kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:39:58

[خەتلىك فىلىم] ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 18:41  


فىلىم نامى: ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس
ئەسلى نامى: Lawrence of Arabia
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1962-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.4
رازمىرى: 480*854 / 1280*720 / 1920*1080
چوڭلىقى: 5.9G / 4G / 2.1G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 03:47:00
رېژىسسور: David Lean
باش روللاردا: Peter O'Toole, Alec Guinness, Anthony Quinn

فىلىم ھەققىدە:
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئەنگلىيە ھەربىي تەرەپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاخبارات ئوفىتسېرى لاۋرېنسنى ئەرەبىستاننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتىپ، قەبىلە سەردارى شاھزادە فەيسالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىياسىي مەقسىتىنى ئېنىقلىماقچى بولىدۇ. لاۋرېنس سەپەر ئۈستىدە ھارىس قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئەلى بىلەن تونۇشىدۇ، ھەمدە شاھزادە فەيسالنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئەلى باشچىلىقىدىكى زەربىدار ئەترەت بىلەن نەف ئۇد قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئەقەبە شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، سەپەر ئۈستىدە ئۇ يەنە خوۋېيتات قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئەۋدانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن لاۋرېنس كىيىملىرىنى ئەرەبلەرنىڭ كىيمىگە ئالماشتۇرىدۇ، ئەلى بىلەن بىرلىكتە زەربىدار ئەترەتنى باشلاپ تۈركىيەنىڭ تۆمۈر يوللىرىغا بىر قاتار قورقۇنچلۇق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرققە نامى پۇر كېتىدۇ؛ ئەمما ئۇ ئۆز تەقدىرىنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى...
بۇ فىلىم 1962-يىلدىكى 35-نۆۋەتلىك ئوسكاردا ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ نادىر رېژىسسور، ئەڭ نادىر بەدىئىيلىك جەھەتتىكى يېتەكچى، ئەڭ نادىر ئوپېراتورلۇق، ئەڭ نادىر ئىجادىي مۇزىكا، ئەڭ نادىر مونتاژلىق ۋە ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى قاتارلىق يەتتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتيور، ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتيور ۋە ئەڭ نادىر سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن سېنارىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردە نامى ئاتالغان.

كەسمە رەسىملەر:


















بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:29:57

بەيدۇ بۇلۇت دىسكىسىغا يوللاپ قويۇڭلار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:32:27

يىچاقچى پالۋاننىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:55:16

ئون يىل ئىلگىرى خەنچىسىنى كورۇپ باققان ئىدىم بۇ كىنونىڭ . تەرجىمىسىنىۇ كورۇپ باقاي .

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:23:10

ئىككى كىنو تەۋسىيە قىلىپ قوياي. كۆرۈپ بېقىپ يارىسا تەرجىمە قىلاسىلەر.

1.Trash
2. The Theory of Everything

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:46:05

كىنۇنى چۇشەندۇرۇشتە سەل بىر تەرەپلىكمىلىك بارقانداق؟نەدە بىرنىجى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۇركلەر ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلغان  ئىشى بار ، ئەرەبلەر تۇركلەگە ھۇجۇم  قىلغان دۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:50:17

‏فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە قىزىق گەپلەر باركەن: «1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيە ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى...» دېگەندەك.
ئۇ چاغدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تېخى قۇرۇلمىغان تۇرسا، نەدىكى تۈركىيەكەن؟
‏ئەسلى تارىخ مۇنداق: مىلادى 1517-يىلدىن كېيىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئوسمانلى خەلىپىلىكى باش بولدى. شۇ چاغدىن باشلاپ ھىجاز رايونى (ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دىيارلىرى) ئوسمانلى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە، مەككە، مەدىنە، قۇددۇس (ئېروسالىم) قاتارلىقلار ھەممىسى ئوسمانلى خەلىپىلىگى تېرىتورىيىسى تەۋەلىكىدە ئىدى. لېكىن ئىسرائىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئوسمانلىنى پارچىلاپ يۇقاتماي بولمايتتى. شۇڭا يەھۇدىيلار، ئېنگلىزلار پۇختا پىلانلارنى تۈزۈپ، جاسۇسلىرىنى ئەرەبلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تۈرك خەلىپىگە قارشى ئىسيان قىلىشقا قۇتراتتى. تۈركلەرنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەرەب بولغاچقا، چوقۇم خەلىپىنىڭمۇ ئەرەب مىللىتىدىن بولۇشى كېرەكلىكى، پۈتكۈل ئەرەب مۇسۇلمانلار مۇشرىك تۈرك ئەسكەرلىرىگە قارشى غازات قىلىپ، مەككە، مەدىنىنى ئازات قىلسا كاتتا ساۋاب بولىدىغانلىقى... تەبلىغ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەر خەلىپىگە قارشى ئىسيان قىلدى. ئىنگىلىزلار بىلەن بىرلىشىپ تۈرك ئەسكەرلەرنى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈردى، ئۆلتۈردى. ئاخىرى ئوسمانلى خەلىپىلىكى پارچىلاندى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىئوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان، ..... قاتارلىق يىگىرمە دۆلەت تۇغۇلدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. ئوسمانلى «تاجاۋۇزچىلىرى»دىن قۇتۇلغان ئەرەبلەرگە ئەپسۇس پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا خەلىپە بولۇش نېسىپ بولمىدى.
‏سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئوقىسا، بۇ ئېچىنىشلىق تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى بىلگىلى بولىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مالىيەسىدە ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقلار بولىۋاتقان، تۈركلەر ياۋرۇپا (بالقان) تەرەپتە خرىستىيانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ھالسىراپ تۇرغان، بىر تەرەپتە روسلار بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر پەيتتتە خەلىپە مۇسۇلمانلاردىن ئىئانە توپلاپ ئىستانبۇلدىن ئۇدۇل مەدىنىگە بارغىلى بولىدىغان بىر تۆمۈريول ياساتقان. ئەرەبىستاندا ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر سەپەرگە چىققاندا توختاپ دەم ئالغان ھەر يەردە بىكەت ياسىغان. مەخسەت پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج يولىنى راۋان ۋە قولاي قىلىش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن نەچچە مىليۇن سەر كۈمۈش خەجلەپ ياسىغان بۇ تۆمۈر يولنى ئەرەبلەر ئىنگلىزلار بىلەن بىرلىشىپ ۋەيران قىلدى. تۈرك خەلىپە 400 يىل ئوبدان مۇھاپىزەت قىلغان پەلەستىن كۈنىمىزدە قان ياش ئىچىدە ئىڭرىماقتا.... خرىستىيان ئېنگىلىز بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان خەلىپىسىگە ئىسيان قىلغاننىڭ جازاسىنى ئەرەبلەر كۆرىۋاتىدۇ، ئەمما ئېتىراب قىلمايدۇ.   
‏ئۇشبۇ فىلىمنى ئامىېرىكا ئىشلەپتۇ، لېىن تۈرك مۇسۇلمانلار ئىشلىسە باشقىچە ئىشلىشى مۇمكىن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:06:48

dilara يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:50 static/image/common/back.gif
‏فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە قىزىق گەپلەر باركەن: «1-دۇنيا  ...

فىلىم چۈشەندۈرۈشىنى 豆瓣 دىكى بويىچە تەرجىمە قىلىپ خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ، ۋىكىپېدىيادا Ottoman Empire ئىكەن.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:11:53

dilara يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:50 static/image/common/back.gif
‏فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە قىزىق گەپلەر باركەن: «1-دۇنيا  ...

بۇ كىنودىن بەكرەك ماۋۇ ئىنكاس تەۋسىيىلىك ئىكەن!

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:35:46

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:06 static/image/common/back.gif
فىلىم چۈشەندۈرۈشىنى 豆瓣 دىكى بويىچە تەرجىمە قىلىپ خات ...

مېنىڭچە فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشىدە «تۈركىيە» دەپ ئاتىغانلىقنىڭ خاتاسى يوق. چۈنكى سىز ئۇنى «تۈركىيە جومھۇرىيىتى» ئەمەس، بەلكى «تۈركىيە» دەپسىز. «تۈركىيە» بولسا تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ھاكېمىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئورتاق قوللانغىلىمۇ بولىدىغان ئاممىباب ئۇقۇم. «تۈركىيە جومھۇرىيىتى» دېسە ئاندىن بىۋاسىتە كامال تۈرۈكلىرىنىڭ ھاكېمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. كىمنىڭ كىمگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا كەلسەك، ھەركىم ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدۇ.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:49:41

كۆپ رەھمەت،بولسا ماۋۇ كارتوننىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسىڭىز .
ئۇيغۇرچە ئىسمى: تىنكەر بەل(قوڭغۇراق پەرى):مەخلۇق ئەپسانىسى
ئىنگلىزچە ئىسمى:Tinker Bell and the Legend of the NeverBeast
خەنزۇچە ئىسمى:小叮当:奇幻兽传奇
تۈركچە ئىسمى: Tinker Bell ve Canavar Efsanesi

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 06:43:34

قىززىق ئىش ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىىدىن كىيىن مىللى ئىنقىلاپ كۆپلىگەن رايۇندا پارتىلاپ، نۇرغۇن يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەر بارىلققا كەلگەن تۇرسا، باشقا دۆلەتكە كەلگەندە ئانداق قۇربانلىق بىرىپ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدى، مانداق كۈرەش قىلىپ مەستەقىل بولدى ، لىكىن ئەرەپكە كەلگەندە ھەجەپ بىر ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەر چالغان داپقا ئەرەپلەر ئۇسسۇل ئويناپ ئوسمانلاغا قارشى چىققان بولىدۇ? بۇ زادى راستىنلا دىيىلگەندەك قۇددۇسنىڭ يەھۇدىلاغا ئۆتۈپ كەتكەنلكى ئۈچۈن ئەرەپ ئىنقىلابىغا قىلىنغان ئۆچمەنلىكمۇ ياكى ئوسمانلانىڭ تۈرك قەۋمى بۇلۇپ بىز بىلەن يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلاغا  قىلىنغان ھېسداشلىقمۇ?

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 06:56:48

مەيلى ئەنگىليە ئاستىرىتتىن ئەرەپنى قوللىسۇن ياكى قوللىمىسۇن، ئوسمانلانىڭ پارچىلنىشى، ئەرەپ زىمىننىڭ مۇستەقىل بولىشى تارىخى مۇقەررەرلىك. دۇنيادىكى كونا تۈزۈمدىكى كۆپ مىللەتلىك ئەللەرنىڭ قايسى بىرسى پارچىلنىشتىن ساقىت بولالىغان? قايسى بىرسى سىرتنىڭ كۈچىسىز ئنقىلاپ قىلىپ مۇستەقىل بولالىغان? يىراقنى دىمەيلى، پاكىستان بىلەن بېنگال، دىنداش تۇرۇپ بېنگال نىمشقا ھىندىستاندىن پايدىلنىپ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىققان?…………ئايرىلىپ چىقىشى خاتامۇ?
ھەممە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللقى كىشنى سۈيۈندۈرسە ، نان قېپى ئەرەپنىڭ مۇستەقىللقى ئادەمنى شۇنچىۋالا سەسكەندۈرەمدا?
ئەگەر كىتاپلاردا ، ئەرەپ مۇستەقىللىقى توغۇرلۇق ئىجابى پىكىرلەر يوق، پۈتۈنلەي سەلبى، ئوسمانلانىڭ پارچىلنىشى، ئىسلام خەلپىلىكنىڭ يوق بولىشى، قۇددۇسنىڭ يەھۇدىلاغا ئۆتىشىنى ھەممىسىنى ئەرەپلەرگە ئارتىپ قويسا، مىنىڭچە بۇ كىتاپ كۆزەڭنى قىسما بۇ ماسوننىڭ بەلگىسى، قولنى كۆتەمە بۇ ماسوننىڭ بەلگىسى،  پۇتۇڭنى سوزما بۇ ماسوننىڭ بەلگىسى دەپ يېزىلغان كىتاپتىن قېلىشمايدۇ.

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:00:34

قىزىق ئىشلار جىقكەن بۇ جاھاندا ، 1492-يىلى كولۇمبو ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپتى. نېمە ئۈچۈن تاپتى ؟ ئوسمان ئېمپىرىيىسى قارا دېڭىز،ئوتتۇرا دېڭىز،ئېگىي دېڭىز، پارىس قولتۇقى،ئالجىرىيە،ئەرەب يېرىم ئارىلى،دون ۋە دېمپىر دەريالىرى، پۈتكۈل شەرقى ياۋرۇپانى كونتىرول قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپانىڭ چىنىغا ،ھنىدىستانغا ۋە باشقا يەرلەرگە بارىدىغان قۇرۇقلۇق يولى تاقالدى ،قىسقىسى ئوسمان تۈركلىرى ئۆتكىلى قويمىدى. ياۋرۇپا بىلەن شەرقىنىڭ ،يىپەك يولىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلدى. ياۋرۇپادا ئىقتىسادى بۆھران كۆتۈرۈلدى . ياۋرۇپالىقلار شەرق بىلەن ئالاقىلىشىدىغان باشقا بىر يول ئىزدەشكە باشلىدى. ياۋرۇپالىقلار ماگېىللاننىڭ دېڭىز سەپىرىنى ئاڭلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن كولۇمبو ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ قوللىشى ئاستىدا دېڭىز سەپىرىگە چىقتى. ئەسلى كولۇمبو ھىندىستانغا بارماقچى ئىدى، ئەمما ،كۇبا ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بېرىپ . باشقا دېڭىزچىلار بولسا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ھىندستان دەپ قالدى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنى ھىندىيانلار دەپ ئاتىدى.

ماسونلارنىڭ قارىشچە: بۇ يەھۇدىلارنىڭ پىلانى بولۇپ، يەھۇدىلار ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇنلام بىلەتتى ۋە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقنىڭ خەرىتىسىنى شىمالى مۇز ئوكياندىكى يەرلىك مىللەت بولغان ئېسكىمۇس ۋە ئېننۇئىتلاردىن قولغا چۈشۈرگەنىدى. يەھۇدىلار دۇنيانى بوسۇندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم 2000 يىل بۇرۇنلام دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارىلىش كېرەك ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىلىپ ،يەھۇدىلار 2000 يىل بۇرۇن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسدىن يوقۇتۇلۇپ،2000 يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىدى. ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارالدى. 1492-يىلىگە كەلگەندە يەھۇدىلار كولۇمبو ئىسملىك يەھۇدىنى ئىسپانىيە پادىشاھىغا نۇرغۇن مال-دۇنيا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا يولغا سالدى. ئەسلى ئىسپانىيە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. كېيىن يەھۇدىلارنىڭ سۈيقەستى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىسپانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئىسپانىيە ئاشۇ ۋاقىتتا يەھيدىلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان ئىدى.

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:11:17

1453-يىلى كونىستانتنپولنىڭ ئىشخال قىلىنىشى 1490-يىلىدىكى 20 مىليون كىۋادىرات كېلومېتىر زېمىنغا ئىگە بولغا ئوسمان ئىمپىرىيسى.
1492-يىلىدىكى دېڭىز سەپىرى ،يارۇپالقىلارنىڭ ئامېرىكا كۆپلەپ كۆچۈپ بېرىشى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىز -يەھۇدى ئىتتىپاقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىما؟
ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋرۇپادا ئەدەبىيات -سانئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەركىتى،باستىلىيە تۈرمىسىنىڭ ئىشخال قىلىنىشى، پار ماشىنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىرىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ئىسرائىليىنىو قۇرۇلىشى ئاجايىپ ئوخشاشلىق،ئاجايىپ تەسەۋۋۇر،ئاجايىپ دۇنيا..........:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:21:33

تۈنۈگۈن تۈركىيە  سۈرىيە زىمىنىغا تانكا ۋە بىرونىۋىكلارنىڭ ياردىمىدە كىرىپ ئوسمانلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان1 نىڭ بوۋىسى سۇلايمانشاھنىڭ قەبرىسىنى تۈركىيەگە يىقىن يەرگە يۆتكەپ چىقتى. بۇنىڭغا بەشىر ئاساد تۈركىيەنىڭ زىمىنى قۇراللىق كىرىپ ئىغىۋاگەرچىلىك قىلغىنىدىن  تۈركىيەنى قاتتىق تىللاپتىمىش. 1921-يىلى فىرانسىيەدە ئىمزالانغان شەرىتنامە بويىچە سۈرىيەدىكى سۇلايمانشاھ قەبرىسىدە تۈرك ئەسكەرلىرىنى تۇرغۇزۇپ قوغداش ھوقۇقى بىرىلىپتىكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:24:32

شۇنداق قىلىپ كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكىنى بايقىشىمۇ ماسۇنلارنىڭ ئىشى بولدىمۇ ئەمدە؟:lol ماسۇن سۈيقەسىت نەزىرىيسى ھەجەپ ئۇنىۋرسال نەزىرىيە جۇما.دۇنيادىكى ھەممە ۋەقەلەرنى باغلاپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:43:37

ئىسمى خاتا بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟
ئەرەپ رايۇنلىرىدىكى  لاۋرۇنسا دىسە  سەل مۇۋاپىق بولىدىىغاندەك تۇرىدۇ
ئادەمگە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەسلىتىپ قويىدىكەن ،
بۇ  مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىشپىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەمەس ، بەلكى سۈرىيە -ئىراق- پەلەستىن رايۇنلىرىدا جەسۇسلىق قىلغان .

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:49:46

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 06:43 static/image/common/back.gif
قىززىق ئىش ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىىدىن كىيىن مىللى ئىنق ...

بۇ گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق، مەنمۇ قوللايمەن.
تۈرك مىللەتچىلىرى ۋە تۈركىيە سوپىلىرى شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇلۋاھھابقا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنى ئەرەبلەر، جۈملىدىن ۋاھھابىيلار ئاغدۇرۇۋەتكەن، ۋاھھابىيلار خەلىپىلىككە قارشى چىقىپ ئۆزى ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ، خەلىپىلىكتىن ئايرىلىپ چىقىۋالغان دېگەندەك تارىخقا زىت بىلجىرلاشلار بىلەن دىلىدىكى ئۆچمەنلىك ئارقىلىق تارىخنى بۇرمىلايدۇ.
يەنە بىر مەسىلە، ئەرەبلەرنى ئاقچى ئەرەب، كۆكچى ئەرەب دەپ تىللاش ياخشى ئەمەس. چۈنكى ئەرەبلەردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ساھابە تابىئىنلار ۋە داڭدار ئۆلىمالار كۆپلەپ چىققان. ئەرەبلەرنى ئاقچى كۆكچى دەپ تىللاش مۇنۇ ئۇلۇغ زاتلارغا تىل تەگكۈزۈش بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. ئادەمنىڭ نوچىسىمۇ ئەرەبتىن، ناچىرىمۇ ئەرەبتىن چىققان. بۇنىسى پاكىت. ئەمما، ئۇلۇغلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەرەب ئۇچى، ئەرەب بۇچى دەپ تىللىمىساق.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:52:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 09:56  

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:35 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشىدە «تۈركىيە» دەپ ئاتىغان ...

تۈركىيە دەل مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇسمانىيە كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت تۈركىيە جۈمھۇرىيتى قىسقارتىلىپ تۈركىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنى رۇسىيە دەپ ئاتىغاندەكلا بىر ئىش. رۇسىيە دىسە ھىچكىم چاررۇسىيە نى ياكى سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنى كۆرسەتمەيدۇ.
فىلىم چۈشەندۈرۈشنىڭ بىشىدا ئىنىقلا خاتالىق بار. ب ب س ئىشلىگەن  ئۈچ قىسىملىق ياۋرۇپانىڭ مۇسۇلمان ئىمپىرىيىسى -ئوسمانىيە دىگەن ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرسەڭلا كىمنىڭ كىمگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تارىخى پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىگلىك.
بەت: [1] 2 3
: [خەتلىك فىلىم] ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس