mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 19:01:40

ئىنگلىزتىلى توغرىلىق سوئاللارغا @aypalta جاۋاب بەرسە بەك مۇۋاپىق بولاتتى. ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتە مەن قايىل بولىدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ بىرى.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 19:14:39

گېپىمگە قۇلاڭ سېلىڭ: ئاتلاندىكى توختىھاجى مۇئەللىمنى ئىزدەڭ ۋە سىزنىڭ بېيجىڭدىكى بىرىنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىڭىز ۋە ساۋاقدېشىڭىز سىزگە تەۋسىيە قىلدى ماڭا يول كۆرسىتىڭ دەڭ ۋە ئۇ سىزگە side by side بولامدۇ ياكى يېڭى باشقا ياخشى كىتاپلار چىققان بولسا شۇنى بولامدۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ گەپلەرنى دەڭ

Mexmutjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 19:23:15

نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ بىر خەنزۇچە مەخسۇس ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىدىغانكىتابى با ، بەك ياخشى،شۇنى ئىلىپ كۆرۈپكۆرۈپ بىقىڭ ،چوقۇم رازىى بولىسىز

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:01:23

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 19:01 static/image/common/back.gif
ئىنگلىزتىلى توغرىلىق سوئاللارغا @aypalta جاۋاب بەرسە بەك...

رەھمەت مەستۇرە. مەلۇم بىر تىلنى ئۆگىنىشتىكى مەقسىدى ئېنىق بولغانلار ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئاسانلا تېپىۋالالايدىكەن. لېكىن بىر تىلنى پەقەت شۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ئۆگەنگەندە، جەريان بەك ئۇزىراپ كېتىدىكەن.

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:25:44

aypalta يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 20:01 static/image/common/back.gif
رەھمەت مەستۇرە. مەلۇم بىر تىلنى ئۆگىنىشتىكى مەقسىدى ئ ...

بولۇپمۇ شۇنچە جاپالىق ئۆگىنىپ، ئاخىردا ئىشلىتەلمەي شۇنچە تېز يەپ كېتىش ئادەمگە سەل ئېغىر كېلىدىكەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:27:39

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2015-03-03 18:49:33 static/image/common/back.gif
مەن ھازىر ئاتلاندا خەنزۇتىلى ئۆگۈنىۋاتىمەن،ياتاقداشل
ئاخىرى كىرىپسىزدە كۇرسقا… قانداق ماتىرىياللارنى ئۆتىۋاتىدۇ؟ ئېغىز تىلىنى قانداق چىقىرىۋاتىسلەر؟ مەخسۇس تىل دېتاللىرىمۇ بارمىكەن؟ بولسا كۇرس جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىڭىزنى تەپسىيلىرەك قالدۇرۇپ قويۇڭ، تېما تولۇق بولۇپ كەتسۇن دەيمەندە :handshake:)

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:30:56

Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 20:25 static/image/common/back.gif
بولۇپمۇ شۇنچە جاپالىق ئۆگىنىپ، ئاخىردا ئىشلىتەلمەي ش ...

مەن بۇ خىل تۇيغۇنى بەك ئوبدان چۈشىنىمەن. ئىنگلىز تىلىنى مەن بەش يىل تاشلىۋەتكەن. تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان. ئۇنتۇپ كەتكەنلىرىمگە ئۆكۈنگەن بولساممۇ، لېكىن ئېسىمدا قالغانلىرى مېنى ئۈمىدلەندۈرگەچكە يەنە باشتىن باشلاپ كەتتىم...

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 23:04:28

قىممەتراق،،،چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ۋىتامىن ئىنگىلىز تىلى بويىچە تەربىيلىنىمەن دېسىڭىز،ئايلىقى 300سوم،كۈندە 8سائەت دەرىس ئۆتىدۇ،

   300 سومتوغرىمۇ ؟ مەن ئىنتىلنىڭ خوتەن تارمىقى كەچلىك خەنزۇ تىلى ئوتتۇرا سەۋىيە سىنىپىغا بارسام ھەركۈنى ئىككى سائەت دەرس 600 دىگەن ؟ پەرق يۇقىرىمۇ قانداق ؟

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 08:50:00

ئېنگلىزتىلى دەسلىۋىدە مۇئەللىم بولمىسا بولمايدۇ، دەسلەپكى ئاساسنى تىكلىۋالغاندىن كىيىن ماتىرىياللار ساماندەك.

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:10:10

تۇرپاندا نىمىشقا شۆبە مەكتەپ قۇرمايدىغاندۇ ئ‍اتلان ھەم ئ‍ىنتىلدىكىلەر ؟ بۇ يەردە تۇزۇكرەك بىرەر تەربىيلەش سىنىپى يوق،،،، بىلىدىغانلار بولسابىرتەۋىسيە قىلىڭلارچۇ ئ‍وقۇش پۇلى قىممەترەك بولسىمۇ مەيلى ،قىزىمغا تۇزۇكرەك بىرەر كۆرۇدس تاپالماي بەك تىت تىت بۇلۇپ كەتتىم.

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:17:59

تەكلىۋىمنى مۇمكىن بولسا ئ‍ۇلارغا يەتكۇزۇپ قويالايدىغانلار بولسا يەتكۇزۇپ قويغان بولساڭلار،، رەخمەت.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:34:14

aypalta يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 20:30 static/image/common/back.gif
مەن بۇ خىل تۇيغۇنى بەك ئوبدان چۈشىنىمەن. ئىنگلىز تىلى ...

سىزنىڭ ئىنگلىزتىلىنى بەش يىل تاشلىۋەتكىنىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. مەن ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىنى ئۆگىنەي شۇنچە تىرىشىپمۇ قەتئىي ئۆگىنەلمەي، سىزگە قايىللىقىمنى باسالماي قالغانتىم. مېنىڭ بىر دوستۇم ئىنگلىزتىلى ئۆگەنگەندە ئامېرىكا تەلەپپۇزى بىلەن ئۆگىنىپ، كېيىن ئەنگىلىيەدە 3 يىل ياشاپمۇ قەتئىي ئۆزگەرتەلمەپتىكەن تەلەپپۇزىنى. سىز بىر تالانت ئىگىسى، ئىنگلىزتىلىنى تاشلىۋەتسىڭىز بەك ئېچىنىشلىق بولمامدۇ؟

uyghuryar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:26:40

تەپەككۈر قىلىش ئەڭ مۇھىم دەپ قاراايمەن....

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:22:26

تىل ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى مۇھىت. ئەتراپىڭىزدا مەسلەنخەنزۇچە سۆزلىشىدىغانلا كۆپ بولسا قۇلاق تولا ئاڭلاپ تەبىئى تىلى چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنگىلىسچە بىلىدىغانلار بىلەن كۆپرەك ئارلىشىڭ. ئاندىن داۋاملىق يادلاڭ.ھەممە نەرسىلەرنى شۇ تىل بىلەن ئاتاڭ. سەل قىلىن بولۇڭ. مىنى نىمە دەۋاتىدىغاندۇ دەپ نازۇكلۇق قىلماڭ. ھەر قانداق چەت ئەلنىڭ تىلنى ئانا تىلىغا پىششىق ،يۈزى قىلىنراق ،تارتىنمايدىغان ئادەم تىز ئۈگىنىۋالىدۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:33:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-4 19:36

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 20:27 static/image/common/back.gif
ئاخىرى كىرىپسىزدە كۇرسقا… قانداق ماتىرىياللارنى ئۆتى ...

ئاتلانغا بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كىرگەنتىم،شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە تىما يوللاپ تورداشلاردىن ياردەم سورىغان.

مەكتەپكە كىرىپ ھىس قىلغىنىم،..ياتىقىمىز شىنجاڭ ئىلىم پەن ئۇچۇر ئىنىستىتوتى مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىدا،ياتاقنىڭ ئايلىق ھەققى 230كوي،ئوقۇش ھەققى (كۈندە ئىككى سائەت)480كوي ،قىيىنچىلىقى بارلارغا ھەم 3ئايدىن يۇقۇرى تىزىملاتقانلارغا ئايلىقىنى 400كويدىن قىلىپ ئېچىپ بىرىلىدۇ..

ئوقۇش ھەققى باشقا مەكتەپلەرگە قارىغاندا خېلى يۇقۇرى(مەسلەن ئىنتىل،ئورخون،سابا،تەۋپىق قاتارلىقلار)..لىكىن ئاتلاننىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەرقانداق مەكتەپنىڭكىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەپ ئويلايمەن،چۈنكى مەن كۆپ مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرىس ئاڭلاپ باققان،،،،ئاتلاندا سىنىپنىڭ خۇشاللىق كەيپىياتى يۇقۇرى،ئاتلانغا ئوقۇتقۇچى بوپ كىرمەكچى بولغانلار چۇقۇم يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلەيدۇ،شۇڭلاشقا يۇقۇرى ساپالىق،بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ئاتلاندا دەيمىز.

يەنە دىيىشكە تىگىشلىك گەپ.ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈش سىز قىياس قىلغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بەلنى چىڭ باغلاپ قەتئىي تىرىشىپ ئۆگۈنۈش نىيىتىڭىز بىلەن كىرىشىڭىز كېرەك.ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشتىمۇ نىشان بۇلۇش بەك مۇھىم،سىزگە يەنە بىر پايدىلىق شارائىت ئاتلاندا ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنىۋاتقانلار كۆپ،ياتاقتىكى باللارنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى ئىنگىلىزچىدە كەشتە ياتاققا قايتىپ باللاردىن بىلمىگەننى سوراپ،ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ ئۆگۈنۈش پۇرسىتى بار..

تەكلىپ -پۇل تۈلىگەندە ناھايتى ئەتراپلىق ئويلاپ قارار چىقىرىپ پۇل تۆلەڭ،ئوقۇش ھەققىنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ،مەيلى سىز بىر يىللىق تۆلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر....لىكىن باشقا باللارغا ئەسلى باھاسىدىكىدىن سەل ئەرزانراق ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئىمكانىيىتى بار.

مىنىڭچە سىز ئىككىلەنمەي ئاتلانغا كىلىڭ...قىسقا ئۇچۇرۇمغا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيىڭە..

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:42:57

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 20:27 static/image/common/back.gif
ئاخىرى كىرىپسىزدە كۇرسقا… قانداق ماتىرىياللارنى ئۆتى ...

ھە راس سوئالىڭلارغا بايا جاۋاپ بەرمەي قاپتىمەن...مەن يېزىش،سۆزلەش،ئوقۇش،ئاڭلاپ چۈشۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنۋىرسال ئۆگۈنىۋاتىمەن،ئاساسلىق چىڭ تۇتقىنىم ئېغىز تىلى....ئەڭ ئەسقاتىدىغىنىمۇ شۇ ئەمەسمۇ..

پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىن بىلكان لوغىتى بار،ناھايتى قولايلىق،تىلفۇنىڭلارغا چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.شىندانىڭ ئالدىدىكى تىلفۇن پۇل قاچىلاش ئورنىدا ئۇ لوغەتنى قاچىلايدۇ..ئۇنىڭدىن باشقا ئاتلاندا مەخسۇس خەنزۇتىلى ئۆگۈنىۋاتقانلار ئۈچۈن،مەخسۇس چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قوللىنىپ ياخشى ئۈنۈم كۆرسەتكەن خەنزۇتىلى تور دەرىسى بار بۇ ھەقسىز.ئۆتكەن كىتاپمۇ ئاساسەن بېيجىڭدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزگەن،ھەم بىزلەرگىمۇ ماس كىلىدىغان يىڭىدىن تۈزۈلگە كىتاپلارنى ئۆتىۋاتىدۇ...
مەن ئاتلانغا كىرىپ ئاتلاننى خاتا تاللىمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:59:09

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2015-03-04 19:42:57 static/image/common/back.gif


ھە راس سوئالىڭلارغا بايا جاۋاپ بەرمەي قاپتىمەن...مەن ي
قايسى نەشىرىياتنىڭ قايسى كىتابلىرىنى ئىشلەتتىڭلار؟ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز…

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 20:41:13

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 19:59 static/image/common/back.gif
قايسى نەشىرىياتنىڭ قايسى كىتابلىرىنى ئىشلەتتىڭلار؟ ئ ...

ۋاي نىمە دەيدىغانسىلەر،،،ئاتلاندا نەشىر قىلىنىدۇ ئۇ كىتاپ.باش تۈزگۈچىسى بېيجىڭدا.ئاتلاندىكى بىر نەچچە خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى شۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ ئاتلاندا قوللىنىلۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى...كىتاپنىڭ ئىسمى ئاساسلىقى خەنزۇتىلى ئېغىز كۈچەيتىش،يەنە بىرسى يېزىق كۈچەيتىش.

قالغىنىنى ئاتلانغا تىلفۇن قىلىپ سوراپ باقساڭلار بولىدۇ.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:11:38

qassap يوللىغان ۋاقتى2015-3-3 18:52 static/image/common/back.gif
مەن بىر باشلىۋالسام بولىتى

چەتئەلگە چىقىپ قاسساپلىق قىلاي دىگەنما ؟:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:39:02

ياخشى بىر ئۇستاز تىپىڭ .
بەت: 1 [2] 3
: (ياردەم) ئېنگىلىس تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگۇنۇش