2015-يىلى ئەتلەسلىشەيلى! (يۇسران)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭىزلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزلەرنى چىقىرىپ، ئۇشبۇ خەۋەرنى ئوقۇغىنىڭلارغا سەمىمىي تەشەككۈرلەر!«يۇسران» ماركىسى، شىنجاڭ يۇسران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2015 – يىلى يىل بېشىدا نەچچە يىللىق تولۇق تەييارلىق بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە سىز كۆرۈپ تۇرغان تۇنجى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇلدى.
يۇسران ماركىسىنىڭ قىبلىنامىسى شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ ئۇ دۇنيانىڭ!
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتىدىكى ئۆچمەس نامايەندە بولۇپ يېڭى ئەسىردە جۇلالىنىۋاتقان ئەتلەس ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ئورۇن ئېلىقلىق.
ئەمما ئەتلەسلىرىمىزدىكى بىر خىللىق، توقۇلۇشىدىكى نازۇكلۇق، بىزنى بۇ تەۋەرۈكىمىزنىڭ ئىستىمالىدىن قالدۇرۇپ قويۇشقا باشلاپ، پەقەت توي – تۆكۈنلەردە كىيىلىدىغان سەھنە كىيىمى، مۇراسىمى كىيىمى قىلىپ قويىۋاتىدۇ. يۇسران ماركىسى دەل خەلقىمىزدىكى مۇشۇ خىل كىرزىسنى تونۇپ يېتىپ، ئۇزۇن مەزگىل كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، سىناق قىلىشلار ئارقىلىق، ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەڭ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلار ئارقىلىق مودىغا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان يۈزلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقىمىز ھوزۇرىغا ئازادىلىككە، مودىغا جىپسىلەنگەن مىللىي ئەنئەنىگە تويۇنغان ئەر – ئاياللار كىيىم – كېچىكى، ئاياغ، كارىۋات بۇيۇملىرى، داستىخان – پەردە قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى سۇندى.
قېنى سىز ئالدى بىلەن بىزنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، ھەر ئايدا ئۈچدىن بەشكىچە يېڭى تۈر قوشۇلۇپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا يۇسراندىن ئىبارەت بۇ ماركا دۇنياغا تارالغۇسى.
مۇبارەك بولسۇن ، يۇسراننىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى بولسۇن .
ئەسلىمىنى مۇشۇ سەۋەب بىلەن يىڭلىيالماي قىلىۋىتىپتىكەنسىزدە . گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاي، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىڭىز دۇنيادىن قايىتقۇچە جۇش ئۇرۇپ تۇرغاي!!! نەدىنمۇ تاپقانسىز بۇ گۈزەللەرنى ؟ ئەتلەس پەردىڭىزنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ قويمامسىز؟ بودەكرەك كەلگەن قىز ئەسىرىڭىزدىكى لەزىنىڭ مەن قىياس قىلغان پورتىرىتىغا سەل ئوخشاپ قالىدىكەن . بۇ كىيىملەر ،قىزلارغا ئەجەپمۇ يارىشىپتۇ ،ھە راست ،يۇسران قايسىڭلار؟ مۇبارەك بولسۇن 2015-يىلى ئەتكەسلىشەيلى دەپ ئوقۇۋاپتىمەن باشتا ، بولىدۇ ئەتلەستىن بىرەر قۇر كاستيۇم بۇرۇلكا كېيىپ قويارمىز بىزمۇ ... يۇسران چ چ ياكى ۋېشىن نۇمۇرىڭىز مۇبارەك بولسۇن.{:112:}
ئاق رەڭلىك گاچا پەلتۇغا كۆزۈم چۈشىۋاتىدۇ. ئايالىمغا بىرنى ئېلىپ بەرسەم بولغىدەك.:lol مىللى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش :lol ۋەئەلەيكۇم سالام ،
پارىژ ئەتلەس سودا شىركىتى ھەمكەرلىشامدۇق دەيدۇ ،
بىر نەچچە پىلان تۈرلەردە قىزىل رەڭلىك كۆينەك تازا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقمىغاندەك قىلىدۇ لىكىن.{:92:}
قاراپ تۇرۇپ بىر كالتەك ئۇرىۋالدىم ھە، شۇنداق بولغاندىكىن ئەمدى ئازراق ياخشى سۆزلەرنى قىلاي.:lol
مۇنداق ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە{:92:}، تور بېكەت قۇرۇش بەك قىممەت ئەمەسكەن، قايسى كۈنى گۇدلاك يازغان پروگىراممىر قوبۇل قىلىش تېمىسىدا، تور بىكەتلىرىنى 2000 سومغا ياسايمىز دەپ ئېلان بېرىۋاتقانلار بار ئىدى. مۇلازىمېتىرنىڭ باھاسى 2000 سوم بولسا، 5000 سوم ئەتىراپىدا خېلى سۈپەتلىك بىر تور بېكەتنى بىر يىل ماڭغۇزغىلى بولغىدەك.
تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر بىر لاىيھەگە قارىتا توردا پىكىر ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقساڭلار، مېنىڭچە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. رەڭلەرنىڭ ماسلىشىشى، پاسۇنى، باھاسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالدىن بىكىتىۋەتكىلى، شۇ ئارقىلىق مەلۇم خىل مالنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
شۇنداق بىر تور بېكىتى قۇرۇلسا، شۇ تور بېكەتتە زاكاس قىلىش، پىكىر بىېرىش، پاسۇن، رەڭلەرگە بولغان باھا بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويساڭلار، ئەزا بولغان ۋە ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارغا، ئېتىۋار باھا بېرىش دىگەندەك تەدبىرلەرنى قوللانساڭلار، ماركىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلىكتە موقىم بولغان خىرىدار توپىنى شەكىللەندۈرۈش مۇمكىن. ئەتلەس نەنىڭ ئەتلەسلىرى ؟
سودا ئەندىزەڭلار قانداق ؟
ماركاڭلار توغۇرلۇق كۆپرەك چۈشەنچىگە ئېرىشكۈم بار. تور ئادىرىس بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز. ئاۋۇ بىر قىز ئەتلەس بىلەن نيۇزەي شىم كىيىۋاپتىكەن، سەل مەتۇ كۆرۈنىدىكەن، نيۇزەي شىمنى ئەتلەس شىمغا ئالماشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم-يۇ، تازا كېلىشتۈرەلمىدىم ئۆزەمچە. ئەزىزلەرگە كۆپ رەھمەت
ئايرىمئۇچۇر قىلساڭلارسەمىمىي قېرىنداشلار ئەتلەسنىڭ ماتېريالى يىپەكمۇ؟ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يارقىن ئىپادىسى بوپتۇ...لىكىن شۇ ئۇيغۇر قىزلىرى مۇشۇنداق كىيىنىپ كۆنۈپ كەتسە كۆزىگە ئاتا-ئانىسى تومپاي،تاغا-ھاممىسى مەتۇ،ئەژداتلىرى سەتۇ..كۆرىنىپ قالارمۇ ئەمدى؟ ئەمدى نىمىلەرنى يۇقۇتۇپ ، نىمىلەرگە ئېرىشتۇق ، يازغۇچى كارخانىچى بۇلۇپ كەتسە !!!!!
مۇبارەك بولسۇن ،،،،