salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:52:51

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-06 21:31:32 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  201
بىز بولساق ۋەلسىپىتلىك چوكامۇزچىنى بوش قويۇۋەتمەيتتۇق…

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:54:41

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 21:31 static/image/common/back.gif
بىرىنچى رەسىمدىكىسى بىزنىڭ مەھەلىگە كېپ قالسا ھەرگىز  ...

قىزلانىڭ نۇر ‹‹بىز پىلدىرلىغۇچ دەپقوياتتۇق ››ئوينىغىننى 25 يىللىق ھايىتمدا  ئىزدىنىشتا ئاڭلاپتىمەن ،،،:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:09:05

يېڭى يىلدا سۈن مايمۇننىڭ، باۋيۈ غوجامنىڭ، لىيۇ دېخۇانىڭ، ئەلەي-بەلەي، مەمەت سەلەينىڭ رەسىملىرى بار ئاتكىرىتكىلارنى يېزىشمىغانما ھەقاسىلىرى…
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بىر يېڭى يىل ھارپىسىدا يولداشلارنىڭ كوچىغىلا ئېچىۋالغان ئاتكىرىتكا يايمىسىغا بويۇنداپ قاراۋاتسام، بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىرسى بىر ئىتتىرۋەتمەسما، ئۆزۈمنى توختۇتالماي ئاتكىرىتكىلارنى پېتىغلىۋەتتىم، ئايىغىمنىڭ ئاستىدا يېڭى يىل مۇزىكىلىرى بەس-بەستە ساراپ كەتتى، مەنمۇ تازا ئەڭ قىممەت، ئەڭ ئېسىللىرىنى پىتىغلىغان گەپ، «ئەييو» دەپلا قوغلاپ چۈشۈپ كەتتى، مەن ھېلىقى گۇينى قوغلايمەن، مېنى بىرسى قوغلايدۇ…شامالدەك ئۇچىدىغان چاغلىرىمىزتى …قاچە قاچ بىرچاغدا كەينىمگە قارىسام بېقىنىنى مۇجۇقلاپ تولغۇشۇپ قاپتۇ يۈگۈرەلمەي. بەك ئاچچىغىم كەپتىكەن ھېلىقى گۇينى مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرگەندە تۇتۇۋىلىپ تازا ئۇرۇپتىكەنمە…

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:19:41

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 22:35 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مەھەللىدە قىزلار ئوينىمايىتتى

بىزنىڭ ئولتۇراق يىرىمىزدە قىزلار كۆپ ئىدى،
يەنە كىلىپ ئىسىمدە قىلىشىچە مۇشۇنداق ۋاقىتت ساليوتلار تولۇپ كەتكەن  ئويناپ كىتەتتۇق شۇنىڭغا قارىغاندا ئەتىياز مەزگىللىرى ئوخشايدۇ،

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:55:15

ھەي غەمسىز چاغلار {:101:}
كۈيەك توپ ( كۆك توپ دەپمۇ قوياتتۇق )  ئويناپ باقمىغانما ؟
يەنە بىرسى با سوبو دەپ ( قارىغاندا  خەنچە گەپ ئوخشايدۇ)  قىزلار كۆپرەك ئونايتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:52:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 11:00  

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 22:54 static/image/common/back.gif
قىزلانىڭ نۇر ‹‹بىز پىلدىرلىغۇچ دەپقوياتتۇق ››ئوينىغ ...

توۋۋا دەڭە... ئاڭلاپ باقمىغان دەپ ئەمدى:o
ئۇ چاغلادا قايسى ئويۇن ئوغۇلبالچە قايسى ئۇيۇن قىز بالچە دەپ ئويلىيالمايدىغان ئوخشايمىزكەن قارىغاندا نىمە ئۇدۇل كەلسە باللاغا قوشۇلۇپ ئويناپ.  بىزنىڭ كىچىك كوچىدا 8 ئائىلىلىك باتتۇق، ھەر بىر ئائىلىدە 2~3 تىن بالا بولۇپ 10نەچچەيلەن بوپ كېتىدىغان، بىر ئۇيۇننى باشلىۋالساق كوچىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، تۇپا توزۇتۇپ كەچ كىرىپ بىر-بىرىمىزنى كۆرەلمىگۈدەك بوپ كەتكەندە ئاستا جىمىقىپ ئۆيلىرىمىزگە كىرىشىپ كېتىدىغان...;P
كوچىمىز ئۇزۇنتى، باللامۇ جىق بولغاندىكىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ توپ ئوينايتۇق ، ۋارتاغا كىرگۈزۈۋالساق خوشلۇقتا ئاغزىمىز قۇلاققا يېتەتتى;P
بىر ئىنىمچاق باتتى ئارىمىزدا، قولىدىن ھەممە ئىش كېلەتتى. شۇ  بالا بىلەن ئوينايدىغانغا ھەممىمىز ئامراقتۇق ئۆزىمىزگە باش قىپ سايلىۋالغاندەكلىتى. نەگە بارسا ئارقىسىدىن ئەگىشىپ باراتتۇق :lol . نۇر ئۇينىساق قامچىسىنى ياساپ بېرەتتى، رەگەتكە ئوينىساق رەگەتكىسىنى ياساپ بېرىڭ دەپ ئۆيىگە كىرىۋالاتتۇق ھەممەيلەن. تاپانچا ئوينىساق سىملار بىلەن بەك سىپتا ئۇيۇنچۇق تاپانچىلارنى ياق دېمەي شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن چىرايلىق ياساپ بېرەتتى . ئاندىن ھەممەيلەن چۇرقۇرۇشۇپ باغلارغا بېرىپ قۇشلارنى ئېتىپ چۈشۈرىمىز دەپ رەگەتكىمىزگە تاش قىستۇرۇپ بىر مەھەل قىزىق ئويناپ كېتەتتۇق. لېكىن ھېچكىم تەگكۈزەلمەيتتى پەقەت ئاشۇ ئىنمچاق بالا بەك ئۇستىتتى بىر ئېتىپلا يىقىتالايدۇ قۇشلارنى،  سىلىق ھەم ئېگىز دەرەخلەرگىمۇ ھېچكىم يامىشالمىساق شۇ بالا يامىشىپ چىقىپ بىزگە يوغان يوغان ئۈرۈكلەرنى شېخى بىلەنلا ئۈزۈپ تاشلاپ بېرەتتى. ھەممەيلەن ئوتتۇراپ تەڭدىن بۆلۈشۈپ يەيتتۇق. بەك جىق ئۇيۇنلارنى ئوينىغان،  جىق نەرسىلەر ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 11:54:49

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 12:52 static/image/common/back.gif
توۋۋا دەڭە... ئاڭلاپ باقمىغان دەپ ئەمدى
ئۇ چاغلادا قا ...

مەن كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان قوشنامنىڭ قىزى غۇرەك، يىچاق، توپ چوق، چا، مۇشەكنىمۇ راسا ئويناپ قوياتتى. قارىسام ھازىر ئىسىل ماشىنىمۇ ھەيدەپ ئويناۋاتىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 11:59:28

مەن رەگەتكىدە ھىچ نىمە ئاتالماي ئاخىرى توپ توپ ئۇچىۋاتقان قاغىلارغا ئىتىپ ئوينىغان ، ئاتساملا  بىرەسىگە تىگەتتى ، تەگگۈزگىنىمدىن خوش بوپ يۈراتتىم {:92:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:27:19

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 10:52 static/image/common/back.gif
توۋۋا دەڭە... ئاڭلاپ باقمىغان دەپ ئەمدى
ئۇ چاغلادا قا ...

:lol ،،ماڭغا ئوخشاش يامان بالىكەن ھە :lol

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:33:45

تەتىللىك تاپشۇرۇققا بەك ئۆچتىم مەن :funk:   رەسىمدىكى غورىنى كۆرۈپ يېگۈم كەپكەتتى، لېكىن ئۇنداق غورا بەك ئاچچىق  ، ئازراق سارغايغاندا يېسە ئاچچىق-چۈچۈك پەيزى بولىدىكەن

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:32:18

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:33 static/image/common/back.gif
رەسىمدىكىسى كۇلىنىڭ ئىدىشىكەن، بىزنىڭ يۇرتلاردا ئۆزى ...

مەن سېتىۋېلىپ ئىشلەتكىلى ئىككى يىل بولدى. سۇنى كۈپتە تىندۇرۇپ ئىچىمەن دەپ. تۆمۈردىن جازا ياسىتىپ ئاستىغا سۇلىياۋ تۇڭنى كېسىپ قويۇپ قويدۇم. سىزگەن سۇ ئىشلەتمىسەك 3 كۈندە توشىدۇ. ئىشلىتىپ تۇرساق ئانچە توشۇپ كەتمەيدۇ.
كۈپنى سېتىۋالغاندا يىگىرمە ئوتتۇز كوي قوشۇپ بەرسە تۇربا ئورنىتىپ بېرىدىكەن. بىز بار قورودا يازدا بىرىنچى قەۋەتكىمۇ سۇ چىقمايدۇ. كۈپكە ساقلىماي ئامال يوق.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:35:00

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-03-06 18:28:29 static/image/common/back.gif
لايدىن تۈشۈك ئېچىپ، ئىچىگە تۈكۈرۈپ، بەزەپ گەپلەرنى قى
ھەممە يەدە باكەنتۇق ھە بۇ  لاي ئويۇنى!؟:lol:lol:lol

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:47:24

ئاق ئۈجمىدىن قارا ئۈجمە تاتلىق ئىدى…
:lol:lol:lol

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:51:03

بالىلىقتىكى ئۇيقۇ نەدە كەلسە شۇ يەدە يېتىپ ئۇخلاش قالتىس راھەت ئىدى!……

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:58:18

بىزمۇ  بەك ئوينايدىغان.. پاخپاق  ئوينايمىز دەپ  كىتاب دەپتەرلەنى  يىرتاتتۇق،   نور ( بىز موتەك  دەپ قويمىز) ،  ۋاللەي،  قوغلاشماق، مۇز تىيلىش، ئىگىز -پەس.  مۇشلاش،  ئىگىزدىن سەكرەش،  ئالامەت   ھە...     ھەر يەكشەنبە مەھەللە بوينچە   ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئىتىزلىققا  چىقىپ قىش ۋاقىتىسى  زىرائەت ئۈنمىگەن ۋاقىتلاردا  ۋاللەي ئوينايتۇق . ئانچە -مۇنچە   قاپاقمۇ يىرلىپ قويىتى {:90:}

melek يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 05:48:32

ھې ھې مەنمۇ كۆپىنچىسىنى ئويناپ بېقىپتىكەنمەن.
ئاناىن يەنە خوراز كەمپۇتنىڭ سۇلياۋلىرى بار ئىدى،بىر پاتمان يىغىۋاپ ئۆرۈپ ئۇتۇشۇپ ئوينايتۇق.
يەنە چىلدىرلىماچ دەپ بىر نەرسە بولىدىغان(ئىسمىنى خاتا دېمىگەنلا بولسام)بىر تال يۇمىلاق چەمبىرەك تۆمۈرنى يەنە بىر تال تاياق شەكلىدىكى زىنخچىدە چۆرگىلىتىپ ماڭىدىغان.
يەنە بوتۇلكىلارنىڭ، تۆمۈر ئاغزىنىڭ ئىچىگە خېمىر دەپ ئاق بىر نېمىنى تىقىپ ئۇنىڭ ئۈستىنى كەمپۈت قەغىزىدە باسۇرۇپ ئۇ بۈدۈر شەكىلدىكى بوتۇلكا ئاغزىنىڭ چۆرىسىگە ھىم قىستۇرۇپ بىر تال بىرنىمە ياسايتۇق.سىجو دەيتۇق بىز.ئالقىنىمىزغا ئېلىپ تۇرۇپ يەنە بىر قولدا چكىپ يىراق يىراقلارغا ئېتىپ،سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدىغان.
يەنە قۇتا ئويناشقا دەھشەت ئامراقتىم مەن.تۆمۈر ماي قۇتىلىرىنىڭ ئىچىگە توپا قاچىلاپ،يەرگە خىش بىلەن بىرنىمىلەرنى سىزىپ،قۇتۇنى تاشلاپ پەي پەي ئېتىپ يۈرۈپ ئوينايتۇق.
ئاندىن يەنە پىچۇر (رىزىنگە( ئويناپ قوياتتۇق باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە،ئىككى ئادەم ئىككى تەرەپتە تۇراتتى.رىزىنگە تىزدىن تارتىپ بويۇنغىچە ئېگىزلەپ ماڭسىمۇ پاق پاق سەكرەك...خەنزۇچە قوشاقلار بىلەن،بەزىدە كىنولاردىن توقۇلغان قوشاقلار بىلەن ھەرخىل نۇسخىدا ئوينايتۇق.ئانىلىرىمىز پۇتۇڭ يوغىناپ كېتىدۇ دەپ دەرىزىدىن توۋلاپ ھارمايتى.نەدىكىنى مېنىڭ پۇتۇم يامان كىچىك،بىر كۈنى بىر ئادىشىم ئاداش خەنزۇ تەتەيچاقلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا پۇتىنى بوغۇپ قويدىكەنتۇق پۇتى يوغىناپ قالمىسۇن دەپ،سېنىڭكىنىمۇ بوغقانمۇ يا نېمانداق كىچىك پۇتۇڭ دەپ جېنىمغا تەگكەن.
ھازىر ئويلىسام شۇ ئويۇنلاردا نۇرغۇن قوشاقلىرىمىز شېئىرلىرىمىز باركەنتۇق.كۆپىنچىسى شۇ دەۋىرلەردە مودا بولغان فىلىملەردىن چىقىرىلغان يەكۈنلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىمىزدا شېئىرى تالانت شۇ چاغلاردىن باشلاپلا باركەنمۇ دەيمەن دەپ قالىمەن بەزىدە.

بادام بادام بادام
يەيدىغان بادام
مېنى باقىدۇ
ئانام بىلەن دادام...
....
شىياۋيەنزى چاقچاقچى
زىۋىي بولسا شاھماتچى
ئەركاڭ ئەرتەي بىرلىشىپ
ئۇ ئىككىسىنى ئالماقچى....
......
ئىزورا بودەك پولا يىگۈدەك
بۇ پولانى ئوخشاتقان پالانچى بودەك(ئىسىم چاقىراتتۇق(

....
ساندىرا موكادو
تۈرمىگە كىرىپ ياتادۇ
ماتىلدا،بىردەم جىم تۇرماي ۋاتىلدا....
(مىكسىكىنىڭ بىر فىلىمىدە چىقاتتى بۇ پىرسۇناژلار(


....
يەنە ئۆردەك سىزىش مودا ئىدى،سىناقتىن چىكىت ئالدىم.ئىمتىھاندىن نۆل ئالدىم،ئاپام ئۇردى ئىككىنى،دادام ئۇردى بىرنى،قۇلىقىمنى سوزاپ، ئۆردەك قىلدى مېنى...دەپ بىر ئۆدەكنى سىزىپ چىقاتتۇق....


ئىشقىلىپ بەك كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن بالىلىق دەۋىرلىرىمىز.ھازىرقى بالىلار تېلىۋىزۇر ئالدىدا كارتۇن فىلىم كۆرۈش ياكى تۈگىمەس تاپشۇرۇقىنى مۈكچىيىپ ئىشلەش بىلەنلا ئۆتكۈزەمدىكىن كۈنلىرىنى


sheydai يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

لۆملۆم دەيدىغان بىر ئويۇنىممۇ بولىدىغان. يولغا ئورەك كولاپ پاتقاق ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، ئۈستىنى ئەپلەپ يوشۇرۇپ، دالدىدا قاراپ ياتاتتۇق. چۈشۈپ كەتكەنلەرنى كۆرسەك شۇنداق خوشال بولدىغان. ھەي بالىلىق.....

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

melek يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 05:48 static/image/common/back.gif
ھې ھې مەنمۇ كۆپىنچىسىنى ئويناپ بېقىپتىكەنمەن.
ئاناىن ي ...

كىچىكلىك دىگەن ئالامەت بولىدىكەن .....  مەھەللىدە مەخسۇس قىزلارنىڭ سەكرەپ ئويناۋاتقان رەزىنكىسىنى كىسىۋېتىپ .
   بەدەر تىكىۋىتەتتۇق:lol
بەت: 1 2 [3] 4
: چوڭلار كۆرىدىغان رەسىملەر ، كىچىكلەر كىرمەڭلەر