Ibrahimovich يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:57:05

ھەممىڭلار رەڭ قارىغۇسىكەنسىلەر . شۇ كۆزۈڭلار بىلەن قانداقمۇ دوكتۇر پرافىسور، ئ‍ىنژىنىر، تەتقىقاتچى ئ‍الىم بوغانسىلەر دەيمەندە !
پەمىدۇردەك قىزىل ۋە كاۋا چىچىكىدەك سىرىق تۇرمامدۇ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:50:03

ئاق ۋە ئالتۇنرەڭ

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:52:19

كۆك بىلەن سېرىق.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:02:42

كۆڭلەكنىڭ ئەسلى رەڭگى ئاق ۋە توپا رەڭلىك سېرىق ئىكەن.
رەسىم تارتىلغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە تارتقان كامېرانىڭ سەۋەبى بىلەن كۆك رەڭ قوشۇلۇپ قاپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:26:28

تۆنۈگۈ قارىسام ئاق سېرىق تۇراتتى بۈگۈن قارىسام كۆك قارا تۇرىدا…

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:38:05

بۇ كۆڭلەكنىڭ رەڭگى راستىنلا ئۆزگىرەپ تۇرىۋاتىدۇ .
مەن مۇنداق گۇمان قىلدىم ، ئەتتىگەن ئىشخانىغا كىرىپلا قارىسام ، ئاق رەڭگە مايل ھەمدە ئالتۇنرەڭ كۆرۈنگەن ، بىرە سائەت كومپىيوتېردا ئۇنى بۇنى قىلىپ قايتاا قارىسامراسلا قارامتۇل كۆك رەڭ ھەم قارا رەڭدە كۆرۈندى . چۈشلۈك دەم ئېلىشتا سىرتلارغا چىقىپ قايتىپ كىرىپ قارىسام يەنە ئاققا مايىل ئالتۇنرەڭگە ئۆزگىرەپ قالدى ، يەنە قايسىڭلار ماڭا ئوخشاش بولدۇڭلا ؟ :lol

00000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:45:44

كەيپىياتمۇ تەسىر قىلدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ...
ئەتتىگەن سىنىپتا بىر ساۋاقدىشىم كۆرسەتكەندە كۆك ۋە قارا كۆرۈنگەن، بەزىلە ئالتۇن رەڭ دىسە چاقچاق قىلۋاتامدىكى دەپتىمەن...
چۈشلۈك دەم ئىلىشتا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ماۋۇ تىمىغا قارىسام سۇس كۆك بىلەن قوڭۇرغا مايىل سىرىق كۆرۈندى...ئووو ما ئىشنى..دەپلا قالغان...:lol
ئەمدى ماۋۇ ماۋۇ چۈشتىن كىيىن قارىسام، قىنىق كۆك بىلەن قارىدىن پەرقى يوق سىرىقسىمان بىر رەڭ كۆرنۈۋاتىدۇ...:funk:

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:58:52

تۆۋە :lol

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 17:08:40

توۋا ماۋۇ ئىشنى !نەچچە سائەتنى ئالدىدا ئاغىنەم كۆرسەتكىنىدە قارا ھەم كۆك كۆرۈنگەن، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق كۆرۈنۈپتىكەن. ئەمدى ماڭا ئاق ۋە ئالتۇنرەڭ كۆرۈندى، ئۇنىڭغا يەنىلا قارا ھەم كۆك كۆرۈنۈپتۇ.
بۇ زادى قانداق گەپ بوپ كەتتى ؟؟

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 17:26:29

ماڭا قىپقىزىل كۆرۈنىۋاتىدىغۇ .:P

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:32:48

ziyali يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 14:18 static/image/common/back.gif
قانچىنچى قۇر ئوڭ ياكى سولدىن قانچىنچىسى؟
شۇنىمۇ دەپ بې ...

ماڭا ئاق ۋە سېرىق كۆرۈندى
يەنى ئۈستىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى قەۋەت ئوڭدىن سولغا تۆتىنچىسى ۋە يەتتىنچىسى
ئاق بىلەن تۇتۇق سېرىق،شۇنچە قارىساممۇ قارىمۇ يوق،كۆكمۇ يوق

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:41:54

ئاق يولى بار ئالتۇن رەڭ كۆينەك :lol:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:53:18

ھازىر ئايالىمغا پەقەت رەسىمنىڭ ئۆزىنىلا كۆرسەتكەن ئىدىم، قاپقارا يوللۇق كۆك كۆينەك ئىكەن دەيدۇ. مەن ئاق سېرىق رەڭدە كۆردۈم دىسەم، كۆزەڭدىن كېتىپسەن، كومپىيوتىرغا ئاز قارا دىسەم ئۇنىمايسەن دەپ قاقشاپ كەتتى.:'(

تېمىنى تولۇق كۆرسىتىپ، قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىر ھازا چۈشەندۈردۈم. بالاممۇ ماڭا ئوخشاش كۆرۈپتۇ، ئاق ۋە سېرىق رەڭلىك دەيدۇ.:lol

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:54:26

pervaz يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 19:41 static/image/common/back.gif
ئاق يولى بار ئالتۇن رەڭ كۆينەك

سېرىق يولى بار ئاق كۆڭلەك

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:00:47

قانداق بوپ كەتكىنى بۇ ، سېرىق رەڭنى قاراپ تۇرۇپ قارا دەيدىغۇ ماخەق :lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:10:06

ھازىرغىچە ئاق -سېرىق دىگۈچىلەردىن پەقەت ئانارلا رەڭ كارتىسىدىن ئاق رەڭنى كۆرسىتىپ بەردى.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:15:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 20:22

ئوتتۇردىكىسى ئەسلى رەسىمدىن كىسىپ ئېلىنغان كىيىمنىڭكۆك يېرى بىلەن سېرىق يېرى ،ئوڭ تەرەپ ئاناركۆرسەتكەن رەڭلەر ،باشقا ئاق -سېرىق دىگۈچىلەر ئاق سېرىق دىگەن رەڭنى كۆرسىتىپ بىرەلمىگەچكە ئانارنىڭ كۆرسەتكىىنى ئۆلچەم قىلدىم، سول تەرپ كۆك -قارامتۇل سېرىق دىگۈچىلەر كۆرسەتكەن رەڭ.ئەمدى قاراپ بېقىڭلار ،قايسىغا بەكرەك يېقىنكىن؟
سېرىق رەڭدە بەك چوڭ چاتاق يوق . قانداقلا بولسا بىرسى سەل يورۇق سېرىق بىرسى تۇتۇق سېرىق. ئەممائەسلى تازا زەن سېلىپ قارىسا كۆككە مايىلراق كۈلرەڭنىڭ ،قانداق قىلىپ ئاق كۆرىنىپ قالغانلىقىغا ھەيران قالدىم.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:22:11

كىرئالغۇدا كۆك رەڭ سۇس ئىچىپ قالغاندەك ئاق رەڭ بىلەن ئالتۇن رەڭ كۆرۈندى كومپۇتىر ئىكرانىنى نورمال تۇتسام، كومپىيۇتىر ئىكرانىنى 140 گىرادۇس ئەتراپىدا قىلىپ كۆرسەم كۆك رەڭ بىلەن قار كۆرۈندى.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:38:48

ھازىر قارىسام كۆك رەڭلىك كۆينەككەن ، قارا يولى بار!!لېكىن كۆك رېڭى بەك كۆپكۆك ئەمەس ،سەل سۇسراق ..

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:44:59

ماڭا كۆك رەڭ بىلەن ئالتۇن رەڭ كۆرۈنىۋاتىدۇ.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7
: تاشپولات: بۇ رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى؟