kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:30:15

مەرھۇم ئا.ت. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى سۆزلىرى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 21:44  

ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزلىىرى


     «غەرىبتە نىمىشقا پۇلداركاپتالىستلار، شەرىقتە نىمىشقا گادايلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. كاپتالىستلار قان-تەر تۆكۈپ ئىشلەپ ھالاللاپ پۇل تېپىپ مال دۇنياغا تىقىلىپ، ئەمىلى ئۆسكەچكە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ھارامخورلۇق بولمايدىكەن. شۇڭا شەرىقتە « مانتاكۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشەر» دېگىنى ھەقىقەتكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى. مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.
    ئەتتىگەنلىك شېرىن ئۇيقۇنىڭ مېھرىدىن، كۈندۈزدىكى پايدا- تاپاۋەت، ھوزۇر-ھالاۋەتتىن كېچىپ، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەڭرىگە قۇلچىلىق قىلىش پەقەت نەپسىدىن كەچكەندىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر، قالغىنى رىياكارلىقتۇر.
    مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر  ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنى پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن....››


   مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم 1948-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبلىقىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە 30يىل ئىشسىز قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق سورۇقچىلىق تارتقان.  تاش چېقىش، ياغاچچىلىق قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللانغان. ھەتتا بەزىدە دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرمۇشى نورمال كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە بولغان 17 يىل ئىچىدە كېچە-كۈندۈز دېمەي مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان.  1988-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىدا ئۈچ ئاي ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىگەن. چاغاتاي تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ 6 ئايدەك دەرس بەرگەن. 10 توم ئەسەر يازغىدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.  ۋاپات بولۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆز كېسىلىنىڭ دەردى ھەققىدە ئەمەس، مىللەتنىڭ دەردى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ « بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا » دېگەنىكەن.
    ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۆرۈڭ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەدىناسى، قابىل ياردەمچىسى غەمگۇزارى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن خەلچىخان ئاپىمىز « بۇغدا » يولىدىكى ئاشۇ قىش-ياز كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىرىنچى قەۋەتتىكى زەي ئۆيدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ چىرىقىنى يېقىپ كەلمەكتە. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماقتا. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە شۈكرى قانائەت قىلىش، كىبىر-تەمەننادىن قەتئىي يىراق تۇرۇشتەك پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە ئۆزگە ھېچقانداق بايلىق قالدۇرغىنى يوق. بىراق، ئۆتكۈر ئەپەندىم قالدۇرغان بايلىق نەشىرىياتتىكى نەچچە يۈز ئادەمنى باقماقتا. بۇ بايلىقتىن 10 مىليون خەلق بەھىر ئالماقتا...
   مىللەت تۆت كوچا دوقمۇشىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغان مۇشۇنداق چاغلاردا، ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدىرى ئۆتۈلمەكتە....
   خەلقىدىن بىلىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان زىيالىي، دوقمۇشتا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر بەرلەردىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.……


   مەنبە:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA4NzIzNDc3Ng==&mid=204501231&idx=1&sn=69ebcbe390b410cdf8adfcc94b9c6427&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:03:19

بۇ ئۇستازنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ.يەنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 10:10  

ھازىر ئەڭ ئېقىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى لىكسىيە سۆزلەپ پۇل تېپىش!!!!!!!!!!!

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:40:30

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 09:03 static/image/common/back.gif
ھازىر ئەڭ ئېقىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى لىكسىيە سۆزلەپ  ...

ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشمۇ مودا:shutup:

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:59:44

بىردەمگىچە  بىر تۈرۈكۈم بومباردىمانچى باتۇرلار كىرىپ بومبارىدىمان قىلىشنى باشلاپ كەتسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىن لۇغەتچى،داستانچى ،چاپانچى.................  چىققان دەپ

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:08:49

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 09:40 static/image/common/back.gif
ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشمۇ مودا

بۇرادەر! ئىنكاسىمنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز!

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:09:26

ئۆتكۈر ئەپەندىگە ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەت ئاتا قىلسۇن . سۆيۈملۈك   ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:46:58

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قانچە بالىسى بار؟گۈلشەن ھەدىمىز رىياسەتچى ھازىرغا ئارامدا.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 14:30:51

مىنىڭچە ھەق لىكسىيە سۆزلىگەنگە ھەق ئىلىش توغرا ئىش،ئۇنىڭ ھىچبىر خاتاسى يوق ،قابىلىيتى يەتسە ھەرقانداق ئادەم نۇتۇق لىكسىيە سۆزلەپ پۇل تاپسا بولىدۇ ،خەلىق ھەربىر ئىشقا ئادىل باھا بىرەلەيدۇ ، ئەگەر بىر ئادەم لىكىسيە ئاڭلاپ پۇشايمان قىپ قاسا يەنە قايتا ئاڭلاپ يۇمەيدۇ ،ياغاچ قازان بىر قىتىم قاينايدۇ ،سۆزلىمىگەندىن سۆزلىگەن ياخشى ،جىم تۇغاندىن ھەركەت قىپ تۇغان ياخشى،ھازىر ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ زامانى ئەمەس،بىر ئادەم بىكادىن بىكا  سۆزلىسە ئۇنى ھىچكىم ساق ئادەم ھىسابلىمايدۇ ، بەزەنلە ئاياق مايلاپ پۇل تاپىدۇ ،بەزەنلە ئاياق مايلىغانغا پۇل بىرىدۇ .
مەسلە پۇلدا بومماسلىقى مومكىن . ھازىر نۇتۇق لىكسىيەلە جىق ،بۇ بىر باشلىنىش ،بۇنىڭ يەنە شاللىنىش باسقۇچى    بار ،ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگۇچىلە غەلبە قىلغۇچى ،مەن ئاشۇ بىلىمىنى سىسىتىپ ئۆيىدە ئۇخلاپ ياتقانلارنىڭ ، ھاراق شاراب سورىنىدا يۈرگەنلەرنىڭ ، نۇتۇق سۆزلىگۇچىلەردىن ئۈگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:42:20

ئۆتكۈر ئەپەندى شۇنداق گەپلەرنى دېيىشكە لايىق سالاھىيەت ياراتقان زات ئىدى. ئۇنى كالتەك ئورنىدا قوللۇنۇپ، باشقىلارنى دۇمبالىساق ياخشى بولماس. كۈنىمىزگىچە  زىيالىلار تېخى كەسپى جەھەتتىن ئىلمىي رىقابەتكە چۈشمىدى. بىر - بىرىگە يىراقتىن ئەگىپ قاش ئېتىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىلمىي رىقابەتلىشىشكە تېخى مۇھىت يارىتىلمىدى. ئىشنىڭ يامان يېرى شۇكى، بىر زىيالى سەل يۈز تاپقىلى باشلىسا، ئوتتۇرغا چالا تەرجىمانلار چىقىدۇ-دە، يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭ تىلىغا كىشەن، قەلىمىگە ئىشكەل سالدۇرتۇپ قويىدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى بۇنداق زۇلۇمغا كۆپ يولۇققان. يىغىپ ئېيتقاندا كۈنىمىزدىكى زىيالىلارنىڭ قەلىمى، تىلى « قىلدىن ئىنچىك، قىلىچتىن ئىتتىك سىرات كۆۋرۈك » تىن سالامەت ئۆتۈشكە مەجبۇر. شۇڭا ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە تىرىشايلى.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:10:45

راست ئۆتكۈر ئەپەندى قىلغان گەپمۇ يا گەپنى دەۋېلىپ نەق مەيداندا يوق بىرەيلەنگە قالپاق كەيدۈرگەن ئىشمۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:41:44

تىما ئىگىسى يارايسىز .
تۇۋا ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئابدىرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ گېپىنى قىلسا ،بەزى چاپانچى ،تەخسىچىلەر ئاللىكىملەرنىڭ دەردىنى تارتىپ كېتىپتا .
  شۇ ئابدىرېھىم ئۆتكۈر نىڭ بىزگە قالدۇرغانلىرىنى ،بەزى زىيالىي لارغا،بەزى بىر قانچە لىكسىيىچىلەرگە دەپ سالماڭلار ،بولمىسا ئابدىرېھىم ئۆتكۈر نىمۇ ھەرنىمە دەپ ،     ئىز     رومانىنى ئۇيدۇرما ،   خوجا نىياز ھاجى    نى بۇتپەرەس   دەپ چاپانچىلار نىڭ شالىسىنى چېچىشىغا        بانايى ئارپا      بولىدۇ .

komandir2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:34:21

{:101:}{:101:}

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:43:14


بىردەمگىچە  بىر تۈرۈكۈم بومباردىمانچى باتۇرلار كىرىپ بومبارىدىمان قىلىشنى باشلاپ كەتسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىن لۇغەتچى،داستانچى ،چاپانچى.................  چىققان دەپ
ئوزىنىڭ نام مەنپەئەت  ھەۋىسى ئۇچۇن ئەجداتلىرىنى موزىيغا تىقىۋېتىشقا ئۇرۇنغان مەلئۇنئار ھەممە يامانلىقنى قىلىشتىن يانمايدۇ .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:00:27

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 09:03 static/image/common/back.gif
ھازىر ئەڭ ئېقىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى لىكسىيە سۆزلەپ  ...

ھاراقنىمۇ پۇلغا ئىلىپ ئىچۋاتىدۇ، شۇنىڭغا قارغاندا پايدىلىق گەپ-سۇزلەرنى سىتۋالسا يەنلا ئەرزىيدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 08:09:08

kerimjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 09:37:55

«بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تۇيۇنۇپ، ماددى موھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ كۆزى تويمۇغۇچە مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنەلىشى ناتايىن››. بۇ جۈملە ئىنتايىن ياخشى ئېيتىلىپتۇ.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:26:10

زىيالىلاردىمۇ ئويلىنىش بولىدۇ، ھېچبولمىغاندا بۇنىڭغا يەنىلا ۋاقىت كېرەك.ئۆزىدىن، مەنپەئەتتىن ھالقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.قىسقىسى، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ ۋاقتى كەلمىسە باكار، گەپ سىزنىڭ موشۇنداق لىكسىيە پائالىيەتلىرىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولالىغىنىڭىزدا.سۆزلەش ئۇلاردىن تاللاپ ئاڭلاش سىزدىن. تور دۇنياسىدىكى بىرقىسىم زىيالىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرى ئارقىلقمۇ ياخشى مەقسەت، مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:50:16

پوجاڭنىڭ ھىدى كىلۋاتىدۇ {:92:}

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:23:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مۇشۇمۇ زىيالىلارنىڭ ماددى ئىھتىياجىنى قامداشنىڭ بىر يولى ئەمەسمۇ؟

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:29:03

زيالىلىرىمىزنىڭ ئىلگىركى ئۇستازلىرمىزدەك.بىلگىنىنى ئەلگە ھەقسىز تەقدىم قىلىشى.بۇ ئۇلارنىڭ پەزىلىتى،ئەكىسچە بولغاندا ئەيىپلەنمەسلىكى كىرەك!دەپ قارايمەن.
بەت: [1] 2
: مەرھۇم ئا.ت. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى سۆزلىرى...