mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:16:51

ئاكام، ئۇكام دېگەن گەپلەرنى دېيىشكە بەك ئالدىراش كەتمىگەيسىلەر. ئۈستىدىكى تورداش قانچە ياشقا كىردىكىن خەۋىرىم يوق، كۆكبىلگە ئاكام مەيلى بىلىمى بولسۇن، مەيلى پەزىلىتى بولسۇن مۇنبەردىكى خېلىلىرىمىزغا ئاكا بولغۇدەك ئادەم. كۆكبىلگە ئاكام ياپونىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغىلىمۇ بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى (خاتا تۇتۇۋالمىغان بولسام)، شۇنىڭغا قاراپ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىۋالساڭلار بولىدۇ. ئىزدىنىشتا مېنىڭچە كۆكبىلگە ئاكامنى ئالدىراپ «ئۇكام!» دېيەلىگۈدەك ئادەم يوق. باشقىلار كەمتەر بولۇپ مەن پالانىتىم دېمىسىلا ئاغزىمىزغا كەلگەننى سۆزلىسەك بولمايدۇ.
ئۆزىنى پايلاپ ئاندىن باشقىلارغا شىلتىڭ ئېتىشمۇ دانالىقنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:24:52

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:01 static/image/common/back.gif
ئۇكام كۆزىڭىزنىڭ چاپىقىنى ئىيتىپ قۇياي،،،،،،،

دانال ...


« ئۇكام كۆزىڭىزنىڭ چاپىقىنى ئىيتىپ قۇياي،،،،،،،

دانالىقنىڭ بىرنجى شەرتى، بىلىش، شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بۇلۇشتۇر. بەلكى دانالىق ئىبارىسىنىڭ پۇتۇن گەۋدىسىدىن سۇپىتىدىن ئەڭ يۇقرى تەلەپ قۇيىلدىغىنى ، مۇشۇ بىلىش.

بىلمەي تۇرۇپ، خو ۋاختى سائىتىنى تاپسۇن، خو قانەئەتتىن توپىغا مىلىنىپ ياتسۇن، ياكى نىمە ؟ئىشتىياق بىلەن زەپىران بۇلۇپ كەتسۇن. ئاخىردا چىقىدىغان نەتىجە 0 بولىدۇ. باش ئاخىرى دىگىنى يۇمۇق دىگىنى مۇشۇ. ماۋۇ تىمىدا دانالىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىدىن بىرسى بايقۇت قىلىنىغان. ئەكىسىچە مەسھۇلىيەتسىزلىك بىلەن باشقا كىچىك شەرىتلىرى زىيادە كۆپتۇرۇلگەن.  »

قېرىندېشىم سىز بۇ تېمىنى راستىنلا تولۇق ئوقىمىغان ئوخشايسىز. شۇ سىز دەۋاتقان«  دانالىقنىڭ بىرىنچى شەرتى بىلىش»دېگەن گەپنىڭ دەل ئۆزى مەۋلانانىڭ يازمىسىدا تۇرمامدۇ مانا، قايلاپ بېقىڭ:

« تەبىرلەر ئارا ھېكمەت (دانالىق) نىڭ ئەڭ توغرا تەبىرى: «ھەر ئىشنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈش» دېگەن تەبىر بولسا كېرەك.  مەزكۇر تەبىرنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەر ئىشنى ئۆز ئورنىدا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز ئۈچۈن بىز مۇنداق ئىككى ئاساسنى تىكلىگەن بولىشىمىز شەرت:
1-  نېمىنى سۆزلەپ، نېمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق ۋە نېمىنى رەت قىلىشنى بىلىش.
مانا بۇ شەرت بىزدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىك ئىشتا مول بىلىم ۋە ئالاھىدە تەجىربە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. » ( مەۋلانا )

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:49:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 15:45  

jan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:24 static/image/common/back.gif
« ئۇكام كۆزىڭىزنىڭ چاپىقىنى ئىيتىپ قۇياي،،،،،،،

دان ...

نىمىنى سۆزلەپ، نىمىنى دىيىش ، قانداق ۋاقىتتا كىمگە دىيىش،،،،،،،،،،،،،،ئاۋۇ قىلىق ئىش ھەركەت زامان دىگەنلىك بۇلىدۇ. بۇنى بىز قىسقارتىپ، ۋاختى سائىتى كەلگەندە دەيمىز. قانداق يۇسۇندا ئىلىپ بارىمىز دىگەنلىك بۇلىدۇ.

مەن دىمەكچى، ماھىيەت  دانانىڭ بىلىش سەۋىيسى ئالىملىقى ئالدىن بىلىش پەملىشى ، قىسقىسى ماكان جەھەتتە تۇنىشى ماۋۇنى دىمەكچى.

دانا ۋەزىر دىسەك، ئىلمى ئۇستۇن كىشىنى كۆرسىتىدۇ.


توردا چاپان كىيىپ چىققىلى بولمىغاندىكىن تونۇمىغان چىغىمبا،،،،،،،ئۆزۇر.


rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 14:58:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rfst تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 14:59  

-----------------

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 15:00:09

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 14:49 static/image/common/back.gif
نىمىنى سۆزلەپ، نىمىنى دىيىش ، قانداق ۋاقىتتا كىمگە دى ...

:P :P ;P

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:15:05

ھەممە قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام :
ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى قانداق قوغدايمىز؟دېمەكچى باش،ئىڭەككە ئىگە بۇلالمىغان ۋاقىتتا؟
مەيلى خوتۇن ،بالا...لار بولسۇن

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 16:30:25

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 16:15 static/image/common/back.gif
ھەممە قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام :
ھازىرقى جىددىي ۋەز ...

  1. قولىڭىزدىن كېلىدىغان، ھۆكۈمەت توسىمايدىغان ياخشى ئىش، ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىنى قىلىڭ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ھېچقاچان قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمىغان.
2. ئىمان دىگەن قەلىبتە بولىدىغان نەرسە، ئۇنى ئۆزىمىزلا يوقىتىۋەتمىسەك، ھېچكىم ئۇنى تارتىۋالالمايدۇ ياكى يوق قىلىۋىتەلمەيدۇ.   

Fedaiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 17:57:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 18:31  

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 16:15 static/image/common/back.gif
ھەممە قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام :
ھازىرقى جىددىي ۋەز ...

مەن ئۆزىڭىز ھەققىدە كۆپرەك ۋە ئىنچىكە ئويلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. «نېمىلەرنى توغرا قىلدىم؟ نېمىلەرنى خاتا قىلدىم؟» كەبى. ئىنسان سەمىمىي ھالدا خاتالىقىنى تېپىشقا يۈزلەنگىنىدە ئاللاھ ئۇنى (نەدە خاتا كەتكەنلىكىنى) دىلىغا سالىدۇ. ۋە تۈزىتىشكە نىيەت-ئىقبال قىلسىڭىز (تەۋبە قىلسىڭىز) ئىنشائاللاھ خاتالىقلىرىڭىز تۈزىلىپ ئىمانىڭىزمۇ كۈچلىنىدۇ. «سىرتقى دۇنيادىن قۇتۇلۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغىمۇ بىر ئاز ۋاقىت ئاجرىتىش، تاكامۇللىشىشنىڭ ئېسىل ئىشىكلىرىدىن» دەپ قارايمەن.

دانالىق ھەققىدە ھېكمەتلىك ماقالەنى سۇنغان تېما ئىگىسىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:02:50

@gilas      مۇھەددىس ئۇستازنىڭ ئىنكاسىنى نىمىشقا تەھرىرلىۋەتتىڭىز مۆھتىرەم گىلاس باشقۇرغۇچى؟  سەۋەبىنى بىلىپ باققۇم بار.      

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 19:03:33

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەۋلانا ئۇستاز.  ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن.  :)

mihin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 20:44:41

مەنچە دانا ئىنسان تەربىيلەش  تالانتىلىق ئىنسان تەربىيلەشتىن تەستەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدىكەن بۇ ئەسەر
  

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 01:18:16

mihin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:44 static/image/common/back.gif
مەنچە دانا ئىنسان تەربىيلەش  تالانتىلىق ئىنسان تەربىي ...

ئىش ئەسلىدە شۇنداق. دانالىق - ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگ ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەردە ئىپادىسىنى تاپىدۇ. تالانت يوشۇرۇن كۇچنى يورۇقلۇققا چىقىرىش بىلەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. دانا كىشىلا بولىدىكەن ئۇنىڭدا  تالانت بولىدۇ. ئەمما تالانلىق بولغانلارنىڭ ھەممىسى دانا بولىشى ناتايىن ھەم زۆرۈرى شەرتمۇ ئەمەس.

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 22:21:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   مەۋلانە ئۇستاز،   نەسىھەت  توغرىسىدا قىلغان  سۆزلىرىڭىز بەك  ياخشى چىقىپتۇ  ،چوقۇم ھەر بىر نەسىھەت قىلغۇچى  مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ  نەسىھەت قىلغۇچىغا لايىق سۇپەتنى ئۆزىدە ھازىرلىشى  كىرەك،  شۇندىلا نەسىھەت ئۆزقىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ ، ھەمدە يۈكسىلىدۇ .           سىزگە ئاللاھ ئىلمىڭىزدا بەرىكەت بەرسۇن .

koxtag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:15:03

ناھايىتى تېتىملىق يازما بوپتۇ... رەھمەت ئۇستازلارغا...

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:43:18

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 16:15 static/image/common/back.gif
ھەممە قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام :
ھازىرقى جىددىي ۋەز ...

جاۋابى سۈرە كەھىفتە بار.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:42:22

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 16:15 static/image/common/back.gif
ھەممە قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام :
ھازىرقى جىددىي ۋەز ...

بىخەتەرئىشكاۋىدا ساقلاڭ ،،،،،،،:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:45:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئۇستاز، اللاھ تەنلىرىنى سالامەت ئىلىملىرنى زىيادە قىلسۇن !

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 21:37:45

ئاللاھ بىزلەرنى مۇشۇنداق ئېسىل ھېكمەتلەرنى داۋاملىق كۆرۈشكە ئاڭلاشقا نېسىپ قىلغاي!
بەت: 1 [2]
: دانا ئىنسان (مەۋلانا)