تاشپولات: بۇ رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 14:21تۈنۈگۈن دەرس دەم ئارىلىقىدا بىر ئوقۇغۇچىم تۆۋەندىكى كۆڭلەك رەسىمنى كۆرسىتىپ مۇئەللىم بۇ كۆڭلەكتىكى رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى دەپ سورىدى. مەن ئۇنۇڭغا ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ كۆرۈندى دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ئوقۇغۇچىم بۇ رەسىمدىكى رەڭ ماڭا كۆك ۋە قارا كۆرۈنۈۋاتىدۇ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە ھازىر مۇشۇ رەسىمدىكى رەڭ توغرىلىق ھەرقايسى تاراتقۇلاردا مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بۇ رەسىمدىكى رەڭنىڭ ئۇلارغا قانداق كۆرۈلگەنلىكىنى سوراپ باقتىم. سىنىپىمدا 30 دىن كوپ ئوقۇغۇچى بار ئىدى، بۇلارنىڭ يېرىمى بۇ رەسىمدىكى رەڭ “ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ”، يەنە يېرىمى “كۆك ۋە قارا رەڭ” دەپ جاۋاب بەردى. ئۆيگە قايتقاندا ئوغلۇمغا بۇ رەڭنى كۆرسەتسەم، ئۇ بۇ رەڭ “كۆك ۋە قارا” دەيدۇ. بۇ جاۋاپلارغا قاراپ رەڭنىڭ كاللىدا ياسىلىپ چىقىلىشى ئادەملەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۈگۈن تاراتقۇلارغا قارىسام بۇ كۆڭلەك رېڭى توغرىلىق دۇنيا بويىچە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. دۇنياغا داڭلىق بايقاش ژۇرنىلىمۇ بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، راي سىناپ بېقىپتىكەن 75% ئادەم بۇ كۆڭلەك رېڭىنى “ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ”، 25% ئادەم بۇ رەڭنى “ كۆك ۋە قارا رەڭ” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەمدىكى گەپ بۇ كۆڭلەك رەڭگى سىزگە قانداق رەڭدە كۆرۈنىدىكەن؟
بايقاش ژۇرنالدىكى ئۇلىنىش:
http://blogs.discovermagazine.com/d-brief/2015/02/27/what-color-is-the-dress/#.VPEhrPnF-Sp
بۇ رەسىمنىمۇ قوشۇپ قوياي.
قانچىىنچى قۇر قانچىنچىسى دىگەننىمۇ دەپ بېرىڭلارچۇ.
ئاق قارا دىسە ھېچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
زىيالىيدىن كۆك ۋە قارا كۆرۈندى كۆك ۋە قارا كۆك ۋە قارا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 09:31
كۆك ۋە قارامتۇل سېرىق
Photoshop تېپىپ چىققان ئىككى رەڭ،ئاق سېرىق دىگەنلەر ماۋۇ ئىككى رەڭگە قاراپ بېقىڭلار !كۈزىڭلەرگە يەنە ئاق -سېرىق كۆرىنىۋاتامدۇ؟
ئاق ۋە سېرىق بەك سۇس كۆك ۋە سېرىق كۆرىندى. قاراڭغۇ ئۆيدىكى ئاق رەڭ ۋە ئالتۇن سېرىق ئاق بىلەن ئالتۇنرەڭ كۆرۈندى، قايتا قايتا قارىساممۇ ئوخشاش:dizzy: تاشپولاتكام قالدۇرغان ئادرىستا بىرسى، ناۋادا كۆك ۋە قارا رەڭ كۆرۈنمىسە، ئىكراننى ئايلاندۇرۇپ كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىپتىكەن، قانداقلا ئايلاندۇرۇپ قارىسام قارا رەڭنى پەقەتلا كۆرەلمىدىم.:lol
قارىغاندا بۇمۇ ئوڭ مېڭە ياكى سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ.
ناۋادا كۆينەكنىڭ پۈتۈن رەسىمىنى بەرمەي، مەلۇم قىسىمىنىڭ كەسمە سۈرىتىنى بەرگەن بولسا، رەڭ قارىغۇسى بولمىسىلا ھەممە ئادەمگە ئوخشاش كۆرۈنگەن بولاتتى. بۇ رەسىمدىكىدەك ھالەتتە، مېنىڭ كۆرگىنىممۇ ئاق رەڭلىك ۋە تۇتۇق سېرىق رەڭ(ئالتۇن رەڭگى)، كۆينەكنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئايرىم قارىسام كۆرۈنگىنى ئاچ كۆك ۋە قارامتۇل سېرىق رەڭ.
تۇرمۇش تەجىربىسىدىن قارىغان بۇ كۆينەكنىڭ ئاق ۋە سېرىق رەڭدە ئىكەنلىكى ئىنىق:lol ئاپامغا كۆرسەتسەم كۆكۈچ رەڭ بىلەن قارا رەڭ دەيدۇ. ئاق رەڭ بىلەن سېرىق تۇرمامدۇ دېسەم. رەڭ تونۇمايدىكەنسەن دەپ ئەيىپلەپ كەتتى. ھاھاھا
مېنىڭ ھېس قىلغىنىم: ئوخشىمىغان ئىككى خىل پىكىرنىڭ چىقىشىدا قانداقتۇر ئوخشىمىغان ئادەمگە ئوخشىمىغان ھالەتتە كۆرۈنۈش مەسلىسى ئەمەس. بۇ يەردە بىر چىگرا مەسلىسى بار. يەنى كىشلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كۆرۈۋاتقان رەڭ قايسى رەڭگە مايىل دەپ قارىسا، شۇنىڭغا تەۋە قىلىش مەسلىسى بار. ئەمىلىيەتتە مەن دەۋاتقان ئاق رەڭ ھەم ئاق رەڭگە ھەم كۆك رەڭگە مايىل. مەن ئۇ رەڭنى ئاق رەڭگە يېقىن دەپ ئويلىغىنىم ئۈچۈن ئاق رەڭ دېدىم ئاپام كۆككە يېقىن دەپ ئويلىغىنى ئۈچۈن كۆك دېدى. دېمەك بۇ يەردە ھالقىلىق رول ئويناۋاتقىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسا بەلگىلەپ قويغان دائىرىسى. بۇ دائىرە ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشىمايدۇ. مەنمۇ ئاق سىرىق كۆرگەنتىم. لىكىن قانداقسىگە قارا كۆك رەڭلىگىنى بىلمىدىم.:( ماڭا كۆك ۋە قارا كۆرۈندى، بىزلەرنىڭ كىيىۋاتقان كىيىمىمىزنىڭ رەڭگى باشقىلارغا قانداق كۆرۈنىدىغاندۇ ئەمدى.:lol كۆك ۋە قارامتۇل سېرىق كۆرۈندى. ماۋۇ ئىككى رەڭ شۇ رەسىمدىن Photoshop تېپىپ چىققان ئىككى رەڭ ،
توۋا،،،مۇشۇمۇ كۆزىڭلارغا ئاق-سېرىق كۆرىنىۋاتامدا؟{:107:}
بۇ سۈرەتنى تارتقان خېنىمنىڭ بايانى: بۇ كۆينەكنىڭ رەڭگى قارا كۆك.
ئاخشام بىر يەردە كۆرگەنتىم. سۈرەتنى تارتقان خېنىم ھاممىسىنىڭ بىر تويدا كىيگەن كۆينىكىنى مۇنداقلا سۈرەتكە تارتىپ فەيسبوكقا چىقىرىپ قويۇشىغىلا، ئابونتلار تالاش- تارتىشقا چۈشۈپ كەتكەنمىش.... ماڭا يۇقاردىكى رەسىممۇ كۆك قارا، كۆينەكمۇ كۆك قارار كۆرۈندى كۆك بىلەن ماشىرەڭ . بۇ رەسمنى ھەر بىر قېتىم كۆرسەم بىر قېتم ئۆزگىردۇ:funk: talmas1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 09:58 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئىككى رەڭ شۇ رەسىمدىن Photoshop تېپىپ چىققان ئىككى رە ...
دەل شۇ رەڭ شۇنداق كۆرۈنىۋاتىدۇ.