salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:05:14

بىر تونۇشۇمنىڭ ئايالى يېرىم يىل بۇرۇن ھامىلدار بولۇپ تەكشۈرتكەندە «ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى يوق» دەپ دىياگىنوز قويۇلۇپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قورسىقى ئاغرىپ چۈشۈپ كېتىپتىكەن، ئايالى يېقىندا يەنە ھامىلدار بوپتىكەن، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن قورساقتىكى ھامىلىنى تەكشۈرتكەندە ئىككى دوختۇرخانىدا ئوخشاشلا«ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى يوق» دەپتۇ ھەمدە بىرەر ھەپتە قاراپ بېقىپ يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقىدىغانلىقىنى، يۈرەك ھەرىكىتى يەنە بايقالمىسا، ۋاقتىدا ئالدۇرۇۋېتىش مەسلىھەتىنى بېرىپتۇ…
    كەسىپ ئىگىلىرىدىن  نېمە سەۋەپتىن ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى سورىغۇم كېلىپ قالدى…

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:05:55

ب تىپلق ئاپراتنڭمۇ ئىككى خىل تەكشۇرۇش ئۇسۇلى باركەنغۇ؟ سىز ھامىلنڭ غەيرىلىكنى تەكشۇرتكەنما؟ رەڭلىك ب تىپلىق ئاپراتقا سېلىپ باقتڭىزمۇ؟ سەۋرى قىلڭ ...........

BIMAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:13:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BIMAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 22:22  

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 19:35 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
بۇنى ئاللاھتىن كەلگەن  ...

بىرىنجى كۈنىدىكى تەكشۈرۈشكە ئايالىم 4  ياشلىق چوڭ ئوغلىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆزى بارغان .  تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن نەتىنجىسىنى ماڭا تېلفۇندا ناھايتى چۈشكۈن ھالەتتە ، يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئېيتتى . مەنمۇ تېلفۇندا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ ، ئۆزىڭىزگە ئارتۇقچە بېسىم قىلىۋالماڭ ، دوختۇرمۇ ئادەم... ئۇلارغا ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، ئەتە باشقا دوختۇرخانىدا يەنە بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن بىر نېمە دەيلى دەپ تەسەللىي بەرگەن ئىدىم ، ئۇ چاغدا ماڭا شۇنداق دېمەي ، ئايالىمغا شۇنداق دەپ تەسەللىي بەرمەي باشقا ئامال يوق ئىدى . ئايالىمنىڭ دىيىشچە تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ئون نەچچە ئاياللارنىڭ ئىچىدە ، ئەڭ ئۇزاق تەكشۈرگەن ، ئەڭ كۆپ دوختۇرلار باش قوشۇپ مەسلىھەتلەشكەن ھامىلىدار ئايال شۇ ئايالىم ئىكەن، باشقا ئاياللارنى ناھايتى تېزلا تەكشۈرۈپ ، بالا نورمال ئىكەن دەپ يولغا سېلىپتۇدەك ...

ئايالىمنىڭ تېنى ئاجىز ، قان ئازلىق كېسلى بار ( ھازىر كۈندە سۈت ، تۇخۇم بىلەن ، ئانار سۈيى ئىچىپ خېلى ياخشىلىنىپ قالغان ) . ئىككى ئوغلۇم بىر يېرىم ياش پەرق بىلەن ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلۇپ ، ھەر ئىككىلىسى ھازىر شۇنداق كەپسىز ، شوخ ، ئەقىللىق چوڭ بۇلۋاتىدۇ . بىر قىش كىچىككىنە ، تار ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىمىزگە پاتماي ، ئۆينى بېشىغا كىيىپ ، ئاپىسىغا تولا جاپا سېلىپ ، يىغلىتىپ - كۈلدۈرۈپ چىقتى . ئايالىم  قۇرسىقىدىكى بالىنىڭ قىز بولۇپ قېلىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ ، جاينىمازدا ئۇزۇندىن  -ئۇزۇن ئولتۇرۇپ دۇئا قىلاتتى .  ھەر ئىككىلىمىز ئاللاھنىڭ ھېكىمىتىگە ،  بىزنى نائۈمىد قويمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتۇق . . .

ھازىر بىزگە ئەڭ دەھشەت  كەلگىنى :  بىنورماللىقى ،  ‹‹ مېيىپ››لىقى سەۋەبلىك  قۇرساقتىكى بىگۇناھ  ھامىلىدىن ، يۈرىكى ھاياتلىق ئۈچۈن مىنۇتىغا 120 دىن 140 قىچە دۈپۈلدەپ  سوقۇۋاتقان كىچىك بىر پارچىمىزدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كېچىش ...يۈرەك گۆشقۇ - ئاخىر ؟؟؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:08:06

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-02-18 22:05:55 static/image/common/back.gif
ب تىپلق ئاپراتنڭمۇ ئىككى خىل تەكشۇرۇش ئۇسۇلى باركەنغۇ
ئىككى خىل،لېكىن تەكشۈرۈش پىرىنسىپى ئوخشاش
شۇ رەڭلىكى رەڭلىك كۆرسىتىپ بېرىدۇخالاس،پەرقى شۇنچىلىك

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:51:57

BIMAR يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 22:13 static/image/common/back.gif
بىرىنجى كۈنىدىكى تەكشۈرۈشكە ئايالىم 4  ياشلىق چوڭ ئوغ ...

ئاللاھ سەبىر بەرسۇن قېرىندىشىم ....................

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:23:08

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 17:32 static/image/common/back.gif
Iamalive قالدۇرغان ۋىكىپىدىيەدىكى ئىنگىلىزچە نۇسقىسىدىن  ...

بۇ مەسىلىنى دېققىتىمگە سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت. ئوبدان تەرجىمە قىپسىز. شۇنداق بۇ خىل كېسەللەر كۆپىنچە گېنتىكىلىق ئامىللاردىن كىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا داۋالاش قېيىن ھەم ئېنىق سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشمۇ تەس. 2 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ، ئوخشاش نەتىجە چىقسا قايتا ھامىلدار بولۇشنى سىناپ بېقىڭلار. بالا ئەي بولغان تەقدىردىمۇ بۇ بالا بىر ئۆمۈر كېسەل ئازابى تارتىشى مۇمكىن. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە باشقىچە ئەھۋال بولسا ئاندىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىنى ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ.
ئەگەر راستىنلا 14 ھەپتىلىك ھامىلە مەزگىلىگىچە مېڭە كەمتۈك ھالەتتە بولسا بۇنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە تۈزۈلۈپ قىلىش ئېھتىمالى يوق.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 07:59:57

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-02-18 22:05:14 static/image/common/back.gif
بىر تونۇشۇمنىڭ ئايالى يېرىم يىل بۇرۇن ھامىلدار بولۇپ ت
مېنىڭ بىر ئايال خىزمەتدىشىم ئىككى ئۈچ قېتىم قورساق كۆتۈرۈپ
نەچچە ئايلىق بولغاندا يۈرەك ھەرىكىتى يوق ئۆلۈپ قاپتۇ،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بارغاندا بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرۈپ بىر خىل ۋىرۇس بارلىقىنى،شۇنىڭغا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارسا ئوڭشىلىدىغانلىقىنى ئېيىپتىكەن،شۇ بويىچە داۋالىنىپ يۈرەتتى،كېيىن راستلا ساق تۇغدى
پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن دەپ قويدۇم

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:22:27

بەكمۇ ئېچىندىم، ئاللاھ سەبىر بەرسۇن.
بىلگەجاننىڭ ئىنكاسىغا رەھمەتلەر.

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:29:03

ياراتقۇچى ئاللاھ بىر يولغا سالىدۇ

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 09:37:41

ئايال كشى ھامىلدار ۋاقتىدا ھېچنىمە سىڭمىسە چوقۇم سېزىك پەسەيتىدىغان ئۇكۇل سالدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى باشقا بىرەر چارىمۇ بامۇ تورداشلا؟بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلساڭلارچۇ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:45:51

كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:15:18

بىلگەجاننىڭ ئىنكاسى بۇيىچە يول تۇتۇڭ.ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!!

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:57:23

nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 09:37 static/image/common/back.gif
ئايال كشى ھامىلدار ۋاقتىدا ھېچنىمە سىڭمىسە چوقۇم سېزى ...

دانىشنڭ نارفىنە ئىچىملىكى بىلەن بىھەشەربتنى ئىچىپ باقسا خىلى ئۈنۇمى بۇلدىكەن

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:33:03

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 13:57 static/image/common/back.gif
دانىشنڭ نارفىنە ئىچىملىكى بىلەن بىھەشەربتنى ئىچىپ با ...

ئىچىپ باقتىم...سېزىك ئالارنىمۇ ئىچتىم بىراق يەنە شۇ پېتى بىر تېرە بىر سۆڭەك تۇرىۋاتىمەن:(

sekine يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:43:37

RE: ‹‹ ھامىلە نورمال ئەمەس ، مېڭىسى يوق ›› دەيدۇ

nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:33 static/image/common/back.gif
ئىچىپ باقتىم...سېزىك ئالارنىمۇ ئىچتىم بىراق يەنە شۇ پې ...

مەنمۇ سېزىكىم بەك قاتتىق بوپ كىتىپ ھېچقانداق نەرسە يىيەلمەي ھەتتا سۇمۇ ئىچەلمەي ئىچسەم يېنىپ چىقىپ ھەپتە ئاسما ئاسقۇزسام پەقەت پايدا قىلمىدى. كىيىن مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سېزىكىم پەسەيگەنتى.

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:54:24

مېنىڭ بالاممۇ 3 ياشقا كىرەي دېدى ، بەكلا ئەقىللىق ھەم تېمەن ،
ئىلگىرى مەنمۇ ئۆزۈم تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورنىدا تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈتكەن ، نەتىجىدە بالىنىڭ يۈرىكى يوقكە، بۇنداق قۇرۇق گۆشنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچە چۈشۈرۋېتىڭلا دەپ نەتىجە چىقىرىپ بەردى .  ئۇ چاغدا ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ بىرە ئايلىق بولغان چاغ ئىدى . چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن ھامىلە نورمالكە ، بالىياتقۇدا سۇلۇق ئىششىق باكەن دېدى . ئۇلار خاتالىشىپ سۇلۇق ئىششىقنى تەكشۈرۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم . سۇلۇق ئىششىق بوسا ، كېيىن ھامىلە يوغۇناپ سۇلۇق ئىششىقنى بېسىۋاسا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان ، بالىياتقۇ قاناپ كېتىدىغان ئەھۋال بولىدىغان ئوخشايدۇ ، شۇنىڭغا قارىتا بىر دورا بەردى ، ئۇنىمۇ بىر تاللا ئىچتى ، ھازىر بالامغۇ يۈرىكى بادەكلا ياشاۋاتىدۇ بوممىسا .

toribeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:37:18

باش سۆڭىكى يېتىلەلمەسلىك بىلەن مېڭىسى يوق بولۇش بىر گەپمۇ؟ بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەسمۇ؟

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:26:50

BIMAR يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 22:13 static/image/common/back.gif
بىرىنجى كۈنىدىكى تەكشۈرۈشكە ئايالىم 4  ياشلىق چوڭ ئوغ ...

سەبىر قىلىڭ بىشىڭىزغا كەلگەن ھەربىر دىشۋارچىلىقنى ئاللاھنىڭ جازاسىمىدۇ دەپ ئويلىۋالماڭ.بۇ ئاللاھنىڭ بىر قىتىملىق سىنىقىدۇر بەلكىم.

toribeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:22:00

nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 09:37 static/image/common/back.gif
ئايال كشى ھامىلدار ۋاقتىدا ھېچنىمە سىڭمىسە چوقۇم سېزى ...

مەن سېزىك بولغاندا تاماققۇ سىڭمەيىتتى، توختىماستىن ياندۇراتتىم، بىر نەچچە قېتىم سۇيۇقلۇق ئارىلاش قان ياندۇرۇپ ئورنۇمدىنمۇ تۇرالماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپمۇ قالغان... بىر ئاز ماغدۇر كىرگەندە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتساق، دوختۇرلار ئىشەنمەي، شۇنچىلا قان ياندۇرغان ئادەم ئۆرە يۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ بىر چىنە ئەمەس، بىر قوشۇق قان ياندۇرغان ئادەمنىڭمۇ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان بولىدۇ، دەپ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ كېتىشكەنىدى. كېيىنكى ھامىلىدارلىقىمدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغان دۇچار بولدۇم، بالىلىرىممۇ ھازىر چوڭ بولۇپ قالدى، مەن ھەرھالدا ساق. ھەر ئىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ...
سېزىكلىك بەك زىيادە بولۇپ ئىچمىگەن دورىمۇ ئاز قالغان ماڭا. ئانار فىنىنە، بىيە شەربىتى، يەنە دوختۇرخانىدىن بەرگەن سېزىك قايتۇرۇش دورىلىرىنىمۇ ئىچكەن ئىدىم، بىر ئاز پايدىسى بولغاندەكمۇ قىلغان...

toribeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:25:54

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 18:26 static/image/common/back.gif
سەبىر قىلىڭ بىشىڭىزغا كەلگەن ھەربىر دىشۋارچىلىقنى ئا ...

تىما ئىگىسىنىڭ، بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ جازاسىمىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقى ھىچ يەردە يوققۇ؟
سىناق ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە بولىدۇ. ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار.
بەت: 1 [2] 3
: ‹‹ ھامىلە نورمال ئەمەس ، مېڭىسى يوق ›› دەيدۇ