KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:58:55

پلاسىبو ئېففېكتى - يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قۇدرىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 09:04  

پلاسىبو ئېففېكتى - يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قۇدرىتى
سادىق سېتىنىياز بورلۇق
پلاسىبو ئېففېكتى (安慰剂效应, placebo effect) دېگىنىمىز كېسەل بولغان كىشىگە ھېچقانداق مېدىتسىنالىق تەسىرى يوق دورا بەرگەندە ياكى مېدىتسىنالىق ئۈنۈمى يوق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كېسەلنىڭ ئەكسىچە ياخشىلىنىش ھادىسىسىدۇر. بۇ جەرياندا كېسەل كىشى بۇنى بىلمەيدۇ ۋە ئۆزىنى مەن نورمال دورا يەۋاتىمەن، نورمال داۋالىنىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ. كېسەلنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب بىمارنىڭ مەن دورا يېدىم، شۇڭا ياخشى بولۇپ قالىمەن دەپ ئويلىشىدىن بولغان. پلاسىبو نۇرغۇن شەكىلدە كېلىدۇ. مەسىلەن: شېكەر تابلىت، تۇز سۈيى ياكى پارلانغان سۇ قاتارلىقلار پلاسىبو بولالايدۇ.



2002 - يىلى ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدىكى << چۈشكۈنلۈككە (Depression) قارىشى دورىلار ئىچىدە شېكەر كۇمىلاچقا يېتىدىغىنى يوق>> دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىدە تەتقىقاتنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلىغان:
يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان دورا شىركەتلىرى ئېلىپ بارغان سىناقلاردا، شېكەر كۇمىلاچنىڭ چۈشكۈنلۈكنى  (antidepressants) داۋالاشتىكى ئۈنۈمى مەخسۇس چۈشىكۈنلۈكنى داۋالايدىغان دورىلاردەك ياخشى ياكى ئۇلاردىنمۇ ياخشى بولغان.


پلاسىبو ئېففېكتى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەسىر قىلىش كۈچى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز پلاسىبو تابلىتىنى ئاسپىرىن دەپ يېسىىڭىز، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى يېرىم ئاسپىرىنچىلىك تەسىر قىلىدۇ. ئەمما سىز پلاسىبو تابلىتىنى مورفىن دەپ يېسىڭىز (مورفىن ئاسپىرىندىن خېلى كۈچلۈك  ئاغرىق توختىتىش دورىسى)، يېرىم  مورفىنچىلىك تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر سىزگە پلاسىبو تابلىتىنى ئاغرىقنى ئېغىرلىتىدۇ دەپ بېرىلگەن بولسا، ئاغرىقڭىز كۈچىىيدۇ. ئەكسىچە تۆۋەنلىتىدۇ دەپ بېرىلسە، تۆۋەنلەيدۇ.


پلاسىبو تابلىت شەكىلدىن باشقا يەنە مەلھەم، ئوكۇل، ئوپېراتسىيە، ئىچىملىك قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەردىمۇ بولىدۇ. چوڭراق پلاسىبو تابلىتنىڭ ئۈنۈمى كىچىك پلاسىبو تابىلىتىدىن ياخشى بولىدۇ. تابلىت كۆپرەك بولسا ياكى يەيدىغان كۈندىلىك قېتىم سانى كۆپ بولسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. تابلىت شەكىلدىكى پلاسىبودىن كاپسۇل شەكلى، كاپسۇل شەكلىدىن ئوكۇل پلاسىبو ياخشاراق. ئەگەر داۋالاش ئۈسكۈنىسى مۇرەككەپ ماشىنا بولسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پلاسىبو ماركىلىق تابلىت ماركىسىز تابلىتتىن، قىممەت پۇللۇقى ئەرزاندىن، چىرايلىق قۇتىدىكى ئاددىي قۇتىدىكىدىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. پلاسىبو دورىنى ۋاقتىدا ئىچىدىغانلار كىشىلەر ۋاقتىدا ئىچمەيدىغانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. پلاسىبوغا خۇمار بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بىر تەتقىقاتتا، بىر گۇرۇپپا ئاياللار 5 يىل پلاسىبو يېگەن. پلاسىبونى توختاتقاندىن كېيىن %40 تى بىئارام بولغان.


پلاسىبۇنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار تەسىرىدىن بولماستىن، بەلكى بىز يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ياخشى بولۇپ كېتىمىز دەپ ئويلىغانلىقىمىزدىن بولغان. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى، ئوي - قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك قورال بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ قارىشى ئادەمنىڭ بەدىنىگە ۋە ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسىر ئادەم بەدىنىگە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. مەن تورداشلار بىلەن  تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئورتاقلاشقىم بار. بولار مېنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىم، خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس.


1. بىز بالا تەربىيەلەشتە بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بالىنى ھەرگىز دۆت دېمەسلىك لازىم. ئەگەر بالا مەن دۆت دەپ ئويلاپ قالسا، پلاسىبو ئېففېكتى ئاستىدا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.  ئادەم ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىسا، مەن تىرىشسام قىلالايمەن دەپ ئويلىسا، ئەقىللىق بولالىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بالىلارنىڭ نەتىجىسىنى دەرىجە تۇرغۇزۇش بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا زىيانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە زىيانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەڭ ئالدىدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ مەن دۆتكەنمەن دېگەن يەكۈنگە كېلىدۇ. ( ئۇندىن سىرت بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلارغا ئېلان قىلىش بالىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇق بولۇپ،  ئامېرىكىدا بۇ قىلمىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ ۋە قاتتىق جازالىنىدۇ.)


2. ئادەم ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك، ئادەمنىڭ ئۈمىدۋار بولۇش ھەرگىز قۇرۇق خىيال قىلىش بولماستىن، بەلكى پلاسىبو ئېففېكتى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭنى پروگراممىلاش، ۋە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قېزىشتۇر.  ئەلۋەتتە ئادەم ئۈمىدۋار بولۇش ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكەندە ئاندىن نەتىجە قازىنالايدۇ.  ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىمۇ بىز بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۈمىدۋار كىشىلەر روھلۇق ۋە تېتىك كېلىدۇ، قىيىنچىلىققا بەكرەك بەرداشلىق بېرىدۇ ۋە سەۋرچان كېلىدۇ.


3. ئەگەر بۇ نۇقتىنى كېڭەيتكەندە، مەلۇم كىشىلەر توپى ياكى مىللەتنى يەڭگىللىك بىلەن سەلبىي ئىبارىلەر ئارقىلىق <<تەنقىد>> قىلىشمۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىگە زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ <<تەنقىد>> لەرنى ئاڭلىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يېتەلمىگەن كىشىلەر (بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر) دە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش مۇمكىن.  بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئۆزىگە ئىشەنمىسە، تۇنجى قەدەم ئېلىشتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بۇ مىللەت ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرۇش، شۇ مىللەت كىشىلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دېگەنلىك بىر كىشىلەر توپىدا ئورتاق تۈزىتىشكە بولىدىغان تەرەپلەر يوق دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە بولىدۇ. بەندە ھامان بەندە. ئادەمنىڭ ماددىي بەدىنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا ئىنچىكىلىك ۋە يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولسا، ئادەمنىڭ ماددىي بەدىنىدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان روھىيىتىگە پىچاق ئېچىش تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ ئىنتايىن نازۇك ئىش، قەتئىي يەڭگىللىك بىلەن دىئاگنوز قويۇپ خۇلاسە چىقىرىدىغان ئىش ئەمەس. <<تەنقىد>> نىڭ ئۇسۇلىغا ۋە سۆز-ئىبارىلەرگە دېققەت قىلنىش، ھەمدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش زۆرۈر.  


ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇن نۇقتىلارنى يېزىپ چىقىش مۇمكىن. بۇلار پەقەت ئازغىنە مىساللار. ئادەمنىڭ ئېڭى، ئوي - قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك قورال بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلالايدۇ. شۇڭا ئۆز ئويلىرىمىزغا دېققەت قىلساق بولىدىكەن. باشقىلارغا گەپ قىلغاندىمۇ ھەم شۇنداق دېققەت قىلساق بولىدۇ. باشقىلارنىڭ گېپىگە ياكى ئىدىيىلەرگە  ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز ھەم ئالدىراپ رەت قىلماسلىقىمىز ئاقىلانىلىق بولىدۇ. ئالدىراپ ئېشەنمەي، تەنقىدىي پىكىر قىلىشىمىز زۆرۈر. مەيلى ئۇ كىشى قانداق ئالىم ياكى دانىشمەن بولسۇن، ياكى مەلۇم داڭلىق ئورۇن، تەشكىلات بولسۇن، ئۇلارنىڭ  نوپۇزىغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قاراشلىرى توغرا دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ مەزمۇنىغا قاراش زۆرۈر، يەنى ئاساسلىرى تولۇق ۋە مۇۋاپىقمۇ، لوگىكىلىقمۇ ...؟ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئالدىراپ ھەممىنى رەت قىلساق، مۇتەسسىپ بولۇپ قالىمىز، نەتىجىدە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېتىپ قويىمىز. شۇڭا ئوچۇق پىكىر قىلىشمۇ (open minded) ئىتايىن مۇھىم.


سىزنىڭچە پلاسىبو ئېففېكتىدىن يەنە قانداق پايدىلىنىش مۇمكىن؟  پلاسىبو ئېففېكتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن پىكىر قىلىشتا يەنە قانداق تەرەپلەرگە دېققەت قىلساق بولىدۇ؟


پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

."Against Depression, a Sugar Pill Is Hard to Beat". The Washington Post. May 7, 2002.1

,"TheProfessorFunk youtube channel، "The Strange Powers of the Placebo Effec
."https://www.youtube.com/watch?v=yfRVCaA5o18"

."Medical News Today, "The Placebo Effect Takes Place Subconsciously", "http://www.medicalnewstoday.com/articles/250294.php




ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:30:59

ئەگەر بالا مەن دۆت دەپ ئويلاپ قالسا، پلاسىبو ئېففېكتى ئاستىدا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.  ئادەم ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىسا، مەن تىرىشسام قىلالايمەن دەپ ئويلىسا، ئەقىللىق بولالىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بالىلارنىڭ نەتىجىسىنى دەرىجە تۇرغۇزۇش بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا زىيانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە زىيانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەڭ ئالدىدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ مەن دۆتكەنمەن دېگەن يەكۈنگە كېلىدۇ. ( ئۇندىن سىرت بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلارغا ئېلان قىلىش بالىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇق بولۇپ،  ئامېرىكىدا بۇ قىلمىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ ۋە قاتتىق جازالىنىدۇ.)
مەكتەپلەردىكى سىنىپتىكى دەرىجىە، پارالىلدىكى دەرىجە دەپ پەنلەردىن ئېلىنغان ھەرقايسى ئىمتىھانلاردىكى نومۇرلارنى ئىستاتىسكىلاپ دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ئەمەلىيەتتە 200 پىرسەنت خاتا ئىشكەندە.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:36:19

مال سېتىش نەتىجىسى ناچار ئادەملەرنىمۇ مۇشۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق مال سېتىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولارمۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:40:04

ھايۋان تۇياقتىن، ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ.  - خەلق ماقالى
تۈنۈگۈندىن بېرى كۆرگىلى بولمىغان، ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ دەپ. ئاخىرى ئوقۇۋالدىم.:lol

qelem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:59:27

ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى بىزنى «قوغۇن» دېيەلەيدىغان ئانىلار تۇغقان دېگەن قوغۇن توغرىسىدىكى مىسالىنىڭمۇ ئىشەنگۈچىلەرگە يېتەرلىك ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
مەخپىيەتلىك دېگەن فىلىم بولىدىغان، باشقىلارغا كۆرگەنگە ئىشىنىدۇ، مەن ئىشەنگىنىمنى كۆرىمەن، دېگەن جۈملىسى بەك ياققانتى. مەزمۇندا بىردەكلىك باكەن، ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:39:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:54  

tahir2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 18:36 static/image/common/back.gif
مال سېتىش نەتىجىسى ناچار ئادەملەرنىمۇ مۇشۇخىل ئۇسۇل ئ ...

مەنچە بولىدۇ. ئالدى بىلەن مەن تىرىششام قىلالايمەن دېگەنگە ئىشىنىش كېرەك. ئۆزىگە ئىشىنىش بىرىنچى قەدەم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەم تىرىشسا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئالىم تۇغما ئالىم بولغان ئەمەس، بەلكى تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ئالىم بولالىغان. مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچىمۇ شۇ.  

ئاندىن ئەمەلىي ھەركەت بولۇش كېرەك. مەسىلەن: مال سېتىش توغرىسىدا بىلىم ئىگەللەش، ياخشى مال ساتقۇچىلار قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغان دېگەندەكلەرنى ئۆگىنىش كېرەك. بۇنداق بىلىملەر توردا جىق. ئاندى ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ۋە تەجىربە قىلىش كېرەك. ياخشى مال ساتقۇچى باشقىلار بىلەن ياخشى ئالاقە قىلىشنى بىلىش كېرەك، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، باشقىلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ئاساسى. خېرىدارلار بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەت ئورنىتالسا تېخىمۇ ياخشى. ئاندىن مال سۈپتىگە ۋە مۇلازىمەتكە دېققەت قىلىپ، خېرىدارنى دائىملىق خېرىداغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مال سېتىش جەريانىدا ئېنىق خاتىرە يېزىپ مېڭىش كېرەك. كىمگە، نېمە ساتتىم ... دېگەندەكلەر.

ئىزدەنسىڭىز يول تېپىلىدۇ. نۇرغۇن ئىشقا يول يوق ئەمەس، بىز تېخى تاپالمىغانلىقىمىزدا.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:45:21

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 15:30 static/image/common/back.gif
ئەگەر بالا مەن دۆت دەپ ئويلاپ قالسا، پلاسىبو ئېففېكتى  ...

مېنىڭچە خاتا ئىش. مەن قانچە نومۇر ئالسام مېنىڭ ئىشىم، مېنىڭ شەخسىيىتىم. باشقىلارنىڭ ئۇنى يېيىۋېتىشقا ھەققى يوق.

غەرىبتە privacy دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، بۇ بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتى دېگەنلىك. ئىسلام دىنىدىمۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. مەسىلەن، روخسەتسىز باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەك ياكى قارىساق بولمايدۇ.

لېكىن دۆلىتىمىزدە بۇ ئۇقۇم تېخى ئانچە ئومۇملاشقان ئەمەس ئەپسۇس.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 18:06:31

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 21:39 static/image/common/back.gif
مەنچە بولىدۇ. ئالدى بىلەن مەن تىرىششام قىلالايمەن دېگ ...

رەھمەت سىزگە قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قىممەتلىك تەكلىپ بىرىپسىز، قارىغاندا مەن قالايمىقان تىرىشماي ، پىلانلىق ئىش قىلسام بولغۇدەك

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:04:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kamdidar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 10:05  

لېكىن جىڭ دورىنى يەپمۇ كىسەل ساقايمايدىغان  ئەھۋال بار.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:21:06

مەن ئىتىز-ئېرىق ئىشى قىلمايمەن، ھەتتا بىرەر نەرسىنى ئۇزىنىراقمۇ تۇتۇپ تۇرغۇنۇم ئېسىمدە يوق، قولۇم دائىملا بىكا، لېكىن ئىككى كۈن بولدى، بىگىز بارمىقىمغا ئىككى كىچىك قاداق چىقىپ قاپتۇ، بۇ قاداقنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي دىگەن، ھەر خىل خىياللارغا بېرىلىپ كەتتىم، تۇرۇپ ئويلاپ باقسام مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىۋەرسەم مەن چوقۇم يامان كىسەل بولۇپ قالغۇدەكمەن.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:10:44

ساق ئادەمىنى ساراڭ دىسە راستلا ساراڭ بوپ قالىدۇ دەيتتى كونىلار!

tarih يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:07:14

بىشارەت دىگەن شۇدە !

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:22:00

پلېيسبو توغرىسىدىكى قاراشلارغا باشقا پىكرىم يوق.
لېكىن يوشۇرۇن ئاڭ دېگەن ئۇقۇمنى تازا توغرا ئىشلىتىلگەندەك ھېس قىلمىدىم.
كې يۈنلۇ دېگەن يازغۇچى بىر مەھەل شۇنداق خاتا چۈشەندۈرۈپ يۈرگەنىدى، بەزىلەر سەن يۇشۇرۇن ئاڭنى چۈشەنمەيدىكەنسەن دەپ تەنقىدلىگىنىدە، ئۆزى دەۋاتقان يوشۇرۇن ئاڭنىڭ پىسخىك ئانالىزدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ فرېئۇدنىڭ بايقىشىدىنمۇ ئۇلۇغراق بايقاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەنىدى. كېيىن يەنە باشقىلار، ئەگەر سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ فرېئۇدنىڭكى بىلەن ئوخشىمىسا، ئۇ ئىشلەتكەن يۇشۇرۇن ئاڭ دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، باشقا ئاتالغۇ ئىشلەت دېسە، مېنىڭ ئىشلەتكىنىم توغرا، فرېئۇدنىڭ خاتا دېگەن.
ئەمەلىيەتتە كې يۈنلۇ يۇشۇرۇن ئاڭ دېگەن گەپنى بىر يەرلەردىن چالا بۇلا ئاڭلىۋالغان. مەن ئۇنىڭ 2 كىتابىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ پىسخىك ئانالىزدىكى يۇشۇرۇن ئاڭ دېگەن ئۇقۇمدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان، ئوقۇغان كىتابىدىن يازغان كىتابى جىق بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغانىدىم
بۇ ماقالە ماڭا شۇ كېنى ئەسلىتىپ قويدى.
كېيىنكى كۈنلەردە كې مەسخىرىگە قالدى. ھازىر نىمىش قىلىپ يۈرىيدىكىن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:27:51

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:22 static/image/common/back.gif
پلېيسبو توغرىسىدىكى قاراشلارغا باشقا پىكرىم يوق.
لېكى ...

يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئورنىغا شەرتلىك رېفلىكىسنى ئىشلەتسە قانداق بولا؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:32:00

فرېئۇد ھېستېرىيەنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئادەمدىكى بەزى كېسەللەرنى يۇشۇرۇن ئاڭدىكى جاراھەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزىلەرنىڭ بۇ نەزىرىيەنى بارلىق كېسەللىككە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. بۇ بىر تەرەپتىن بۇددىزىمنىڭ تەن روھنىڭ چۈشىدۇر دېگەن نەزەرىيىسىگىمۇ يېقىنلاپ قالغان. يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، تەن مەۋجۇت ئەمەس. تەننى روھ ئويدۇرۇپ چىقارغان. شۇڭا تەندىكى كېسەلمۇ ئەمەلىيەتتە روھنىڭ ئويدۇرۇپ چىققانلىرىدۇر. پىسخولوگىيەنى بۇ خىل مىستىك ئىدديىەگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۇنى پەندىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىشقا ئېرىشەلمەي كەلگەن.
مېنىڭ قارىشىمچە، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ كارامىتى كېسەل پەيدا قىلىشتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يوشۇرۇن. ئەگەر ئۇ ئاشكارە نەرسە بولسا يۇشۇرۇن ئاڭ بولماي قالىدۇ، شۇنداقلا كېسەلمۇ پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىرەر كېسەلنى ساقايتىدىغان كارامىتى يوق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:36:21

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:27 static/image/common/back.gif
يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئورنىغا شەرتلىك رېفلىكىسنى ئىشلەتسە ق ...

بۇنىڭ ئۈچۈن كېسەلنىڭ شەرتلىك ۋە شەرتسىز ئىنكاسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:40:25

بۇ يەنىلا كېسەلنى فزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ئەمەس، ئىنكاستىن بولغان دېگەن نەزىرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىرقى ئىلىم پەننىڭ پلېسبونى چۈشەندۈرىشىچە، ئۇنى ئىستىمال قىغان ئادەمدە كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىيىپ، بەدەندىكى تەبىئىي بولغان كېسەللىككە قارشى تۇرۇش مىخانىزمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:42:46

قېنى بۇنىڭغا بىلگەجان بىر نەرسە دەپ باقسۇن.
بىلگەجان، ھوي بىلگەجاان!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:57:06

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:36 static/image/common/back.gif
بۇنىڭ ئۈچۈن كېسەلنىڭ شەرتلىك ۋە شەرتسىز ئىنكاسلار بى ...

پاۋلوۋنىڭ، ساۋساۋنىڭ شەرلىك رېفلىكىس مىساللىرى بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمدە بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.

kazgin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:16:06

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:32 static/image/common/back.gif
فرېئۇد ھېستېرىيەنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئادەمدىكى ب ...

ئاشكارا نەرسە كىسەل پەيدا قىلمامدۇ؟
بەت: [1] 2
: پلاسىبو ئېففېكتى - يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قۇدرىتى