alparabi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 20:59:38

ئايتۇغدى: شېئىر بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GoodLuck تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 08:52  

شېئىر بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى

ئايتۇغدى


ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ <ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﯰﻗﯘﻣﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻣﯘ؟ ﺧﻮﭖ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻴﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻳﻠﻰ. ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ: ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ - ﻳﻮﻕ؟ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯰﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ئوخشىماﻳﺪﯗ، ﯰﻻﺭ: ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ، ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ. ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﯪﻏﺪﯗﺭﺍﻳﻠﻰ. ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﯻﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﯨﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯰﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯰﻣﯘ ﯲﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﯬﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﯩﺴﯩﻼ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﯰﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﺷﯧﺌﯩﺮﻣﯘ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ: ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ، ﻳﻪﻧﻰ، ﻣﻪﻧﻪ! ﯞﺍھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﻦ ﯰﻧﻰ (ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ) ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﺪﻯ. <ﻣﻪﻧﻪ>، <ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ>، <ﺗﻪﯕﺮﻯ>ﺩﯨﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﯴﭺ ﯪﺗﺎﻟﻐﯘ، ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﯴﭺ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺭﺩﻯ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﻨﻰ ﯬﻗﻠﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺩﯨﻦ ﯰﻧﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ). ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻣﯘ ﯲﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﯬﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﻼ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﯨﻲ ﯰﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯬﭘﺴﺎﻧﻪ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯬﻗﯩﻠﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﯬﻗﯩﻠﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﭼﯘﯞﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﻰ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ "ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ" ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﻧﯩﻤﯘ، ﺩﯨﻨﻨﯩﻤﯘ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯰﺭﯗﻧﺪﻯ. ھﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﯩﺰﻡ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯰﺭﯗﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﯰﻳﻐﯘﺭ شېئىرﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ھﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.

- ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ - ﻣﻪﻧﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪﻧﻪ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ﯰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪﮔﻪ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﯧﺴﺎﭘﻼﻧﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ﻣﻪﻧﻪ ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﮕﻪ (ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻐﺎ) ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﮔﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ. ﯬﻣﺪﻯ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ: ﻣﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﯪﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ: ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﭽﯘ؟ ﯰ (ﺷﺎﺋﯩﺮ) ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﯲﺯ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﯪﻝ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﯰﺩﯗﻟﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯰﺳﻠﯜﺏ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﯪﻝ ﯰﺳﻠﯘﺑﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ، ﯰﺳﻠﯘﺏ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻠﯩﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﯰﺳﻠﯘﺏ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ - ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﯰ "ﯰﺳﻠﯘﺏ" ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ھﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﯰﻧﺘﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﯬﻣﻪﺱ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﻳﻨﯩﺸﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﯰﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺴﻪ، ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯰﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ>ﻧﻰ ﯪﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯬﻣﻪﺱ. ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ <ﻣﻪﻧﻪ>ﻧﯩﯔ <ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ> ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، <ﺧﯘﺩﺍ>ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯬﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﯰ --  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ "ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ"، ﯰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ "ﺧﯘﺩﺍ"ﺳﻰ! ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ "ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ"ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺱ، "ﺩﯨﻦ"ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ھﻪﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ھﻪﻡ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ (ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ) ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ (ﯰﺳﻠﯘﺑﻰ)، ﯬﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷۇرﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ "ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ"ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯲﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ﯰﻧﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻨﻰ <ﯰﺳﻠﯘﺏ> ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻳﻤﯩﺰ.

ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ، ﯰﻧﻰ ﯪﺯﺍﺏ ﯮﺗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ﻧﯧﻤﻪﺕ ھﻪﻡ ﻟﻪﻧﻪﺕ (ﻗﺎﺭﻏﯩﺶ) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﯰﺳﻠﯘﺑﻨﯩﯔ ھﻮﻗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ئىكەنلىكىدىندۇر.
مەنبە پاسئان شېرىئەت مۇنىرى

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:07:04

خەت شەكلىگە قارىمايلا ئويناپ قويدۇقمۇ نىمە  ?

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:53:33

خەت نۇسخىسىنى تەھرىلەپ باقساقممۇ ھىچ پايدىسى بولغاندەك قىممايدۇ، قىسمەن ھەرپلەر يەنە نورمال ئەمەس. قايسى كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلگەن بولغىيدى.

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:34:11

ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ئەخمەتچان قاچانغىچە ئالجىيدىغانسەن؟زۇلپىقارنىڭ ساڭا بەرگەن تەنقىدلىرى تەسىر قىلماپتۇدە؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:59:02

بېغىر موھىم ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئۈچەي دىگەن نام بىلەن ئوينايدىغان بولدىدە بۇ تېمىدا.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 12:04:46

شىئىر دىگەن تىل ھىسيات مۇشۇ ئىككىنى ئاساس قىلىدۇ، ياكى ئىپادىلىنىدۇ.شىئىرنىڭ پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋىتى دىگەندە ، پەلسەپىنىڭ تىل بىلەن مۇناسىۋىتى قۇيۇق، مەسلەن؛ بىلىش سۇپەتتىكى قەۋىملەرنىڭ تىلىدا ماكان ئەكىس ئىتىدۇ. تەپەككۇر ئۇسۇلى جەھەتتە، چوڭقۇرلۇق تەلەپ قىلىدۇ. يەنى جىسىم دىسە، ماددا ،مالىكۇلا،ئاتۇم پىرتۇن نىتورون دىگەندەك . چۇشۇنۇشلۇك دىگەندە مۇشۇنداق چوڭقۇرلۇق ئىستەش تىپىدىكى تەپەككۇرغا بىلىش سۇپەتتىكى قەۋىملەرنىڭ تىلى مايىل.قۇۋەتلەيدۇ.ياكى نىسارالار قۇرال ياساشقا ئۇستا بولغاندەك، يەھۇدىيلارنىڭ تىلى ماكان قانۇنىيەتلىرىنى بايقاش پايدىلىنىشقا كۇچەيدۇ.
ياخشىلىق پەزىلەت تىپىدىكىلەرنىڭ تىلى مەسلەن؛تۇرۇكلەرنىڭ تىلى،ئۇنداق ماكان قىزىشقا ماھىر ئەمەس،ئەكسىچە ئادەم ئامىلى بۇيىچە،ئىنسانلىق قەدىر قىممەتنى قىزىشتا بەكراق ئالاھىدىلىككە ئىگە.
تىلنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بار،بىر تىل بىرتىلنىڭ رولنى ئۆتىيەلمەيدۇ. ھەتتاكى ئەرەپ تىلىمۇ پاساھەت بالاغىتى يۇقرى تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلدەك بىر بىرىگە باغلىيالمايدۇ.
تىلغا قاپىيە تۇراق ھىسيات مۇشۇلارنى قاتساق،شىئىر بۇلىدۇ. شىئىرنىڭ بىر پايدىسى، بۇنى ئەستە ساقلاش،يادىلاش ناھايتى ئاسان.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 13:13:01

مالىكۇلا،ئاتۇم پىرتۇن نىتورون
مولىكۇلا، ئاتوم، پىروتون، نېيترون.
شېئىرنىمۇ تادۇلىغىلى بولا. بىر كۇپلېت تۆت مىسرا، بىر مىسرادا 8 بوغۇم دەپ. ھەممىسى تۆت تادۇغا نەق چۈشىدىغاندەك.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 13:24:16

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 11:59 static/image/common/back.gif
بېغىر موھىم ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئۈچەي ...

بېغىرنى بۇزۇلۇپ قالىدۇ دەپ، بىركۈندىن ئارتۇق سولىمايتىغۇ :lol

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:21:49

شىئىر نى تادۇلىساق، ماۋۇ گۇڭگا دىگەن نەرسىلە بەك سەت كۇرىنىدۇ كۇزۇمگە.

شىئىرنىڭ بىرىنجى مىسراسى بىلىش بولىدۇ. ئىككىنجى مىسراسى ئادىللىق بولىدۇ. ئۇچۇنجىسى ياخشىلىق، تۆتىنجىسى تەقۋادارلىق بولىدۇ. ياكى بىرىنجى سىدە ماكان تەسۋىرى، ئىككىنجىسىسدە زامان ئىش ھەركەت، ئۇچۇنجىسىسدە ئادەم ،ئادىمىيلىك.تۆتىنجىسىدە تەقدىر پىشانە نەتىجە ئەكىس ئىتىدۇ.

قاپىيە ئىغىزغا يىقىن، رىتىم دىلغا  يىقىن، تۇراق قۇلاققا يىقىن، مەناسى بۇرۇن مىڭىگە تەپەككۇرغا يىقىن. دىمەك   ئادەم تەپەككۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە    نى يىغىپ ئەيلەپ چىقارسا شىئىر بۇلىدۇ. يۇكسەك سىڭىشچانلىقى بار. دىمەكچى، تەپەككۇرغىمۇ ماس كىلىدۇ، تىلغىمۇ چالغىلى بولىدۇ، دىلنىمۇ ئىرىتەلەيدۇ،ئەستىمۇ ياخشى قالىدۇ.  پىچاقتىن يىتىك قۇرال.
بىراق ماۋۇ گۇڭگا دىگەن نىمە، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئىشەك مۇھاببەت ئىزھار قىلغاندەك، غەلىتە بىر نەرسىكەن.
تادۇچە، مۇناسىۋىتى دىگەن كىچىك بىر ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا زىدىيتى رولى ئورنى دەپ يەتتە پەدىدىدە تەڭشەيمىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:31:58

ئۈگۈت سالدىم تۈگمەنگە،
ئىجارىسى بەش تەڭگە.
ئاق پىشماقتىن يار تۇتسام،
ئىتتىرىۋەتتى ئۆستەڭگە.

ماۋۇ قوشاق(شېئىر)نى بىر تەھلىل قىلىۋەتمەمسىلەر؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:34:53

چاخچاق قىلمىدىم جۇمۇ بۇرادەرلەر، سەمىمىي گەپ قىلىۋاتىمەن. ھە راست، ئاندىن «بۇ خەلق قوشىقىدا بىر ئادەمنىڭ تۈگمەنگە ئۈگۈت سالغانلىقى، تۈگمەنچىگە بەش تەڭگە تۆلىگەنلىكى، ئاق پىشماق بىر يار تۇتسا، ئۇ ئادەمنى ئۆستەڭگە ئىتتىرىۋەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن...» دېگەندەك تەھىلىل بولسا بولمايدۇ جۇمۇ!

kirpe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:38:06

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 14:34 static/image/common/back.gif
چاخچاق قىلمىدىم جۇمۇ بۇرادەرلەر، سەمىمىي گەپ قىلىۋاتى ...

قوشاق بىلەن شېئىرنى ئايرىيالمىغانلارنى چەپ ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ!

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:57:49

شېئىر بىلەن ئېتىقاد زىچ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن، گەپ ئايتوغدى دېگەن ماۋۇ قارىغۇ ئېيتقاندەك ئەمەس.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:23:07

kirpe يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 14:38 static/image/common/back.gif
قوشاق بىلەن شېئىرنى ئايرىيالمىغانلارنى چەپ ئوينىمىس ...

مېنىڭ ئۇنداق مەقسىدىم يوق! ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن. قوشاقنى مەن شېئىر دەپ چۈشىنىمەن. شېئىر دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى دەپ قارايمەن. كېيىن دۇمباقچىلار دۇمبىقىنى چېلىۋەرمەي قوشاقنىمۇ دۇمباقچىلىقنىڭ قۇرالى قىلىۋالغاچقا قوشاق، قوشاقچى دېگەن سۆزلەرنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. قوشاقلارغا ئالاھىدە مىھرىم بار، ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرىي گۈزەللىكنى مەن قوشاقلاردىن ھېس قىلغان. قوشاقلاردا ئۇستىلىق ۋە يۈكسەك ماھارەت بىلەن ھەل قىلىنغان بەزى مەسىلىلەرنى بىز تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋاللا بىر تېمىدا ئاغزى بۇرنىمىزنى قان قىلىشىپ تالىشىپ كەتتۇق. ۋاھاكازا...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:26:23

باغدا گۈللەر ئېچىلدى،
خۇشپۇراقلار چېچىلدى.
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسەن،
مىسكىن كۆڭلۈم ئېچىلدى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:27:43

ئات مىندىن ئىگەر بىلەن،
ئاغزىدا يۈگەن بىلەن.
ئىچىمدە دەردىم تولا،
ناخشا ئوقۇپ يۈرگەن بىلەن...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:34:26

بالىلار قوشىغى
بىزنىڭ ئۆيدە بەش قاغا ،
ئۇچۇپ كەتتى قەشقەرگە.
قەشقەر دىگىنىڭ نىمە دىگىنىڭ ؟
ئەنجان دىگىنىڭ نىمە دىگىنىڭ ؟
ئەنجانلىقنىڭ بىر قىزى بار،
چىنە تەخسىسىدە پىستىسى بار،
پىستىسىنى كىم چاقىدۇ ؟
ھاشىماخۇن قارا قاش .
ئون پۇلۇمنى بەر ئاداش .
ئون پۇلۇمنى بەرمىسەڭ
شەرىئەتكە جۇر ئاداش.
شەرىئەتتە نىمە بار ؟
يىڭىدىن ئۆسكەن بىدە بار.
بىدە بىدە ئوخشامدۇ ؟
خاڭدەن تاۋار ئوخشامدۇ ؟
كىچىكىمدە ئاڭلىغان بۇ قوشاققا تاھازىرغىچە ھەيرانمەن :lol:lol
ھازىر بالامغا ئۇگىتىۋاتىمەن ، ئاجايىپ قىزقارلىق ۋە مەنىسىنى بىلمەيدىغان بىر قوشاق بۇ مەن ئۇچۇن .

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:49:58

ئۈگۈت سالدىم تۈگمەنگە،     تۇگمەن       ماكان
ئىجارىسى بەش تەڭگە.        ئىجارە       زامان
ئاق پىشماقتىن يار تۇتسام،   ئاقپىشماق   ئىنسان
ئىتتىرىۋەتتى ئۆستەڭگە.      ئىتتىرۋەتتى   بۇ نەتىجە  تەقدىر    دىن

بۇ چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەننى بىلدۇرىدۇ. يەنە سەۋدا  مىجازلىك كىشى  تۇگمەنگە ئوخشايدۇ. يەھۇدىيلار مىجازى سەۋدا، قىرىق يىل بىر چۆلنى چۆرگىلەپ يۇرگەن. شاردەك يورغىلايدۇ.ھىلىبىر ئىشنى قىلىدۇ ، نەتىجە چىقا چىقماي باشقا ئىشقا يۇگۇرەيدۇ. مەسلەن ئاي تۇپراق، بىر يىل ئون ئىككى ئاي، سائەتمۇ 360 گىرادۇس پىقىرايدۇ. ياكى پىقىرالايدۇ.ۋاپاسىز.بىريەردە توختىمايدۇ.
ئىجارىسى بەش تەڭگە، تەڭگە بۇ ئالتۇن   ئالتۇن تۇپراق جەۋھىرى.مىجازى سەۋدا، ياكى يەھۇدىيلار ئالتۇنغا زىيادە ھىرىس. ئىجارىمۇ شۇ بۇنى ئۆسۇمگە پۇل ئىجارىسىگە باغلاشقا بۇلىدۇ.
سەۋدا مىجازلىك كىشىلەرنىڭ مىجازى قىز بالىغا ئوخشايدۇ، قۇتادغۇ بىلىگىدىكى ئايتولدى مىسال، شۇيەرلەرنى ئوقۇپ باقسا ،ئاق پىشماقنىڭ خۇي پەيلى بەك بەلەن يىزىغلىق.
سەۋدانىڭ قەلبىدە  تەسەۋۋۇر گۇمان زىيادە بولغاچ، ۋىجدان جەھەتتە كام كىلىدۇ. ۋىجدانى كام بولغاچ ئۆستەڭگە ئىتتىرۋىتىپ كارى يوق كىتىۋىرىدۇ.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 16:04:58

شىئىر قوشاقلارنى تادۇلىسا باشقىچە بولىدىكەن ھە :lol

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 16:26:40

ئىنسان بىلەن زاماننىڭ زىدىيتى بار، ماكان بىلەن دىننىڭ زىدىيتى بار. دىن ئەۋىج ئالسا ياكى زىيادىلەشسە ، ماكان بەخىت كىمىيىدۇ. چۇنكى نان يەپ تۇرۇپ ،ناماز ئوقىغىلى بولمايدۇ. ياكى ئاپپاق دەۋرىدە دىن گەۋدىلەنگەچكە ،پەن بەخىت كىمىيىپ كەتكەن. بەخىت زىيادىلەشسە، دىن كىمىيىدۇ. بۇنى تەڭپۇڭ ئىلىپ بىرىش دىگەن بىر ھۇنە.
ئەمدى، شىريەت ئىنسان كاتۇگۇريىسىدىكى تىل نىڭ بىر تەركىپلىرى، تىلنى پەلسەپىگە تۆت تادۇ پەلسەپىسىگە سالسا، ياكى شۇ بۇيىچە تەخمىن قىلىنسا شىئىر بۇلىدۇ. شىئىر بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتى شۇ. دىمەك، شىئىر تىل بىلەن پەلسەپىنىڭ بالىسى. ئەمدى ئىتىقاد بۇ ئاسماندىن چۇشكەن
ئىنساننى بىر ئىشەك دىسەك، ئۇنىڭ نوختىسى ئىتىقاد بولمىسا جاڭگالغا يۇگىرەيدۇ. دىمەك ئىتىقاد بەلگۇلەش  مۇستەھكەملەش، چىڭىتىش خۇسيىتى بار.ئىتىقادسىز ئادەمنىڭ ئۆيى ئۆمۇچۇك تورىغا مىسال.
ئىتىقاد بىلەن شىرىيەتنىڭ نىمە ۋەجىدىن سىلشتۇرىلىشى بۇيەرگە لازىم بۇلۇپ قالغاندۇ، بۇ ئادەملەرگە.
بەت: [1] 2
: ئايتۇغدى: شېئىر بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى