1 تۈپ سان ئەمەس.
مانا ماۋۇ مىڭدىن كىچىك تۈپ سانلار:
سىلىنىڭ بىلىمىڭلا يامان ئەمەسكەن جۇمۇ{:112:} ( تۈپ سان جەدۋىلىنى يوللىغىنىغا قارىتىلمىدى) مەنمۇ 30 يىلنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپتە بۇ گۇدباخ قىياسى ۋە تۈپ سانغا بەكلا ئامراق بولاپ قالغان، شۇ چاغدا كومپيۇتېر دېگەن نەرسە يېڭى چىققان ۋە basic تىلى دەپ پروگرامما تۈزىدىغان بىر تىل بارتى، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «تۈپ سان دېگىنىمىز 1 ۋە ئۆزىدىن باشقا ناتۇرال سانلارغا پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان ناتۇرال سانلار تۈپ سان دەپ ئاتىلىدۇ» غا ئاساسەن، 1000 دىن كىچىك بولغان تۈپ سانلارنى تېپىپ چىقىشنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ ئوينىغان. ئەمما، ئۇ چاغدىكى كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا، بۇ 1000 نىڭ ئىچىدىكى تۈپ سانلارنى كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلىشىغا خىلى كۆپ ۋاقىت كېتەتتى.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، تۈپ ساننىڭ ئىنىقلىمىسىنى ئاددىيلاشتۇرسام بولاتتى دەپ ئويلاپ، (يەنى يۇقارقى ئېنىقلىما بويىچە basic تىلىدىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزۈشتە، بىر ساننىڭ تۈپ سان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، بۇ بېرىلگەن ساننى ئۆزىدىن باشقا بارلىق سانلارغا بۆلۈشكە توغرا كېلەتتى) تەدرىجى ئاددىيلاشتۇرغان ئىدىم، ھېسابلاش سۈرئىتىمۇ نەچچە 100 ھەسسە تىزلەشكەن ئىدى.
مېنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان «تۈپ ساننى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى» مۇنداق ئىدى.
ئۆزىنىڭ كۋادىرات يىلتىزىدىن كىچىك بولغان تۈپ سانلارغا پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان ناتۇرال سان چوقۇم تۈپ سان بولىدۇ.
(قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلانغان)
مەسىلەن: 8936517 نىڭ تۈپ سان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، 8936517 نى ئۆزىدىن كىچىك بارلىق ناتۇرال سانلارغا ئايرىم- ئايرىم بۆلۈپ يۈرمەستىن، پەقەت 8936517 نىڭ كۋادىرات يىلتىزى بولغان 2989.4 دىن كىچىك بولغان بارلىق تۈپ سانلارغىلا ئايرىم- ئايرىم بۆلۈپ كۆرۈش كۈپايە ئىدى. شۇ چاغلاردا بۇ «نەتىجە»مدىن شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىمكى...
شۇڭا، بۇ تۈپ ساننىڭ گېپىگە قوشۇق سالدىم
مەن كىچىكىمدە ئوقۇغان بىر پەننى ئوملاشتۇرۇش ئوقۇشلىقىدا، گولدىباخ قىياسىنىڭ 1+1=2 بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەكلىكى دىگەندەك بىر مەزمۇن بار ئىدى. ئالدىراپ ئىنكاس يازغان بولسام مۇشۇ گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سەتلىشىپ قالاركەنمەن.:lol
تېما ۋە ئىنكاسلاردىن قارىسام ئەسلىدە ئۇنداق ئىش ئەمەسكەن. najlida يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 22:10 static/image/common/back.gif
مەنمۇ 30 يىلنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپتە بۇ گۇدباخ قىياسى ...
سىزبىڭئاددىلاشتۇردۇم دىگىنىڭىز يېڭىلىق ئەمەس ئۇ سانلار نەزىريىسىدىكى بىريەكۈنغۇ ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 22:23 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدە ئوقۇغان بىر پەننى ئوملاشتۇرۇش ئوقۇشلىق ...
سىزنىڭ ئوقۇغىنىڭىزمۇ خاتا ئەمەس.
ئالىملار گۇدباخ قىياسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاز بولمىغان ھەرەجلەرنى تارتقان.
يەنى، «ھەر قانداق بىر جۇپ ساننى ئىككى تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلەشكە بولىدۇ» دېگەننى، دەسلىپىدە «ھەر قانداق بىر جۇپ ساننى 9 دانە تۈپ كۆپەيتكۈچىسى بولغان سان بىلەن 6 دانە تۈپ كۆپەيتكۈچىسى بولغان ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلەشكە بولىدۇ» غانلىقىنى ئىسپاتلىغان، يەنى بۇ خىل ئۇسۇلنى گۇدباخ قىياسىنى ئىسپاتلاشنىڭ «6+9» ئۇسۇلى دەپ ئاتىغان، تەدرىجى «5+4»، «3+2» لار ئىسپاتلىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ماتېماتىكى (ئىسمى يۇقارقى بەتلەرنىڭ بىرسىدە بار) ئەڭ ئاخىرى «1+2» نى ئىسپاتلىغان. پەقەت «1+1» ئىسپاتلانسا، بۇ قىياس ئىسپاتلانغان بولىدۇ. مەن ئىلگىرى «شىنجاڭ مائارپى» نىڭ بىر سانىدا 2003- يىلى روسىيە ماتېماتىكا ئالىملىرى «1+1» نى ئىسپاتلىغان ... دەپ ئوقۇغان ئىدىم، يۇقىرىدا تورداشلار 2013- يىلى ئىسپاتلىنىپتۇ دەيدۇ. قايسىسى راست، بىلمىدىم. مۇمكىن بولسا ئاشۇ روسىيە ئالىمى ئىسپاتلىغان بىرەر ئۇلىنىش ئاددرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلا. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 22:23 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدە ئوقۇغان بىر پەننى ئوملاشتۇرۇش ئوقۇشلىق ...
چانمايتى.{:92:} ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگەن ماتېماتىكىلار نەدە قالدىكى. سىنوس كوسىنوسلارنىمۇ ئەسلىيەممەيدىكەنمەن ھازىر:lol
ماتېماتىكا مېھرى ئىسسىق پەن، گەرچە ماتېماتىك بولۇپ جان باقماق بىزدە تەس ئىش بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقىغا يارىمايدىغان گەپ. شۇنداقتىمۇ ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنەلىگەن ئادەم بىر ئىشلارنى قىلىپ جېنىنى جان ئېتىپ كېتەلەيدىكەن.
تولۇقسىزدا ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىمۇ ماتېماتىكىغا ئايرىلغانتىم، شۇ قىزىققانچە ئالى مەكتەپنى ماتېماتىكا كەسىپىدە پۈتتۈرۈپتىمەن، قانداق بولدىكى پروگرامما يازىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى مۇئەللىم بولدى. ئالى مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقىغىنىڭلار مۇئەللىم بولىسىلەر دېگىنى ئېسىمدە{:87:} izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 17:58 static/image/common/back.gif
توختىماي ئىزدىنىپ تۈرۇدىغان تىرىشچانلىق روھى باركەن ...
رەخمەت:) سىزمۇ ماتىماتكا جەھەتتە ئىزدىنىشكە قىزىقىدىغاندەك قىلسىز
http://bbs.izdinix.com/thread-58806-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-58812-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-58872-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-58774-1-1.html
خالسىڭز بۇلارنىمۇ كۆرۈپ باقارسىز ،تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرشىڭزنى ئۈمىد قىلمەن. pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 14:52 static/image/common/back.gif
陈景润 ئىسپاتلاپ چىقتى دەۋاتمامتى؟ يالغان دەۋراڭمۇ بۇ ؟ :l ...
چېن جىڭرۈن پەقەت 1+2 نى ئىسپاتلىغان. izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 07:10 static/image/common/back.gif
مۇمكىن بولسا ئاشۇ روسىيە ئالىمى ئىسپاتلىغان بىرەر ئۇل ...
(Ivan Vinogradov مۇشۇ روسىيەلىك ئادەم شۇ.
ۋىكىپېدىيا قامۇسى(خەنزۇچە):http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%BC%B1%E5%93%A5%E5%BE%B7%E5%B7%B4%E8%B5%AB%E7%8C%9C%E6%83%B3
ۋىكىپېدىيا قامۇسى(ئىنگىلىزچە):http://en.wikipedia.org/wiki/Ivan_Matveyevich_Vinogradov
مەنمۇ تۈنۈگۈن تېخى مۇشۇ ھەقتە بىلوگىمغا تېما يازغانىدىم، ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ بېقىڭ.http://mouse.arzu3.com/?p=1589 kurax007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 17:54 static/image/common/back.gif
بارلىق تۈپ سانلارنى ئىپادىلىگىلى بۇلدىغان فورمۇلا بار ...
ياق، يەنى تۈپ سانلارنىڭ ئومۇمىي ئەزار فورمىلاسى يوق. بۇ ئىسپاتلىنىپ بولدى. Mouse يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 08:13 static/image/common/back.gif
ياق، يەنى تۈپ سانلارنىڭ ئومۇمىي ئەزار فورمىلاسى يوق. ...
فورملاسىنىڭ يوقلۇقنىڭ ئىسپاتى سىزدە بامۇ؟ Mouse يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 08:08 static/image/common/back.gif
(Ivan Vinogradov مۇشۇ روسىيەلىك ئادەم شۇ.
ۋىكىپېدىيا قامۇسى(خ ...
بۇ ئادەمنىڭ ئىسپاتلىغىنى ئاجىز گولدىباخ قىياسى ئىكەن، يەنى ئۈچ ئېلىمىنتلىق گولدىباخ قىياسى‹ternary Goldbach problem›.
ئىككى ئېلىمىنلتق گولدىباخ قىياسىنى يەنى ئېئۇلار كىيىن 1 تۈپ سان ئەمەسلىكى بىرلىككە كەلگەندىن كىيىنكىسى ئىككى ئېلمىنتلىق گولدىباخ قىيساسىنى تىخى ھىچكىم ئىسپاتلاپ باقمىدى. پەرىقىنى ئىنىق ئەسكەرتىش كىرەك. Mouse يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 08:08 static/image/common/back.gif
(Ivan Vinogradov مۇشۇ روسىيەلىك ئادەم شۇ.
ۋىكىپېدىيا قامۇسى(خ ...
تور خاتىرىڭىزدىكى تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، بۇ ھەقتە خىلى تەپسىلىي توختىلىپسىز.
ئەمما 1742-يىلى گولدىباخنىڭ ئېئۇلىرغا يازغان خىتىدىكى ئەسلى گولدىباخ قىياسى بىلەن ئېئۇلىر كىيىن 1 تۈپ سان ئەمەسلىكى بىرلىككە كەلگەندىن كىيىن ئۆزگەرتكەن ئىككى ئېلىمىنلتىق ‹ئىككى تۈپ سانلىقمۇ دىيىلىدۇ› گولدىباخ قىياسىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپسىز.
ئەسلى خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
"at least it seems that every number that is greater than 2 is the sum of three primes" (Goldbach 1742; Dickson 2005, p. 421).
ئەڭ كامىدا 2دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق سان بولسا ئۈچ تۈپ ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا گولدىباخ 1نى تۈپ سان دەپ قارىغاچقا، ئېئولىر گولدىباخ قىياسىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن. يەنى بىلوگىڭىزدىكىدەك:
خالىغان ئىككىدىن چوڭ بولغان پۈتۈن جۈپ ساننى ھامان ئىككى دانە تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
mihin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 16:48 static/image/common/back.gif
رەخمەت سىزمۇ ماتىماتكا جەھەتتە ئىزدىنىشكە قىزىقى ...
:handshake mihin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 12:21 static/image/common/back.gif
فورملاسىنىڭ يوقلۇقنىڭ ئىسپاتى سىزدە بامۇ؟
تولۇقتا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز دېگەن. ئىسپاتى مەندە يوق. izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 12:40 static/image/common/back.gif
تور خاتىرىڭىزدىكى تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، بۇ ھەقتە خ ...
دېگىنىڭىز توغرا، مەن ھازىرقى گولدىباخ قىياسىنى قىستۇرغانىدىم. مەن ئەسلى خەتتىكى قىياسنى تەرجىمە قىلىپ قويسام بولغۇدەك. Mouse يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 13:22 static/image/common/back.gif
تولۇقتا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز دېگەن. ئىسپاتى مەندە ...
بىلشىمچە يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن دېگەن كىتابنىڭ ماتىماتكا قىسمىدا تۈپ ساننى تىپىش فورمىلىسى بىرىلىگەن ،
ئەمما ئۇ ئىككى ئۆزگەرگۈچىنى ئۆز ئچىگە ئالغان .
ئوقۇتقۇچىڭزنىڭ يوق دېگىنى بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئارقىلىق تۈپ سان فورمىلسىنى ئىپادىلەپ تىپىپ چىققلى بولمايدۇ دېگەن گەپقۇ دەيمەن.
مەن بۇرۇن تۈپ ساننى تەتقىق قىلىپ كۆرگەندە ھىس قىلشىمچە تۈپ سان فورملىسىنى ئىپادىلەپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ كامىدا ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولشى كىرەكلىكنى ھىس قىلغان ئىدىم .
بەت:
1
[2]