bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:56:55

پۇل ۋە ماددى نىمەت ئىنتايىن موھىم،قانۇنغا رىئايە قىلغان ،باشقىلاغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا باھارلىق كۈچى بىلەن پۇلغا ئىنتىلىش بىر خىل قالتىس روھ ،پۇل بىلەن ئاتا ئانىمىزنى داۋالاتقىلى بولىدۇ ،باللىرىمىزغا جىق كىتاب ئىلىپ ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ . لىكىسيە نۇتۇقنىمۇ سەگەك كاللا ياخشى سالاپەت بىلەن تىخىىمۇ ياخشى سۆزلىگىلى بولىدۇ .   پۇلىڭىز يوق كوچىدىكى ئەزان باھالىق مالاچۇئەر يەپ  نۇتۇقنى ياخشى سۆزلىگىلى بوممايدۇ .
ھەق ئىلىش كىرەك ،تىخىمۇ ياخشى شارائىتتا ياشاپ، تىخمۇ  خاتىرجەم شارائىتتا بىزگە ئىسىل نۇتۇق سۆزلەپ بىرىشى كىرەك .خالىمىساق بىزنى ئۇ نۇتۇق زالىغا ھىچكىم زورلاپ ئەكىرمىدىغۇ ..

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:23:34

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 17:56 static/image/common/back.gif
پۇل ۋە ماددى نىمەت ئىنتايىن موھىم،قانۇنغا رىئايە قىلغ ...

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،


    يۇقۇرىدا دىگەنلىرىڭىز ھەممىمىز بىلىدىغان ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپلەر... ئەمما مەرھۇم ئا.ت. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمۇ بەك ئورۇنلۇق:

......مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر  ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنى پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن....››

   بۇ يەردىكى گەپ ،بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ ماددىي جەھەتتە تويۇنغان ھالەتكە يېتىشىمىز تەس، ئەمما مەنىۋى جەھەتتە تويۇنغان، يەنى شۈكرى قانائەتچانلىق بىلەن ياشاشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تۇرمۇش قىممەت قارىشى قىلىپ ياشايدىغان كىشىلەردىن بولالىساق، روھىي جەھەتتىن پادىشاھتىنمۇ باي، ئۈستۈن ھىسسيىياتتا  بەختلىك ياشىيالايمىز....

Fedaiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:53:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 19:13  

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نامە شەرپىدىن پايدىلىنىپ بەزىلەر نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بىلمىدىم. تېمىدىكى گەپلەرنىڭ قايسىسى ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ، قايسىسى ئاپتورنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك. ئاندىن، مۇنازىرىنى ساغلام داۋام قىلغىلى بولىدۇ.
ئۆتكۈر ئەپەندى ھەرگىز بۇنداق لوگىكىسىز، تاقا-تۇقا گەپ قىلمايدۇ.
(بۇ خۇددى بىر ئۆمۈر ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىپ ئاشخانا تاماق سېتىپ پۇل تاپاي دېگەن ئادەمگە: «خەلق ئاچارچىلىقتا قالدى، نېمىشقا تامىقىڭنى بېكارغا بەرمەيسەن» دېگەندەكلا گەپقۇ) ھېلىمۇ بىچارە زىيالىلار نۇرغۇن زېھنى، ۋاقتى، ئىقتىسادىنى سېلىپ بېرىپ، يوق ھېسابىدىكى سىياھ ھەققىگە ئىشلەيدۇ. نۇرغۇنلىرى تېخى جان بېقىش كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. زىيالى كىتابنىڭ بىر ۋارىقىنى ۋاراقلاپ ئوقۇۋاتقىنىدا كوچىدىكى تاۋۇزچى بىر تىلىم تاۋۇزنى 2 سومغا سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان بولىدۇ. زىيالى يىللارچە ۋاقتىنى سېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك بېسىملارنى يېڭىپ ئەمدى ئائىلىسىنى باقاي دېسە. بىرىلىرى چىقىپ «ھەي زىيالى، رىياكارلىق قىلماي بىلىمىڭنى بىكارغا بەرمەمسەن» دېسە. نۇرغۇن زىيالىي يەنە تېخى ئۈندىمەي بېرىدۇ.  نېمىدىگەن ئادالەتسىز جاھان، نىمىدىگەن مىننەتدارلىقنى بىلمىگەنلىك ھە...
زىيالىينىڭ قىيىن كۈندە قېلىشى، ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان ماڭقۇرتلارنىڭ تەييارتاپلىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە، بەرگەن ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىگە ئازغىنە بىر نەرسە ئاتاپ قويغان بولسا ئىدى، خار-زەبۇنلۇق بۇ دەررىجىدە بولۇپ كەتمەستى.
ئىلىمدارنىڭ قەدىرسىزلىكىدىن، بوينىنىڭ پۈكۈكلىكىدىن بىزدە ناخشا-ئۇسۇل، سەنئەت مودا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. «سەنئەتخۇمار خەلق» دېگەن «قالپاقنى» كىيىپ ئولتۇرۇپتىمىز.

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 20:39:55

بولدى قىلىڭلا ئاخلىماڭلار ئەمدى  بۇ مەدداھ قويمىچىلارنى  .  نۇمۇس قىلىڭلا

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 20:51:07

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 16:50 static/image/common/back.gif
پوجاڭنىڭ ھىدى كىلۋاتىدۇ

بۇرنۇڭلار ئەزەلدىنلا سەزگۈر ھە:lol  ئۇزۇن بولغانتى كۆرمىگىلى، ئالدىنقى قېتىم تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنچە. ياغاچ ئوشتۇپ قويمىزمۇ يا؟
چاقچاق چۈشىنىدۇ دەپ يېزىۋەردىم، بۇرۇنقى ئەزالارنىمۇ سېغىنىپ قالىدىكەن ئادەم ھازىرقى  بۇرۇقتۇمچىلىقتا، قورقماي گەپ قىلغىلى بولمىغاندىكىن تونۇشىدىغانلار ئۆز-ئارا چېلىشىپ ئوينايلى.:lol  

Fedaiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 21:55:45

TARiMBOY يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 20:39 static/image/common/back.gif
بولدى قىلىڭلا ئاخلىماڭلار ئەمدى  بۇ مەدداھ قويمىچىلار ...

ئەلۋەتتە، «مەدداھ»لارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقلار بارلىق زىيالىلارنىڭ شەنىنى بۇلغىماقتا. لېكىن، نېمىلا بولمىسۇن، زىيالى بىلەن «زىيالى تونىغا ئورىنىۋالغان»لارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 22:18:44

fedaiyئەپەندى بەك ئورونلق سۆزلەپسز

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 02:16:46

ئەلۋەتتە، «مەدداھ»لارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ
شۇ ئۇنداق مەدداھلار كۇپۇيۇپ قالدى ھازىر  . بىزغۇ ئايرىپ مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز   لىكىن  يىنە بىر  قىسىم كىشىلەردە بۇ مەدداھىنى ئايرىغۇدەك ئەقىل يوقكەن  .
بۇ مەدداھلارنىڭ غەرەزلىك يۇرگۇزىلىۋاتقان تەشۋىقتنىڭ قۇربانى بوپ  كىتىۋاتىدىغۇ بىر قىسىم كىشىلەر .
بەت: 1 [2]
: مەرھۇم ئا.ت. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى سۆزلىرى...