aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 00:22:55

ئورخان پامۇك: رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھامىت

   رومانلار ئىككىنچى ھاياتلاردۇر. فرانسۇز شائىر گېراد دې نېرۋالنىڭ چۈشلىرىگە ئوخشاش، رومانلارمۇ ھاياتىمىزنىڭ رەڭلىرىنى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بىزگە تونۇش بولغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندا بولغانغا ئوخشاش، بىزگە يولۇققان نەرسىلەرنىڭ ئاجايىپلىقى بەزىدە بىزگە شۇنداق تەسىر قىلىدۇكى، نەدە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزنى بىز شاھىد بولۇۋاتقان خىيالىي ۋەقەلەرنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. مۇشۇنداق چاغلاردا، بىز روماندا ئۇچراتقان ۋە پەيزىنى سۈرگەن خىيالىي دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك رېئال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئىككىنچى ھاياتلارنىڭ بىزگە رېئاللىقتىنمۇ بەكرەك رېئال تۇيۇلىشى، بىزنىڭ ھەمىشە رومانلارنى رېئاللىقنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشىمىزغا، ھېچبولمىغاندىمۇ رېئاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىشىمىزگە سەۋەب بولىدۇ. لېكىن بۇ يېڭىلىشىش، بۇ ساددىلىقتىن ھېچقاچان نارازى بولمايمىز. دەل ئەكسىچە، خۇددى بەزى چۈشلەردە بولغىنىدەك، ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ داۋام قىلىشىنى ۋە بۇ ئىككىنچى ھاياتنىڭ بىزدە مۇۋاپىق بىر شەكىلدە رېئاللىق ۋە ھەقىقىيلىق تۇيغۇسى ئويغاتقاچ داۋام قىلىپ كېتىشىنى ئىستەيمىز. خىيالىي ھېكايىلەر ۋە توقۇلما ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزگە قارىماي، بىر رومان بىزگە ھەقىقىي ھاياتتەك تۇيۇلمىسا، بىزنى داۋاملىق يېڭىلىشتۇرمىسا كەيپىمىز ئۇچۇپ، ھۇزۇرىمىز بۇزۇلىدۇ.
   چۈشلەرنى رېئاللىق دەپ قاراپ كۆرىمىز، چۈنكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىدە بار. رومانلارنىمۇ رېئاللىق دەپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز، لېكىن ئەقلىمىزنىڭ باشقا بىر تەرىپى بىلەن بۇنداق ئەمەسلىكىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىپ تۇرىمىز. بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋال رومانلارنىڭ تەبىئىيىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالدى بىلەن، رومان سەنئىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىشىدىغان شەيئىلەرگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا  ئىشىنىدىغان ئىقتىدارىمىزغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ گېپىمىزنى داۋام قىلايلى.
   قىرىق يىلدىن بېرى رومان ئوقۇۋاتىمەن. خۇددى رومانغا مۇئامىلە قىلىشىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا روھىمىزنى، ئەقلىمىزنى بېرىشىمىزنىڭ، پەرۋاسىز ياكى ئەستايىدىل بولۇشىمىزنىڭ بەك كۆپ تۈرى بولغىنىنى بىلگىنىمگە ئوخشاش، رومان ئوقۇشنىڭمۇ بەك كۆپ شەكلى بولىدىغانلىقىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ بىلىپ يەتتىم. بەزىدە مەنتىقىمىز بىلەن، بەزىدە كۆزلىرىمىز بىلەن، بەزىدە تەسەۋۋۇر كۈچىمىز بىلەن، بەزىدە ئەقلىمىزنىڭ كىچىك بىر قىسمى بىلەن، بەزىدە ئۆز ئىستىكىمىزگە كۆرە، بەزىدە كىتابنىڭ ئىستىكىگە كۆرە، يەنە بەزىدە بولسا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوقۇيمىز. ياشلىقىمدا بىر مەزگىل ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي رومانلارغا بېغىشلاپ، ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا بېسىپ ئوقۇدۇم. ئۇ يىللاردا(1970 بىلەن 1982 ئارىسىدا)، يەنى 18 دىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كاللامدا، روھىمدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى خۇددى بىر رەسسامنىڭ تاغلار، ئويمانلىقلار، ئورمانلار، دەريالار ۋە قىيالىقلار بىلەن قاپلانغان رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ ۋە ھەرىكەتچان بىر مەنزىرىنى ئېنىق قىلىپ سىزغىنىغا ئوخشاش ئاڭلىتالىسامكەن، دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.
   رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ ئىچىدە، روھىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟ يۈز بەرگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر فىلىمنى كۆرۈۋاتقاندا، بىر رەسىمگە قاراۋاتقاندا ياكى بىر شېئىرنى (ھەتتا بىر ئېپىك شېئىرنى، بىر داستاننى) ئاڭلاۋاتقاندا ھېس قىلىدىغانلىرىمىزدىن پەرقى نېمە؟...  بىيوگىرافىيە، كىنو، شېئىر، رەسىم ياكى چۆچەكلەر بېرىدىغان ھۇزۇرنى رومانمۇ بەزىدە بېرەلەيدۇ. لېكىن بۇ سەنئەتنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئەسلى ئۆزىگە خاس تەسىرىنى كۆرسىتىش، روماننىڭ باشقا ئەدەبىي شەكىللەردىن، فىلىملەردىن ۋە رەسىملەردىن تېخىمۇ بەك پەرقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەش ئۈچۈن، ئىشنى ياشلىقىمدا چۆكۈپ رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا قىلغان ئىشلارنى، ئىچىمدە ئويغانغان مۇرەككەپ رەسىم-كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ بەرگەچ باشلىشىم كېرەك.
   خۇددى ئۆزى كۆرۈۋاتقان رەسىمنىڭ ئاۋۋال كۆزلىرىنى بىردەم ھايال قىلىشىنى ئىستىگەن مۇزېيى زىيارەتچىسىگە ئوخشاش، ياشلىقىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەرىكەتلەردىن، توقۇنۇشلاردىن، مەنزىرىلەرنىڭ موللىقىدىن ھۇزۇرلىناتتىم. ھەم باشقىلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى خۇپىيانە تاماشا قىلغانلىق تۇيغۇسى، ھەمدە كەڭ مەنزىرىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ماڭا يېقىپ كېتەتتى. ئىچىمدىكى رەسىم-كۆرۈنۈشلەر ھەر زامان بوران-چاپقۇنلۇق دەپ قېلىنمىسۇن. ياشلىقىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىچىمدە  بەزىدە كەڭرى، تېرەن، ھۇزۇرلۇق بىر مەنزىرە جانلىناتتى. بەزىدە بولسا چىراقلار ئۆچۈپ، ئاق بىلەن قارا تېرەنلىشىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، كۆلەڭگىلەر قىمىرلايتتى. بەزىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھاڭ-تاڭ قالاتتىم. بەزىدە بولسا سۈبھى ۋە گۇگۇم قاراڭغۇلىقى ھەممە نەرسىگە سىڭىپ، ھەممە يەرنى قاپلاپ، پۈتۈن ئالەم بىرلا تۇيغۇغا، بىرلا ئۇسلۇپقا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنىڭ ئۆزۈمگە ياققانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، كىتابنى مۇشۇ ئاتموسفېرا(كەيپىيات) ئۈچۈن ئوقۇغانلىقىمنى سېزەتتىم. روماننىڭ ئىچىدىكى دۇنياغا ئاستا-ئاستا چۆكۈۋېتىپ، ئىستانبۇلدا بەشىكتاشتىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ روماننىڭ بەتلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن قىلغان ئىشلارنىڭ، ئىچكەن بىر ئىستاكان سۇنىڭ، ئانام بىلەن سېلىشقان پاراڭلىرىمنىڭ، كاللامدىن كەچكەن خىيال، پىكىرلەرنىڭ، كىچىك قورساق كۆپۈكلىرىمنىڭ كۆلەڭگىلىرىنىڭ كاللامدىن ئاستا ئۆچۈرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقايتتىم.
   مەن ئۈستىدە ئولتۇرىۋاتقان كاۋا چېچىكى رەڭگىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنىڭ، يان تەرىپىمدە تۇرغان سېسىق پۇراقلىق كۈلداننىڭ، گېلەم سېلىنغان ئۆينىڭ، كوچىدا قىيا-چىيا كۆتۈرىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ، يىراقلاردىن ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان كېمە گۈدۈكلىرىنىڭ خىيالىمدىن ئۇزاقلاشقانلىقىنى ۋە كۆز ئالدىمدا يېڭى بىر دۇنيانىڭ سۆزمۇ-سۆز، جۈملىمۇ-جۈملە پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بىر بەت، بىر بەتتىن ئوقۇغانچە، بۇ يېڭى دۇنيا، خۇددى ئۈستىگە دورا تۆكۈلگەنسېرى ئاستا-ئاستا كۆرۈنۈشكە باشلايدىغان مەخپىي بىر رەسىمدەك گەۋدىلىنەتتى، سۈزۈلەتتى؛ سىزىقلار، كۆلەڭگىلەر، ۋەقەلەر، قەھرىمانلار روشەنلىشەتتى. بۇ باشلانغۇچ پەيتلەردە روماندىكى دۇنياغا كىرىشىمنى كېچىكتۈرىدىغان ۋە كىشىلەرنى، ۋەقەلەرنى، شەيئىلەرنى ئېسىمگە ئېلىپ كاللامنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە جانلاندۇرۇشىمنى تەسلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق نەرسە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ نېرۋامنى قوداڭشىتاتتى. مەسىلەن، ئاساسلىق قەھرىمان بىلەن يېقىنلىق دەرىجىسىنى ئېسىمگە ئالالمىغان يىراق بىر تۇغقان، بىر قورال تۇرغان تارتمىنىڭ ئورنى ياكى قوش مەنىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئىككىنچى مەنىسىنى تېپىپ چىقالمىغان بىر پاراڭ مېنى ھەددىدىن زىيادە پاراكەندە قىلاتتى؛ كۆزلىرىم سۆزلەرنىڭ ئۈستىدە تىنىمسىز، ھەم جىددىيچىلىك ھەمدە ھۇزۇر ئىچىدە دېگۈدەك كېزىۋاتقاندا، ھەممە نەرسىنىڭ ئامال بار چاپسانراق جاي-جايىنى تېپىشىنى سەبىرسىزلىك بىلەن ئارزۇ قىلىپ كېتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا، خۇددى پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر مۇھىتقا تاشلاپ قويۇلغان ئۈركىگەك جانىۋارغا ئوخشاش، بارلىق تۇيغۇ ئىشىكلىرىم داغدام ئېچىلىپ كېتىپ، كاللام تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە، جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىشلەپ كېتىشكە باشلايتتى. مەن ئۆزۈم ئىچىگە كىرىۋاتقان دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن قولۇمدىكى روماننىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دىققەت قىلغاچ، سۆزلەرنى تەسەۋۇرۇمدا رەسىمگە ئايلاندۇرۇش، ھەممە نەرسىنى كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىپىرلاپ كېتەتتىم..
   بىر ئازدىن كېيىن جاپالىق ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىق نەتىجە بېرىپ، مەن كۆرۈشنى ئىستىگەن چوڭ مەنزىرە تۇماندىن كېيىن بارلىق رەڭگارەڭلىكلىرى بىلەن نامايەن بولىدىغان چوپچوڭ بىر قىتئەگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى. بۇ چاغدا روماندا ئاڭلىتىلغان شەيئىلەرنى ئانچە بەك كۈچىمەيلا، دەرىزىدىن سىرتنى تاماشا قىلىۋاتقان بىرسىگە ئوخشاش بەھۇزۇر تاماشا قىلاتتىم. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» دا بورودىنو ئۇرۇشىنى پىئېررېنىڭ بىر دۆڭدە تۇرۇپ كۆرگەنلىكىنى ئوقۇش، مەن ئۈچۈن رومان ئوقۇشنىڭ بىر خىل شەكلى ئىدى. روماندا ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىزنى تەييارلاندۇرغان ۋە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىز دائىم ئەقلىمىزدە تۇتۇۋېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغان نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلار، گويا بۇ سەھنىدە بىرلا ۋاقىتتا، بىر رەسىمدە بولغىنىغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان بولاتتى. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى بىر روماندىكى سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك ئويلاپ قالاتتى. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يازغۇچىنىڭ كۆرۈنۈشلەرنى ۋاستە قىلغان تەپسىلاتلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە دىققىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆزلەرنى رەسىم-كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرالىشىدۇر. چوڭ بىر مەنزىرەدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ياكى تەبىئەتتە ئەمەس، ھەتتا ھوجرىلاردا، ئۆي ئىچىنىڭ يېپىق ۋە بوغقۇچى مۇھىتىدا راۋاجلاندۇرۇلغان بىر روماننىمۇ، مەسىلەن كافكانىڭ «ئۆزگۈرۈش» رومانىنىمۇ خۇددى بىر مەنزىرەگە قارىغاندەك، كاللىمىزدا رەسىم-كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرغاچ، بۇ ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ ئاتموسفېراسىغا كۆنگەچ، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچ ۋە ھەمىشە ئۇنى ئىزدىگەچ ئوقۇيمىز.
   بىر دەرىزىدىن مەنزىرىگە قاراش ۋە رومان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىسالدىن بىرنى يەنە تولىستويدىن ئالاي، يەنى، مۇشۇ كۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان «ئاننا كارېنىنا» دىن:
   ئاننا موسكوۋادا ۋرونسكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. كېچىدە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە، سانت پېتېرسبۇرگقا قايتاشىدا، ئەتىسى ئەتىگەندە بالىسىنى، ئېرىنى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى. ئەرگىن ئالتاينىڭ تەرجىمىسىدىن ئوقۇيلى:
   «[ئاننا]... سومكىسىدىن كىتاب ئاچقۇچ بىلەن ئىنگلىزچە بىر روماننى ئالدى. دەسلىۋىدە ئوقۇيالمىدى. كېلىپ كېتىۋاتقانلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلىۋاتاتتى. پويىز قوزغالغاندىن كېيىن بولسا ئىختىيارسىز ھالدا چىقىۋاتقان ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. سەل كېيىنرەك، سول تەرەپتىكى دەرىزىنىڭ ئەينىكىگە كېلىپ تېگىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى كىتاب ئوقۇتقىلى قويمىدى. يېنىدىن ئۆتكەن، بىر تەرىپىنى بېشىدىن ئايىغىغىچە ئاپئاق قار بېسىپ كەتكەن، تازا قېلىن كىيىنىۋالغان بىلەت تەكشۈرگۈچىنىڭ سىياقى؛ سىرتتا دەھشەتلىك بىر جۇدۇن-چاپقۇن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار دىققىتىنى يىغىشىغا دەخلى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئىشلار يەنە تەكرارلىنىشقا باشلىدى: ئوخشاش سىلكىنىشلەر، دەرىزە ئەينىكىدىكى ئوخشاش قار ئۇچقۇنلىرى، پار ئىسسىقىدىن سوغۇققا، ئاندىن سوغۇقتىن يەنە ئىسسىققا ئوخشاش تېزلىكتە ئۆتۈشلەر، غۇۋا چىراق نۇرىدا كۆرۈنگەن يەنە شۇ ئوخشاش چىرايلار، ئاڭلانغان ئاۋازلار... ئاننا ئوقۇغانلىرىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىغانىدى. ئاننۇشكا، پەلەي كېيىۋالغان، كەڭرى قوللىرى بىلەن _ پەلەيلىرىدىن بىرى يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى _ قۇچىقىدىكى قىزىل سومكىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى. ئاننا ئاركاديېۋنا ئوقۇۋاتاتتى، ئوقۇغانلىرىنى بولسا چۈشىنىۋاتاتتى. لېكىن ئوقۇش، يەنى كىتابتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تاماشا قىلىش بىلەن خوشى يوق ئىدى. ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ياشىغۇسى بار ئىدى. روماندىكى ئايال قەھرىماننىڭ كېسەل ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەرلىرىنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ كېسەلنىڭ ھوجرىسىدا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭغۇسى كېلەتتى. بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نۇتۇقىنى ئوقۇغان چېغىدا، شۇ نۇتۇقنى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى. مارى خانىمنىڭ ئاتقا مىنىپ پادىلارنىڭ كەينىدىن كەتكىنىنى، كېلىنى بىلەن قېرىشقىنىنى، جاسارىتى بىلەن ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئوقۇغان چېغىدا شۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى بولۇپ قېلىشىنى ئىستەپ قالاتتى. لېكىن ھازىر ئامال يوق ئىدى. كىتاب ئاچقۇچنى قولىدا ئوينىغاچ ئوقۇشقا تىرىشىۋاتاتتى.   
   ئاننانىڭ كاللىسىغا ۋرونىسكى كىرىۋالغاچقا، ھاياتىنى ياشىغۇسى بولغاچقا كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيالمايدۇ. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسا ئىدى، دەرىزىدىن بىر مەنزىرەنى تاماشا قىلغانغا ئوخشاش، مارى خانىمنىڭ ئاتقا مىنىپ پادىلارنىڭ كەينىدىن كەتكىنىنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرالايتتى ۋە  سىرتتا تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىگە ئاستا –ئاستا كىرىپ كەتكىنىنى ھېس قىلغان بولاتتى.
   بىر روماننى ئوقۇشقا باشلاشنىڭ، بىر مەنزىرە رەسىمىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشكە ئوخشاش بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇپىيانە ياكى ئوچۇق ھېس قىلىدۇ. ستېندخالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» ناملىق رومانىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى: ئاۋۋال ۋېريېر شەھىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشىنى، ئۈست تەرەپتىكى تۆپىلىكنى، قىزىل كاھىش ئۆگزىلىك ئاق ئۆيلەرنى، مۇنار شەكىللىك ئۆگزىلەرنى، بۈك-باراقسان كاشتان دەرەخلىرىنى، خارابىگە ئايلانغان ئىستىھكاملارنى كۆرىمىز. تۆۋەن تەرەپتە دوبس دەرياسى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ياغاچ ھەرىلىرىنى، رەڭلىك توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى بايقايمىز.
   لېكىن بىر بەتتىن كېيىنلا ئاساسلىق قەھرىمانلاردىن شەھەر باشلىقىنى ئۇچرىتىمىز، ئۇنىڭ روھى ھالىتى بىلەن دەرھاللا تونۇشۇپ چىققان بولىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ئەسلى ھۇزۇرى دۇنيانى سىرتتىن ئەمەس، ئىچىدىن، ئۇ دۇنيادا ياشىغان قەھرىمانلارنىڭ كۆزىدىن كۆرەلەش بىلەن باشلىنىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقاندا باشقا ھېچقانداق بىر ئەدەبىي شەكىل تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان تېزلىك بىلەن، ئومۇمىي مەنزىرە بىلەن ئۆتكۈنچى پەيتلەر ئارىسىدا، ئومۇمىي چۈشەنچىلەر بىلەن ئالاھىدە ئەھۋاللار ئارىسىدا كېلىپ – كېتەلەيمىز. ئومۇمىي مەنزىرەنىڭ رەسىمىگە يىراقتىن قاراۋېتىپ، بىردىنلا ئۆزىمىزنى مەنزىرەدىكى ئىنسان چۈشەنچىلىرىنىڭ ئىچىدە، روھىي ھالەتلىرىنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئارىسىدا كۆرىمىز. بارغانسېرى كېڭىيىپ ماڭىدىغان جۇڭگوچە مەنزىرە رەسىملىرىدىكى قىيالىق تاغلار، دەريالار، ئون مىڭلارچە يوپۇرماقلىرى بولغان دەرەخلەر ئارىسىدا، كىچىك قىلىپ سىزىلغان ئادەمنى كۆرۈپ، دىققىتىمىز ئۇنىڭغا يىغىلىپ، سەل كېيىنرەك چوڭ مەنزىرىنى تەسەۋۇرىمىزدا ئۇنىڭ كۆزى بىلەن جانلاندۇرغانغا ئوخشايدۇ بۇ. (جۇڭگو رەسىملىرى مۇشۇنداق كۆرۈلسۇن دەپ سىزىلىدۇ) شۇ چاغدا مەنزىرەنىڭ، ئىچىدە راۋاجلىنىۋاتقان قەھرىماننىڭ چۈشەنچىلىرىگە، تۇيغۇلىرىغا، كۆز قاراشلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا سىزىلغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يېتىمىز. روماندىكى مەنزىرەنىڭ روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ روھىي ھالەتلىرىنىڭ بىر داۋامى، بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ئۆزلۈكىمىزنىڭ يېنىك بىر ئۆتۈش بىلەن بۇ قەھرىمانلار بىلەن ئۆزلەشكەنلىكىنى بايقايمىز. رومان ئوقۇش، بىر ياندىن بۇ ئومۇمىي مەنزىرىنى ئەقلىمىزدە تۇتۇپ، يەنە بىر ياندىن قەھرىمانلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشەنچىلىرىنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تاماشا قىلىش، ئۇلارنى ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ ئىچىدە مەنىگە ئىگە قىلىش دېمەكتۇر. بىز سەل ئاۋۋال سىرتتىن كۆرگەن مەنزىرەلەرنىڭ ئەمدى ئىچىدە بولغان بولىمىز ۋە تاغلارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن باشقا، دەريانىڭ سالقىنلىقىنى، ئورماننىڭ ھېدىنى ھېس قىلىپ، باشقا قەھرىمانلار بىلەن مۇڭدىشىپ، روماننىڭ ئىچىدىكى ئالەمگە قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەيمىز. روماننىڭ تىلى بىر-بىرىدىن ئۇزاق ۋە ئايرىم تۇرغان پۈتۈن بۇ نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرىشىمىزگە ۋە قەھرىمانلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئىچىنى ۋە تېشىنى بىر قاراپلا كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنۈشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ.
   بىز بىر روماننىڭ ئىچىدىكى چېغىمىزدا كاللىمىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن قارلىق، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان سانت پېتېرسبۇرگ پويىزىدىكى ئاننانىڭ كاللىسىدەك چىڭقىلىپ كەتمەيدۇ. مەنزىرەدىن دەرەخلەرگە، قەھرىمانلارغا، قەھرىمانلارنىڭ چۈشەنچىلىرىگە، كېيىن ئۇلار تۇتقان نەرسە-كېرەكلەرگە، نەرسە-كېرەكلەردىن خاتىرەلەرگە، باشقا قەھرىمانلارغا، ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە توختىماستىن بېرىپ –كېلىپ تۇرىمىز. كاللىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، يات بىر مۇھىتقا تاشلاپ قويۇلغان ئۈركىگەك ۋە ئەنسىز بىر جانىۋارغا ئوخشاش جىددىي ھالەتتە ئىشلەۋاتقان، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولىدۇ. لېكىن كۆپىنچىمىز بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ پەرق ئېتەلمەيمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ماشىنا ھەيداۋاتقاندا كونۇپكىلارنى باسقانلىقى، تورمۇز ياكى ماي پېداللىرىغا دەسسىگەنلىكى، خوت ئالماشتۇرغانلىقى، رولنى ئوڭ-سولغا نۇرغۇن قائىدىلەرگە بويسۇنۇپ دىققەت بىلەن بۇرىغانلىقى، يولدىكى قاتناش بەلگىلىرى ۋە ئىشارەتلىرىگە دىققەت قىلغانلىقى ۋە يولدىكى قاتناش ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ ماڭغانلىقى ئۆزىگىمۇ بەك بىلىنىپ كەتمىگەن بىر شوپۇرغا ئوخشاپ قالىمىز.
   بۇ يەردىكى شوپۇرغا ئوخشىتىش، پەقەت ئوقۇرمەنلەرگىلا ئەمەس رومان يازغۇچىغىمۇ ماس كېلىدۇ: بەزى يازغۇچىلار رومانلىرىنى يېزىۋاتقاندا، قوللانغان تېخنىكىلارنى، كاللىسىدا قىلغان ئىش ۋە ھېساب-كىتابلارنى، رومان سەنئىتى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان خوتلار، قول تورمۇز ۋە كونۇپكىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ھەتتا بۇلارنىڭ يېڭىلىرىنى ئىجات قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرق ئەتمەي قېلىپ،  ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىش قىلىۋاتقاندەك گويا ئۆزلىكىدىن يېزىپ كېتىدۇ. رومان يېزىشنىڭ (ۋە ئوقۇشنىڭ) سۈنئىي بىر تەرىپىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ خىل ئىلھامنى، بۇ خىل رومان ئوقۇرمىنىنى ۋە يازغۇچىنى بىز «ساددا» دەپ ئاتايلى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان ئىلھامنى، يەنى رومان ئوقۇۋاتقاندا ياكى يېزىۋاتقاندا تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكى ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇش-بولماسلىقىغا كىرىشىۋالىدىغان، رومان يېزىلىۋاتقاندا قوللىنىلغان چارە-تەدبىرلەرگە ۋە ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ۋە يازغۇچىلارنى «ئويچان» دەيلى. رومانچىلىق، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم ساددا ھەم ئويچان بولۇش ئىشىدۇر.
   ياكى بولمىسا ھەم «naive» ھەمدە «sentimentalisch» بولۇش ئىشىدۇر. مەن گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ خىل ئايرىشنى تۇنجى قېتىم نېمىس شائىرى فرىئېدرىخ شىللېر 1795- يىلى ئۆزىنىڭ « سەبىي ۋە چۈشكۈن شېئىرلار ھەققىدە» ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شىللېر بالىلارچە سەبىيلىكىدىن مەھرۇم قالغان، دەرتلىك، زامانىۋى شائىرلار ئۈچۈن قوللانغان نېمىسچە سۆز « sentimentalisch » ئەسلىدە تۈركچىگە (بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرچىغا) «چۈشكۈن» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. شىللېر ئەسلىدە بۇ سۆزنى ئىنگلىزچىدىن، لاۋرېنس ستېرننىڭ «تۇيغۇ سەپىرى» ناملىق رومانىنىڭ تەسىرىدە ئالغانىدى ۋە «تەبىئىي بولمىغان ۋە ئويچان» دېگەن مەنىدە قوللانغانىدى.(شىللېر بۇ ماقالىسىدە سەبىي، بالىلارچە بولغانلارنىڭ ئۈلگىلىرىنى تىزىپ كېلىپ، دانتې، شېكېسپېر، سېرۋانتېس، گۆتې ھەتتا دۈرېر قاتارلىقلار بىلەن بىللە ستېرننىمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ) لېكىن بىز بۇ يەردە بۇ سۆز ھەققىدە جىق توختالمايلى. لېكىن شىللېرنىڭ « sentimentalisch » دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ئاددىيلىقى ۋە كۈچىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋە ئۆز تۇيغۇلىرى بىلەن چۈشەنچىلىرىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەن بىر روھى ھالەتنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساقلا يېتەرلىك. شىللېرنىڭ مەن ياشلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا بەك ياخشى كۆرگەن بۇ ماقالىسىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئارقىلىق ( ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم داۋاملىق قىلغىنىمدەك) رومان سەنئىتى ھەققىدىكى ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى خىيال قىلىش ۋە (ھازىرقىغا ئوخشاش) ئۇلارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىش مېنىڭ مەقسىدىمدۇر.
   توماس مان «نېمىسچە يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى» دېگەن بۇ مەشھۇر ماقالىسىدە، شىللېر شائىرلارنى ئىككىگە ئايرىيدۇ. سەبىي شائىرلار تەبىئەت بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولىدۇ، ھەتتا تەبىئەتكە ئوخشاش بولىدۇ( تەبىئەتتەك تىپتىنچ، رەھىمسىز ۋە دانا) ۋە شېئىرنى ئۆزلىكىدىن، زادىلا ئويلانماستىن دېگۈدەك، سۆزلىرىنىڭ ئىددىيىۋىي، ئەخلاقىي نەتىجىلىرىگە كاللا قاتۇرماستىن شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نېمە دەپ قېلىشىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماستىن يېزىۋېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن شېئىر – زامانىۋىي ئىنسانلار ۋە شائىرلارنىڭ ئەكسىچە _ ئۆزلىرى دائىم بىللە تۇرىدىغان تەبىئەتنىڭ ئۇلاردا ئۆزلىكىدىن قالدۇرغان تەسىرىدەك بىر نەرسىدۇر. سەبىي شائىرلارغا شېئىر، ئۆزلىرى تەۋە بولغان تەبىئىي ئالەمدىن ئۆزلىكىدىنلا كېلىدۇ. شېئىرنىڭ، شائىرلار راۋۇرۇس ئويلىنىپ، ئۆلچەم-قېلىپلارغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى داۋاملىق تۈردە كۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ يېزىپ چىققان بىر نەرسىدىن بەكرەك، ئۆزىمۇ بىلمەستىنلا يېزىۋەتكەن، ھەتتا تەبىئەت _ خۇدا_ بىر باشقا كۈچ تەرىپىدىن يازدۇرۇلغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، بۇ رومانتىك چۈشەنچە، نېمىس رومانتىزىمچىلىرىنىڭ  چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كولېرىجنىڭ «قۇبىلەي خان» ناملىق شېئىرىگە يازغان ئىزاھاتىدىمۇ بار ئىدى.(«قار» ناملىق رومانىمدىكى شائىر قەھرىمان Ka مۇ، شېئىرلىرىنى  كولېرىج-شىللېر تەسىرىنى بويلاپ ۋە ئوخشاش سەبىي روھىي ھالەتتە يازاتتى) شىللېرنىڭ ھەر ئوقۇغىنىمدا مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق قوزغايدىغان بۇ ماقالىسىدە، سەبىي شائىرلارنىڭ بەلگىلەش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىرسى باردۇركى، بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكۈم بار: سەبىي شائىرلار سۆز-كەلىمىلىرىنىڭ، شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرە-كۆرۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن، دۇنيانى يېتەرلىك ۋە ھەقىقىي تەسۋىرلەپ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىدىن _ دېمىسىمۇ بۇ مەنا ئۇنىڭدىن ئۇزاقتا ۋە مەخپىي ئەمەستۇر _ پەقەت گۇمانلانمايدۇ.
   شىللېرغا كۆرە چۈشكۈن ياكى ئويچان شائىرلار بولسا، ھەممىدىن بۇرۇن بۇ تېمىدا خاتىرجەم بولالمايدۇ: سۆزلىرىنىڭ رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقىدىن، سۆزلىرىنىڭ خالىغان مەنانى يەتكۈزىدىغانلىقىدىن... بۇ سەۋەپتىن ئۇلار يازغان شېئىرلىرىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ، قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ، تېخنىكىلارنىڭ سۈنئىيلىكىنى پەرق ئېتىپ تۇرىدۇ. سەبىي شائىرلار، ئۆزلىرى تونۇپ يەتكەن دۇنيا بىلەن ھەقىقىي دۇنيانىڭ ئارىسىدا كۆپ پەرق بار، دەپ قارىمايدۇ. ھالبۇكى، ئويچان زامانىۋىي شائىرلار، ئۆزلىرى تونۇپ يەتكەن ھەممە نەرسىدىن ۋە ئۆز تونۇشلىرىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇپ يەتكەن نەرسىلەرنى شېئىرلاشتۇرغاندا تەربىيىۋىي، ئەخلاقى، ئىددىيىۋىي پىرىنسىپلار بىلەن ئاۋارە بولىدۇ.
   شىللېرنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك، كۈشكۈرتكۈچى مەشھۇر ماقالىسى، سەنئەت-ئەدەبىيات-ھايات ھەققىدە پىكىر قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈنمۇ جەلىپكار بىر مەنبەدۇر. ياش چېغىمدا ئۇنى پات-پات ئېچىپ ئوقۇغىنىمدا، كۆرسەتكەن ئۆرنەكلەرنى، شائىرلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئۆزلىكىدىن شېئىر يېزىش بىلەن، ئەقىل بىلەن پىلانلىق ۋە ئويلىشىپ شېئىر يېزىش ئارىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە ئويلىغان چېغىمدا، ئەلۋەتتە ئۆز رومانچىلىقىمنى، رومان يېزىۋاتقاندىكى خىلمۇ-خىل روھى ھالەتلىرىمنىمۇ خىيال قىلاتتىم. ئەقلىمدە ھەتتا بىر قانچە يىل بۇرۇن رەسىم سىزىۋاتقان چاغدا ھېس قىلغانلىرىممۇ بار ئىدى. يەتتە ياشتىن يىگىرمە ئىككى ياشقىچە كەلگۈسىدە رەسسام بولىدىغانلىقىمنى خىيال قىلىپ رەسىم سىزغان ئىدىم، لېكىن ھەمىشە سەبىي بىر رەسسام ھالىتىدە قېلىۋەرگەن ۋە بەلكىم بۇنى چۈشىنىپ يېتىپ رەسىم سىزىشنى تاشلىغان ئىدىم. شۇ چاغلاردىمۇ، شىللېر شېئىر دېگەن نەرسىنى، ئومۇملاشتۇرۇپلا سەنئەت ۋە ئەدەبىيات دەپ چۈشەنگەنىدىم. بۇ دەرسلەردىمۇ ئەنئەنە بويىچە شۇنداق قىلىمەن. شىللېرنىڭ بۇ مول مەزمۇنلۇق ۋە كۈشكۈرتكۈچى ماقالىسى، رومان سەنئىتى ھەققىدە پىكىر قىلغاندا، سەبىي بولۇش بىلەن ئويچان بولۇش ئارىسىدا كېلىپ-كېتىپ ئۆتكەن ياشلىقىمنى ئېسىمگە سالغاچ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
   دېمىسىمۇ شىللېرنىڭ ماقالىسى مەلۇم نۇقتىدىن كېيىن يالغۇز شېئىر ھەققىدە ۋە ئومۇمىي مەنىسى جەھەتتىن ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە بولۇشتىن ئۆتۈپ، ئىنسان تۈرلىرى ھەققىدىكى بىر پەلسەپىۋى يازمىغا ئايلىنىدۇ. يازما ھەم پەلسەپىۋى، ھەم پىسخىلوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئېرىشكەن بۇ نۇقتىدا، بۇنىڭ ئارقىسىدا ياتقان سۇبيېكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن: شىللېر «ئىنسانلار ئىككى خىل بولىدۇ» دېگەندە، گېرمان تارىخچىلىرىغا كۆرە، «گۆتې كەبى سەبى بولغانلار ۋە ماڭا ئوخشاش ئويچان بولغانلار!» دېمەكچىدەكمۇ قىلاتتى. شىللېر، گۆتېنىڭ پەقەت شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئۇنىڭ خاتىرجەملىكىگە، تەبىئىيلىكىگە، شەخسىيەتچىلىكىگە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىگە، ئېسىلزادىلەرچە روھىغا، ئۇلۇغ، نۇرانە پىكىرلىرىنى دىشۋارچىلىق تارتماستىنلا تېپىپ چىقىپ بايان قىلىشلىرىغا، ئۆزى بولالىشىغا، ئاددىيلىقىغا، كەمتەرلىكىگە ۋە تالانتىغا شۇنداقلا پۈتۈن بۇلارنى خۇددى بىر كىچىك بالىدەك بىلمەي يۈرۈشىگە ھەسەت قىلاتتى. ھالبۇكى ئۆزى، گۆتېگە قارىغاندا تېخىمۇ ئويچان، ئاقىل، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە غەمكىن، ئۆزى قوللانغان ئەدەبىي شەكىللەرنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان ۋە كاللىسى بۇ تېمىلاردىكى سۇئاللار، دىلغۇللىقلار ۋە گۇمانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ روھىي ھالەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك «زامانىۋى» ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇراتتى.
   بۇندىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن، «سەبىي ۋە چۈشكۈن شېئىرلار ھەققىدە» نى ئوقۇغىنىمدا، خۇددى گۆتېگە ئاچچىقلانغان شىللېرگە ئوخشاش، مەندىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلات تۈرك يازغۇچىلارنىڭ ساددىلىقىغا، بالىلارچە ھالەتلىرىگە، رومانلىرىنى ئاسانلا يېزىپ ئۇسلۇپ ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ دەردىنى تارتمايلا يۈرۈشلىرىگە قورسىقىم كۆپەتتى. لېكىن مەن «ساددا» دەپ قارىغان(بارغانسېرى بۇ سۆزنى سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىشكە باشلىغانىدىم) پەقەت ئۇلارلا ئەمەس، 19- ئەسىر بالزاك رومانلىرىنى تەبىئىي بىر نەرسە سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنى ھېچقانداق سۇئال-سوراقسىز قوبۇل قىلغان دۇنيانىڭ بارلىق يازغۇچىلىرى ئىدى. ئەمدى، ئوتتۇز بەش يىللىق رومان يېزىش سەرگۈزەشتلىرىمدىن كېيىن، ئىچىمدىكى ساددا يازغۇچى بىلەن ئويچان يازغۇچى ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق تېپىپ چىققانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، بۇ تېمىنى، قايسى يازغۇچىنىڭ بەكرەك «ساددا» ۋە قايسى يازغۇچىنىڭ  بەكرەك «ئويچان» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھېلىھەم جەلىپكار ھېس قىلماقتىمەن.
   مەن تۇنجى رومانىمنى يېزىشقا باشلىغان 1970- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاھمەت ھامدى تانپىنار ۋە ئوغۇز ئاتاي قاتارلىق يازغۇچىلارنى «ئويچان» بولغانلىقلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بۇ يازغۇچىلارنىڭ رومانىدا يازغان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەنلا ئەمەس، يېزىش شەكلى ۋە يوللىرى ئۈستىدىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىزدەنگەنلىكلىرىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولاتتىم. بۇ يەردىكى تېما، زامانىۋى تۈركىيە ياكى ئىستانبۇلدىكى ھايات  بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھاياتنى قانداق قىلىپ ئەڭ مۇۋاپىق بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىش، يېزىش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن يېزا-قىشلاق تېمىسىدا يازغان يازغۇچىلارنىڭ، ئۆزلىرى يېزىپ چىققان ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەردىن ئالغان مەدەت ۋە كۈچلىرى بار ئىدى. يېزا-قىشلاق تېمىسىدا يازىدىغان يازغۇچىلار سۆز-جۈملىلىرىنىڭ، ئۇسلۇپلىرىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە باش قاتۇرمايتتى، بۇ خىل خاتىرجەملىك ئۇلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشاتتى. لېكىن ساددا ۋە ئۈمىدۋار يازغۇچىلار بىلەن ئويچان يازغۇچىلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان نەرسە، 1970- يىللاردا تۈركىيەدە ئىزچىل تەكىتلەنگەن يېزا-شەھەر پەرقىمۇ ئەمەس ئىدى. ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى مانىسادا ئۆتكەن يۇسۇف ئاتىلگان، «ئانا يۇرت مېھمانخانىسى» ناملىق رومانىدا، ئىنتايىن «ئويچان» بىر پوزىتسىيەدە ھېكايىسىنى ئاڭلاتقان بولسا، يېزا-قىشلاق تېمىسىدىكى رومانلارنىڭ تۇنجى ئۆرنەكلىرىدىن بولغان «ياۋايى» رومانىنىڭ يازغۇچىسى ياقۇپ قەدرى قارائوسمانئوغلۇنىڭ ئىستانبۇل ھاياتى يېزىلغان پۈتۈن رومانلىرى «ساددا» بىر يازغۇچىنىڭ دۇنياسىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ.
   رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانى بىر مەنزىرىگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ تىلغا ئالدىم. رومان ئوقۇۋاتقاندا بولسا، خۇددى ماشىنا ھەيدەۋېتىپ قىلغان مەشغۇلاتلىرى ئۆزىگە تۇيۇلمىغان شوپۇرلارغا ئوخشاش، بەزىلىرىمىزنىڭ كاللىمىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىزنى دەپ ئۆتتۈم. ساددا يازغۇچى ۋە ساددا ئوقۇرمەن، ماشىنا مەنزىرىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، دەرىزىدىن كۆرۈنگەن جايلارنى تونۇيدىغانلىقىغا، كىشىلەرنى چۈشىنىدىغانلىقىغا يۈرىكىدىن ئىشىنىدىغان بىرىگە ئوخشايدۇ. ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بولسا، مەنزىرە ھەققىدە، كىشىلەر ھەققىدە گەپ قىلىشقا ۋە ئويچان يازغۇچىلارنىڭ ئىچى تارلىقىنى كەلتۈرگۈدەك كۈچلۈك نەرسىلەرنى سۆزلەشكە باشلاپ كېتەلەيدۇ. ئويچان يازغۇچى بولسا، ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرەنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئالدى ئەينەكنىڭ بولسا لاي-پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆپرەك تىلغا ئالىدۇ ياكى بېكېت (Beckett) كە ئوخشاش سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالىدۇ ياكى بولمىسا ماڭا ۋە باشقا كۆپلىگەن بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش، ماشىنىنىڭ رولى، كونۇپكىلىرى، لاي چاچراپ كەتكەن ئالدى ئەينىكى ۋە خوتلىرىنىمۇ مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، كۆرگەنلىرىمىزنىڭ، روماننىڭ كۆرۈش نۇقتىسى ئىتىبارى بىلەن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.
   ئوخشىتىشنىڭ جەزبىدارلىقىغا بەك پېتىپ كېتىشتىن ئاۋۋال، ھەممىمىزنىڭ رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى دىققەت بىلەن تىزىپ چىقايلى. رومان ئوقۇش بۇ ئىشلارنى قىلىشتۇر، لېكىن پەقەت ئويچان يازغۇچىلارلا بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بۇ ئىشلار، روماننىڭ ئەسلىدە نېمە ئىكەنلىكىنى(بىز بىلىپ تۇرۇپ ئۇنتۇپ قالغان بىر نەرسىنى) بىزنىڭ يادىمىزغا سالىدۇ. بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بولسا:
1.        ئومۇمىي مەنزىرەنى تاماشا قىلىپ، ھېكايىگە ئىز بېسىپ ئەگىشىمىز. ئىسپانىيە مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپ ئورتېگا. ي. گاسسېت، «دونكىخوت» ھەققىدە يازغان بىر كىتابتا تەۋەككۈلچىلىك رومانلىرىنى، قەھرىمانلىق رومانلىرىنى، ئەرزان رومانلارنى(بۇ تىزىملىككە رازۋېتكا رومانلىرى، ھالرەڭ ئىشقى-مۇھەببەت رومانلىرى، جاسۇسلۇق رومانلىرى...ۋاھاكازالارنى قوشۇپ قويساق بولىدۇ) ئەمدى نېمە ئىش يۈز بېرەركىن، دەپ؛ زامانىۋىي روماننى بولسا، (بۈگۈن بىز ئەدەبىي رومان دەپ ئاتىغان نەرسىنى دېمەكچى) ئاتموسفېراسى(كەيپىيات)نى دەپ ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ. گاسسېتقا كۆرە ئاتموسفېرا رومانلىرى خۇددى «مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش» ئىچىدە ھېكايە تېخىمۇ ئاز بولغان، تېخىمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىدۇر.
   لېكىن مەيلى ھېكايىسى ياكى ۋەقەلىكى كۆپ بولسۇن، مەيلى مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش پەقەتلا ھېكايىسى بولمىسۇن، بىز بىر روماننى ئاساسەن ئوخشاش شەكىلدە، ھېكايىسىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇش ئادىتىمىز بىلەن ۋە ئۇچراتقان نەرسىلەرنىڭ نېمە مەنانى، قايسى ئاساسلىق چۈشەنچىنى ئىما ئەتكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز. خۇددى بىر مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش، رومان بىزگە ھېچقانداق بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلاتماي، ئايرىم-ئايرىم ھالدىكى نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلارنى تەسۋىرلەپ بەرسىمۇ ( مەسىلەن، فرانسۇز يېڭى رومانچىلىقىدا، ئالايىن روببې گرىللېت ياكى مايكۇل بۇتورنىڭ رومانلىرىدىكىگە ئوخشاش)، ئاڭلاتقۇچىنىڭ بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇ يوپۇرماقلارنىڭ قانداق بىر ھېكايىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىشقا باشلايمىز. كاللىمىز ھەمىشە ئارقا تەرەپتە بىر يەرلەردىن بىر مۇددىئا، بىر پىكىر، بىر نىيەت، خۇپىيانە بىر مەركەز ئىزلەيدۇ.
2.        كاللىمىزدا سۆزلەرنى رەسىمگە ئايلاندۇرىمىز. رومان بىر ھېكايە ئاڭلىتىدۇ، لېكىن بىر رومان پەقەت بىر ھېكايىدىن ئىبارەت ئەمەستۇر. ھېكايە بەك جىق نەرسىلەرنىڭ، ئاۋاز-سادالارنىڭ، پاراڭ-سۆھبەتلەرنىڭ، خىياللارنىڭ، ئەسلىمىلەرنىڭ، بىلىمنىڭ، پىكىرلەرنىڭ، ۋەقەلىكلەرنىڭ، سەھنىلەرنىڭ تەسۋىرلىرى ئارىسىدىن ئاستا-ئاستا ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بىر روماندىن ھۇزۇر ئېلىش، بۇ نەرسىلەرنى سۆزلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ كاللىمىزدا رەسىم-كۆرۈنۈشلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن زوق ئېلىشتۇر. سۆزلەر ئاڭلاتقان(ئاڭلاتماقچى بولغان) نەرسىلەرنى خىيالىمىزدا جانلاندۇرغاندا، ھېكايىنى بىز ئوقۇرمەنلەر تاماملايمىز. مۇشۇنداق قىلغاندا، يەنە كىتابتا دېيىلگەن ياكى ئاڭلاتقۇچى دېمەكچى بولغان، دېيىشنى نىيەت قىلغان، دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىز قىياس قىلغان نەرسىنى، يەنى كاللىمىزدا بىر مەركەزنى ئىزدىگەچ تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرىمىز.
3.         كاللىمىزنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە، يازغۇچى يازغانلىرىنىڭ قايسىلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندۇ، قايسىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققاندۇ، دەپ ئويلاپ بىلگۈمىز كېلىدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ بىزنى ھەيران قالدۇرغان، چۆچۈتكەن يەرلىرىدە بۇ سۇئالنى ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ سوراپ كېتىمىز. رومان ئوقۇش ئۆزىمىز رومان ئىچىدە ئەڭ بەك ئېزىپ قالغان چاغلاردىمۇ، «قايسىلىرى تەسەۋۇر، قايسىلىرى ئەمەلىيەتتۇ؟» دېگەن بۇ سۇئالنى، داۋاملىق سوراشتۇر. روماننى ساددىلىق بىلەن ھەقىقەت دەپ قېلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئوقۇش بىلەن، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكىنى ئويچان بىر شەكىلدە بىلىپ باققۇسى كېلىش، مەنتىقە جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ. لېكىن رومان سەنئىتىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇدرىتى ۋە جانلىقلىقى مۇشۇ خىل زىتلىقلاردىن تەركىپ تېپىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنتىقىسىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ. رومان ئوقۇش دۇنيانى دېكارتچە مەنتىقىدىن باشقا بىر مەنتىقىدە چۈشىنىش دېمەكتۇر. بۇ، بىر-بىرى بىلەن زىت كېلىدىغان بىردىن كۆپ پىكىرلەرگە داۋاملىق ۋە بىئارام بولمىغان ھالدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشىنىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىچىمىزدە ئاستا-ئاستا ئۈچىنچى بىر رېئاللىق سەھنىسى، روماننىڭ مۇرەككەپ دۇنياسىنىڭ سەھنىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ھەممە نەرسە بىر-بىرى بىلەن ھەم زىتلىشىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ.
4.        كاللىمىزنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدىن بۇلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ: رېئاللىق مۇشۇنداق بولامدۇ؟ روماندا ئاڭلىتىلغان، كۆرۈلگەن، تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەر ئۆز ھاياتىمىزدا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن رېئاللىققا ئۇيغۇنمىدۇ؟ مەسىلەن، 1870- يىللاردا، موسكوۋادىن سانت پېتېرسبۇرگقا ماڭغان كېچىلىك پويىزدا رومان ئوقۇشقا ماس كەلگۈدەك بىر خاتىرجەم مۇھىت، جىمجىتلىق بار بولغىيمىدى، ياكى تولستوي «ئاننا كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال» دېمەكچى بولغىيمىدى-يا؟ دەپ ئۆزىمىزدىن سورايمىز. رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىدە، كۈندىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرىمىزدىن ئېرىشكەن بىلىملىرىمىزنى ئەگەر مۇۋاپىق شەكىلدە ئىپادىلىسەك، رېئاللىققا دائىر قىممەتلىك بىر بىلىمگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئائىت بىر ئۈمىدۋارلىق ياتقان بولىدۇ.
5.        بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق بىلەن سۆز تاللاش ۋە ئوخشىتىشلارنىڭ توغرىلىقىنى، تەسەۋۋۇر ۋە بايان كۈچىنى، جۈملىلەرنىڭ يىغىلىشىنى، پروزىنىڭ مەخپىي ۋە ئوچۇق شېئىرچانلىقىنى ۋە ئاھاڭدارلىقنى ھەم دەڭسەيمىز ھەم بۇلاردىن زوق ئالىمىز. ئۇسلۇپ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە زوق ئېلىشلار رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىدە ئەمەس، لېكىن مەركىزىگە بەك يېقىن بىر يەردە بولىدۇ.(ئەپسۇسكى بۇ جەلىپكار تېمىغا  مىڭلىغان مېساللارنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ كىرگىلى بولمايدۇ).
6.        ھەم قەھرىمانلارنىڭ تاللىنىشى ۋە ھەرىكەت-قىلىقلىرىغا ئەخلاقىي جەھەتتىن باھا بېرىمىز، ھەمدە يازغۇچىغا قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى تۈپەيلىدىن باھا بېرىمىز. روماندا ئەخلاقىي باھالاش ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر پاتقاقلىقتۇر. رومان سەنئىتىنىڭ ئىنسانلارغا باھا بەرگەندە ئەمەس، ئۇلارنى چۈشەنگەندە ئەڭ زور، ئەڭ پارلاق نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايلى ۋە بۇ پاتقاققا بەك پېتىپ كەتمەيلى. رومان ئوقۇۋاتقاندا، ئەخلاق ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ۋە رومان قەھرىمانلىرىغا قارىتىلغان بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى روماندىكى مەنزىرەنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك.
7.        كاللىمىز پۈتۈن بۇ ئىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن بىز ئېرىشكەن ئۇچۇر، تېرەنلىك ۋە چۈشەنچىلەر ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ئەدەبىي قىممىتى يۇقىرى رومانلاردا،  تېكىست بىلەن ئارىمىزدا قۇرۇلغان قويۇق مۇناسىۋەت، بىز ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى ئۆزىمىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. روماننىڭ پەقەت بىز ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك تۇيۇلىشى، بۇ تاتلىق يېڭىلىشىش ئىچىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا يۈكسېلىدۇ. يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا شەكىللەنگەن بۇ خىل سىرداشلىق كىتابنىڭ بىز تولۇق چۈشىنەلمىگەن، قارشى چىققان ياكى قوبۇل قىلالمىغان غەلىتە نۇقتىلىرىنى بەك چوڭ مەسىلە قاتارىدا كۆرۈۋالماستىن ئۆتۈپ كېتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر روماندا، يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا قولچوماقچىلىق مۇناسىۋىتى قۇرغان بولىمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ بىر يەرلىرى بۇ قولچوماقچىلىقنىڭ بەدىلىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە مۇمكىن قىلىدىغان قانات يېپىشلار، كۆرمەسلىككە سېلىۋېلىشلار، يوققا چىقىرىشلار ۋە ياخشى تەرەپكە بۇراشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بايانچىغا ئىشىنىش ئۈچۈن، يازغۇچى دېگەن ھەممە نەرسىگە ئۇ ئارزۇ قىلغاندەك ئىشىنىپ كەتمەيمىز. چۈنكى يازغۇچىنىڭ بەزى تەلەپلىرى، جاھىللىقلىرى، ئەندىشىلىرى بىزگە خاتا كۆرۈنسىمۇ، كىتابقا بولغان ئىشەنچىمىزدىن مەھرۇم قالمىغان ھالدا داۋاملىق ئوقۇشنى ئىستەيمىز.
8.        ئەس-خاتىرىمىز بىر تەرەپتىن توختىماي جىددى ئىشلەپ تۇرىدۇ. يازغۇچى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ئالەمدە بىر مەنا ۋە ئوقۇش زوقى تېپىش ئۈچۈن روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىزدىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بولسا روماننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقىقىنى، خۇددى بىر دەرەخنىڭ بارلىق يوپۇرماقلىرىنى ئەسلىگەنگە ئوخشاش ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەك. يازغۇچى ئەگەر بىپەرۋا ئوقۇرمەنگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، دۇنياسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ يېنىكلەشتۈرۈپ بەرمىگەن بولسا، ھەممە نەرسىنى ئەستە تۇتۇش بەك قىيىن بىر ئىشتۇر. بۇ قىينچىلىق رومان شەكلىنىڭ چەك-چىگرالىرىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. رومانلار ئوقۇۋاتقاندا بارلىق تەپسىلاتلىرى ئەستە قالغۇدەك ئۇزۇنلۇقتا بولۇشى كېرەك. چۈنكى چوڭ مەنزىرىنىڭ ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقاندا بىزگە ئۇچرايدىغان «ھەممە نەرسە»نىڭ مەنىسى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچراتقان «ھەممە نەرسە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. رومانلاردا «ھەممە نەرسە»، «ھەممە نەرسە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ۋە پۈتۈن بۇ مۇناسىۋەت تورى كىتابنىڭ ھەم ئاتموسفېرا(كەيپىيات)سىنى يارىتىدۇ ھەمدە ئوقۇۋاتقاندا پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئىزدىگەن، ئىزدىشىمىز كېرەك بولغان روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىشارەت قىلىدۇ.
9.        روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىزدەيمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ ساددىلارچە(بىلمەستىن) ياكى ئويلىشىپ مەقسەتلىك ھالدا ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشى دەل بۇدۇر. رومانلارنى باشقا ئەدەبىي شەكىللەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە مەخپىي بىر مەركىزىنىڭ بولۇشىدۇر. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ دېسەك، رومانلارنىڭ بىز ئوقۇۋاتقاندا بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئىزدەيدىغان بىر مەخپىي مەركىزى بولىدۇ.
   روماننىڭ مەركىزى نېمىدىن تۈزۈلىدۇ، ماتېرىياللىرى نېمە؟ روماننى رومان قىلغان ھەممە نەرسىدىن، دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن بۇ سۇئالغا. لېكىن بۇ مەركەز، روماننىڭ بىز سۆزمۇ-سۆز ئىز بېسىپ ئوقۇغان سىرتقى كۆرۈنىشىدىن ئۇزاقتا، ئارقا تەرەپتە بىر يەرلەردە، كۆرۈنمەس، ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان، ئاساسەن دېگۈدەك ھەرىكەتچان  ۋە قولغا چىقمايدىغان بىر نەرسىدۇر. ئالامەتلىرى ھەممە يەردە بولىدىغان بۇ مەركەزنىڭ ياردىمىدە، بىر روماننىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى، بىز چوڭ مەنزىرەنىڭ ئۈستىدە ئۇچرىشىدىغان ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ.
   رومانلارنىڭ مەركەزلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا خۇددى ئورمانلىقتا كېتىۋېتىپ ھەر بىر يوپۇرماققا، سۇنغان شاخلارغا ئۇلار بىر بىشارەتتەك گۇمان بىلەن قاراپ كېتىدىغان ئوۋچىغا ئوخشاش ئىش قىلىمىز. بىز ئۇچراتقان ھەر يېڭى سۆزنىڭ، نەرسە-كېرەكنىڭ، كىشىنىڭ، قەھرىماننىڭ، پارڭ-سۆھبەتنىڭ، تەسۋىرنىڭ، تەپسىلاتلارنىڭ، روماننىڭ تىل، ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ۋە ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكلىرىنىڭ باشقا بىر نەرسىنى ئىما ۋە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاچ ئىلگىرىلەيمىز. روماننىڭ بىر مەركىزىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىش، بىز كېرەكسىز دەپ قارىغان تەپسىلاتلارنىڭ مۇھىم بولالايدىغانلىقىنى، روماندىكى يۈزەكى نەرسە-كېرەكلەرنىڭ مەنىسىنىڭ باشقىچە بولالايدىغانلىقىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. رومانلار گۇناھ تۇيغۇسىغا، گۇمانخورلۇققا ۋە ئەندىشىلەرگە ئىشىكى داغدام ئوچۇق بولغان بىر بايان شەكلىدۇر. بىز رومان ئوقۇۋاتقاندا ھېس قىلىدىغان تېرەنلىك تۇيغۇسى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بىر دۇنيادا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان يېڭىلىشىش تۇيغۇسىمۇ بۇ مەخپىي مەركەزنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
   روماننى داستانلاردىن، ئوتتۇرا ئەسىر مەسنەۋىلىرىدىن، ئېپىك شېئىرلاردىن ۋە ئەنئەنىۋى تەۋەككۈلچىلىك ھېكايىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تۇنجى نەرسە، دەل مۇشۇ مەركەزدۇر. ئەلۋەتتە رومانلار، قەھرىمانلىرىنىڭ روھى ھالەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مۇرەككەپ ۋە زامانىۋى بولۇشى، ئادەتتىكى كىشىلەر ھەققىدە كۈچلۈك شەكىلدە توختىلالىشى، كۈندىلىك ھاياتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كىرەلىشى بىلەنمۇ باشقا ئېپىك ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ؛ لېكىن بۇ ئالاھىدىلىكلەر ۋە كۈچ-قۇدرەتكە، ئارقا تەرەپلەردە بىر يەردە بىر مەركەزلىرى بولغانلىقى ۋە رومان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ ئۈمىت بىلەن ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىگە بولالايدۇ. رومانلار بىزگە ھاياتنىڭ ئادەتتىكى تەپسىلاتلىرىنى، كىچىك ئارزۇ-خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەتلىرىمىزنى ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەنچە، بۇ نەرسىلەرنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا بىر يەرلەردىكى تېرەن بىر مەنانى، بىر نىيەتنى ئىشارەت قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن قىزىقىپ، ھەتتا ھەيران قېلىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز. چوڭ، كەڭرى مەنزىرەنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتى، ھەر بىر يوپۇرمىقى ۋە چېچىكى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ، چۈنكى ئارقىدا بىر يەرلەردە يوشۇرۇن بىر مەنا بولغان بولىدۇ.
   ئۈچ ئۆلچەملىك  توقۇلما بولغانلىقى، يەنى ھايات ھەققىدە ھەم يۈزەكى كۆرۈنۈشى ئارقىلىق،  تۇيغۇلىرىمىز بىزگە بىلدۈرگەن شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىمىز ۋە ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ سۆز ئاچالىغانلىقى، ھەمدە ئەڭ ئارقا تەرەپتىكى نەرسىگە، يەنى مەركەزگە، ھاياتنىڭ نەق ئۆزىگە، تولستوي «ھاياتنىڭ مەنىسى» دېگەن نەرسىگە – نېمە دېسەك دەيلى-، ئۇ يېتىپ بېرىش تەس يەرگە ئائىت بىر ئۇچۇر، بىر سەزگۈ، بىر يىپ ئۇچى بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن رومانلار بىز زامانىۋى دەۋرنىڭ ئىنسانلىرىغا، ھەتتان پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بۇ قەدەر كۈچلۈك خىتاپ قىلالايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆزىگە ئالاقىدار ئەڭ تېرەن، ئەڭ قىممەتلىك بىلىمگە پەلسەپىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە، دىننىڭ ئىجتىمائىي بېسىملىرىغا باش ئەگمەستىن، ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ئۆز ئەقلىمىز بىلەن ئېرىشەلەيدىغان خىيالىي، ئىنتايىن ئادىل، ئىنتايىن دېموكراتىك بىر ئۈمىتتۇر.
   ئون سەككىز يېشىمدىن ئوتتۇز يېشىمغىچە، رومانلارنى تازا بېسىپ تۇرۇپ ۋە دەل مۇشۇ ئۈمىد بىلەن ئوقۇدۇم. ئىستانبۇلدىكى ئۆيۈمدە گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك ئوقۇپ چىققان ھەر بىر رومان ماڭا ھاياتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس تەپسىلاتلىرى ھەققىدە پەقەت ئېنسىكلوپېدىيەلەر، مۇزېيخانىلاردىلا ئۇچرىتالىغۇدەك دەرىجىدە باي، ئۆز ھاياتىم بىلەن سېلىشتۇرالىغۇدەك دەرىجىدە ئىنسانىي،  پەقەت پەلسەپە ۋە دىندىن تاپالىغۇدەك دەرىجىدە تېرەن ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تەلەپلەر، تەسەللىلەر، ۋەدىلەر بىلەن تولغان بىر ئالەمنى سۇنۇۋاتاتتى. رومانلارنى دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، ئۆزۈمنى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، روھىمنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ ئوقۇيتتۇم.
   بۇ دەرسلەردە، بىز ئارىدا پات-پات ئەسلەپ تۇرىدىغان ئې. م. فورستېر، «رومان سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا، بىزنىڭ ھېسداشلىقىمىزنىڭ بىر روماننىڭ قىممىتىنى بىزگە بەلگىلەپ بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. مېنىڭچە بولسا، بىر روماننىڭ قىممىتى شۇ رومان مەركىزىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزىنى، مەناسىنى ئىما قىلىپ بىرىش كۈچىگە باغلىق بولىدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتساق، بىر روماننىڭ ھەقىقىي قىممىتى بىزدە ھاياتنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىكەنلىكى تۇيغۇسىنى قوزغىيالىشى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك. رومانلار ھايات ھەققىدىكى ئاساسلىق چۈشەنچىلىرىمىزگە خىتاپ قىلىشى ۋە بۇ خىل تاما بىلەن ئوقۇلىشى كېرەك.
   ھاياتنىڭ مەخپىي مەناسىنى، غايىپ بولغان بىر قىممەتنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشقا، تېپىپ چىقىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلمىلىرى تۈپەيلىدىن، رومان سەنئىتىنىڭ روھىغا ۋە پىچىمىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەرىز بولسا نېمىسلارنىڭ Bildungsroman دېيىلگەن، ياش قەھرىمانلارنىڭ دۇنيانى تونۇغاچ چوڭ بولۇشى بايان قىلىنىدىغان يېتىلىش، تەربىيەلىنىش، چوڭ بولۇش تېمىسىدىكى رومانلىرىدۇر. ياش چېغىمدا بۇنداق رومانلارنى(فلائۇبېرتنىڭ «رومانتىك تەربىيە» رومانىنى، توماس ماننىڭ « سېھىرلەنگەن تاغ» رومانىنى) ئوقۇپ ئۆزۈمنى يېتىشتۈردۈم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، روماننىڭ مەركىزى بېرىدىغان ئاساسلىق بىلىم-ئۇچۇرلارنى، يەنى دۇنيانىڭ قانداق بىر جاي، ھاياتنىڭ قانداق بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئائىت بىلىم-ئۇچۇرنى پەقەت روماننىڭ مەركىزىدىلا ئەمەس، بىر روماننىڭ ھەممە يېرىدە كۆرۈشكە باشلىدىم. ياخشى بىر روماننىڭ ھەر بىر جۈملىسى بىزگە ئەسلىدىكى قالتىس بىلىم-ئۇچۇرنى ( بۇ دۇنيادا ياشاش قانداق بىر ئىش، بۇ قانداق بىر تۇيغۇ)  ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر بەلكىم... بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىزنىڭ، يەنى شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە ۋە تەبىئەتتە ئۆتكەن ھاياتىمىزنىڭمۇ، مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق بىر مەخپىي مەنانى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنىمۇ رومانلاردىن ئۆگەندىم.
   بۇ دەرسلىرىمىزدە روماننىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى قانداق ئېلىپ يۈرىيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى رومان ئوقۇۋاتقاندا روماننىڭ مەركىزىنى ئىزدەيدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشاش ياكى ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزدەۋاتقان رومان قەھرىمانلىرىغا ئوخشاش، بىزمۇ قىزىقىش ۋە سەمىمىيەت بىلەن، دۇرۇست ھالدا رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز.
   بىز ئىچىدە كېزىۋاتقان چوڭ مەنزىرە، بىزنى، يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە، روماندىكى كىشىلەرگە، ھېكايە توقۇلمىسىغا، توقۇلما چۈشەنچىلىرىگە، زامان مەسىلىلىرىگە، نەرسە-كېرەكلەرگە، كۈزىتىشكە، مۇزىيخانىلارغا ۋە بەلكىم خۇددى ھەقىقىي بىر رومانغا ئوخشاش بىز بۇرۇن سېزەلمىگەن، ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغۇچى يەرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.


تۈركىيە «ئىلەتىشىم» نەشىرىياتى 2011- يىلى نەشىر قىلغان «ساددا ۋە ئويچان يازغۇچى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:44:15

ئەمەلىيەتتە كاللىمىزدا ئويلىغىنىمىز خىيالىمىز ئويىمىز تەسەۋۋۇرىمىز شۇ ھەقىقىي رېئاللىق.
كۆز بىلەن كۆرۈپ قول بىلەن تۇتۇپ بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىۋاتقىنى بولسا مەۋھۇم ۋە ھەقىقىي يوقلۇقتۇر.
شۇڭا مەن ئويلايمەن،
ئىسلامنىڭ جەۋھىرىمۇ ھەم كىشىلەرنى روھىيەتتىكى يۈكسەك تەڭپۇڭلۇققا ئېلىپ كېلىش. ئىسلام ئارقىلىق تەسەللىي تېپىش، ئۈمىد تېپىش ۋە دۇئالار ئارقىلىق ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:09:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى!
   مەن يۇقىرىدىكى ماقالىنى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا «تارىم» ژورنىلىغا ئەۋەتكەن ئىدىم. ئاخشام بۇ ماقالىنىڭ باشقا بىر تەرجىمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ يەنە بىر ژورنالدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇ تەرجىمىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. ئۆزگىچە بىر تەرجىمە بوپتۇ، دەپ ئويلىدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ تەرجىمىسىنى تورغا يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:46:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 10:57  

ئورخان پامۇكنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى ھەرقانداق كاتتا يازغۇچىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان، پەقەت ئۆزىگىلا ئوخشايدىغان قىلىپ تۇرغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىگە قىززىقىپ ئويلانغانسېرى ھەيران قالدىم...
ئۇ سىر ۋە سېھىرگە تويۇنغان تىل ھەم بەدئىيلىك ئىمكانلىرى بىلەن ئوقۇرمەننى  بەدئىي سەيىر ئەتكۈزۈشكە ئۇستا يازغۇچىكەن. ئۇ رومانلىرىدا ئوقۇرمەننىڭ كاللىسى ۋە قەلبىنى ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا ئەركىن باشلاپ بېرىپ يېپ-يېڭى ۋە ھەقىقى رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كاللىسى ۋە قەلبى روھىي قۇۋۋەت قارشىسىدىكى ئاسارەت، چۈشەك ھەم رامكىلاردىن تازىلانغان قۇش پېيىدەك يەڭگىل ئىنسانكەن. ئۇ كاللىسىدىكى، تۇيغۇ-ھىسىىياتىدىكى ۋە تەسەۋۋۇرىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى  قەلەمگە ئالالايدىكەن. ئىنسان تەبىئىتى رئېاللىغىدىكى ئەركىن بوشلۇقنى ئۆزىنىڭ ئويچان، ئاقىل ۋە سەزگۈر خارەكتېرى بىلەن تۇتىۋالالايدىكەن، دەڭسىيەلەيدىكەن، تاسقىيالايدىكەن ۋە تەشكىللىيەلەيدىكەن...

almali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:53:42

نومۇسسىز، شەرمەندە ئوغرىلارغا سۈكۈت قىلالمىدىم.
كەچۈرۈڭ ئىنىم ئەنىۋەر!
ئۆزىنىڭ قىلىمەن دەپ بىر مۇنچە يەرنى بۇزۇپتۇ ئۇ ئوغرى تەرجىمان.

almali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:56:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   almali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 10:11  

ئوغۇرلۇق ھەققىدە گەپ بولسىلا، كونا خاماننى سورىمايلىيەي، ئەپۇچان بولايلىيەي، غەيۋەت قىلمايلىيەي، ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكتىيەي دەپ نەچچە يىلدىن بېرى توختىماي شاتۇتتەك تەكرارلاۋاتقان گەپلىرىنى تەكرارلاپ بىر توپ ئوغرىپەرۋەرلەر ئاللاھنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ بىردەمگىچە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:08:42

يازغۇچىلاردىكىسى بەكلا بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ.

almali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:15:09

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 10:08 static/image/common/back.gif
يازغۇچىلاردىكىسى بەكلا بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ.

بۇزمىسا قانداق ئۆزىنىڭ قىلالايدۇ.
بىر چاغلاردا ۋېلىسىپىت ئوغرىلىرى بار ئىدى ئۈرۈمچىدە، ئوغۇرلىغان ۋېلسىپىتنىڭ راملىرىنىڭ سىرىنى ئازراق چۈشۈرىۋېتىپ، بەزى يەرلىرىنى ئازراق ئىگىپ قويۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قىلىپ ساتاتتى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:17:19

:(

almali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:20:07

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 10:08 static/image/common/back.gif
يازغۇچىلاردىكىسى بەكلا بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ.

بۇرۇن بىر ئوغرىلار بولىدىغان ۋېلىسىپىت ئوغۇرلايدىغا. شۇلار ئوغۇرلىغان ۋېلىسىپىتنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ سىرىنى چۈشۈرۈپ، بەزى يەرلىرىنى ئېگىۋېتەتتى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:39:10

كۆچۈرىدىغاننى كۆچۈرىۋىلىپلا، گېپى چوڭ تېخى، مۇنداق قىلىپسەن دىسە سىزدىن بەكىراق سەكرەيدىكەن، يەنە تېخى شۇلارنىڭ گېپى راست بولىدىكەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:56:16

ئەدەبىي خاراكتېر، ۋەقەلىك زەنجىرى،  ۋاقىت

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھامىت

تۇرمۇشتا ئەستايىدىل بولۇشنى، ياشلىقىمدا رومانلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆگەندىم. ئەدەبىي رومانلار بىزگە تۇرمۇشتا ئەستايىدىل بولۇشنى، ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، شەخسىي قارارلىرىمىزنىڭ ھاياتىمىزنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. شەخسىي قارار ۋە تاللاشلار ئاز بولىدىغان يېپىق، يېرىم يېپىق ئەنئەنىۋىي جەمىيەتلەردە رومان سەنئىتى دېمىسىمۇ تۈزۈك راۋاج تاپالمايدۇ. راۋاج تاپسىمۇ، ئەدەبىي بايانلار غەلىتە شەكىلدە، كىشىلەرنىڭ شەخسى ئالاھىدىلىكلىرى، تۇيغۇلىرى ۋە تاللاشلىرى ئۈستىگە بەكرەك مەركەزلىشىپ كېتىپ، بىزنى تۇرمۇش، ھايات ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ بېقىشقا چاقىرىدۇ. ئەنئەنىۋىي بايانلارنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ رومان ئوقۇشقا باشلىغان چېغىمىزدا، ئاللاھنىڭ، پادىشاھلارنىڭ، پاشالارنىڭ، ئارمىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە قارارلىرىنىڭ يېنىدا، بىزنىڭ ئۆز دۇنيارىمىز ۋە تاللاشلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم بولالايدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ ئاجايىپ بولغىنى، ئۆز تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىمىزنىڭمۇ ئاجايىپ-غارايىپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايمىز. ياشلىقىمدا تىنىم تاپماي رومان ئوقۇغان چاغلىرىمدا، ئەركىنلىك بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئارىسىدىكى بۇ تۇيغۇنى ئىچىگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم.
رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ «خاراكتېرى»، دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىختىيارسىز ھالدا مەنزىرە(ۋەقەلىك، تەسۋىر، پىرسۇناژ ۋە بايانلار بىرلىكتە شەكىللەندۈرگەن ئومۇمىي كۆرۈنۈش.ت)گە كىرىپ كېلىدۇ. چۈنكى رومان ئوقۇش، دۇنياغا رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ كۆزى، ئەقلى، روھى بىلەن نەزەر سېلىشتۇر. مودېرنىزىم مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى چاغلاردىكى ھېكايىلەر، داستانلار، مەسنەۋىلەر، ئۇزۇن شېئىرى ئەسەرلەر دۇنيانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۇقتىسىدىن تەسۋىرلەيتتى. بۇ خىل كونا بايان ئۇسۇلىدا، ئەدەبىي قەھرىمانلار بىر مەنزىرەنىڭ ئىچىدە، بىز ئوقۇرمەنلەر بولساق سىرتىدا بولاتتۇق. رومانلار بولسا بىزنى مەنزىرەنىڭ ئىچىگە دەۋەت قىلىدۇ، دۇنيانى، ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ كۆزى بىلەن، ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرى، مۇمكىن بولسا ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى بىلەن كۆرىمىز.(تارىخىي رومان، ئۆتكەن بىر مەزگىلنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمىلىككە ئىگە بىر ژانىردۇر. لېكىن  سۈنئىيلىكى ۋە چەكلىمىلىكلەر ئېتىراپ قىلىنسا تارىخى رومان مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ.) دۇنيا، ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈلگەندە بىزگە تېخىمۇ يېقىن ۋە چۈشىنىشلىك كۆرۈنىدۇ. رومانلارنىڭ كۈچى دەل مۇشۇ يېقىنلىق سەۋەبىدىن بەرداشلىق بەرگۈسىز بولىدۇ. لېكىن ئاساسلىق مەسىلە روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ  «خاراكتېرى» ئەمەس، ئۇلارنىڭ دۇنيالىرىدۇر. ئەدەبىي روماندىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى، دۇنيادىكى ئورنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ خىيالىدىن كەچكەن بۇ دۇنيادىكى كەچۈرمىشلىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە دۇنيانى كۆرۈشىدۇر.
شەھىرىمىزگە تەيىنلەنگەن يېڭى ۋالىنىڭ خاراكتېرىگە قىزىقىمىز. مەكتىپىمىزگە كەلگەن يېڭى مۇئەللىمنىڭ خۇيلىرى( ئۇرامدۇ ياكى كۆيۈمچانمۇ؟) مۇھىمدۇر. بىز بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان يېڭى خىزمەتداشىمىزنىڭ خاراكتېرى ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپەتلىرىدىن ئاۋۋال «خاراكتېرلىرى»گە، تېخىمۇ توغرىسى ئۇلارنىڭ خۇيلىرى، ئادەتلىرىگە قىزىقىمىز. ئاتا-ئانىمىزنىڭ خاراكتېرىنىڭ بىزگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. (شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ باي ياكى كەمبەغەل، تەربىيە كۆرگەن، كۆرمىگەنلىكىنىڭ بىزگە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىن بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى.) كىم بىلەن توي قىلىش مەسىلىسى بولسا، ھاياتتىكى ۋە جەين ئائۇستېندىن ھازىرغىچە_ئاننا كارېنىنامۇ شۇنىڭ ئىچىدە_ يېزىلغان رومانلارنىڭ ۋە كېيىنكى چاغلاردا مودا بولغان مېلودراماتىك كىنولارنىڭ ھەقلىق رەۋىشتىكى ۋە ۋاز كېچىلمەس تېمىسىدۇر. بۇ مىساللارنى ھاياتتىكى مەجبۇرىيەتلەر سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ خۇي ۋە ئادەتلىرىگە نىسبەتەن بىزدە پەيدا بولغان كۈچلۈك، لېكىن مەنبەسى پەقەتلا ئەدەبىي بولمىغان قىزىقسىنىشلىرىمىزنى ئەسلىتىش ئۈچۈن تىلغا ئېلىپ تۇرۇپتىمەن. (غەيۋەت-شىكايەت ئاڭلاش ئىھتىياجىمۇ بۇ خىل قىزىقىسىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.) رومانلاردا خاراكتېرنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىپ كېتىشىمۇ بۇ خىل قىزىقسىنىشنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل قىزىقسىنىش، ئۆتكەن بىر يېرىم ئەسىردىكى رومانلاردا تۇرمۇشتا بولغىنىدىنمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىپ، كالامپايلىققا ۋە ئاسان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
خومەروسقا نىسبەتەن خاراكتېر ھەر زامان ئۆز پېتى تۇرىدىغان ئېنىق بىر سۈپەت، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك ئىدى. ئودىسىيەس قورقۇنچاقلىقى ۋە دىلىغۇللىقىغا قارىماي، ھەر ۋاقىت «ئۇلۇغ قەلب ئىگىسى»دۇر. ئەۋلىيا چەلەبى بولسا، ئىنسان خاراكتېرىنى ئۆزى كەزگەن شەھەرلەرنىڭ ئىقلىم ئالاھىدىلىكلىرى، سۈيى، ھاۋاسى دېگەندەك تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر قىسمىدەك كۆرەتتى. «ترابزوننىڭ ھاۋاسى يامغۇرلۇق، ئادەملىرى قوپال كېلىدۇ» دېگەندەك بايان قىلاتتى ئەۋلىيا چەلەبى. بىر شەھەردە ياشايدىغان ھەممە كىشىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش دېيىلسە، بۈگۈن بىز كۈلۈپ كېتىمىز، لېكىن ھەر كۈنى مىلىيونلىغان كىشىلەر ئوقۇپ ئىشىنىپ قالىدىغان گېزىتلەرنىڭ «يۇلتۇز پالى» سەھىپىلىرىمۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا تۇغۇلغانلارنىڭ ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە بولىدىغانلىقىدەك گۆدەكلەرچە چۈشەنچىلەرگە ئاساسلىنىدۇ.
ئەدەبىياتتا ۋە كېيىن 19- ئەسىر رومانلىرىدا مەيدانغا كەلگەن زامانىۋىي خاراكتېر چۈشەنچىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا شېكېسپىرنىڭ بارلىقىغا، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ ئىشىنىمەن. شېكېسپىر، بولۇپمۇ شېكېسپىر تەتقىقاتى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى خاراكتېرنى ئاساسلىق ۋە بىردىنبىر ئالاھىدىلىك، ( مولىيەرنىڭ «خەسىس»ى شۇنچە زۇۋاندازلىقىغا قارىماستىن ھەمىشە ۋە پەقەت خەسىس سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ) تارىخىي ياكى سىمۋوللۇق بىردىنبىر رول بولۇشتىن قۇتۇلدۇردى ۋە بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشقان مەقسەت ۋە خاھىشلار، شۇنداقلا شەرت-شارائىتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان مۇرەككەپ بىر نەرسە ھالىغا كەلتۈردى. دوستويېۋىسكىنىڭ ئىنسان چۈشەنچىسى، ئاسانلىقچە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدىغان بۇ مۇرەككەپ نەرسىنىڭ، زامانىۋىي ئىنسان چۈشەنچىسىنىڭ مۇكەممەل بىر نەتىجىسىدۇر. لېكىن دوستويېۋىسكى ئەسەرلىرىدە «خاراكتېر» ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋە تېخىمۇ بەلگىلىگۈچى بىر نەرسىدۇر ۋە رومانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇنىڭغا تامغىسىنى ئۇرىدۇ. دوستويېۋىسكى ئەسەرلىرىنى ھاياتنى ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز. «ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار» ئاتلىق بۇ كاتتا روماننى ئوقۇش، بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىش،  ئۈچ قېرىنداش ئۈستىدىن ئۈچ خىل ئىنسان تىپى، خاراكتېرى ھەققىدە مۇلاھىزە، مۇنازىرە قىلىشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. خۇددى شىللېرنىڭ ساددا ۋە ھېسياتچان خاراكتېرلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردەك، ئادەم دوستويېۋىسكى ئەسەرلىرىنى ھەم پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا، ھەم ھاياتنىڭ نەق مۇشۇنداق بولمايدىغانلىقىنى خىيال قىلغاچ ئوقۇيدۇ.
ئىلىم-پەننىڭ «دۇنيانىڭ قائىدىلىرىنى بايقىشى» ۋە كېيىنرەك مۇسبەتچىلىك(پوزىتىۋىزىم)نىڭ تەسىرىدە 19- ئەسىر رومانچىلىرى ئۆزلىرىنى زامانىۋىي ئىنسان روھىنى تەتقىق قىلىش مەجبۇرىيىتى باردەك ھېس قىلىشتى ۋە  دەۋرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇناسىپ ئوبراز ۋە مۇكەممەل خاراكتىرلەرنى، «تىپ» لارنى يارىتىشتى. ئې. م. فورستېر 19- ئەسىر رومانلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن «رومان سەنئىتى» دېگەن زور تەسىرگە ئىگە كىتابىدا رومان پىرسۇناژلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرگە ئەڭ كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، رومان قەھرىمانلىرىنىڭ تۈرلىرى، سىنىپلارغا ئايرىلىشى، قانداق يارىتىلىپ، قانداق تەرەققى قىلدۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ كاللا قاتۇرغانىدى. بۇ كىتابنى رومانچى بولۇشنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ يۈرگەن 20 نەچچە ياش چاغلىرىمدا ئوقۇغىنىمدا، بىر تەرەپتىن ئىنسان «خاراكتېرى»نىڭ ھاياتتا بۇنچىۋالا مۇھىم بولمايدىغانلىقىنى خىيال قىلاتتىم، لېكىن ئەگەر رومانلاردا مۇھىم بولسا ھاياتتىمۇ مۇھىم بولىشى كېرەك، مەن زادى ھاياتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن، دەپ ئويلايتتىم؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر رومانچىنىڭ، توم جونېس، ئىۋان كارامازوۋ، بوۋارى خانىم، گورىئو بوۋاي، ئاننا كارېنىنا ياكى ئولىۋېر تۋىست كەبى ئۇنتۇلغۇسىز قەھرىمانلارنى يارىتىشىنىڭ لازىملىقىدەك بىر نەتىجە چىقىراتتىم. ياش چېغىمدا بۇ ئىشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىۋالغان بولساممۇ، كېيىنكى چاغلاردا ھېچبىر رومانىمغا بىرەر قەھرىماننىڭ ئىسمىنى قويالمىدىم.
رومان قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتېرلىرىگە، ئاجايىپ-غارايىپلىقلىرىغا، ئۇنۇتۇلماسلىقلىرىغا نىسبەتەن كۆرسىتىلگەن ھەددىدىن زىيادە ۋە بىر تەرەپلىمە دىققەت –ئېتىبارلار، ياۋرۇپادىن پۈتۈن دۇنياغا، خۇددى روماننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تارقالدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە پۈتۈن 20-ئەسىر بويىنچە دېگۈدەك ياۋرۇپانىڭ سىرتىدىكى رومانچىلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىرىگە ۋە ھېكايىلىرىگە رومان دېگەن بۇ چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئويۇنچاقنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بىلەن نەزەر سېلىشىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە  ئىۋان كارامازوۋ،  دونكىخوت  يارىتىشنى ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىۋېلىشتى. تۈرك ئوبزورچىلىرى 1950- ۋە 60- يىللاردا ئۆزلىرى ياقتۇرغان يېزا تېمىسىدىكى رومانلارنى « يوقسۇل بىر تۈرك يېزىسىدىنمۇ ھاملېت، ئىۋان كارامازوۋنىڭ چىقالايدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دەپ پەخىرلىنىپ ماختىشىپ كېتىشەتتى. ۋالتېر بېنجامىن ھەۋەس قىلىدىغان رۇس يازغۇچى نىكولاي لېسكوۋنىڭ ئەڭ داڭلىق رومانىنىڭ ئىسمىنىڭ « متېنسكلىق مەكبېس خانىم» بولۇشى،  مەسىلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.(ئەسلىدە رومان مەكبېستىن بەكرەك «بوۋارى خانىم»نىڭ تەسىرى ئاستىدا يېزىلغان ئىدى.) غەربنىڭ مەركەزلىرىدە يارىتىلغان خاراكتېرلارنى، ئۆزگەرمەس بىر قېلىپقا ئوخشاش رومان سەنئىتى ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان غەيرى غەرب دۆلەتلىرىگە، خۇددى مارسېل دۇچامپنىڭ تەييار سەنئەت بويۇمىدەكلا توشۇپ كېلىش، بۇ يازغۇچىلارغا ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەرنىڭ «خاراكتېرلىرى»نىڭمۇ غەربلىكلەرگە ئوخشاش تېرەن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىدەك بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە تەسەللى بېرەتتى.
ئەدەبىي پىرسۇناژلارنىڭ «خاراكتېرى» دېگەن نەرسىنىڭ، بولۇپمۇ رومانلاردا، كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان، سۈنئىي نەرسە ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە تەنقىدى چۈشەنچىلەر ئۇزۇن مەزگىل ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. شىللېرنىڭ نەرسىلەرنىڭ «سۈنئىي» تەرىپىنى كۆرمىگەن كىشىلەرنى «ساددا» دېگەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالايلى ۋە ئەدەبىي پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ سۈنئىيلىكى ھەققىدە پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نېمىشقا بۇ قەدەر زۇۋانسىز ۋە «ساددا» تۇرۇۋالغانلىقىنى بىزمۇ ساددىلىق بىلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بارلىق يازغۇچىلارغا خۇددى بىر كېسەلدەك ئاسانلا يۇقۇپ قالغان ۋە «ئىلمىي» تۇيۇلىدىغان پىسخىلوگىيە ھېرىسمەنلىكى تۈپەيلىدىنمۇ؟ پۈتۈن ئىنسانلارنى، ھەر زامان، ھەر يەردە ئوخشاش بولىدۇ، دەپ قاراپ قالغان ساددا ۋە تومپاي بىر خىل گۇمانىست(ئىنسانسۆيەرلىك) ھاياجان تۈپەيلىدىنمۇ؟ غەرب ئەدەبىياتىنىڭ، كىچىك ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئاز چەت-ياقا دۆلەتلەردىكى ھاكىممۇتلەق ئىمتىيازى تۈپەيلىدىنمۇ؟
بەك ياقتۇرۇلغان ۋە فورستېر ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن سەۋەپ بولسا، رومان يېزىلىۋاتقاندا، ئەدەبىي قەھرىمانلارنىڭ ۋەزىيەتنى، ۋەقەلىكنى ۋە ھېكايىلەرنى كونترول قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىدۇر. سىرلىق تۇيۇلىدىغان بۇ قاراشقا نۇرغۇن يازغۇچى خۇددى بىر ئەپسانىگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىدۇ: رومانچىنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ۋە ئەسلىدە قىلىشى كېرەك بولغان ئىش بىر قەھرىماننى ئىجات قىلىشتۇر! يازغۇچى بۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان چاغدا، روماندىكى قەھرىمان، رومانچىغا روماندا ئەمدى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، تىياتىرلاردىكى سىنارىيە يېتەكچىلىرىدەك پىچىرلاپ دەپ بېرەتتى. روماندا نېمىنى يازىدىغانلىقىمىزنى  رومانچىلار ئەسەردىكى ئەدەبىي خاراكتېرلاردىن ئۆگىنىپ يېزىشىمىز كېرەك، فورستېرنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ مۇشۇ ئىدى. بۇ چۈشەنچە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ ھاياتىمىزدىكى مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. پەقەت نۇرغۇن رومانچىنىڭ، ۋەقەلىك زەنجىرى ۋە ھېكايىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپلا رومانلىرىنى يېزىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە پەقەت مۇشۇنداق يېزىپ چىقالىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە بىر سەنئەت ۋە ھۈنەر بولغان رومان يېزىش ۋە ئوقۇشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپىنى ئىشارەت قىلىدۇ: رومانلار ئۇزايغانسېرى، بارلىق تەپسىلاتلارنى پىلانلاش، ئەستە تۇتۇش ۋە روماننىڭ نېگىزىنى ھېس قىلدۇرۇش تەسلىشىدۇ.
ئەدەبىي قەھرىمانلار ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى روماننىڭ مەركىزىگە يەرلەشتۈرۈش تەرەپدارى بولغان بۇ كۆز-قاراشلار ساددىلىق بىلەن ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا شۇنداق قۇبۇل قىلىنغانكى، ئىجادىي يېزىقچىلىق مەكتەپلىرىدە رومان يېزىشنىڭ پىرىنسىپى سۈپىتىدە ئۆگىتىلىدۇ. ئىنساننىڭ «خاراكتېر» دېيىلگەن تەرىپىنىڭ بىر توقۇلما ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىي قەھرىمانلارنىڭمۇ خۇددى خاراكتېرگە ئوخشاش بىر سۈنئىيلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەش ئۈچۈن بۇ لىكسىيەمگە تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغدا ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چوڭ كۈتۈپخانىلىرىدىنمۇ تۈزۈك بىر نەرسە تاپالمىدىم. رومان قەھرىمانلىرىنىڭ ئۇنۇتۇلماس خاراكتېرلىرى ھەققىدە سۆزلەنگەن پاساھەتلىك نۇتۇقلار، خۇددى تۇرمۇشتىكى تونۇش-بىلىشلىرىمىزنىڭ «خاراكتېر»لىرى ھەققىدىكى غەيۋەت-شىكايەتلەرگە ئوخشاشلا، كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت قۇرۇق گەپلەردۇر، خالاس.
رومان سەنئىتىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك غېمىنىڭ ھاياتقا توغرا ۋەكىللىك قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇدۇللا ئېيتاي: ئىنسانلاردا رومانلاردا، بولۇپمۇ 19-،20- ئەسىر رومانلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇنداق«خاراكتېر» ئەسلىدىنلا بولمايدۇ. بۇ جۈملىلەرنى 57 يېشىمدا يېزىۋاتىمەن. ئۆزۈمدىمۇ رومانلاردىكىگە ئوخشاش _ ياۋرۇپا رومانلىرىدىكىگە ئوخشاش دېيىشىم كېرەكمۇ-يا؟_ بىر «خاراكتېر»نى پەقەتلا كۆرەلمىدىم. ئىنسان خاراكتېرى ھاياتىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدە، غەرب رومانلىرى، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئوبزورلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇنچىۋالا مۇھىممۇ ئەمەستۇر. رومانچىلارنىڭ بۇنى بىرىنچى مەقسەت قىلىۋېلىشىمۇ، بىز ياشاۋاتقان ھاياتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
لېكىن ئەلۋەتتە، خاراكتېر ساھىبى بولۇشنىڭ، خۇددى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن كېيىنكى مەزگىللەردىكى رەسىملەردە  ئۇسلۇپ ساھىبى بولۇشتەك، زامانىۋىي دۇنيادىكى كىشىلەر توپىدىن، باشقىلاردىن پەرقلىك بولۇشتەك  ئېتىبارلىق بىر تەرىپىمۇ باردۇر. لېكىن بۇ يەردە بەلگۈلەش خاراكتېرلىق رول ئوينايدىغان نەرسە رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان مەنزىرە ئىچىگە جايلىشىشى، ۋەقەلەر ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كېتىشىدۇر.
رومان يېزىۋاتقاندا ئىچىمدىكى تۇنجى، كۈچلۈك تۈرتكە، ماڭا تونۇشلۇق بولغان بەزى تېمىلارنى سۆزلەر ئارقىلىق «كۆرۈش»، يېڭى بىر يەرلەرگە كېتىش، تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان بىر رايونىنى ئىزدەش، مەن بىلەن بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى، تۇيغۇلارنى، ئىش ۋە نەرسىلەرنى تۇنجى بولۇپ قەلەمگە ئېلىشتۇر. ئىنسانلار، نەرسە-كېرەكلەر، ھېكايىلەر، كۆرۈنۈشلەر، ۋەزىيەت، ئېتىقاد، تارىخ ۋە پۈتۈن بۇلارنىڭ بىر يەرگە كېلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر توقۇم(توقۇلغان نەرسە) ئالدى بىلەن كاللامدا بولغان بولىدۇ. مەن بۇ توقۇمنى توقۇش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغان بەزى قېلىپلار ۋە تىراگىدىيەلەشتۈرمە، گەۋدىلەندۈرۈشنى، تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىستەپ قالغان ئەھۋاللارمۇ كاللامدا بولغان بولىدۇ. مەيلى خاراكتېرلىرى كۈچلۈك بولسۇن، ياكى ماڭا ئوخشاش خاراكتېرى مۇھىم بولمىغان بولسۇن، رومان پىرسۇناژلىرىغا بۇ يېڭى رايونلارنى، نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىش، تەتقىق قىلالاش ئۈچۈن مۇھتاج بولىمەن. رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرىنى، خۇددى تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاش ئۇلار ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھېكايىلەر ۋە ۋەزىيەت بەلگۈلەيدۇ. بىر روماندىكى ھېكايە ياكى ۋەقەلىك زەنجىرى، مەن ئاڭلاتماقچى بولغان خىلمۇ-خىل ۋەزىيەت ۋە ئەھۋاللارنى ياخشى بىر شەكىلدە بىرلەشتۈرىدىغان سىزىق؛ رومان پىرسۇناژلىرى بولسا، بۇ ئەھۋال ۋە ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان، مەن ئوبدانراق ئاڭلىتىشنى ئىستىگەن ئەھۋال ۋە ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
روھى جەھەتتىن ماڭا ئوخشىسۇن، ئوخشىمىسۇن، ئالدىرىماي تەسەۋۋۇر قىلىپ، ياراتقان پىرسۇناژلار بىلەن كۈچۈمنىڭ بارىچە ياخشى ئۆزلىشىپ چىقىپ  روماندىكى دۇنيانى پىرسۇناژلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تېرىشىمەن. رومان سەنئىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرى ئەمەس، روماندىكى دۇنيانىڭ ئۇلارنىڭ كۆزىگە قانداق كۆرۈنگەنلىكىدۇر. بىر كىشىنى چۈشىنىش، ئەخلاقى باھالاردىن ئاۋۋال، دۇنيانىڭ ئۇ كىشىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىلىمگە، ھەم تەسەۋۋۇر كۈچىگە مۇھتاجمىز. بىر رومانچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  ئاساسلىق ئىشىمنىڭ روماندىكى بارلىق پىرسۇناژلار بىلەن قولۇمدىن كېلىشىچە بىر-بىرلەپ ئۆزلىشىپ چىقىش، يازغان رومانىمدا ئاڭلىتىلىدىغان دۇنيانى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ چىقىش ئىكەنلىكىنى دائىما ئەستە تۇتۇشقا تېرىشىمەن. رومان سەنئىتىنى سىياسىيلاشتۇرغان نەرسە، يازغۇچىلارنىڭ سىياسىي كۆز-قارىشى ياكى ئۇلار تەۋە بولغان پارتىيەلەر ئەمەس؛  كۈلتۈر، سىنىپ، جىنسىيەت قاتارلىق  تەرەپلەردە بىزگە ئوخشىمايدىغان بىرسىنى چۈشىنىش، ئەخلاقىي، كۈلتۈرىي، سىياسىي تارازىلاردا تارتىشتىن بۇرۇن ھېسداشلىق قىلىش، يەنى بۇ تونۇشۇش ئىھتىياجى ۋە ئۇنىڭ كۈچىدۇر.
يازغۇچىنىڭ قەھرىمانلار بىلەن ئۆزلىشىشىنىڭ، بولۇپمۇ كىتاب جۈملىمۇ جۈملە يېزىلىۋاتقاندا، بالىلارچە بىر تەرىپى بولىدۇ. بالىلارچە لېكىن، «ساددا» بولمىغان. قەھرىمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ ئۆزلىشىۋاتقان چاغدىكى روھىي دۇنيارىم، بالىلىق  چېغىمدا ئۆزۈم يالغۇز ئويناۋاتقان چاغدىكىگە ئوخشايدۇ: بارلىق بالىلارغا ئوخشاش، ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، خىيالى دۇنيارىمدا ئۆزۈمنى بىر ئەسكەر، داڭلىق بىر پۇتبولچى ياكى قالتىس بىر قەھرىماندەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.( جېن پائۇل سارترې ئوتوبىئوگرافىيەسى <سۆزلۈكلەر> دە، بالىلارچە <...كەبى قىلماق> بىلەن يازغۇچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى شېئىرىي رەۋىشتە ئىپادىلەپ بەرگەنىدى.) يازغان رومانلىرىمنىڭ شەكىل ئويۇنلىرىمۇ، يېزىقچىلىق زوقىمغا بالىلارچە بىر خىل خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. رومان يېزىپ تۇرمۇشىمنى قامداشقا باشلىغاندىن كېيىنكى 25 يىلدا، بالىلىقىمدا ئوينىغان ئويۇنلارنى يېڭىباشتىن ئويناشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كەسپىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەبرىكلىگەن ئىدىم: رومانچىلىق، پۈتۈن قىيىنچىلىقلار ۋە سەرپ قىلىش كېرەك بولغان زور ئەمگەكلەرگە قارىماي، ماڭا ھەمىشە بەك كۆڭۈللۈك بىر كەسىپ بولۇپ  كەلدى.
بۇ تونۇشۇش جەريانى پۈتۈنلەي بالىلارچە بولىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي «ساددا» بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جەريان كاللامنى تولۇق ئىگەللىۋالمايدۇ. كاللامنىڭ بىر يېرىدە، كىچىك بالىدەك باشقىلارنى تەقلىت قىلىپ قەھرىمانلىرىمنىڭ ئۆز ئاۋازىنى چىقىرىش بىلەن، باشقا بىرسىدەك بولۇش بىلەن مەشغۇل بولسام، يەنە بىر يېرىدە روماننىڭ تولۇق گەۋدىسىنى دىققەت بىلەن ئويلىشىمەن، روماننىڭ ئاساسلىق تېكىستىنى تەكشۈرىمەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرنى، پىرسۇناژلارنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى، كۆرىدىغانلىقىنى، قانداق باھالايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، يازغان جۈملىلىرىمنىڭ قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىشقا تېرىشىمەن. پۈتۈن بۇ ئىنچىكە ھېساب-كىتابلار، بالىلىقتىكى ساددىلىقنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش سەۋىيەسىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە روماننىڭ سۈنئىي، رومانچىنىڭ بولسا «ئويچان» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بىر رومانچى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نە قەدەر «ساددا» ۋە نە قەدەر «ئويچان» بولالىسا، شۇنچىلىك ئوبدان يازالايدۇ.
رومانچىلارنىڭ باشقىلار بىلەن بالىلارچە ئۆزلىشىشكە مايىل ساددا تەرىپى بىلەن، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى ۋە بۇ سەۋەپتىن تېخنىكىلىك غەملەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرىيدىغان ئويچان تەرىپىنىڭ توقۇنىشىغا_ ياكى ماسلىشىشىغا_ ياخشى بىر ئۆرنەك، ھەر بىر يازغۇچىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆزلىشىش تالانتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇر. رومان سەنئىتى ئۆزىمىز توغرۇلۇق خۇددى باشقا بىرسى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقاندەك، باشقا بىرسى ھەققىدە بولسا خۇددى ئۆزىمىز توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتقاندەك سۆز ئېچىش ھۈنىرىدۇر. خۇددى ئۆزىمىز ھەققىدە باشقا بىرسى توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتقاندەك سۆز قىلالىشىمىزنىڭمۇ بىر چېكى بولغىنىدەك، ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويالىشىمىزنىڭمۇ بىر چېكى بولىدۇ. كۈلتۈر، تارىخ، سىنىپ ۋە جىنسىيەت پەرقلىرىدىن ھالقىپ ھەر خىل قەھرىمانلارنى يارىتالاش_ ئۆزىمىزدىن سىرتقا چىقىپ پۈتۈنلۈكنى كۆرۈش، تەتقىق قىلىش ئىستىكى_ رومان يېزىش ۋە ئوقۇشنى جەلىپكار قىلغان ئاساسلىق ئەركىنلەشمە تۈرتكىسى بولغانغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ئىنساننى «چۈشىنىش» ىنىڭ چەك-چىگرالىرىنى تونۇپ يېتىش دېگەنلىكتۇر.
رومان يېزىش ۋە ئوقۇشنىڭ، ئەركىنلىشىش، باشقا ھاياتنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۆزىنى باشقا بىر ئادەم دەپ خىيال سۈرۈش بىلەن ئالاقىدار بولغان ئەخلاقىي بىر تەرىپى باردۇر. بۇ رومانچىلىقنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلۇق بىر تەرىپىدۇر: يازغۇچى ئۆز ئىرادىسى بىلەن تەتقىق ۋە تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ ئورنىغا قويغاندا، ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايدىغانلىقىنى دېمەكچىمەن. رومانچى دۇنيانى يالغۇز رومان قەھرىمانلىرىنىڭ كۆزلىرى بىلەنلا كۆرمەيدۇ، ئاستا-ئاستا روماندىكى قەھرىمانلارغا ئوخشاپ قېلىشقا باشلايدۇ! رومانچىلىقنى، مېنى ئۆز كۆرۈش نۇقتامدىن سىرتقا چىقىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرىمەن. رومانچىلىقنىڭ سايىسىدە باشقىلار بىلەن ئۆزلىشىش، ئۆزۈمنىڭ سىرتىغا چىقىش ئارقىلىق ئۆزۈمدە بۇرۇن بولۇپ باقمىغان بىر خاراكتېرگە ئىگە بولدۇم. رومانلارنى يازا-يازا ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، روھىمنى ئوتتۇز بەش يىل تەربىيەلىدىم.
ئۆزىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىش، ھەممە ئادەمنى، ھەممە نەرسىنى، بۈيۈك پۈتۈنلۈكنى كۆرۈشكە قادىر بولۇش، مۈمكىنقەدەر جىق كىشى بىلەن ئۆزلىشىپ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈش __ رومانچىنى، بىر پۈتۈن مەنزىرىنىڭ شېئىرىي گۈزەللىكىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئېگىزلىكلەرگە، يۈكسەك تاغلارغا چىققان بۇرۇنقى زامانلاردىكى جۇڭگولۇق رەسساملارغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. جۇڭگو مەنزىرە رەسىم ئۇستازلىرى ھەممە نەرسە يۇقىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنىدىغان بۇ رەسىملەرنى مۈمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان كۈزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىيالىي بىر تەسەۋۇر ئىكەنلىكىنى، ھېچبىر رەسسامنىڭ ئەسلىدە تاغ چوققىلىرىغا چىقمىغانلىقىنى، ساددا ھەۋەسكارلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشىدۇ. ئوخشاش شەكىلدە روماندىكى يېزىقچىلىقمۇ بىر پۈتۈنلۈكنى كۆرگىلى بولىدىغان خىيالىي بىر كۆرۈش، كۈزىتىش نۇقتىسى ئىزلەش جەريانىدۇر. بۇ خىيالىي نۇقتىدىن روماننىڭ نېگىزى، مەركىزى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ھېس قىلىنىدۇ.
رومان پىرسۇناژلىرىنى ئۇنۇتۇلماس قىلغان نەرسە دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ بىر پۈتۈن مەنزىرە ئىچىدە كېزىپ يۈرىشى، بۇ مەنزىرە بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كېتىشىدۇر. ئاننا كارېنىنانى ئۇنۇتۇلماس قىلغان نەرسىمۇ ئۇنىڭ روھىدا يۈز بەرگەن داۋالغۇشلار ياكى ئۇنىڭ «خاراكتېرى» ئەمەس بەلكى ئۇ روماننىڭ ئىچ-ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىلگەن ۋە بارلىق تەپسىلاتلارنى بىزگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن مول ۋە كەڭ كۆلەمدىكى مەنزىرەدۇر. بۇ بىر پۈتۈن رۇس جەمئىيىتىنىڭ نەق ئۆزىدۇر. روماننى ئوقۇش جەريانىدا ھەم بۇ مەنزىرىنى رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆرىمىز ھەم رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ مەزمۇنغا باي بىر پۈتۈن مەنزىرەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. كېينچە پىرسۇناژلار ئاشۇ مەنزىرەنى بىزگە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان مۇھىم بىر بەلگە ۋە سىمۋولغا ئايلىنىدۇ. دون كىخوت، داۋىد كوپپېرفىلد(David Copperfield)، ۋە ئاننا كارېنىناغا ئوخشاش ئۇزۇن ۋە چوڭ ھەجىملىك رومانلارنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ  پۈتۈن مەنزىرىنى ئەسلىتىدىغان سىمۋوللۇق رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا «مەنزىرە» دەپ ئاتالغان روماننىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى ئېسىمىزدە قالىدۇ، لېكىن بىز باش قەھرىمانلار ئېسىمىزدە قالغاندەك ئويلاپ قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن باش قەھرىمان ۋە روماننىڭ ئىسمى رومان بىزگە شەكىللەندۈرۈپ بەرگەن ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ ئىسمىمۇ بولۇپ قالىدۇ.
رومان پىرسۇناژلىرىنى مەنزىرىنىڭ بىر پارچىسى قىلىشنىڭ ئەڭ ئېتىراپ قىلىنغان يولىنى كولېرىج(Coleridge) شېكىسپېر ھەققىدە توختالغان چېغىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تىياتىر ئەسىرىدە ئويۇندىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرلىرى خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق دەۋېتىلمەسلىكى كېرەك، بۇنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ھېس قىلىپ تېپىپ چىقىشى كېرەك. كولېرىجنىڭ بۇ كۆز-قاراشلىرى، بەزىلەرنىڭ روماندىكى پىرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنى قايتىدىن بايقاپ چىقىشىنىڭ روماندىكى ئاساسلىق مەسىلە، دەپ ئويلىشىغا سەۋەب بولدى.
كولېرىجنىڭ، ئەدەبىي پىرسۇناژلار ھەققىدىكى بۇ گەپلەرنى، شېكىسپېردىن ئىككى يۈز يىل كېيىن، ئىنگلىز رومانلىرى تازا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ۋە دىكېنس تۇنجى رومانلىرىنى يېزىشقا تەمشىلىۋاتقان چاغلاردا قىلغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى. لېكىن روماندىكى ئەسلى مەسىلە ۋە خۇشاللىق، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت-قىلىقلىرىدىن چىقىرىش ئەمەس، رومان پىرسۇناژلىرى بىلەن، پەقەت بولمىغاندا روھىمىزنىڭ بىر قىسمىدا بولسىمۇ ئۆزلىشىش ئارقىلىق _ بىردەملىك بولسىمۇ_ ئەركىنلىشىپ باشقا بىرسى بولۇش، دۇنيانى باشقا بىرىنىڭ نەزىرى بىلەن يەنە بىر كۆرۈپ بېقىشتۇر. رومانلارنىڭ ئەسلى مەشغۇل بولىدىغان ئىشى، بۇ دۇنيادا بولۇشنىڭ ۋە ئورنىمىزنىڭ مەنىسى ياكى بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ قانداق بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ئىش، ئىنسان خاراكتېرى ۋە پىسخىلوگىيەسىگە يېقىن كېلىدۇ، لېكىن پىسخىلوگىيەدىن قىزىقارلىقراق بولىدۇ. ئەسلى مۇھىم بولغىنى، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى ئەمەس، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر خىل ھالىتىگە، رەڭگىگە، ۋەقەلەرگە، مېۋىلەرگە، يەنى ئۆزىدە ھەر خىل تۇيغۇلارنى پەيدا قىلغان نەرسىلەرگە بولغان ئىنكاسىدۇر. رومان سەنئىتى ئاتا قىلغان ئاساسلىق زوق ۋە مۇكاپات بولغان قەھرىمانلار بىلەن ئۆزلىشىش ھېسياتى، دېمىسىمۇ بۇ تۇيغۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.
تولستوي بىزگە ئاننا كارېنىنانىڭ بۇنداق ياكى ئۇنداق خاراكتېرگە ساھىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، موسكوۋا_سانت پېتېرسبۇرگ پويىزىدا مەلۇم شەكىلدە بەزى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. نىكاھ تۇرمۇشىدا بەختى چىقمىغان بىر ئايالنىڭ، موسكوۋادىكى بىر تانسا كېچىلىكىدە ياش ۋە قاملاشقان بىر ئوففىسېر بىلەن تانسا ئوينىغاندىن كېيىن، پويىزدا قايتقۇچە قولىدا رومان تۇتقان ھالدا ھېس قىلغانلىرىنىلا بايان قىلىدۇ. ئاننانى ئۇنۇتۇلماس قىلغان نەرسە، پۈتۈن ئۇ ئۇششاق-چۈششەك تەپسىلاتلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدۇر. سىرتتىكى قارلىق كېچىنى، ۋاگون ئىچىنى، ئاننا ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغان ئۇ روماننى، ھەممە نەرسىنى ئۇ كۆرگەندەك، ئۇ قىلغاندەك ھالەتتە، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆرىمىز ۋە ھېس قىلىمىز. رومان سەنئىتىنىڭ ئەڭ بەلگىلەش خاراكتېرلىك تەرىپى، دۇنيانى، رومان قەھرىمانلىرىنىڭ ھېس قىلىشى، چۈشىنىشى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. بىز يىراقتىن تاماشا قىلغان بىر پۈتۈن مەنزىرە، قەھرىمانلارنىڭ كۆزلىرى، ھېس تۇيغۇلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى قەھرىمانلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، چۇڭقۇرلاپ تەسىرگە ئۇچرايمىز، بىر قەھرىماندىن يەنە بىر قەھرىمانغا ئۆتۈپ، ئومۇمىي مەنزىرىنى ئىچىدە تۇرۇپ ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ سۈپىتىدە ئاڭقىرىمىز. مەنزىرىنىڭ ئىچىدە كېزىپ يۈرگەن تەپسىلاتلار رومان پىرسۇناژلىرىنى يورۇتۇپ بەرمەيدۇ، دەل ئەكسىچە رومان پىرسۇناژلىرى، بۇ مەنزىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى گەۋدىلەنسۇن، بىر پۈتۈن مەنزىرە كەسكىن ۋە ئوچۇق شەكىلدە يورۇتۇلسۇن، دەپ يارىتىلغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن رومان پىرسۇناژلىرى ئۆزلىرى ئىلغا قىلغان دۇنيا بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كېتىشى كېرەك.
بۇ ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كېتىش مەسىلىسى، بۈگۈنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تېمىمىزدۇر: روماندىكى ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى ۋە ۋاقىت! ئەدەبىي ئوبرازلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ ياكى روھىنىڭ روماندىكى ئاساسلىق ئىش ئەمەسلىكىگە قارار قىلىش ئۈچۈن، كاللىمىزنىڭ «ساددا» تەرىپىنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ، خاراكتېرنىڭ سۈنئىي تەرىپىنى «ئويچان» بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: ئەدەبىي ئوبرازلارنى يارىتىشىمىزغا ياكى چۈشىنىشىمىزگە ئاساس بولغان نەرسە، دەل مۇشۇ سۈنئىي تەرەپتۇر. رومانچى ئەدەبىي قەھرىمانلارنى ئىزدەنمەكچى، يازماقچى بولغان تېمىلارغا، تەسەۋۋۇر كۈچىنى ۋە ئىجاتچانلىقىنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
رومانچىلار ئالدى بىلەن ئىنتايىن ئۆزگىچە روھقا ئىگە بىر ئەدەبىي پىرسۇناژنى ئىجات قىلىپ، ئاندىن ئۇ پىرسۇناژ ئىستىگەن ئا، ب ۋە س تېمىلار ياكى سەرگۈزەشتىلەر بىلەن بەنت بولۇپ كەتمەيدۇ. رومانچىلار ئاۋۋال ئا، ب ۋە س تېمىلاردا يازماقچى بولىدۇ. ئاندىن بۇ تېمىلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن قەھرىمانلارنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەن ھەر دائىم مۇشۇنداق قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ بىلىپ ياكى بىلمەي مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
«مەن ھەر دائىم مۇشۇنداق قىلدىم!» دېگەن گەپ، بۇ لىكسىيەنىڭ بىر كىچىك ماۋزۇسىمۇ بولالايتتى. مەقسىدىم رومان دەپ ئاتالغان بۇ سەنئەت شەكلىنى قانداق چۈشەنگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈشتۇر. مەندىن بۇرۇن مىڭلىغان يازغۇچى يېزىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شەكىللەندۈرۈپ ئاجايىپ قالتىس بىر ئويۇنچۇق سۈپىتىدە ئالدىمغا قويغان بۇ سەنئەت شەكلى بىلەن تەسەۋۋۇر كۈچۈمنى مەن قانداق بىرلەشتۈردۈم؟ ئۆزۈمنى ياخشى چۈشىنىپ ۋە چۈشەنگىنىمنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلىسەم، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى( ئازراق بولسىمۇ) ئىپادىلەپ بىرەلەيمەن دەپ ئويلايدىغان ئىھتىياتچان بىر گۇمانىست(ئىنسانسۆيەر)نىڭ ئۈمىدۋارلىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كۆرۈش نۇقتام بار. ئۆزۈمنىڭ رومان ئوقۇش ۋە يېزىش سەرگۈزەشتىلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلسام، باشقا رومانچىلارنىڭ رومان يېزىۋاتقان چېغىدا كاللىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغانلىقىمغا ساددىلارچە ئىشىنىمەن. يەنى، روماننىڭ تېخنىكىلىك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئويچان تەرىپىمنى، سىلەرگە، ئوقۇرمەنلەرگە ئاسانلا ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغان ساددا بىر تەرىپىم بار.
بۇ ساددا تەرىپىم بىلەن، رۇس فورمالىست(شەكىلچى)لىرىنىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى نەزىرىيەلىرىگە_ مەسىلەن ۋىكتور شكلوۋسكىنىڭ قاراشلىرىغا_ ئۆزۈمنى يېقىن ھېس قىلىمەن دېيەلەيمەن. سيۇژىت ياكى ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى ياكى زەنجىرى ۋە بەزىدە ھېكايە دېيىلگەن نەرسە، بىز يازماقچى، بېسىپ ئۆتمەكچى بولغان نۇقتىلارنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر سىزىقتىن ئىبارەتتۇر-خالاس. لېكىن بۇ سىزىق، روماننىڭ ماتېرىياللىرىنى، مەزمۇنىنى، يەنى ئۆزىنى ئەمەس، روماننى رومان قىلغان مىڭلارچە، ئون مىڭلارچە كىچىك نۇقتىلارنىڭ كىتابقا يېيىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىلارنى بۆلۈم، تېما، باش تېما، قىستۇرما، ھېكايەت، شېئىرىي دەملەر، شەخسىي سەرگۈزەشتلەر، ئۇچۇر-بىلىملەر ۋە باشقا نېمە دېسەك دەيلى، مۇشۇلار مېنى رومان يېزىشقا دەۋەت قىلغان، ھەۋەسلەندۈرگەن ئۇلۇغ-ئۇششاق ئېنىرگىيە دۆۋىلىرىدۇر. نابوكوۋ «لولىتا» ھەققىدە يازغان بىر يازمىسىدا، بىر كىتابنى شەكىللەندۈرگەن بۇ نۇقتىلارنىڭ ئەڭ بەلگىلىگۈچى، ئەڭ ئۇنۇتۇلماس قىسىملىرىنى « نېرۋا مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغانىدى. خۇددى ئارستوتېلنىڭ ئاتوملىرىغا ئوخشاش، بۇ بۆلۈملەرنىڭ پارچىلىغىلى ، باشقا نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
«مەسۇمىيەت مۇزىيى»دا، ئارستوتېلنىڭ «فىزىكا»سىدىن يولغا چىقىپ، بۇ پارچىلانماس نۇقتىلار بىلەن ۋاقىتنى شەكىللەندۈرگەن «پەيت»لەرنىڭ ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تېرىشتىم: ئارستوتېلغا كۆرە خۇددى پارچىلىغىلى، باشقا بىر نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدىغان ئاتوملارغا ئوخشاش پارچىلانماس «پەيت»لەر بولىدۇ ۋە بۇ ساناقسىز پەيتلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈز سىزىق ۋاقىت دېيىلىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، روماندىكى ۋەقەلىك زەنجىرىمۇ بۇ ئۇلۇغ-ئۇششاق پارچىلىغىلى بولمايدىغان بىرلىكلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر سىزىقتۇر. رومان پىرسۇناژلىرىمۇ، بۇ سىزىق، يەنى ۋەقەلىك زەنجىرى ئۈچۈن كېرەك بولغان ( نېمىلەر يۈز بېرەر دېگەن تۇيغۇ) ھەرىكەتنى، توقۇنۇشنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر روھقا، ئالاھىدىلىككە، پىسخىكىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
روماننى باشقا چوڭ ھەجىملىك ژانىرلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ياقتۇرۇلغان بىر سەنئەت شەكلى قىلغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىك، سىزىقنىڭ ئىچىدىكى بۇ كىچىك نۇقتىلار(نېرۋا مەركەزلىرى)نىڭ ھېكايىنىڭ ئىچىدىكى بىرەر قەھرىماننىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈلىشى ياكى ياكى قەھرىماننىڭ تۇيغۇلىرى ۋە ئاڭقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشىدۇر. بايان مەيلى بىرىنچى شەخس بىرلىكتە، مەيلى ئۈچىنچى شەخس بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلسۇن، روماننىڭ يازغۇچىسى ياكى بايان قىلغۇچى بۇ مۇناسىۋەتنى پەرق ئەتسۇن ياكى ئەتمىسۇن، ئوقۇرمەن ئومۇمىي مەنزىرەدىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى شۇ ئىش ياكى ۋەقەگە يېقىن بىر قەھرىماننىڭ تۇيغۇسى، روھى ھالىتى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. رومان سەنئىتىنىڭ ئۆز ئىچكى قۇرۇلمىىسىدىن كىلىپ چىققان ئالتۇن پىرىنسىپ مۇنداق بولىدۇ: ھېكايە بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتسىز، ئىنسانسىز بىر مەنزىرە ياكى نەرسە تەسۋىرىمۇ، رومان ئوقۇرمىنىدە قەھرىمانلارنىڭ ھېسسىي ۋە روھى دۇنياسىنىڭ داۋامىدەك بىر تەسىر قالدۇرىدۇ. پويىز دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرغان ئاننا كارېنىنانىڭ، دەرىزە سىرتىدا كۆرگەنلىرىنىڭ توغرا كېلىپ قېلىش بولالايدىغانلىقىنى، پويىزغا ھەر خىل مەنزىرە ۋە كۆرۈنىشلەرنىڭ ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى تۈز بىر مەنتىقە بىلەن ئويلىساقمۇ، روماننى ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئاننانىڭ يېنىدىكى دەرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قار ئۇچقۇنلىرى بىزگە ياش ئايالنىڭ روھى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. موسكوۋادىكى بىر تانسا كېچىلىكىدە قاملاشقان بىر ئوففىسېر بىلەن تانسا ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم قوينىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئاننا ۋاگوندىكى ئورنىدا ئولتۇرىدۇ؛ لېكىن ئەقلى-خىيالى سىرتتىكى يۈز بەرگەن ئىشلاردا، تەبىئەتنىڭ ۋەھىمىلىك كۈچىدە ۋە گۈزەللىكىدە. ياخشى بىر روماندا، مەنزىرە ۋە شەيئى تەسۋىرلىرى، كىچىك ھېكايىلەر، بىلىنەر-بىلىنمەس تېما سىرتىغا قېيىپ كېتىشلەر، ھەممە نەرسە، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى، خۇيلىرىنى، ھەتتا «خاراكتېر»لىرىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. بىر روماننى، باشقا نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدىغان بۇ نېرۋا مەركەزلىرىدىن، «پەيتلەر»دىن، يازغۇچىنى ھەۋەسلەندۈرگەن بىرلىكلەردىن، بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقتىلاردىن شەكىللەنگەن بىر دېڭىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى ۋە ھەر بىر نۇقتىنىڭ ئىچىدە، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ روھىدىن بىرەر پارچىدىن بارلىقىنى ئۇنۇتمايلى.
ئارىستوتېل ئېنىقلىما بەرگەن ۋاقىت، پەيتلەرنى بىرلەشتۈرگەن بىر سىزىقتۇر. بۇ ھەممىز بىلىدىغان، قۇبۇل قىلغان كالېندار ۋە سائەتلەر كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئوبىيكتىپ ۋاقىتتۇر. باشقا چوڭ ھەجىمدىكى ئەدەبىي ژانىرلار ياكى تارىخنىڭ ئەكسىچە، رومانلار دۇنيانى روماندىكى پىرسۇناژلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن، ئۇلارنىڭ روھ ۋە تۇيغۇلىرىنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى ئۈستىدىن ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن روماندىكى ۋاقىت، ئارىستوتېل ئىزاھلىغان تۈز ۋە ئوبىيكتىپ ۋاقىت ئەمەس، قەھرىمانلارنىڭ سۇبىيكتىپ ۋاقتىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، بولۇپمۇ پىرسۇناژلىرى كۆپ رومانلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىش، پىرسۇناژلارنىڭ بىر-بىرسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، بىز ئوقۇرمەنلەر روماننىڭ ئىچىدىن ھەممىمىز ئورتاق قوللانغان «ئوبىيكىپ» ۋاقىتنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنىمىز. بايان قىلىش تېخنىكىلىرىنىڭ سۈنئىيلىكىنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان سەمىمىي ۋە «ساددا» يازغۇچىلار، «ئاننا موسكوۋادا پويىزغا چىققان سائەتلەردە، لېۋىن يېزىدىكى ئۆيىدە» دەپ باشلانغان ئىزاھاتلىغۇچى جۈملىلەر بىلەن روماننىڭ ئىچىدىكى بۇ ئوبىيكىپ ۋاقىتنى توغرىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىز ئوقۇرمەنلەرگە ياردەم قىلىدۇ.
بىر-بىرىلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان بارلىق رومان پىرسۇناژلىرى كوللېكتىپ ھالدا خەۋەردار بولىدىغان قار، بوران-چاپقۇن، يەر تەۋرەش، ئوت ئاپىتى، ئۇرۇش قاتارلىق ھادىسە-ۋەقەلەر، چېركاۋ قوڭغۇراقلىرى، ئەزان ئاۋازى، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، گېزىتلەر، مۇھىم مەركىزى ۋەقەلەر، بايان قىلغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشلىرىسىزمۇ روماندىكى ئورتاق ئوبىيكتىپ ۋاقىتنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇر قىلىش جەريانى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روماندا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىشىلەر «ۋەكىللىك» قىلغان بىر كوللېكتىپنى، بىر شەھەردىكى كىشىلەرنى، بىر جامائەت ياكى بىر مىللەتنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن سىياسىيلىشىدۇ ۋە روماننىڭ شېئىردىن ۋە رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ ئىچىدىكى شەيتانلاردىن ئەڭ كۆپ يىراقلىشىپ تارىخقا ئەڭ كۆپ يېقىنلاشقان يېرىمۇ دەل مۇشۇ يەردۇر. بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندا ئورتاق ئوبىيكتىپ بىر ۋاقىتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىش، ئوقۇرمەنگە چوڭ ھەجىملىك بىر مەنزىرە رەسىمىگە قاراپ ھەممە نەرسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەن چاغدا ئالغان زوق-ھۇزۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ: روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى، تارىخنىڭ ئەگرى-توقايلىقلىرى ۋە بىر كوللېكتىپنىڭ نېگىزلىك خاراكتېرلىرى ئارىسىدىن تاپتۇق دەپ قالىمىز، لېكىن مېنىڭچە بۇ بىر يېڭىلىشىشتۇر. بىز ئورتاق بىر ئوبىيكتىپ ۋاقىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەك كۆپ ھېس قىلىدىغان ئىككى ئۇنۇتۇلماس رومان _ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ۋە ئۇليسسېس(Ulysses)_ تە تېرەنلىكتىكى مەخپىي مەركەز تارىخ بىلەن ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ۋە قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئوبىيكتىپ ۋاقىت دېگەن نەرسە، روماننىڭ پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە بىر مەنزىرە رەسىمىدىكىگە ئوخشاش گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر رامكىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن بۇ پەرق ئېتىش قېيىن بولغان بىر رامكىدۇر ۋە بۇ سەۋەبتىن بايان قىلغۇچىنىڭ ياردىمى كېرەك بولىدۇ: چۈنكى رومان يېزىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان چاغدا، بايان بىزنى _ رەسىمنىڭ ئەكسىچە_ ئومۇمىي مەنزىرەنى كۆرۈشكە ئەمەس، ئايرىم-ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىرىگە، ئىلغا قىلغانلىرىغا، ئۇلارنىڭ چەكلىك كۆرۈش نۇقتىلىرىغا باشلاپ بارىدۇ. ياخشى بىر قەدىمكى جۇڭگو مەنزىرە رەسىمىدە بىز ھەم ئايرىم-ئايرىم دەرەخلەرنى ھەم بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورماننى ھەمدە ئومۇمىي مەنزىرىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلەيمىز. روماندا بولسا شەخسلەردىن ئايرىلىپ «ئوبىيكتىپ ۋاقىت»نى، ياكى روماننىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆرۈش، ھەم ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن، ھەم يازغۇچىلار ئۈچۈن قىيىندۇر.
«ئاننا كارېنىنا» ھەم تارىختىكى ئەڭ مۇكەممەل رومانلاردىن بىرى، ھەم تولستوينىڭ يېنىش-يېنىشلاپ ئۆزگەرتىپ روماننى قانداق يازغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاجايىپ دىققەت بىلەن يېزىلغان بىر كىتابتۇر. لېكىن باشقا-باشقا قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىتىۋاتقىنىدا ھېچقانداق بىر خاتالىق سادىر قىلمىغان تولستوينىڭ، «ئاننا كارېنىنا» دا، ئورتاق ئوبىيكتىپ ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىقىنى، قەھرىمانلارنىڭ كالېندارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى، يەنى روماندا بىر مۇھەررىرنىڭ بايقىشى كېرەك بولغان نۇرغۇنلىغان كرونولوگىيەلىك(ۋاقىت تەرتىپى) خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى، نابوكوۋ_ تولستويدىن ئەقىللىقرەك كۆرۈنۈشنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ_ كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. روماندىكى بۇ ماسلاشماسلىقنى، كىتابنى سۆيۈپ ئوقۇغان ئوقۇرمەن، تولستوينىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىت ھەققىدىكى ئەسكەرتىشلىرىنى توغرا دەپ قاراپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن پەرق ئېتەلمەيلا قالىدۇ. يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەننىڭ بۇ دىققەتسىزلىكىنىڭ ئارقىسىدا، رومانلارنى قەھرىمانلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە دۇنيانى ئاڭقىرىشلىرىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇپ يېزىش ۋە ئوقۇش ئادەتلىرىمىز ياتقان بولىدۇ.
كونراد، پروئۇست، جويس، فائۇلكنېر ۋە ۋىرگىنىيە ۋولفتىن كېيىن ۋەقەلىك زەنجىرىدىكى ۋاقىتتا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشلەرنىڭ قوللىنىشى، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ «خاراكتېرى»، خۇيى، قىسقىسى روھى دۇنياسىنى ئوقۇرمەنلەرگە كۆرسىتىپ بىرىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بىر روماندىكى ۋەقە-ھادىسەلەرنى، كالېندار ۋە سائەتتىكى تەرتىپكە كۆرە ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلارنىڭ ئەسكە ئېلىشى، توقۇنۇشتىكى ئورنى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ھايات قارىشى ۋە ئۆز تەبىئىيىتىگە كۆرە ئومۇمىي مەنزىرىگە يەرلەشتۈرگەن بۇ مودېرن يازغۇچىلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى ئوقۇرمەنلىرىگە( رومان ئاللىقاچان بىر دۇنياۋى سەنئەت بولۇپ بولدى!) ئۆز ھاياتىنى چۈشىنىشنىڭ، ئۇنىڭ ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشنىڭ يولىنىڭ، ئۆزىنىڭ سوبىيكتىپ ۋاقىتىغا دىققەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مودېرن روماننىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز شەخسىي ۋاقتىمىزنىڭ ۋە پەيتلىرىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىغان چېغىمىزدا، رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ «خاراكتېر»ىنى، ئۇنىڭ روھى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياكى تۇيغۇلىرىنى، روماننىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشنىمۇ ئۆگەندۇق. بۇ رومانلار ئارقىلىق ئۆز ھاياتىمىزدىكى بىز ھازىرغا قەدەر ئەھمىيەت بەرمەي كەلگەن كىچىك تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنىش، ئۇلارنى ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ، تارىخنىڭ ئىچىگە بىر مەنا بىلەن جايلاشتۇرۇش دېگەنلىك بولاتتى. سىرتتىكى ئومۇمىي مەنزىرىگە پەقەت ئۆز تۇيغۇلىرىمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ كىچىك تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق كېرەلىسەك، ھەممە نەرسىنى چۈشىنەلىگۈدەك كۈچىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىز بولىدۇ.
ئاننا كارېنىنا، موسكوۋادىكى بىر تانسا كېچىلىكىدە ياش بىر ئوففىسېر بىلەن ئىشقىي مۇناسىۋەت قۇرۇپ سالغۇدەك دەرىجىدە ھاياجانلانغانلىقى، پەرىشان بولغانلىقى ئۈچۈن، پويىزنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن قار ئۇچقۇنلىرى بىزگە ئۇنىڭ روھى ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.  روماندا بىر پىرسۇناژنى يارىتىش، ھاياتتا ھەممىمىزگە تونۇش بولغان بۇ تۈرنىڭ ئىچىدىن، باشقا بىر نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدىغان تەپسىلاتلار ئارقىلىق ۋەقەلىك زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. مەن ئۈچۈن رومان يېزىش، ئومۇمىي مەنزىرىدە(دۇنيادا) رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ ھالىتىنى، تۇيغۇلىرىنى، كۆز-قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى كۆرۈش ھۈنىرى دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر روماننى روياپقا چىقارغان، مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىڭلارچە كىچىك نۇقتىلارنى تۈز بىر سىزىق بىلەن ئەمەس، ئەگرى-بۈگرى سىزىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشىم كېرەكلىكىنى ھەمىشە سېزىپ تۇرىمەن. ئەگەر بىز بىر روماننىڭ ئىچىدە بولساق، شەيئىلەر، ئۆي جابدۇقلىرى، ھوجرىلار، كوچىلار، دەل-دەرەخلەر، ئورمان، مەنزىرەلەر، دەرىزىدىن سىرتنىڭ كۆرۈنىشى، ھەممە نەرسە بىزگە قەھرىمانلارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ بىرەر پارچىسىدەك كۆرۈنىدۇ. رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ «خاراكتېرلىرى»، روماننىڭ ئومۇمىي «مەنزىرە»سىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ ئومۇمىي مەنزىرە، كۆرگەن باشقا شەيئىلىرىمىز، نەرسە-كېرەكلەر، رەسىملەر، كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە كېيىنكى دەرسلىرىمىزدە توختىلىمىز.

بۇ تەرجىمە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ  2014- يىللىق 5- سانىغا بېسىغان.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:04:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 11:29  

سۆزلەر، رەسىملەر ۋە نەرسە-كېرەكلەر

ئورخان پامۇك(تۈركىيە)
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

   رومان يېزىشنىڭ مەن ئۈچۈن ئومۇمىي مەنزىرە ئىچىدە رومان قەھرىمانلىرىنىڭ روھى ھالەتلىرىنى كۆرۈش ھۈنىرى ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى ماقالەمدە تىلغا ئالغانىدىم. بۇ ھۈنەر بەزى يازغۇچىلار ئۈچۈن ئانچە بەك مۇھىم ھېسابلىنىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال دوستويېۋىسكىدۇر. دوستويېۋىسكىنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، بەزىدە (ھەمىشە ئەمەس) ھەيران قالغۇدەك بىر تېرەنلىككە چۆككەنلىكىمىزنى، ھايات، ئادەملەر، بولۇپمۇ ئۆزىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. بۇ بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بەزىدە ھەتتا شۇنچىلىك تونۇش ۋە تېرەنكى، بىز بىلىۋالغان ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن نەرسىلەردىن  چۆچۈپمۇ كېتىمىز.
   لېكىن دوستويېۋىسكىنىڭ بىزگە بەرگىنى كۆرۈنۈش ھالىتىدىكى ئەمەس بەلكى سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئېرىشىلىدىغان بىلىم ۋە پاراسەتتۇر. رومان ۋە ئىنسان چۈشەنچىسى جەھەتتە، تولىستويمۇ بەزىدە، ئوخشاش تۈردىكى يازغۇچى بولمىسىمۇ، ئوخشاش مۇرەككەپلىكتە تېرەنلىكلەرگە چۆكىدۇ ۋە بۇ ئىككى يازغۇچى بىر دەۋر، بىر كۈلتۈردە تۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەمىشە سېلىشتۇرىلىدۇ. لېكىن تولىستوي بىزگە كۆپىنچە ھاللاردا كۆرۈنۈش ھالىتىدە بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىدۇ.
   ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھەم كۆرۈنۈش يارىتىش، ھەم سۆز ئىشلىتىش دىتىمىزغا مۇراجەت قىلىدۇ. ھەممە ئىش كۆزىمىزنىڭ ئالدىدىلا يۈز بېرىدىغان بىر تىياتىر ئويۇنىدا، مەسىلەن «ھاملېت» تىمۇ، بىز پەقەت سۆزلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ھۇزۇرلىنالايدىغان نۇرغۇن نەرسە بولغىنىغا ئوخشاش، يۈكسەك دەرىجىدە دراماتىك يازغۇچى بولغان دوستويېۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن «جىنلار»دىكى ئۆلۈۋېلىش سەھنىسىدە، قانچىلىك دراماتىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىزگە تەسىر قىلىدىغان كۈچلۈك بىر كۆرۈنۈش ھالىتىدىكى ئالاھىدىلىك مەۋجۇتتۇر(ئوقۇرمەننىڭ يان تەرەپتىكى ئۆيدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بىرسىنى رومان قەھرىمانى بىلەن بىللە خىيال قىلىشى!). شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان پۈتۈن بۇ جىددىيچىلىككە قارىماي _ ياكى مۇشۇ سەۋەبتىن _ دوستويېۋىسكىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك سەھنىلىرىدىن بەك ئاز نەرسە، بەك ئاز كۆرۈنۈش ياكى مەنزىرە ئېسىمىزدە قالىدۇ. تولىستوينىڭ دۇنياسى ئىنچىكىلىك ۋە ھېسياتچانلىق بىلەن ئورالغان نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بولسا، دوستويېۋىسكىنىڭ ئۆي-ئاراملىرى قۇپقۇرۇقتەك كۆرۈنىدۇ.
   تېمىمىزنى تارايتىش ۋە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ پەرقلەرنى يىغىنچاقلايلى: بەزى يازغۇچىلار سۆزلەرنى، بەزى يازغۇچىلار كۆرۈنۈشلەرنى ۋاستە قىلىدۇ. يەنى، بەزى يازغۇچىلار بەكرەك  ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە، بەزى يازغۇچىلار بولسا بەكرەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆز تەسەۋۋۇر كۈچىگە خىتاب قىلىدۇ. خومېروس(Homeros) مېنىڭ نەزىرىمدە كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان يازغۇچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا كۆپرەك رەسىملەر گەۋدىلىنىدۇ. مەن ھېكايىدىن بەكرەك بۇ رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنىمەن. لېكىن مەن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» نى يېزىۋاتقان چېغىمدا يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇغان بۈيۈك ئىران داستانى «شاھنامە» نىڭ ئاپتورى فىردەۋسى بولسا، ئاساسلىق قىلىپ ھېكايىنىڭ ئۆزىگە، ئەگرى-توقايلىقلارغا تايانغان، سۆزلەرنى ۋاستە قىلغان يازغۇچىدۇر. بۇ خىل پەرقلەردە، ھېچبىر يازغۇچى  چېگرا سىزىقىنىڭ  تامامەن بىر تەرىپىدىلا تۇرغان بولمايدۇ-ئەلۋەتتە. ھەرقانداق بىر يازغۇچى بىزنىڭ ھەم كۆرۈش سەزگۈمىزگە، ھەم سۆز تەسەۋۋۇر كۈچىمىزگە خىتاب قىلىدۇ. لېكىن بىز بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا كۆپرەك سۆز-كەلىمىلەر بىلەن، كىمنىڭ كىمگە نېمە دېگەنلىكى بىلەن، سۆز ئويۇنلىرى، زىددىيەتلەر، پارادوكسلار ياكى بايان قىلغۇچى ئىزدىنىۋاتقان پىكىرلەر بىلەن بولۇپ كېتىمىز. باشقا بەزى يازغۇچىلار بولسا، كاللىمىزدا رەسىملەرنى، تەسەۋۋۇرلارنى، مەنزىرە ۋە نەرسە- كېرەكلەرنى جانلاندۇرۇپ مەقسىدىگە يېتىدۇ. پەرقلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەڭ ياخشى ئىشلىتەلىگەن يازغۇچىغا ئەڭ ياخشى ئۆرنەك كولېرىج(Coleridge)دۇر. شېئىرلىرىدا، مەسىلەن، «قېرى كېمىچى» دە، ئۇ ئوقۇرمەنلىرىگە بىر ۋەقەنىلا ئەمەس بەلكى نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلماس رەسىملەرنى سۇنغان بىر شائىر  بولغان بولسا، لېكىن  ماقالىلىرىدا، شەخسى خاتىرەلىرىدە، ئوتوبىيوگرافىيەسىدە بولسا، تامامەن دېگۈدەك ئۇقۇملار بىلەن، سۆزلەر بىلەن تەپەككۇر قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلغان ئانالىزچى يازغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ «ئەدەبىي بىيوگىرافىيە» دېگەن ئەسىرىنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. كولېرىجدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئېدگار ئاللان پوئې(Edgar Allan Poe) مۇ، «قۇزغۇن» ناملىق شېئىرىنى قانداق يازغانلىقىنى يەنە ئوخشاش شەكىلدە «كومپوزىتسىيە پەلسەپىسى» دېگەن يازمىسىدا سۆز تەسەۋۋۇر كۈچىمىزگە خىتاب قىلىپ تۇرۇپ ئىزاھلىغانىدى.
   بۇ ئىككى خىل ئەدەبىي پەرقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن بىر دەم كۆزلىرىمىزنى يۇمايلى ۋە مەلۇم بىر تېمىغا، ياكى خالىغان بىر تېمىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىيال سۈرۈپ باقايلى. ئاندىن كۆزىمىزنى ئېچىپ ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: خىيال سۈرگەن چېغىمىزدا كاللىمىزدا رەسىملەر پەيدا بولدىمۇ ياكى سۆز-كەلىمىلەرمۇ؟ ھەر ئىككىسى پەيدا بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىدە رەسىملەر، بەزىدە سۆزلەر ئارقىلىق خىيال قىلغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۆتىمىز. مەن بۇ يەردە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كاللىمىزدىكى بۇ ئىككى مەركەزنىڭ بىرىنى بەكرەك ئىشقا سالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى.
   ئەمدى ئەسلى تېمىمىزغا كېلەيلى ۋە مەن مۇھىم ۋە كۈچلۈك بىر چۈشەنچەمنى ئېيتىپ ئۆتەي. رومانلار، نېگىزلىك قىلىپ ئېيتقاندا كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان ئەدەبىي توقۇلمىدۇر. بىر رومان ھەممىدىن بەك كۆرۈش تۇيغۇمىز ۋە زېھنى قابىلىيىتىمىزگە، شەيئىلەرنى كۆز ئالدىمىزدا جانلاندۇرۇش ئىقتىدارىمىزغا، سۆزلەردىن رەسىملەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىمىزگە مۇراجەت قىلىپ تۇرۇپ بىزدە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. باشقا ئەدەبىي شەكىللەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا رومانلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىزگە، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپمۇ بەزىدە بىز بىلىپ يېتەلمىگەن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. رومانلار دۇنيانىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىدىن باشقا، پۇراقلارنى، ئاۋاز-سادالارنى، تەملەرنى ۋە باشقا سېزىملارنىمۇ _ باشقا ھېچبىر ئەدەبىي شەكىل قىلالمايدىغان رەڭدارلىق ۋە باي مەزمۇن بىلەن _ تەسۋىرلەيدۇ. روماننىڭ ئومۇمىي مەنزىرەسى قەھرىمانلار كۆرگەن شەيئىلەر بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ئاۋاز-سادالىرى، پۇراقلىرى، تەملىرى ۋە باشقا سېزىم پەيتلىرى بىلەن جانلىنىدۇ. كۆرۈش ئىقتىدارى – بىز بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا دائىم ھېس قىلىدىغان بارلىق جەريانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە ئىقتىدارىمىزدۇر. رومان يېزىش _ سۆزلەر بىلەن رەسىم سىزىش، رومان ئوقۇش بولسا باشقىلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن كاللىمىزدا رەسىملەرنى جانلاندۇرۇشتۇر.
   «سۆزلەر بىلەن رەسىم سىزىش» دېيىش ئارقىلىق، سۆزلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا ناھايىتى ئېنىق ۋە كەسكىن بىر تەسەۋۋۇر ئويغىتىش كېرەك، دېمەكچىمەن. دىيالوگلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، بىر روماننى جۈملىمۇ - جۈملە، سۆزمۇ – سۆز يېزىۋاتقان چاغدا، كاللامدا ھەمىشە بىر رەسىم، بىر ئىماگ بولغان بولىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشىمنىڭ ئاۋۋال كاللامدىكى رەسىمنى سۈزۈلدۈرۈش، كونكېرتلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. باشقا يازغۇچىلارنىڭ بىيوگرافىيەلىرىنى، خاتىرە دەپتەرلىرىنى ۋە ماڭا تونۇشلۇق بولغان يازغۇچىلارنىڭ دوستانە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئەسەرلىرىمنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا قارىغاندا ئەسەر ھەققىدە كۆپرەك كاللا قاتۇرىدىغانلىقىمنى، پىلان تۈزىدىغانلىقىمنى، كىتابلارنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن باب، بۆلۈملەرگە ئايرىيدىغانلىقىمنى ھېس قىلغانىدىم.
بىر بابنى، بىر سەھنىنى، بىر كۆرۈنۈشنى( ئىختىيارسىزلا رەسىم سەنئىتىدىن بىر ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ سالدىم بۇ يەردە!) قەلەمگە ئېلىۋاتقان چېغىمدا، ئالدى بىلەن ئۇنى كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرىمەن. ماڭا نىسبەتەن يېزىقچىلىق قىلىش، ئۈستىگە سىياھ قەلەم بىلەن بىر نەرسىلەر يېزىلىۋاتقان قەغەزگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەزىرىمنى قەغەزدىن يىراقلاشتۇرۇپ، دەرىزىدىن سىرتلارغا قاراپ يازماقچى بولغانلىرىمنى كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرىدىغان بىر ئىشتۇر.  يازماقچى بولغان  سەھنىنى بىر فىلىمنىڭ بىر ئارىيەسىگە ئوخشاش، يازماقچى بولغان جۈملىنى بىر رەسىمگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرۇشقا تىرىشىمەن.
   لېكىن فىلىم ۋە رەسىمگە ئوخشىتىش چەكلىك بىر دائىرە ئىچىدە كارغا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مەن يازماقچى بولغان سەھنىنىڭ ياكى كۆرۈنۈشنىڭ سۆزلەر ئارقىلىق ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ جانلىق ئىپادە قىلىنىدىغان تەرەپلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا، كۆرۈپ يېتىشكە ئۇرىنىمەن.  يازماقچى بولغان بابنى سەھنىمۇ-سەھنە، جۈملىمۇ-جۈملە قۇراشتۇرۇپ ئىلگىرىلەۋاتقان چېغىمدا، كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان تەسەۋۋۇر كۈچۈم سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان تەپسىلاتلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا كۈچەيدۇ. بەزىدە  ھاياتىمدا بېشىمدىن ئۆتكەن مەلۇم بىر ئىش ئېسىمگە كېلىدۇ، كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرىمەن، لېكىن ئۇنى سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ يېتىپ بولدى قىلىمەن. بۇ يېتەرسىزلىك كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كەچۈرمىشلىرىمنىڭ پەقەت ماڭىلا خاس بولغانلىقى تۈپەيلىدىن  كۆرۈلىدۇ. فلائۇبېرت(Flaubert) يېزىقچىلىق قىلىش جەريانىدا ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقان «مۇۋاپىق سۆز»، مەن تەسەۋۋۇر قىلغان كۆرۈنۈشنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆزدۇر. يازغۇچىلار پەقەت ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆزلەرنى ئىزدەش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ، ئاستا-ئاستا ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ.(بۇنداق ياخشى تاللانغان ئىماگنى «مۇۋاپىق تەسەۋۋۇر» دېيىش كېرەك.) يازغۇچى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرغان رەسىمنىڭ پەقەت  سۆزلەرگە يۈكلىنىدىغان زامان تۈسى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندە ياكى سۆزلەرگە يۈكلىيەلەيدىغان نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋالغاندا، كاللىسىدىكى كۆرۈنۈش ۋە سۆزلەرنى ۋاستە قىلغان تەپەككۈر مەركەزلىرىنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ مەركەزلەر ئەسلىدىنلا بىر-بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
   سۆزلەر بىلەن ئىماگلارنىڭ، ئەدەبىيات بىلەن رەسىمنىڭ بۇ خىل يېقىنلىقىنى سەمىمىزگە سېلىش ئۈچۈن، لاتىن شائىرى خوراتىئۇس(Horatius) نىڭ «شېئىر سەنئىتى» دېگەن ئەسىرىدىكى « شېئىرمۇ رەسىم كەبىدۇر» دېگەن جۈملىنى تىلغا ئېلىش بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. خوراتىئوس، خومېروسنىڭمۇ ناچار مىسرالىرىنىڭ بارلىقىنى دەپ كېلىپ، تۇيۇقسىزلا بۇ مەشھۇر گېپىنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنىڭ كەينىدىنلا قىلغان، كىشىلەرگە ئانچە تونۇش بولمىغان تۆۋەندىكى گەپلىرىنىمۇ، مەنزىرە رەسىمىنى كۆرۈش بىلەن رومان ئوقۇشنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىقنى سەمىمگە سالغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن: «شېئىرمۇ رەسىم كەبىدۇر. بەزىلىرىگە يېقىندىن قارىغاندا تەسىر قىلىدۇ، بەزىلىرى يىراقتىن قارىغاندا. بەزى رەسىملەر قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى خالايدۇ، بەزىلىرى بولسا ئوبزورچىلارنىڭ كەسكىن تەنقىدلىرىدىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن يوپيورۇق يەرلەردە كۆرۈلىشى كېرەك. بەزىلىرى بىر قېتىملا ھۇزۇر بېرىدۇ، بەزىلىرى ئون قېتىم كۆرگەندىن كېيىن زوق بېغىشلايدۇ.»
   خوراتىئۇس، «شېئىر سەنئىتى» دېگەن ئەسىرىدە يەنە  شېئىرنى _ ئەدەبىياتنى _ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن رەسىم بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ۋە رەسىم ئۇقۇملىرىغا مۇراجەت قىلىدۇ، لېكىن پىكىرلىرى ۋە مىساللىرى شېئىردىن ۋە رەسىمدىن ئېلىنىدىغان زوقلارنىڭ ئوخشاشلىقىدىن نېرى كېتەلمەيدۇ. ئەدەبىيات بىلەن رەسىم سەنئىتى ئارىسىدىكى ئەسلى «پەرق»نى، گېرمانىيەلىك درامماتورگ، ئوبزورچى گوتخولد ئېفرائىم لېسسىڭ (Gotthold Ephraim Lessing) ئۆزىنىڭ Laocoön دېگەن كىتابىدا ئانالىز تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى. لېسسىڭ «رەسىم سەنئىتى ۋە شېئىرىيەتنىڭ چېگرالىرى ھەققىدە  ئىزدىنىش» دەپ كىچىك ماۋزۇ قويۇلغان ئۇزۇن ماقالىسىدە، ھازىر ھەممە كىشى چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ۋە تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بارغان مۇنداق بىر سېلىشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: شېئىر ياكى ئەدەبىيات _ زامان ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر سەنئەتتۇر. رەسىم (لېسسىڭ ھەيكەلتاراشلىقنىمۇ مىسال ئالىدۇ) ۋە باشقا كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلغان سەنئەتلەر بولسا ھەجىمگە ئاساسلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لېسسىڭ، ئەدەبىيات بىلەن رەسىم ئارىسىدىكى ئاساسلىق پەرقنى كانتنىڭ مەشھۇر ئىككى پەلسەپەۋى كاتېگورىيەسى، يەنى زامان ۋە ماكان بىلەن ئىزاھلايدۇ.
   بىر مەنزىرە رەسىمىگە قارىغىنىمىزدا، ئومۇمىي مەزمۇننى بىردەمدىلا ئاڭقىرىمىز. ھەممە نەرسە كۆز ئالدىمىزدا، ھەجىم ئىچىدە بولغان بولىدۇ. لېكىن بىر شېئىرنىڭ ياكى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ، ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى، يەنى ھېكايىنى، توقۇنۇشنى، ۋەقەلەرنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەقەلەر، توقۇنۇشلار ۋاقىت ئىچىگە جايلاشقان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېتىدۇ.
   ئەسلىدە بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن _ خۇددى خوراتىئۇس دېگەنگە ئوخشاش _ رەسىمنى ئون قېتىم كۆرۈش، يېقىندىن ۋە يىراقتىن نەزەر سېلىش، رەسىمنىڭ تەپسىلاتلىرىغا دېققەت قىلىش ۋە  بىر مەزگىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى رەسىملەر بىر ھېكايىنى ئىپادىلەش، تەپسىلاتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بىردىن كۆپ ۋاقىتنى، يەنى ئارستوتېلنىڭ پەيتلىرىنى ئوخشاش بىر رامكا ئىچىگە جايلاشتۇرالايدۇ. چوڭ ھەجىملىك بىر رەسىمنىڭ بىر بۇرجىكىدە چوڭ بىر ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان تۇنجى ھەرىكەتنى كۆرەلىگىنىمىزگە ئوخشاش، يەنە شۇ رەسىمنىڭ باشقا بىر بۇرجىكىدە ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە يارىدار بولغانلارنى، يەرلەردە ياتقان جەسەتلەرنىمۇ بايقىيالايمىز.
   لېكىن بۇ ئۆرنەكلەر لېسسىڭنىڭ مەشھۇر سېلىشتۇرمىسىنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسان روھىغا تەسىر قىلىش كۈچى سەۋەبىدىن قېرىنداش سەنئەتلەر دەپمۇ قارالغان  كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلغان سەنئەتلەر بىلەن ئەدەبىي سەنئەتلەرنىڭ يېقىنلىقىنى، لېسسىڭ زامان ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق پەلسەپىۋى كاتىگورىيەگە باغلاپ تۇرۇپ روشەن بىر پەرققە ئايلاندۇرغانىدى. بۇ خىل سېلىشتۇرۇشتىن مەن رومانلار ھەققىدىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئىزاھلاش ئۈچۈن پايدىلىناي: رومانلارمۇ، خۇددى رەسىملەرگە ئوخشاش، بىزگە، قاتۇرۇلغان پەيتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ كىچىك ۋە پارچىلانماس پەيتلەردىن(ئارستوتېلنىڭ پەيتلىرىگە ئوخشاش) رومانلاردا بىر ئەمەس، مىڭلاپ، ئونمىڭلاپ بولغان بولىدۇ. رومان ئوقۇش-- سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن بۇ پەيتلەرنى(ۋاقىتنى) تەسەۋۋۇرىمىزدا رەسىملەشتۈرۈش، يەنى ھەجىمگە ئىگە قىلىشتۇر.
   بىر رەسىمنى كۆرۈۋاتقاندا، مەيلى ئۇ بىر مەنزىرە بولسۇن، مەيلى بىر ۋەقە سۈرەتلەنگەن بولسۇن، ھەتتا مەيلى بىر گىياھسىز تەبىئەتنىڭ تەسۋىرى بولسۇن، دەرھاللا بىر ئاساسىي چۈشەنچە ياكى تەسىراتقا ئېرىشىمىز. لېكىن بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندا بولسا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بەتلەرنى ئۆرۈگەنچە  ئۇششاق تەپسىلاتلار، ئۇششاق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىمىز، ئومۇمىي مەنزىرەنى كاللىمىزدا گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتىمىز ۋە ھەممە نەرسىنى ئېسىمىزدە ساقلىۋېلىشقا تىرىشىمىز. بىر رەسىم بىزگە قاتۇرۇلغان بىر «پەيت»نى كۆرسىتىپ بەرسە، رومانلار ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلغان مىڭلارچە قاتۇرۇلغان پەيتنى سۇنىدۇ. روماندىكى پەيتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرەدىكى ئورنىغا، روماننىڭ مەركىزىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قانداق رول ئوينىغانلىقىغا قىزىقىمىز، بۇ خىل قىزىقىش رومان ئوقۇشنى كۆپىنچە ھاللاردا كىشىنى ھارغۇزىدىغان بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يازغۇچى نېمە ئۈچۈن دەرىزىدىن كۆرۈنگەن قار ئۇچقۇنلىرىنى بىزگە مۇشۇ پەيتتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ ياكى نېمە ئۈچۈن پويېز ۋاگونىدىكى باشقا كىشىلەرنى تەپسىلى تەسۋىرلەپ كېتىدۇ؟ بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈۋاتقان دەرەخلەرگە زەڭ سالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئورمانلىقنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىمىزگە، ئورمانلىقتىن قانداق چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا قىزىقىمىز، بۇ قىزىقىش، يەنە رومان ئوقۇشنى  روماننىڭ ئىچىدە ئادىشىپ قېلىشنىڭ نەپەسلەرنى بوغقۇچى تۇيغۇسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. لېكىن بۇ يەردە دىققىتىمىزنى جانلىق، تىرىك قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە، ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ، روماننى شەكىللەندۈرگەن ئون مىڭلارچە پارچىلانماس «پەيت»لەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلارغا ئاساسلانغان ئىنسانىي تەپسىلاتلار بىلەن كۆرۈنۈشلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغانلىقىدۇر. قىزىقىشىمىزنى قوزغاپ تۇرىدىغان نەرسە بولسا، ئاشۇ ئايرىم-ئايرىم دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك رومان قەھرىمانلىرىغا كۆرۈنۈش شەكلى، شەيئىلەرنىڭ قەھرىمانلارنىڭ روھى ھالەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشىدۇر.
   چوڭ ھەجىملىك بىر رەسىمگە قاراپ تۇرغان چېغىمىزدا، ھەممە نەرسىنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇشىدىن ھاياجانلىنىمىز، رەسىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈمىز كېلىدۇ. لېكىن چوڭ ھەجىملىك بىر روماننى  ئوقۇپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە بولسا، بىز تەلتۆكۈس كۆرۈپ يېتەلمىگەن بىر ئالەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇشنىڭ باشلىرىمىزنى قايدۇرىۋېتىدىغان ھۇزۇرىنى ھېس قىلىمىز. لېكىن ھەممە نەرسىنى كۆرەلىشىمىز ئۈچۈن، روماننىڭ پارچىلانماس پەيتلىرىنى تەسەۋۋۇر كۈچىمىز بىلەن رەسىمگە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك. بىر روماننىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا، سۆزلەردىن رەسىمگە ئايلاندۇرىشى كېرەك بولغان مىڭلارچە، ئون مىڭلارچە كىچىك پەيتلەردىن تۈزۈلىشى، رومان ئوقۇشنى  بىر رەسىمنى كۆرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ جەلىپكار ۋە شەخسىي بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىردىنبىر سەۋەپ ئەمەس، لېكىن يىگىرمە ئىككى ياش چېغىمدا، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن رەسىم سىزىشتىن ۋاز كېچىپ رومان يېزىشقا كىرىشكەن بولۇشۇم مۇمكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. يەنى، رومانلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى، رەسىمنىڭ ھەۋەسكارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدىن بەكرەك تېرەن بىر شەكىلدە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن! ياكى بولمىسا ئىستانبۇلدا، رەسىملىرىمنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغان ئادەملەرنى تاپالمايدىغانلىقىمنى سەزگەنلىكىم ئۈچۈن. بىز رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ رەسىمگە بولغان تۇنجى ئىنكاسىمىز. رومانلارنىڭ بولسا شۇ ھامانلا ئىچىگە كىرىپ كەتكۈمىز كېلىدۇ، كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھېچبولمىسا پويېزدىكى ئانناغا ئوخشاش غەيرەت قىلىپ باقىمىز.
   ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن رەسىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش، سۆزلەرنىڭ  تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى قانداق ئىشقا سالىدىغانلىقىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن، دوستۇم پروفېسسور ئاندرېئاس خۇيسېن بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل بىللە ئېلىپ بارغان سېمىنار(ئىلمىي سۆھبەت)لىرىمىزدا، تېما مۇقەررەر بىر يوسۇندا قەدىمىي يۇنانلىقلار « ئېكفراسىس» (ekphrasis) دەيدىغان نەرسىگە بېرىپ تاقالدى. بۇ ئاتالغۇنىڭ تار ۋە ئىپتىدايى مەنىسى، كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان سەنئەتلەرنى، يەنى رەسىم ۋە ھەيكەللەرنى شېئىرىي شەكىلدە تەسۋىرلەشنى كۆرسىتەتتى. شېئىرلاردىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە ھەيكەللەر ھەقىقىي ياكى خىيالىي بولسا بولىۋېرىدۇ، خۇددى رومانلاردىكى تەپسىلاتلارغا ئوخشاش، بۇنى بەك زىغىرلاپ كېتىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتىمۇ يوق. ئېكفىراسىسنىڭ ئەڭ كلاسسىك ۋە ئەڭ تونۇلغان ئۈلگىسى خومېروس «ئىليادا» نىڭ 18- بابىدا تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن ئاكخىللېئۇسنىڭ يېڭى قالقانىدۇر. خومېروس بۇ قالقاننىڭ ئۈستىگە نەقىشلەنگەن يۇلتۇزلارنى، قۇياشنى، شەھەرلەرنى، ئىنسانلارنى شۇنداق بىر تەسۋىرلەيدۇكى، بۇ تەسۋىر پۈتۈن ئالەمنىڭ سۆزلەر بىلەن سىزىلغان رەسىمىگە، ھەتتا قالقاننىڭ ئۆزىدىنمۇ مۇھىم بولغان بىر ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ۋ. خ. ئاۋدېن(W.H. Auden)، خومېروسنىڭ بۇ تەسۋىرلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ بىر شېئىرمۇ يازغانىدى.
   بۇ ئۇسۇلنى مەن كىتابلىرىمدا كۆپ قوللاندىم، لېكىن ئاۋدېنغا ئوخشاش، بىر دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، يەنى ئۇنىڭغا يىراقتىن نەزەر سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە، رەسىمنىڭ ئىچىگە سۆز-جۈملىلەر بىلەن كىرىش، دەۋرنىڭ بىر قىسمى بولۇش ئۈچۈن قوللاندىم. بولۇپمۇ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دا، رەسىملەردىكى قەھرىمانلارنى، رەڭلەرنى، شەيئىلەرنى سۆزلەتكىنىمدە، رەسىم ۋاستىسى بىلەن ئاڭلىتىشنى ۋە يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيانىڭ ئىچىگە كىرگىنىمنى، ئوقۇرمەنلىرىمنىمۇ ئۇ يەرگە سۆرەپ كىرەلەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئۆتمۈش بىز ئۈچۈن يا كونا بىر ئىمارەت، ياكى قەدىمىي ئەسەرلەر ۋە ياكى بولمىسا كونا رەسىملەردىن ئىبارەت بولىدۇ. مەن پەقەت يازمىلاردىنلا ئەمەس، رەسىملەردىنمۇ يولغا چىقىپ، ئۆتمۈشنىڭمۇ رومان ئۈچۈن كېرەكلىك بىر تېرىشچانلىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىنسا بولىدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى پەملەپ، ئىستانبۇلدا توپكاپى سارىيى خەزىنىسىدە 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ساقلانغان كىتابلار ۋە توپلاملارنىڭ  ئىچىدىكى رەسىملەرنى( بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى ئىران ۋە ئافغانىستان زىمىنلىرىدا سىزىلغان) تەپسىلى تەسۋىرلەپ، بۇ مىكرو رەسىملەردىكى قەھرىمانلار، شەيئىلەر ھەتتا شەيتانلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقىپ يېڭى بىر دۇنيانى جانلاندۇرۇپ بېرىشكە كىرىشتىم.
   بۇ ئۇرۇنۇشلىرىم ماڭا ئېكفراسىسنىڭ تېخىمۇ كەڭرەك بولغان بىر ئىزاھاتىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئەسلىدە مەيلى قەدىمكى يۇنانلىقلاردىن ئىلھام ئېلىپ «ئېكفراسىس» دەيلى، مەيلى ئادەتتىكىچە قىلىپ «تەسۋىر» دەيلى، بۇ يەردىكى مەسىلە، خىيالىي ياكى ھەقىقىي دۇنيادا ئورۇن ئالغان «مۆجىزە»لەرنى (ياكى ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈشنى) ئۇلارنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانلارغا سۆز ۋاستىسى بىلەن ئاڭلىتىشتۇر. گەپنىڭ فوتو-سۈرەتچىلىك مەيدانغا كەلمىگەن دەۋرلەردىكى سەنئەت ئۈستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە فوتو نۇسخىلاش، زامانىۋى باسمىچىلىق يوق چاغلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى. قىسقىسى، ئېكفراسىس ياكى تەسۋىردىكى ئاساسلىق مەسىلە، كۆرگەنلەرنىڭ كۆرمىگەنلەرگە، كۆرگەنلىرىنى سۆزلەر بىلەن ئاڭلىتىشىدۇر.
   بۇنىڭغا ياخشى بىر مىسال، لېئوناردو دا ۋىنچى(Leonardo da Vinci) نىڭ «ئاخىرقى غىزا» ناملىق رەسىمى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىلىرى ھەققىدە گۆتې(Goethe)نىڭ 1817- يىلى يازغان يازمىسىدۇر. گۆتې، بۇ يازمىسىدا خۇددى ھازىرقى زاماندىكى بىر ئايروپىلان شىركىتىنىڭ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر يازمىغا ئوخشاش، گېرمانىيەلىك ئوقۇرمەنلەرگە لېئوناردو دا ۋىنچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، بۇ رەسىمنىڭ ئىنتايىن مەشھۇرلۇقىنى ۋە «بىر قانچە يىل بۇرۇن» مىلانوۋدا بۇ رەسىمنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغاچ گېپىنى باشلايدۇ. گۆتې، يازمىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن بۇ رەسىمنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئالدىغا قويۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن يازمىسىدىن، ئۆزى كۆرگەن بىر نەرسىنى  پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانلارغا تەسۋىرلەپ بېرىشنىڭ ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇشنىڭ مەستخۇشلۇقى، ھاياجىنى ۋە ئىزتىراپلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. رەسىم ۋە بىناكارلىققا قىزىقىدىغان، رەڭلەر ھەققىدە چوڭ گەپلەر بىلەن قاملاشمىغان بىر كىتابمۇ يېزىپ چىققان  گۆتېنىڭ ئەدەبىي تالانتىنىڭ ئەسلىدە كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلغان شەكىلگە ئەمەس، سۆزلەرنى ۋاستە قىلىدىغان ئەدەبىي شەكىلگە ماس كېلىدىغانلىقىمۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە بىزگە پات-پات ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر زىتلىقتۇر، لېكىن مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس.
   رومان يېزىش ئىستىكى، ئىجادىي بىر تۈرتكە بولۇش سۈپىتىدە، كۆرۈنۈش ھالىتىدىكى شەيئىلەرنى سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىش ھەۋىسى ۋە ئارزۇلىرى بىلەن قوزغىلىدۇ! ھەرقانداق بىر روماننىڭ كەينىدە شەخسىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مۇددىئالار بولغان بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل مۇددىئالارنى باشقا يوللار بىلەن، مەسىلەن ئەدەبىي خاتىرە، زىيارەت خاتىرىسى، شېئىر، ئاخباراتچىلىق ۋە باشقا ئەدەبىي شەكىللەر بىلەنمۇ مۇرادىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. كىچىك چېغىمدا ئىستانبۇلدا، تۈركىيەدە تېلېۋىزور تېخى بولمىغان 1960- يىللاردا  پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ «نەق مەيدان»دىن ئاڭلىتىشىنى رادىيودىن ئاڭلايتتۇق. نەق مەيداندىن ئاڭلاتقۇچى ئۆزى كۆرۈاتقان ھەرىكەتلەرنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغان تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، قايسى پۇتبولچىنىڭ مەيداننىڭ قەيىرىدىن قەيىرىگە قاراپ يۈگۈرىۋاتقانلىقىنى، توپنىڭ ھازىر بوغۇز تەرەپتىكى ۋاراتاغا قايسى يۆنىلىشتىن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا جانلاندۇرۇپ بېرەتتى ۋە سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن مۇسابىقىنى كۆرگەندەك بولاتتۇق. چۈنكى ئاڭلاۋېرىپ ئاڭلاتقۇچىنىڭ ئاۋازى، ھۈنىرى، سۆز تاللىشى(خۇددى بىز ئامراق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغاندەك) غا كۆنۈپ، ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇشنى بىلىۋالغان، ھەتتا بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغانىدۇق. نەق مەيداندىن ئاڭلىتىشنى ئاڭلاش، پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى نەقمەيداندىن كۆرگەندەكلا بىزنى رازى قىلاتتى. رومان يېزىش ۋە ئوقۇشمۇ بۇ خىل ئالاقىدىن بەھىرلىنىش، ئۇنىڭغا كۆنۈش، ئۇنى ئارزۇ قىلىش، دۇنيانى سۆزلەر ئارقىلىق كۆرۈش ۋە كۆرسىتىش خۇشاللىقىدۇر.
   ت. س. ئېللىئوت «ھاملېت ۋە ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەر» ناملىق ماقالىسىدە مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالغان «ماس ئوبيېكىت» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. (ئاۋۋال، ت.س. ئېللىئوتنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا، ئەدەبىي ئەسەردە قەھرىمانلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ ياكى پىسخىكىسىنىڭ ئۇنچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مېنىڭ ئالدىنقى ماقالەمگە باغلاپ تۇرۇپ بىر ئەسلەيلى.) ت.س. ئېللىئوت بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، خۇددى باشقىلارمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بىر سەنئەت ياكى ئەدەبىي ئەسىرىدە تۇيغۇلارنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن، سەنئەتكارنىڭ بۇ تۇيغۇلارغا ماس ئوبيېكىت بولالىغۇدەك «بىر تۈركۈم نەرسىلەر، بىر ۋەزىيەت، بىر قاتار ۋەقەلىك» ئىجات قىلىشى كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. روماندا ئەگەر «ماس ئوبيېكىت» دېيىلگەن نەرسە بولسا، ئۇ دەل ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆرۈلگەن، سۆزلەر بىلەن روياپقا چىقىرىلغان مەلۇم بىر پەيتنىڭ رەسىمىدۇر. ت.س. ئېللىئوتنىڭ «ماس ئوبيېكىت» دېگەن بۇ پىكىرنى، ئامېرىكىلىق رومانتىك مەنزىرە رەسسامى ۋاشىڭتون ئالستون(Washington Allston)دىن  ئالغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى. ئالستون رەسسام بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كولېرىج بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولغان بىر شائىردۇر. ئالستوندىن ئوتتۇز يىل كېيىن، گېرارد دې نېرۋال(Gérard de Nerval)، چارلېس بودلېر(Charles Baudelaire)، تېئوفىل گوتېر(Théophile Gautier)  قاتارلىق بىر تۈركۈم رەسسام ۋە شائىرلار شېئىردا ھەممىدىن ئاۋۋال مۇھىم بولغان نەرسىنىڭ ئىچكى ۋە روھى مەنزىرە ئىكەنلىكنى، مەنزىرە رەسىملىرىدە مۇھىم بولغان نەرسىنىڭ بولسا «تۇيغۇ» ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىشقانىدى.
   تولىستوي، سانت پېترسبۇرگ پويىزىدا ئاننانىڭ قانداق تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى يازمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ تۇيغۇلارنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىزگە سەۋەب بولىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ: سول تەرەپتىكى دەرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قار ئۇچقۇنلىرى، ۋاگوندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر، ھاۋانىڭ سوغۇقلىقى، ئاننانىڭ رومان كىتابنى «قىزىل» سومكىسىدىن ئېلىشى، كىچىككىنە قوللىرى بىلەن بىر ياستۇقنى قۇچىقىغا قويۇشى ... بۇلاردىن كېيىنلا ۋاگوندىكى كىشىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئوقۇرمەنلەر ئاننانىڭ قولىدىكى كىتابنى ئوقۇيالمىغانلىقىنى، كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ۋاگوندىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز؛  تولىستوينىڭ سۆزلىرىنى كاللىمىزدا ئاننا كۆرگەن كۆرۈنۈش-رەسىملەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىمىز. ئەگەر بىز ۋەقەلەرنى، كۆرۈنۈش-مەنزىرىلەرنى ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئەمەس بەلكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى بىر ئەسەرنى، مەسىلەن بىر داستاننى ئوقۇۋاتقان بولساق ئىدۇق، ئاننانىڭ روماننى ھەۋەس بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بايان قىلغۇچىنىڭ شۇ تاپتا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ مۇھىت تەسۋىرى ئادىتى بويىچە ۋاگوننىڭ ئىچىنى تەسۋىرلەشكە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى پەزەر قىلغان بولاتتۇق. ھونگېرىيەلىك ئوبزورچى گيورگى لۇكاس(György Lukacs) « بايان قىلىشمۇ ياكى تەسۋىرلەشمۇ؟» دېگەن ماقالىسىدا بۇ ئىككى خىل ئىپادىلەشنىڭ ئارىسىدا كەسكىن بىر پەرق بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تولىستوي «ئاننا كارېنىنا» دا تەسۋىرلىگەن ئات بەيگىسىنى، ئاننا ۋە يەنە بىر قەھرىمان ۋرونىسكىنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن، بۇ قەھرىمانلارنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن ئۆزلىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز. ھالبۇكى، زولانىڭ «نانا» دېگەن ئەسىرىدىكى ئات بەيگىسىگە بولسا، بىز ئوقۇرمەنلەر ۋەقەلىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ نەزەر سالىمىز، لۇكاسنىڭ گېپى بويىچە « تېمىدىن چەتنىگەن، زورلاپ قىستۇرۇلغان، كېرەكسىز» بىرمۇنچە ئۇچۇر ۋە تەسۋىرلەرگە يولۇقىمىز. بىر روماندا يازغۇچىنىڭ مەقسىدىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇرمەنلەر مەنزىرىنى، نەرسە-كېرەكلەرنى، سۆزلەرنى، دىيالوگلارنى، كۆرۈنگەن ھەممە نەرسىنى رومان قەھرىمانلىرىنىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ بىر قىسمى، داۋامى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ مەن ئالدىنقى قېتىم دەپ ئۆتكەن روماننىڭ مەخپىي مەركىزى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.
   ئەمدى، ت.س. ئېللىئوت «بىر تۈركۈم نەرسىلەر» دېگەن نەرسە ھەققىدە توختىلىمىز. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەنزىرە، ستېندخال (Stendhal) نىڭ «قىزىل ۋە قارا» ناملىق رومانىنىڭ باش قىسمىدا كۆرۈلىدىغان مەنزىرىدىن بەكرەك شەھەر ئىچىنىڭ، كوچىلارنىڭ، دۇكانلارنىڭ، ئەينەكلىك تەزگاھلارنىڭ، ھوجرىلارنىڭ، ئۆي ئىچىنىڭ، ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ، كۈندۈلۈك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ستېندخالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» دېگەن رومانى مۇنداق باشلىنىدۇ:

   ۋېريېر شەھىرى پۈتكۈل فرانش كونتې ۋىلايىتى  بويىچە ئەڭ مەنزىرىلىك، گۈزەل شەھەرلەردىن بىرى ئىدى. قىزىل كاھىش ئۆگزىلىك، مۇنار شەكىلىدىكى ئاپئاق ئاقارتىلغان ئۆيلەر تۆپىلىك بويلاپ سېلىنغانىدى. ئەگرى –توقاي، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ تۆپىلىكنى بۈك-باراقسان كاشتان دەرەخلىرى بېزەپ تۇراتتى. شەھەر ئىستىھكاملىرىدىن نەچچە يۈز قەدەم تۆۋەندە دوبس دەرياسى شارقىراپ ئېقىپ تۇراتتى.  بىر چاغلاردا ئىسپانلار سالدۇرغان بۇ ئىستىھكاملار ھازىر پۈتۈنلەي  خارابىلىككە ئايلانغانىدى.

   رومان سەنئىتىنىڭ 19- ئەسىردە ئاجايىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ياۋروپادىكى ھۆكۈمران بىر ئەدەبىي شەكىلگە ئايلىنىشى بىلەن، 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان بىر شەكىلدە ھەسسىلەپ ئېشىشى ۋە شەھەر، ئۆيلەرنىڭ شۇ زامانغا قەدەر پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ماددىي باياشاتلىق ۋە خىلمۇ خىللىق بىلەن تولۇپ-تېشىپ كېتىشىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن باياشاتچىلىق، غەربتە، بولۇپمۇ شەھەر ھاياتىدا، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى خىلمۇ-خىل يېڭى نەرسىلەر، ئۈسكۈنىلەر، ئىستىمال بويۇملىرى، سەنئەت ئەسەرلىرى، كېيىم-كېچەك، رەخت، رەسىم، زىننەت بويۇملىرى بىلەن تولدۇرىۋەتتى. پۈتۈن بۇ نەرسە-كېرەكلەر تونۇشتۇرۇلغان گېزىتلەر، ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان تەبىقىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە قىزىقىشلىرى، ئېلانلار، شەھەرلەرنى بىر ئالغان خىلمۇ-خىل بەلگە، ۋېۋىسكا ۋە ئىشارەتلەر غەرب مەدەنىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ مۇھىم ۋە رەڭگارەڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆرۈنۈش شەكلىدىكى بۇ مولچىلىق ۋە باياشاتلىقلار، نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كۆپلىكى، شەھەرلەرنىڭ رەڭگارەڭ ۋە مۇرەككەپ ھالەتلىرى بۇرۇنقى چاغلاردا بىۋاستە ۋە ئاسانلا كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغان تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئاللىقاياقلارغا ئىتتىرىپ تاشلىدى. ئىنسانلار ئەمدى شەھەر ئورمانلىرىدا بىرەر تۈپ دەرەختىن پۈتۈن ئورماننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ يېتەلمەس بولۇپ قالغاچقا، ئۆزلىرى ئىزدىمەكچى بولغان مەنانىڭ قەيەرلەردىدۇر بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشكە باشلىدى. بۇ يېڭىچە تۇرمۇش ۋە ھاياتتا، زامانىۋى شەھەر ئىنسانلىرى، ئۆزلىرى ئىزدەپ يۈرگەن يېڭى مەنالارنىڭ بىر قىسمىنى ھاياتىنى مول ۋە باياشات قىلغان يېڭى نەرسە-كېرەكلەردىن تېپىپ چىقتى. بىر ئادەمنىڭ جەمىيەت ۋە روماندىكى ئورنى ئۆيى، نەرسە-كېرەكلىرى، ھوجرىلىرى، مېھمانخانىلىرى، ئۆيىدىكى زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى ئارقىلىقمۇ بەلگىلىنىدىغان بولۇشقا باشلىدى. نېرۋال 1853- يىلى نەشىر قىلدۇرغان «سيلۋىيە» ناملىق كۈچلۈك شېئىرىي ۋە رەسىم پۇرىقىغا ئىگە رومانىدا، ئۇ دەۋردە كونا ئۇسلۇپتا سېلىنغان بىنا ئۆيلەرنى رەڭدار قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق-چۈششەك ھەر خىل نەرسىلەرنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ بىر ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.
   ياۋرۇپادا مال-مۈلۈك، رەسىم، نەرسە-كېرەكلەر ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىڭ موللىقى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي ۋە شەخسى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى رومان مەنزىرىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان تۇنجى يازغۇچى بالزاك بولدى. ستېندخالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» ناملىق رومانى ۋە ئوخشاش مەزگىلدە يېزىلغان «گورىيو بوۋاي» رومانىمۇ، ۋەقەلىك راۋاجلىنىدىغان جايلارنىڭ سىرتقى مەنزىرىلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. لېكىن بالزاكنىڭ ئەسىرىدە بىز ئاستا- ئاستا  ئىچىگە كىرىدىغان يەر، ستېندخالنىڭ رومانىدىكىگە ئوخشاش بىر جىلغىغا جايلاشقان گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك بىر شەھەر ئەمەس، بەلكى بالزاك ناھايىتى تەپسىلى تەسۋىرلىگەن،  ئىچىگە ئىشىكىدىن ياكى گۈللۈكىدىن كىرىلىدىغان بىر مېھمانخانىدۇر. مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىكى رەختلەر بىلەن قاپلانغان كىرىسلولار، ئۈستى مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئۈستەل، فار-فۇردىن ياسالغان چىنە-چەينەكلەر، گۈل سېلىنغان لوڭقىلار، تاماق ھىدلىرى، رەڭسىز كوزىلار، گىرۋەكلىرى كۆك ۋە قېلىن تەخسە دۆۋىلىرى، بارومېتېر، ناچار ئويمىلار ۋە يېشىل رەڭلىك مەش ئەسەر قەھرىمانلىرى ياشىغان جايلارنىڭ نوقۇل ھالدىكى تەسۋىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى مېھمانخانا خوجايىنى ۋاكۇئېر خانىمنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
   نەرسە-كېرەكلەرنى بايقاش، تەسۋىرلەش، ئۆي ئىچىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى كۆرۈش، بالزاك ئۈچۈن خۇددى ئىزلاردىن جىنايەتچىنى تېپىپ چىققان رازۋېتچىككە ئوخشاش، رومان قەھرىمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە روھى ھالەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇشنىڭ بىر يولى ئىدى. فلائۇبېرتنىڭ 35 يىل كېيىن نەشىر قىلدۇرغان « رومانتىك تەربىيە» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئەسەر قەھرىمانلىرى بىر-بىرىنى خۇددى بالزاكنىڭ قەھرىمانلىرىغا ئوخشاش نەرسە-كېرەكلىرىدىن، كىيىم-كېچەكلىرىدىن ۋە مېھمانخانا ئۆيىنى زىننەتلىگەن ھەرخىل ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەردىن تونۇيدۇ، شۇنىڭغا يارىشا مۇئامىلە قىلىدۇ.

   «<ۋاتناز خېنىم> پەلەيلىرىنى سالدى، ھوجرىدىكى ئۆي جابدۇقلىرى ۋە بېزەك بويۇملىرىغا كۆز يۈگۈرتتى. ... بەك ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن فېرېدېرىخنى تەبرىكلىدى... يېشىل رەڭلىك كۆڭلىكىنىڭ يەڭلىرىگە رەشىلىيە ئىشلەنگەنىدى؛ جىلىتكىسىگىمۇ خۇددى بىر چەۋەندازنىڭ فورمىسىدەك زەر تۇتۇلغانىدى. چۆرىسىگە قارا پەي تۇتۇلغان ۋە بىر ئاز ئالدىغا چۆكۈپ تۇرىدىغان شىلەپىسى پىشانىسىنى سەل توسۇپ تۇراتتى...»

20 ياشلارغا كىرگەن چېغىمدا، غەرب رومانلىرىدا مېنىڭ چەكلىك بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىمدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەر ۋە كىيىم-كېچەكلەر ھەققىدىكى بۇنداق تەسۋىرلەرگە يولۇققىنىمدا، تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىم ، كۆرۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن، لۇغەتلەرنى، ئېنسىكلوپېدىيەلەرنى ئاختۇراتتىم، سۆزلەرنى كاللامدا رەسىمگە ئايلاندۇرۇشتا قىينىلاتتىم، بۇ نەرسىلەرنى مەلۇم بىر روھى ھالىتىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۆرۈپ بېقىشقا ئۇرۇناتتىم ۋە شۇنداق قىلالىسام ئارام تېپىپ قالاتتىم.
  ئەمدى فرانسۇز رومانلىرىغا قاراپ باقايلى: بالزاكنىڭ ئەسەرلىرىدە قەھرىمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويغان نەرسە-كېرەكلەر، فلائۇبېرتنىڭ ئەسەرلىرىدە شەخسىي ھەۋەس ۋە خاراكتېرلارنىڭ بەلگىسى، زولانىڭ ئەسەرلىرىدە بولسا بىر خىل ماددىي كۆرگەزمە بولۇپ چىقىدۇ. يەنە شۇ ئوخشاش نەرسە-كېرەكلەر( بەلكىم ئۇلار ئەمدى يەنە شۇ ئوخشاش نەرسىلەر ئەمەستۇ) پروئۇستنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان بىر كۈچكە، سارترېنىڭ ئەسەرلىرىدە ھاياتتىكى بۇرۇختۇملۇقنىڭ بەلگىسىگە، روببې گرىللېت(Robbe Grillet)نىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنسانلاردىن خالىي، سىرلىق  نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ. پېرېس(Perec)نىڭ ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، نەرسە-كېرەكلەر، ئەگەر ماركىلىرى بويىچە تىزىپ چىقىدىغان بولساق شېئىرىي گۈزەللىك بېرەلەيدىغان سىرلىق نەرسىلەر بولۇپ چىقىدۇ. ئورۇن ئېتىبارى بىلەن بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. نەرسە-كېرەكلەر ھەممىدىن ئاۋۋال رومانلارنىڭ كىچىك ۋە ساناقسىز پەيتلىرىنىڭ ھەم ۋاز كېچىلمەس قىسىملىرىدۇر ھەم بۇ پەيتلەرنىڭ سىمۋول ۋە ئىشارەتلىرىدۇر. بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن رومان قەھرىمانلىرىنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن دۇنياغا نەزەر سېلىپ ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن ئۆزلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن قەھرىمانلارنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى، تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى قەھرىمانلارنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن كاللىمىزدا بىرلەشتۈرىمىز. رومان يېزىش _ قەھرىمانلارنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئىككىسىنى بىر يولىلا، بىر جۈملىدە بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈشكە قادىر بولۇشتۇر. ئۇ چاغدا ساددا بىر ئوقۇرمەنگە ئوخشاش، روماندىكى ۋەقەلەر بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى، توقۇنۇش بىلەن تەسۋىرنى بىر-بىرىدىن ئايرىماي، پەقەت بىرلا پەيت سۈپىتىدە كۆرىمىز. رومان ئوقۇغاندا «تەسۋىرلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىمەن!» دەيدىغان ئوقۇرمەننىڭ ئىنكاسى ئەلۋەتتە تولىمۇ ساددا بولىدۇ؛ لېكىن ۋەقەلىك بىلەن تەسۋىرلەرنى ئايرىۋەتكەن يازغۇچىمۇ بۇ خىل ئىنكاسقا سەۋەب بولغان بولىدۇ. بىر روماننى ئوقۇشقا باشلاپ ئىچىگە كىرگىنىمىزدە ئومۇمىي مەنزىرىنى كۆرەلمەيمىز، دەل ئەكسىچە ئورمانلىقنىڭ قەيىرىدە تۇرغانلىقىمىزنى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا تايىنىپ تېپىشقا ئۇرۇنىمىز. لېكىن روماننى رومان قىلغان ئايرىم-ئايرىم دەرەخلەرگە يولۇققىنىمىزدا، يەنى پەيتلەرنىڭ، جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدە، پەقەت ۋەقەلەرنى، راۋاجنى، توقۇنۇشنىلا ئەمەس، شۇ پەيتنى ئىپادىلەپ بەرگەن كۆرۈنۈش-رەسىمنىمۇ كۆرگىمىز كېلىدۇ. بۇ، بىر روماننى كاللىمىزدا ئۈچ ئۆلچەملىك، ھەقىقىي، قايىل قىلارلىق بىر دۇنياغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇ چاغدا ۋەقەلەر، نەرسە-كېرەكلەر ۋە توقۇنۇش بىلەن مەنزىرە ئارىسىدا  ئارىلىق ئەمەس، دەل ئەكسىچە، خۇددى تۇرمۇشتا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش، بىر بىرلىكنىڭ بارلىقى ھېس قىلىنىدۇ. رومان يېزىۋاتقان چاغلىرىمدا ئاۋۋال ۋەقەلىكنى كاللامدا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈنۈش- رەسىم ھالىتىدە كۆرۈشىم ۋە «مۇۋاپىق رەسىم» نى تاللىشىم ياكى يارىتىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلغانىدىم.
   خېنرى جامېس(Henry James)نى مىسال ئالايلى. جامېس «ئالتۇن تاۋاق» رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدە، رومانىنى كىمنىڭ كۆزىدىن، قايسى قوشۇمچە قەھرىماننىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن يېزىشنى قانداق قارار قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا( بۇ جامېس ئۈچۈن ھەر دائىم ئەڭ مۇھىم بولغان بىر تېخنىكىلىق مەسىلىدۇر) «ھېكايەمنى كۆرۈش» دېگەن بىر ئاتالغۇنى قوللىنىدۇ ۋە كېيىن بۇ بايان قىلغۇچىنى، ۋەقەلەرگە بەك ئارىلىشىۋالمىغان، ئەخلاقىي غەملەرگە پېتىپ كەتمىگەن، ئارىلىق ساقلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا بىر «رەسسام» قىلىپ بېكىتىدۇ. خېنرى جامېس رومانچىلىقنىڭ سۆزلەر بىلەن رەسىم سىزىش ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ھېس قىلغان، كىرىش سۆزلىرىدە ۋە ئوبزورلىرىدا ئومۇمىي مەنزىرە، رەسىم، رەسسام دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ھەقىقىي ياكى مەجازىي يوسۇندا داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن بىر يازغۇچىدۇر.
   بۇنىڭدىن باشقا پروئۇستنىڭ بىر ئۆمرىنى سەرپ قىلغان داڭلىق رومانىنى « رومانىم بىر رەسىمدۇر» دېگەنلىكىنى يادىمىزغا ئالايلى: روماننىڭ ئاخىرىدا «يوقالغان زاماننىڭ ئىزى» نىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق يازغۇچى بېرگوتتې، بىر ئوبزورچىنىڭ ۋېرمېر سىزغان « دېلفت مەنزىرىسى» ناملىق رەسىمدىكى سېرىق رەڭلىك بىر تامنى جۇڭگۇچە رەسىملەرگە ئوخشاتقانلىقىنى گېزىتتە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىغا قارىماي ئەسلىدە ئۆزىگە تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئۇ رەسىمنى يەنە بىر كۆرگىلى بارىدۇ. ۋېرمېرنىڭ رەسىمىدىكى سېرىق رەڭنى كۆرۈپ، ھاياتىدىكى پۇشايمانغا تولغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى قىلىدۇ: « ئاخىرقى كىتابلىرىم بەك قۇرغاق چىقىپ قاپتۇ؛ ئۈستى-ئۈستىلەپ، قاتمۇ-قات رەڭ بېرىشىم، بۇ كىچىك سېرىق تامغا ئوخشاش، جۈملىلىرىمگە ئۆز ئالدىغا قىممەت ئاتا قىلدۇرۇشىم كېرەك ئىكەنتۇق.» باشقا نۇرغۇنلىغان فرانسۇز يازغۇچىلارغا ئوخشاش، سەنئەتكە، بولۇپمۇ رەسىمگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بولغان پروئۇستنىڭ ئۆزى ياراتقان پىرسۇناژ يازغۇچى بېرگوتتې ئارقىلىق ئۆزىنىڭكىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدىغان بىر كۆز-قاراشنى تىلغا ئالغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. لېكىن ئاۋۋال « پروئۇست ئەپەندى، رومانىڭىزدىكى يازغۇچى بېرگوتتى سىزمۇ؟» دېگەن سۇئالنى كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ سورىۋالايلى.
   مەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ رەسسامدەك بولۇش ئىرادىلىرىنى، رەسىم سەنئىتىگە بولغان قىزغىنىشلىرىنى ۋە «رەسسام كەبى» يازالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنىشلىرىنى ناھايىتى توغرا چۈشىنىمەن. چۈنكى رومانچىلىق، سۆزلەردىن ئاۋۋال، دۇنيانى رەسىم ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىشىدۇر. ئاندىن كېيىن، بىز تەسەۋۋۇر قىلغان رەسىملەرنى سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىمىز ۋە شۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنلەرمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ھەتتا بىر يازغۇچى، خوراتىئۇسنىڭ ئەسىرىدىكى رەسسامغا ئوخشاش كەينىگە داجىپ ئەسىرىگە يىراقتىن نەزەر سالالمىغانلىقى ئۈچۈن(چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن روماننى باشتىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ) ئۆزى تەسۋىرلىگەن دۇنيانىڭ نەرسە-كېرەكلىرىگە(ئورمانلىققا ئەمەس، دەرەخلەرگە)، ئايرىم-ئايرىم پەيتلەرگە ۋە كۆرۈنۈشلەرگە بىر رەسسامدىن بەكرەك يېقىن تۇرغان بولىدۇ. رەسىم بىزگە رېئاللىقنىڭ بىۋاستە بىر ئۆرنىكى ياكى تەقلىدىنى سۇنىدۇ. بىر پارچە رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرغان چېغىمىزدا، يالغۇز رەسىم تەۋە بولغان دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى خېيدېگگېر(Heidegger)، ۋان گوف(Van Gpph) سىزغان «بىر جۈپ كەش» ناملىق رەسىمنى كۆرۈپ ھېس قىلغانغا ئوخشاش، رەسىمنىڭ ماددىيلىقىنى، نەرسە- كېرەك سۈپىتىدىكى ھالىتىنىمۇ ھېس قىلىمىز. چۈنكى رەسىم بىزنى دۇنيانىڭ ۋە نەرسىلەرنىڭ ئۆرنىكى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرىدۇ. روماندا بولسا بۇ دۇنيا ۋە نەرسە-كېرەكلەر بىلەن، يازغۇچىنىڭ تەسۋىرلىرىنى خىيالىمىزدا رەسىملەرگە ئايلاندۇرۇپ ئۇچرىشالايمىز. ئىلاھىي دەستۇرلار «ئاۋۋال سۆز بولغان» دەيدۇ. رومان سەنئىتى بولسا، گويا «ئاۋۋال رەسىم بولغان، لېكىن ئۇنى سۆزلەر بىلەن ئاڭلىتىش كېرەكتۇر» دەۋاتقاندەك قىلىدۇ.
   رەسىم ۋە ئىماگلارنىڭ سۆزلەردىن بۇرۇن كېلىشى، بۇ ئەھۋالنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان يازغۇچىلاردا  رەسساملارغا نىسبەتەن شەكىللەنگەن كەمتۈكلۈك تۇيغۇسىنى(ياكى يوشۇرۇن ھەسەتنى) ئاشكارىلايدۇ. لېكىن يازغۇچى رەسسام بولۇشنى ئىستىگەن كىشى ئەمەس، بەلكى پەقەت سۆزلەر بىلەن، تەسۋىرلەر بىلەن رەسىم سىزىشنى ئىستەيدىغان كىشىدۇر-خالاس. بۇ نۇقتىدا، يازغۇچىنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن ئۆزلىشىشى، دۇنيانى قەھرىمانلىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە مەجبۇر بولىشى ئارىسىدا گەۋدىلەنگەن ئوخشاشلىق ھەققىدىمۇ بىر، ئىككى ئېغىز توختىلىپ ئۆتەي. خېنرى جامېس «ئالتۇن تاۋاق» دېگەن ئەسىرىگە يازغان كىرىش سۆزىدە، ئەخلاقىي جەھەتتىن ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە بەك كىرىپ ئارىلىشىۋالمىغان، يىراقتىن كۈزەتكەن بايانچى قەھرىمانىنى «رەسسام» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. مېنىڭچە بولسا، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولسا توغرا بولغان بولاتتى. يازغۇچى، قەھرىمانلىرىنى ئوراپ تۇرغان نەرسە-كېرەكلەرگە، خۇددى قەھرىمانلىرىنى يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنگە ئوخشاش ئەھمىيەت بەرگەندە؛ روماندىكى دۇنياغا سىرتتا تۇرۇپ ئەمەس، نەق ئىچىدە تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، «نەرسە-كېرەك»لەرنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەك بولسا شۇنداق، يەنى بىر رەسسامغا ئوخشاش تەسۋىرلىيەلەيدۇ. فلائۇبېرت تىلغا ئالغان «مۇۋاپىق سۆز» دىن ئاۋۋال، يازغۇچىنىڭ تېپىپ چىقىشى كېرەك بولغان «مۇۋاپىق ئىماگ»، پەقەت مەنزىرىنىڭ، ۋەقەلىكنىڭ، روماندىكى دۇنيانىڭ ئىچىگە تەلتۆكۈس كىرگەن چاغدا تېپىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۆزى ياراتقان قەھرىمانلىرىغا بولغان مېھىر-شەپقىتى ياكى مۇھەببىتىمۇ مۇشۇنداق كۆرسىتىلىدۇ. روماندىكى نەرسە-كېرەك تەسۋىرى، قەھرىمانلارغا كۆرسىتىلگەن مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىپادىسىدۇر.
   كىملىكىمنىڭ بىر قىسمى ئىنسان رەسىمىنى سىزىش بىلەن ئانچە ئېقى كېلىشىپ كەتمەيدىغان ئىسلام كۈلتۈرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۆز ھاياتىمدىنمۇ بىر، ئىككى مىسال كەلتۈرەي: بالىلىق چېغىمدىكى ئىستانبۇلدا، لائىك تۈزۈمدىكى دۆلەتنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە قارىماي، كۆرۈپ ھۇزۇرلانغۇدەك تۈزۈك رەسىم سەنئىتى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن كىنوخانىلىرى ئېكراندا نېمە كۆرسىتىلسە كۆرسىتىلسۇن، كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان تاماشىبىنلار بىلەن لىپمۇ-لىق توشۇپ كېتەتتى. لېكىن كېنولارنى، خۇددى مودېرنىزىمدىن بۇرۇنقى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋە داستانلاردا بولغىنىغا ئوخشاش، دۇنيا ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى قەھرىمانلارنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىرتتىن، يىراقتىن، ئالدىنئالا بېرىلگەن ھۆكۈملەر بىلەن تاماشا قىلاتتۇق. بۇنىڭدا چەتئەل فىلىملىرىنىڭ غەربتىن، خىرىستىيان دۇنياسىدىن كەلگەنلىكىنىڭمۇ تەسىرى بار ئىدى، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ يەرلىك ۋە چەتئەل رومانلىرى ياكى فىلىم قەھرىمانلىرىغا نىسبەتەن سۇس ۋە سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبىنىڭ رەسىم سەنئىتىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشىمىزدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم-يۇ، لېكىن تەلتۆكۈس چۈشىنىپ يېتەلمەيتتىم. بەلكىم نەرسىلەرنى، ئىنسانلارنى باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشنىڭ، بىزنى ئۆزىمىز تەۋە بولغان جامائەتنىڭ ئىتىقادلىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى قورقۇنچ ئىچىدە سەزگەنلىكىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك. مەن ئەنئەنىۋى دۇنيادىن زامانىۋى دۇنياغا رومان ئوقۇپ ئۆتتۈم. بۇ، مېنىڭ ئۆزۈم تەۋە بولۇشىم كېرەك بولغان بىر جامائەتتىن ئايرىلىپ، تەنھالىققا ئۆتۈپ كېتىشىمدىنمۇ دېرەك بېرەتتى.
   ھاياتىمنىڭ شۇ مەزگىلىدە، 23 كە كىرگەن چېغىمدا، يەتتە يېشىمدىن باشلاپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن رەسسام بولۇش ئىستىكىمنى تاشلاپ، رومان يېزىشقا باشلىدىم. بۇ ئۆزگىرىشنى بولسا، بەختلىك بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قارار سۈپىتىدە بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بالىلىق چېغىمدا رەسىم سىزسام ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كېتەتتىم، لېكىن بۇ خۇشاللىق تۇيۇقسىزلا ۋە ئۆزۈممۇ ھېچبىر زامان ئېنىق بىلەلمەيدىغان بىر سەۋەب تۈپەيلى ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىنكى 35 يىلدا، رومان يېزىۋېتىپ، ئەسلىدە رەسىم تالانتىمنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك ۋە تەبىئىي ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. لېكىن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن بىر سەۋەبتىن، بۇندىن كېيىن سۆزلەر بىلەن رەسىم سىزماقچى بولغانىدىم. ئۆزۈمنى، رەسىم سىزىۋاتقاندا كىچىك بالىدەك ۋە ساددا؛ رومان يېزىۋاتقاندا بولسا تېخىمۇ بەك چوڭ بولغاندەك ۋە ئويچان ھېس قىلاتتىم. رومانلارنى گويا پەقەت ئەقلىم بىلەنلا يېزىۋاتقاندەك، رەسىملەرنى بولسا پەقەت تالانتىم بىلەنلا سىزىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. رەسىم سىزىۋاتقاندا قولۇم سىزىقلارنى تارتىپ، بوياقلارنى سۈرىۋاتقان چاغدا، كۆزلىرىم، قوللىرىمنىڭ رەسىم سىزىشىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالاتتى، ئەقلىم بولسا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى كېيىنرەك چۈشىنىپ يېتەتتى. رومان يېزىۋاتقاندا بولسا، ئوخشاش ھاياجانغا چۆمۈلگىنىمدە ئورمانلىقنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىمنى خېلى بىر چاغلاردىن كېيىن بىلىپ يېتەتتىم.
   ۋىكتور ھيۇگودىن تارتىپ ئاۋگۇست سترىندبېرگكىچە ھەم رەسىم سىزىشنىڭ ھەم رومان يېزىشنىڭ خۇشاللىقىنى بىلىدىغان نۇرغۇن يازغۇچىلار بار. كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرە رەسىملىرىنى سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان سترىندبېرگ، «خىزمەتكارنىڭ ئوغلى» ناملىق ئوتوبىيوگىرافىيەلىك رومانىدا رەسىم سىزىشنىڭ ئۆزىنى «ئەپىيۇن چەككەندەك، تەسۋىرلىگۈسىز خۇشال» قىلغانلىقىنى يازىدۇ. روماندىمۇ، رەسىمدىمۇ ئەڭ يۈكسەك مەقسەت دەل مۇشۇ خۇشاللىق بولۇشى كېرەك.


تۈركچە «ساددا ۋە ئويچان يازغۇچى » ناملىق توپلامدىن   تەرجىمە قىلىندى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:23:05

:(

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:53:06

بىر بىرىڭلارنى ئوغرى دەپ سىلە:lol

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:40:52

ئەنۋەر يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرىپ باقسىڭىز،ھەزرەتئەلى باراتمۇ خەنچىدىن تەرجىمە قىپتىكەن،ئەمما بىرقانچە
كۆرەلمەس كۆچۈرگەنگە چىقىرىپتۇ،نىمىگە ئاساسەن شۇندا قىلىدۇ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:53:23

تۈرك تىلىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغاچقا شۇنداق پاساھەتلىك چىقىپتۇ. بولۇپمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن يوقىلىپ كېتىدىغان تۈركچە گەپ قىلىش ئادىتى (پۇراق) ئەينەن ئىپادىلىنىپتۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:56:16

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 15:40 static/image/common/back.gif
ئەنۋەر يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرىپ باقسىڭىز،ھەزرەتئەل ...

ئېتىڭىزغا ئىككى قامچىنى ئاز ئۇرۇپ قويدىڭىزمۇ نىمە؟ ۋاق قاپسىز. :lol

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:02:34

تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇمۇدۇم.خوشياقمىدى.:P

Altay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:03:30

بۇ كىتاب شاڭخەي خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن  «ساددا ۋە ئازاپلىق رومانچى»  («'天真的和感伤的小说家» ) دىگەن ماۋزۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلىنغانكەن.
بەت: [1] 2
: ئورخان پامۇك: رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟