ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:30:53

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:48 static/image/common/back.gif
مىنىڭ كەسپىممۇ ئىنىرگىيەگە ئۇلىشىپ قالىدىغان يېرى بول ...

  ھەي زىيالى ئاداش، ئۈتكەندە مەن7 يىل بولغان تۈر دەپ ئېلان قىلغان ئىسسىغلىقتىن پايدىلىنىدىغان نەرسىنىڭ تېخنىكىسىدىن قاتتىق گۇمانلانغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. شۇ تېخنىكا ئامىركىلاردا بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بۇپ كىتىپتۇ...

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:48:41

زىيالى بۇرادەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خېلى ئاساسىي بار ... 2 يىلنىڭ ئالدىدا  « ئېنىرگىيە ئۇرۇشى» (ئامېرىكىلىق يازغان ) دېگەن كىتابنى ئوقۇغانتىم ، شۇنىڭدىمۇ نېفىتكە ئائىت نۇرغۇن بىز ئۇقمايدىغان ئىشلار يېزىلغان ئىكەن ،، ئۇنىڭ ئىچىدە  « مانچە يىلدىن كېيىن نېفىت تۈگەيدۇ ،  يەرشارى بەك ئىسىىسپ كەتتى ،  ئېنىرگىيەنى ئازراق ئىشلەتسەك بولىتى » دېگەن گەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان پىرافىسسورلارنىڭ مەلۇم زور ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن شۇ گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ( روكفىللىر دېگەندەك ) ... ئەمىلىيەتتە بۇ سان- سىفىرلارنىڭ مۇجمەل ، ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى دېگەندەك مەسىلىلەر خېلى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلۈپتىكەن...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:56:05

كىچىك ۋاقتىمدا نىفىت يەنە ئوتتۇز يىل يىتىدۇ دەيىتتى دەرسلىك كىتاپلاردا،  ئارىدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتتى، نىفىت ئازلاپ كەتكەندەك ئەمەس

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:07:19

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:53:09

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 21:56 static/image/common/back.gif
كىچىك ۋاقتىمدا نىفىت يەنە ئوتتۇز يىل يىتىدۇ دەيىتتى دە ...

ھېلىقى 3 خىل يېقىلغۇ زاپىسىنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ 10 پىرسەنتى قالغان تەقدىردىمۇ، باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ھازىرقىدەك ئېچىپ ماڭغاندا، ھېلىقى 3 خىل ئېنېرگىيە مەنبەسىنى 2200-يىللىرىغىچە ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.  مېنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن ئېرىشكەن چۈشەنچەم ئەنە شۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:49:44

بىر تادۇلايدىغان يەردىكەن ماۋۇ تىمىنى.
ئىنىرگىيە، بۇ بىرسى كۆمۇر  ، بىرسى نىفىت، يادروئىنىرگىيسى، يەنە ئاپتاپ بۇمۇ بىر ئىنىرگىيە، ئۇندىن باشقا شامال، يەنە قۇمدىكى قىزىقلىقنى، دىڭىزنىڭ چايقىلىشىنى، ئۇندىن باشقا ياڭيۇ بەسەيلەردىمۇ ئىنىرگىيە بارمىش ، شاراپ ياسىسىسا كۇيەمىش.ھايۋانلاردىمۇ ،مەسلەن كالىدىمۇ ئىنىرگىيە بار.گەندىدىمۇ ئىنىرگىيە باركەن،ئاش ئىتىپ يىگەنلەرمۇ بار.

بۇنى تادۇلىساق، تۇپراقنىڭ جەۋھىرى، ئابىيمەنىي، لەختە قان، پارچە گۆش، سۇڭەك، سۇڭەككە قونغان گۆش، تىرە . يەنى زاماندىكى يەتتە باسقۇچنى ،ئەكىلىپ يۇقىردىكى ئىنىرگىيەلەرگە تەدبىقلىساق؛
دەسلەپ تۇپراقنىڭ جەۋھىرىي، كۆمۇر بولىدۇ. دەسلەپ ماشىنىلار كۆمۇردە ماڭغان.ئاندىن ئابىيمەنىي بولدى، يەنى نىفىت ماۋۇ نەرسە كۆمۇرنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەمدى لەختە قان ، بەلكىم ئاتۇم دىگەن نەرسىنى كۆرسەتسە كىرەك، نۇرغۇنلار ئىرىشەلمەي لەختە قان، نۇرغۇنلار ئىرىشىپ لەختە قان.لەختە قان مارىس بولسا، پارچە گۆش قۇياش، قۇياش دىمەك ئاپتاپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاپتاپ بازالىق بۇلا.ئاندىن سۇڭەك؟ سۇڭەكنى قايسى خىل ئىنىرگىيەگە باغلاش مۇمكىن.
ياۋرۇپا گۇللىنىشىنى كۆمۇر دىسەك، بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشى گىتلىرگىچە نىفىت دىسەك، ياپۇنغا ئاتۇم چۇشىشىنى ئاتۇم دەۋرى باشلىنىشى دىسەك، بەلكىم ئاپتاپ دەۋرى كەلگەندۇ؟

ئىشقىلىپ، دەسلەپ تۇپراقتىن پايدىلىنىمىز، ئاندىن ئوت توكتىن پايدىلىنىمىز، ئاندىن جاھان سۇغا كىلە، ياكى سۇدىن پايدىلىنامىز، ئاخىردا ھاۋادىن پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:05:22

ئاپتاپتىن زەيتۇن يىغى پەيدا بۇلىدۇ. نانلىرىڭلىنى مايلايسىلە دەپ، قانغا ماي چىقىۋالسا ، پارچە گۆش جىگەر بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. جىگەرنى ماي قاپلايدىكەن. جىگەردىكى ماينى مۇشۇ زەيتۇن دىگەن نىمە داۋالامۇ؟،،،،،،،،

ماۋۇ ئىنكاسنى ماتۇرغا سۇندۇم.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:05:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 16:08  

تادۇ بەگ   مۇ بار شۇقاتاردا.

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:34:26

بىلىمخۇمار ئاكا ، ئۇ كىشىنىڭ بىلدىغانلىرىنى  مىنىڭكىدىن جىق دەپ ئويلىساممۇ ، ئۇ كىشىنىڭ دىگەنلىرىدىن گۇمانلانسام بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ كىشى يالغان سۆزلىشى مۇمكىن . ھەم ئىنىرگىيە مەسلىسى دىگەندەك سىياسىينىڭ مۇھىم  قىسىمىدا ، كىشىلەرنىڭ نىمە دىگەنلىكىگە ئەمەس ، نىمە قىلماقچى بولغانلىقىغا قاراش كىرەك دەپ ئويلايمەن . بۇ جەھەتتە مەنمۇ زىيالىي بىلەن ئورتاق كۆز قاراشتا .    ئاددىسى ئۇلار پايدىلانغان  زاپاس مىقتارى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇلارغا شۇ نىفىت شىركەتلىرى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەمىنلىگەن  ، ئۇچۇرنى قالايمىقان قىلىۋەتسىلا ئۇ پىرافىسورنىڭ  ھۆكۈملىرى خاتا بولۇپ كىتىدۇغۇ .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:40:53

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:34 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئاكا ، ئۇ كىشىنىڭ بىلدىغانلىرىنى  مىنىڭكىد ...

مەن ۇ گەپنى سەل خاتا دەپ ساپتىمەن. مەن سەپەردىن قايتىپ بارغاندا نېمە دېمەكچى ىكەنلىكىم ھەققىدە ازراق چۈشەنچە بېرەي. كەچۈرۈڭ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 02:21:39

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:48:29

مېنڭچە بۇ يالغان گەپ ،ئەگەر يەنە يۈز يىل يەتسە پۈتۈن دۇنيادىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى دىققىتىنى توكلۇق ئاپتوموبىلغا مەركەزلەشتۈرمەيتتى.
دۇنيادىكى نېفىت ھاۋزىلىرىنىڭ قاچان قېزىلىغانلىقى قاچان تۈگەيدىغانلىقى دۇنيادا نەچچە چوڭ نېفىت ھاۋزىسى بارلىقىنى سانائەت دۆلەتلىرى ئوبدان بىلىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 09:16:10

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 21:07 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ھازىرغا كەلگىچە كۆرگەن ماتىرياللىرىمغا ئاساسل ...

مەن ئۈزەمنىڭ بىلىدىغانلىرىمنى بۇ كىشىنىڭكىدىن كۆپ دەپ ئويلىمايمەن.مەن ئىستىگراتىيەچى ئەمەس،ئىقدىسات ياكى سىياسىدىن تېخىمۇ خەۋىرىم يوق.ئاقماس تەجرىبىلەرنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالمايۋاتقان تەبىئى پەنچى.مىنىڭ بىلىشىممۇ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ ئارقا كۆرىنىشىگە مەزمون قوشۇش ئۈچۈن ، دەيۋىد ئەپەندىگە ئوخشاش  نوپوزلۇق كىشىلەر ئىستاستىكا قىلىپ رەتلەپ چىققان ماتىرياللارنى چالا پۇچۇق ئوقىۋېلىشتىنلا كەلگەن.شۇڭا بۇ كىشنىڭ بىلىمىگە ۋە نوپوزىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش نىيىتىم قىلچىمۇ يوق.
مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان گىپىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.


ئەمما راستىمنى دىگەندە مۇنبەردە چاقچاق قاتارىدا يېزىپ قويغان ئىنكاسىم ئۈچۈن بۇنداق سۇئالغا ئۇچرىشىمنى ئويلىماپتىمەن.:lol



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 10:42:04

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:05 static/image/common/back.gif
تادۇ بەگ   مۇ بار شۇقاتاردا.

بىلىمىم يەتمەيدىكەن بۇ تىمىغا.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:54:09

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 09:16 static/image/common/back.gif
مەن ئۈزەمنىڭ بىلىدىغانلىرىمنى بۇ كىشىنىڭكىدىن كۆپ دە ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم زىيالى قېرىندىشىم!

مەن چارچاپ كەتكەن ۋاقتىمدا ھېلىقى سوئالنى خاتا سوراپ سالدىم.  كەچۈرۈڭ.  مەن ئىنكاسىمنىڭ ئۇ قىسمىنى ھازىر ئۆچۈرىۋەتتىم.

ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئارلىشىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ.  دۆلەت ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزۈپ بېرىدىغان باشقا مەخسۇس ئورۇنلار كۆپ.  دەيۋىد دوكلاتىدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن دوكلات ۋە ستاتىسكىلىق ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلاپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مېنىڭ مەزكۇر تېمىغا ھازىرقىدىن كۆپرەك  ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتىم بولمىدى.  ئاشۇنداق چەكلىك ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بىر نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىنىڭ نىيىتىگە باھا بېرىشنى مەن ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:26:42

Adilkozeynek يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 13:44 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئاتوم ئىنىرگىيەسىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى  ...

ئاتوم ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپقىلىش ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە
ئاتۇم يېقۇلغۇ  تاياقچىسى رېئاكتۇر كۆلچىكىدە خۇراپ بولغاندىن كېيىن، قېلىپ قالغان داشقاللارنى دۆلىتىمىز يەنە بىر يېڭى تېخنىكىدا داۋاملىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتىغۇ دەيمەن، ئىسىمدا خاتا قالمىغان بولسا،  داشقاللارنى يەنە %90 ئەتراپىدا قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
مىنىڭچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاتۇم ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كېڭەيتىش كىرەك .  فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىر ئۇران ۋە پلۇتون قاتارلىق يېقىلغۇلاردىن بىرىككەن  « بىرىكمە ئوكسىدلىق ئاتۇم يېقىلغۇسى»(Mixed Oxide (MOX) Fuel http://baike.baidu.com/view/11606610.htm)نى قوللىنىۋاتىدۇ .
http://www.world-nuclear.org/info/Nuclear-Fuel-Cycle/Fuel-Recycling/Mixed-Oxide-Fuel-MOX/
مىنىڭچە ئاتۇم ئېنىرگىيىسىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق( بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى تېخىمۇ پىشۇرسلا:lol )  .

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 14:58:26

ئۇنداقتا فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتومنى داۋاملىق قالىسا، داشقىلىنى جوڭگوغا توشىسابىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش بولىدىكەندە سىزنىڭچە....

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:32:45

Adilkozeynek يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 14:58 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتومنى داۋاملىق  ...

بىلىشىمچە :ئاتۇم يېقىلغۇ تاياقچىسى تولۇق كۆيمەيدىكەن، پەقەت %3 ئەتراپىدىكى ئۇران كۆيۈپ تۈگەيدىكەن، قالغانلىرى چالا يېقىلغۇ بولۇپ ئېلىپ تاشلىنىدىكەندە ، ئۇنى روسسىيە، ئامېرىكىدەك تېخنىسىكى پىشقان دۆلەتلەر يار ئاستىدىكى  نەچچە يۈز مېتىر  مەڭگۈلۈك ئورەككە كۆمۈۋۈتىدىكەن . بۇ ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى دىگەندەك بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم

http://songshuhui.net/archives/47940

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:03:58

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 21:48 static/image/common/back.gif
زىيالى بۇرادەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خېلى ئاساسىي بار ... 2 يى ...

دىگىنىڭىز ئۇيغۇرچە كىتابمۇ ياكى خەنزۇچىمۇ ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 10:37:07

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 10:42 static/image/common/back.gif
بىلىمىم يەتمەيدىكەن بۇ تىمىغا.

سىلىنىڭچە؛
دىيابىت ، بۆرەك ئاجىزلىقى بولسا،  بۆرەك يۇپتىر ئوڭاينى كۆرسەتسە، يامغۇر يىغىش يۇپتىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يامغۇر بۇ دىيابىتقا مەنپەت قىلامۇ؟يامغۇر دا بىر ماددا بار دەيدۇ زەھەرلىك.
يۇرەك كۇرۇد مارىسنى كۆرسەتسە، بۇراننىڭ پەيدا بۇلىشى مارىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسەك، قاندىكى يەل بۇران يۇرەك سانجىقىنى پەيدا قىلىدۇ دىسەك، ئۇزۇم بىلەن خورما ، قاندىكى يەلنى ھەيدەپ، يۇرەك سانجىقىغا داۋا بۇلۇرمۇ؟
زەيتۇن بىلەن ئاپتاپ قۇياش قاندىكى ماي، جىگەرنى ماي قاپلاشنى دەپ بولدۇم.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقرى قان بىسىم دەيدىغان گەپ بار.قان بىسىمدا باش ئاغرىيدۇ. چاچمۇ قاردەك ئاقىرىدۇ، قاريىغىشى سەۋىت مىركۇرىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسەك، چاھار پايلارنىڭ سۇتى، قان بىسىمغا مەنپەت قىلورمۇ؟قان بىسىممۇ قاندىكى دانگال توسۇلۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكى دەيمەن.
تىخى سەكەنتىر ئارزۇ يالچىق قىسىملىرى ئىشىپ قالدى.
بەت: 1 [2] 3
: NASA: دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟