mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:24:17

ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرۈش

بۇ بۇنىڭدىن دەل تۆت يىل بۇرۇن يازغان نەرسە ئىدى. ئۆتۈپ كەتكەن تۆت يىل ئىچىدىمۇ مۇشۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك خىيال قىلىپ چىقتىم....
------------------------------------------------------------------

ئاپام لاخماجۇن يەپ باقمىغان. مەنمۇ تېخى بۇنى قىلىشنى يېقىنلاردا ئۆگىنىۋالدىم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لاخماجۇننى مەخسۇس دوخۇپكىدا پىشۇرمىسا ئوخشىماسمىش. لېكىن مەن ئادەتتىكى دوخۇپكىدا قىلىپ يەۋېرىمەن، ئۆزەمگە بەك تېتىيدۇ.
--ئاپا، دورا-دەرمەكلىرىڭىز نەدە؟ ۋۇججۇۇۇۇۇۇۇ، بۇ ئۆيدىن بىر نېمە تاپماق بەك تەسكەن،--دەپ قاقشاپ قويدۇم. مەن كەتكەننىڭياقى ئاپام-داداملار ئۆي كۆچۈپتۇ.
--مانا،--دەپ دورا-دەرمەك قاچىسىنى ئېلىپ بەردى بىر ئىشكاپتىن.--نېمە دورا-دەرمەكلەر كېتىدۇ بۇ تاماققا؟ مەنمۇ ئۆگىنىۋالاي.
--ياق ياق، مەخپىي،--دەپ توسۇۋالدىم. ئاپام كۈلگىنىچە چىقىپ كەتتى. بەرىبىر ئاپام يەپ باقمىغان، ئوخشىسا ئوخشىمىسا لاخماجۇن دېگەن مۇشۇ شۇ، دەپ قويىمەن. بەك بولمىسا «بۇ تۈركلەرنىڭ تامىقى ئادەمنىڭ ئاغزىغا تېتىمايدىكەن» دەپ قويىدۇ، تامام.
تېشىدىكى ئۆيدە ئاپام-دادام، ھەدەم، ھەدەمنىڭ يولدىشى، مېنىڭ ئېرىم پاراڭلاشقاچ قىزىمنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرىدۇ. «ئۇھ، ئەجەب سېغىنغانتىم مۇشۇ كۈنلەرنى» دېگەچ تامىقىمنى ئېتىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە لاخماجۇن بۈگۈنكى ئاساسلىق تاماق ئەمەس. بۈگۈن يېڭى سويغان قوينىڭ گۆشىدە بىر قوللۇق پىتىر مانتا قىلغاچ، قىيمىسىنى جىقراق قىلىپ لاخماجۇن قىلىۋاتىمەن. پىتىر مانتا قىلغاچ ئاپامغا تېخى پىتىر مانتىنى قانداق قىلسا ئوخشايدىغانلىق ھەققىدە دەرسمۇ ئۆتىۋەتتىم. «گۆش بىلەن پىيازنى ئايرىم قاچىدا قويۇپ، دورا-دەرمەكلەرنى پىيازغا سالىدىكەنمىز، بولمىسا گۆشكە چاپلىشىۋېلىپ ياخشى ئارىلاشمايدىكەن....» ئاپام ماڭا مەسلىكى كەلگىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇردى. جاھاندا ئانىنىڭ قوينىدىنمۇ ئىللىق يەر بارمىدۇ ھە....
  مېھمانخانا ئۆيدە قىزىم ئۆزىنىڭ تىلىدا توختىماي سۆزلەۋاتىدۇ. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ گەپلىرىگە كۈلۈۋاتىدۇ. قىزىق ئىش، قىزىم ئاپامنى توختىماي ھەدە دەۋېلىپ ئۆيدىكىلەرنى كۈلدۈرىدۇ. بىلمەيمەن نېمىشقا ئۇنداق دەيدىكىن، ئاپام بىلەن كامېرادا پاراڭلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدىلا ئاپامنى ھەدە دەۋېلىپ يۈرگەن. مېھمانخانا ئۆي تەرەپكە بويۇنچىلاپ قارىسام، قىزىم بىر ئىككى-قەدەم مېڭىپ، يەنە ئولتۇرۇپ، يەنە تۇرۇپ مېڭىپ ئويناۋېتىپتۇ.
--ۋاي ماۋۇ بالىغا قاراڭ!--دېدىم يولدىشىمغا،--يىقىلىپ كەتمىسۇن.
--يىقىلىپ باقسۇنا بىرەر قېتىم،--دېدى ئۇ كۈلۈپ،--كىچىككىنە تۇرۇپ قاقباشلىقى.
دېمىسىمۇ قىزىم مېڭىپ يىقىلىپ كەتمەيدۇ، داۋاملىق شۇنداق ئاۋايلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. ئۆزىنى تاشلاپلا ئولتۇرمايدۇ ھەرگىز.
تاماقلىرىممۇ پىشتى، ئاشخانىنىڭ تالاغا قارايدىغان دەرىزىسىدىن تالادا ئۇششاق بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان جىيەن قىزىمنى چاقىردىم.
--كىچىك ئاپا، مەن سۈبھىنۇر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم، كۆردىڭىزمۇ؟--دەپلا كىردى تالادىن. بۇ قىز شۇنداق رەتلىك، ئايىقىنى سېلىپ ئاياق جاھازىسىغا رەتلىككىنە تىزىپ قويىدۇ. چاپانلىرىنى سېلىپ قاتلاپ قويىدۇ. مەن ماڭغاندا ئەمدى تېخى بىر ياشتىن ئاشقانتى. ھازىر ئۈچ يېرىم ياشقا كىرەي دەپتۇ. چىرايى بەك چىرايلىق. گەپ دېگەننى ئاپتوماتتەك قىلىۋېتىدۇ. بەزى گەپلىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ بۇ قىزنىڭ ئەمدىلا ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. زېرىكمەي، تېرىكمەي مېنى كىچىك ئاپا دەپ چاقىرىدۇ، يېڭى تىلى چىققاندىن باشلاپلا. كىم ئۆگىتىپتىكىن تاڭ.
--ياق، كۆرمىدىمغۇ. نېمىشقا ئۇرۇشتىڭىز قىزىم؟
--مېنىڭ ئۆيۈمنى بۇزۇۋەتكەنتى، بۇزما دېسەم مېنى تىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بېرىپ گېلىدىن سىقىپ ئاپىرىپ تامغا ئىككىنى ئۈستۈرگەنتىم، بېشى يېرىلىپ قاناپ كەتتى.
مۇشۇنداق پو سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ھا ھا، تېلىفوندا جىق ئاڭلىغاچقا بۇنداق گەپلەرنى، مەنمۇ چاندۇرماي، چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ دېدىم:
--مۇشۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ قىزىم؟ ئاداشلىرىڭىزنى مۇشۇنداق بوزەك قىلامسىز؟ مېڭىڭە ئىككىمىز كىرىپ سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسىدىن كەچۈرۈپ سوراپ چىقىلى.
--ياق بولدى، مەن كەچۈرۈپ سوراپ بولدۇم.
--مېڭىڭ, كىرىپ ئاپىسىدىن كەچۈرۈم سورايمىز. بېشىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تاڭدۇرسا تېخى پۇل تۆلەپ بېرىپ چىقمىساق بولمايدۇ.  
--كىچىك ئاپا، ئەسلى شۇنداق ئۇراي دېگەنتىم، لېكىن يىغلاپ كەتمىسۇن دەپ ئۇرمىدىم.
ئۆيدىكىلەر ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. مېنىڭ قىزىممۇ بىزنىڭ كۈلگىنىمىزگە قاراپ چاۋاك چېلىپ كۈلۈشكە باشلىدى. جىيەن قىزىمنىڭ بىللە ئوينايدىغانلىرى ھەممىسى 7-8 ياشلىق مەكتەپ بالىلىرى. شۇلار تېخى ئۆيگە كىرىپ «ئامىنە بارمۇ؟» دەپ جىيەن قىزىمنى چاقىرىپ ئەچىقىپ كېتىپ ئوينايدۇ.
(داۋامى بار)

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:27:16

چۈشتىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر نەچچە دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانتىم. قىزىمنى ئۆيدىكىلەر ئېلىپ قالدى. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە توي قىلىدىغانلار توي قىلىپ، بالىلىق بولىدىغانلار بالىلىق بولۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ. بىز ھەممىمىز ئالتە يىللىق ساۋاقداش، شۇڭلاشقىمىكىن بىر-بىرىمىزگە مېھرىمىزمۇ چوڭقۇر. ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندىن كېيىنمۇ ھەر تەتىللەردە ئىزدىشىپ تۇردۇق. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىممۇ ھەر ھەپتىسى دېگۈدەك كۆرۈشۈپ ئۆتۈپتۇ.
دوستلىرىم ئارىسىدا بىرىلا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمىز بىلەن توي قىلدى، ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چاغدا مۇھەببەتلەشكىنىچە تېخى يېقىندىلا توي قىپت
دوستلىرىم بىلەن ئۇزۇن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. فورمىلالىشىپ كەتكەن تەكەللۇپتىن خالىي، ھېچنېمە دېيىشمەي چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ تۇرغان ۋاقتىمدا كۆزۈمگە غىللىدە ياش كەلدى.
--ئاداش، قىزىڭنى نېمىشقا ئەكەلمىدىڭ؟ رەسىمىنى كۆرۈپ بەك ئىچىمىز كۆيگەنتى، ئەكەلگەن بولساڭ كۆرۈۋالمامتۇق ئوماقنى،--دېدى دوستۇم گۈلگىنە.
--ئاداش، كۈندىلا بالا بېقىپ ھېرىپ كەتتىم، سىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە بولسىمۇ بالىنى ئالماي كېلەي دېدىم. بالىلىق بولۇپلا يا خالىغانچە دۇكان ئارىلىيالمايدىكەنسەن، يا بىر مۇنداق ئېرىڭ بىلەن بېرىپ بىر كىنو كۆرۈپ كېلەي دەپ بارالمايدىكەنسەن. بىرەر ۋاق تامىقىڭنى ئۆزەڭ خاتىرجەم يېيەلمەيدىكەنسەن. بۈگۈن ئاپام بالىغا مەن قاراپ تۇراي دەپتى، باشقىچىلا يىنىك بولۇپ قالدىم. بەك ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ تۇيغۇنى ھېس قىلمىغىلى. بالىدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقىغۇ بىر كۆزۈم كەينىمدە. --ئۇنداق دېمىگىنە ئاداش، بالىسى بولسا بەك ياخشى بولىدىكەن،--دېدى ئۇ. بالىسى تۇغۇلغاندىن تارتىپ بەك خوشال. ئېرى دادامنىڭ ئاغىنىسىنىڭ بالىسى، پاراللېل ئوقۇيتتۇق. ئالىي مەكتەپتە بۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇدى، شۇ جەرياندا ياخشى بولۇشۇپ قاپتىكەن. تويىغا ئاپام بېرىپ مەن ئۈچۈن تەبرىكلەپ قويۇپ كەلگەنتى.
گۈلزات دېگەن دوستۇم بەك جېنى بار قىز، توغرا-خاتا، ھەق-ناھەققە ئېنىق مەيدانى بار. مەن كۆپ چاغلاردا كۆزۈمگە سىغمىغان ئىشلارغىمۇ خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. لېكىن ئۇ دېيەلەيدۇ، دوستلىرىمنىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باسقان قىزلاردەك چاكىنىلىشىپ كەتمىگەنلىكىدە مۇشۇ دوستۇمنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار، دېسەم ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمەن. شۇڭلاشقىمۇ، گەرچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمىزگە 10 يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، بىر يەرگە كەلسەك خۇددى شۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك شۇنچىلىك تەبىئىي پاراڭلىشىپ كېتىمىز. گەرچە ئۇلار گېپىنى قىلىشىۋاتقان بەزى ئادەملەرنى مەن تونۇمىساممۇ ئۇلارنىڭ ھەممىلا گېپى قۇلىقىمغا ياقىدۇ.
بولمىسا بىر-بىرىدىن مودا قىزلار، نادىرەنىڭ بىر داڭلىق سۆزى بار: «ئاددىيلىقنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ياسىمىغان ئايال ئەڭ يارىماس ئايال»، بۇنى كيۇ كيۇ، ئېم ئېس ئېن دېگەندەك ئالاقىلىشىش قوراللىرىغىمۇ ئىمزا قىلىپ يېزىۋالغان، ئۆزىمۇ ياسىنىشقا دەھشەت ئامراق.
دوستلىرىم بىلەن يىراقتا ئامېرىكا بىلەن ئوبامادىن يېقىندا ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسىغىچە بىردەم چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەھلىل قىلىشىپ چىقتۇق. (ھى ھى، ئاساسەن مەن سۆزلىدىم، ئۇلار ئاڭلىدى)، ئاندىن بىردەم بالا تەربىيىلەش توغرىسىدىمۇ پاراڭلىشىپ باقتۇق. تاماقتىن كېيىن كىتابخانىغا بېرىپ بىللە كىتاب ئالماقچى بولدۇق.
--ئاداش، بالاڭنى قويۇپ كېتەمسەن ياكى ئەكىتەمسەن؟--دەپ سوراشتى.
--ئارىلىق يا يېقىن ئەمەسكەن. سېغىنغاندا كېلىپلا كۆرۈپ كېتەي دېسە. بالىغا چىدىغىلى بولماسمىكىن ئاداش. بايامنىڭياقىمۇ ئۆزەم بۇ يەردە بولغان بىلەن ئەس-يادىم قىزىمدا. ئەكەتمىسەم چاتاق چىقىدىغان چىراي.
--راست دەيسەن، ئەكەتكىن ئاداش. بالىغا ئانا ھەممىدىن مۇھىمكەن، ئانىسىدىن باشقا قانچىلىك ئادەم ۋاي-ۋايلىسىمۇ بىر ئانىسىنىڭ مۇنداقلا قاراپ قويۇشىغىمۇ تەڭ قىلمايدىكەن. ئۆزەڭ باققىن. بالاڭ مېھرىڭگە قېنىپ چوڭ بولسۇن.
ئۇلار شۇنداق گەپلەرنى دېيىشكەچ ماڭا تەييارلىغان سوۋغاتلارنى بېرىشتى. مەنمۇ ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن يۈزماي، ئەتىر دېگەندەك سوۋغاتلارنى بەردىم. قىزىمغا كىيىم-كېچەك، ئۆيۈمگە داستىخان، كىرلىك، ماڭا كىيىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاپتىكەن. بەك خوشال بولدۇم. ئۇلارمۇ سوۋغاتلىرىمدىن رازى بولۇشتى
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئەسلىشىپ بىردەم قاقاھلاپ كۈلۈشسەك، بىر دەم كۆزىمىزگە ياش ئېلىشتۇق. كىملەرنىڭ تويىدا بولغان قىزىقارلىق ئىشلار، تېخى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى دېگەندەك مەن خەۋەرسىز ئىشلارنى سۆزلەپ خەۋەردار قىلدى. ھەرقېتىم مېنىڭ گېپىمنى قىلىشىپ تۇرىدىكەن. بىر قانچە قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ دادام-ئاپاملارنى يوقلاپتۇ.
--بالىلارغا دەمدۇق ئاداش؟ يىغىلايلى. يەنە قاچان كېلىسەن، خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ.
--ياق، خوتەنگە بارمىساق بولمايدۇ ئاداش. ئاۋۋال بىر بېرىپ كېلەي، قالغان گەپلەرنى شۇ چاغدا دېيىشەيلى.
--خوپ بولدى، بىزنىڭ شەھەردىن يىگىت چىقمىغاندەك شۇنچە يىراق يەرگە توي قىلغاندىكىن. ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىدىمۇ تۈزۈك تۇرمايلا ماڭامسەن ئەمدى؟  
--قانداق قىلىمىز ئاداش، قېيىن ئانام بالىسىنى شۇنداق ئېسىل تۇغۇپ قويۇپتىكەن. كۆيۈكنىڭ دارىسى نىكاھ دەپتىكەن، تېگىپ قاپتۇق ئەمدى
--توۋا، قاراڭلار ماۋۇ ئادەم كۆرمىگەننىڭ ئېرىنى ماختاپ كەتكىنىنى،--ھەممىمىز قاقاھلىشىپ كۈلۈشتۇق.

قىزلار بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە بىللە پىيادە مېڭىشتۇق. بىز تاماق يېگەن ئاشخانا مەكتىپىمىزنىڭ يېنىدىلا ئىدى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىمۇ كۈندە مەكتەپتىن قايتىپ بىللە مۇشۇنداق يانمۇ-يان ماڭاتتۇق. بەزىدە شەھەر مەركىزىدىكى يېمەكلىك كوچىسىغىچە بىللە بېرىپ ئاچچىقلاردىن يېيىشكەچ چاقچاقلىشاتتۇق. بۈگۈن بەشىمىزنىڭ يانمۇيان قولتۇقلىشىپ ماڭغىنىمىزغا قاراپ شۇ ۋاقىتلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئادەتتە نەچچە ئادەمنىڭ يانمۇ-يان مېڭىپ پىيادىلەر يولىنى توسۇۋېلىشىنى ياقتۇرمايتتىم. لېكىن بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ قارغىشىغا كەتسەممۇ بۇ كەيپىياتنى بۇزغۇم كەلمىدى.....

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:43:38

مەستۇرە، سىز ياخشى ئايالكەنــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــسىز؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:53:12

مال ستىۋېلىش توغرىسىدىكى تىمىڭىزنىڭ ئايىغىچۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 18:00:03

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 17:53 static/image/common/back.gif
مال ستىۋېلىش توغرىسىدىكى تىمىڭىزنىڭ ئايىغىچۇ؟

ھەممىنى يېزىپ بولۇپ بىراقلا يوللاي دەپ يېزىپ بولالمايۋاتىمەن.

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:11:13

چۈشتىكىدەك گۈزەل ئەسلىمىلەركەندە بۇ.

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:32:33

تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  سوراپ باقاي :  يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان كومپۇيوتىرىمدا تاۋباۋ تورنى ئاچالمىدىم ، لىكىن باشقا جىڭدوڭ  پەي پەي  ئالىبابا قاتارلىق  چوڭ توربەتلەر  نۇرمال ئېچىلدۇ .  بىلدىغانلار بولسا  يول كۆرسەتكەن بولساڭلا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 21:17:29

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 20:32 static/image/common/back.gif
تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  سوراپ باقاي :  يېقىنقى ...

ئازراق ئىزدىنىپ بېقىڭ، جىڭدوڭ پەيپەي تاۋباۋلار بىلەن  ئېيتىشقۇدەك ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش بۇ

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 02:17:21

مەستۇرە،«ھەمشىرلەر»دىن كېيىن سىزگە دىققەت قىلىپ كېلۋاتىمەن. سىزنى ،سىزنىڭ تۇرمۇشىڭزنى ئۆزەمچە  قىياس قىلىپ ، ھەۋەس قىلىپ قلىپمۇ قالىمەن.
تېمىللىرڭىز ئۈزۇلمىسۇن.

koxtag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 04:15:08

ھە بەك ياخشى تىمېكەن ئاخىرسنى يوللىۋەتسىڭېز.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:35:00

مەستۈرە شېئىرنىمۇ گۈزەل يازىدۇ ئەمما ھە

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:56:44

ئۇخلىماي چۇش كورگەنلىك دىگەن خام خىيال دىگەن گەپمۇ ؟

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:27:20

«ھەمشىرىلەر »نى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ،تورنى ئىزدەپ تاپالمىدىم،داڭقىنى كۆپ ئاڭلىدىم لېكىن ئوقۇش نىسىپ بولمايۋاتىدۇ.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:35:28

ھەمشىرىلەرنى ئوقۇغانتىم, بەك تەسىر قىلغانتى ماڭا. ئەسلى ئاپتورى مۇشۇ مەستۇرە ئاچامكەندە ئەسلى...ئائىلىڭىزگە بەختىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن!!!

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 08:37:19

nurqiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 15:27 static/image/common/back.gif
«ھەمشىرىلەر »نى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ،تورنى ئىزدەپ تاپ ...

« ھەمشىرىلەر » نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ماۋۇ ئادرىستا باركەن ، ھەم نورمال چۈشىدىكەن .  
http://www.yupurmak.com/muzic/awaz_play.php?id=386

تېكست نۇسخىسىنى تاپقىلى بولمىدى ، بەلكىم مەستۇرەدە بولىشى مومكىن ،

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:36:52

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 21:17 static/image/common/back.gif
ئازراق ئىزدىنىپ بېقىڭ، جىڭدوڭ پەيپەي تاۋباۋلار بىلەن ...

تور كۆرگۈچنى يۇيۋىتىپ قايتا قاچلاش  دىگەنلەرنى قىپ باقتىم ، يەنلا ئوخشاش ، سېستىمىنى ئالماشتۇرۇس قارارىغا كېلۋاتمەن

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:41:59

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 20:36 static/image/common/back.gif
تور كۆرگۈچنى يۇيۋىتىپ قايتا قاچلاش  دىگەنلەرنى قىپ با ...

1 360نىڭ 断网急救箱 نى ئېچى تازىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ چوقۇم hosts تىن چاتاق چىققان بولىشى مۇمكىن ، تازىلاپ بولۇپ ئۆچۈرۋەتمەي 强力修复 نى يەنە بىر ماڭدۇرۋېتىڭ ئاندىن قايتا قوزغۇتۇپ كۆرۈپ بېقىڭ . يەنە بولمىسا
روتېر، مودېمنى توكتىن ئۈزىۋېتىپ قايتا چېتىڭ يەنە بولمىسا سىستىما قاچىلاپ بېقىڭ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:15:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 19:54  

بۇ نەرسىنى يازغان ۋاقتىمدا قىزىم ئەمدى يېشىغا توشقان ۋاقىتتى، ھازىر بەش ياشقا كىردى.
دوستلىرىم بىلەن داۋاملىق تېلىفوندا مەن قايتقاندا نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە پىلانلارنى تۈزۈشەتتۇق. كوت كوت توپىدا مۇڭدىشاتتۇق. توي قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز قولۇم بىلەن ئاتا-ئانامغا بىر قاچا تاماق ئېتىپ بېرىپ باقمىغان ئىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن ھەر تاماقنى ئەتكۈچە مۇشۇ تاماقنى ئاتا-ئانامغا ئېتىپ بەرگەن بولسام، دەپ خىيال سۈرەتتىم. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، مېنىڭ ئەتكەن تامىقىمنى تېتىسا دەپ ئۈمىد قىلاتتىم.
بۇ يازمىدا يازغانلىرىم مەن شۇ ۋاقىتلاردا داۋاملىق تەسەۋۋۇر قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئىدى.
ئاتا-ئانام تامىقىمنىمۇ تېتىدى، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرى تولۇق جەم بولۇش نېسىپ بولمىدى. دوستلىرىم بىلەن مەن ئارزۇ قىلغاندەك يىغىلىشمۇ ھەم مۇمكىن بولمىدى.
قارىغاندا بۇ چۈشلىرىم چۈش پېتى قالىدىغان ئوخشايدۇ....

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:25:59

      رەخمەت مۇھسىن قېرىندىشىم،تۇنۇگۇن سىز ئەۋەتكەن ئادرىسىتىن «ھەمشىرىلەر»قايتا-قايتا ئاڭلىدىم،ئاللاھ ھەر ئىشنى ھىكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر،ئىنشائاللاھ ھەمشىرىلەرگە ياخشى ئاقىۋەت نىسىپ بولسۇن!
     مەستۇرەنى ھەمشىرىلەردىكى مىھراينىڭ سىڭلىسى ئايبۇلاققا ئوخشاتتىم،نىمە دىگەن ئىسىل قىز ئۇ!
    ئاللاھتىن تاتلىق خىياللىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ  بىرىشنى تىلىدىم مەستۇرە،راستىنى دىسەم سىزگە بەك ھەۋەس قىلىمەن،بەختىڭىز ئاخىرغىچە بولسۇن!

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 21:03:05

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 12:15 static/image/common/back.gif
بۇ نەرسىنى يازغان ۋاقتىمدا قىزىم ئەمدى يېشىغا توشقان ۋ ...

ئاللاھ رازى بولسۇن.
تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلاردا بەك ئاڭلايتۇق «ھەمشىرىلەر» نى، گەرچە ئوغۇل بالا بولساممۇ.:lol  ھازىرمۇ ئېلكىتابى ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى ساقلاقلىق.
بەت: [1] 2
: ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرۈش