bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:10:11

NASA: دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟


دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى

بۈگۈن (يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 18-فېۋرال كۈنى) بىزنىڭ باش مەمۇرىي ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج (David Rutledge) بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردى.  دوكلاتنىڭ تېمىسى «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» بولۇپ، بۇ دوكلات جەمئىي بىر سائەت داۋاملاشتى.

دەيۋىد بۇ ساھەنىڭ بىر تونۇلغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىنژېنېرلىق ۋە قوللانما پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن (ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلار بىر مەزگىل پروفېسسور، بىر مەزگىل فاكۇلتېت مۇدىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋېرىدۇ.  بۇ ھەرگىزمۇ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىك بولمايدۇ. يەنى فاكۇلتېت مۇدىرى بىلەن پروفېسسورلارنىڭ ئاساسەن ھېچ قانداق پەرقى يوق).  ئۇ نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار تەييارلىغان ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە كەسپىي ئانالىزلار ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر توپلىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


1-رەسىم: دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج ئىلمىي دوكلات بېرىش ئالدىدىكى بىر كۆرىنىش.

ھازىر «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە كۆپ سانلىق كىشىلەر قوبۇل قىلغان قاراش مۇنداق:  يۇقىرىدىكى يېقىلغۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ھازىرقى سەۋىيىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر بايلىق مەنبەسىدە چوڭ بېسىم يۈز بەرمەيدۇ.  يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان كاربون تۆت ئوكسىد (ياكى بىر نەرسىنى كۆيدۈرگەندە چىقىدىغان ئىس) مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ 2150-يىللىرىغىچە يۈز بەرمەيدۇ.  

ئەمما دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى مۇشۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روشەن ھالدا ئازلايدۇ.  يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا يۈز بېرىدۇ. ئەمما، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان يامان ئەھۋاللارنىڭ ھاۋا-كىلىماتىغا بولغان تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىشلەر يەنىلا بىر قىسىم جىددىيلىكنى پەيدا قىلىدۇ.

دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى 60 يىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسىنىڭ 90 پىرسەنتى تۈگەپ بولىدۇ.  يەنى، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنىڭ زاپىسى ئەسلىدە بار بولغان بايلىق مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

2013-يىلى جۇڭگو بىر يىل ئىچىدە كۆيدۈرگەن كۆمۈرنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا شۇ يىلى كۆيدۈرگەن كۆمۈر مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەك ئىكەن.

ھازىر تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى» (renewable energy source) دەپ ئاتىلىدىغان، قۇياش نۇرى، شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، يامغۇر ۋە دولقۇندىن توك چىقىرىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ 10 پىرسەنت ئەتىراپىغا ئاپىرىپتۇ.  ئۇ دۆلەتلەردە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىمۇ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتىراپىدا ئىكەن.


2-رەسىم: ئامېرىكىنىڭ «نېۋادا» شتاتىدا بىر يىل ئىچىدىكى 365 كۈننىڭ كۆپىنچىسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ.  ناسا بىر قېتىم ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ئەگەر نېۋادادىكى كەڭلىكى 440 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقىمۇ 440 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايغا قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان تاختايلارنى ئورناتسا، ئۇنىڭدىن چىققان توك بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ھازىر نېۋادانىڭ بىر يېرىدە ئاشۇنداق تاختايدىن بىر مىليوندىن كۆپرەكى ئورنىتىپ بولۇندى.  بىز تۇرىۋاتقان لوس ئانژېلىس بىلەن دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋېگاسنى تۇتاشتۇرىدىغان يولنىڭ بويىدىمۇ ئاشۇنداق بىر جاي بار بولۇپ، مەن ئۇ جاينى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا بىر قېتىم كۆردۈم.  مەزكۇر رەسىمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما نېۋادادىكى ئاشۇنداق جاينىڭ بىرسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.


3-رەسىم: بۈگۈن مەن مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلىغىلى بارسام، نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىزنىڭ ئىدارىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتىپتۇ.  بۇ رەسىمنى شۇ چاغدا تارتىۋالدىم.


4-رەسىم: بۈگۈنكى ئىلمىي دوكلات يىغىن زالىنىڭ چۆرىسىگە كۆپلىگەن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ مودېللىرى قويۇلغان بولۇپ، مەن «1-نومۇرلۇق سەپەرچى» نىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدىم.  شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسىمنى تارتىۋالدىم.  بۇ رەسىمدىكى «ئالتۇن تەخسە» ھەققىدە مېنىڭ «تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بىر قىسىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئۇ ماقالىنى  تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html

ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار ئۈچۈن: تۆۋەندىكى پروفېسسور دەيۋىدنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى:

Professor David Rutledge is the Tomiyasu Professor of Engineering at Caltech, and a former Chair of the Division of Engineering and Applied Science. He is the author of the textbook Electronics of Radio, published by Cambridge University Press, and the popular microwave computer-aided-design software package Puff. He is a Fellow of the IEEE, a winner of the IEEE Microwave Prize, and a winner of the Teaching Award of the Associated Students at Caltech. He served as the editor for the Transactions on Microwave Theory and Techniques, and is a founder of the Wavestream Corporation, a manufacturer of high-power transmitters for satellite uplinks.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:00:49

  بۇ ھەممە ئادەم كۈڭۈل بۈلىدىغان مەسلىكەن، ئىنىرگىيە تىجەش ئۈچۈن بىنا ۋە زاللارنىڭ ئۈستىگە قۇياش باتارىيسى سەپلەش ئاقىلانىلىك، ئەمما بىر ۋات قۇياش باتارىيسىنى ياساش تەننەرخى بىلەن چىقىرىپ بېرىدىغان ئىنىرگىيە تەننەرخى بىر مەسلە...
ھازىرقى جىدەللەرنى روسيەدىكى نىفىت قاتارلىق بايلىقلارنى تالىشىش دەپ ئويلىدىم. مىنىڭ قارىشىمدا چوڭقۇر دىڭىز ئاستىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋاتقان سۇلارمۇ بىر يەرلەردىن نىفىت بۇلۇپ چىقىپ تۇرامدىكىن دەپ قالىمەن، خۇددى زەم-زەم سۈيىدەك، سۇنى بىر باشتىن قۇيسا يەنە بىر باشتىن زەم-زەم بۇلۇپ چىقىۋاتقىنىدەك، شۇنداقتىمۇ چىكى باردۇ بەلكىم...

aktirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:10:52

ئامىرىكىدا يېقىنقى يىللاردا يەنە بىر خىل شەل يېقىلغۇسى دەيدىغان بىر خىل يېقىلغۇ چىقىشقا باشلىدى، بەلكىم بۇ خىل يېقىلغۇ كىيىنچە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىشى مۇمكىن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:34:59

بەلكىم بۇندىن كىيىن باتاريە دەۋرى بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.
1.مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ.2. كارخانلارغا ئىختىسادىي قىممەت ئىلىپ كىلىدۇ.3.نىفىتتىن ئەرزان.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:59:33

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:34 static/image/common/back.gif
بەلكىم بۇندىن كىيىن باتاريە دەۋرى بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. ...

  قاتناشنىڭ كۈپىنچىسى ئىلىكتىرلىشىدۇ، چۇنكى توپلاشتۇرۇپ ئىلىكتىر چىقىرىشقا سەرىپ قىلىنىدىغان يىقىلغۇ مىقتارى پارچە يىقىلغۇ قىلغاندىن كۆپ ئاز تۇختايدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:14:59


ھازىر تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى» (renewable energy source) دەپ ئاتىلىدىغان، قۇياش نۇرى، شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، يامغۇر ۋە دولقۇندىن توك چىقىرىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ 10 پىرسەنت ئەتىراپىغا ئاپىرىپتۇ.  ئۇ دۆلەتلەردە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىمۇ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتىراپىدا ئىكەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا،
بۇ ساھەگە قىزىقىمەن، مېنىڭ «يېڭىلانغىلى بولىدىغان ئېنىرگىيە» مەنبەلىرى ھەققىدە project proposal (ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم) لىم بار ئېدى. يادىڭىزدا بولسا، ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ ھەقتە سىزدىن قانداق قىلىپ بۇ پروجېكىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىم توغرىسىدا سىزگە مەسلەھەت سالغان ئېدىم...

شۇنداق قىلىپ، بۇنى بۇ يەردىكى، يەنى تۈركىيەدىكى مەخسۇس كەسىپتىكى ۋە باشقا پروفېسسورلارغا،  ئەنقەرە غازى ئۇنۋېرستىت TTO  دىكى تۈر باھالىغۇچىلارغا كۆرسۈتۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئېدىم. بىلىسىز بەلكىم، تۈركىيەنىڭ مەخسۇس TUBITAK دەپ ئېدارىسى بار. شۇ ئېدارىگە مۇشۇ ئاپرىلدا مەخسۇس تۈر پىلانى يېزىپ تاپشۇرۇشۇم لازىملىقى ئېيتىلغان ئېدى..

مەن بۇنىڭغا پاتېنت ئالماي تۇرۇپ بىر قانچە كىشىگە ئاشكارلىغاچقا ھەمدە كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان پىلان بولغاچقا بىۋاستە تۈركىيە ھۆكىمىتى باش مېنىستىرلىكىگىچە بېرىپ قىسقىچە ئىلتىماس سۇنغان ئېدىم. ھالبۇكى،  ئىككى-ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى ھازىرغىچە جاۋاپ ئالالمىدىم ۋە سۈرۈشتىسىنىمۇ قىلىپ بولالمىدىم..

دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، مەن بۇ ساھەگە كىرىپ مەخسۇس مۇشۇ تۈرئۈچۈن ئىشلىگۈم بار بولسىمۇ، ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىم بۇنىڭغا يار بەرمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.. تۈركىيە ھۆكىمىتى ۋە بۇ يەردىكى پروفېسسورلار قانچىلىك ياردەم بېرەلەيدۇ، بىلمەيمەن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يەردىكى پروفېسسورلار ياردەم قىلمايدۇ، ھۆكىمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بولسا پەقەت پروفېسسورلار، بولۇپمۇ شۇ ساھەدىكى پروفېسسورلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان پروجېكىتلەرگە قارايدۇ ۋە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. دېمەك، مەن بۇ پروجېكىتىمنى ئوچۇق قىلىپ يېزىپ بېرىپمۇ مەخسىدىمنى ھۆكۈمەت تەرەپكە ئاڭلىتالماسلىقىم مۇمكىن..

مەن يەنە سۈرۈشتىسىنى قىلىپ باقىمەن، شۇنداقتىمۇ قىزغىنلىقىم پەسكويغا چۈشۈرۈلۈپ قېلىنىشىدىن قورقىمەن..
بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئېنكاس قىلىپ يېزىۋاتىمەن؟ بەلكىم كۆڭلۈمدىكى شۇ گەپنى دېۋالغۇم كەلگەندۇ، ياكى سىزدىن بىرەر پايدىلىق ئۇچۇر ياكى ياردەم بولۇپ قالار دەپ ئويلىغاندىمەن.. مەن نەگە، نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى تولۇق بىلىپ بولالماي، پۇت-قولۇم باغلانغاندەك ئارماننى ئىچىمگە يۈتۈپ تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭ سىزدىن كىچىككىنە ئۆتۈنۈشىم، ئامېركىدا مۇشۇ ساھەدىكى پروفېسسورلارغا مۇشۇ project proposal نى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بولۇپ قالسا مۇشۇ تۈر ئۈچۈن ئىشلەش ئىمكانى بارمىدۇ؟ ياكى « يېڭىلىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرى»، «global warming»، «ئېنىرگىيە كىرزىسى» ... دېگەن گەپلەر راستىنلا «چاقچاق» مۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:31:18

ئۇنىڭغىچە مەنمۇ ئۇدۇنيالىق بولغىدەكمەن ،لىكىن ماۋۇ قىزىم بىلەن ئوغۇللىرىم ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرى،نەۋرىلىرى  قانداق قىلا ر.:'(:'(:'(:'(

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:21:29

تىرناقچىلىق يادرۇ نەچچە يۇز ماشىنا كومۇرنىڭ ئىنىرگىيىسى بىلەن تەڭ دەيدۇ بىزنىڭ مەھەللىك كەرىم مەمور  راسمىدۇ :funk:

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:39:46

بۇلار نەتىجىنى ھازىرقى ئىنىقلانغان زاپاس بايلىق مىقدارىغا ئاساسەن چىقارغانمۇ ؟ تىخى بايقالمىغان يەر ئاستىدىكى بايلىقلارمۇ كۆپ بولىشى مومكىن

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:02:22

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 22:39 static/image/common/back.gif
بۇلار نەتىجىنى ھازىرقى ئىنىقلانغان زاپاس بايلىق مىقدا ...

شۇنداق بولىشى ئېنىق.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:26:27

بۇلارنىڭ ئىنىرگىيەدىن باشقا  سانائەت خام ئەشياسى بولۇش رولىمۇ چوڭ ، ئەگەر نىفىت تۈگىسە سانائەتتە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك باشقا خام ئەشىيا بارمۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:48:16

مىنىڭ كەسپىممۇ ئىنىرگىيەگە ئۇلىشىپ قالىدىغان يېرى بولغاچ ئىنىرگىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كىيىنكى يۈلىنىشى دىگەندەك مەزمونلارغا خېلى دېققەت قىلىمەن.
مىنىڭ ھازىرغا كەلگىچە كۆرگەن ماتىرياللىرىمغا ئاساسلانغاندا ، بۇ دوكلاتنى بەرگەن كىشىىڭ بىلىمىدىن گۇمانلانمىساممۇ سەمىمىيىتىدىن قاتتىق گۇمانلىنىمەن.
ئىنىرگىيە(توك) ئىشلەپچىقىرىش نەرقى بىلەن ھىساپلىغاندا 1 كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىشقا كۈمۈر نېفىت تەبىئى گاز قاتارلىقلارنىڭ نەرقى 0.1 دوللار ئەتراپىدا بولسا،قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ئىشلەپچىقىرىش نەرقى  بۇنىڭدىن 4-5 (0.3-05 دوللارغىچە) ھەسسە يۇقىرى.بۇندىن كىيىنكى نىفىت قاتارلىق يېقىلغۇلار باھاسىنىڭ ئۈسىشى قايتىلىنالايدىغان ئىنىرگىيە مەنبەلىرىگە تەرەققى قىلىش پۇرسىتى بېرىدىغان بولسىمۇ قۇياش ئېنىرگىيەسىنىڭ نۆۋىتىگە بەك يىراق ئىدى.شۇنداقلا بۇنداق شارائىتتا بۇنداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى مەلۇم بىر مونوپول گوروھنىڭ(مەن سۈيقەست نەزىرىيىسىنى يۇمۇر قاتارىدا كۆرۈپ قويىمەن.) ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئۇيىنىمىكىن دەپ پەرەز قىلماي تۇرالمايمەن.

ئامرىكىدا شەل گاز دەپ گاز چىقتى.
ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپ ئاران بىر ئەرزان باھادا قېزىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ ئەمدى ئۇمۇملاشتۇرىمىز داۋاتقاندا گاز قۇدۇقى ئەتراپىدىكى رايۇنلاردا تولا يەر تەۋرەيدىغان بولۇپ قالدى دىگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغان بولدۇق.بۇنىسىنى توغرا چۈشىنىمەن.ھازىرقى بۇرغىلاش ئۇسۇلىدا يەر تەرۋەشتىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مومكىن.
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامرىكىنىڭ پەردا ئارقىسىدىكى غوجىداردىن بىرى ئوتتۇرا شەرىققە بېرىپ بىرقانچە ئەرەپ قەبىلە باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كىلىۋىدىلا نېفىت باھاسى دەھشەت چۈشۈشكە باشلىدى......ئەسلىدە نېفىت باھاسى 100 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ بەرسە،قېزىش تەننەرقى 50-60 دوللار ئەتراپىدىكى شەل گازىنىڭ قېزىلىشى نورمال ئىش ئىدى.20 دوللارغا چۈشسىمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمايمىز دەپ جار سېلىۋاتقان قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ نەچچە 10 يىلدىين بېرى يىغىپ قويغان بىساتى بىلەن نېفىت باھاسى تۈۋەن بوپ كەتسىمۇ 5-10 يىلغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە  نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن پۇلىنى شامالغا سورۇپ بولغان   يىڭى چىققان شەل گاز شىركەتلىرىنىڭ پاي ئىگىلىرى ئالدىمىزدىكى 3 يىل ئىچىدە بىنانىڭ ئۈستىگە چىقماقتىن باشقا يولى قالمايدۇ............

ياپۇنىيەدە يادرو ئىنىرگىيەسىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك توغرىسدا تالاش تارتىش خېلى قىزىق نۇقتا.
مەن شەخسەن ھازىرچە ئىشلىتىپ تۇرۇشنى ئامالسىزلىقتىن  قوللىساممۇ،بۇنداق ئىپتىدائى تىپتىكى توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يەنە 10 بەك كىچىككەندىمۇ 20 يىلدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولىشىغا يول قويماسلىق كېرەك دەپ قارايمەن.يادرو ئىلىكتىر ئىستانسىسى دىسە بەلكىم بەك زامانىۋى ئاڭلىنىشى مومكىن.يادرو ئىلىكتىر ئىستانسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى يادرو يېقىلغۇسىنى رىئاكسىيەلەشتۈرۈش،چىققان ئىسىقلىقتا سۇ قاينىتىش،سۇ پارىدا چاقپىلەكنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىش..........100 يىل بۇرۇن بولغان بولسا مودا بولسىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەستى .ھازىرمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بوپ تۇرىشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ.

ئۇمۇ بولمايدۇ بۇمۇ بولمايدۇ دەپ قويۇپ سىنىڭ بىرەر ئامالىڭ بارمۇ دىسە مىنىڭمۇ يوق:lol
ئىشقىلىپ مىنىڭ ھېس قىلغىنىم ھازىرغىچە بار بولغان ئىنىرگىيە مەنبەلىرى ۋاقتىنچە ياماق سېلىشقا بولىدۇ.نىفىت كۈمۈر قاتارلىقلار تۈگىسە ھېچقايسىسى ھېچنىمىگە پايلىمايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:51:07

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 16:14 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا،
بۇ ساھەگە قىزىق ...

تۈر دىسىلا بولامدىكى :lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:15:48

يەنە بىر دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا.
ئامرىكا قاتارلىق تەرەققى تاپقان ئەللەر جۇڭگونىڭ دۇنيا كۈمۈر ئىستىمال مىقتارىنىڭ دۇنيا ئىستىمال مىقتارىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى،ھىندىستاننىڭمۇ بۇندىن كىيىن ئېشىش مومكىنچىلىكىنىڭ چوڭلىقىنى بەك تەكىتلەپ تۇرۋېلۋاتىدۇ.ئەمما كىشى بېشىغا كىلىدىغان ئىنىرگىيە مىقتارىنىڭ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا جۇڭگونىڭ 3-5 ھەسسىگىچە ،ھىندىستاننىڭ 10 ھەسسىگىچە بولىۋاتقانلىقىنى قەستەن ئېغىزغا ئالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئافرىقا پۇقرالىرىنىڭمۇ ئامرىكا ياۋرۇپا ياپۇنىيەلىكلەردەك ئىنىرگىيەدىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەققى بار.مۇشۇنداق بولغىنىدا دۇنيا نوپوسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈتۈرۈلۈپ چىقىشى دۇنيا ئىنىرگىيە كىرزىسىنى تېخىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلىتىشى مومكىن.

نىفىت قاتارلىقلار قانچىلىك يىتىدۇ.مەن بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن.1970-يىللىرىدىن باشلاپ كۆپ بولسا 50 يىلدا تۈگەيدۇ دەپ كىلىنىۋېتىپتۇ.بەلكىم بۇ قېتىم راستىنلا 50 يىلدىن كىيىن تۈگەر..........

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:38:24

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-02-20 12:15:48 static/image/common/back.gif
يەنە بىر دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا.
ئامرىكا قاتارل
لىكىن زايا قىلىش بەك ئېغىر، قىممەت تەخسىملىشى ئادالەتسىز، ئۈنمدارلىقى بەك تۆۋەن…بىركۈنى جاجىسىنى تارتىدۇ.

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 13:44:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adilkozeynek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 13:54  

مېنىڭچە ئاتوم ئىنىرگىيەسىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى ئويلىشىش ئۇنىڭ «ئىپتىدائى»لىغىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن چىققان رادىئوئاكتىپلىق ئەخلەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىن بولىشى ۋە چاتاق چىقسا تەبىئەتكە ۋە جانلىقلارغا مىسلى كۆرۈلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاپەت ئېلىپ كىلىشىدە. چېرنوبىل بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ.
ئاتوم ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپقىلىش ئەڭباش ئاغرىتىدىغان مەسىلە. ئەڭباشتا ئۇ ئەخلەتلەرنى ئافرىقا قاتارلىق ئەللەرگە ئاپىرىۋېتىپبىر تەرەپ قىلغان بولدى. لېكىن ھازىر ئىنسانلار بۇ رادىئوئاكتىپلىق ئەخلەتلەرنىڭ خەتەرلىكلىگىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەچكە، گىرمانىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بۇ ئىنىرگىيە مەنبەسىدىن ۋاز كەچمەكتە.
بۇنىڭ خەتىرى رادىئوئاكتىپلىق زەھەرنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىمۇ يوقىمايدىغانلىغىدا شۇنداقلا ياپونىيەدىكىدەك ۋەقە يۈز بەرسە، باشقۇرغىلى بولمايدىغانلىغىدا.
بۇ ئېنىرگىيەنىڭ ئۇرنىغا باشقا قانداق سەپلىمە ئىنىرگىيە قويۇشمۇ بىر باش قاتۇردىغان مەسىلە.
يىقىندا بىر خەۋەردە دىڭىز سۈيىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان تېخنىكا باردىگەندەك قىلغان. راست شۇنداق بۇلسا ئىنسانلار نۇرغۇن باش ئاغرىغىدىن قۇتۇلاتتى.

ئالدىدىكى ئىنكاسىم نىمىشكە ئۈچۈرۈلۈۋەتكەندۇ؟!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 13:55:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 13:57  

Adilkozeynek يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 13:44 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئاتوم ئىنىرگىيەسىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى  ...

گىرمانىيەنى ياردو ئىنىرگىيەسى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك مەسلىسىدە ئىككىنچى پەسكەش دۆلەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىرىنچىس بولۇپ گىرمانىيە فىرانسىيەدىن توك سىمى تارتقان.فىرانسىيەدىكى يادرو ئىلىكتىر ئىستانسىنىڭ تەمىنلەش نىسپىتى 80-90 % كە يىتىدۇ.ئۈزى ئىشلەتمىسىلا بولامدۇ؟بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئەخلىتىنى ئافرىقىغا ئاپارغانلىقى بىلەن نىمە پەرقى؟
ئىككىنچىسى
گىرمانىيە ئىقدىسادى ياردەم قىلغان باھانە بىلەن پولشا چىخ قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۈمۈر ئىلىكتىر ئىستانسى قۇرغان.بۇ توكلارنىڭ بىر قىسمى ئەلۋەتتە گىرمانىيەگە ئاقىدۇ.بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسلىسىگە كىم ئىگە؟

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:50:01

غەرپنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:51:34

دىگىنىڭىزگە قوشۇلىمەن. ئالدىدىكى ئىنكاسىمنى ئۈچۈرۈۋېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭدا مەن " ئىنىرگىيە" دىگەن تىمىنىڭ كەينىدە سىياسى مەقسەقلەر ۋە بازار مونوپوللىغى يۇشۇرۇنغاتن دىگەن ئىدىم.
ھازىرقى دۇنيا « پۇلى بارنىڭ گېپى چوڭ...» بولۇپ قالدى. شۇڭا مەن بىرەر سىتاتىكىلارنى كۆرسەم يا ئاڭلىسام ئۇنى كىم ئوتتۇرىغا قويغانلىغىغا ئەھمىيەت بىرىمەن. بەلكىم يۇقۇرىدا دىگىنىمدەك دىڭىز سۈيىدىن ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىش مۇمكىندۇ. لېكىن ئۇ غوجاملارنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كىلىدىغان بولغاچقا، خۇددى شىل بىنزىندەك باستۇرۇلۇپ قويۇلغاندۇ....

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:07:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 10:40  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:48 static/image/common/back.gif
مىنىڭ كەسپىممۇ ئىنىرگىيەگە ئۇلىشىپ قالىدىغان يېرى بول ...

مىنىڭ ھازىرغا كەلگىچە كۆرگەن ماتىرياللىرىمغا ئاساسلانغاندا ، بۇ دوكلاتنى بەرگەن كىشىىڭ بىلىمىدىن گۇمانلانمىساممۇ سەمىمىيىتىدىن قاتتىق گۇمانلىنىمەن.

= ======================= =

دەيۋىد ئۆز دوكلاتىدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن ئىلمىي دوكلاتلار ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېماتىكىلىق مودېللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.  ئۇ دوكلاتلارنىڭ ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىمۇ بار.  يېڭى ئېنېرگىيە تەتقىقاتى ۋە يەر شارى ئىلمى جەھەتتە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن ج پ ل دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شەخسىي مەكتەپ بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە قارىمايدۇ.  شۇڭلاشقا دەيۋىدكە ئوخشاش كىشىلەرگە باھا بەرگەندە سەل ئېھتىياتچان ۋە ئىلمىي بولغان ياخشى.

بەت: [1] 2 3
: NASA: دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟