izlen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:00:55

ئامىرىكىنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىپ بولماق تەس....

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:37:21

بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى تېخى ئەمدى باشلانغان بولۇپ، نېفىت باھاسى يەنە ئاز دېگەندە %50 چۈشىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا WTI خام نېفىتنىڭ ھەر باكىنىڭ باھاسى 53 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2014-يىلى 6-ئايدىكى 107 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلگەن. ئىقتىسادشۇناس، پۇل-مۇئامىلە ئانالىزچىسى A.Gary Shilling بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىدە دېيىشىچە، كەلگۈسىدە نېفىت باھاسى 10 دوللاردىن 20 دوللار ئەتراپىغا چۈشىدىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، نۆۋەتتە خام نېفىتنىڭ تەمىنلەش مىقدارى ئېھتىياجدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:21:28

بۇرۇن تىيەنيا مۇنبىرىنىڭ مىكرو بىلوگىدا خېلى كوپ «ئەكسى ئىنقىلاپچىلار» بار ئىدى. شۇلارنىڭ بىر گىپىنى كۆرگەن:
بەش موچەنلەر بىلەن مۇنازىرلەشمە، بەرىبىر…قانچە كۆپ مۇنارىزلەشسەڭ ئۇلار شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايدۇ…

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:52:36

رۇسىيە ئوكرائىنا ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 24- فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپ كېررى پارلامېنتتا گوۋۇيۈەن پۇل ئاجرىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلات يىغىنىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە كۆپ قېتىم ئوكرائىنا رايونىدىكى توقۇنۇشقا ئارىلاشتى ۋە بۇ توغرىسىدا ئاغزىغا كەلگەنچە جۈيلىدى.

كېررى يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ ئۆز ئالدىغا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىپ ھارغاندىن كېيىن يەنە تەپتارتماستىن كەڭ دائىرلىك تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ...... ئۇلار نۇرغۇن سورۇنلاردا ئوكرائىنا ۋەزىيىتىگە قول تىقىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مىنى بۆھتان تاشلىرى بىلەن كۆمۈۋەتتى. ئۇ يەنە رۇسىيىنىڭ ئوكرائىنانىڭ شەرقىگە قىسىم ياكى قورال-يارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقى سورالغاندا، بۇ ھەقىقەتەن بار ئىش- دېدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئوكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشكە قانداق پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 23- فېۋرال كېررىنىڭ رۇسىيە ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى- دېگەن سۆزلىرىگە رەدىيە بېرىپ: رۇسىيە ئوكرائىنا ۋەزىيىتىگە قول تىققىنى يوق، ئوكرائىنا ئۆزىنى جەڭ مەيدانىدىكى مەغلۇبىيىتىنى رۇسىيىگە دۆڭگەپ قويماسلىقى كېرەك-دېدى. پۇتىن يەنە ئوكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىمايدۇ، تاشقى دۇنيانىڭ بۇنداق قاباھەتلىك ئويۇن كۆرىمەن دېيىشى قۇرۇق خام خىيال- دېدى.

uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 00:17:31

ئۆتمە نامەرىت كۆرىكىدىن كەلكۈن سىنى ئاقتۇرسىمۇ،
يىمە نامەرىت نان-ئاشىنى ئاشلىق سىنى ئۆلتۈرسىمۇ.
                                                     ( ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى )

uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 13:55:26

rfst يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 05:39 static/image/common/back.gif
ئامېركىنىڭ قانداقلىقىنى سىلەرگە قاراپلا خېلى ھېس قىلغ ...


20 يىلدىن بۇيان رۇسىيە جۇڭگوغا قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلدى

    رۇسىيە تىلغا ئېلىنسا، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ قوشنىمىزغا نىسبەتەن باشقىچە بىر خىل ھېسسىياتى بار، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك رەھبىرى پۇتىنغا چوقۇنىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. مۇنداق ئومۇميۈزلۈك كۆز قاراش مەۋجۇت، يەنى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئويلاپلا يۈرىدىغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكى چوقۇم رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشى كېرەك. لېكىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە، جۇڭگو بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ كەلدى، رۇسىيە بولسا ھېلى بىر خىل بولسا، ھېلى يەنە بىر خىل بولۇپ كەلدى، ھەتتا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.
    چاررۇسىيە مەزگىلىدە تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق جۇڭگو زېمىنىنى بۆلۈۋالدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىدى، 60-يىللاردا كېلىشىمنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، مۇتەخەسسىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى، ۋەھاكازالار. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە جۇڭگودىن بۆلۈۋېلىنغان زېمىنلار قايتۇرۇپ كېلىندى، ئەمما پەقەت رۇسىيەدىن بۇرۇنقى چار رۇسىيە بېسىۋالغان زېمىنلا قايتۇرۇپ بېرىلمىدى، 2000-يىلى جۇڭگو-رۇسىيە چىگرىسى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تالاشتىكى زېمىن رەسمىي ھالەتتە رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق زېمىنى بولۇپ قالدى.
    تارىختىكى شاپائەت ۋە ئادالەتنى قويۇپ تۇرايلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە جۇڭگوغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئىنتايىن كۆپ يامان ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدى.  
   رۇسىيە رۇسىيەدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى تارتىۋېلىپ كەلدى
   2009-يىلى 6-ئايدا موسكىۋانىڭ شەرقى قىسمىدىكى مەمۇرىي رايوننىڭ رايون باشلىقى توساتتىنلا مۇنداق جاكارنامە چىقاردى:«تازىلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، موسكىۋادىكى ئەڭ چوڭ بازار ۋاقىتلىق تاقىلىدۇ»، بۇ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ تاۋارلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، موسكىۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
«بۇ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارلا ئەمەس، يەنە 6000 كونتېينېرمۇ بار، ھەر بىر كونتېينېرنىڭ قىممىتى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە كېلەتتى، بۇ قېتىم جۇڭگولۇق سودىگەرلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر زىيان تارتتى». رۇسىيە جۇڭگو جېجياڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى  نى جىشياڭ زىيارەت قىلىنغاندا نائىلاج قىياپەتتە:«بەزىلەر بىنادىن سەكرىۋالدى، بەزىلەر ئۆلۈۋالدى، شۇنچە كۆپ ئادەم خانىۋەيران بولغان بولسىمۇ، بۇ ئىش ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىدى» دېدى.
   كۆپلىگەن  جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ماللارنى ئەتكەس قىلىنغان، سۈپىتى ناچار دەپ مۇسادىرە قىلغان بىلەن، مۇسادىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن بازاردا تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ ساتقان. جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ماللىرى تارتىۋېلىنىدىغان ئىش رۇسىيەدە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
1998-يىلى 11-ئايدا، رۇسىيە ساقچى، باج تارماقلىرى «بىڭيىڭ» جۇڭگو ماللىرى مەركىزىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مالنى مۇسادىرە قىلغان، نەچچە يۈزلىگەن جۇڭگولۇق سودىگەرلەر «ئايروپىلان ۋە باجنى كۆتۈرە ئېلىش» شەكلى بىلەن رۇسىيەگە يۆتكەپ كىرگەن ماللار (ئاساسلىقى خۇرۇم چاپان) تاموژنا تەكشۈرۈش ئىسپاتى ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىگىسىز مال ھېسابلىنىپ مۇسادىرە قىلىندى.
2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە نەچچە يۈز قېتىم ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان سالدى.
   2004-يىلى 2-ئايدا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى 10 نەچچە ساقچى موسكىۋا شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ ئايلانما تاشيولى بويىغا جايلاشقان «ئەيمىلا» چوڭ بازىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرگەن. ئىككى كۈندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ مىلتىق تەڭلەپ بېسىم قىلىشى بىلەن زور كۆلەمدە ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلىش ھەرىكىتى قىلىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالغان.
   2005-يىلى 7-ئايدا، زور بىر تۈركۈم رۇسىيە ساقچىلىرى موسكىۋا شەھەر مەركىزىدىكى «39 ئىسكىلات»قا بېرىپ، جۇڭگو ئاياقلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. ئومۇمىي قىممىتى ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ۋېنجۇنىڭ ئاياقلىرى ئىدى. كېيىن نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى رۇسىيە جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ 120 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى «تۆلەم» تۆلەپ ياندۇرىۋېلىشىغا قوشۇلغان.
   2008-يىلى 10-ئايدا رۇسىيە موسكىۋانىڭ ئاتەس بازىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلاتىدىكى ئاياق، كىيىم-كېچەك، پايپاق قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى پىچەتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

   رۇسىيەنىڭ جۇڭگو مال پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرىۋېتىشىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ
   2009-يىلى 2-ئايدا، يەنى جۇڭگو، رۇسىيە ئىككى تەرەپ رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا 300 مىليون توننا نېفىت تەمىنلەيدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئىككى نېفىت شىركىتىگە 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئىشنى تەبرىكلىشىۋاتقان پەيىتتە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى: رۇسىيە جۇڭگونىڭ مال كېمىسىنى چۆكتۈرىۋەتتى! كېمىدىكى نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى!
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگونىڭ «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق بىر مال كېمىسى رۇسىيە دېڭىز رايونىغا يېقىن جايغا كەلگەندە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرىۋېتىلدى، كېمىدىكى 10 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە ئەزالىرىدىن ئۈچى بەختكە يارىشا قۇتۇلدۇرىۋېلىندى، قالغان يەتتىسى بولسا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمە رۇسىيە چىگرا-مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ توپچى كېمىلىرىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئاندىن بىر يانغا قىيسىيىپ چۆكۈشكە باشلىغان. تېپىلغىنى «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمىدىكى جۇڭگولۇق كېمە ئەزاسى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيەنىڭ خونسىيو ئارىلىنىڭ قىرغىقىدىن تېپىلغان.  
    جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قايتۇرغان ئىنكاسى شۇ بولدىكى شۇ ئىشتىن كېيىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،  جۇڭگو تەرەپنىڭ «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمە ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنى نامەلۇم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە تۆلەم توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتنى كۆرگىلى بولمىغان.
   رۇسىيە ۋېيتنام بىلەن بىرلىشىپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى تالىشىشقا قول تىقتى
   2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام جەنۇبىي جۇڭگودا تىركىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا، رۇسىيە ۋېيتنامنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈردى. «كىلو» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ۋېيتنامغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ تېخى رۇسىيە تەرەپنىڭ ۋېيتنامغا تەمىنلىگەن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس، رۇسىيە يەنە ۋېيتنامنىڭ ئاتالمىش «سۇ ئاستى كېمىسى قىسمى» قۇرۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى ۋېيتنام بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىككى چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز رايونىنى ئېچىش توغرىلىق كېلىشىم تۈزگەن. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئىستراتىگىيلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغان، ئەمما ئاكتىپلىق بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا كىرىپ، جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئارىلاشقان. رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئېنىقلا ئەخلاقسىزلىق ۋە نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە ۋېيتنام ھەر يىلى رۇسىيەدىن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېيتنام رۇسىيەنىڭ قورال ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. رۇسىيەنىڭ ۋېيتنامغا تەمىنلىگەن قوراللىرىنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر ئىلغار، ئىقتىدارى ھەتتا جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان قوراللىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، كۆپ قىسمى ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللار  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «كىلو» دەرىجىلىك سۇ ئاستى كېمىسى، «يالتىراق قوڭغۇز» دەرىجىلىك چارلاش كېمىسى، «چاقماق» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېمىسى ۋە «قاپلان 3.9» دەرىجىلىك قوغداش كېمىسى قاتارلىقلار بار. كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى رۇسىيەنىڭ ۋېيتنامغا ئېكىسپورت قىلغان ئالتە دانە «كىلو» دەرىجىلىك دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدىغان سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ ئىقتىدارى ئىلغار، «ئوكياندىكى قارا ئۆڭكۈر» ناملىق كېمە بولسا ئىنتايىن تىنىچ، كېمە ۋە قىرغاقتىكى «كۇلۇب»قا ھۇجۇم قىلالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋېيتنامنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان 20 نەچچە Su-30MK تىپلىق كۆپ خىل قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى بار بولۇپ، جەڭ قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، سەپلەنگەن ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئىلغار، ئوق-دورا قاچىلاش مىقدارى چوڭ، فازىلىق قاتار رادار ئىقتىدارى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا بوشلۇقى، يەر يۈزى ۋە دېڭىزدىكى كۆپ خىل نىشانلارنى ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. يەر يۈزى ۋە دېڭىزدىكى نىشانغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، «ئېتىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن كارى بولمايدۇ»غان تېلېۋىزوردا كونترول قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇ ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۇلترا كۆرۈش ئارىلىقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىچىدىكى كوزۇر ھېسابلىنىدۇ.
   رۇسىيە بىلەن ۋېيتنامنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ۋېيتنامنىڭ سۇ ئاستى كېمە قىسمى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، سۇ ئاستى كېمە ماتروسلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش، سۇ ئاستى كېمە بازىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارمۇ بار. ئەقلى ئويغاق كىشىلەر بىر قاراپلا ۋېيتنام سېتىۋالغان بۇ قوراللارنى ئاساسلىقى جۇڭگودىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ماجىراسى بىر پەسىيىپ، بىر كۈچىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئىلغار قوراللار جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كېمىلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
    رۇسىيە ئېنىرگىيە مەسىلىسىدە جۇڭگونى نا ئۈمىدتە قالدۇرۇپ كەلدى
   رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن سانت پېتېربۇرگ خەلقىئارا ئىقتىسادى مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە نېفىت شىركىتى 25 يىلغىچە ھەر يىلى جۇڭگونى 46 مىليون توننا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. شۇ چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ توختامنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن جۇڭگو سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى، چۈنكى ئەگەر رۇسىيە جۇڭگوغا ھەر يىلى 46 مىليون توننا خام نېفىت سېتىپ بەرسە، بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش، ئەمما پۇتىننىڭ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىپ قويغان بولۇشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايتتى، چۈنكى پۇتىن ئېنىرگىيەنى ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتە ئەزەلدىن گېپىدە تۇرماي كەلگەن ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت يەتكۈزۈش تۇربىسى ئىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. سۆھبەتنىمۇ ئۆتكۈزدى، كېلىشىمنىمۇ تۈزدى، ئەمما بۇ جەرياندا رۇسىيە كۆپ قېتىم گېپىدىن يېنىۋالدى، گېپىدىن يېنىۋالدىلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان ياپونىيەنىمۇ سۆرەپ كىرىپ، «ئىككى تەرەپنى تۇتۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئوتتۇرىسىدا پايدىغا ئېرىشمەكچى» بولدى.
2003-يىلى خودوركوۋسكى باشچىلىقىدىكى يوكۇس نېفىت شىركىتى جۇڭگو نېفىتچىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى، يوكۇس شىركىتى يىللىق نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارى 50 مىليون توننا بولغان رۇسىيەنىڭ ئانگارسك نېفىتلىكىدىن جۇڭگونىڭ داچىڭ نېفىتلىكىگە نېفىت يۆتكەش لىنىيەسىنى ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ خام نېفىتىنى جۇڭگونىڭ داچىڭ نېفىتلىكىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يۆتكىمەكچى بولدى. ھالبۇكى بۇ ئۇلۇغۋار پىلان قۇرۇق گەپ بولۇپ قالدى، خودوروۋسكىمۇ ياۋروپاغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە، ئانگارسك-داچىڭ لىنىيەسىگە ئوخشايدىغان جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت تۇربىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەمما ئەسلى دېيىلگەندىكىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى، جۇڭگوغا نېفىت يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا جۇڭگو تارماق لىنىيەسىگە ئۆزگەردى، شۇنداقلا نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارىمۇ 30 مىليون توننىغا چۈشۈپ قالدى.
    پۇتىن جۇڭگوغا نىسبەتەن «ئېنىرگىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللاندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى تۇربا لىنىيەسىنى تالىشىشقا كۈشكۈرتتى، يەنە ياپونىيە بىلەن يىراق شەرققە نېفىت يەتكۈزۈش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان پىلانىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنى ھىندىستان غايەت زور پىلان «ئىران-پاكىستان-ھىندىستان» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ قىلغانلىرى تېز سۈرئەتتە رايون خاراكتېرلىك تەبىئىي گاز بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئاخىرىدا دۇنيا بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.
رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ھە دېسە جۇڭگوغا قارا قولىنى سوزىدۇ؟ رۇسىيەنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى ئەزەلدىن دوستلۇق ئەمەس، بەلكى پايدا-مەنپەئەت، بىز بولساق دوستلۇقنى زىيادە ئەلا بىلگەچكە باشقىلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە بولغان ھۇشيارلىقىمىز تۆۋەن. رۇسىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە دوستلۇق دېگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە دۆلەت مەنپەئەتى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك، ئەمما بىز بولساق دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىدە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايمىز.  
     رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن ئىلگىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشسە، پۈتۈن دۇنيا خاتىرجەم ھالدا ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئەمما جۇڭگو شۇنداق قىلالامدۇ؟

مەنبە: مەبلەغ سېلىش ۋە كاپىتال مۇنبىرى تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:14:38

مانا موشۇنداق ئىش:

رۇسىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى كوچىدىلا قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى




      رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پايتەخت
قوغداش ئورگىنىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، رۇسىيىلىك سىياسىيون، سابىق بىرىنچى قول مۇئاۋىن زۇڭلى، ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ سىياسىي داھىيسى-نېمزوۋ 27-چېسلا كۈنى كەچتە موسكىۋادا قەستكە ئۇچرىغان بولۇپ،ئۇنىڭغا تۆت پاي ئوق تېگىپ ئۆلگەن.

     خەۋەردە ئېيتىلىشىچە:< سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىرەيلەن موسكىۋانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ۋاسلىيىۋ داۋىنى ئەتراپىدا
نېمزوۋغا قارىتىپ تۆت پاي ئوق چىقارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى
قانات يايدۇرغان>.

    ۋەقە يۈز بەرگەن جاي كىرىمۋىل سارىيىدىن ئۇنچە يىراق ئەمەس بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ
ۋەقە يېرىم كېچىگە يېقىن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا قوراللىق قاتىل ماشىنىدا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پىيادە كېتىپ بارغان نېمزوۋغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، نېمزوۋنىڭ دۈمبىسىگە تۆت پاي ئوق تەگكەن بولۇپ، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى قامال قىلغان، نېمزوۋنىڭ جەسىتىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە قارا رەخت يېپىپ قويۇلغان ئىكەن.
        يەنە باشقا خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ قاتىللىق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇ < باشقىلار قاتىل ياللاپ بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان> دەپ كۆرسەتتى
http://www.nur.cn/news/2015/02/211492.shtml

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 22:52:09

بۇ تىما ئەمدى ساپلىشىپتۇ .خالىس باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر.:)

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 06:18:59

بىر قىسىم ياۋايىلار پارچىلىنىپ قۇتۇلالىسا مەيلىتى.
مەن بۇندىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن تۈركىيە ۋە شەرقى ياۋرۇپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قالقاننىڭ ئىرانغا ئەمەس رۇسىيگە  قارىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلغان. مانا ئەمدە ئوكرائىنا كىرزىسى بىلەن پەرزىم تېخىمۇ توغرا چىقتى.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 16:29:42

2015-يىلى تاماششاھ قىززىيدىغاندەك تۇردۇ {:87:}

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:48:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 10:56  

ھىلقى قارشىمنى ساقلاپ قالدىم ، ش ئا ئە تى  روسىيەنى قىتۋالماقچى
ئەينى ۋاقىتتا ئامرىكا سۆۋىتنى پارچىلمىدى بەلكى ئۆزى پارچىلنىپ  كەتتى ،  
2015 يىلدىكى مودا سۆز چىقىپ بولدى مەنچە  

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:53:44

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 21:29 static/image/common/back.gif
مەنچە ئامېركىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى رۇسىيەنى بىر تەرەپ ق ...

سىز ماسۇنلارنى دىمەكچىمۇ؟

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:47:40

  ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك كىشلەرنى دىمەكچى  ئۆزەمچە

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:50:39

281151976ar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 10:53 static/image/common/back.gif
سىز ماسۇنلارنى دىمەكچىمۇ؟

رۇسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسنىڭ ئۆلىمىمۇ  ئادەتتىكى قەسلەش ئەمەس ......
   

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:19:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 18:28  

شۇ كىشلەرنڭ گىپنى قىلىپ بەرسەڭلەر بولتى دەيمەن  ، شۇ يىرى بەك كام بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، دەيمەن
ئەلۋەتتە دۇنيانى كونتۇرۇل قلىۋاتقان ھەم كونتۇرۇل قىلماقچى بولغان كىشلەر بار بۇ ئىنق ئىش ،  شۇ كىشلەر ھەققىدە تىما يوللانسا ياخشى بولاتتى مەيلى ماسۇن شۇلار بولسۇن بولمىسۇن ئەممە شۇنداق كىشلەرنىڭ بارلىقى ئىنق،
ھازىر دۇنيانى كونتۇرۇل قىلىش دىگەن سۆز ئامرىكا  ، ش ئا ئە تى دىگەنلەردىن ھالقىپ مەلۇم شەخسلەر ھەم مەلۇم تەشكىلاتقا كونكىرتلىشۋاتدۇ ، بۇمۇ ئىنسان ئاڭ سەۋيەسنىڭ يۇقىرلاۋاتقىندىن بولسا كىرەك.

دۆلەتلەر ئۇرۇشتا ھالەك بولغان بولسا ھازىر تەخىتلەر ئاسانلا ئالمىشىپ شۇ دۆلەتنىڭ رەقىبلىرى ئاسانلا مەقسەتكە يەتمەكتە بۇنىڭغا ئەقىل ھەيران سايە تەشكىلاتتىن گۇمانلىنشمىز تەبىئى .بۇ كۇچ يڭى زاماندىكى قۇدرەتلىك كوتوگىريە بولسا كىرەك؟

azrael يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:20:17

azrael يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:22:19

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:31:05

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 17:47 static/image/common/back.gif
ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك كىشلەرنى دىمەكچى  ئۆزەمچە

سىزمۇ مەندەك پەرەزچى كەنسىزدە:lol  پاكىتچىلار بەك نوچى سۆزلەيتى،:Q  شۇنىسى يوقتە ئۇلار

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 19:33:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 20:34  

ئۆكتىچىلەرنىڭ  داھىيسى-نېمزوۋنىڭ قوللىغۇچىللىرى كۇچىغا چىقتى .......

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzAxNTAwNzE4NQ==&mid=206960456&idx=3&sn=f8693ea6615defc202b1148a451b97d5#rd

kasim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:25:05

مەن يازغان ئىنكاس تەستىقلانماپتىغۇ؟
بەت: 1 [2] 3 4 5
: ئامېرىكا رۇسىيەنى پارچىلىماقچى