«ئوبامانىڭ ئەسلىي ماھىيىتى» دىن تەسىرات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhlis0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-13 09:43كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى
«ئوبامانىڭ ئەسلىي ماھىيىتى» دىگەن بۇ كىتاب ئامېرىكىلىق «دىنېش د سوزا» نىڭ كىتابى بولۇپ، ئەمەتجان مۇھەممەت تەرجىمە قىلغان. شىنجاڭ خەلىق باش نەشىرياتى، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن 2014-يىلى 11- ئايدا 1-قىتىم نەشىر قىلىنغان. باھاسى: 28 يۈەن.
ئاپتور بۇ كىتاپتا ئوبامانىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىلمۇستەملىكچىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، ئۆز پەرزىنى دەلىللەش ئۇچۇن، ئوبامانىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى، دادىسىنىڭ غايىسى ۋە ئۇنىڭ ئوباماغا بولغان تەسىرى، خارەكتىر ۋە پىسىخكىسىنىڭ يىتىلىش جەريانى، سىياسىي سەھنىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ چىققان.
ئەكسىلمۇستەملىكچىلىكنىڭ كۆرەش نىشانى يىڭى مۇستەملىك زومىگەرلىرىگە قارشى تۇرۇش بولۇپ، بۇ زومىگەرلەر ئامىرىكىنىڭ جۇملىدىن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي كونتىروللىقىنى ئالقىنىغا ئىلىۋالغان دۇنياۋىي پەۋقۇلاددە بايلار ۋە كارخانىچىلاردىن ئىبارەت.
بۇ كىتاپنى ئوقىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم شۇكى، بىر قانچە كىتاپنى ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئوبامادەك بىر شەخىسنىڭ ماھىيىتىگە يىتىپ بولغىنى بولمايدۇ، ئەسلى مەقسەد-مۇددىئاسىنى بىلىپ بولغىنى بولمايدۇ، بۇ يەردە سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنىڭ بار يوقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ، تۇرلۇك ئىھتىماللىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغىنى بولمايدۇ. بۇ كىتاپنى پەقەت ئوبامانى، ئامىرىكىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىنى كۆزىتىشتىكى ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك كىتاپ دەپ قاراشقا بولىدۇ دەپ ئويلىدىم.
كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتلار مىڭە يۇيۇش خارەكتىرىنى ئالغان بولىدۇ. ئوباما راستىنلا دۇنياۋى بايلارنىڭ دۇشمىنىمۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس. بەلكىم ئۇ راستىنلا ئەكسىلمۇستەملىكچىدۇر، ياكى يىڭى مۇستەملىك زومىگەرلىرىنىڭ قاقباش، ھىيلە نەيرەڭلىرى كۆپ كاتتا بىشىدۇر. بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى تارىخ بىرنىمە دىسۇن.
تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىم ئاجايىپ بىر سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، رەسىمدە ئۇ ئوڭ كۆزىنى قىسىۋالدىمۇ ياكى سول كۆزىنىمۇ، كۆز قىسىشنىڭ قانداق سىمۋوللۇق مەنىسى بار؟ بۇ ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. مىنىڭچە ، ئوبامانىڭ راستىنلا بۇ كىتاپتا ئىيتىلغاندەك ئەكسىلمۇستەملىكچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندۇردىغان بەزى تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس. ماسونلارغا تۇتىشىدىغان ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئامىرىكىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردە ئاز ئەمەس. بۇ ھەقتىكى قىسمەن ماقالىلەر ۋە كىتاپلارمۇ نەشىردىن چىقىپ تۇرۋاتىدۇ. مۇھاكىمىلەر يىزىلىپ تۇرۋاتىدۇ.
بەزى كىتاپلار ۋە ماقالىلەردىكى ماسونلارنىڭ ئەمىلىي كۇچى توغۇرلۇق بايانلارغا قارغاندا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئوبامانى سىزغان سىزقىغا كىرگۇزۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىۋىتىش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس. بۇ نۇقتىلارنى ئويلاپ ئەكىسچە پىكىر يۇرگۇزىدىغان بولساق ئوبامانىڭ مۇستەملىكچى ماسونلارنىڭ ئادىمى بولىشى مۇمكىنچىلكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىنى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ ئىھتىماللىقنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن ماسونلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بەزى ئىشلارنى ئوبامانىڭ قىلىشىغا يول قويىدۇ؟ دىگەن سۇئال پەيدا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە كىيىنكى ئىنكاسلاردا يەنە پىكىرلىشەرمىز. muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 09:52 static/image/common/back.gif
تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىم ئاجايىپ بىر سىمۋوللۇق مەن ...
مىنىڭچە ماسۇنلارنىڭ يىڭىچە بەلگىسىمىكىن، بۇرۇنقى قۇلىنى قۇيۇنيانجۇقىغا سىلىشنى ئىزدىنىشتىكى باللار بىلۋالغان ياقى ئۇزگەرتتمىكى دەيمەن. uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:52 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ماسۇنلارنىڭ يىڭىچە بەلگىسىمىكىن، بۇرۇنقى قۇ ...
شۇنداق، بىرتال ئوچۇق كۆزىنى پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىغا توغۇرلالماي قېىينىلىۋاتامدۇ نېمە؟ muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 09:52 static/image/common/back.gif
تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىم ئاجايىپ بىر سىمۋوللۇق مەن ...
بۇ رەسىملەر تۈنۈگۈن تورلاردا ئىلان قىلىنغان ، ئوبامانىڭ ئاقسارايدا تارتقان ئۆزسۈرەتلىرىكەن .
uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:52 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ماسۇنلارنىڭ يىڭىچە بەلگىسىمىكىن، بۇرۇنقى قۇ ...
ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ماسون دەپ چۈشمەڭلا uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:52 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ماسۇنلارنىڭ يىڭىچە بەلگىسىمىكىن، بۇرۇنقى قۇ ...
ماسون، پاسونغا كۆڭۈل بۆلگۈچە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيلى. yulghun1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 14:40 static/image/common/back.gif
ماسون، پاسونغا كۆڭۈل بۆلگۈچە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ شې ...
ماقۇل يۇلىلاڭ ئەمسە uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 15:15 static/image/common/back.gif
ماقۇل يۇلىلاڭ ئەمسە
http://www.shewqiy.com/thread-62-1-1.html uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 15:15 static/image/common/back.gif
ماقۇل يۇلىلاڭ ئەمسە
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
..................................................................
ئاخىرىنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ. ماۋۇ قارىۋاي ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ ،دوسلار چەمبىرىكدىكى قىزلاردىنمۇ ئاشۇرۋىتىپتىغۇ،،ھى ھى :lol:lol:lol بۇ ئاناتىل بۇلسا ئافرىقاياكى ئامرىكىدە منىڭلارچە يۇللار بىسىپ ئۇنى ئالغۇم كىلۇر. كەچۇرۇڭ سامانيۇل دىگەن بۇ كىتابنى قايتا قۇلۇمغا ئالمىغىلى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كىتىپتۇ، شۇڭا تۇغرا ياكى خاتالىغىنى ئۇقالمىدىم،خۇددى مەن بۇ شىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك نۇرغۇنلىرمىز ئابدىقادىر دامۇللا، ئابدىخالىق ئۇيغۇردىن بىلەك شۇدەۋېردىكى نۇرغۇنلىغان شىھىتلىرمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. :lol:lol:lol:lol ماسونچىلارنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ نېمە ؟
bayram يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 15:45 static/image/common/back.gif
ماسونچىلارنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ نېمە ؟
:shutup: yulghun1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 15:27 static/image/common/back.gif
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا ت ...
تاپالماپتىمەن ،جىق نەرسىلەرنى بىلدىغاندەك ھىس قىلمەن بۇلمىسا ، ئەمىليەتتە تايىنىلىقكەنمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhlis0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-13 18:21
ئوبامانىڭ ماسۇنغا قارشى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمىلىيەتتە ئوباما ئۆزىنى، ئىدىيەسىنى، مەقسەت- مۇددىئاسىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇن تۇرلۇك قىياپەتتە ئوتتىرغا چىقىپ ئۇچۇر تارقىتىپ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇشنى خالايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇن بەزىلەر ئۇنى مەخپى مۇسۇلمان دىسە، بەزىلەر سوتسىيالىزىمچى دىيىشىدۇ، بەزىلەر ماسون دىسە، بەزىلەر ئەكسىلمۇستەملىكچى دىيىشىدۇ. ئوباما بولسا ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق تالاش تارتىش ئىچىدە يۇرۇپ ئۆز قارشىنى دەلىللىگۇچىلەرگە قاراپ كۇلۇپ قويىدۇ خالاس. ئۇنى مەقسىتى پەقەت تۇرلۇك سالاھىيەتتە ئۇچۇر تارقىتىپ كىشىلەرنىڭ ئىڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھەقىقى ئوبامانى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يوشۇرۇشتىن ئىبارەت. تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىمگە قارايدىغان بولساق ئوبامانى سول كۆزىنى يۇمۇۋالغان ھالەتتە كۆرىمىز، ئەمىلىيەتتە بىزگە كۆرىنىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئەينەكتىكى تەسۋىرى بولۇپ ئوڭ كۆزىنى يۇمۇۋالغان.
ئوڭ كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ سول كۆزى بىلەن قاراش ماسونلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى، يالغۇز كۆزگە يەنى ئاتالمىش تەڭرى كۆزىگە ئىتىقاد قىلىش ماسونلارنىڭ ئەقىدىسى. ئىسلام ئەقىدىسىگە كۆرە، ھەدىستە دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى كۆرمەيدىغان بىر كۆزلۇك ئىكەنلىكى، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغۇچى ئاتىۋىلىپ ئىنسانلارنى ئاتالمىش بەخىت سائادەتكە، پاراۋانلىققا ئىرىشتۇرۇشكە ۋەدە قىلدىغانلىقى، ئاخىردا خۇدالىق داۋاسى قىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.
ئوڭ كۆزى بىلەن سول كۆزىنى يۇمۇۋىلىشىنىڭ قانداق سىمۋوللۇق پەرقى بار؟ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماسونلار ئوڭ كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ، بۇ تىمىدا تىلغا ئىلىنغان كىتاپتا بولسا ئوبامانى مۇستەملىكچى ماسۇنلارغا قارشى مەيدانغا قويۇپ ئەكسىلمۇستەملىكچى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. مۇنداقچە ئىيىتقاندا سول كۆزىنى يۇمۇۋىلىش ماسونلارنىڭ ئەكسى بويىچە ئىش تۇتۇشقا سىمۋوللۇق مەنا بىرىدۇ. بۇ نوقتىلار ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن، تىمىغا قىستۇرۇلغان ئوبامانىڭ رەسىمى ھەققىدە تەھلىل يۇرگۇزۇپ باقايلى، بۇ رەسىمگە مۇنداقلا قارىساق ئوبامانى سول كۆزىنى يۇمۇۋالغان ھالەتتە كۆرىمىز، يەنى ماسونلارغا قارشى تۇردىغان ئەكسىلمۇستەملىكچى ھالەتتە كۆرىمىز. بۇنىڭغا قاراپ ئوبامانى ئالدىراپلا ئەكسىلمۇستەملىكچى سۇپىتىدە تەسۋىرلىسەك خاتالاشقان بولىمىز، چۇنكى بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز ئوبامانىڭ ئەينەكتىكى تەسۋىرى خالاس. ئەينەك ئالدىدىكى ھەقىقىي ئوباما ئەمىلىيەتتە ئوڭ كۆزىنى يۇمۇۋالغان.
ئەجىبا ئوباما ئۆزىنى ئۆزى رەسىمگە تارتىش ئارقىلىق، قارىماققا مىنىڭ سايەم يەنى ئەينەكتىكى تەسۋىرىم مىنى ئەكسىلمۇستەملىكچىدەك كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي كونتىروللىقىنى ئالقىنىغا ئىلىپ تۇرغان، ئامىرىكىنى بۇگۇنكىدەك دۇنيادىكى كۇچلۇك دۆلەت قىلىپ تۇرۋاتقان بىر گوروھ كىشىلەرگە يەنى ماسونلارغا قارشى ئەمەسمەن، ماسونمەن دىگەن ئۇچۇرنى بىرىۋاتامدىغاندۇ. مىنىڭچە ئوبامانىڭ بۇ ھەركىتىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن تىما ئىنكاسلىرىم ئارقىلىق ئوبامانى ماسۇن دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن، ئەكسىلمۇستەملىكچى دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن، مەخپى مۇسۇلمان ياكى سوتسىيەلىزىمچى بولىشىمۇ ناتايىن. ئۇنداقتا ئۇ قانداق ئادەم؟ مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرچە بىلمەيدىغان لىكىن دىققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرەپ.
«ئوبامانىڭ ئەسلىي ماھىيىتى» دىگەن كىتاپتا ئوبامانىڭ ئەكسىلمۇستەملىكچى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۇچۇن، ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا پەلەستىنلىك شەرىقشۇناش، ئەكسىلمۇستەملىكچى تەتقىقاتچى،ئىدىۋارىد سەيىدنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كۇچلۇك تەسىرىگە ئۇچىرغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن. قاتتىق قول پوتىن دەپ كىتاب چىقىپتىغۇ ، ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ تەسىراتىڭىزنى سۆزلەڭ