izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 09:36:14

ئىنسان بەدىنى جىسمانىي ئىقتىدار چىكىگە يىقىنلاشتىمۇ؟






ئىنسان بەدىنىنىڭ جىسمانىي جەھەتتە مۇتلەق چېكى بارمۇ؟ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ توختىماي ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ سوئالغا قىزىقماقتا. بەزى دۇنيا رىكورتلىرى، مەسىلەن، ئامېرىكا يۈگۈرۈش ماھىرى مايكول جانسىننىڭ 1996-يىلىدىكى 400مېتىر يۈگۈرۈش تۈرىدىكى 43سېكۇنت 49 دەقىقىلىق رېكورتى تېخىچە بۇزۇلغىنى يوق، ھەم قارىماققا ھېچ بۇزۇلىدىغاندەك ئەمەس. لېكىن تەنھەركەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە قارايدىغانلا بولساق، مەسىلەن سۇ ئۈزۈش تۈرىدە رېكورت داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيا رېكورتى قەتئىي بۇزۇلمايدىغان ھالەتكە كېلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ئىلىم-پەن بۇنىڭغا ياق دەيدۇ، بىراق يېڭىدىن ئېرىشكەن دۇنيا رىكورتلىرىنى بۇزۇۋېتىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. ئىلىم-پەننىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىغا قاراپ باقايلى:

نېمىشقا دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىش بارغانسېرى تەسلىشىدۇ؟
رېكورت يېڭىلاش كەينىدىكى ماتېماتىكىلىق چۈشەندۈرۈش بولسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن رېكورت بۇزۇشنىڭ قايتىلىنىشى تەدىرىجىىي نۆلگە يېقىنلىشىدۇ.«ئاممىباب پەن» ژۇرنىلىدىن دەنىيول ئەنبەر مۇنداق دەيدۇ: مەلۇم نۇقتىغا بارغاندا، شىشىخال تاشلاۋېرىپ بىز ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يېڭىلاش ئېھتىماللىقى ئاستا-ئاستا نۆلگە يېقىنلىشىدۇ. مانا بۇ يېقىنقى زامانلاردا قوشۇلغان سۇ ئۈزۈش تۈرىدىكى رېكورتلارنىڭ بۇرۇندىنلا بار بولغان يۈگۈرۈش تۈرىگە قارىغاندا يېڭىلىنىشنىڭ تىز بولۇشىدىكى سەۋەب. شۇڭا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سۈرىتى تىزلەشمىسىمۇ ياكى بەدەن قۇۋۋىتى ئاشمىسىمۇ، ھەتتا مەشىق تىخنىكىلىرى تېخىمۇ ياخشىلانمىغان تەقدىردىمۇ بەزى دۇنيا رىكورتلىرى يەنىلا يىڭىلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى رېكورت يىڭىلاش كۆپىنچە ھاللاردا ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ، مەسىلەن شۇ كۈنلۈك ھاۋارايى ياكى تەنھەركەتچىنىڭ كەيپىياتىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ قالىدۇ.

پەن-تېخنىكىنىڭ رېكورت يىڭىلاشقا قانداق تەسىرى بار؟

ئەنبېرنىڭ ئىيتىشىچە رىكورتلار بەزى ‹دەۋر بۆلگۈچ پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىلىش مەزگىلى›دە يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ۋەلسىپىت مىنىپ ئايلىنىش تۈرىدە، يېڭىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان كاربونلۇق ئوپتىك تالالىق ۋەلسىپىتنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن شۇ تۈردە كەينى-كەينىدىن دۇنيا رىكورتلىرىنىڭ يىڭىلىنىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. سۇ ئۈزۈش تۈرىنى مىسال ئالساقمۇ، سۈرەش تەسىرى تۆۋەنلىتىلگەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق سۇ ئۈزۈش كىيمىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسدە ئىشلىتىلىپ بەزى ئايلانما مۇسابىقە تۈرىدە رېكورت يىڭىلاندى، شۇنىڭ بىلەن 2009يىلىدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش رەسمىي چەكلەندى. بەزى ئانابولىك سلىروئىدلىق دورىلارنىڭ ياردىمىدە بەزى ئىمكانسىز رىكورتلار يارىتىلىدۇ، ھەم ئۇنى تەكشۈرۈش قىيىن توختايدۇ، چۈنكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ياسالغان بەزى دورىلارنى تەكشۈرۈپ چىقماق قىيىنغا توختايدۇ. بەزىلەر 1996-يىلىدىكى جانسىننىڭ 400مېتىرلىق يۈگۈرۈش تۈرىدىكى ياراتقان، ھازىرغىچە ھېچكىم بۇزالمىغان رىكورتىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى دورا ئىشلەتكەن دەپ قارايدۇ ئەمما بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىسپات يوق.

مەشىقنىڭ تەسىرى
يېڭى ماھارەت ۋە تىخنىكىلار ئەلۋەتتە رېكورت يارىتىشتا پايدىسى زور بولىدۇ. مەسىلەن، ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە، بۇرۇن ماھىرلار سەكرىگەندە يۈزىنى پەسكە قارىتىپ سەكرەيىتتى، ھازىر كەينىگە ئېگىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تېخىمۇ ئېگىزگە سەكرىيەلەيدىغان بولدى. يەنە بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك چەك بولسا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتۇر. يۈگۈرۈشكە ئوخشاش مۇسابىقىلەردە، رېكورت بۇزالايدىغان دۇنياۋى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تاللىنىشى نىسبەتەن قىيىن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا، ئاياغدىن ئىككىنى كىيىپلا سىرىتلاردا يۈگۈرۈپ مەشىق قىلىش قىيىن ئەمەس، شۇڭا 90-يىلىدىن بىرى مەيداندا ئۆتكۈزىلىدىن مۇسابىقە تۈرلىرىدە رېكورت يىڭىلىنىش ناھايىتى ئاستا بولماقتا. ئەمما سۇ ئۈزۈشتەك، ماھىرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن ئولىمپىك ئۆلچىمىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە مەشىق قىلىش دېگەندەك مۇسابىقە تۈرلىرىدە رېكورت يىڭىلىنىش نىسبەتەن تىز بولماقتا.

ئادەم بەدىنى جىسمانىي ئىقتىدار چىكىگە يىقىنلاشتۇقمۇ؟
ھەئە ھەم ياق. يېڭى قوشۇلغان تۈرلەردە رىكورتلار داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ئولىمپىكتىكى مارافۇنچە يۈگۈرۈش تۈرىدە ئاياللارنىڭ قاتنىشىش 1984-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن رۇخسەت قىلىندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئايال تەنھەرىكەتچىلەر نەتىجىدە ھازىرغىچە 10مىنۇتتىن ئارتۇق ئالدىغا سۈردى. ئەرلەر بولسا 5مىنۇت ئالدىغا سۈرەلىدى. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنسان بەدىنىڭ ئىقتىدارى چېكى مەيدان تۈرلىرىدە 1988-يىلى ئاساسەن ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا كەلگەن. 16 يىلدىن بىرى 100مېتىرلىق قىسقا ئارىلىقتا يۈگۈرۈش تۈرىدە ئاران 0. 16 سېكۇنت ئالدىغا سۈرۈلگەن، ئەمما غەلىتە بىر ئىش يۈزبەردى، ئۇنىڭ ئىسمى يۇسەيىن بولت بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە رىكورتلارنىڭمۇ يەنە بۇزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

مەنبە:http://theweek.com/articles/473488/athletes-ever-stop-breaking-world-records

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:04:26

ئەر تەنھەركەتچىلەرنىڭ  ئەڭ يۇقىرى رىكورتلىرى‹تىخى بۇزۇلمىغان›

1. 100مىتىرغا يۈگۈرۈش،
يامايكىلىق ماھىر يۈسەيىن بولىت تەرىپىدىن يارىتىلدى،9.58سىكونت، 2009-يىلى.
2.  200مىتىرغا يۈگۈرۈش
يامايكىلىق ماھىريۈسەيىن بولىت تەرىپىدىن يارىتىلدى،19.19سىكونت،2009يىلى.
3. 400مىتىرغا يۈگۈرۈش
ئامېرىكىلىق ماھىرمايكول جانسىن تەرىپىدىن يارىتىلدى،43.18سىكۇنت، 1996-يىلى
4. 800مىتىرغا يۈگۈرۈش
كىنىيەلىك ماھىر دەيۋىد رۇدىشا تەرىپىدىن يارىتىلدى. 1.40.91مىنۇت،2012-يىلى
5. 1000مىتىرغا يۈگۈرۈش
كىنيەلىق ماھىر نوھ نىگىنىي تەرىپىدىن يارىتىلدى.2:11.96 مىنۇت،1999-يىلى
6. 1500مىتىرغا يۈگۈرۈش
ماراكەشلىك ماھىر ھىكەم ئەل گۇرۇژ تەرىپىدىن يارىتىلدى. 3:26.00.مىنۇت. 1998-يىلى
7.  2000مىتىرغا يۈگۈرۈش
  ماراكەشلىك ماھىر ھىكەم ئەل گۇرۇژ تەرىپىدىن يارىتىلدى.4:44.79مىنۇت، 1999-يىلى.
8. 3000مىتىرغا يۈگۈرۈش
كىنيەلىك ماھىر دەنىيول كومېن تەرىپىدىن يارىتىلدى.  7:20.67مىنۇت، 1996-يىلى
9. 5000مىتىرغا يۈگۈرۈش
ئېفىئوپىيەلىك ماھىركېنېنىسا بەكېلى تەرىپىدىن يارىتىلدى. 12:37.35مىنۇت. 2004-يىلى
10. 10000مىتىرغا يۈگۈرۈش
  ئېفىئوپىيەلىك ماھىركېنېنىسا بەكېلى تەرىپىدىن يارىتىلدى.26:17.53مىنۇت. 2005-يىلى
مەنبە:http://trackandfield.about.com/od/worldrecords/tp/Men-s-World-Records.htm

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:22:57

11. 110مىتىرغا توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش
ئامېرىكىلىق ماھىر ئارىيىس مەرىت تەرىپىدىن يارىتىلدى. 12.80 سىكۇنت، 2012-يىلى
12.  400مىتىرغا توسۇقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش
ئامېرىكىلىق ماھىر كەۋىن ياڭ تەرىپىدىن يارىتىلدى. 46.78 سىكونت. 1992-يىلى
13. 20كىلومىتىرلىق مېڭىش
رۇسىيەلىك ماھىر ۋىلادىمىر كانايكىن تەرىپىدىن يارىتىلدى. 1:17:16سائەت، 2007-يىلى
14.  50كىلومىترلىق مېڭىش
رۇسىيەلىك ماھىر دەنىس نىجوگورودوۋ تەرىپىدىن يارتىلىدى. 3:34:14 سائەت،2008-يىلى
15. مارافۇنچە يۈگۈرۈش
كىنىيەلىك ماھىر دەننىس كىموتې تەرىپىدىن يارىتىلدى.  2:02:57سائەت. 2014-يىلى
16. ئىگىزگە سەكرەش
كۇبالىق ماھىر ژەۋىيىر سوتومەيىر تەرىپىدىن يارىتىلدى.  2.45مىتىر، 1993-يىلى.
17. كالتەك بىلەن ئىگىزگە سەكرەش
فىرانسىيەلىك ماھىر رىناۋىلىد لاۋىلىنىي تەرىپىدىن يارىتىلدى. 6.16مىتىر. 1993-يىلى
18. يىراققا سەكرەش
ئامېرىكىلىق ماھىر مايىك پاۋىل تەرىپىدىن يارىتىلدى. 8.95 مىتىر، 1991-يىلى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:34:56

19. ئۈچ دەرىجىلىك يۇقىرىغا سەكرەش
ئەنگىلىيەلىك ماھىر جانسىن ئېدۋىرد تەرىپىدىن يارىتىلدى. 18.29 مىتىر. 1995-يىلى
20. چۆيۈن توپ ئېتىش
ئامېرىكىلىق ماھىر رەندىي بارنىس تەرىپىدىن يارىتىلدى.  23.12 مىتىر. 1990-يىلى
21. دىسكا ئىتىش
سابىق شەرقىي گىرمانىيە ماھىرى ژىرگىن سىكالت تەرىپىدىن يارىتىلدى، 74.08مىتىر
22.  زەنجىرلىك مېتال توپ ئىتىش
سابىق سوۋىتلەر ئىتىپاقى ماھىرى يۇرى سىدىق تەرىپىدىن يارىتىلدى. 86.74 مىتىر.
23. نەيزە ئىتىش
چىخ جۇمھۇرىيتى ماھىرى جان زېلېزنىي تەرىپىدىن يارىتىلدى.  98.48 مىتىر.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:37:05

بىرىنجى باسقۇچ تەرجىمە ئىنكاس تەستىقلىنىۋاتىدۇ؟ {:107:}
بىرەر تەنھەركەتچىنىڭ ئىسمى سەزگۈر سۆزلەر بولغان ئوخشاش چىقىپ قاپتۇ دە.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:38:09

ئاساسلىقى ھىلە-مىكىر تەلەپ قىلمايدىغان، جاپا، چىدامچانلىقنى سىنايدىغان تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ رىكورتلىرى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:20:14

مەنمۇ تەنتەربىيەگە ئالاھىدە قىزىقىمەن، ياخشى ئۇچۇرلاركەن.
19. ئۈچ دەرىجىلىك يۇقىرىغا سەكرەش - توغرىسى «ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش 三级跳 » مىكى دەيمەنغۇ…
يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىدە « ئېگىزگە سەكرەش»، «خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش» دېگەن ئىككى تۈر بار…

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:35:26

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:38 static/image/common/back.gif
ئاساسلىقى ھىلە-مىكىر تەلەپ قىلمايدىغان، جاپا، چىدامچا ...

ئىسمى -جىسمىڭىزغا لايىق   ئىزچىلار دىنكەنسىز يارايسىز .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:36:54

ئادەمنى كۈچ-قوۋۋىتى ئىنتايىن زور ،گەپ ئۇنى ئىشلىتىش مەسىلىسى .ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولىدۇ ھەم بولغىنى ياخشى .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:00:55

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 16:20 static/image/common/back.gif
مەنمۇ تەنتەربىيەگە ئالاھىدە قىزىقىمەن، ياخشى ئۇچۇرلا ...

خىلى تەپسىلىي ئوقۇپسىز، مەنمۇ ئاشۇ 19-سىنى تەرجىمە قىلىشتا triple jumpنى ئۈچ تاقلاپ سەكرەش دەپ ئالاي دىگەن، لېكىن كەسپىي ئاتالغۇ بويىچە تەكشۈرۈپ باقسام ئۈچ دەرىجىلىك يۇقىرىغا سەكرەش دەپ بار ئىكەن. توغرا خەنچىسى 三级跳远.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:39:53

dillani يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 16:36 static/image/common/back.gif
ئادەمنى كۈچ-قوۋۋىتى ئىنتايىن زور ،گەپ ئۇنى ئىشلىتىش مە ...

ئەلۋەتتە چىكى بولىدۇ، ھىچ بولمىسا 100مىتىرلىق يۈگۈرۈشتە 1 سىكونتا چىقالماس.
ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىلى تەنتەربىيە دەرىسى بار ئىدى.  ئىمتاھانىسىدا يىراققا سەكرەش تۈرىنى قىتىپ قويۇپتىكەن. چىكىنى ئوغۇللارغا 2.21مىتىر قىلىپ قويۇپتۇ، مەن 2.23مىتىر بىلەن ئاران ئۆتكەنىدىم، قىزلارمۇ قاراپ تۇرۇپتىكەن، سەت تۇرغانىدى شۇ چاغدا.{:92:}

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:55:44

سەكرەش تۈرلىرىنىڭ رېكورتى بۇزۇلمىغىلى 20 يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى يىلسېرى كۈچىيىۋاتامدۇ نېمە..:lol:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:17:31

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-02-19 18:39:53 static/image/common/back.gif


ئەلۋەتتە چىكى بولىدۇ، ھىچ بولمىسا 100مىتىرلىق يۈگۈرۈش
دېگىنىڭىز ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەشكەندە، بۇ تۈر مەن ئەڭ ئامراق تۈرتى ئىلگىرى… 2.70 مېتىرلارغا گەپ يوق سەكرەپ قوياتتىم:P

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:31:38

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 18:55 static/image/common/back.gif
سەكرەش تۈرلىرىنىڭ رېكورتى بۇزۇلمىغىلى 20 يىلدىن ئېشىپت ...

ئەسلى مۇنداقكەندە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 23:12:56

تۇلۇق ئۈچىنچى يىللىقتا بەش تۈر بويىچە تەنتەربىيە ئىمتىھاندا 250 نۇمۇر ئېلىشىمىز كېرەككەن,مەن 245 نۇمۇر ئاپتىمەن…يا ئاللا بەش نۇمۇر ئۈچۈن مىڭ مىتىرغا يۈگۈرەپ باقتىم,تورنىك تارتىپ باقتىم,100 مىتىرغا ئىككى ئۈچ قىتىم يۈگۈرەپ باقتىم ,چۇيۇن توپ ئىتىپ باقتىم قەتئى ئىلگىركى نەتىجەمدىن ئاشۇرالمىدىم…سەكرەپمۇ باقتىم ئاخىىرى بولماي يەنە 100 مىتىرغا يۈگۈرگىچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ كوماندا بەرگىچە يۈگىرەپ چىقىۋالدىم ئاران 3 دەقىقا ئاشۇرۇپتىمەن …باشقىلارنىڭ رىكورتى تۇرماق ئۆزىمىزنىڭ رىكورتىنى بۇزۇشمۇ بەسى مۇشكۇل بىر ئىشكەن……

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 09:26:24

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 19:17 static/image/common/back.gif
دېگىنىڭىز ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەشكەندە، بۇ تۈر م ...

2.7مىتىرغا سەكرىسەڭلا خىلى ياخشى سەكرەيدىكەنسىلە، بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسىمۇ شۇنچىلىك سەكرەيتتى. مەيداندا سەكرىسىغۇ خىلى ئەركىن سەكرەيدۇ. بەزىدە زالغا ئەكىرىۋىلىپ سەكرايدىغان ۋاقىتلارغا توغرا كىلەتتى. بىر قېتىم نىلۇڭ  پايپاق كىيىۋىلىپ چىقىپ سەكرەپتىكەنمەن، تىيىلىپ كىتىپ بەك سەت يىقىلىپ چۈشكەن. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن سەكرەش دىگەن سۆز رىئاكسىيە قىلىدۇ .{:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 09:32:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 09:33  

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 23:12 static/image/common/back.gif
تۇلۇق ئۈچىنچى يىللىقتا بەش تۈر بويىچە تەنتەربىيە ئىمت ...

بىزگە ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى 1000مىتىر،50 مىتىر،100مىتىرغا يۈگۈرۈش، تورنەك تارتىش، يىراققا سەكرەشنى بەدەن -ساپا سىنىقى قىلىپ قىتىپ قويدى. نۇرغۇن بالىلارغا بۇ گەپ رىئاكسىيە قىلىپ كەتتى. مىنىڭ نومۇرۇم بىرىنجى نومۇر ئىدى، شۇ ۋاقىتتا مەيدانغا ئوغۇل قىز تەڭ توپلىشىپ چىقىپ ئىمتاھان بىرەتتى.  ئىمتاھاننى تورنەكتىن باشلاپتىكەن، مەن بىرىنجى ئىسمىم چاقىرىلىپتى، شۇ ۋاقىتتا قانداق تارتتىمكى بىلمەيمەن، نومۇسنىڭ كۈچىدىنمۇ تولۇق تارتىپ يىنىپ چۈشكەن.{:123:}
قىزلارنىڭ 800مىتىر ئىدى، ھەر بىر ئايلانما تۈگىسە ئىكى-ئۈچ قىز بالا ھۇشىدىن كىتەتتى، بىز يۈگۈرۈپ بىرىپ چەتكە ئىچىقىپ قوياتتۇق. {:116:}
بالىلارنىڭ تەن ساپاسى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى .:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:31:37

10 مىڭ مىتىرغا يۈگرەشتە ئىككىنجى چىققان.  بىر قازاق 20 مىتىردەك ئالدىمدا چىقىۋالغان.  ئاخىرىدا سەت جاسۇ قىلىشىپ كەتكەن. :lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 13:38:25

بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىم ۋە تىزلىكىم يامان ئەمەستى، لېكىن پۇتلىرىم قىسقا بولغاچقا قىسقا ئارلىققا بوممايتتىم:lol
كۆپىنچە ئۇزۇن ئارلىققا يۈگرەيتتىم.
قاسسىۋاڭكامغا ئوخشاش يېرىمىز باركەن، ئاز قالغاندا جېنىم چىكەتسىمۇ جاسۇ قىلاتتىم مەنمۇ:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:01:17


{:92:}
بەت: [1] 2
: ئىنسان بەدىنى جىسمانىي ئىقتىدار چىكىگە يىقىنلاشتىمۇ؟