mamnun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:49:18

چوڭلار كۆرىدىغان رەسىملەر ، كىچىكلەر كىرمەڭلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamnun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-6 10:50

1、بۇ كىشى سىزنىڭ مەھەللىڭىزگىمۇ كېلىپ باققانمۇ يا؟

2、بۇنىڭ نېمە نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.

3、بۇنداق ئىدىشتا سۇ ئىچىپ باققانمۇ؟ مانا مۇشۇ سۇ نەخ يۈرەككە باراتتى.

4、تېخى بۇنىڭغا ئازراق سۇ ئىچكۈزمىسە سۇ چىقىرىپ بەرمەيتى.

5、سىزمۇ قۇرۇق چايداننى قۇلىقىڭىزغا تۇتۇپ ئاڭلاپ باققان چۇقۇم ، ئۇ ئاۋاز بىر خىل پەيزى ھە! لېكىن بۇ چايدان ئىچكىرنىڭ چايدىنى ئوخشايدۇ ،بىزنىڭ چايدانلارغا ئوخشىماي تۇرىدۇ.

6、كېچىسى بۇنى ئالقىنڭىزغا تۇتۇپ ئويناپ باققانمۇ ؟ باتارىيەنىڭ كۈچى بار چاغلاركەندۇق ئەمما.

7、تۆپىكلىكنى ئىگەللەش ئويۇنى ،لېكىن بۇ بالىلار تازا چاڭ چىقىرالماپتۇ .

8、تەتىل تۈگەي دېگەندە چالا-بۇلا ئىشلەيتتۇق بۇ تاپشۇرۇقنى.

9、نۇر ئۇيۇتۇش ئويۇنى ، ئەڭ نوچىسى قاسقان نۇر بىلەن خوسەي نۇرتى.

10、ئىشەنسىڭىز مېنىڭ بىر تاغار پاخپىقىم بارتى.

11、بۇ ئويۇننى شۇ باشلانغۇچتىلا ئوينايتۇق.

12、بىر زامانلاردا قارا لاتاخەي كىيىش مودا بولۇپ كەتكەن.

13、سىزمۇ بۇنىڭ بىلەن پال سېلىپ باققانغۇ دەيمەن ، كىم كىمگە ئامراق دەپچۇ .

14、بۇنداق ئويۇنچىقى يوقلار ئوغۇل بالا ھېساپلانمايتتى، بەزىلرىنىڭ نەپسلىكىگە ھەيران قالىسىز.

بۇنى دېمىسەممۇ بىلىپ بولدىڭىز.

15、بۇنى يەپ باققانمۇ؟

16、سېغىز لايدا كاككۇك بىلەن زەينەپ ئوينىغانمۇ ؟ ئىشقىلىپ ئويۇن دېگەن چىقىپ تۇراتتى.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ يەرگە بىرلا ئۇراتتۇق.

كىمنىڭ ئاۋازى ياڭراق ھەم تۈشۈكى چوڭ بولسا شۇ ئۇتاتتى.

17、كىمنىڭ شارىكى جىق بولسا شۇ باي ھېساپلىناتتى .

18、بىر ئوقيا بىر ياغاچ قىلىچ

19、ئوپچە سۇغا چۆمۈلۈشنىڭ ھوزۇرى باشقىچە

20、بۇنداق پاخالنى تاپقانداق چۇقۇم ئۈستىگە چىقىپ بىر يېتىۋېلىش كېرەك .

21、يىڭناغۇچ تۇتۇش ئۈچۈن خېلى تېخنىكا ۋە سەۋرىچانلىق كېتەتتى.

22、ئۆزى تۇتۇپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن بېلىقنىڭ تەمى باشقىچە.

23、ئىشقىلىپ ئازراق تەمى بار نەرسە بولسىلا چايناپ باقاتتۇق ھە!

24、بۇنى خامان كۆرۈپ باققانلار بىلىدۇ .

25、ھەرە ئۇۋىسىنى نېمىشقا كوچىلىغان بولغىيتتۇق ؟

26、بىز ھەر يىلى سىنىپ بويىچە دېگۈدەك بېرىپ ئۈژمە تېرىپ يەيدىغان.

27、بۇنىڭ تەمى ھازىرمۇ تىلمنىڭ ئۇچىدا بازاردا چوغدا قاقلاپ پىشۇرۇلغان قوناق ئۇچراپ قالسا چۇقۇم ئېلىپ غاجىلىۋالىمەن ھازىرمۇ.

28、چىشىڭىز قاماپ قالغىچە يېگەن غورا مۇشۇ شۇ

29、غەلۋىردە قۇشقاچ تۇتۇپ باققانمۇ ؟

30、ئۈستى ئۇچۇق كىنوخانا

31、ئارقاڭدىكى نېمەلەرىڭ؟ ئۇششاق ئۇششاق بالىلارىم . ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ! كۈچىڭ يەتسە ئالساڭچۇ!!!

دېسەم دېمىسەم گۈزەل بالىلىق چاغلىرىڭىزنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىڭىزغۇ دەيمەن،مانا بىلىپ بىلمەيلا قېرىپ كېتىپتىمىز!
مەمنۇن ئۈندىدار سالونى تەييارلىغان . ئىزدەش نومۇرى : xjmamnun
(مەمنۇن سالونى قىزىقارلىق ئۈندىدار ئويۇنلىرى ، ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنىدۇ.)

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:42:21

15رەسىمدىكىنى يىمەيتۇق لىكىن پۇشتەك قىلىپ چاللاتتۇقشۇنداق پەيزى ئاۋازى چىقاتتى،
كىچىكىمدە بەك ئوينايتىم مەرمەر تاشنى ،ئۇتتۇرۋەتكەنگە قارىماي .

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:51:17

رەسىمدىكى ھەممە ئويۇنلارنى ئويناپ بىقىپتىكەنمەن.ئوينىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپتىكەنمەن.ھازىرقى بالىلارغا قارىغاندا بىزنىڭ بالىلىقىمىز ياخشى ئۆتەپتىكەن......ئىسىل چاغلار ئىدى.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:53:33

2 رەسىمدىكىدىن باشقا ھەممىنى بىلدىكەنمەن قارغاندا قېرقپتىمەن جۇما {:87:}

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:07:42

چوڭلار دەپ كەتكىنىمۇ بولمايدۇ ،90يىلنىڭ باللىرىمۇ ئويناپ باققان ..

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:29:17

، بىرىنچى رەسىمدىكىسى موللەكچى، ئىككىنچى رەسىمدىكىسى ھورتاختاق، ئۈچىنچى رەسىمدىكىسى بولسا ئېدىش، (بىزنىڭ ئۆيدىكىسى كۆۈپ)، ھازىر ئۇنىڭغا كېپەك قاچىلاپ ئىشلىتىمىز....
ئويۇنچۇقلارغا كەلسەك ھەممىنى ئويناپ بيقىپتىكەنمەن.....
ھەراس، ئاۋۇ يەنە بىر رەسىمدىكى سىز «ئۈژمە» دىگىنىڭىز ئۈژمە ئەمەس، بەلكى شاتۇتتۇر

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:39:09




bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:50:29

ئاۋۇ كۆزا ئىدىش بىزنىڭ ئۆيدە ھازىرمۇ بار ،
:(:(

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:01:29

مەرمەرنى ئۇتتۇرۋەتسەك باشقا مەھەللىگە بىرىپ بۇلايتۇق ،،باشقا مەھىللىدىكى باللار مەھەللىمىزدىن ئۆتسە باج ئالاتتۇق ،،،قوناق ئوغۇرلاش ،سوزماق ئىتىش ،،،جاھاننىڭ بىر چىتىگە پىيادە بىرىپ سۇغا چۈمۈلۈش ئىنتايىن كۆڭۈللۈكتى ،،،تىخى قىزلار بىلەن مىھماندارچىلىق ئويناشلىرمىزچۇ ،،،ئۇ ۋاقىتتىكى قىزلارنىڭ ھازىر بىر ئىككىدىن بالىسى بار {:92:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:20:15

غەمسىز كۈنلەر

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:20:50

ۋۇييۇ،،،،،باشقا نەرسىگىمۇ ئانچە ھەۋەس قىپ كەتمىدىم،ئەمما،لىكىن شاختىكى كۆپكۆك پارقىراپ تۇرغان غورىنى شۇنداق يىگۈم كەلدى..


شۇ غورىنى كۆرۈش بىلەنلا بالىلىقىم ئىسىمگە كەپ قالدى.
تازا 5-ئايلاردا ئاكام،ئاچام،مەن ۋە بىر نەچچە ئاغىنىلەر باغققا كىرىپ توڭ غورىنى تازا يەپ ئاندىن ئانىمىز ئەتكەن لەغمىنى بىر قۇرساق يەپ قۇرساقلىرىمىز تازا ئاغرىپ كىتەتتى:lol:lol:lol:lolھەربى-دۈشمەن ئوينايتتۇق،مۆكۈشمەك ئوينايتتۇق،ئىشقىلىپ بەك ئاسان تۇتۇلۇپ قالاتتىم..سۆگەتلىككە بېرىپ قارا قۇشقاچ بالىللىرىنى تۇتۇپ ئوينايتتۇق،،،مەن تېخى رەگەتكە بىلەن قۇشقاچ ئاتاتتىم،بەك مەرگەنتىم مەن،نەچچە كەپتەرنى سوققانتىم.

يەنە ئاۋۇ سەرەڭگىمۇ كۆزۈمگە شۇنداق مىھرى ئىللىق كۆرۈندى،ئانام تاماق ئەتمەكچى بولسا مەن ئاۋۋال سەرەڭگىدە ئۇچاققا ئوت قالايتتىم،ئاكام دائىم ،ئۇكام ئوتنى سەن قالا دەپ تۇرۋالاتتى،مەن كىچىك بولغاچقا بۇ ئىشلار ماڭا قالاتتى..

ئا ھېلىقى باسما قۇدۇق بىزنىڭ مەللىدە ھېلىھەم بار،بىر چۆگۈن سۇ قۇيۇپ بىر نەچچە چىلەك سۇ ئالغىلى بولاتتى

رەسىمدىكى كىچىك دوستلار ھەممىسى يولداشلارنىڭ باللىرىكەن،،لىكىن بىزلەردەك قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالمايدىغان چىراي...



ئۈستىدىكى رەسىمدىكى،تۈمۈرگە يامىشىپ تۇرۇپ، قىپ يالىڭاچ ھالدا سۇغا سىيۋاتقان كىچىك بالىغا قاراپ بەك سەت كۈلۋەتتىم،،،تازا قىززىقچى ئادەم بولغۇدەك چوڭ بولسا...:lol:lol:lol

Qunahun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:21:34

ھىلىقىدەك رەسىملەر ئ‍وخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمە

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:24:13

بالىلىقنى ئەسلەيمەن دەپ ئىككى ئاي ئىلگىرى تاۋباۋدىن ھېلىقى تىلۋىزورغا چېتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىمىز بارغۇ شۇنىڭدىن بىرنى ئېلىپ ئۆيدە ئويناۋاتىمەن، شۇاڭجىيلۇڭ ، خۇڭدۇلۇ، موگو ، تانكا ...ئىشقىلىپ بىز ئويناپ باققان ئويۇننىڭ ھەممىسى بار ئويۇن كارتىسىنى ئېپ قويغان ، قايسى كۈنى ئاغىينىلەر ئۆيگە كەپتىكەن ،رولنىتالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈيدۇ :lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:32:22

1- سۈرەتتىكى يولداش ھازىر قايسى شەھەرگە شۈجى بولغاندۇ؟:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:35:33

بالىلىقنى ئەسلەپ قالغانلار‹‹ چا ››ئويناشنى خالىساڭلار، بىرە كومزەككە لىق توشقۇزۇپ چا سىتىۋىلىپ تەييار بولۇڭلار.
ھەممىنى ئۇتۇۋالىمەن.

مەيلى ئىگىزدىن - پەسكە قۇيۇپ بىرىپ ئۇيناش ئۇسۇلى بولسۇن، مەيلى يىراق - ئارىلىقتىن سۇقوپ ئۇتۇش ئۇسۇلى بولسۇن، ھەرگىز ماڭا تەڭ بولالمايسىزلەر.

يەنىلا ياڭاق ئىتىپ ئوينىساقمۇ بەرىبىر.:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:45:21

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى2015-3-6 17:24 static/image/common/back.gif
بالىلىقنى ئەسلەيمەن دەپ ئىككى ئاي ئىلگىرى تاۋباۋدىن ھ ...

مەنمۇ كومپيۇتېردا ئويناپ قويىمەن بۇ ئۇيۇنلارنى ، باشقا باللا تور ئويۇنى ئويناپ يۈرۈپ مېنى زاڭلىق قىلغان، كېيىن بېشىمغا قارا قۇچقاچتەك ئولىشىۋاپتۇ.:lol
موتونى ئويناپ قويىمەن ھازىرمۇ پات پات. خوندولو (رامبو دەۋالىتۇق) نى رولدا ئوينىمىسا ئوينىغاندەك بولمايدىكەن.:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:53:19

MSM يوللىغان ۋاقتى2015-3-6 17:45 static/image/common/back.gif
مەنمۇ كومپيۇتېردا ئويناپ قويىمەن بۇ ئۇيۇنلارنى ، باش ...

دىمىسىمۇ بۇرۇنلاردا كومپىيۇتېرغا 模拟器چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ئوينىغان لېكىن قولدا ئوينىغاندەك ھۇزۇرلىنىالمىغان ، بۇ قېتىم پۇخادىن چىقتىم :P

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:28:29

لايدىن تۈشۈك ئېچىپ، ئىچىگە تۈكۈرۈپ، بەزەپ گەپلەرنى قىلىپ پاققىدە ئاتىتۇق يەرگە :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:30:20

مەرمەرنى غەزەپ ئوينايتۇق.ھېلى ھەجكى قويۇۋاتقان، ھېلى ئورەك ئېتىۋاتقان، ھېلى غېرىچ_سوقاش ئويناۋاتقان.ئاۋۇ رەسىمدىكىسى شىگۇادەركەن :lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:53:12

تۈگمە ئويناپ باقمىغانما ؟

بىز تۈگمە ئوينىغاندا ، ئۇتتۇرۋەتسەك يانا ئۇتارمەندە چاپاندىكىسى سۆكەتتۇق ئۇنىمۇ ئۇتتۇرۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭكىنى سۆكەتتۇق{:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: چوڭلار كۆرىدىغان رەسىملەر ، كىچىكلەر كىرمەڭلەر