BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:08:17

‹‹ ھامىلە نورمال ئەمەس ، مېڭىسى يوق ›› دەيدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئايالىمنىڭ بۇيىدا بار ئىدى. قايسى كۈنى ۋىلايەتلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا ھامىلىنى تەكشۈرتكىلى باردۇق. دوختۇرلار ھېلىقى بىچاۋ دىگەن ئاپىراتتا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ‹‹ بالا نورمال ئەمەسكەن ، مېڭىسى يوق ئىكەن ›› دەپ دېئاگىنوز قويدى . ۋاقىتنى ئۇزارتماي دەرھال ئالدۇرۋەتمىسەڭلار بولمايدۇ ، بۇ ھالەتتە بالا تۇغۇلغاندىمۇ ھامان جان ساقلاپ قالالمايدۇ  دەيدۇ. ھامىلە 12 ھەپتىلىك بۇلاي دەپتىكەن. بىز دەمالىققا قوبۇل قىلالماي باشقا دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ باقايلى دەپ يېنىپ چىقتۇق. ئەتىسى ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق. ئۇ دوختۇرخانىدىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ‹‹ھامىلە نورمال ئەمەس، باش سۆڭىكى يوق ... ›› دەپ دېئاگىنوز قويدى . ھەمدە ھازىر ھامىلە بەك كىچىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئېنىق تەكشۈرۈش بىر ئاز تەس، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا كېلىپ تەكشۈرتۈڭلار ، شۇ چاغدىمۇ يەنە مۇشۇنداق چىقسا ، بالىنى ئالدۇرۋەتمىسەڭلار بولمايدۇ دەيدۇ. ھەر ئىككى دوختۇرخانىدا زادى نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمىدى. قۇرساق كۆتۈرۈش جەريانىدا ئايالىمنىڭ قالايمىقان دورا ئىچكەن ئەھۋالى يوق. ئارلىقتا بىر نەچچە كۈن خۇن كېلىپ كېتىپ ، ئۆيدە كۈتۈنۈپ ساقىيىپ قالغان ئىدى.
ئىككى دوختۇرخانىنىڭ دېئاگىنۇز ئەھۋالى :
ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دېئاگىنۇز ئەھۋالى :
超声所见:
经腹探查:
本次B超不做畸形筛查。
常规项目:
颅骨光环缺失
胎儿颈部未见彩色血流信号。

诊断意见:
无脑儿?
说明:本次超声检查只检查报告中“超声所见”的内容,没描述的胎儿结果不在检查范围内。

ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دېئاگىنۇزى :
检查所见
本次检查不作为胎儿畸形筛查:
宫内探及一胎儿回声,未见确切颅骨光环,股骨长12MM, 胎心率124次/分,胎盘位于子宫前臂,厚18MM, 1级,其下缘距颈内口边缘34MM,羊水深径32MM.

诊断结果
未见确切胎儿颅骨光环(胎儿畸形?建议2周后复查)
单胎  存活


ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىمىز :1. ھامىلىنىڭ ھازىرقى بۇ ئەھۋالى زادى قانداق ئىش ؟ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولىدۇ ؟
2. كېيىنكى قۇرساق كۆتۈرۈش جەريانىدا ھامىلىدە ياخشىلىنىش بۇلارمۇ ؟ ياكى دوختۇرلار دېگەندەك چۈشۈرۋېتىش كېرەكمۇ ؟
ئەر – ئايال ئىككىمىزنىڭ ھازىر بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ – تېشىمۇ قېتىپ كەتتى . زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ مۇشۇنداق  ئەھۋالغا دۈچ كەلگەنلەر بولسا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ...

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:19:53

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:16:52

  ئەمدىلا ئۈچ ئاي بۇپتۇ، باشقا كىچىك دۇختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ بىقىڭ، بولسا شەخسى دۇختۇرلاردىمۇ تەكشۈرتۈپ بىقىڭ، بەك جىددىلىشىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالدىرىماي بىر ئاي ساقلاپ باقمامسىز...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:32:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 17:35  

Iamalive قالدۇرغان ۋىكىپىدىيەدىكى ئىنگىلىزچە نۇسقىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم:


ئەنەنسەفالىي كىسىلى‹مىڭىسىز ھامىلە›- ھامىلە يىتىلىش مەزگىلىدە باش تىرىسى، سۆڭىكى ھەمدە چوڭ مىڭىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تولۇق شەكىللىنەلمەسلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ.  نىرۋا نەيچىسى باش قىسمى يىپىلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىكى نىرۋا نەيچىسى كەمتۈكلىكى سەۋەبىدىن  باش قىسمىنىڭ يىتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئادەتتە ھامىلدارلىقنىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگە بولغان ئارلىقتا يۈز بىرىدۇ.قەتئىيلىك بىلەن ئىيىتقاندا، گىرىكتىلىدىن قوبۇل قىلىنىغان بۇ سۆز‹Anencephaly›نى تەرجىمە قىلساق «باش ئىچى كەمتۈكلىكى» بولىدۇ، يەنى باش ئىچىدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلارنىڭ يىتىلەلمەسلىكى، مەسىلەن، چوڭ مىڭە دىگەندەك. لېكىن بۇ خىل كىسەللىك بىلەن تۇغۇلغان بالىلاردا ئادەتتە، چوڭ مېڭە يېرىم شارچىسى ۋە چوڭ مىڭە پوستىلاق قەۋىتىدىن تۈزۈلگەن ،تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل بولغان ئاخىرقى مېڭىسى بولمايدۇ،بىشى پەقەت مېمبرانا‹نىپىز پەردە› ھالىتىدىلا تۇرىدۇ، قالغان  تىرە، سۆڭەك،مىڭە-يۇلۇن پەردىسى ...كەمتۈك بولىدۇ. ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ خىل كىسەللىك بىلەن تۇغۇلغان بالىلار ئادەتتە تۇغۇلۇپ بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈنگىچە ياشىيالايدۇ.

@bilgejan  

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:47:52

توۋا   بۇ دوختۇر دىگەن  نىمىلەدە  ئىنساپ قالماپتۇجۇمۇ  ..  ئايالىمنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ  تەكشۈرتسەك ئۆتتە گۆش باركەن دىگەن . كەينىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ  يىشۆيەندە تەكشۈرتسەك گۆش باركەن ئەپىرەس قىلىۋىتىڭلار دەيدۇ  . ئىككىنچى  دوختۇرخانىغا بارساقمۇ  ئەپىرەس قىلىېىتىڭلار بولمىسا كىيىن يامان سۈپەتلىك نەر سىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ دەيدۇ  شۇنداق دىگەن  دوختۇرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر . كەينىدىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئەپىرەس قىلايلى دەپ ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق يەردىكى دوختۇر خانىغا بارساق  بىر ياش دوختۇر  تەكشۈرۈش قارتىللىرىنى كۆرۈپ بىقىپ   گۆش ئەمەسكەن  تاشكەن    ئەپىرەس قىلمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ  دەيدۇ  بۇ دوختۇر شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويدى  خېلى مەسئۇلىيەتچان دوختۇركەن . كەينىدىن خاتىر جەم بۇلالماي يىشۆيەنگە  كىلىپ يەنە تەكشۈرتسەك   تەكشۈرگەن تەتەي تاشكەن  گۆش ئەمەس  ئەپىرەس قىلماسلىقىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن دىدى . تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈرۈپ  دوختۇرنىڭ قىشىغا كىرسەك ئەپىرەس قىلىۋىتىڭلا دەپ تاش بولسىمۇ دەپ قاراپ تۇرىدۇ دورا ئىچسە چۈشۈپ كەتمەمدۇ دىسەك  دورا ئىچسىمۇ  چۈشۈپ كىتىدۇ  تاش  چوڭ ئەمەسكەن دەيدۇ    توۋا  دەپ قالدىم  دورا ئىچسە  چۈشۈپ كىتىدىغان  نەرسىنى ئۈچىلى دوختۇر ئەپىرەس قىلىۋىتىڭلا دەپ  قورقۇتۇپ كەتكىنىنى دەيمەن  يەنى ئۆتنى كىسىپ  ئىلىۋىتىدىكەن.  بىر بىمارنى ئەپىرەسكە  بۇيرۇپ بەرسە قانچىلىك پۇل تىپىپكىتەر دەيمەن  بۇ قاسساپلا ؟ ئۇيغۇر  专家دەپ  تاللاپ كۆرۈنۈپ  كىتىپتۇق  تىخى بۇ  خەققە  بۇ خەقنىڭ كۆزى  پۇلدىن باشقىنى تۇنىمايدىكەن ئەمەسمۇ  ئەسلى . ئەپىرەس قىلىپ قالساڭلا  ماڭا  ئۇچۇر قىلىڭلا  دەپ  تىلفۇن نۇمۇرىنى  يىزىپ بېرىپ  كەتكىنىچۇ تېخى . ھازىر  ماۋۇ  چوڭ دوختۇرخانىتى  دەپ  ئىشىنىپ كەتسە بولمۇغۇدەك .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:50:57

يەڭگەم  دەسلەپتە بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە ھامىلە تولۇق يىتىلەلمەپتۇ، ئالدۇرىۋىتىڭلا دەپتىكەن. بۇ خەۋەر بىلەن پۈتۈن ئۆيدىكىلەر شۇنداق قايغۇرۇپ كەتكەن، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەي چوڭراق بىر دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرتكەندە دۇختۇر ئۇنداق ئەمەس، ھامىلە نورمال ئىكەن دەپ دىئاگۇنۇز قويغان. كىيىن جىيەنىم شۇنداق ساغلام تۇغۇلدى. ئاللاھدىن ئۈمۈد ئۈزۈلمەس، ئۈمۈدسىزلەنمەي، يەنە دىگەن ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرۈتۈپ بىقىڭلا، قالغىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:33:47

  مىنىڭ بىر ئاغىنەم چۈشۈرگۈزىۋەتتى.  ئۈچ ئايلىق بوپتىكەن.  ئۈچ دوختۇرخانىدا تەكشۈرسە ھەممىىسى مۇشۇ خىل كېسەلكەن دەپتىكەن.  

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:48:57

دوختۇرلاردىن بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتنى پەقەت ئاتا-ئانا بولغۇچىلارلا چۈشىنەلىشى مۇمكىن، مەن پەقەت سەۋر قىلىڭ، لا دېيەلەيدىكەنمەن. مەنمۇ بىر بالامدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇڭا مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە بۇ كېسەل ئېرسىيەت خارەكتېرلىك ئەمەس. شۇڭا كېيىنكى بالىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ. ئەگەر تاسادىپىي بۇ بالىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئايالىڭىز فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلاشقا، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىپ، بەدىنى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئويلاشسىڭىز ياخشى بولامدىكىن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:00:27

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 18:48 static/image/common/back.gif
دوختۇرلاردىن بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتنى  ...

  ئەمما راسىت شۇنداق بولسا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئازاپتىن ھازىر چۈشۈرۋەتكىنى مىڭ ياخشى...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:06:29

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 19:00 static/image/common/back.gif
ئەمما راسىت شۇنداق بولسا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئازاپت ...

مەن ئۇنداق قىلماڭ دېگەن مەنىدە گەپ قىلغاندەك قىلمىدىمغۇ.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئەگەر بالىنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق كېسەل ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا چۈشۈرۈۋېتىشى زۆرۈر بولىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:08:03

دوكتۇردىن سورىسام، ئىنىق راس شۇنداق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا چۈشۈرۋەتسە بولىدۇ، دىگەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:35:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 19:38  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
بۇنى ئاللاھتىن كەلگەن سىناق دەپ ئاتايمىز. ئايالىڭىز ئىككىڭلار پۈتۈن ئىخلاسڭىلار بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار ھەم يامان ئىشلىرىڭلار بولسا تۈزەڭلار.
ئىككىنچى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھامىلىسىنى تەكشۈرتۈپ چىققان ئەر ئاياللاردىن ھامىلىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق دوختۇرنىڭ نېمە دېگەنلىكى توغرۇلۇق سوراپ بېقىڭ. بۇ ئىشنى نەچچە كۈنلەپ، نەچچە ھەپتىلەپ داۋاملاشتۇرۇپ باققىنىڭىز ياخشى. ناۋادا، بىر تۈركۈم ھامىلدارلارنىڭ ھامىلىسىنىڭ بىنورماللىقى توغرلۇق دىئاگنوزلار قويۇلغان بولسا، دېمەك، بەلكىم بۇ يەردە بىر مەسىلە بار.
ئاندىن تونۇش بىلىش، قوشنا قولۇنلار ئارىسىدا ھامىلار بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشۇپ ئۇلارغا قانداق دىئاگنوز قويۇلغانلىقى توغرۇلۇق ئۇقۇشۇپ بېقىڭ. يىغىپ ئېيتقاندا، قورساق كۆتۈرگەنلىكى مىللەتدېشىڭىز بولسا ھامىلىسى توغرۇلۇق ئۇقۇشۇپ بېقىڭ. ھامىلىنىڭ بىنورماللىقى ۋە چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ياخشىلىقى سۆزلەنگەن دىئاگنوزلار مەلۇم سالماقنى ئىگىلىسە ئۇ ھالدا سىز مەلۇم نەرسىلەرنى چۈشىنىز، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئېيتقانلىرىم بىر مۇمكىنچىلىك، ئويلىشىپ باققايسىز.
باشقا دوختۇرخانىلاردا ۋە شەخسىيلەردە تەكشۈرتۈپ باقماي، شۇنداقلا يۇقارقى ئىزدىنىلشەرنىمۇ قىلىپ باقماي تۇرۇپ بالىنى چۈشۈرۈشكە ئالدىراش ياخشى ئەمەس.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:41:38

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:46:17

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 19:06 static/image/common/back.gif
مەن ئۇنداق قىلماڭ دېگەن مەنىدە گەپ قىلغاندەك قىلمىدى ...

  ئىنكاسىڭىزنى ئاخىرغىچە ياخشى ئۇقۇمايلا ئىنكاس يىزىپ ساپتىمەن، كەچۈرۈڭ...

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:47:20

سەۋەبىنى دىسە منىىڭچە قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن ،
قالايمىقان دورا ئىشلەتمەڭلار،ھامىلدار ۋاختىدا ئايالنىڭ كۇتىنىشى ئوزۇقلىنىشى ۋە ئىغىر كىسەل بولۇپ قىلىشى ھامىلىنىڭ كىيىنكى يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بولسا ھامىلا تۇنجى مەزگىلىدە قارا توخا شورپىسى قىلىپ كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كىرەك .،
بالىلىق بولماقچى بولغاندا ياخشى تەييارلىق قىلىش كىرەك ھاراق تاماكانى تاشلاپ بىر مەزگىل بەىدنىڭىزنى ساپلاشتۇرۇڭ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:50:59

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-02-18 19:35:53 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 19
ئادەم ئەمەسكەنسىز
تولا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلماڭ،ھەر قانداق بىر دوختۇر ئۇنداق گەپ قىلمايدۇ،يا پىلانلىق تۇغۇتتا تەكشۈرتمەپتۇ،پىلانلىق تۇغۇتتا تەكشۈرتسىمۇ ئۇنداق گەپ قىلمايدۇ
دوختۇرلارنىڭمۇمەسئۇلىيىتى ، ئەخلاقى بار، بېرىپ قارىمدىن بىرگە تەكشۈرتسۇنمۇ يا بىراقلا؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:55:15

يوپۇرماق كىسلاتاسى(فولىك كىسلاتا)،خەنچە 叶酸片 دىگەننى قورساق كۆتۈرگەندىن گۇمان قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي توشقىچە كۈن ئاتلاتماي يىسۇن
لېكىن بۇ ئىرسىيەت كېسىلى ئەمەس،ئەگەر راستلا مېڭىسىز ھامىلە بولسا ئالدۇرۇۋېتىڭلار

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:42:00

دېمەك ،ھامىلىنىڭ كېيىنكى 5 ، 6 ئايلىق قۇرساق كۆتۈرۈش جەريانىدا نورمال تەرەققى قىلىپ، پۈتۈنلەي ساغلام ھالەتكە قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد يوق ئىكەندە ...

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:53:17

ئىلتەرىش  ماڭا ئۈرۈمچىدىكى  ئىككى  چوڭ دوختۇر خانىدا كەسپى ئەخلاقى بار دوختۇر ئۇچۇرىمىدى .  ئۈچ دوختۇرغا  专家 تېخى  بارسام  ئۈچىلىسى ئوپىراتسىيە قىلىۋىتىش كېرەكلىكىنى بولمىسا راكقا ئۆزگۈرۈپ كىتىش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتىپ قورقۇتۇۋەتتى  . ئاخىرىدا قانداق بولدى  بىلەمسىز  ؟ ئوپىراتسىيە قىلماي دورا ئىچسىمۇ ساقىيىدىغان بۇلۇپ چىقتى قايتا قايتا  تەكشۈرۈش ئارقىلىق  دوختۇرلانىڭ  ئەخلاقىدىن سۆزئاچماڭ  ئەلۋەتتە ھەممىسى  ئەمەس  كۆپ ساندىكىسى پۇلدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ . مەن بۇ ئىنكاسنى xxxxقوللاپ يازغىنىم يوق  بەلكى  دوختۇرلارغا بەك  يۇقرى باھا بەرگىنىڭىزقاراپ يازدىم . ئۆزىڭىز دوختۇر بولسىڭىز كۆڭلۈڭىزگە ئالماسدىز

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:00:24

مېنىڭ بىلىشىمچە ھامىلە مىڭىسى غەيرى يېتىلگەن بولسا بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىمۇ نورمال بولالمايدۇ
ئۇستا بىچاۋ دوختۇرى تېپىپ يەنە تەكشۈرتۈپ بېقىڭلا، ئالدىراش بولمىغاندىكىن بىرەر ئاي توختاپ يەنە تەكشۈرتۈپ بېقىڭلا،شۇ چاغدىمۇ دىئاگنوز بىردەك ئوخشاش ۋە ئېنىق چىقسا سەۋر قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىش ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن…
كېيىنكى قېىم قورساق كۆتۈرگەندىن باشلاپ ئۈچ ئاي فولىك كىسلاتاسىنى توختاتماي ئىچسۇن،بۇ دورا دەل ھامىلە مىڭىىسنىڭ غەيرى  يېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بەت: [1] 2 3
: ‹‹ ھامىلە نورمال ئەمەس ، مېڭىسى يوق ›› دەيدۇ