umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 03:22:15

سۇتۇق خەيرى شىركىتىدىن سىزلەرگە سالام!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار!
مەن مۇھەممەد ياقۇپ (سۇتۇق) ،ئستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇھاجىر دوستۇڭلار بولىمەن.بىرقانچە يىلدىن بۇيان خەلىقئارالىق تىجارەت ۋە ساياھەت شىركىتى قۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.2013-يىلى يۇرتقا زىيارەتكە بىرىپ ،ئايرىلغۇم كەلمەي بىر يىلغا يىقىن تۇرۇپ قالدىم بۇ جەرياندا يۇرتتىكى تىجارەت پۇرسەتلىرىنى كۈزەتتىم،ھۆكۈمەتمۇ يۇرت بىلەن چەتئەل ئارىسىدا سودا قىلىپ ئىقتىسادى گۈللىنىشكە تۆھپە قوشۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى.ئىستانبۇلغا قايتىپ كىلىپ بۇرۇن قاتنىشىش پۇرسىتى بولمىغان،تۈركىيەنىڭ ياشلارنى كارخانا قۇرۇش توغۇرلۇق تەربىيەلەش پىروگراممىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.بۇنى تاماملىغاندىن كىيىن،شىركەتنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدىم،ئەسلى شىركەت توغۇرلۇق ھازىر تىخى تاماملاپ بولالمىغان بىر باسقۇچنى تاماملاپ ئاندىن مۇنبەر ئارقىلىق سىلەرگە ئۇقتۇرماقچىدىم،ئەمما باياتىن توردا تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرنلۇق ۋىزا رەسمىيتىنىڭ ئاددىلاشتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئۇچرىتىپ ،بۇنىڭمۇ بىر مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بۇ تىمىنى ئېلان قىلىۋىرىشنى توغرا تاپتىم.

سۇتۇق خەيرى خەلىقئارا تىجارەت ۋە ساياھەت شىركىتى قۇرۇلۇش باياناتى (2015-1)

شىركىتىمىز ،دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئالاقىسىنىڭ قولايلىق بولۇشىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بىلەتلەر،ئىمپورت-ئىكىسپورت،مال توشۇش،ۋاكالىتەن ۋىزا بىجىرىىش،ۋاكالىتەن تۈركىيە ئىقامىتىنى (ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى،ئادەتتە مۇددىتى بىر يىل )بىجىىرىش،تەكلىپنامە يوللاپ بىرىش،تەرجىمە ،ساياھەتكە تەشكىللەش (ھازىرچە تۈركىيە ئىچى ساياھىتى،شىركەتنى جوڭگۇدىمۇ ئەنگە ئالغۇزۇش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساياھەتكە تەشكىللەشنى يىقىندا ئەمەلگە ئاشۇرىمىز)،ۋە ئۆي ،يەر زىمىن سودىسى قاتارلىقلار.

دۇنيادىكى چوڭ شىركەت گورۇھلىرىمۇ بىر قەدەمدىن سىلجىپ ئارقىغا چىكىنمەي بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يەتكەن.بۇندىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز سودا ئارقىلىق گۈللىنىپ يىراق ياۋرۇپادىن ۋەتىنىمىزگە زامانىۋى زاۋۇت توشۇپ ئەكىلىپ بۈيۈك جاسارەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى،بۇ ئۇچۇر دەۋىردە بىزدە ئۇنچىلىك ماغدۇر بولمىسىمۇ ، ئۇلاردىكى ئىشەنچ چىدامنى ئۈلگە قىلساق ئۇلاردەك بولالايدىغانلىقىمىز،ھەتتا ئۇلاردىن ئېىشىپ كىتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز كىرەك.،شىركىتىمىز تىجارەت بىلەن مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرلەيدۇ.
http://www.sutukhayri.com (تور بەت تاماملىنىۋاتىدۇ)

تۆۋەندە سىلەرگە تۈركىيەنىڭ خەلىقئارالىق  مۇكاپاتلىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە ئىلىكتىرون ۋىزىسى توغۇرلۇق چۈشەنچە بىرىمەن.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/en
بۇ مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا باكلاۋىر ۋە ماگىستىر،دوكتۇرلۇقتا ۋە تەتقىقات ئۈچۈن  ئوقۇش ئارزۇسى بولغانلارپەقەت تور  ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولۇپ،تور بىتىدە ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ ۋە ماتىريالىنى يوللىغاندىن كىيىن تاللانغانلارغا ئىلخەت ئارقىلىق بىلدۈرلىدۇ ۋە جوڭگۇدىكى ئۈرۈمچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە شەھەردە يۈز تۇرانە ئىمتىغانىغا چاقىرىلىدۇ.بۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغانلارنى تەشكىللەپ بىيجىڭغا ئاپىرىپ ۋىزا رەسمىيىتىدىن كىيىن تۈركىيەدە ئاۋال تۈرك تىلىدا تەربىيەلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ئىمتىھان ئىلىنىپ ئۇنىۋىرىستىتلارغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئىلتىماس شەرتلىرى..
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/tr/turkiye-burslari/basvuru-sartlari

باكلاۋىرلىق ئۈچۈن 1993.1.1. دىن كىيىن ،ماگىستىرلىق ئۈچۈن 1984.1.1 ،دوكتۇرلۇق ئۈچۈن 1979.1.1 ،تەتقىقات ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىمس قىلغۇچىلار 1969.1.1 دىن كىيىن تۇغۇلغان بولىشى كىرەك، سالامەتلىكىدە مەسىلە بولماسلىقى كىرەك.

https://www.evisa.gov.tr/tr/apply
ئىلىكتىرون ۋىزا 2013-يىلىدا باشلانغان بولۇپ،بۇرۇن جوڭگۇ پۇقرالىرى ئۈچۈن ،پاسپورتىدا چوقۇم ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا((ئامرىكا ،ياپونىيە،ئاۋىستىرالىيە ،كورىيە ۋە ياۋرۇپار دۆلەتلىرى) ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسى بولۇشى كىرەك شەرتى بار ئىدى .
بۈگۈن تۈركىيە ئاۋازىنىڭ ،ۋىزىنىڭ ئاسانلاشقانلىقى توغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرۈپ ،ھۆكۈمەتنىڭ ئىلىكتىرون ۋىزا تور بىتىدىن ،جوڭگۇ پاسپورتى دەپ تاللاپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقتىم،ھەقىقەتەن بۇرۇنقى شەرتنى بىكار قىلىپتۇ، 60 دوللار ۋىزا ھەققىنى بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسى (پەقەت visa.master كارتلىرى) بىلەن تۆلەپ 30 كۈنلۈك تىجارەت ياكى ساياھەت مەقستىىدىكى ۋىزا ئالغىلى بولىدىكەن.ۋىزىنى ئالغاندىن كىيىن 6 ئاي ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن،ۋە تۈركىيدە 30 كۈن تۇرۇشقا بولىدىكەن.


شىركىتىمىز مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىىش ۋە ئىلىكتىرون ۋىزىنى ۋاكالىتەن ئىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ۋەكىللىرىمىز بار .

sadaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:15:11

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ، خۇش كەپسىز .

سۇتۇق خەيرى شىركىتىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇق ، شىركىتىڭلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا كەلسەك ؛

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز بولۇپ ھەرقانداق ئىلتىماس قىلغۇچى ئورگان توربېتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلالايدۇ . يىقىندىن بۇيان بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى يەمچۈك قىلىپ خەقنى بىز تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇتىمىز ،ھەقسىز ئوقۇشقا چىقىرىمىز دەپ نۇرغۇن ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ كالىسىنى ئىزىقتۇرۇپ نۇرغۇن پۇللارنى قويۇپ كەتكەنلەرمۇ بولدى ، ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوق ئوقۇش قىزغىنلىقى بار دوستلار بولسا بۇنىڭغا قىزىقىپ ئائىلىسىدىن نەچچە مىڭلاپ ھەتتا نەچچە يۈزمىڭلاپ شۇ كىشىلارگە تۇتقۇزۇپ ئاخىرىدا پۇلىمۇ يوق ،ئوقۇشمۇ يوق ھەممىدىن قۇرۇق قالدى (ھەقىقىي ئەھۋال)
تۈركىيە ۋەتەن سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قىرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كيىن مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكى، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىلتىماس قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ،بۇنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۇقتۇرۇش يوللىدى .
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، ئەگەر بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى يوق دوستلار بولسا ھەرگىزمۇ قىزىققانلىق قىلىپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى ، باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئىلتىماس قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇ ئىلتىماس قىلىشتا چوقۇم تاللىندۇ دەيدىغان ئىش يوق ،پەقەت سىز ئىلتىماس قىلىپ قويسىز قالغىنى تەلەي ،ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى .
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن يىقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرئوقۇ تورى ،ئىزدەن تورى ،بەكتۇر تورى قاتارلىق تورلاردا بۇ ھەققىدە ھەقسىز ياردەملەر بولۋاتىدۇ ،يىڭى ئۇچۇرلار بولۋاتىدۇ .ئىزدەن تورى مەخسۇس تۈركىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ ،ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلۋاتىدۇ ،ھەتتا شۇنداق ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىدىئو دەرسلىكىنى ئىشلەپ تورغا يوللاۋاتىدۇ .ئىلتىماس قىلىشتا قىينىلىپ قىلۋاتقانلارغا ئۆزلىرى ھەقسىز بىر مۇچەنمۇ پۇل تەلەپ قىلماي ياردەم قىلۋاتىدۇ .شۇڭا دوستلارنىڭ مۇشۇنداق توربەتلەرگە كىرىپ تۇرىشىنى ،ھەقسىز ئۆز ئەجىرى بىلەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىزدەن تورى ئادرىسى :http://www.izden.cc

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:51:25

ئىزدىشنىمىز› نىڭ تىمامنى تەستىقلىغانلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن.
تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇشىغا ،تۈركچە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىگەنلىكى ،ياكى بۇلتۇر ۋەتەندىكى چىغىمدا ئاڭلىغىنىمدەك ئۇ توربەت ياخشى ئىچىلماي قالسا بىز ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتى قىلماقچى،ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش قىلماسلىقىڭىز ئۆزىىڭزنىڭ رىزىق تەقدىرى،بىز ھەرگىز ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز .ئەگەر ئۇنىڭغا قوبۇل قىلىنالماي باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇشنى خالىسىڭىز بىز ياردەم قىلىشقا تىرشىمىز.مەسىلەن تەكلىپنامىڭىزنى ھەل قىلىش،بىلەت، ئىستانبۇلدا كۈتۈۋىلىش،مەكتەپكە كىرگۈچە تۇرىدىغان يەر ھەل قىلىش قاتارلىق.
مەنمۇ بۇرۇن بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم.ئىستانبۇل فاتىھ  رايونى چارشەمبە مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مىنى كۆپىنچە ئوقۇغۇچى بالىلارمۇ بىلىدۇ.ھىچبولمىسا توردا بىلىشىدۇ.
تۈركىيە ئىلىكتىرون ۋىزىسى بىلەن چىگرىدىن چىقىشتا باشقا چەكلىمە قولايسىزلىقلار بارمۇ ،بۇنى سۈرۈشتە قىلىشىپ بەرگەن بولساڭلار .رەھمەت
http://www.sutukhayri.com/ug/484

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:54:11

غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن ، كىشىنىڭ يۇرتىدا شۇنداق بىر شىركەت قۇرۇپ ماڭدۇرماق مىنىڭچە ئاسان ئەمەس.
سىزگە كاتتا مۇۋاپپىقيەت تىلەيمەن

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:00:58

ئىلىكتىرون ۋىزا بىلەن تۈركىيە تاموجنىسدىن كىرىش شەرتلىرى
تۈركىيەدىن يۇرتقا قايتىش ياكى باشقا يەرگە ماڭىدىغان بىلەت
،تۈركىيەدىكى ھەركۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىىتى ئۈچۈن 50 دوللىرىڭىز، يەنى يىنىىڭىزدا بىر ئىككى مىڭ دوللار بولۇشى كىرەك ئىكەن
پاسپورتىڭىزنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى يىتەرلىك بولۇشى كىرەك.
(قايتىش بىلىتىنى تەكشۈرىدۇ،پۇلنى تەكشۇرەمدۇ يوق تىخى بىلمەيمىز.)

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:34:39

تۈركىيگە ئوقۇش ۋىزىسىدىن باشقا ۋىزىسى بىلەن كىرگۈچىلەرگە ئىقامەت مۇلازىمى
ئاۋال ئىقامەتلەر توغۇرلۇق چۈشەنچە
http://www.izden.cc/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=457
سىز پاسپورتنى  بىجىرىپ قولىڭىزغا ئالغاندىن كېيىنكى قىلدىغان ئىشىڭىز بولسا ۋىزا .سىز مەيلى قايسى دۆلەتكە چىقىڭ ئاۋۋال شۇ دۆلەتنىڭ ۋىزىسىنى ئىلىشىڭىز كىرەك .ۋىزا دىگەن شۇ دۆلەتكە كىرىش روخسىتى دىگەنلىكتۇر(بەزەن دۆلەتلەرنىڭ ۋىزاسىز چىگىرىسىدىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتىمۇ بار ).
      سىز تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال تۈركىيەنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەياكى كونسوللىقىدىن ۋىزا ئېلىشىڭىز كىرەك .ۋىزىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ  سىز قايسى مۇناسۋەت بىلەن چىقسىڭىز شۇنىڭغا ماس كىلدىغان ۋىزىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسىڭىز بولىدۇ .ئەگەر سىز تۈركىيگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئېلىشىڭىز كىرەك ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئالماي ئادەتتىكى ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كەلسىڭىز تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كەلگەندىكىگە قارىغاندا تەسرەك بولىدۇ .شۇڭا ئوقۇش نىيىتى بىلەن كەلمەكچى بولغان دوستلارنىڭ ئامال بار ئالدىرىماي ئوقۇش ۋىزىسىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. سىز ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كەلسىڭىز ،سىزنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەڭ مۇھىم قىلدىغان ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى (ئىقامەت)ئىشىڭىز ،تۇرالغۇ مەسىلىڭىز،تۈرك تىلى ئۈگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ،ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىشلىرىڭىز ئاسان بولىدۇ .
  بۈگۈن  بىز تۈركىيەنىڭ ۋاقىتلىق تۇرشلۇق كىنىشكىسى (ئىقامەت)ھەققىدە ئاز-تولا ماتىرىياللارنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلار سۇنماقچىمىز. بەلكىم بۇ يەردە يازغانلىرىمىز بولسا سىزنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزدا ياردىمى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .ۋەتىنىمىزدىن چىقماقچى بولغان دوستلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ئويلاشقاندىن كىيىن ئويلىنىشقا زۆرۈر بولغان مەسىللەردىن بىرى ئىقامەت مەسىلىسىدۇر. نىمە ئۈچۈن ئىقامەت مەسىلىسى شۇنچە مۇھىم دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ،چۈنكى سىز تۈركىيە چىگراسىدىن ئۆتۈپ بىرئايدىن ئوشۇق تۇرماقچى بولسىڭىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش روخسىتى ئالىسىز.سىز بۇ روخسەتنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تۈركىيەدە بېرىلگەن روخسەت ۋاقتى ئىچىدە خاتىرجەم ھەم قانۇنلۇق تۇرالايسىز.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش روخسىتىنى بېرىش ھوقۇقىنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، ھەرقايسى شەھەرلەر ۋە رايۇنلاردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ساقچىخانىلار ۋاكالەت ئىش بېجىرىپ بىرۋاتىدۇ .سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەردىن ۋە سىزگە يىقىن ساقچىغانىدىن ئالدىن كىلىشىم نۇمۇرى (randevu)ئالسىز ۋە ۋاقتى كەلگەن كۈنى پۈتۈن ماتىرىياللارنى تەييار قىلىپ ئاپارسىڭىز بولىدۇ .

ئىقامەتنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىدەك ؛

ئۇزۇن ۋاقىت ئىقامەت روخسىتى
UZUN DÖNEM İKAMET İZNİ

قىسقا ۋاقىت ئىقامەت روخسىتى
KISA DÖNEM İKAMET İZİNLERİ

ئائىلە ئىقامەت روخسىتى
AİLE İKAMET İZNİ

تۈركىيەدە مۇقۇم مۆلىكى بارلار
TÜRKİYE’DE TAŞINMAZ MALI BULUNANLAR

ئوقۇغۇچىلىق ئىقامەت روخسىتى
ÖĞRENCİ İKAMET İZNİ

ئىنسانىي ئىقامەت روخسىتى
İNSANİ İKAMET İZNİ

ئىشلەش سەۋەبىدىن ئىلىنغان ئىقامەت روخسىتى
ÇALIŞMA AMAÇLI İKAMET


قاتارلىق بىرقانچە ئىقامەت روخسەت تۈرلىرى بولۇپ ،بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە ئايرىم يەنە قوشۇمچە تۈرلەرمۇ بار .سىز شۇ تۈرلەر ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كەلگەننى تاللاپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلىق ئىقامىتى ئىلىش ئۈچۈن كىرەكلىك ماتىرىياللار؛

4 پارچە رەسىم

پاسپورتنىڭ ئەسلى نوسخىسى

پاسپورتنىڭ كۆپەيتىلگەن نوسخىسى ( باش بەت ۋە ۋىزا بار بەت ،چىگرادىن كىرگەن ۋاقىت بار بەت يەنى چىگرادىن ئەڭ ئاخىرىقى قىتىم كىرگەندە ئۇرۇلغان تامغا بار بەت)


يىڭى چىسلا بار ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى (öğrenci belgesi)

ئىقامەت ئىلتىماس قىلغان جەدىۋەل

ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلىق ئىسپاتى (يىڭى قانۇندا ئىقامەت ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ شۇنىڭ ئىسپاتىنى چىقىرىپ كىلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن)


سىز يۇقارىقى ماتىرىياللارنى تەييارلاپ ساقچىغانىغا ئاپارغاندىن كېيىن سىزنىڭ ئىشىڭىزنى قىلىدۇ ۋە سىزگە بانكىغا 50 لىرا پۇل تۆلىشىڭىزنى دەيدۇ . سىز 50 لىرا پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن چىقىرىپ بەرگەن تالوننى قايتا ساقچىغانىغا پۈتۈن ماتىرىيالىڭىزنى بەرگەندىن كىيىن ئىشىڭىز تۈگەيدۇ . سىز تەخمىنەن 45 كۈندىن كىيىن ئىقامىتىڭىزنى ئىلتىماس قىلغاندا يازغان ئادرىسىڭىزغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ .ئەگەر 45 كۈندىن كېيىن كەلمەي قالسا ئادرىسىڭىزغا قاراشلىق ساقچىخانىلار (İlçe Eminyet Müdürlüğü) دىن سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ .


ئىستالبۇلدا ئالدىن كىلىشىم (Randevu) توردا قىلىندىغان بولۇپ تۆۋەندىكىسى تور ئادرىسى
http://e-randevu.iem.gov.tr/yabancilar/dil_sec.aspx

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:42:28

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ، كېيىنچە ئوقۇي  ماڭا  چوڭ ياردىمى بار تېمىدەك تۇرىدۇ

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:58:45

ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم، سۇتۇقاخۇن. ئ‍ائ‍ىلە ئ‍ىقامەت رۇخسىتىى، دىگەننىڭ ئ‍الاھىدىلىكىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:10:53

ۋەئەلەيكۇمئەسسالام ،مىنى ھاجىم دەيتى،.

ئائىلە ئىقامىتى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا بىرىلىدۇ
تۈركىيە پۇقراسى جۆرىسى بولسا،
جۆرىسىنىڭ ئىقامىتى بولسا (جۆرىسى ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار كىتىدۇ)
ئاتا-ئانىسى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولسا
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقامىتى بولسا

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:13:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،،سىزدىن سوراپ باقسام ئائىلە بويىچە كوللىكتىپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۈتۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟مەسىلەن ئۆي مۈلۈك سېتىۋىلىش،مەبلەغ سېلىش دىگەندەك

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:28:49

نورمال ۋە ئالاھىدە ئىككى خىل ئەھۋالى بار
بىرىنجىسىدە 5 يىل قانۇنلۇق تۇرغان بولىشى كىرەك، ئىككىنجىىسىدە، ھۆكۇمەتنىڭ ئالاھىدە قارارى ،بۇنداق بولغاندا 5يىل تەلىپى يوق

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:40:43

مىنىڭ تۈركىيەدىن ماروژنا خۇرۇچلىرىنى كىرگۈزگۈم بار، ئەمما ئالاقىلشىش بەك تەس بولاتىدۇ دىسە.

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:47:26

بىزنىڭ ئۇستا تۈرك ماروجنىچى دوستلىرىمىز قوشنىلىىرىمىز بار،چچ 1670722218

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:10:49

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن يىقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرئوقۇ تورى ،ئىزدەن تورى ،بەكتۇر تورى قاتارلىق تورلاردا بۇ ھەققىدە ھەقسىز ياردەملەر بولۋاتىدۇ ،يىڭى ئۇچۇرلار بولۋاتىدۇ .ئىزدەن تورى مەخسۇس تۈركىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ ،ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلۋاتىدۇ ،ھەتتا شۇنداق ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىدىئو دەرسلىكىنى ئىشلەپ تورغا يوللاۋاتىدۇ .ئىلتىماس قىلىشتا قىينىلىپ قىلۋاتقانلارغا ئۆزلىرى ھەقسىز بىر مۇچەنمۇ پۇل تەلەپ قىلماي ياردەم قىلۋاتىدۇ .شۇڭا دوستلارنىڭ مۇشۇنداق توربەتلەرگە كىرىپ تۇرىشىنى ،ھەقسىز ئۆز ئەجىرى بىلەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىزدەن تورى ئادرىسى :http://www.izden.c

ساداق قىرىندىشىم ،مىنىڭ شىرىكىم سەپەرگە چىقىپ كەتكەنىدى يىتىشەلمىدىم، بىرقانچەيلەن مۇكاپاتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىماقچىكەن،ئۆزى ئىلتىماس قىلىشى قولايسىزكەن،سىز ياردەم قىلىپ ئىلتىماس قىلىشىپ بىرەمسىز؟

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 03:01:28

خەتكۈچ

pigan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 04:05:58

ئىقامەتنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىدەك ؛

ئۇزۇن ۋاقىت ئىقامەت روخسىتى
UZUN DÖNEM İKAMET İZNİ

قىسقا ۋاقىت ئىقامەت روخسىتى
KISA DÖNEM İKAMET İZİNLERİ

ئائىلە ئىقامەت روخسىتى
AİLE İKAMET İZNİ

تۈركىيەدە مۇقۇم مۆلىكى بارلار
TÜRKİYE’DE TAŞINMAZ MALI BULUNANLAR

ئوقۇغۇچىلىق ئىقامەت روخسىتى
ÖĞRENCİ İKAMET İZNİ

ئىنسانىي ئىقامەت روخسىتى
İNSANİ İKAMET İZNİ

ئىشلەش سەۋەبىدىن ئىلىنغان ئىقامەت روخسىتى
ÇALIŞMA AMAÇLI İKAMET


يېقىندىن بۇيان ساياھەت ئىقامىتى دەپمۇ ئاڭلىنىدىغان بولىندى ، بەلكىم رەسمىي ئاتىلىشى بولمىسا كېرەك ، ببۇ قايسى تۈرگە تەۋەدۇ  ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىقاتمەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۋەتسىڭىز  ، رەھمەت .

    ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:38:42

دىمەك پۇلنىڭ كۈچى بىلەن پۇقرالىقىغا ئۆتكىلى بولمايدىكەندە

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:16:52

مەن تىخى شەيخۇل ئابدۇلئەھەت ئەپەندىم شىركەت قۇرغان چىغى دەپتىمەن

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:41:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umid2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 12:47  

پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ياۋرۇپا،شىمالى ئامرىكا،ئاۋىستىرالىيە،يىڭى زىللاندىيگە مەبلەش سىلىش ئارقىلىق پۇقرالىقىغا قىسقا ۋاقىتتا ئۆتكىلى بولىدىكەن،توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.بەزىلىرى مەبلەش سالسىلا پۇقرالىق بىرىدىكەن،مەسىلەن ئاۋىستىرىيگە 1 مىلىيۇن ياۋرۇ..

تۈركىيگە ئادەتتە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىلىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ساياھەتچى ئىقامىتى كۆپرەك بىجىرىلىدۇ.
ساياھەت ئىقامىتى قىسقا مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ  بىرتۈرى بولۇپ ،ئۇنىڭغا كىرەكلىك ماتىرياللار
4 پارچە رەسىم، پاسپورتنىڭ ئەسلى ،پاسپورتنىڭ باش بىتىنىڭ ۋە تۈركىيگە كىرىش تامغىسى بار بەتنىڭ كوپىيەسى،ئەگەر مىھمانخانىدا تۇردىغان بولسىڭىز،مىھمانخانىنىڭ ئىسپاتى، ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇردىغان بولسىڭىز،ئىجارە توختىمىنىىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىك ئىسپاتى، ئىقامەت ئىلتىماس جەدۋىلى،تۈركىيەدىكى خالىغان بىر سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئىلىنغان بىر يللىق سالامەتلىك سۇغۇرتىسى،6 مىڭ دوللارنىڭ ئىسپاتى (بۇنى پۇل ئالماشتۇرىدىغان دۇكانلار 30 لىراغا قىلىپ بىرىدۇ)، ئەگەر بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن دەپ ئۇنىڭدىن كىپىللىك ئىسپاتىنى گۇۋاھلىق ئىدارىسىدىن ئالسىڭىز، مىھمانخانا ياكى ئۆي ئىجارە توختامى قىلىش كەتمەيدۇ،كىپىللىك ئىسپاتىنى ئىلىىپ قويۇپ ،نەدە تۇرسىڭىز بولىۋرىدۇ.بۇ دۆلەتتە ئىشلار قاتتىق كونتىرول ئاستىدا ئەمەس.

ئەمدى ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلىپ ئىقامىتىڭىزنى تىز ئىلىشىڭىز،تۈركىيگە كىرىپ ئىقامەت ئىلتىماسىڭىزنى چەتئەللىكلەر ئىشلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن خۇددى يۇرتتا كىسەل كۆرسىتىشكە نۇمۇر ئالغاندەك نۆۋەت نۇمۇرى ئالىسىىز، ئىستانبۇلنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قىسمىدا جەمئىي 34 رايون بار،ھەر رايوننىڭ ساقچىخانىسىدا چەتئەللىكلەر ئىشلىرى بۆلۈمى بار،ئەگەر سىز ئىقامەتنى تىزراق ئىلىشنى ئويلىسىڭىز، فاتىھ،زەيتىنبۇرنۇ،بەيلىك دۈزى،كۇچۈك چەكمەجە رايونلىرىدىن نۆۋەت ئالماڭ،چۈنكى ئەڭ ئاز  ئۈچ ئايدىن كىيىنكى نۆۋەتنى ئالالايسىز،ئادەتتە چەتئەللىكلەر بۇ رايونلارغا كۆپرەك چۈشىدىغان بولغاچقا،نۆۋەت بەكمۇ بىسىق.

شىركىتىمىز ئىقامەت ئىشىنى تىزراق ھەل قىلىش ئۈچۈن ،بىز بىلەن ئالاقىلاشقان خىرىدارلارغا نۆۋىتىنى ئۇلار تۈركىيگە كىرمەستىن بۇرۇنلا،ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئالغان بىلىتىگە ئاساسلىنىپ ،كىرىش كۈنىنى توغرا مۆلچەرلەپ نۆۋىتنى ئىلىپ بىرىدۇ،نۆۋەت قانچە بۇرۇن ئىلىنسا شۇنچە ياخشى.
  بىزدىكى ئىككى ئەۋزەللىك، 1 .مىنى بۇرۇن  بىر تۈرك ئائىلىسى ئاتاق بالىسى قىلۋالغانىدى،بۇ ئائىلىنىڭ 9 بالىسى بار،سەككىزى قىز،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىسمىدىكى بىرقانچە رايونىدا، مەن بۇ تۇققانلىرىمنى ۋە باشقا تۈرك دوستلرىمغا دەپ ئۇلارنى خىرىدارلىرىمغا كىپىل قىلىپ ئىقامىتىنى ئىلىشىپ بىرەلەيمەن. ئادەتتە خىرىدارلار سورايدۇ ،مىنىڭ تۈركىيە ۋىزامنىڭ ۋاقتى قىسقا ،نۆۋەتنى ئىلىپ ساقلسام ،ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتسىچۇ؟ ،سىز پەقەت ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشماستىنلا نۆۋەتكە ئىلتىماس قىلىۋەتسىڭىز قانۇنسىز تۇرغان ھىسابلانمايسىز،شۇڭا ئالدىراقسانلىق قىلماڭ،ئەگەر نۆۋەتنى ئالدىراپ بىسىق رايونلاردىن ئالسىڭىز كىيىن نۆۋەتنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز ،نۆۋەتنى چوقۇم شەھەرلىك ساقچىغا بىرىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇسىىز،بۇنداق بولغاندا ئەگەر باشقا نۆۋەت ئالسىڭىز ،ۋىزىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، جەرىمانىگە دۇچ كىلىسىز.
نۆۋىتڭىز كەلگەن كۈنى ماتىريالىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرسىڭىز، ئىقامەت كارتىڭىز ئادەتتە بىر ئايدىن كىيىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىدۇ،بۇ جەرياندا يەنىلا ئىقامەتكە پۇل تاپشۇرغانلىق توغۇرلۇق تالوننى يىنىڭزدا ئىلىپ يۈرسىڭىز بولىدۇ.
2.ئەۋزەللىكىمىز- مىنىڭ ئىككى تۈرك دوستۇم سۇغۇرتا شىركىتى ئاچىدۇ، ئۇلار بىزگە ئىتىبار باھادا مۇلازىمەت قىلدىغان بولدى، تىخىمۇ ئەۋزەل بولۇشى ئۈچۈن ،بىز خىرىدارىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇلارغا يوللىساق ئۇلار سالامەتلىق سۇغۇرتىسىنى تەييار قىلىپ تۇردىغان ۋە بىز خىرىدارنى ئۇلارغا ئاپارساق رەسمىيتىنى ئۆتەپلا سۇغۇرتا قەغىزىنى قوللرىغا بىرىدىغان بولدى،ئىستانبۇل ھەقىقەتەن چوڭ ،بۇنداق ئەپچىل ئۇسۇلنى قوللانساق.ۋاقىت ۋە ئىقتىسادمۇ تىجەلگىدەك.
مەسىلەن سىز تۈركىيگە 3.ئاينىڭ1 .كۈنى كىرگەن بولسىڭىز ،ۋىزىڭىز 3.ئاينىڭ 15.كۈنىدە ئاخىرلاشسا، نۆۋىتىڭىزنى
3.ئاينىڭ 2.كۈنىدە ئالسىڭىز ياكى سەپەرگە چىقىشتۇن بۇرۇن 2.ئاينىڭ 20،كۈنىدە توردىنلا ئىلىۋەتسەك.
بىسق ئەمەس رايونلاردىن نۆۋىتىڭىزنى بىرقانچە كۈن كىيىنگە ياكى بىر ئىككى ھەپتە كىيىنگە ئالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بىسىق رايونلاردىن ئالسىڭىز بۇ ئىش 3 ئاي كەينىگە سۈرۈلدى دىگەن گەپ...

ھازىرغىچىمۇ ئىشلىتىشتىن قالمىغان،بۇرۇنقى  ئىقامەت كىنىشكىسى ۋە يىڭى ئەۋلات ئىقامەت كارتىسى




ھەممىڭلارغا سۇتۇق شىركىتىدىن ئۇتۇقلار بولسۇن!

miher1115 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:49:31

شىركىتىڭىزنىڭ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن ،تېخىمۇ تىرىشىڭ{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}
بەت: [1] 2
: سۇتۇق خەيرى شىركىتىدىن سىزلەرگە سالام!