مۇبارەك بولسۇن ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشلۈك قىلسۇن
ھازىر ئايالىمغا كۆرسىتىپ باھالىتىپ باقتىم.
ئاچ كۆك رەڭلىك، كۆك رەڭلىك ئىككى چاپان بىلەن ئاق رەڭلىك كۆينەككە ياخشى باھا بەردى، ئەڭ يارىغىنى كۆك رەڭلىك چاپان، تولىمۇ ئۆزگىچە، ئالاھىدە تۇرىدىكەن دەيدۇ.
باھاسى 1000 سومدىن ئېشىپ كەتمىسە دىگەن ئۈمىدى بار. بۇ ماللارنى سېتىۋالماقچى بولسا قايەردىن سېتىۋالىدۇ؟
ئۈرۈمچىدە سېتىش ئورنى بارمۇ؟
ئىنشائاللاھ ئوڭ كەلسۇن!
بۇلارنى ئۆزىڭىز سىزدىڭىزمۇ؟ مەنچە ئېقى بىلەن كۆكى چىرايلىقكەن، دۇنيانىڭ قەيېرىگە بارسا كىيگىلى بولغۇدەك. ئەمما قىزىلى بەكلا سەتمۇ ياكى مودېل قىز ئاياغنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرالمىدىمۇ بىلمىدىم.
يەنە بىرسىگە گۈللىرى تازا نەپىس ئەمەستەك قىلىدۇ. باشقا رەڭلىكلىرىمۇ بارمۇ؟ رەڭلەردىن تولۇق پايدىلىنىلمىغاندەك...
ئەگەر قىزىقسىڭىز قىسقا ئۇچۇر يېزىڭ مەن سىزگە ئۆزۈم سىزغان بىر نەچچە قۇرنىڭ نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرەي، بەلكى پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nihale تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 14:00
kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 09:44 static/image/common/back.gif
خوتۇنۇمغا ھارغىچە پۇل خەجلەپ ئىلىپ بەرگىنىم بىلەن يار ...
چىداپ ئېلىڭەپاتىرىڭىزغا بەك يارىشىدۇ:lol
nihale يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 13:39 static/image/common/back.gif
چىداپ ئېلىڭە پاتىرىڭىزغا بەك يارىشىدۇ
پەرىگە ئېپ بەمەي پاتىغا ئېپ بەسە ئاكىسى سېتەكتىن تاياق يەمىكى:P