kangasman يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 00:09:25

(ياردەم) ئېنگىلىس تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگۇنۇش

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ، مەن ئىنگىلىس تىلىنى نولدىن باشلاپ ئۆگۇنەي دېگەن ، ماڭا ، ئۆزلىكىدىن قانداق ئۆگۇنۇش توغۇرلۇق تەلىم بەرسەڭلار ، رەھمەت .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:37:35

ئېنگىلىز تىلى كىرىشىش ئاسان، ئاياققا ئاچىقىش تەسراق تىللارنىڭ بىرى.
دەسلەپكى ئاساسنى تىكلەشتە ھىچ بولمىغاندا بىرەر ئاي مەلۇم تىل تەربىيلەش كۇرىسىغا قاتنىشىش سەل ئاقىلانە تاللاش بولسا كېرەك. بولمىسا بەزى تاۋۇشلارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىپ ئۆگىنىۋېلىپ، بۇ كېيىنكى تەلەپپۇز يېتىشتۈرۈشكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇئەييەن ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن، خالىغان بىر يۈرۈش ماتېرىيالنى تاللاپ توختىماي ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئىزچىللىق. نىشانغا يەتمىگىچە توختىماي تىرىشماي توختىتىپ قويغاندا چېكىنىش بەك تېز بولىدۇ.
دەسلەپكى ئاساس سېلىشقا يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى مۇۋاپىق. شۇ كىتابتىن ھىچ بولمىغاندا بىرىنچى قىسىمىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىۋالغاندىن كېيىن، ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىكەن دەپ قارىغان كىتابتىن بىرنى تۇتۇپ ئاخىرىغىچە ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
ھەر بىر يۈرۈش ماتېرىيال بىر قانچە كىتابتىن تۈزۈلگەن، شۇ كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى، سىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز، يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزغا قاراپ بىر كىتابنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ما كىتاب نوچى ماۋۇ بوممايدۇ دېگىلى بوممايدۇ، سىزگە بىر نەرسە ئۆگىتەلىگەن كىتاب نوچى.

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:54:11

مەن ئازراق يول كۆرستەي -----------
دىسنى سىھىرلىك ئىنگىلىزتىلى 27 دەرس . باللىرىم غەلۋە قىلسا مۇششۇ كارتۇننى قۇيۇپ بىرۋاتىمەن .

1-دەرىس ھەرىپ تۇنۇش
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjg2MTc4OTY=/v.swf

2-دەرىس سالام قىلش
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjg3OTgwOTY=/v.swf

3-دەرس ئائىلە
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjg5MzY2NTI=/v.swf

قالغانلىرى ماۋۇ ئادرىستا بار
http://www.youku.com/playlist_show/id_19348511.html#fr.yk.folder.7

abusalahidin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:27:12

ھەقىقەتەن ياخشى ئۈگىنىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەپسىز رەھمەت سىزگە. بىراق ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتىكى دەرسلەر ئېچىلماي قالدى...........

secret يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:53:00

دىسنى سىھىرلىك ئىنگىلىزتىلى


بۇنى قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولا؟،،،  بالىلىرىمغا سوۋغا قىلاي دىگەن.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:12:47

مەنچە ئاۋال چۇقۇم بىر نەچچە ئاي مۇنتىزىم تەربىيەلىنىپ ئاساس سېلىش كىرەك،ئالدىرماي ئاساس پۇختا بولسا كىيىنكى ئۆگۈنۈشكىمۇ قولاي

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:30:33

دىسنى سىھىرلىك ئىنگىلىزتىلى 26 قىسمنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://xidong.net/File001/File_71559.html
ھەممىنى تاللاپ،复制选中的连接 نى چەكسىڭىز، شۈنلىي迅雷 دەك چۈشۈرۈش دىتالى بولسىلا چۈشۈرگىلى بۇلىدۇ.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:07:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   calisiyorum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 16:09  

يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئاۋال بىر ئايچە ياخشى كۇرستىن بىرنى تىپىپ ئوقۇڭ. ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ 48فونىمىنى 100% تولۇق تەلەپپۇز قىلالىغىدەك ئۈگۈنۈڭ.بۇ بەك مۇھىم.ئاندىن يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنى كۆرۈڭ.بۇ كىتاپ بەكلا ئۆلۈك ماتىرىيال.لىكىن مەن كۆرگەن نۇرغۇن ماتىرىياللار ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىل يىگانىسى.تەخمىنەن يىرىمنى كۆرۈپ تۈگەتكەندىن كىيىن 英汉对照 تۈرىدىكى كىتاپلارنى توردىن تاپالايسىز.ئەڭ ياخشىسى mp3پىلاستىنكىس بىلەن بىر يۈرۈش بولسۇن.بەزىلىرىنىڭ سىن دىسكىلىرىمۇ بار.ئاندىن ئۆلەر تىرىلىشىڭىزگە قارىماي يادىلاڭ يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنى ماس قەدەمدە ئىزچىل داملاشتۇرۇڭ.ئەڭ بولمىغاندا ئىككى قىسىم تۈگىگىچە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىڭ.  بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆلۈك ھالدا ئەستە ساقلاشقا قارىغاندا ئۈگەنگەنلىرىڭىزنى جانلىق ئىشلىتىش بىلەن ئەستە ساقلاشنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئۈگەنگەن سۆزلۈكلىرىڭىزمۇ يەككە سۆزلۈك بولماستىن سۆز بىرىكمىسى بولىدۇ. ئاندىن تىل ئۈگۈنۈپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە سۆزلۈك توختاپ قىلىش باسقۇچىدىن قىينالماي ئۆتۈپ كىتەلەيسىز. مىنىڭ تىل ئۈگۈنۈشتە خۇلاسىلىگەن يەكۈنۈم شۇ بولدىكى 80% توغرا بولغان ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى 19% ئىزچىللىق 1% تىرىشچانلىق.

gulhancn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:39:54

ئالدى بىلەن تىل ئۆگنىشتىكى مەقستىڭىزنى ئېنىق قىلىڭ. ئەگەر نىشانىڭىز ئېنىق بولسا ئۆگنىش ماتىرياللىرى توردا كۆپ
...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:43:04

بىر چاغلاردا مەنمۇ تولا ئىزدىنىپ كېتەتتىم، قانداق قىلسا ئىنگلىزتىلىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدىغاندۇ دەپ.
ھازىر قانداق قىلسا ئىنگلىزتىلىنى ئۆگەنمىگىلى بولىدىغاندۇ، دەپ تولا خىيال سۈرۈپ.....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 17:54:36

多邻国 دەپ  بىر ئەپ بار  ، دەسلەپكى ئاساس تىكىلىيەلەيسىز

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:11:01

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 16:43 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا مەنمۇ تولا ئىزدىنىپ كېتەتتىم، قانداق قىل ...

ئۇنداقتا سىز ئېنگىلىس تىلنى ئۈگۈپ بولالماپسىزدە،،

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:14:08

بىر چاغلاردا مەنمۇ تولا ئىزدىنىپ كېتەتتىم، قانداق قىلسا ئىنگلىزتىلىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدىغاندۇ دەپ.
قىممەتلىك تەجىربىلىرىڭىزدىن ئاز تۆلا بايان قىلىپ بەرمەمسىز

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:18:51

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-03-03 16:43:04 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا مەنمۇ تولا ئىزدىنىپ كېتەتتىم، قانداق قىل
ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ…:shutup:

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:21:23

خەنزۇ تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشتە قانداق ياخشى ماتىرىياللار، ئۇسۇللار بار؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:25:50

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 16:43 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا مەنمۇ تولا ئىزدىنىپ كېتەتتىم، قانداق قىل ...

:lol

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:33:21

سەللا دىققەت قىلمىسام بالىلىرىم ئىنگلىزچە سۆزلىۋالىدۇ، شۇنىڭغا قارىتا دېگەن گەپتى.
مېنىڭ تەجرىبەممۇ يۇقاردىكى دوستلارغا ئوخشاش، تەلەپپۇزى ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ھېچبولمىغاندا بىر-ئىككى ئاي ئوقۇپ ئاندىن ئۆزى ئۆگىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن، نۆلدىن باشلىغان ئادەم.

hakan515 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:44:46

ئەڭ ئاۋۋال ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش مەقسىتىڭىز ئېنىق بولسۇن،بولمىسا ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ(لېكىن بىكار ئۇخلاپ ياتقاندىن ياخشى)،ئەگەر ئۆگەنگەن ئېنگلىز تىلىڭىزنى كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمىسىڭىز ماڭا ئوخشاش پۇشايمان دارىسى ئالىدىغان قاچا تاپالمايسىز

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:49:33

مەن ھازىر ئاتلاندا خەنزۇتىلى ئۆگۈنىۋاتىمەن،ياتاقداشلىرىمنىڭ بىر نەچچىسى ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنىۋاتىدۇ،..

ئۈرۈمچىدە تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرى ئىچىدە ئاتلان ئەڭ نوچىسى،لىكىن ئوقۇش ھەققىمۇ باشقا مەكتەپلەرنىڭكىدىن سەل قىممەتراق،،،چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ۋىتامىن ئىنگىلىز تىلى بويىچە تەربىيلىنىمەن دېسىڭىز،ئايلىقى 300سوم،كۈندە 8سائەت دەرىس ئۆتىدۇ،..ئىزچىل تىرىشسىڭىز 6ئاي ئەتراپىدا،ئادەتتىكى تۇرمۇش پاراڭلىرىدا ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك بولىسىز...

بالىلار ئىنگىلىز تىلى كۈندە 2سائەت ئۆتىدۇ،ئايلىقى 400كوي.ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەرخىل.ئىشقىلىپ ئاۋۋال مەكتەپكە كىرىپ ئازراق ئاساس تىكلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ،شىنجاڭدا ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىش مۇھىتى يوق دىيەرلىك بولغاچقا نۆل سەۋىيەدە تۇرۇپ ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىش مۇمكىنچىلىكتىن يىراق ئىش..مەن تۇنۇيدىغان بەزى باللار،چەتئەلگە چىقىپ بىر نەچچە يىل تۇرۇپ كىرىۋىدى،ئىنگلىسچە يېزىق تۇنمىسىمۇ،خېلى راۋان سۆزلەيدىغان بوپ كىرىپتۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-4 19:37):
ئەسلى 3000سوم دىمەكچىدىم،ئەپۇ قىلغايسىلەر

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:52:07

  مەن بىر باشلىۋالسام بولىتى :lol
بەت: [1] 2
: (ياردەم) ئېنگىلىس تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگۇنۇش