ۋەقەلەرگە رومانتىكىغا بېرىلمىگەن ئاساستا باھا بېرەلىسەك ياخشى بولاتتىمىكىن. ئەرەبلەر قارشى چىقمىغان تەقدىردىمۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىكىن ئوسمان ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى چوقۇم ساقلاپ قالالمايدۇ. خەلىپىلىكنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى تۈركلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغۇ. ئەرەبلەرنىڭ 1000-2000 كىشىلىك قوشۇنىنىڭ سەۋەبى بىلەنلا پەلەستىن قولدىن كەتتى دېسەك ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچىنى ھەددىدىن تاشقىرى تۆۋەن مۆلچەرلىگەندەك بولۇپ قالا. ئەنگىلىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا پىلانى بار، فايسالنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلانغۇسى كېلىدۇ. ئانا يۇرتتىكى بايراقنى شىڭشىڭشاغا قادىۋالساق بولاتتى دېگەندەكلا گەپلەر. سىز تاش سانىغۇچە خەق قۇم سانىۋېتىدۇ، دېگەن گەپ.
مەنغۇ ئەرەپ ئۈچۈن گەپ قىلغىنىم مۇشۇلا تېمىدا ، باشقا چاغلاردا ئۇلار ئۈچۈن گەپ قىلمىساممۇ، ئۇچى بۇچى دەپباقمىغانتىم.
قارىسام ھېسسىيات تۇيغۇسى كۆپرەك تۇيۇلدى بەزى ئىنكاسلاردا شۇڭا دەپقويدۇم، تۈرك ئەرەب كۇرد ۋە باشقا چوڭ مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ چوڭ ئېمپىريەنىڭ ھازىرغىچە دەۋران سۈرگەن بولسىمۇ، ھامان پارچىلنىشى ئېنىق، ئىلگىرى كىيىنلىك مەسلىسى پەقەت. مىنىڭچە بولسابۇ بۈيۈك ئىمپېريە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولسا ئىدى،لىكىن پارچىلنىشتىن قۇتۇلالمىدى، بۇمۇ تارىخنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى .
مەن كىرگەن مەسچىتتە تېخى ئوسمانلارنىڭ خەلىپىلىگى توغۇرلۇق گەپ بۇلۇپ باقمىدى .
خەلىپىلىك ئىچىدىكى قەۋملەر باراۋەرلىكى،دۆلەت ئىقتىساد ئەھۋالى ،ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، كىيىنكى دەۋىردىكى پادىشالارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ھەممە ئىشنى ئەنگىلىيە دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغان ئەرەپلەرگە ئارتىپ قۇيۇشنىڭ ئۆزى ئەرەپكە قىلنىغان ئادالەتسىزلىك بۇلۇپلا قالماي بەلكى ئوسمانلاغا بولغان مەسئۇليەتسىزلىك
ئوسمانلىلارنى خەلىپىلىك دەپ ئاتاش تازا توغرا ئەمەس. سۇلتانلىق، دىسە توغرا. ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئوسمانلى ھۈكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنى سۇلتان، دەپ ئاتاشقانكەن.
بۇ كىنو سەل فانتازىيەدەك ئىشلىنىپ قاپتۇ،تۈركلەرنى بىر پارچە خام گۆشتەكلا تەسۋىرلەپتۇ،ئەگەر تۈركلەر مۇشۇ كىنودا تەسۋىرلەنگەندەك بولسا ئېمپىرىيە قۇرالامتى ؟
كۆرەپباقسام بولامدۇ نىمە ؟ بالىلارنىڭ ئىنكاسى قىزىقتۇرۇپقويدى.