كىسەلنىڭ يانداش تەسىرلىرىدىكى،يەنى فىزىلوگىيە جەھەتتىن شەكىللەنگەن كىسەلنىڭ روھى جەھەتتىكى تەسىرنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ئەسلى كىسەلگە ساقىيىشچانلىققا ئىگە ئاكتىپ كۈچ ھاسىل قىلىش بىلەن شۇ كىسەلنى كونتىرول قىلىشتا يۇقارقى قاراشلارنىڭ رولى چوڭ دەپ قارايمەن. Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 19:42 static/image/common/back.gif
قېنى بۇنىڭغا بىلگەجان بىر نەرسە دەپ باقسۇن.
بىلگەجان، ...
ئوۋ... مەن مانا كەلدىم :lol ئەمما يوشۇرۇن ئاڭ توغرىسىدا مەن كۆپ بىلمەيمەن. سوئالىڭىزغا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىگىسى بورلۇق بۇرادىرىمىز ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسۇن. ئۇ بۇ ساھەگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ ۋە مېنىڭچە بۇ جەھەتتە يامان ئەمەس چۈشەنچىگە ئىگە.
ئەمدى كېسەل پەيدا قىلىش ياكى ساقايتىشقا كەلسەك، يوشۇرۇن ئاڭ كېسەل پەيدا قىلامدۇ-يوق، بىلمەيمەن. ئەمما نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئېنىقكى ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پىلاسىبو ئېففىكتى ئارقىلىق ئاڭنىڭ كېسەلدىن ساقىيىشقا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىش. بۇ يەردىكى شۇ خىل ئاڭ قانداق ئاڭ ئۇنىمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. بۇ جەھەتتە بولسا سىزنىڭ كەڭ دائىرىلىك چۈشەندۈرۈشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق، ئاندىن بورلۇق ئەپەندى ئىككىڭلارنىڭ بىلىمگە تويۇنغان مۇنازىرىلىرىگە داخىل بولۇش نېسىب بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. يۇشۇرۇن ئاڭ دىگىنى، تەپەككۇر ،قەلىپ، كۆڭۇل، روھ ماۋۇلاردىن مۇشۇ روھ دىگەن تىمىغا سەل يىقىندەك كۇرۇندى ماڭا. ئۇششاق كېسەللەرگە دوختۇرلارمۇ دورا يېزىۋەمەي شۇنداق نەرسىدىن بەرسە بولىدۇ:@،ئانتىبئوتىك دورىلارنى يازىۋېرىدىكەن نۆل ياشتىن يۈز ياشقىچە بىمارلارغا،خۇددى ھېچبىر زىيىنى يوقتەك:funk: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 10:02
Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 19:22 static/image/common/back.gif
پلېيسبو توغرىسىدىكى قاراشلارغا باشقا پىكرىم يوق.
لېكى ...
مەن پايدىلىنىلغان 3 - مەنبەدە، ‹‹پلاسىبو ئېففېكتى يوشۇرۇن ئاڭدا يۈز بېرىدۇ›› دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.
."Medical News Today, "The Placebo Effect Takes Place Subconsciously", "http://www.medicalnewstoday.com/articles/250294.php
بۇ ماقالە يەنە بىر (Proceedings of the National Academy of Sciences (PNAS دېگەن ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىگە ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن.
شۇڭا بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس. بەلكى شۇ ماقالىگە ئاساسەن شۇنداق ئالدىم. بەلكىم خاتا چۈشۈنىۋالغان جايلىرىم بولىشى مۇمكىن، چۈنكى كەسپىممۇ پىسخىلوگىيە ياكى بىئولوگىيە ئەمەس.
ئەمما ئۆزۈم مۇشۇنداق مەسىللەرگە قىزىقىمەن. ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە روھىيتى بىر بىرىگە تەسىر قىلىدۇ ۋە ئايرىپ قارىساق بولمايدۇ دەپ قارايمەن. پلاسىبو ئېففېكتى شۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدىكەن، شۇڭا يېزىپ قويدۇم. KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 20:25 static/image/common/back.gif
مەن پايدىلىنىلغان 3 - مەنبەدە، ‹‹پلاسىبو ئېففېكتى يوش ...
رەھمەت چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە. ياخشى تىما، تەقدىرنىڭ يەنە بىر تەرپىنى مۇشۇ ئش ئاچماقچى ، يەنى ئويلىغنىڭنى كۆرىسەن؟ Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 19:22 static/image/common/back.gif
پلېيسبو توغرىسىدىكى قاراشلارغا باشقا پىكرىم يوق.
لېكى ...
پلاسىبو ئېففىكتى دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە نامى بارمۇ؟ پلاسىبو دېگەننى يۇلغۇن لۇغىتىدە تەسەللىي دورا دەپ تەرجىمە قىپتۇ. ئېففىكتى دېگەننى تەسىرى دېسەك، ئۇ ھالدا تەسەللىي دورا تەسىرى دېسەك بولارمۇ؟ بەك ئۇزۇن بوپ كېتىدىكەن لېكىن. بىزنىڭ تىلشۇناسلار تېخنىكىدىكى يېڭى ئاتالغۇلارنى ياساشقا قاچان دېققىتىنى بېرەركىن...
بەت:
1
[2]