ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:16:52

مەن تىخى شەيخۇل ئابدۇلئەھەت ئەپەندىم شىركەت قۇرغان چىغى دەپتىمەن

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:41:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umid2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 12:47  

پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ياۋرۇپا،شىمالى ئامرىكا،ئاۋىستىرالىيە،يىڭى زىللاندىيگە مەبلەش سىلىش ئارقىلىق پۇقرالىقىغا قىسقا ۋاقىتتا ئۆتكىلى بولىدىكەن،توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.بەزىلىرى مەبلەش سالسىلا پۇقرالىق بىرىدىكەن،مەسىلەن ئاۋىستىرىيگە 1 مىلىيۇن ياۋرۇ..

تۈركىيگە ئادەتتە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىلىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ساياھەتچى ئىقامىتى كۆپرەك بىجىرىلىدۇ.
ساياھەت ئىقامىتى قىسقا مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ  بىرتۈرى بولۇپ ،ئۇنىڭغا كىرەكلىك ماتىرياللار
4 پارچە رەسىم، پاسپورتنىڭ ئەسلى ،پاسپورتنىڭ باش بىتىنىڭ ۋە تۈركىيگە كىرىش تامغىسى بار بەتنىڭ كوپىيەسى،ئەگەر مىھمانخانىدا تۇردىغان بولسىڭىز،مىھمانخانىنىڭ ئىسپاتى، ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇردىغان بولسىڭىز،ئىجارە توختىمىنىىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىك ئىسپاتى، ئىقامەت ئىلتىماس جەدۋىلى،تۈركىيەدىكى خالىغان بىر سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئىلىنغان بىر يللىق سالامەتلىك سۇغۇرتىسى،6 مىڭ دوللارنىڭ ئىسپاتى (بۇنى پۇل ئالماشتۇرىدىغان دۇكانلار 30 لىراغا قىلىپ بىرىدۇ)، ئەگەر بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن دەپ ئۇنىڭدىن كىپىللىك ئىسپاتىنى گۇۋاھلىق ئىدارىسىدىن ئالسىڭىز، مىھمانخانا ياكى ئۆي ئىجارە توختامى قىلىش كەتمەيدۇ،كىپىللىك ئىسپاتىنى ئىلىىپ قويۇپ ،نەدە تۇرسىڭىز بولىۋرىدۇ.بۇ دۆلەتتە ئىشلار قاتتىق كونتىرول ئاستىدا ئەمەس.

ئەمدى ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلىپ ئىقامىتىڭىزنى تىز ئىلىشىڭىز،تۈركىيگە كىرىپ ئىقامەت ئىلتىماسىڭىزنى چەتئەللىكلەر ئىشلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن خۇددى يۇرتتا كىسەل كۆرسىتىشكە نۇمۇر ئالغاندەك نۆۋەت نۇمۇرى ئالىسىىز، ئىستانبۇلنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قىسمىدا جەمئىي 34 رايون بار،ھەر رايوننىڭ ساقچىخانىسىدا چەتئەللىكلەر ئىشلىرى بۆلۈمى بار،ئەگەر سىز ئىقامەتنى تىزراق ئىلىشنى ئويلىسىڭىز، فاتىھ،زەيتىنبۇرنۇ،بەيلىك دۈزى،كۇچۈك چەكمەجە رايونلىرىدىن نۆۋەت ئالماڭ،چۈنكى ئەڭ ئاز  ئۈچ ئايدىن كىيىنكى نۆۋەتنى ئالالايسىز،ئادەتتە چەتئەللىكلەر بۇ رايونلارغا كۆپرەك چۈشىدىغان بولغاچقا،نۆۋەت بەكمۇ بىسىق.

شىركىتىمىز ئىقامەت ئىشىنى تىزراق ھەل قىلىش ئۈچۈن ،بىز بىلەن ئالاقىلاشقان خىرىدارلارغا نۆۋىتىنى ئۇلار تۈركىيگە كىرمەستىن بۇرۇنلا،ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئالغان بىلىتىگە ئاساسلىنىپ ،كىرىش كۈنىنى توغرا مۆلچەرلەپ نۆۋىتنى ئىلىپ بىرىدۇ،نۆۋەت قانچە بۇرۇن ئىلىنسا شۇنچە ياخشى.
  بىزدىكى ئىككى ئەۋزەللىك، 1 .مىنى بۇرۇن  بىر تۈرك ئائىلىسى ئاتاق بالىسى قىلۋالغانىدى،بۇ ئائىلىنىڭ 9 بالىسى بار،سەككىزى قىز،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىسمىدىكى بىرقانچە رايونىدا، مەن بۇ تۇققانلىرىمنى ۋە باشقا تۈرك دوستلرىمغا دەپ ئۇلارنى خىرىدارلىرىمغا كىپىل قىلىپ ئىقامىتىنى ئىلىشىپ بىرەلەيمەن. ئادەتتە خىرىدارلار سورايدۇ ،مىنىڭ تۈركىيە ۋىزامنىڭ ۋاقتى قىسقا ،نۆۋەتنى ئىلىپ ساقلسام ،ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتسىچۇ؟ ،سىز پەقەت ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشماستىنلا نۆۋەتكە ئىلتىماس قىلىۋەتسىڭىز قانۇنسىز تۇرغان ھىسابلانمايسىز،شۇڭا ئالدىراقسانلىق قىلماڭ،ئەگەر نۆۋەتنى ئالدىراپ بىسىق رايونلاردىن ئالسىڭىز كىيىن نۆۋەتنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز ،نۆۋەتنى چوقۇم شەھەرلىك ساقچىغا بىرىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇسىىز،بۇنداق بولغاندا ئەگەر باشقا نۆۋەت ئالسىڭىز ،ۋىزىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، جەرىمانىگە دۇچ كىلىسىز.
نۆۋىتڭىز كەلگەن كۈنى ماتىريالىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرسىڭىز، ئىقامەت كارتىڭىز ئادەتتە بىر ئايدىن كىيىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىدۇ،بۇ جەرياندا يەنىلا ئىقامەتكە پۇل تاپشۇرغانلىق توغۇرلۇق تالوننى يىنىڭزدا ئىلىپ يۈرسىڭىز بولىدۇ.
2.ئەۋزەللىكىمىز- مىنىڭ ئىككى تۈرك دوستۇم سۇغۇرتا شىركىتى ئاچىدۇ، ئۇلار بىزگە ئىتىبار باھادا مۇلازىمەت قىلدىغان بولدى، تىخىمۇ ئەۋزەل بولۇشى ئۈچۈن ،بىز خىرىدارىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇلارغا يوللىساق ئۇلار سالامەتلىق سۇغۇرتىسىنى تەييار قىلىپ تۇردىغان ۋە بىز خىرىدارنى ئۇلارغا ئاپارساق رەسمىيتىنى ئۆتەپلا سۇغۇرتا قەغىزىنى قوللرىغا بىرىدىغان بولدى،ئىستانبۇل ھەقىقەتەن چوڭ ،بۇنداق ئەپچىل ئۇسۇلنى قوللانساق.ۋاقىت ۋە ئىقتىسادمۇ تىجەلگىدەك.
مەسىلەن سىز تۈركىيگە 3.ئاينىڭ1 .كۈنى كىرگەن بولسىڭىز ،ۋىزىڭىز 3.ئاينىڭ 15.كۈنىدە ئاخىرلاشسا، نۆۋىتىڭىزنى
3.ئاينىڭ 2.كۈنىدە ئالسىڭىز ياكى سەپەرگە چىقىشتۇن بۇرۇن 2.ئاينىڭ 20،كۈنىدە توردىنلا ئىلىۋەتسەك.
بىسق ئەمەس رايونلاردىن نۆۋىتىڭىزنى بىرقانچە كۈن كىيىنگە ياكى بىر ئىككى ھەپتە كىيىنگە ئالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بىسىق رايونلاردىن ئالسىڭىز بۇ ئىش 3 ئاي كەينىگە سۈرۈلدى دىگەن گەپ...

ھازىرغىچىمۇ ئىشلىتىشتىن قالمىغان،بۇرۇنقى  ئىقامەت كىنىشكىسى ۋە يىڭى ئەۋلات ئىقامەت كارتىسى




ھەممىڭلارغا سۇتۇق شىركىتىدىن ئۇتۇقلار بولسۇن!

miher1115 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:49:31

شىركىتىڭىزنىڭ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن ،تېخىمۇ تىرىشىڭ{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:48:31

ئابدۇل ئەھەت بۇرادار  شەيخۇل. بوپتۇما ؟؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:49:36

مۇنبەر  ئىلانلىرىغا بەكرەك  كۇچىسىڭىز تىخىىمۇ  ياخشى..{:112:}
بەت: 1 [2]
: سۇتۇق خەيرى شىركىتىدىن سىزلەرگە سالام!