mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:18:24

دانا ئىنسان (مەۋلانا)


دانا ئىنسان

دانالىق ۋە ئۇنىڭ سىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار، كۆپلىگەن دە-تالاشلار مەۋجۇت. بۇنداق بولىشى پاراسەتنىڭ تۈرلۈك ئىلملەر، ئەخلاقى ۋە ئەقلى قۇۋۋەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن بولۇپ، ئىنساننىڭ مەۋقە تۇتۇشى كېرەكلىك تەرەپلەردە مەۋقەسى ئېنىق، بايرىقى روشەن بولىشى ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قازاندۇرىدۇ.
بەزىدە مەرىپەت خەزىنىسى بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدا مەلۇم چۈشۈنۈكسىزلىك ۋە ياكى ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرسە، بەزىدە ئۇ بىلەن ئىنسان ئارىلىقىدا مەلۇم ئۈزۈكچىلىكلەر ۋەياكى مەنپەئەت ۋە زىيان نۇقتىلىرىنى ئاڭقىرىشتا ئىدراك ئاچارچلىقى يۈزبىرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئەتراپلىق چۈشەنچكە ئىگە، توغرا قارارغا ساھىب كىشىلەرنى ئۇچرۇتۇش بەسى مۈشكۈلدۇر.
كەمىنە ئالدى بىلەن دانا ئىنساننىڭ بىر قىسىم ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋۋال دانالىق ئامىللىرى ۋە ئاقىلانە پوزىتسىيە ئۈچۈن كىرەكلىك زۆرۈرىيەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
تەبىرلەر ئارا ھېكمەت (دانالىق) نىڭ ئەڭ توغرا تەبىرى: «ھەر ئىشنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈش» دېگەن تەبىر بولسا كېرەك.  مەزكۇر تەبىرنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەر ئىشنى ئۆز ئورنىدا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز ئۈچۈن بىز مۇنداق ئىككى ئاساسنى تىكلىگەن بولىشىمىز شەرت:
1-  نېمىنى سۆزلەپ، نېمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق ۋە نېمىنى رەت قىلىشنى بىلىش.
مانا بۇ شەرت بىزدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىك ئىشتا مول بىلىم ۋە ئالاھىدە تەجىربە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2- ھاۋايى-ھەۋەس ۋە قىزىقىشلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپ نالايىق ئىشلار ھەمدە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرالايدىغان، شۇنداقلا شەخسىيەتكە چاپلاشقان نۇقسانلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان غەيرەتكە ۋە مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولۇش.
بەزىدە راستىنلا دانا كىشىلەردىن بولىشىمىز ئۈچۈن مۇنداق ئۈچۈنچى بىر ئىشقىمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى ۋە قانائەتچان بولۇشتۇر.
  مەلۇم نەرسىگە شۇنچە تىرىشىپمۇ ئېرىشەلمىگىنىمىزدە، شۇ نەرسىنىڭ بىزگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى دېققەتتىن چىقارماسلىقىمىز، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىكىمىز، شۇنداقلا، بىراۋنىڭ غەلبىسىگە ھەسەت نەزىرىدە قارىۋالماسلىقىمىز ھەمدە قولىمىزدا بارىنىڭ بىزگە ئەڭ ياخشى ۋە بىز ئۈچۈن تەبىئى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.
موھىمى، ھەرۋاقىت ئۆزىمىزدىكى بىلىم-مەرىپەتنىڭ كۈتۈلگەن تەلەپتىن خىلىلا تۆۋەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ئىرىشەلمىگەننى بىزگە قانداق ئىرىشتۈرىدىغان مەرىپەتكە ھەردائىم مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ياد ئىتىپ تۇرۇش بولمىقى لازىم.
يەنە بىر نۇقتىدىن بىزنىڭ ئۆز قىزىقىش ۋە ئىستەكلىرىمىزنى كونترولدا تۇتۇۋاتقانلىقىمىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇكەممەلسىزلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.  يەنى بىز مەلۇم بىر مەيداندا تۇرۇپ ئىپادە بىلىدۈرۈشنىڭ توغرلىقىنى بىلىمىز-يۇ، ئەمەلىيتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كەلگەندە ئۇنىڭ ئۈچۈن كىتەرلىك روھىي ئېنىرگىيىگە ئىگە بولالمىغىنىمىز سەۋەبلىك ئورۇندىيالماي قالىمىز. شۇڭىلاشقا، سىز ھەرۋاقىت پوزىتسىيە ياكى ئىش-ھەرىكەتتە ئىزچىل دانالىقنى جارى قىلدۇرغان بىرىنى ئۇچرىتالمايسىز. چۈنكى، نۇقسانلىق ئادەم بالىسى ئۈچۈن مەيلى ئۇ قانچىلىك ئۇلۇغ ماقامغا يەتكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەسلا ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغاندۇر.

دانا پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر

دانا مۇسۇلمان دېگىنىمىز: ئىلاھى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشقا سەلقاراشتىن، ھارام قىلىنغان ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەڭ ئوڭايسىزلىنىدىغان ۋە بۇنى ئىزچىل پىرىنسىپ قىلالىغان تەقۋادار كىشىدۇر. شۇندىلا ئۇ خۇداغا قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيتىنى تونۇغان، ئىلاھى مەجبۇرىيەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان، ئىرادىلىك بىرى ھىسابلىنىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئارىسىدا ئاپئاشكارا كىرزىس پەيدا قىلىپ ياشاۋاتقان مۇسۇلماننى مەيلى ئۇ قانچىلىك مول بىلىم ئىگىسى بولۇپ كەتسۇن ۋەياكى ئۇ ئىدارە سەنئىتىگە، ياكى رەھبەرلىك ۋەياكى مۇناسىۋەتكە قانچىلىك ماھىر بولۇپ كەتسۇن؛ ئۇنى ھەرگىزمۇ دانا ئىنسان دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەقىدىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئارىسىدا بىردەكلىك ساقلىماسلىق بىلەن ھېكمەت-پاراسەتنى تەمسىل ئېتىدىغان ئەڭ چوڭ سەھنىدىن غولاپ كەتتى.
خۇددى شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنى بىلەن بىلمەيدىغانلىرى ئارىسىدىكى چەك-چىگرانى پەرق قىلالمىغان كىشىنىمۇ دانا دېگىلى بولمايدۇ. مانا بۇلار دانالىق ئەكىس ئېتىشى ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزغا كېرەكلىك ۋە زۆرۈر مەرىپەتتۇر.
بىز ئۇشبۇ مەرىپەت ئارقىلىق ئارتۇق سۆزلەش ۋە دە-تالاش قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالايمىز. بۇ ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنىڭ دېگەنلىرىمىزدىنمۇ ئارتۇق بىلمەيدىغانلىقىمىزنى، ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. چۈنكى، ئىشنىڭ تەگ-ماھىيىتى بىراۋغا كۆز-كۆز قىلىشقا ئايلىنىپ قالغاندا ئەقىل دۇردانىلىرى تەجەللى قىلىشتىن بەكەرەك قەلب كېسەللىرى تەجەللى بولىدۇ.
كىشىنىڭ دانالىقىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى،ئىنساننىڭ ئۆز قەدىر-قىممەت  دائىرسىنى بىلىشىدۇر. بۇنداق بولغاندا، ئىنسان ئۆزىنى مۇناسىپ ماقامىدىن ئاشۇرۇپ كۆتۈرۈۋالمايدۇ. شۇنداقلا، ئۆزىنى تېگىشلىك قەدرىدىن تۆۋەن ئورۇنغىمۇ چۈشۈرۋالمايدۇ. قاچانكى، ئىنسان ئۆزىنى كېرەكلىك ماقامىدىن ئاشۇرۇپ كۆتۈرۈۋالىدىكەن، تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق ۋە خىيال پاتقىقىغا پىتىپ قالىدۇ ھەمدە ھەر تەرەپتىن پىشكەللىكلەرگە يولۇقۇپ ئۆتىدۇ. يۇقارقىنىڭ ئەكسىچە ناۋادا ئۆزىنى كېرەكلىك مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرگىدەك بولسا، بۇ چاغدا ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئېلىنماسلىق نەزىرىدە قاراشنىڭ ئوبېكتىغا ئايلىنىدۇ-دە، بۇ ئۇنى خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە تالاي ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قويىدۇ.
كىشىنىڭ دانا بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئائىلە جەھەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى، ئۇ ئۆزىدە يوشۇرۇنغان ئەقلىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە كەسپى جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئېنىرگىيەلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى لازىم.
يېڭىلىققا يېتەكلەيدىغان ئەقىل، تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدىغان مېھنەتنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلغان مەرىپەت، يىتەرسىز مەرىپەتتۇر.
مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا كۆپلىگەن كىشىلەرنى دانا دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ نۆۋەتكى ۋەزىيتىدىن رازى. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا ھاياتىغا ئۆزگەرتىش ئىلىپ كىرىشتىن، ئىسلاھات يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتىن قورقىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ھەرخىل يۆلۈنۈشلىرىدىن خەۋەردار بولىشىمىز ھەمدە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ شارائىتى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا مۇئامىلە قىلىشمىزمۇ دانالىق جۈملىسىدىندۇر. خۇددى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىيتقىنىدەك: ئاقىل ئىنسان باشقىلارغا ئۆزرە قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغان كىشىدۇر. كامىل مەرىپەت تولۇق ئەپۇ قىلىشتا نامايەن بولىدۇ.
موھىمى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىسى يوق ئىشلاردىمۇ ئاۋارچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان موھىت ۋە ئىختىيارىغا باقمايدىغان شارائىتلاردا ياشايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇنۇقتىدىنمۇ ئۇلارغا ئۆزرە قويۇپ مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە يار-يۆلەكتە بولۇش... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك دەرىجدە ئەخلاقى سەزگۈنىڭ، ئاقىلانىلىك ۋە دانالىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
دانالىقنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ ئىنئام قىلغان فەيز-بەرىكەتلىرىدىن كەلسە، يەنە بىر قىسمى ئەتراپلىق مەرىپەت ئىگەللەش ۋە نەپس بىلەن كۆرەش قىلىش يولى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. چۈنكى، ھەربىر خەيرلىك ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىللىك ھەمدە نۇقسانلىقنى ئىتىراپ قىلىشتىن ۋە كۈچنىڭ بارىچە مۇكەممەللىك پەلەمپەيلىرى تامان ئىلگىرلەشتىن باشلىنىدۇ.

ئاپتور: دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار
مەۋلانا تەرجىمىسى

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:04:16

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەۋلانە ئۇستاز:
ئىسل تىمىلىرىڭىزئۈزۈلمىسۇن.
سىز مەيلى تۇرمۇشتا مەيلى مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەر ئېيتقان «نەسىھەتنىڭ كىرىكى يوق،بەك نەسىھەتسىرەپ كەتكەن
بولساڭلار ......»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرگە قانداق قارايسز؟
نىمە ئۈچۈن ھەق تەرەپدارلىرى غېرىب كىلىدۇ؟ غېرىبلىق ئىچىدە ياشاش ،غېرىبلىق بىلەن تۈگەللىنىشنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:22:30

ئەسسالامۇئەلەيكۇم.ئۇستاز ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:39:19

كۆزىمىز تۆت بوپكەتكەنىدى ئۇستاز ۋە ئۇنىڭ تېمىلىرىغا...{:112:}

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:40:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 11:42  

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەۋلانا ئۇستاز،سورايدىغان بىر نازۇك مەسىلە بار ئىدى،سېلى بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولار؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 13:24:04

يوقاپ كەتمىسىلە ئۇستاز . بۇ مۇنبەر بىر كىچىك جەمىيەتكە ئوخشايدۇ . مۇنبەردە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان تەبئى پەن ئالىملىرى ۋە ئىسلام ئالىملىرى
ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن .
چاكىنا پىتنىخور، مەمەدان يىرىم چىلەك تەپرىقەتچىلىك سالىدىغان يالغانچى، قۇرۇق گەپ توقۇيدىغان يازغۇچىلارنىڭلار ئەمەس،ئوغىرنىڭ بۇزۇقنىڭلا ئەمەس
دىنسىزنىڭلا ، خىرىستىياننىڭلا ئەمەس ، ئىلىم مەرىپەتكە تەشنا ئېتقاتلىق ياشلارنىڭمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى .جەمىيەتتە ھەرساھە ،ھەركەسىپ ئىگىلىرى بولغاندەك مۇنبەردىمۇ شۇنداق .شۇڭا ئۆزىمىزدىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى تارقىتىپ ، پاسسىپ،چاكىنا يالغانچى ئەخلاقسىز ، بۆلگۈنچى كۈشلەرگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرشىمىز كىرەك .
يۇقارقى ئىنكاسىمنى چۈشەنمىگەنلەرگە ئېغىر كەلگەنلەرگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيتىم يوق .
شۇڭا ئېغىر كەلگەن بولسا چىقىپ ئويناپ كەلسۇن .
نەقىل بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ .

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:39:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 14:33  

ئۇستازغا مەرھابا! مۇنبەر ئۆزلىرىدەك ئۇستازلارنىڭ كىرىپ تۇرۇشىغا، مەنىۋىيىتىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىگە موھتاج.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:40:10

    ناھايىتى ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق ، ئادەمگە روھى ئوزۇق بېرەلەيدىغان ماقالە ئىكەن.  
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى تەپەككۇر قىلىپ شۇنى ھىس قىلغان ئېدىم .  بىر ئادەمدىكى ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆز ئېتىقاد-ئەقىدىسى بويىچە توغرا يول تۇتۇپ ياشىشىغا، ھالال ئەجىر-مېھنەت بىلەن ئېھتىياجلىرىنى قامداپ ، خار بولۇپ قالماسلىقىغا، ئىنسانلار تەرىپىدىن كېلىدىغان ھەرخىل خەۋىپ-خەتەرلەردىن مۇۋاپىق ساقلىنىپ خاتىرجەم ياشىشىغا ، شەيتان ۋە نەپسىنىڭ ئازدۇرىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالمىسا، ئۇ ئەقىل، ئۇ بىلىملەرنىڭ ئىنسانغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدىكەن .  

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 17:37:52

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز،

   ئىسىل تېمىلىرىدىن بەھىرلەندۈرگەنلىرىگە يارتقان ئىگىمىز ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن.  دانا ئىنسان بولۇشنىڭ تۆۋەندىكى 3 شەرتى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى:

‹‹1-  نېمىنى سۆزلەپ، نېمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق ۋە نېمىنى رەت قىلىشنى بىلىش.
مانا بۇ شەرت بىزدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىك ئىشتا مول بىلىم ۋە ئالاھىدە تەجىربە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2- ھاۋايى-ھەۋەس ۋە قىزىقىشلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپ نالايىق ئىشلار ھەمدە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرالايدىغان، شۇنداقلا شەخسىيەتكە چاپلاشقان نۇقسانلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان غەيرەتكە ۋە مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولۇش.
بەزىدە راستىنلا دانا كىشىلەردىن بولىشىمىز ئۈچۈن مۇنداق ئۈچۈنچى بىر ئىشقىمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى ۋە قانائەتچان بولۇشتۇر.
  مەلۇم نەرسىگە شۇنچە تىرىشىپمۇ ئېرىشەلمىگىنىمىزدە، شۇ نەرسىنىڭ بىزگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى دېققەتتىن چىقارماسلىقىمىز، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىكىمىز، شۇنداقلا، بىراۋنىڭ غەلبىسىگە ھەسەت نەزىرىدە قارىۋالماسلىقىمىز ھەمدە قولىمىزدا بارىنىڭ بىزگە ئەڭ ياخشى ۋە بىز ئۈچۈن تەبىئى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.››

   بولۇپمۇ ئاخىرقى شەرت ، يەنى :‹‹اللا نىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش ۋە قانائەتچان بولۇش.....›› نۆۋەتتە ياشاش يولۇمىزدا ھەممەيلەن ھەرۋاقىت ئېسىزدىن چىقارساق بولمايدىغان مۇھىم شەرت دەپ قارايمەن...

   ئۇنىڭدىن باشقا تىل چۈشۈنشتىكى گادايلىغىمدىنمىكىن، ‹‹.... ئىشنىڭ تەگ-ماھىيىتى بىراۋغا كۆز-كۆز قىلىشقا ئايلىنىپ قالغاندا ئەقىل دۇردانىلىرى تەجەللى قىلىشتىن بەكەرەك قەلب كېسەللىرى تەجەللى بولىدۇ.››  مۇشۇ جۈملىدىكى ‹‹ تەجەللى قىلىش››، ۋە ‹‹تەجەللى بولۇش›› دىگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. ئەيپكە بۇيرىماي بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن....

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:09:43

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 10:15 static/image/common/back.gif
ئايەدە بىسى رەببانى دەپ كىتىپتۇ، راس گەپقىللى، ماڭا بە ...

مۇھەددىس  بۇرەدەرنىڭ  نمە   دىمەكچى  بولغىنىنى  بىلمەي  تۇرۇپ ،ئۇستازنىڭ  يازمىسىنى  چۈشەنگىدەك  ئىلىمگە  ئگە بولماي  تۇرۇپ پۇتاق   چىقىرىشقا  ئالدىرىمىسىلا   تەخسىر!!!!!

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:57:31

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 10:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەۋلانە ئۇستاز:
ئىسل تىمىلىرىڭىزئۈ ...

سىز مەيلى تۇرمۇشتا مەيلى مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەر ئېيتقان «نەسىھەتنىڭ كىرىكى يوق،بەك نەسىھەتسىرەپ كەتكەن
بولساڭلار ......»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرگە قانداق قارايسز؟
...........................................................................................................
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام، رەھمەت. يۇقىرىقى سوئالىڭىزدىن قانداق ۋاقىتتا، قانداق شارائىتتا نەسىھەت قىلىنسا، يۇقىرىقىدەك ئىنكاس قايتۇرۇلغىنى نامەلۇم تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ نەسىھەت ھەققىدە بىر ئاز توختىلاي.
ئەمەلىيەتتە، دىننىڭ ئۆزى بىر نەسىھەت. نەسىھەت ئۆز تەبىئىتى بىلەن ھەر بىر مۇئمىن ئۈچۈن پايدىلىق. بىراق، نەسىھەت قىلىش پايدىلىق دەپلا، ئۇدۇل كەلگەن كىشىگە، ئۇدۇل كەلگەنچە نەسىھەتكە چۈشۈش نەسىھەتنىڭ ئەدەب-قائىدىلرىگە رىئايە قىلمىغانلىق سانىلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئىنكاس ئادەتتە مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالدا چىقىشى مۇمكىن:
بىرىنجىسى، نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا مىتود قوللىنىشى تۈپەيلى نەسىھەت قىلىنغۇچى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان خىتابلار، بايانلار ئارقىلىق نەسىھەت قىلىش. بۇنداق ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ تەدرىجى زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ-دە، نەسىھەت قىلغۇچىغا يۇقۇرقىدەك تەرىزدە ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. بۇجەھەتتىن چاتاق شۇ جاۋابنى قايتۇرغۇچىغا قارىغاندا، شۇنداق جاۋاب چىقىشىدا رول ئوينىغان نەسىھەتكارنىڭ ئۆزىدىن كۆپرەك سادىر بولغان بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، شۇنداق جاۋاب چىققان ۋاقىتتا، نەسىھەت قىلغۇچى قارشى تەرەپكە ئەيىپ قويۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مىتودىنىڭ نەسىھەت ئەدەبلىرىگە ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ دەڭ سىلىپ بېقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا نەسىھەت قىلىشتا قوللانغان مىتوت توغرا، ئەمما نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھەت قىلىنغۇچى ئالدىدا ئوبرازى ياخىشى بولماسلىقى ۋەياكى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھەتكە سالاھىيەتسىز بولىشى تۈپەيلى يۇقىرىقىدەك جاۋاب نەسىھەت قىلىنغۇچى تەرىپىدىن چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىمۇ كۆپىنچە نەسىھەت ئۆز ئورنىدا بولغىنى بىلەن، ئەمما ئۆز ئەھلىنى تاپالماسلىقى سەۋەبلىك مەغلۇب بولىدۇ. بۇنىڭدا چاتاق ھەر ئىككى تەرەبتىن نىسبەتەن سادىر بولغان ۋە نەسىھەت مەغلۇپ بولغان.
ئۈچۈنجى خىل ئەھۋالدا نەسىھەتمۇ جايىدا، نەسىھەت قىلغۇچىمۇ شۇنىڭ نەخ ئەھلى بولۇپ، ئەمما قارشى تەرەپتىكى نادانلىق، بەغەرەزلىك ۋە ناچار تەبىئەت ئەھلى بولۇش يۇقىرىقىدەك ئىنكاسنىڭ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلە، چاتاق نەسىھەت قىلغۇچىدا بولماستىن نەسىھەت قىلىنغۇچىدا بولىدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا ئامالبار مىتوتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئۇنىڭ نادانلىقى تۈپەيلى بەرگەن جاۋابىنى كۈڭۈلگە ئىلىپ كەتمەستىن ئۇنى ۋە ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار ئارقىلىق جاھىللىقىدىن ۋە نادانلىقىدىن قۇتۇلۇشقا كۆڭۈل بۆلۈنسە، ئۇمۇ دەسلىۋېدە قارشى ئىپادە بىلدۈرگىنى بىلەن، تەدرىجى تەسىر قىلىشى ۋە نەسىھەت، ئۇسۇللارمۇ بارار-بارا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ، نەسىھەت قىلغۇچىدىن كۆرە نەسىھەت قىلىنغۇچىنىڭ ئىنساۋىغا بەكەرەك چىتىشلىق.
خۇلاسە، نەسىھەت ياخشى نەرسە. ئۇ دىننىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرى. ئەمما ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ئۆرنى، ۋاقتى بولغىنىدەك، نەسىھەتنىڭمۇ ئۆز ئورنى، پەيتى ۋە ئەھلى بولىدۇ. دانا نەسىھەتكار يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بىرىدىغان كىشىدۇر. خۇددى شۇنىڭدەك، نەسىھەتنىڭمۇ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭمۇ ئاڭلايدىغان، قەلبىنى سۇغۇرىدىغان ئەھلى بولىدۇ. نەسىھەتنىڭ ئەھلى بولمىغانلارغا نەسىھەت قىلىۋېرىشمۇ، نەسىھەت ئەھلى ئەمەسلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشىمۇ ئوخشاشلا دانالىققا زىتتۇر.
شۇنىڭدەك، مۇئمىن-مۇسۇلمان كىشىمۇ نەسىھەت قىلغۇچى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمىگەنلا بولسا ئالدىراپ نەسىھەتنىڭ بىلىگە تىپىۋەتمەسلىگى، ھەق سۆزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولسىمۇ، ئورۇنلۇق نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ قويىشى، ئادەمگە ئەمەس، ئۇنىڭ سۆزىگە بەكەرەك دېققىتىنى بىرىشى ھەمدە ئالدىراپ قوپال تەگمەسلىكىمۇ ئەدەبتىن ۋە دانالىق جۈملىسىدىندۇر.

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:02:57

{:112:}

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:16:19

OCUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 11:40 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەۋلانا ئۇستاز،سورايدىغان بىر ناز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام! مۇشۇ ئادرىسقا ئىلخەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ: mevlana128@hotmail.com

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:16:57

OCUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 11:40 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەۋلانا ئۇستاز،سورايدىغان بىر ناز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام! مۇشۇ ئادرىسقا ئىلخەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ: mevlana128@hotmail.com

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:04:06

mevlana يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 11:57 static/image/common/back.gif
سىز مەيلى تۇرمۇشتا مەيلى مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەر ئېي ...

مەۋلانا ئەپەندىم، بەرگەن جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن بەك ئورۇنلۇق بولۇپتۇ. قايىل قىلارلىق، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:06:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 13:25  

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 12:03 static/image/common/back.gif
شۇ تەخسىر،،،

قانداق كىشى دانا بولدۇ؟ مانداق تۆت ئىغى ...

    كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ  تېمىنى ئىخلاس بىلەن ئوقىساق، قانداق كىشىنىڭ دانا كىشى بولالايدىغانلىقىنى  بىلگىلى بولىدۇ، تېمىنى ياخشى ئوقىمايلا كىرىپ، ئىزدىنىشتە بىركىم ئىنكاس يېىش ۋەزىپىسىى قويغاندەك ھاپىلا-شاپىلا ئىنكاس يازمايلى. ياخشىراق ئوقۇپ خۇلاسىلىيەلىسەك،  قانداق كىشى دانا ئىنسان بولىدۇ؟ دىگەن سوئالغا ئېنىق جاۋاپ بار بۇ تېمىدا.  ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولساق كۆزنى يوغان ئېچىپ، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ، تەقسىىر:  

    تېىمىغا ئاساسلانغاندا ، دانا ئىنسان بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلاش كېرەك ئىكەن:
‹‹1-  نېمىنى سۆزلەپ، نېمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق ۋە نېمىنى رەت قىلىشنى بىلىش.
مانا بۇ شەرت بىزدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىك ئىشتا مول بىلىم ۋە ئالاھىدە تەجىربە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2- ھاۋايى-ھەۋەس ۋە قىزىقىشلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپ نالايىق ئىشلار ھەمدە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرالايدىغان، شۇنداقلا شەخسىيەتكە چاپلاشقان نۇقسانلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان غەيرەتكە ۋە مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولۇش.
بەزىدە راستىنلا دانا كىشىلەردىن بولىشىمىز ئۈچۈن مۇنداق ئۈچۈنچى بىر ئىشقىمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى ۋە قانائەتچان بولۇشتۇر.

  ئاۋۇ قىزىل رەڭدە يېزىلغان جۈملىلەرنى چۈشەنگەنسىز؟

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:08:08

kokbilge يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 17:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز،

   ئىسىل تېمىل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام! سىزگە ھەم ئاللاھ ئەجىر-ئەزىم بەرسۇن!

‹‹.... ئىشنىڭ تەگ-ماھىيىتى بىراۋغا كۆز-كۆز قىلىشقا ئايلىنىپ قالغاندا ئەقىل دۇردانىلىرى تەجەللى قىلىشتىن بەكەرەك قەلب كېسەللىرى تەجەللى بولىدۇ.››
تەجەللى قىلىش دېمەكلىك بۇ يەردە: يورۇش، نامايان بولۇش، روشەن دەرېجىدە كۆزگە چېلىقىش، ئاشكارا بولۇش، مەيدانغا چىقىش...قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان. كۆزدە تۇتۇلغىنى، كىشى ھەر بىر سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتتە ساپ ۋە سەمىمى بولمىغان ئاساستا، ئەمەلنى رىياخورلۇق، كۆزكۆز قىلىش، مەشھۇرسىراش شەكلىدە قىلغىنىدا، مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى ئىجابى مەقسەتلەر ئورنىغا سەلبى غايىلەرنى چىقىش قىلىش ئىگەللەپ، ئەقىلنىڭ پاكلىقى خىرەلىشىپ ئورنىنى مەنىۋىي كېسەللەر ئىگىلەشكە ۋە ئەقىلنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى تۆۋەنلەپ ناچار مۇددىئالار يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ-دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان.
دېمەك، ئەقىل دۇردانىلىرى بولمىش بىلىم-مەرىپەت، گۈزەل ئەخلاق...قاتارلىقلار ئاساسى ئورۇنغا ئۆتۈش ۋە نۇرانە شەكىلدە زاھىر بولۇش ئورنىغا خىرەلىشىشى، نەپسكە يۇشۇرنىۋالغان ئىللەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈپ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە زاھىر بولىشى، يەنى يوشۇرۇنلۇقتىن ئاشكارىلىققا قەدەم قويىشى مەزكۇر شەيئىلەرنىڭ تەجەللىسىدىن ئىبارەت.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:12:54

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم مەۋلانە ئۇستاز'؟

ئاللاھ ئىگەم تەنلىرىنى سالامەت،ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە،رىزىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭرى قىلغاي.ئۆزلىرىدەك ئۇستازنىڭ مۇنبەرگە قەدەم-تەشرىپ قىلىپ،بىزدەك ئازغان،ئېزىۋاتقان،توغرا يول تاپالماي تەمتىرەۋاتقان قېرىنداشلىرىغا  ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى،قانداق ياشاش كىرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىرىگە يۈزمىڭ تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ئويلاپ قالدىم،بىزلەرنىڭ تورغا چىقىدىغان ۋاختىمىز ئانچە كۆپ ئەمەسكەن،تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئالدىراش بوپ قېلىپ تولا ھاللاردا توغرا چىقالمايدىكەنمىز،كىچىككىنە تەكلىپىم،ئەگەر مۇمكىن بولسابۇرۇن يازغان،تەرجىمە قىلغان،ھەم يازماقچى بولغان ئەسەرلىرىنى توپلاپ نەشىرياتقا بەرسىلە،كىتاپ قىلىپ تۈپلىنىپ چىقسا ئېلىپ ساقلاپ ئوقۇساق،خالىغان ۋاقىتتا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىساق،ئىنشائاللاھ ئۇ ئەسەرلىرى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرشقا دالال قىلالىسا،بۇنىڭ ساۋابى ئۆزلىرىگىمۇ بولار ئىدى..

كىچىككىنە تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىلا.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:14:04

kokbilge يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 13:06 static/image/common/back.gif
كۆزىمىزنىڭ چاپىقىنى ئېيتىۋېتىپ، دىققەتنى مەركەزلە ...

چۈشۈنۈشلۈك شەرھىلەپسىز قېرىندېشىم. ئاللاھ ئىلمىڭىزنى، ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:09:11

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:01 static/image/common/back.gif
ئۇكام كۆزىڭىزنىڭ چاپىقىنى ئىيتىپ قۇياي،،،،،،،

دانال ...

     شۇنچە ئېنىق شەرھىلەپ بەرسەممۇ  گەپنى چۈشەنمەي،  يەنە گەپ يورغىلاتقىنىڭىزغا   قارىغاندا سىز كۆزى ئاجىزلارنىڭ كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئېيتىپ قويىدىغان كۆز دوختۇرىنىڭ گۆدەك ‹‹ شاگىرتى›› ئوخشايسىز....

سىزدىكى بۇ  قاتمال پوزىتسىيە  بىلەن،  سىز بىلەن ئارتۇقچە مۇنازىرلىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدەك قىلىدۇ.... مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە قالدىم....
بەت: [1] 2
: دانا ئىنسان (مەۋلانا)