Altay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:11:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 16:50  

مەن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئىككىلىسىنى ئوقۇپ باقتىم. تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغىنى مۇئەللىپنىڭ  نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى دەل روشەنلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ دەپ ئويلىدۇم. ئەمما ماۋزۇنى تەرجىمە قىلغاندا «Saf ve Düşünceli Romancı» دىگەن ئەسلىسىگە تېخىمۇ خوپ كېلىدىغان ھالدا «ساپ ۋە تەپەككۇرچان رومانچى» دەپ ئالسا قانداق بولا؟ يەنە بىر گەپ  «رومانچى» دىگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىدا ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:47:09

رومانچى دېگەن گەپنى ئىشلەتكەن ئىدىم، لېكىن مەتبۇئاتلاردىن زادىلا ئۆتكۈزەلمىدىم. يازغۇچى دەپ ئۆزگەرتىۋەتتى. مەنمۇ يازغۇچى دەپ ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 17:15:35

Altay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 16:11 static/image/common/back.gif
مەن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچىد ...

توغرا، ئېنگىلىزچىدىمۇ نوۋېلست دەپ ئايرىم ئالىدۇ.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 03:00:15

ئەسلىدە ئەنۋەر ھامىت ئەپەندى تەرجىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كىتاپ قىلسىلىمۇ بولاتتىكەن مەنچە. ھەم بىر يەرگە يىغىغلىق تۇراتتى ھەم تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئوقۇپ نەپلىنەتتى. (كىتاپ بولۇپ بولغان بولسا بىلمەي قالمىغاندىمەن)

Fedaiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 08:02:16

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 16:47 static/image/common/back.gif
رومانچى دېگەن گەپنى ئىشلەتكەن ئىدىم، لېكىن مەتبۇئاتلا ...

ژورناللاردىن ئەلۋەتتە ئۆتمەيدۇ. ئۇلار زامانەمدە قېلىپ قالغان ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لوغىتىدىكى ئاتالغۇلاردىن باشقىلىرىنى تونۇمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. رومانچى، ئاڭ ئېقىمى، ئىچكى مونۇلۇگ دېگەندەك ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە خاس ئاتالغۇلارنى، ھېلىغۇ ژورنالكەن تېما ياقىلاش يىغىنلىرىدىمۇ چۈشەندۈرمەك تەس.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:20:14

altunxan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 03:00 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە ئەنۋەر ھامىت ئەپەندى تەرجىمىلىرىنىڭ ھەممىسىن ...

ئېغىر كۆرمىگەنلەر تەرجىمىلىرىمنى pdf قىلىپ قويسا بولاتتى. تورغا يوللاشتىن مەقسىتىممۇ شۇ باشقىلار بىلەن بەھىرلىنىش ئىدى. خالايدىغانلارغا word ھۆججىتىنى تەمىنلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:43:22

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 15:40 static/image/common/back.gif
ئەنۋەر يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرىپ باقسىڭىز،ھەزرەتئەل ...

ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ قالدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:16:20

ياشار كامال تۆنۈگۈن  يەنى 28-فىۋرال كۈنى 91 يىشىدا  ۋاپات بوپتۇ. مەمەت ئاۋاق ھەقىقەتەن ئېسىل يېزىلغان رومان ئىدى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:08:48

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 18:20 static/image/common/back.gif
ئېغىر كۆرمىگەنلەر تەرجىمىلىرىمنى pdf قىلىپ قويسا بولا ...

مەن قىپ بېرەي، ۋورد ھۆججىتىنى ilyar317@163.com غا ئەۋەتىپ بېرىڭ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 21:54:11

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:08 static/image/common/back.gif
مەن قىپ بېرەي، ۋورد ھۆججىتىنى  غا ئەۋەتىپ بېرىڭ.

ئەمىسە سىزگە رەھمەت، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. تەرجىمە قىلىپ تۈزىتىپ تەييار قىلغان ئون نەچچە پارچە ئەسەرنى يىغىپلا سىزگە ئەۋەتىپ قويدۇم. «ئورخان پامۇك ئەسەرلىرى» دەپ ماۋزۇ قويۇپ PDF  شەكلىدە تورغا يوللاپ قويسىڭىز، قىزىققۇچىلار پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس. قولۇمدا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان، لېكىن يەنە بىر ئوقۇپ تۈزىتىش كېرەك بولغان يىگىرمە، ئوتتۇز پارچىدەك ئەسەر بار، بۇلارنى ۋاقىت چىقىرىپ تۈزىتىۋەتسەم، كېيىن يەنە بىر كىتاب قىلىپ تورداشلارغا سۇنارمىز. يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

Altay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:15:00

ئىمكان بولسا مۇشۇ ئەسەرلەرنى توپلام قىلىپ نەشىر قىلىش كېرەككەن. نەشىرياتلارغا  سۇنۇپ باققان بولسىڭىز قانداق بولار؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:07:24

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 21:54 static/image/common/back.gif
ئەمىسە سىزگە رەھمەت، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. تەرجىم ...

پ د ف قا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىڭىزگە يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ بېقىڭ. مۇنبەرگە پ د ف نى قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 14:32:15

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 18:20 static/image/common/back.gif
ئېغىر كۆرمىگەنلەر تەرجىمىلىرىمنى pdf قىلىپ قويسا بولا ...

مەن قىلىپ بېرەي

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:13:57

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 12:07 static/image/common/back.gif
پ د ف قا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىڭىزگە يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ بې ...

رەھمەت. كۆرۈپ باقتىم. 120 بەتلىك كىتابچە بولۇپ چىقىپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:34:54

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:13 static/image/common/back.gif
رەھمەت. كۆرۈپ باقتىم. 120 بەتلىك كىتابچە بولۇپ چىقىپتۇ.

مۇشۇ شەكىلدە قىلساق بولامدىكەن؟ ئەگەر يارىغان بولسا، پۈتكەن ۋورد ھۆججەتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئۇدۇللۇق ئايلاندۇرۇپ بېرەي. خەت نۇسخىسى، بەت، خەتلەرنىڭ چوڭلۇقى دېگەندەكلەردە پىكىرىڭىز بولسىمۇ، يېزىپ قويۇڭ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:41:51

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:34 static/image/common/back.gif
مۇشۇ شەكىلدە قىلساق بولامدىكەن؟ ئەگەر يارىغان بولسا، ...

ماڭا يارىدى. ئوبدان چىقىپتۇ. ئەمدى بۇنى ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىگە قىزىققۇچىلار چۈشۈرۈۋېلىپ كۆرەلىگۈدەك بىر يەرگە يوللاپ قويساق بولاتتى. مەن بۇنداق ئىشلاردا قارا ساۋات. قالغان ئەسەرلەرگە كەلسەك، مەن ئۇلارنى بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا تەرجىمە قىلىپ بولغان، لېكىن قايتا بىر كۆرۈپ چىقالمىغان ئىدىم. ئەمدى سەل قولۇم بوشىغان چاغلاردا بىر تۈزىتىپ چىقاي ۋە سىزگە يوللاپ بېرەي. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:15:54

يۇقىرىدا گېپى بولۇۋاتقان ئى-كىتابقا قىزىقىدىغانلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئىلخەت ئادرېسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار، ئەۋەتىپ بېرەي.
بەت: 1 [2]
: ئورخان پامۇك: رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟