jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 01:34:18

ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ھەمشىرىلەرنى ۋە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئاچىمىزنىڭ بىر ئاۋازلىق ئەسىرىنى  تۇنجى ئاڭلاپ دىن توغرىسىدا ئىزدەندىم ،بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ياردىمىدە ياخشى يوللارغا تۇنجى قەدەمنى باستىم ،ئاللاھنىڭ ئاسانلاشتۇرىشى ھىدايەت قىلىشى ئارقىسىدا شەيتان يۇلىنى تاشلاپ ھەق يولغا كىرىۋالدىم ..............
ياشلىرىمىزنى ياخشى يوللارغا باشلىغان ھەمشىرىلەنىڭ ئاپتۇرى مەستۇرەنى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئاچىمىزنى ئاللاھ ئككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 07:17:50

ئۇخلىماي چۈش كۆرسە ناھايتى ياخشى چۈش كۆرەلەيدۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 12:11:52

«ھەمشىرىلەر» نى ھېلىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوشال بولدۇم. شۇنى يېزىشنى ئىلھام قىلغان زاتقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

namil يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 13:12:24

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 12:11 static/image/common/back.gif
«ھەمشىرىلەر» نى ھېلىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇي ...

«ھەمشىرىلەر»مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى.
سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەر يازغان ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن، ۋە سىزگە شۇنداق ئىسىل ئەسەرنى يېزىشقا نىسىپ قىلغان رەببىمىزگە كۆپلەپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
بىر ئىشنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى. «ھەمشىرىلەر»دە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەر ۋە پىرسۇناژلار راستمۇ ياكى ئويدىرمىمۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 13:27:40

پېرسوناژلار ئەلۋەتتە راست. ۋەقەلىكلەرنى 100% راست دېسەم يالغان سۆزلىگەن بولۇپ قالىمەن. مەن بىرەر ۋەقەلىكنى توقۇپ چىقارمىدىم. لېكىن بەزى ۋەقەلىكلەرنى سىز بىر نۇقتىدىن كۆرىدىكەنسىز، باشقىلار باشقا نۇقتىدىن كۆرىدىكەن. يازغانلىرىم ئۆزەم كۆرگەن، كۆرۈشنى خالىغان نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يوق يەردىن توقۇپ چىقىرىلغان ئەمەس.
بەت: 1 [2]
: ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرۈش