۇ يە

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 19:15:58

قەلەم لازىملار 18909917073 بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ، بۇ مىنىڭ نۇمۇرۇم .

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 19:17:31

قولدا يازغان خەت قارىغاندا بىك بىلەن يېزۋەتكەن ئوخشايمەن .

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 19:25:39

سىياھمۇ بىزدەبار .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:07:22

مىجىت قەلەمنىڭ سىياھ ئىچۈرمىگەن،تەقلىد قىلىپ ياسالمىغان يېڭىسىدىن،سىياسىدىن ماڭا لازىم
قانداق ئالىمەن ؟

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:20:07

مىجىت قەلەمدىن بولسا مەنمۇ بىرنى ئالىمەن. ساختىسىدىن ئەمەس

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:33:28

    مۇشۇ ئىزدىنىش يوقتا مىنىڭ بىر مىجىت قەلىمىم بارتى ، شۇنداق قەلەمنىڭ چىققىنىغا بەك قايىل بولغانتىم ، كىيىن يوقاپ كەتتى ...
    مۇشۇ مىجىتقەلەمگە قاراپ ھىس قىلىمەن ، بازاردىن ئايرىلغان ئىجادىيەت ، ھەرقانچە ئالى بولسىمۇ پۇت تىرەپ تۇرماقلىقى تەسكەن .....
   بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كىلىدىغىنى پەقەت پەخىرلىنىش شۇ ،،،،،،،
   2000-يىللار ئەتراپىدا دۇكان ۋىۋىسكىلىرىنى خەتتاتلارغا يازدۇرۇىغان ئىش بار ئىدى ، ئىش ھەققى بىرىشكە رايى يوقلار ئىجىر مىجىر قىلىپ يېزىۋالاتتىكەن ، كىيىن كومپىيوتېر ، خەت كىسىش ماشنىسى ، مىس ئويما كەينى كەيندىن چىقىپ ، خەتتاتلىلىقنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشىغا كۈچلۈك زەربە بەردى ...
   ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ خەتتاتلىق قايتىدىن گۈللىنىپ  بىر قىسىم كارخانا ۋىۋىسكىلىرى ، ماركا قاتارلىقلار ئاۋال خەتتاتلار قۇلىدا يېزىلىپ ئاندىن ، كومپىيوتېردا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولدى ، بۇ بەلكىم خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولسا كېرەك ...

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:15:42

قارىسام بەزىلەر كومپىيوتىردىمۇ ھۆسنىخەت يازىدىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم.بولسا شۇنداق دېتال بولسا نامىنى قالدۇرغان بولساڭلار.ئاندىن مەنمۇ ھۆسنىخەت يېزىشنى ئۆگىنەي دىگەن، مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىيالى، قەلەم، سىياھ دىگەنلەرنى تەۋىسىيە قىلساڭلار، رەھمەت.ئەلۋەتتە مىجىتقەلەم تاللاش ئوبىكتىمنىڭ بىرسى.

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:52:14

ماڭىمۇ لازىم ئىدى، ئەلۋەتتە ھەقىقسى

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 00:04:51

مەن كىچىكىمدە شۇنداق بىر قەلىمنىڭ بولۇشىنى باشقا دوستلىرىمدەك ئارزۇ قىلاتتىم... ئۆتكەندە مىجت قەلەمنىڭ ئىجادچىسى ئېۈىر كۈنگە قالدى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان... ئالدىدىكى دوستىمىزمۇ دەپتۇ مىجىت قەلەمنىڭ ھىكايىسى بىر كىتاب چىقىدۇ دەپ... مۇشۇ قەلمنى ياسىغان مىجىت ئاكىمىزنىڭ ھىكايىسىنى بىر ئاڭلىساق بولاتتى...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 08:36:49

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 00:04 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدە شۇنداق بىر قەلىمنىڭ بولۇشىنى باشقا دوست ...

«قويۇلۇپ كېتىپ نەچچە يۈزمىڭغا قەرز بولۇپ قېلىپ ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» دىگەن مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلىدىم،

yaziji يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 08:50:02

خەتتاتلىققا ئالاقىدار ماتېرىياللار كېرەك بولسا، خەت تاۋارلاتماقچى بولسىڭىز، ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مېنى ئىزدەڭ ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمەن:P
خوتەندە بولسىڭىز تېخىمۇ قۇلايلىق.

yaziji يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 08:52:46

مېنىڭچە يېڭىدىن ھۆسنخەت ئۆگىنىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى قومۇشتىن ياسالغان، قاتتىقراق چوكىنى ئۇچلاپ مەشىق قىلغىنىڭلار ياخشىراق. قۇمۇشتا خەت يېزىۋاتقان ۋاقىتتىكى تۇيغۇ بىلەن مىتال قەلەمدە خەت يازغان ۋاقىتتىكى تۇيغۇ ئوخشىمايدۇ. قۇمۇش گۇيا ھۆسنخەت ئۈچۈن يارىتلغاندەكلا بىلىنىدۇ كىشىگە.

uyghuryar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:06:17

مىجىت قەلەمنى قەيەردىن تاپقىلى بولار ھەي؟  ساتىدىغانلار بولسىدى توردا؟

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 10:43:15

تاۋباۋدىكى ماۋۇ دۇككاندا باركەن كۆرۈپ بېقىڭلار
دۇككان نامى 店铺: 乌古斯书店
ئادرىسى : http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z10.1-c.w4004-2717694558.4.Cm17pq&id=16993374064
http://kitab.taobao.com/shop/view_shop.htm?spm=a1z0k.7386009.1997989141.d4915209.VC7KhB&shop_id=64357944

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 10:59:04

tirixqan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 13:08 static/image/common/back.gif
مىجىت قەلەمدە خەت يازسا ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولىدىكەن.  ...

  رەھمەتلىكنىڭ روھى خوش بۇپ قالار، چىرايلىق يىزىپسىز.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 15:22:59

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 18:06 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىكى خەتتات جاناپلىرى ئىشلەتكەن يىشىل سىياھن ...

قارا سىياھتىن ئازراق، كۆك سىياھتىن ئازراق، قىزىل سىياھتىن ئازراق ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ئالامەت چىقىدۇ. :lol :lol :lol
بەت: 1 [2]
: مىجىت قەلەمدە بىر پارچە خەت يېزىپ باقتىم