ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:13:30

ئامېرىكا رۇسىيەنى پارچىلىماقچى

ئامېرىكا رۇسىيەنى پارچىلىماقچى

«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» (2015-02-13) ماقالىسى:
رۇسىيە: «ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋەقەسى ئارقىلىق ئاخىرىدا رۇسىيەنى پارچىلىماقچى» دېدى

ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇكرائىنا كىرىزىسى دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى، چۈنكى بۇ كىرىزىس ئۇكرائىنا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، غەرب تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا، بۇ-سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئەڭ ئېغىر تىركىشىشى دەپ قارىدى.
پۇتىننىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى پاترۇشېۋ 11-فېۋرال «رۇسىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى-دۆلىتىمىزنى بېسىشنىڭ باھانىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە، ئامېرىكىلىقلار ئۇكرائىنا ۋەقەسى ئارقىلىق، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى بىر مەيدان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىپ، رۇسىيە ھاكىمىيىتىنى ئالماشتۇرۇش شامىلى پەيدا قىلماقچى دېدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا قوللانغان رۇسىيەگە قارشى تەدبىرى رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئېتىراز پەيدا قىلىپ، رۇسىيەلىكلەرنى رەڭلىك ئىنقىلاب ئۇسۇلى بىلەن ھازىرقى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا دېدى. پاترۇشېۋ ناپولېئون بىلەن گېتلىرمۇ رۇسىيەنى بويسۇندۇرالمىغان دەپ تەكىتلىدى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى»دە، بۇ-كىرىمىل سارىيىنىڭ ئۆز سايىسىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دېيىلدى.
رۇسىيە «كۆزقاراش گېزىتى» 12-فېۋرال ماقالە ئېلان قىلىپ، پاترۇشېۋ كىرىمىل سارىيىنىڭ مۇھىم مەيدانىنى ئىپادىلىدى دەپ ھېسابلىدى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا، ئىسمىنى ئاتىماي تەنقىد قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى دۈشمەنلىرى رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى يۇگۇسلاۋىيەگە ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇندىن ئون يىل بۇرۇنلا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە 2015-يىلى پارچىلىنىپ، ئوخشىمىغان سەككىز دۆلەتكە بۆلۈنۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نوپۇس، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا سۈپىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشى دېگەن ئىدى. ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»دە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلانغان دوكلاتى رۇسىيە سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ يېغىرىغا بەك تېگىپ، رۇسىيەدە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرىنى قوزغىدى دېيىلدى. موسكۋا «ئەكس سادا» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 3380 ئادەمنىڭ %71 ى ۋەتىنىمىزنىڭ پارچىلىنىشى ھەقىقىي تەھدىت دەپ قارىغان. رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىرژىنىسكىمۇ ئىلگىرى رۇسىيەنى ياۋروپا، سىبىرىيە، يىراق شەرقتىن ئىبارەت ئۈچكە پارچىلىغاندا، رۇسىيە ئامېرىكىغا مەڭگۈ تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ دېگەن دېدى.
گېرمانىيەنىڭ بېرلىندىكى ياۋروپا سىياسىيشۇناسلىق ئالىمى گېسلىر 12-فېۋرال «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا: رۇسىيەدىكى ئەڭ سەزگۈر سۆز-پارچىلاش. رۇسىيەنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى ئازىيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش تارىخى ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى پاجىئەلەر رۇسىيەلىكلەرنى ئەندىشىگە سالماي قالمىدى دېدى. ئامېرىكا «كونكورد نەسىھەت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا، رۇسىيەنىڭ خام-خىيال تەلۋىلىكى ھەقىقىي تەلۋىلىك ئەمەس، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئامېرىكا سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردا رۇسىيەنى چەتلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي گۇرۇھى بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى شەرقىي ياۋروپا كېڭەيتىشكە كۈچەپ، 30 يىل داۋاملاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقتى، بۇ-دۇنيانىڭ خەتەردىن ئۆزىنى ساقلايدىغان ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە بولغان ئەڭ ياخشى ئۈمىد، يەنە مۇداپىئە خاراكتېرلىك يادرو سىستېمىسىنى رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ بۇرۇنقى مۇھاسىرىدە قېلىش ئەندىشىسىنى قايتىدى قوزغىدى دېيىلدى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201502/t20150213_901403.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:18:41

ئاجايىپ تەھلىل بوپتۇ بۇ...:o

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:13:38

ئاساسىز گەپلەر

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:56:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 12:06  

ئەگەر مۇشۇنداق ئامېرىكا ئۆزى بىۋاستە رول ئالماي، ‹يۈكنىڭ ئىغىرى›ىنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كۆتۈرتۈپ قوياۋىرىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئىتتىپاقلىقى بارغانسىرى يامانلىشىشى مۇمكىن.  رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى بىرىنجى بولۇپ فىرانسىيە باش تارتتى ھەم بۇنىڭغا بەزى چوڭاملار مايىللىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ.روسىيەگە مايىل بۆلگۈنچىلەرنىڭ توختىماي ئىلگىرلىشى بىلەن ئامېرىكا قاتتىق قول بولۇشنى يەنى كىيۋنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاش مايىللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭغا بىرىنجى بولۇپ قارشى چىققىنى گىرمانىيە ۋە فىرانسىيە  ۋە گىرىتسىيە بولدى. مىركىلنىڭ ئىيتىشىچە ئۇكرائىينا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى دىپلۇماتىيە  ئىكەن. مىركىل ۋە ھوللاندى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ رۇسىيە، ئۇكرائىينا، گىرمانىيە ۋە فىرانسىيە باشلىرى بىرگە كىلىپ مىنىسكدا تۈزۈلگە ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىنى قايتا ئىمزالاندى.
گىرمانىيە ۋە فىرانسىيە نىمە ئۈچۈن كىۋىينى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشقا قارشى تۇرىدۇ؟ ياۋرۇپادىكى چوڭاملار نىمىشقا بارغانسىرى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئىمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرش مايىلىلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى؟
سەۋەب ناھايىتى ئاددى. ياۋرۇپا ئامېرىكا ئۈچۈن رۇسىلار بىلەن ئۇرۇشىشنى خالىمايدۇ. بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى قويۇق ئەمەس، ئەمما ياۋرۇپانىڭ رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى قۇيۇق. ئىقتىسادىي جازادىكى ئۆز-ئارا تەسىرلەردە ئامېرىكا ھىچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ياۋرۇپا خىلى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر كىيىۋنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ، يۇقىرى تىخنىكىلىق قىرغۇچى ۋە مۇداپىيە قۇراللىرىنى تەمىنلىسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇرۇش ياۋرۇپا زىمىنىدا رەسمىي تۇتىشىدۇ. رۇسىيە شىمالىىي كورىيە ياكى كۇبا ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشقا ياۋرۇپىدىكىلەر خالامدۇ؟ ئۇكرايىنا مەسىلىسدە ياۋرۇپاغا مەنپەئەت كەلمەيدۇ.
ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى قايتا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى توشۇپمۇ يەنە ئۇرۇش توختىمايۋاتىدۇ. مۇھىم قاتناش تۈگۈنى دىبالتىسىۋ يەنە شەرقىي ئۇكرائىينا بۆلگۈنچىلىرىنىڭ قولىغا ئۈتۈپ كەتتى.  پۇتىننىڭ قوللىنىۋاتقان سىياسىيتى ماقۇلغا جاۋاب يوقتىن ئىبارەت. تىنىچلىق كىلىشىمى ئىمزالامسەن ماقۇل، ئەمما ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىۋىرىدۇ، پۇتىن بۆلگۈنچىلەرگە ئىغىرلىق تىپلىق قۇراللارنى تەمىنلەپ بىرىۋىرىدۇ. {:87:}
ئەگەر پۇتىن كىيىۋانى بىسىۋىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرسە ياۋرۇپادىكى قايسى دۆلەت ئۇكرائىينا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ رۇسىيە بىلەن ئۇرىشىدۇ؟
ھىچقايسىسى ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇكرائىينا مەسىلىسىدە ئامېرىكا  بىر قېتىم يۈزىنى تۆكىشى مۇمكىن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:21:20

رۇسىيىدە كىم پۇتىننى قوللىمايدۇ؟
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ يېكاتىرىنبۇرىگدىكى بىر داڭلىق تۆمۈرچى يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادى كېرزىسنىڭ رۇسىيە خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇتىننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن داچەن پۇل ياساشنى قارار قىلغان. بۇ تۆمۈرچىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن ئۈمۈدۋارلىقنىڭ كاپالىتىكەن.

ئالىكىس ليسىياكوف يىكاتىرىنبۇرگدىكى داڭلىق داڭلىق تۆمۈرچى بولۇپ، ئۇ رۇسىيە خەلقىنىڭ ئىقتىسادى كرزىس سەۋەبىدىن سەل چۈشكۈنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، « كىرزىسقا قارشى تۇرۇش تەڭگىسى » ياساشنى قارار قىلغان.

ئالىكىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەتتىكى سەلبىي خەۋەرلەرنى ئاڭلاشتىن جاق تويۇپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان، ئەمما پۇتىن سالماق ۋە ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتىكەن. شۇڭلاشقا ئالىكىس « كىرزىسقا قارشى تۇرۇش تەڭگىسى » ياسىغان ھەمدە تەڭگىنىڭ بىر يۈزىگە باش بارماقنىڭ بەلگىسىنى چىقىرىپ، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دېگەن خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرگەن. تەڭگىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرگەن.

ھازىر بۇ تەڭگىلەرنىڭ بازار قىممىتى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، ئالىكىس بۇ تەڭگە پۇللارنى ياساش ئارقىلىق پەقەت كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىماقچى بولغان.   http://world.bagdax.cn/2015/0221/8593.html




750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:27:05

ئامىكىنىڭ دۇۋلەت باشقۇرۇش ۋە تاشقى دىپلۇماتىيە سىياسىتى ھەقىقەتەن ئۇزگىچىكەن نەچچە ئۇن يىل بۇرۇن پىلانلايدىكەن دۇۋلەت بېشى بۇلغانلارمۇ شۇ بۇيۇچە ئىش قىلدىكەن مەن بۇيۇك شاخمات تاختىسى ۋە مەدىيەتلەر تۇقۇنۇشى ۋەدۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئۇرنىتىلشى دىگەن كىتاپنى ئۇقۇغاندىن كىيىن دۇنيا سىياسى يۇل خەرىتىسنىڭ شۇ بۇيۇچە پەقەت ئۇزگەرمەي ماڭغانلىغىنى كۇردۇم

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:34:42

روسلار پۇتىندىن قۇتۇلسا ۋە دىمۇكراتىيەگە سەمىمى پۇزىتسىيە تۇتۇشنى ئۆگۈنگەن چاغدا ئاندىن دۇنيا بىلەن يېقىنلىشالايدۇ ۋە ھەقىقىي تەرەقىياتقا ئېرىشەلەيدۇ .
پۇتىن روس مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق روسلارنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇۋەتتى ۋە روسىيەنى تېخىمۇ مۇستەبىتلىك پاتقىقىغا پاتقۇزۇپ قويدى .
ئوكرائىنانىڭ 2005 - يىلى رەڭلىك ئىنقىلاپتىن  بۇيانقى ئىپادىسى بەك ياخشى بولۇۋاتقانتى . بۇلتۇر چىققان ئوكرائىنانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى خۇددى كىچىك بالىنىڭ تەتەيلەپ مېڭىۋاتقان چاغدىكى يېقىلىپ - قوپۇشلىرىغا ئوخشايتتى . ئەمما پۇتىن بۇ بۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئوكرائىنادىن ئىبارەت مېڭىشنى ئۆگۈنۈۋاتقان بۇ بالىنى مەڭگۈ ماڭالماس قىلىۋەتمەكچى بولدى . پۇتىىننىڭ بۇخىل خاتا سىياسىتى ئوكرائىنادا ئوكرائىنالىقلار ۋە روسلار بولۇپ 5000 كىشىنىڭ بېشىغا چىقتى .روسىيەدە بولسا  روس خەلقىنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈۋاتىدۇ .
شۇڭا بۇتىن ھازىرقى دۇنيا دەۋر چاقىنىڭ  تەتۈر چۆگۈلەتكۈچىسى .
گەرچە پۇتىن روسىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇۋاتغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ روسىيەنى پاتقاققا ئىتېرگۈچىدۇر . پۇتىن دەۋرىدە  روسىيە تېخىمۇ مۇستەبىتلىك يولىغا ماڭدى . دۇنيادىن يىراقلاشتى . بۇ روسىيە ئۈچۈن ياخشى ئەمەس . بقر دۆلەت ھەقىقىي قۇدرەت تاپىمەن دەيدىكەن دۇنيا بىلەن سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىشى كېرەك . پۇتىننى قەھرىمان دەپ ھاكىميەت بېشىغا چىقىرىپ قويغان روس مىللەتچىلىرى ئەمدى بۇ خىل تاللاشنىڭ بەدىلىنى تارتىشى كېرەك .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:56:47

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 11:56 static/image/common/back.gif
ئەگەر مۇشۇنداق ئامېرىكا ئۆزى بىۋاستە رول ئالماي، ‹يۈك ...

ئۇكىرائىنيە بەلىكىم رۇسيە ئۇچۇن ئىككىنجى ئاغغانىستان بۇلۇپ قىلىش ئىھتىماللىقىمۇ بار،شۇنداقلا رۇسيە پۇتۇن ئۇكرئىنيەنى بىسۋالغان تەقدىردىمۇ ئەڭ چۇڭ ئۇتقۇچى ئامىرىكا بۇلۇشىمۇ ھەم مۇمكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:36:58

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 19:56 static/image/common/back.gif
ئۇكىرائىنيە بەلىكىم رۇسيە ئۇچۇن ئىككىنجى ئاغغانىستا ...

ئەگەر كىيىۋ قولدىن كەتمىسىلا،بۇ كىرىزىستا زىيان تارتقۇچىلار رۇسىيە ،ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىيناغا بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇتقۇچى بولىۋىرىدۇ.شۇڭا ياۋرۇپادىكى چوڭاملار بۇنىڭغا نارازى بولۇشماقتا ۋە نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە باشلىدى.
ئەگەر ئوباما ئاغزىدىن قان تىمىپ تۇرىدىغان مەككەيىننىڭ كىيۋنى ئىغىر تىپلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇش پىكىرى بويىچە ئىش قىلىپ قالسا ھەرقانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلاشقاندىمۇ ئامېرىكا ئومۇمىي جەھەتتە پايدا ئالىدۇ. رۇسىيە بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمەنلىشى مەجبۇرىي چوڭقۇرلىشىدۇ ۋە ياۋرۇپا ئامېرىكا بىلەن تىخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىشىقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىن ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغانلار ئامېرىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى مۇمكىن.

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:21:08

ئەينى ۋاقىتتا 1991-يىلىمۇ 15 پارچىلانغان ۋاقىتتا 2015-يىلى 44 كە پارچىلىنىدۇ دەپ گەپ بار ئىدى، شۇ گەپ راس بولمىغىيتى. بۇنى بىر كەلگۈسىشۇناس يۇلتۇزلارغا قاراپ شۇنداق دەپتىكەن.

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:29:53

مەنچە ئامېركىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى رۇسىيەنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس . بەلكى يۇۋاشلىتىپ ئامېركىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئاشكارلانغاندا رۇسىىيەنى بۇنىڭغا ئارلىشالمايدىغان قىلىپ قۇيۇش .
  ئامېركا بەلكىم بۇرۇن قىلىپ باققان ئۇرۇشقا ئوخشىمايدىغان ھالەتتە مەلۇم دۆلەتكە ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى قىلۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن . ئۇياقتىن شەپە بىرىپ بۇياقتىن .........
   ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتىن ئامېركىنى كونتىرول قىلۋالغان ھەم دۇنيانى كونتىرول قىلىش كۇيدا بولغان مەلۇم كىشلەر توغرىسىدا  ئېغىزىنى ئېچىپ قويدى .  بۇندا ئېغىز ئاچقانلا ئۇزۇنغا بارغان ئەمەس

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:40:34

گېتلىر ھوقۇق تۇتقان 1933-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان مەزگىلگىچە ئوخشاپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ ھە.{:92:}

پۇتىن بىلەن شۇ چاغدىكى گىتلىرنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى خېلى بار ئىكەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:01:02

پارچىلانسا بولىتى، دۇنيادىكى دۆلەتلەر كۆپەيسۇن...

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:39:57

مەنمۇ روسلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن .ھەرقانداق ئۇلۇغۋار شۇئارلار بىلەن بولسۇن ، ئاجىز قەۋمنى بوزەك ئەتكەنلەرنى ياقتۇرمايمەن .  بولۇومۇ پۇتىندەك ۋەتەنپەرۋەرلىك باھانىسدا باشقىلارنىڭ ئەقەللىي ھوقوقىنى دەپسەندە قىلغانلارنى .  

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:46:10

پۇتىن يارنىڭ لىۋىگە كىلىپ قالدى ، ئۇ يىڭىنى تۇرۇپ بۇ قورشاۋنى بوسۇپ چىقىپ كىتىشى ياكى ھاڭغا سەكرىشى كىرەك ، ئۇرۇش توختۇتۇش كىلشىمۇ ياۋرۇپانىڭ پۇتىنغا سۇنغان ئازراق ۋاقىت بىرش تەكلىپى خالاس .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:24:10

مەن مۇنبەردە نەچچە يىل يۈرۈپ كارى بولماسلىقنىڭ دەرس ئۆتۈپ جان باقىدىغانلارغا  قارتا ئەڭ ياخشى ئامال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ( ئىنكاسىمنى نەقىل ئالغانلارنى ھاقارەتلەيمەن :lol )

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:31:51

روسسىيەنىڭ پارچىلىنىشى تارىخنىڭ مۇقەررەلىگى، بۇ بىر ھەيران قالارلىق ئشمۇ ئەمەس ،پەقەت شۇ ۋاقىت مەسلىسى.
مەن پارچىلانغان دولەتلەرنى ساناپ بىرەي .
1)رىم ئىمپىرىيەسى،2) ھون ئىمپىرىيەسى 3) خەن ئىمپىرىيەسى 4) تاڭ ئىمپىرىيەسى 5) مۇڭغۇل ئىمپىريەسى6) تۈرۇك ئىمپىرىيەسى  7)ناپالىيۇننىڭ ئىمپىرىيەسىى8) بۇيۇك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى، 8)گىتلىرنىڭ ئۇچىنچى ئىمپىرىيەسى، 9)شىمالىي ئامېرىكا 10) جەنۇبىي ئامېرىكا 11) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (بۇلارمۇ ئەسلى ئون ئۇچ ئىشتاتىن 55 ئىشتاتقا پارچىلانغان ) . 12)سابىق سوۋىت ئىتپاقى.
پارچىلىنىش دىسە بىزنىڭ نىرۋىمىزغا تەككەن بىلەن ،  ئۇ ئامىركا ياۋرۇپالار ئۇچۇن ئەنسىرەيدىغان ئىش ئەمەس .
شۇڭا ئۇلار  پارچىلانمايدىغان دولەتلەرگە ھەيرانلىقتىن قىزىقىدۇ .

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:15:45

نىر تۇرۇپ بۇ ئامېرىكا ھامان روسىيەنى پۇتلايدىكەن دەپ ئويلايمەن.چۈنكى سوۋىت ئىتىپاقىنى پارچىلاش ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىنى پىلانلارش ئامېرىكىنىڭ ئىشىغۇ..

لىكىن روسىيەنى ئۈزۈل كىسىل پارچىلاشنى ئامېرىكا مەنچە قۇللاپ كەتمەيدۇ.دىن نۇقتىسدىن قارىغاندا ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ جىدىلىنىڭ ئارسىدا مەلۇم جەھەتتە مەزھەپ تۇقۇنىشىمۇ بار.

مەن مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن،ئامېرىكا بىلەن روسىيە بىرلىشىپ ئويۇن قۇيۇپ بىر رايۇننى قۇللايدۇدە بۇ ئىككى لۈكۋەكتىن بىرى...شۇنىڭ بىلەن مىنى ئامېرىكا قۇللىدى يا روسىيە قۇللىدى دەپ قۇللىغان دۆلەتنىڭ مەنپىئەتى ئۈچۈن قان كىچىپ ئۇرۇش قىلىدۇ،ئامېرىكا ياكى روسىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىزلا بىر رايۇن بىلەن...ئىشقىلىپ خەلىقئارا مۇلاھىزلەردە ئامېرىكا روسىيەنى ئۇرماقچى...دىگەندەك گەپ بىلەن كاللىنى قايدۇردۇ.لىكىن ئىككىسىنىڭ كىچىك تىلى ئەسلى بىر.مۇشۇنداق ئويۇن بىلەن دۇنيا نوپۇسنىڭ مەلۇم پېرسەنتىنى تېرىكلەر ئارسىدا قۇيماسلىق.ئۇچۇق ئىيتقاندا يەر شارى نۇپۇسىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى تازلاش ئويۇنى...
بەزىلەر پېرىنسىپقا كۆتۈرۈپ يۈرمىسە...مۇلاھىزە دىگەننى ھەر خىل قىلىمىزغۇ ئەمدى.خاتا بولسا ئۆزىرە.ئەمىليەتتە كىم دۇنياۋى چوڭ سىياسىيۇنلارنىڭ ئويۇنىنى بىلگەن دەيسىلەر.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 03:11:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 03:50  

مەيلى سۆزلىسۇن، پىكىر ئەركىنلىكى بار.
دىگەنلىرىڭىز ئۆرۇنلۇق   ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز   .  ئۇ ئۇزىنىڭ پىكرىنى ئۆتتۇرىغا قۆيسا بۇلىدۇ  لىكىن بىزگە رۆسلارنى ھەققانىيەتنى قۆغدىغۇچى ئىلاھ سۇپىتىدە تەشۋىق قىلىپ بەرمىسۇن  .  ئەينى زامانلاردا رۆستا تەربىيىلەنگەن بىر تۇركۇم كىشىلەر تەرىپىدىن كامىنىسلار قۇتقازغۇچى ئىلاھ سۇپىتىدە تەشۋىق قىلىنىپ  خەلىق بىخۆتلاشتۇرلغان خەلىقنىڭ ھەتتا دۆس دۇشمەننى پەرىق ئىتەلمىگۇدەك دەرىجىدە  پىسخىكىسى بۇزۇلغان  .   ھېلىمۇ ھازىر بىر قىسىم غەرەزلىك تەشۋىقاتلار نەتىنجىسىدە چەتەلدىن دۇشمەن ئىزدەيدىغانلار كۆپۇيىۋاتىدۇ  .
ھەققانىيىۋىچ پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن بۇرۇن مەن كىمگە ۋەكىللىك قىلمەن كىمنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن پىكىر قىلىمەن دەپ ئۆيلۇنۇپ كۆرسۇن .
بۇ ئاتالمىش ھەققانىيىۋىچ  ھەرخىل ناملار بىلەن بىلەن كىرىپ پىكىر قاتناشتۇرىۋاتىدۇ  .  ھەتتا بەزىدە بىر تىمىغىلام نەچچە خىل ئىسىم بىلەن كىرىپ  تەڭلام نەچچە خىل مەيداندا تۇرۇپ ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ  . بىردەم دىنسىز دەھرى سىياقىدا مەيدانغا چىقىپ پىكىر قاتناشتۇرسا   يىنە بىردەمدە  دىن تۆنىغا ئۆرۇنۇپ قالتىس دىندار دىن قۆغدۇغۇچىۇلۇق سالاھيەت بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىۋاتىدۇ  . يىنە  بىردەم دىمكىراتىيىنى ياقىلىغۇچى بۇلىۋالسا يىنە بىردەمدە  رۆس دېكتاتۇرلىرىنى مەدىيىلەپ  تەشۋىق قىلىپ  پىكىر قاتناشتۇرىۋاتىدۇ .. گەپنىڭ قىسقىسى بۇ ئاتالمىش ھەققانىيىۋىچ  ئۇيۇن ئۆيناۋاتىدۇ  .  

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 07:55:26

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 16:31 static/image/common/back.gif
روسسىيەنىڭ پارچىلىنىشى تارىخنىڭ مۇقەررەلىگى، بۇ بىر ھ ...

يۈگۈسىلاۋىيەنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز.....
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئامېرىكا رۇسىيەنى پارچىلىماقچى