muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 19:30:07

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 19:24 static/image/common/back.gif
قاتتىق قول پوتىن  دەپ كىتاب چىقىپتىغۇ ، ئوقۇپ باقتىڭىز ...

كىتابخانىدا كۆردۇم تىخى ئوقۇمۇدۇم. ئوقۇغانلار بولسا تەسىرات سۆزلىگەچ تۇرغان بولسا...

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 19:46:23

    ئوباماغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئەسلىي ئىدىلوگىيە تەۋەلىكىنڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىشى تام توشىكىگە كىرۋالغان چاشقاننىڭ مۇشۇكنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ، ئۆزىنى مەيلى قايسى ئىدىلوگىيەگە مەنسۇپ قىلسۇن ھامان ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ تۇردىغان مۇشۇكلەر ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كاماردىن چىقماي ئۆزىنىڭ سىرلىق دۇنياسىدا ياشاپ سىياسىي سەھنىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
     

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:12:25

ئوباما ماسونمۇ ؟
بەزى ئادەملەرگە ئامال يوق زادى، مەن ئاخشام ئۇخلىغانتىم،مەنمۇ ماسون ئوخشايمەن
كىم گەپ قىلسا ھازىردىن باشلاپ شۇ ماسون

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:20:30

    ئوبامانىڭ ئىدىلوگىيە تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ئامىرىكا ئىچى ۋە سىرىتىدا تۇرلۇك كۆز قاراشلار مەۋجۇت، ھەر قايسى كۆز قاراشنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەلىللىرى بار، لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپۇنچىسى ئوبامانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ تەھلىل نەزىريەلىرى ئارقىلىق قانداق چۇشەندۇرۇشنى بىلمەيدۇ.

    مىنىڭچە ئەڭ چوڭ ئىھتىماللىق ئىككى، بۇ ئىھتىماللىقنىڭ بىرسى ئوباما ھەقىقەتەن ماسۇنلارغا قارشى ئەكسىلمۇستەملىكچى؛ يەنە بىرسى يىڭىچە تاكتىكا بىلەن ئوتتىرغا چىققان سىپى ئۆزىدىن تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكچى، ماسوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى.

    بۇ ئىككى چوڭ ئىھتىماللىقنى ئىككى خىل نەزىريە رامكىسى قۇرۇپ چۇشەندۇرۇش مۇمكىن. بىرى«ماسون ئوباما نەزىريەسى»، يەنە بىرى «ئەكسىلمۇستەملىكچى ئوبامانەزىريەسى». بۇ ئىككى نەزىريەنىڭ قايىل قىلدىغان تەرەپلىرى خىلى كۆپ، يەنە شۇنداقلا گۇمانلاندۇردىغان تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

    «ئەكسىلمۇستەملىكچى ئوباما نەزىريىسى» نى دەلىللەيدىغان كۆز قاراشلار « ئوبامانىڭ ئەسلىي ماھىيىتى» دىگەن كىتاپتا كۆپ ئۇچىرايدۇ، بۇ نەزىريەگە قىزقىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. «ماسون ئوباما نەزىريەسى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم خىلى بار ئىدى بۇ ھەقتە تورداشلار ھازىرچە پىكىر يۇرگۇزگەچ تۇرسا كىيىنكى ئىنكاسلاردا ئورتاقلىشارمەن.

   

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:42:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 20:44  

مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە، قۇلۇمغا ئوۋباما نڭ تەرجىمھالى دىگەن كىتاپ چىقىپ قالدى، ئاجايىپ زوق بىلەن ئوقۇۋەتكەن ئىدىم، خۇددى مىنى يازغاندەكلە، نۇرغۇن ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئىچىدكى بىرلا قارا تەنلىك بالا، ئۆزىنىڭ نىمىشقا قارا تەنلىك باشقىلارنىڭ ئاق تەنلىك بۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمەي يۈرۈپ، كۆپ قېتىم چەتكە قېقىلىپ، كاللىسىدا ھەرخىل خىياللار بۇلۇپ بېقىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئويىنى پەردازلىمايلا يېزىپتىكەن بولمىسا.  شۇ چاغلاردىكى داۋالغۇۋاتقان ئىدىيەمگە، قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ توغرا خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تېڭىرقىغان كاللامغا خېلى تەسىر قىلغان، ئىرادە سۇسلاشقانلارغا، خىزمەت ئىزدەش ياكى باشقا جاھەتتە چەتكە قېقىلغانلارغا، كۆپ سانلىق ئىچىدە ئاز سانلىق بۇلۇپ ياشاۋاتقانلارغا كۈچلۈك تەۋىسۋيە قىلىمەن.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:48:12

muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 20:20 static/image/common/back.gif
ئوبامانىڭ ئىدىلوگىيە تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ئامىرىكا  ...

مەن پىكىر يۈرگۈزەي ئەمىسە
دۇنيادا ماسون دەپ تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەس
  :lol

bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:50:51

ۋاقتىڭلار قۇرۇق سۈيقەست نەزىرىيىسىگە سەرپ قىلغاندىن كۆرە،  جاھاننىڭ كۆزى بولالىساڭلار كۆزۈڭلارنى قىسىپ رەسىمگە چۈشۈپ قويساڭلارمۇ ، قولۇڭلاردا خالىغان بىر ئىشارىنى قىلىپ قويساڭلارمۇ ، مەيدەڭلارنىمۇ سىلاپ قويساڭلارمۇ  خەققە سىرلىق تۇيۇلۇپ تەتقىق قىلسا بەك ئاقسا بولىدۇ {:90:}

bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:59:34

كونا مۇنبەرلەردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ماسون تەشكىلاتىنىڭ تارىخى ، مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر ھەققىدە سان -ساناقىسز تېما ، ئىنكاسلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ماسون نەزىرىيسى بىزگە ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ ، بىزگە دۇنيانىڭ تارىخىنى ئاللىكىملەرنىڭ ئالقىنىدا قىلىپ كۆرسىتىپ دۇنياۋى مەسىلىنىڭ ھەممىنى رەززىللىك بىلەن باغلىنشىلىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ ، رەززىللىكنى توختىماستىن غەلىبە قازانغۇچى كۈچ قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ،ماسونچىلار ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئ ئەمەس يەھۇدىيلارنىڭ كۈچىگە ئىشنىدىغان غەلىتە پاراڭ مەستانىلىرى .
بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم ، ماڭا مىڭ پارچە كىتاب ئەكىلىپ بەرسىمۇ ئۆز پىكىرىمدە تۇرىمەن ،يەھۇدىيلار ئىشىنى قىلسۇن .{:92:}

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 21:01:44

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 21:21:27

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 22:03:09

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 13:43 static/image/common/back.gif
بۇ رەسىملەر تۈنۈگۈن تورلاردا ئىلان قىلىنغان ، ئوباما ...

مۇشۇرەسىملەرگە قاراپ ماسۇنلارنىڭ ئىنتايىن تىز ئۇزگۇرۋاتقانلىقىنى ئەمدى ئىزدىنىشلىقلارنىڭ ئۇلارنى بايقىشى تىخمۇ تەسلىشىپ كىتىدىغاندەك تۇردۇ.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 22:22:19

يولداش ھەققانىيىۋىچ  يىنە ماسۆن نەزىريىسىنى بازارغا سېلىۋېتىپتۇدە  .   :lol

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 22:56:23

مىنى ماسۇن دەۋاتاتىڭلار،ئوبامامۇ ماسۇن بولسا دەرىجەم خىلى يۇقۇرمۇ نىمە؟؟:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 23:09:05

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 22:56 static/image/common/back.gif
مىنى ماسۇن دەۋاتاتىڭلار،ئوبامامۇ ماسۇن بولسا دەرىجەم ...

راس سىزمۇ بىر كۇزڭىزنى ئىتۋاپسىز  غۇ؟ماسۇنلار سىزگە ئۇبامادىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغانمۇ نىمە

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:16:40

muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 17:47 static/image/common/back.gif
ئوبامانىڭ ماسۇنغا قارشى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاش ...

شۇنداق بولغاندا بىر كۆزنى يۇمىۋالسىمۇ بىر نېمىگە تەۋە بولۇپ كېتىدىكەندە...

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 12:28:27

مەنمۇ بازارئايلانسام ماسۇنلار جىق ئۇچراپ تۇرىدۇ.بەزىلىرى تېخى بىلىۋالمىسۇن دەپ كۆزئەينەك تاقىۋالغان.لېكىن مەن يامان تۇرسام مەيلى قانداق يۇشۇرسۇن بىرماراپلا بىلىۋالىمەن.ئەمدى ماسۇنلارنىڭ شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكىدىن خەۋەرداربولدۇم دىمەك  تېخىمۇ جىق ماسۇنلارنى كۆرىدىغان بولدۇم.

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 12:49:47

ئىسىت. چارشەنبە كۈنى بۇ كىتاپنى كىتاپخاندا كۈرگەندىم. ئىلۋالساممۇ بۇپتىكەن ئىزدىنىشقا چىققاندىكىن خىلە ياخشى ئۇخشايدۇ.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:21:43

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 19:24 static/image/common/back.gif
قاتتىق قول پوتىن  دەپ كىتاب چىقىپتىغۇ ، ئوقۇپ باقتىڭىز ...

باغداشتا پۇتىن دەپ بىر تورداش بار ئىكەن. شۇ سۆزلەپ باقسا بولاتتى.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:25:16

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 16:26 static/image/common/back.gif
تاپالماپتىمەن ،جىق نەرسىلەرنى بىلدىغاندەك ھىس قىلمە ...

مەن قالدۇرغان ئۇلۇنىشتا بار ئىدى.
گۇلەننىڭ يازمىلىرىمۇ بولۇدىكەن. يەنە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بولۇدىكەن.
مېنىڭچە ماسون، پاسوننى قويۇپ ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇساقمۇ بولۇدۇ.
ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھېكىمەتلىرى نەشىر قىلىنىپتۇ.
بەت: 1 [2] 3
: «ئوبامانىڭ ئەسلىي ماھىيىتى» دىن تەسىرات