izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:54:46

گولدىباخ قىياسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 10:58  


گولدىباخ قىياسىنىڭ ئەسلى قول يازمىسى

ماتېماتىكىدا نۇرغۇنلىغان يېشىلمىگەن مەسىلىلەر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقىدىن بىرى گولدىباخ قىياسىدۇر.

     ئەسلىدىكى گولدىباخ قىياسى‹ئۈچ ئىلىمىنتلىق گولدىباخ قىياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ›  1742-يىلى 7-ئىيۇن زامانىسىدىكى داڭلىق ماتېماتىكىچى ئېئۇلىرغا يېزىلغان خەتتە بايان قىلىنغان. يەنى «ئەڭ كامىدا 2دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق سان بولسا ئۈچ تۈپ ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ» [گولدىباخ 1742:دىكسىن 2005، p.421]دىن ئىبارەت. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، گولدىباخ 1نى تۈپ سان دەپ قارىغان،ئەمما كىيىن 1 نىڭ تۈپ سان ئەمەسلىكى بىرلىككە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن گولدىباخ قىياسى ئېئۇلىر تەرىپىدىن ئازراق ئۆزگەرتىلىپ قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يەنى بارلىق مۇسبەت جۈپ پۈتۈن سانلار ئىككى تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ‹ ئىككى ئىلىمىنتلىق گولدىباخ قىياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ›. مەسىلەن، ئىككى تۈپ سان  (p,q) ئارقىلىق p+q=2nقانائەتلىنىدۇ.
ئىككى تۈپ سان ئارقىلىق بىر مۇسبەت پۈتۈن ساننى ئىپادىلەش گولدىباخ ئاجرىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

خاردىينىڭ ئېيتىشىچە، بەزى قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويماق ئاسان، بەزى تېئورېمىلار تېخىچە ئىسپاتلانمىدى مەسىلەن گولدىباخ تېئورېمىسىدەك.2000-يىلى 20مارتتىن 2002-يىلى 20-مارتقىچە فەبىر-فەبىر‹Faber and Faber› نەشرىيات شىركىتى گولدىباخ قىياسىنى ئىسپاتلىيالىغان كىشىگە  بىرمىلىيون دوللارلىق مۇكاپات بېرىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، تېخى ھېچكىم ئىسپاتلاپ چىقىپ باقمىدى.
پوگورزىلېسكىي‹1977› گولدىباخ قىياسىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسپات يولى توغرا چىقمىغاچقا قوبۇل قىلىنمىدى.
گولدىباخ قىياسى ئىسپاتلىنامدۇ يوق؟ بۇ يەنىلا ماتېماتىكىچىلارنىڭ ئىجدىھاتىغا باغلىق. گولدىباخ قىياسىنىڭ قانچىلىك دائىرىغىچە ئىسپاتلانغانلىقىغا قىزىققۇچىلار ئىزدەش ماتۇرىغا Goldbach Conjecture ياكى 哥德巴赫猜想دەپ ئىزدىتىپ باقساڭلار بولىدۇ.

مەنبە:http://mathworld.wolfram.com/GoldbachConjecture.html

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 13:24:55

بۇنى ھېسابلاپ چىقسا قانداق ئىشقا پايدىسى بار؟..قانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:21:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 17:48  

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 13:24 static/image/common/back.gif
بۇنى ھېسابلاپ چىقسا قانداق ئىشقا پايدىسى بار؟..قانداق  ...

ماتېماتىكىچىلار ئارىسىدىكى كاللىسىدا پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى بىر-بىرىدىن سوراپ باقىدۇ. گولدىباخمۇ بۇنى بەلكىم بىرەر ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن سورىمىغان بولىشى مۇمكىن پەقەت دوستىغا يازغان خىتىدا مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ دەپ سورايدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا 1نى تۈپ سان دەپ قارىلاتتى. ئەمما ئۇ قاراش ئۆزگەردى. شۇڭا ئېئۇلىر ئەسلىدىكى گولدىباخ قىياسىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن.
تۈپ سان دىگەن نىمە؟بۇنى ئىزدىنىشتىكىلەردىنمۇ خىلى قىسمى ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.:lol
تۈپ سان دىگىنىمىز پەقەت بىر ۋە ئۆزىگىلا پۈتۈن بۆلىنىدىغان پۈتۈن ساننى كۆرسىتىدۇ. 1 تۈپ سان ئەمەس.  شۇڭا ئۆزگەرتىلگەن ئىككى ئىلمىنتلىق گولدىباخ قىياسى بويىچە:
ئىككىدىن چوڭ بولغان بارلىق مۇسبەت جۈپ پۈتۈن سانلار ئىككى تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ .ئۇنداقتا ئاددىي مىسال ئالاي:
4 = 2 + 2
ئىككى تۈپ سان، شۇڭا 4 گولدىباخ قىياسىغا ئۇيغۇن.
6 = 3 + 3
ئۈچ تۈپ سان، شۇڭا 6 گولدىباخ قىياسىغا ئۇيغۇن.
8 = 3 + 5
بۇ يەردە 5ۋە 3 تۈپ سانلار ،شۇڭا 8 گولدىباخ قىياسىغا ئۇيغۇن.
ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولسىمۇ يەنىلا گولدىباخ قىياسىغا ئۇيغۇن.مەسىلەن:
10 = 5+5 = 3+7.
3،5،7لەر تۈپ سان . دىمەككە 10مۇ ئۇيغۇن.
يەنى ئىككىدىن چوڭ بولغان مۇسبەت پۈتۈن جۈپ سانلارنى ئىككى تۈپساننىڭ يىغىندىسى قىلىپ يىزىشقا بولىۋاتىدۇ.
ئەمما بۇنى بىرەر nدەرىجىلىك تەڭلىمىگە سىلىپ فورمىلا ھالىتىدە ئىپادىلەش كىرەك. چۈنكى چەكسىزلىك بار، بۇنداق بىردىن بىردىن ئىپادىلەپ ئاخىرىغا چىققىلى بولمايدۇ.
شۇڭا بىرى چىقىپ بۇنى ئىسپاتلاپ ئاۋۇ 1مىلىيون دوللارنى ئالسا بولاتتى.:lol


tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:21:53

يەنە بىرقانچە ماتىماتىكىلىق مەسلىلەر ھازىرغىچە يىشىلمىدىغۇ دەيمەن،بولسا ئىزچىلار قالغانلىرىنىمۇ يېزىپ قۇيۇڭ؟
جۇڭگۇلۇق چېن جىنرۈننى مۇشۇ قىياسنىڭ بىرنەرسىسىنى يەشتى دەۋاتاتتى.
ئىزچىلار سىز ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىمۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:28:17

گولدىباخ قىياسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان يەنە بىر شاخچە بار،بۇنى ئاجىز گولدىباخ قىياسى دەيدۇ:
5دىن چوڭ بولغان بارلىق تاق پۈتۈن سانلارنى ئۈچ تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى بويىچە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن:
7 = 3 + 2 + 2
11 = 3 + 3 + 5
13 = 3 + 5 + 5
17 = 5 + 5 + 7.
يۇقاردىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ بولار.:lol
يىقىنغىچە تىخى بۇنى   غىچە ئىسپاتلاپ چىقىلغان. بۇ ساننى بىردىن ساناپ باقساڭلار ئۆمرىڭلار يىتىشمەيدۇ.:lol
ئەمما 2013-يىلى پېرۇلۇق ماتېماتىكىچى خارالد خېلىفگود ئاجىز گولدىباخ قىياسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:33:57

tagh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 14:21 static/image/common/back.gif
يەنە بىرقانچە ماتىماتىكىلىق مەسلىلەر ھازىرغىچە يىشىل ...

شۇنداق يىشىلمىگەن ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەر خىلى بار. ئامال بار ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىمەن.
مەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئەمەس، ئەمما ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپىم ماتېماتىكا.
بىزنىڭ بىر گىئومىتىريە ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان، ئۇدا تۆت مەۋسۇم مۇشۇ گولدىباخ قىياسىنى سۆزلەپ چىقاتتى.  ماتېماتىكا ئاجايىب بىر مىھرى ئىسسىق پەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:52:59

陈景润 ئىسپاتلاپ چىقتى دەۋاتمامتى؟ يالغان دەۋراڭمۇ بۇ ؟ :lol

aktirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:08:30

ھەجەپ ياخشى ماتىماتىكا كەسپىنى ئۆگىنىپسىز، مەن ماتىماتىكا توغرۇلۇق بىر سوئال سورىۋالاي دىگەن،
بەلكىم سىز ئۈچۈن بەك ئاددى نەرسە بۇلۇشى مۇمكىن،
سوئالىم، بىر نۇقتىلار توپلىمى بار، مەسىلەن، (1،1) ، (2،2) ،(4،4) ،(5،5) ،(6،6) ،(7،8) ، مۇشۇ نۇقتىلار توپلىمنىڭ مەلۇم بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ياكى مەلۇم بىر تۈز سىزىققا ناھايىتى يېقىن ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:09:06

سابىق سۆۋىت ئىتپاقىنىڭ نىرۋىسىدن كەتكەن بىرماتىماتىكا ئالىمى 2013-يىلى بۇنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقى ھەقىقىدە خەۋەر ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:46:45

aktirak يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 15:08 static/image/common/back.gif
ھەجەپ ياخشى ماتىماتىكا كەسپىنى ئۆگىنىپسىز، مەن ماتىما ...

ئىككى نۇقتىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەڭلىمىسنى چىقىرىۋىلىپ قالغان نۇقتىلارنى ئورنىغا قويساق تەڭلىمە قۇرۇلسا، بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە، ئەگەر تەڭلىمە قۇرۇلمىسا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئەمەس بولىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:52:54

نەچچە يۈز يىلدىن بىرى بۇنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق دىگۈچىلەر بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسپاتى چەكسىزلىككىچە بارالمىدى.
داڭلىق ماتېماتىكىچى ۋىنوگورادوۋ ئاجىز گولدىباخ قىياسىنىڭ  دائىرىسىدىكى سانلارنى ئىسپاتلاپ  چىققان.  كىيىن 陈景润 ئاشۇ سانلار دائىرىسىنى  غىچە يىغىنچاقلاپتىكەن.
بۇ ئادەممۇ خىلى داڭلىق ماتېماتىكىچى. بۇ ئادەم گولدىباخ قىياسىغا بۆلەكچىلا ھىرىس بولغان ماتېماتىكىچىلارنىڭ بىرسى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:58:35

alwun12 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 15:09 static/image/common/back.gif
سابىق سۆۋىت ئىتپاقىنىڭ نىرۋىسىدن كەتكەن بىرماتىماتىك ...

سىز ئاجىز گولدىباخ قىياسىنى ئىسپاتلانغانلىق خەۋىرىنى كۆرىۋالغان ئوخشايسىز. ئۇ كىشى پېرۇلۇق ماتېماتىكا ئالىمى Harald Helfgott.
بۇ ئادەم نىرۋىسىدىن ئاداشمىغان بەلكى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى زور تۆھپىلەرنى قوشقان ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:03:58

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 15:58 static/image/common/back.gif
سىز ئاجىز گولدىباخ قىياسىنى ئىسپاتلانغانلىق خەۋىرىن ...

http://bbs.izdinix.com/thread-58716-1-1.html
بۇنى كۈرۈپ بېقىڭە مۇمكىن بولسا  بۇرۇن يازغانتىم.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:54:07

بارلىق تۈپ سانلارنى ئىپادىلىگىلى بۇلدىغان فورمۇلا بارمۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:58:42

mihin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 16:03 static/image/common/back.gif
http://bbs.izdinix.com/thread-58716-1-1.html
بۇنى كۈرۈپ بېقىڭە مۇمكىن بول ...

توختىماي ئىزدىنىپ تۈرۇدىغان تىرىشچانلىق روھى باركەن سىزدە.{:112:}
ئەمما بىرىنجىدىن بەزى ھەربلەر چۈشۈپ قالغان ۋە ئىملادا مەسىلا بار ئىكەن. بۇنى ئاستىدا ئىنكاسلاردا ئىيتىلىپ بولۇپتۇ.  ئاندىن ئاتۇلغۇلارنى شەرھىيلەش مەسىلىسىدە سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇپسىز. بەزى نۇقتىلار ماتېماتىكا ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپتۇ. ئەمما قارىسام ئىككىڭلارنى ئويلىغىنى ئوخشاش ئەمما چۈشەندۈرۈشتە مەسىلە باردەك.
سىزنىڭ 18نىڭ بۆلگىچىسىنى ئالغان مىسالىڭىزدىمۇ ئاجىز گولدىباخ قىياسىغا تەڭداشراق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. مەنچە يەنىمۇ ئىزدىنىپ بىقىڭ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:02:10

aktirak@   :  ئالدىنقى بەش نوقتا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بۇلىدۇ ياكى بىر تۈز سىزىقنى شەكىللەندۈردۇ ، ئاخىرقى بىر نوقتا شۇ تۈز سىزىقنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ ، ئۇ تۈز سىزىق بىلەن بولغان ئارلىقى يىلتىز ئاستىدا ئىككىنىڭ يېرىمى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:10:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 18:20  

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 17:54 static/image/common/back.gif
بارلىق تۈپ سانلارنى ئىپادىلىگىلى بۇلدىغان فورمۇلا بار ...

بەزى دائىرىغىچە ئىپادىلەيدىغان بىر قانچە فۇرمالالار بار ، ئەمما ھەممە تۈپ ساننى ئىپادىلىيەلەديىغان فورمۇلا تىخى يوق.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:29:20

ئەمدى ئېسىمگە كەلدى
1
3
5
7
11
13
17
19
23
29
31
37
41
43
47
51
53
57
59
61
67
... تۈپ سانلار

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:34:45

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 18:29 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئېسىمگە كەلدى
1
3


1 تۈپ سان ئەمەس.
مانا ماۋۇ مىڭدىن كىچىك تۈپ سانلار:


izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:57:40

{:92:}
بەت: [1] 2
: گولدىباخ قىياسى