rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 01:21:51

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 18:37 static/image/common/back.gif
شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكىلەر بۇرۇن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەت ...

شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكىلەر تەرجىمە قىلىپ يوۇكۇغا يوللاپ كۆرۈشكىلا تەمىنلىگەن. سۈزۈك ئەمەس ئىدى ھەم چۈشۈرگىلى بولمايتتى. مەزكۇر كارتون چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك كارتون. كۆۋرۈكتىكىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگىنى قالتىس ئىش بولدى.

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 01:27:06

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:51 static/image/common/back.gif
ئالدى بىلەن ئەمگىكىڭلارغا تەشەككۇر، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئ ...

تەرجىمە تىكىستىنى تارقىتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ ھازىر  تىكىستنى ئاشكارا تارقىتىدىغان ئىش بولسا كۆۋرۈكتىكىلەر ئەمگىكىنىڭ نەجىسىنى كۆرەلمەيدۇ. تەرجىمە قىلالمىغان ياكى تەرجىمىنىڭ جاپاسىغا چىدىمىغان بىلەن تەييار تەرجىمىنى تاپسا كىرىشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىدىغانلار كۈرمىڭ پۈتۈنلەي قالايمىقان بۇلۇپ كىتىدۇ.
بۇرۇن پاسىبان كۇلۇبىدىن RIO ناملىق كارتوننىڭ تىكىستىنى تارقاتقان نۇرغۇن كىنو بىكەتلىرى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ۋە تارقاتقان بىكەت ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلدى.
تورچىلىقىمىز تېخى باشقىلارنىڭ ئەمگىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 05:59:34

ئالتۇن چىقىرالايدىغان ئالۋاستى كىم؟

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 07:47:05

oylan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 19:32 static/image/common/back.gif
饥饿游戏 نىڭ 3-بۆلۈمى چىقىپتۇ بۇنى تەرجىمە قىلمامسىلە؟

ئۇنىڭ تەرجىمىسى مانا
http://terjimefilim.com/bbs/thread-9731-1-1.html
كىنونىڭ ۋەقەلىكى بەكلا قالايمىقان ئاياققا چىققان ۋەقەلىكتىن بىرسى يوق. بىر ئىش تۈگىمەي تۇرۇپ يەنە بىرسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. كۆررۈپ بۇلۇپ ئادەمدە بىرخىل ئەپسوسلىنىش پەيدا قىلىپ قويىدىكەن

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:00:01

ئېچىرقاش ئۇيۇنى دىگەن فىلىمنى ياقتۇرغانلارمۇ باركەن .
مەن 1- قىسمى چىققاندىلا كۆرۈپ بەك مازدەك بىلىنىپلا 2-3- لىرىنى كۆرۈشمۇ خوشياقمىدى .
ئۇنى تەرجىمە قىلغاندىن مۇزىخانىنىڭ يېڭىسى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ، بولسا شۇنى تەرجىمە قىلارسىلەر . (تەكلىپ،  بۇيرۇق ئەمەس) :lol
راستىمنى دىسەم مەن بۇ كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە ..........  ( ئاۋازلىقكەن راس ، ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، خېلى سۈزۈك ، خېلى يامان ئەمەس ئاۋاز بېرىپتىكەن ) چۈشۈرۈپ ساقلىۋاپتىكەنمەن . تاس قاپتىمەن خەتلىكى باتتى دىگىلى .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:02:04

كىچىك چېغىمدا تېلۋىزۇردا بەرگەندە كۆرگەن ، چوڭ بولغاندا بىر كۆرەي

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:39:25

ھايائو مىيازاكى ئەپەندىنىڭ بۇ كارتون فىلمى بەك داڭلىق، مەيلى چوڭلارغا بولسۇن،كىچىكلەرگە بولسۇن تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور، قايتا قايتا كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، تەسەۋۋۇرى بەك ياخشى. ئاچ كۆزلۈك، ھورۇنلۇق، مەينەتچىلىك سۆكۈلگەن ، ئىشچانلىق، پاكىزلىق دوستلۇق، سەمىمىيەت باتۇرلۇق مەدھىيەلەنگەن ئېسىل فىلىم. تەرجىمە قىلىنىپ ياخشى بوپتۇ.

asabi007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:50:35

كىنونىڭ ئىسمى خاتا قويلۇپ قالمىغاندۇ ھە؟!سېن بىلەن چېھرۇ بىر ئادەمدۇ؟سېن بىلەن ھاكۇنىڭ سەرگۇزەشتىسى دەپ ئېلىنسا توغرا بولامدۇ يا.....

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:57:26

asabi007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 09:50 static/image/common/back.gif
كىنونىڭ ئىسمى خاتا قويلۇپ قالمىغاندۇ ھە؟!سېن بىلەن چېھ ...

ياپۇنچە ئىسمى 千と千尋の神隠し،تەرجىمىسى سېن ۋە چىخىرۇنىڭ غايىپ بولىشى بولىدۇ.
خەنچە تەرجىمىسىگە 千与千寻دەپ، ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىدە spirited away دەپ ئالغانكەن. مىنىڭچە سېن بىلەن چىخىرۇنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى دەپ ئالغىنى دەل جايىغا كەپتۇ.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:00:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 11:02  

بۇ كارتوننىڭ سۈزۈك، 720پ ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك ئاۋاز بېرىلگەن، نۇسقىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭلار .
چۈشۈرۈش

joshua يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:56:52

ئاۋسترالىيەنىڭ بىر كىنوسى چىققان چىراي
فىلىم ئىسىمى: the water diviner
(سۇ پالچىسى دېگەن گەپ بولامدا؟)
ۋەقەلىكى: چاناق قەلئە ئۇرۇشىدا ئۈچ ئوغلى بىراق ئۆلۈپ كەتكەن (ياكى يوقاپ كەتكەن) دادا ئوغۇللىرىنىڭ جەسىتىنى ئاۋسترالىيەگە ياندۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 23:43:51

تۈرۈكچە ئىسمى ئاخىرقى ئۈمىد (Son Umut) ئىكەن.

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 23:45:12

مەن ياپۇن كارتونلىرى ئىچىدە كونان 柯南دىن باشقىسىنى ياقتۇرمايمەن،مەن بۇ كىنونى كۆرگەن لىكىن ھىچ مەزمۇنى يوقتەك ھىس قىلدىم

00000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:16:30

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:17 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بۇرۇن  چۈشۈرگىنىم خەنچە ئاۋازلىق نۇسخىسى ئىكەن.  ...

بالىڭىز بەك كىچىك ئوخشىمامدۇ...
ئادەتتە كىچىك بالىلارغا مەزمۇنى بەك مۇرەككەپ كارتۇنلار يارىمايدۇ...
مەنمۇ كىچىك چىغىمدا خېمەن، سىمبا   نىڭكىگە بەك ئامراقتىم:lol
ھازىر سەل مەزمۇنلۇق بولمىسا كۆرمەيمەن،   چوڭ بولغانسىرى ۋاقىتمۇ چىقمايدىكەن ھەم...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 20:02:27

ماۋۇ كارتون پات يېقىندا قويۇلىدۇ دەپتۇ. بىلال رەدىيەللاھۇئەنھۇ تەسۋىرلەنگەن ئوخشايدۇ. خېلى قالتىس ئىشلەپ قويغان ئوخشايدۇ.

http://player.youku.com/player.php/sid/XODk5NjE1MjY4/v.swf

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:30:48

1080p نى زادى قويالمىدىم
بەت: 1 [2]
: [خەتلىك فىلىم] سېن بىلەن چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى