kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 15:16:42

[خەتلىك فىلىم] سېن بىلەن چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 15:23  


فىلىم نامى: سېن بىلەن چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى
ئەسلى نامى: 千と千尋の神隠し
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2001-يىلى
دۆلىتى: ياپونىيە
تۈرى: كارتون فىلىم
تىلى: ياپونچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.6
رازمىرى: 460*854 / 690*1280 / 1036*1920
چوڭلىقى: 3.24G / 2.2G / 1.12G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:04:32
رېژىسسور: Hayao Miyazaki, Kirk Wise
باش روللاردا:  Lembit Ulfsak, Elmo Nüganen, Giorgi Nakashidze

فىلىم ھەققىدە:
كىچىك قىزچاق چىھىرو ئاتا-ئانىسى بىلەن يېڭى ئۆيىگە بېرىش يولىدا يولدىن ئېزىپ قېلىپ دالىدىكى بىر سىرلىق تونېلغا بېرىپ قالىدۇ، تونېلدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى يەردە بولسا غەيرى بىر كەنت بار ئىدى. بۇ كەنتنىڭ باشقۇرغۇچىسى شۇ يەردىكى مۇنچىخانىدىكى پېرخون موماي يۇبابا بولۇپ، بۇ مۇنچىخانا بولسا ياپون ئىلاھلىرى كېلىپ يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى.
كەنتتە بىر قائىدە بار بولۇپ، ئومۇمەن كەنتتىكى خىزمىتى يوق كىشىلەر چوشقىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، يەۋېتىلەتتى. چىھىرونىڭ ئاتا-ئانىسى ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئىلاھلارغا بېرىلىدىغان تاماقلارنى ئۆز-بېشىمچىلىق بىلەن يېگەچكە، گۇناھى ئۈچۈن چوشقىغا ئايلاندۇرۇلۇپ قويۇلىدۇ.
چىھىرو ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، موماي يۇبابانىڭ ياردەمچىسى ھاكۇنىڭ ياردىمى بىلەن، مۇنچىخانىغا كىرىپ بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن موماي يۇبابا ئۇنىڭ ئىسمىنى تارتىۋالىدۇ ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسمى "سېن" بولىدۇ.
ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا تولغان تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ...
بۇ كارتون فىلىم 75-نۆۋەتلىك ئوسكاردا ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كەسمە رەسىملەر:


















بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:03:43

خاتالاشمىسام بۇمۇ مىيازاكى ئەپەندى ئىشلىگەن كارتون فىلىمغۇ دەيمەن ھە...
بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يېقىندا كۆرگەن(قايتقان روھ) دەپ.....راستىنى دېسەم فىلىم ۋەقەلىكىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىگەنىدىم.....ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ روھقا ئايلىنىشىمۇ ياكى روھنىڭ ئوغۇل بالىغا ئايلىنىشىمۇ...ۋەقەلىك سىزگە نېمە دېمەكچى...ئىشقىلىپ تازا چۈشىنەلمىدىم
بىلىدىغانلار بى غاچچىدە چۈشەنچە بېرىۋەتمەمسىلە...مانىڭ يولى مانداقتى دەپ:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:59:27

دەسلەپ خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرۇپ فىلىم ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ،
يەنە كىلىپ ياپۇنىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كارتون فىلىملىرىنىڭ بىرسى ،
لىكىن يىقىندا توردا  بۇ فىلىمنىڭ قويۇش چەكلەنگەنلىكىنى بۇلۇپ ھەيران قالدىم ،سەۋەبى تىخىمۇ ھەيران قالارلىق ،مەن ئويلاپ باقماپتىمەن ئەمەسمۇ.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:10:25

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 17:59 static/image/common/back.gif
دەسلەپ خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرۇپ فىلىم ماڭا چوڭقۇر تەسى ...

نېمىشقا چەكلەپتۇ ئەمدى،دەپ بېقىڭ ئاڭلاپ باقايلى،قىزىقىپ قالدىم.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:25:47

kinoqi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 18:10 static/image/common/back.gif
نېمىشقا چەكلەپتۇ ئەمدى،دەپ بېقىڭ ئاڭلاپ باقايلى،قىز ...

فىلىمدىكى باش پىرسۇناژى كىچىك قىز  چىھىرو چوڭلار يۇيىنىدىغان مۇنچا ساڭنائىچىدە ئىشلەيدۇ،
ئەملىيەتتە ئۆسمۇر قىزلار ئىشلىسە بولمايدۇ يەنە كىلىپ ئۇ ساڭنا چوڭلار يۇيۇنۇش ئورنى ،مۇشۇ جەھەتتىن چەكلەپتىكەن.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:37:05

شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكىلەر بۇرۇن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ بولغان ئىدى . شۇڭا بۇندىن كىيىن تەرجىمە ئۇچۇرى بېرىپ قويساڭلىما بوپتىكەن .تەرجىمە قىلنىپ بولغان كىنو بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا تەرجىمە قىلىنمىغان كىنو تەرجىمە قىلساڭلا . بىكار تەكرار ئەمگەك بوپ قالمىسۇن دەيمىنا . لېكىنغۇ توربېتىڭلارغا كۆز تەگمىسىكەن ، كىنولىرىنى پۇللۇق قىلىۋالمىسىكەن ، كۈنى دىگۈدەك پەيزى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ تۇرسىكەن دىگەن ئۈمۈدنى مەنلام قىلمايمەن ھەقىچان ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:41:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 20:43  

  

射雕英雄传之东邪西毒                       بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. خەتلىك تەرجىمە قىلىنسا كۆرىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولغان بولاتتى. چۈنكى بو كىنو 1980 - يىلدىن كىيىن ناھەيىتى كۆپ كۆرۆرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشغا ئىرىشكەن.

http://kan.sogou.com/player/359860/

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:04:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 19:06  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 18:41 static/image/common/back.gif
射雕英雄传之东邪西毒                       بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ بەرس ...

بۇ كۆپ قىسىملىق ئىكەن، تەرجىمانلار باشقا بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قىلىۋاتقاچقا، بۇنىڭغا ھازىرچە كۈچ يېتىشمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈدىغانلار مېنىڭچە ئاڭلاپ چۈشۈنەلەيدۇ، يەنە خەتلىك قىلىش ئارتۇق ئەمگەك.

oylan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:32:02

饥饿游戏 نىڭ 3-بۆلۈمى چىقىپتۇ بۇنى تەرجىمە قىلمامسىلە؟

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:33:56

بۇ كارتوننى بەك ياقتۇرمەن . 1080پ  لىقى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى .ئەمما يەنىلا تەرجىمىدىن سۈيۈندۈم، ئىشلىرىڭلا رۇناق تاپسۇن .
كىچىككىنە خىيالىم ، مۇشۇ ۋەھىمىلىك ۋە رازىۋىتكا فىلىملىرنى تەرجىمە قىلىشنى خالامسىلەركىن . مەنچە بۇ خىلدىكى  فىلىملەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:13:46

tamqa1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 19:33 static/image/common/back.gif
بۇ كارتوننى بەك ياقتۇرمەن . 1080پ  لىقى بولسا بەك ياخشى بۇ ...

1080p نۇسخىسى يوللىنىۋاتىدۇ...

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:14:28

oylan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 19:32 static/image/common/back.gif
饥饿游戏 نىڭ 3-بۆلۈمى چىقىپتۇ بۇنى تەرجىمە قىلمامسىلە؟

نەۋاخ ناچار فىلىملەر قاتارىدىن 2جى بۆلىمى چىقىپلا ئورۇن ئىلىپ بولغىنى ،مىنىڭچە ئەرزىمەيدۇ تەرجىمە قىلىشقا دەرىجىسى 5تىنمۇ ئىشىپ باقمىدى.،

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:52:45

ئۇيغۇرچە ئاۋاز بەرگىنىنى كۆرۈپتىكەنمەن،كىچىك قىزنىڭ ئىسمىنى شىياۋچىيەن دەپ تەرجىمە قىپتىكەن،شۇنداق تۇتۇقكەنتۇق، شۇنداقتىمۇ نەۋرە سىڭلىم بىلەن يېرىم كېچىگىچە تىك ئولتۇرۇپ كۆرگەن،ئەمدى سۈزۈك نۇسخىسىنى بىر كۆرىۋېتەي

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:50:48

1080 لىك نۇسخىسىنى ساقلاي ئەمىسە ، سىلەر يوللىغان فىلىملەرنىڭ ئەڭ سۈزۈك نۇسخىىسىنىلا چۈشۈرۈپ ساقلاۋاتىمەن .  

مۇشۇ بىر نەچچە خىل فورماتتا پىرىسلىغان ئىشىڭلار زە نوچى ئىش بولدى ...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:11:45

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:14 static/image/common/back.gif
نەۋاخ ناچار فىلىملەر قاتارىدىن 2جى بۆلىمى چىقىپلا ئور ...

ئاچلىق ئويۇنى 3-قىسىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بولدۇم. ماڭىمۇ ئازراق زىركىشلىك تۇيۇلدى.
مېنىڭچە، سىنارىيەنى ياخىشى ئۆزگەرتمەپتۇ. ئەسلى ئەسەر بولمىسا خېلى بازارلىق كىتاپ ئىكەنتۇق.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:17:42

مېنىڭ بۇرۇن  چۈشۈرگىنىم خەنچە ئاۋازلىق نۇسخىسى ئىكەن. مۇشۇ كارتون بىلەن قوشۇپ يەنە 5 كارتوننى بىللە چۈشۈرىۋالغان. ھەممىسى مىيازاكىنىڭ كارتونلىرى.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بالامغا قەتئى يارىمىدى. ھازىرقى بالىلار 3D كارتونلارغا كۆنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ. شۇنداقمىكىن دىسەم شىر پادىشاھ سىمبانى بەك ياقتۇردى بولمىسا:L

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:25:10

« تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت » نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان رومانىنى ئوقۇپ شۇنداق ياقتۇرغان ،  كۆۋرۈك تەرجىمە گورۇپپىسىنىڭ تەرجىمە گورۇپپىسىنىڭ 6 قىسىملىق بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ، كۈندە نەچچە قېتىم يوقلاۋاتىمەن تور بېتىڭلارنى ،  « داۋاملىشىۋاتىدۇ ... » لا دەپ تۇرىدۇ ،  پۈتەي دىدىمۇ يا ؟ بولسا ئۇ فىلىمنىمۇ 1080 لىك پىرىسلىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمىز ..

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:51:58

ئالدى بىلەن ئەمگىكىڭلارغا تەشەككۇر، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئەمگىكىڭلاردىن ياخشى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرسى دائىم مۇنبەرلەردە مۇشۇنداق كىنو ئۇچۇرى بەرسەڭلار ئاساسەن چۈشۈرگىلى بولغانلىرىنى چۈشىرۋېلپ ئايرىم ئولتۇرۇپ مەخۇس كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە كىنو كۆرۇشمۇ بىلىم ئۆگىنىش دەپ قارايمەن. كىنو ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ كۆرۈش كېرەك. يەنە ئەدەبىيات، يېڭى تېخنىكا نوقتىسىدىنمۇ كۆرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. رەھمەت؛
مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم: تور بېتىڭلاردا (بۇ خەنزۇچە بەتلەردە ئومۇملاشتى دەپ ئاڭلىدىم) بىر بەت ئېچىپ تەرجىمە قىلغان كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئېنگىلىزچە تەرجىمە تېكىستىنى (دەپتىرىدىكى مەزمۇنلارنى) يوللاپ قويساڭلار پايدىلانماقچى بولغانلار پايدىلانسا... بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇراتتى...
  ئ؛ادەتتە دۇنياۋى فىلىمنى تەرجىمە قىلغاندا بىر كۆرۈنۈش بىر كۆرۈنۈش قاراپ ئىكىرانغا تەرجىمە قىلمايدىكەنغۇ، ئۇنداق كىنولارنىڭ تېكىستىنى توردىن تاپقىلى بولىدىكەن ۋە شۇ تېكىستنلار تەرجىمە قىلىپ ماڭىدىكەنغۇ... مەنمۇ دەل بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستىنى توربەتلەردىن تاپقىلى بولسا-ھە دېمەكچى ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 23:14:55

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:25 static/image/common/back.gif
« تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت » نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققا ...

ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ 1080p دىن تارتىپ 480p غىچە پىرىسلىنىدۇ، تەرجىمانلار ئىشتىن سىرت تەرجىمە قىلىۋاتقاچقا، سۈرئەت سەل ئاستا بولىۋاتىدۇ ھەم تەرجىمىسىگە تېخىمۇ كۈچەپ قىلىۋاتىمىز، ھازىر 3-قىسىمى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 23:17:14

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:51 static/image/common/back.gif
ئالدى بىلەن ئەمگىكىڭلارغا تەشەككۇر، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئ ...

بۇنى ئويلاشقان، ھازىر تەرجىمە فىلىملەر كۆپ ئەمەس، ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن شۇنداق قىلىۋېتىشىمىزمۇ مۇمكىن.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] سېن بىلەن چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى