alparabi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 17:01:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alparabi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 17:08  

ئىملاسىنى مۇشۇنچىلەك تۈزىتىپ باقتىم

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 17:02:24

شېىر بىلەن ئېتىقاتنىڭ مۇناسىۋىتى
ئايتۇغدى
ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‹ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ›ﺩﯦﮕﻪﻥﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﯰﻗﯘﻣﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻣﯘ؟ ﺧﻮﭖ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻴﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻳﻠﻰ. ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ: ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ - ﻳﻮﻕ؟ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯰﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ئوخشىماﻳﺪﯗ، ﯰﻻﺭ: ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ، ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ. ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﯪﻏﺪﯗﺭﺍﻳﻠﻰ. ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﯻﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﯨﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯰﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯰﻣﯘ ﯲﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﯬﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﯩﺴﯩﻼ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ
ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﯰﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﺷﯧﺌﯩﺮﻣﯘ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ: ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ، ﻳﻪﻧﻰ، ﻣﻪﻧﻪ! ﯞﺍھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﻦ ﯰﻧﻰ (ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ) ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﺪﻯ. <ﻣﻪﻧﻪ>، <ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ>، <ﺗﻪﯕﺮﻯ>ﺩﯨﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﯴﭺ ﯪﺗﺎﻟﻐﯘ، ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﯴﭺ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺭﺩﻯ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﻨﻰ ﯬﻗﻠﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺩﯨﻦ ﯰﻧﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ). ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻣﯘ ﯲﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﯬﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﻼ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﯨﻲ ﯰﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯬﭘﺴﺎﻧﻪ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯬﻗﯩﻠﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﯬﻗﯩﻠﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﭼﯘﯞﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﻰ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ "ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ" ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﻧﯩﻤﯘ، ﺩﯨﻨﻨﯩﻤﯘ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯰﺭﯗﻧﺪﻯ. ھﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﯩﺰﻡ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯰﺭﯗﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﯰﻳﻐﯘﺭ شېئىرﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ھﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.

- ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ - ﻣﻪﻧﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪﻧﻪ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ﯰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪﮔﻪ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﯧﺴﺎﭘﻼﻧﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ﻣﻪﻧﻪ ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﮕﻪ (ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻐﺎ) ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﮔﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ. ﯬﻣﺪﻯ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ: ﻣﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﯪﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ: ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﭽﯘ؟ ﯰ (ﺷﺎﺋﯩﺮ) ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﯲﺯ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﯪﻝ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﯰﺩﯗﻟﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯰﺳﻠﯜﺏ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﯪﻝ ﯰﺳﻠﯘﺑﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ، ﯰﺳﻠﯘﺏ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻠﯩﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﯰﺳﻠﯘﺏ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ - ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﯰ "ﯰﺳﻠﯘﺏ" ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ھﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﯰﻧﺘﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﯬﻣﻪﺱ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﻪ ﯮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﻳﻨﯩﺸﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﯰﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺴﻪ، ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯰﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ>ﻧﻰ ﯪﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯬﻣﻪﺱ. ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ <ﻣﻪﻧﻪ>ﻧﯩﯔ <ھﻪﻗﯩﻘﻪﺕ> ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، <ﺧﯘﺩﺍ>ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯬﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﯰ --  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ "ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ"، ﯰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ "ﺧﯘﺩﺍ"ﺳﻰ! ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ "ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ"ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺱ، "ﺩﯨﻦ"ﻣﯘ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ھﻪﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ھﻪﻡ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ (ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ) ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ (ﯰﺳﻠﯘﺑﻰ)، ﯬﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷۇرﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ "ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ"ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﻰ> ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﯲﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، <ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ> ﯰﻧﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻨﻰ <ﯰﺳﻠﯘﺏ> ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ، ﯰﻧﻰ ﯪﺯﺍﺏ ﯮﺗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ﻧﯧﻤﻪﺕ ھﻪﻡ ﻟﻪﻧﻪﺕ (ﻗﺎﺭﻏﯩﺶ) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﯰﺳﻠﯘﺑﻨﯩﯔ ھﻮﻗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ئىكەنلىكىدىندۇر.

border يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 18:40:15

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 08:53 static/image/common/back.gif
خەت نۇسخىسىنى تەھرىلەپ باقساقممۇ ھىچ پايدىسى بولغاندە ...

بۇنىڭ سەۋەبى بۇ يازما Unicode نىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىنى ئىشلىتىپ يېزىلغان ئىكەن، بۇنى كېڭەيتىلگەن رايوندىن ئاساسىي رايونغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن نورمال تەھرىرلىسەك بولىدۇ.

ئاساسىي رايوندا ياكى كېڭەيتىلگەن رايوندا يېزىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى:
سۆزلەردىكى ئۆز-ئارا ئۇلانغان ھەرپلەرنىڭ ئارىسىغا بوشلۇق قويۇپ باقساق ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكىللىرى يالغۇز شەكلىگە ئۆزگەرمىسە كېڭەيتىلگەن رايوندا يېزىلغان بولىدۇ، مەسىلەن:
ﻣ ﻪﻧ ﯩ ﻨ ﯩ ﯔ ھ ﻪﻗ ﯩ ﻘ ﻪﺗ ﺴ ﯩ ﺰﻟ ﯩ ﻜ ﻰ

يالغۇز شەكلىگە ئۆزگەرسە ئاساسىي رايوندا يېزىلغان بولىدۇ، مەسىلەن:
م ە ن ى ن ى ڭ ھ ەق ى ق ە ت س ى زل ى ك ى

يۇقىرىقى ئەھۋالغا قاراپ كېڭەيتىلگەن رايون چىرايلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن، بىراق كېڭەيتىلگەن رايون ئىشلەتكەندە كەم دېگەندە مۇنداق ئىككى ئەھۋالدا زىيان تارتىمىز:
1. تېكىستنى تەھرىرلىگەندە ئۇلىنىپ يېزىلغان ھەرپلەرنىڭ ئارىسىدا بىرەر تال ھەرپنىڭ قوشۇپ ياكى ئۆچۈرىدىغان ئىش بولسا دۆت، گالۋاڭ كېڭەيتىلگەن رايوندا ئالدى-كەينىدىكى ھەرپلەرگە قاراپ ئاپتوماتىك ئۇلاش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولماي قالىدۇ. ئاساسىي رايوندا بولسا ھەرپلەرنىڭ يالغۇز شەكلى ساقلىنىدۇ، ھەرپلەر ئالدى-ئارقىسىدىكى ھەرپلەرگە قاراپ قايسى شەكلى كېلىشى كېرەكلىكىنى ئۆزى ئاپتوماتىك بېكىتىدۇ.
مەسىلەن:
كۆرسۈتىش دېگەن خەتنى ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ دەپ ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ ﯜ ھەرىپىنىڭ ئورنىغا ﻯ ھەرپىنى يازساق ﻛﯚﺭﺳىﺗﯩﺶ  بولۇپ قالىدۇ(ئاساسىي رايوندىكى كىرگۈزگۈچتە يازغان ئەھۋالدا). Unicode نىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى ئاساسىي رايون ئىشلىتىش، شۇڭا ھازىر كېڭەيتىلگەن رايوندا كىرگۈزىدىغان كىرگۈزگۈچلەرنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايدۇ.

2. كېڭەيتىلگەن رايوندا يېزىلغان خەت بىلەن ئاساسىي رايوندا يېزىلغان خەت كۆزىمىزگە ئوخشاش كۆرۈنىدۇ، بىراق كومپيۇتېردا ئوخشىمىغان كود بويىچە ساقلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئوخشاش مەزمۇن بىراق ئىزدىسە تاپقىلى بولمايدىغان ئىش چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە ھەم ئاساسىي رايون بويىچە ئايرىم ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

3. مەن بىلمەيدىغان يەنە باشقا ئاۋارىچىلىقلار...



مۇشۇ ئىزدىنىشقا يازما يوللىغاندا يوللاش جەريانىدا ھەرپلەرنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ ئاپتوماتىك ئاساسىي رايونغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان قىلىپ قويساڭلار بولغۇدەك

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن:
PHP دا ئۇيغۇرچە ئاساسىي رايون، كېڭەيتىلگەن رايون،ULY ئالماشتۇرۇش كودى
http://www.uyhacb.com/home/forum.php?mod=viewthread&tid=5025
http://www.intil.biz/home/thread-14878-1-1.html

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 23:34:27

شائىردىن رىئالىستىكىلىك تەپەككۈر تەلەپ قىلىش بۈگۈنكى پوسىت مودىرىن شىىرىيەتكە كۆرە بىمەنىلىكتۇر.شائىر ھىچقانداق ئىجدىمائىي تۈزۈم،ھىچقانداق ئىتىقادنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرماسلىكى كىرەك.شىئىر ئانارشىسىت قۇرۇلمىغا ئىگە بولىشى،ھىسسى ۋە يىڭى ئىماگ جەھەتتە كۈچلۈك بولىشى، ئاساسى ئەقلى تەپەككۈر بىلەن كۈچلۈك ھىسياتنى يۇغارلايدىغان بولىشى كىرەك دەپ قارايمەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 23:34:29

ئەڭ ياخشى شائىرلار تەبىىي شائىرلاردۇر

ئەلشىر ناۋائىي

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 00:17:59

سىزنىڭ پىكرىڭىز: شىئىر نى تادۇلىساق، ماۋۇ گۇڭگا دىگەن نەرسىلە بەك سەت كۇرىنىدۇ كۇزۇمگە.

‏ مېنىڭ پىكرىم:  ئۇنداق بولسا تادۇغا چۈشمەيدىغان مەۋجۇتلۇقمۇ بولىدىكەن-ھە؟

   سىزنىڭ پىكرىڭىز:شىئىرنىڭ بىرىنجى مىسراسى بىلىش بولىدۇ. ئىككىنجى مىسراسى ئادىللىق بولىدۇ. ئۇچۇنجىسى ياخشىلىق، تۆتىنجىسى تەقۋادارلىق بولىدۇ.

‏مېنىڭ پىكرىم:  بىرىنچىسى تەقۋالىق، ئىككىنچىسى ياخشىلىق... بولسا-چۇ؟


سىزنىڭ پىكرىڭىز:‏ ياكى بىرىنجى سىدە ماكان تەسۋىرى، ئىككىنجىسىسدە زامان ئىش ھەركەت، ئۇچۇنجىسىسدە ئادەم ،ئادىمىيلىك.تۆتىنجىسىدە تەقدىر پىشانە نەتىجە ئەكىس ئىتىدۇ.
‏   
‏   مېنىڭ پىكرىم: ئوخشاشلا ئورۇن تەرتىپى ئۆزگىرىپ كەتسىچۇ؟

سىزنىڭ پىكرىڭىز: قاپىيە ئىغىزغا يىقىن، رىتىم دىلغا  يىقىن، تۇراق قۇلاققا يىقىن، مەناسى بۇرۇن مىڭىگە تەپەككۇرغا يىقىن. دىمەك   ئادەم تەپەككۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە    نى يىغىپ ئەيلەپ چىقارسا شىئىر بۇلىدۇ. يۇكسەك سىڭىشچانلىقى بار. دىمەكچى، تەپەككۇرغىمۇ ماس كىلىدۇ، تىلغىمۇ چالغىلى بولىدۇ، دىلنىمۇ ئىرىتەلەيدۇ،ئەستىمۇ ياخشى قالىدۇ.  پىچاقتىن يىتىك قۇرال.
بىراق ماۋۇ گۇڭگا دىگەن نىمە، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئىشەك مۇھاببەت ئىزھار قىلغاندەك، غەلىتە بىر نەرسىكەن.
تادۇچە، مۇناسىۋىتى دىگەن كىچىك بىر ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا زىدىيتى رولى ئورنى دەپ يەتتە پەدىدىدە تەڭشەيمىز.
  
‏   مېنىڭ پىكرىم: 4 تادۇ ھەقىقەتەن ياخشىكەن، دۇنيانى ئىخچاملاپلا كۆز ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىدىكەن.
‏   شۇغىنىسى، ئايتۇغدى ئىخچاملىغىلى بولمايدىغان دۇنيانى شېئىر دېمەكتە ئىكەن.
‏   رەھمەت، سىزنىڭ ئۆزگىچە پىكىرلىرىڭىز ھەمىشە تەسەۋۋۇرۇمنى قاناتلاندۇرىدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 00:49:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 00:55  


   ئۇمۇن:شىئىر ئانارشىسىت قۇرۇلمىغا ئىگە بولىشى،ھىسسى ۋە يىڭى ئىماگ جەھەتتە كۈچلۈك بولىشى، ئاساسى ئەقلى تەپەككۈر بىلەن كۈچلۈك ھىسياتنى يۇغارلايدىغان بولىشى كىرەك دەپ قارايمەن.

‏   ئانارشىست مەنىگە دېسىڭىز تېخىمۇ جايىغا چۈشىدىكەن دەپ قارىدىم. مەن يېرىمىغا قوشۇلىمەن: ژان ژاك رۇسسۇنىڭ قارىشىچە ئىنسان دەسلەپتە خېلى بىر ۋاقىتقىچە ھۆكۈمەتسىز ئىدى؛ يەنە يېرىمىغا قوشۇلمايمەن: ماركىسنىڭ قارىشىچە ئىنسان كوممۇنىزىمغا بارغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ھۆكۈمەتسىزلىشىدۇ.
‏   توغرىسى: كەلگۈسىنى ھېچكىم توغرا پەرەز قىلالمايدۇ.
‏   شۇڭا، شېئىر قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ. «ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، ھەممىدىن نوچىسى چاشقان تۇتقان مۈشۈك».

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 03:08:46

ئانارشىسىت كەلىمىسىنى ئىجدىمائىي تۈزۈملەرنىڭ تاجاۋۇزدىن،مىڭە يۇيىشىدىن خالى دىگەن مەنىدە قوللانماقچى ئىدىم.كەلىمىنى ئەدەبىي مەندە چۈشىنىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن.سىياسىي جەھتتە مەن بىر رىئالىسىت ئىنسان.ئانارشىزىمغا قىززىقمايمەن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 09:38:02

ئۇمۇن
غەرىپ قاراشلىرى بىلەن شەرىق قاراشلىرى پەرىق ئىتىدۇ.  غەرىپ پەيلاسۇپلىرى ئوت خىياللىرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ. شۇڭا قەلىپلىرىدە دائىم ئوتتەك ئەركىن كۇيۇشنى ئىستەيدۇ. بىراق ماۋۇ شەرىقتە دەل ئەكسىچە سۇ دەك ئويلايدۇ. سۇ دىگەننىڭ قاشلىرى قىرغاقلىرى بولمىسا، مەۋجۇتلىقى كاپالەتسىز بۇلۇپ قالىدۇ. ئۆزنى زەنجىرگە بەنىت قىلغان دەرۋىشلەرنىمۇ كۆرگەنمەن. بىرى ئوت بولمىسا، بىرى سۇ بولمىسا، تاغدەك كىمىلەرنى شاماللار قانداقمۇ ئالدىغا ئىتتەرسۇن.بىر بىرىگە قارانجۇق. شۇڭا بىرلىرى مۇقام تولاپ قەلىپلەرنى پەزىلەتكە ئۇندىسە، بىرلىرى قۇرال ياساپ كۇچ بىلەن مەخسەد ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ قايسى نوچى؟ قايسى ھەقىيقەت؟ ھەر ئىككىلىسى ئۆز يولىدا.
مەسلەن؛ سۇ دىكى بىلىققا ئەركىنلىكنى پەش قىلىپ، سۇدىن ئايرىپ بىقىڭ ئۇچالامدىكەن. بىلىق ئۇچۇن شۇ سۇنىڭ ئۆزى يەنە بىر مەنىدىكى ئەركىنلىك.
ئىغىزمۇ شۇ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرگەنگە، شىرىيەتكە چەكلىمە قويمىغاندا، غەرىپتە ئاققان بىلەن ماۋۇ شەرىقتە ئەكىس تەسىر بىرىدۇ. پەلسەپىنىڭ مۇنداق رىياللىق بىلەنمۇ چاتىقى بار.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:01:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 10:04  

ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى.
سىزدىگەن شۇ ئالماشلارمۇ، ئەمىلىيەتتە تۆت تادۇنىڭ يەنە بىر ۋاريانتى. مەسلەن شاخماتتىكى ئات ئوخشىمىغان ئويلىمىغان يان چۆرىسىدىكى نۇرغۇن كاتەككە چۇشىدۇ ئەمەسمۇ؟
بىراق ماۋۇ گۇڭگا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئۇيغۇر شىرىيتىگە چۇشكەن ئەپىيۇن.ئۇيغۇرلار ئۇچۇن شىريەت نۇرغۇنلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەس بەلكى، ناشتىلىقتىنمۇ مۇھىم.ياكى دائىم شىئىر بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرمىسا، دەرىت ھەسرەتلىرىنى قامدىيالمايدۇ.ھەسرەت چىرمىۋالسا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. چۇنكى بىزدىكى ھۇزۇرىي قەلىپ.
قەلىپمۇ تۆت خىل بولىدۇ. گۇمانىي قەلىپ ئەرەپلەر، گەدەنكەش قەلىپ خاۋاەرىجلار، ھۇزۇرىي قەلىپ تۇرۇكلەر، قۇرىققان قەلىپ پارىسلار.
بىزدىكى قەلىپ، بىرنەرسىدىن قورىقمايدۇ،گۇمانلانمايدۇ،ھەدىدىن ئاشمايدۇ. بەلكى قىلغان ياخشىلىقدىن ھۇزۇرلانغانچە شۇنچە سەمىرىيدۇ.
شۇڭا شىئىر بىزدە چوڭقۇر يىلتىز تاتقان. بۇنداق ئام ھالەتتىكى ئىدىلوگىيە تەشنالىقىغا يىنىكلىك قىلىش، ياكى شىئىردىكى قاپىيە تۇراق ۋەزىنلىرىنى ئىلىۋىتىپ، يالىغاچ ساراڭدەك ئىش قىلساق، شىئىر ئۇمۇملاشمىسا، تۇمۇ تۇمۇغا تارقىمىسا، روھىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىغىر دەرجىدە بۇزىلىدۇ. شۇڭا شىئىرغىمۇ يۇگەن سىلىش لازىمدۇر.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:25:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaratugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 14:04  

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 10:01 static/image/common/back.gif
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى.
سىزدىگەن شۇ ئالماشلارمۇ، ئەمىلىي ...

غەرىپ قاراشلىرى بىلەن شەرىق قاراشلىرى پەرىق ئىتىدۇ. بۇ گېپىڭىز سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزدا پەرق ئېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تۈزۈملەرنىڭ شۇ رايوندا كىشىلەرنى كونترول قىلىپ كەلگەن ئىدىيەلەرنىڭ مەھسۇلى.

   سىزنىڭ شېئىرنى تادۇ پورمىلاسىغا سېلىپ تۇرۇپ، شېئىرنى - تىل بىلەن پەلسەپىنىڭ تۇغۇندىسى دېگىنىڭىز پىكىر زىدلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  شېئىر ئەسلى روھنىڭ ئەركىنلىكىنى جار سالىدىغان تىلنىڭ رىتىمى. ئەركىنلىك مەھكۇم روھنىڭ بىردىنبىر ئاۋازى، ھوۋلىشى. شۇنداق ئىكەن ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئىتقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ. روھ ئىتقادسىز بولۇپ قالسا سىزنىڭ تادۇ قاراشلىرىڭىزنىمۇ رەت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇڭا شېئىر سىز دەۋاتقان بارلىق شەرق، غەرب قاراشلىرىنىڭ پەرقىنى رەت قىلىپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنى ئورتاق بىر ئىتقادقا باشلاشقا ئىنتىلىدۇ. ھەتتا سىزنىڭ ھەرقانداق پورمىلالىرىڭىزنىمۇ رەت قىلىدۇ.  
  شېئىرنى بارلىق قېلىپلاردىن ئازاد قىلغاندىلا،  ئۇنى ئوقۇۋاتقۇچى كېكەچلەشتىن خالىي بىر تىل مۇھىتىغا ئېرىشىدۇ-دە، باشتا دېگىنىمىزدەك روھنىڭ ئەركىن تىلى ۋە تەپەككۇرى قانات يايىدۇ.
ئەكىسچە سىز شېئىرنىڭ ئومۇملىشىش ياكى ئومۇملاشماسلىقىنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭغا يۈگەن سېلىش بەدىلىگە بارلىق شېئىرخۇمار كىشىلەرنىڭ روھىغا كىشەن سېلىشتەك گۈزەل سۈيقەستنى پىلانلاپ، تۈركلەرنىڭ ھوزۇر ئىستىكىنى تۈۋىدىن كەسمەكچى بولىۋاتىسىز.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:41:14

qaratugh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 13:25 static/image/common/back.gif
غەرىپ قاراشلىرى بىلەن شەرىق قاراشلىرى پەرىق ئىتىدۇ. ب ...


ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشاش،بىراق ئوخشاشمايدىغان يەرلىرىمۇ بار.بىر ئادەم بىلەن بىر ئادەمنىڭ،بىر قەۋىم بىلەن بىر قەۋىمنىڭ مىجاز خۇلىقى،تىلى،دىلى تەپەككۇر ئۇسۇلىغىچە روشەن پەرىق بار.تەسەۋۇردا ئۇنداق بولمىغان بىلەن،ئەمىلىيەتتە شۇنداق.شۇڭا تىۋىپلىرىمىز مىجازنى تۆتكە ئايرىيدۇ.
‏سەۋدا مىجازدا ، بىلىش يىڭىلىق تەسەۋۇر غايەماۋۇلارغا نىسبەتەن ھىرىسلىق زىيادە بولىدۇ.شۇڭا ئۇلاردا ئىجادىيەت يىڭى تىخنىكا يىڭىلىق كۆپ بولىدۇ.
‏سەپرامىجازدا،ئادىللىق تەدبىر قانۇن ئاساس تىما،تەسەۋۋۇرى بۇيىچە ماڭماستىن تەدبىر پىلان لاھىيە تۇزۇشكە كۇچەيدۇ.بۇنىڭغا نىسارالارنى مىسال قىلغىلى بولىدۇ.
‏بەلغەم مىجازدا،ياخشىلىق پەزىلەت ئادىمىيلىك ئۇلارنىڭ مەۋقەسى.
‏خۇن مىجاز ئادەت كۇنەگ بۇيىچە ماڭىدۇ.
‏بىرتوپ ئادەم بولسا،سىز ئۇلارغا بىر مەخسەدنى بىلدۇرمەكچى دەيلى،ئۇلارغا تەتقىقاد ماقالىسى ئوقۇپ بەرسىڭىز،ئۇنى چۇشۇنىدىغانلار تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەسلىگى مۇمكىن.چۇنكى ئادەمنىڭ ھەممىسى تەپەككۇرغا ئۇستا كەلمەيدۇ.ناۋادا ئۇنى رىتىمغا سىلىپ بەرسىڭىز،ئۇنڭدىن تەسىر لىنىدىغانلا تۆتتىن بىگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن.شۇنىڭدەك سۆز قاپىيە ئويناپ بەرسىڭىز،كۆتىدە كۇلىدىغانلارمۇ چىقىپ قويىدۇ.
‏سىزدىكى شۇ مەخسەدنى،مەزمۇن رىتىم قاپىيەئوخشۇتۇش ھەممىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ شىئىر قىلىپ ئوقىسىڭىز.بەلكىم بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىگە ياقىدۇ.بەزىسى مەزمۇندىن تەسىرلەنسە،بەزىسى رىتىمى بىلەن يۇرىكى جايىغا چۇشىدۇ،بەزىسى پاساھەت بالاغىتىگە مەپتۇن بولىدۇ.شىئىرنىڭ نەزىريەۋىي ئاساسى مۇشۇ.بۇ نۆۋىتىدە بىر توپ ئادەمنى بىريەرگە باغلايدۇ.نەگە بىرىپ خەجلىسە ،خەجلىگىلى بولىدىغان ئامرىكا دوللىرى دىيىشكە بولىدۇ.
‏ناۋادابۇنداق قىلىپلارنى قويماي،ھەركىم ئۆز مەۋقەيىدە ئوينىسا،كىم ھەرەڭ سەرەڭنى جىق قىلسا شۇ شىئىر بۇلۇپ كەتسە،بۇنىڭ مەجنۇندىن نىمە پەرقى.
‏مەزمۇن ياكى ھىسياتنى چىقىش قىلىپ قۇرغا ئالغان نوچىمۇ ياكى،نۇرغۇن ئۆلچەملەرنى نەزەرگە ئىلىپمەزمۇن ھىسياتنى ئىپادىلىگەن نوچىمۇ،ياكى بىرنى يەڭگەن نوچىمۇ مىڭنى يەڭگەنمۇ.
‏تۆت پەسلنىڭ ئۆزى بىر تەقدىر ئەزىم،زامان ساڭا باقمىسا،سەن زامانغا باق،زامان بىلەن پۇت تىپىشكىلى بولمايدۇ.ياكى ئىنسانلار زاماننى بەلگۇلىيەلمەيدۇ.
‏ئىدولوگىيچىلەرمۇ،ئاددىي پوخراغا قارغاندا زاماننى بەكراق بىلىدۇ.ياكى گەپنى زاماننىڭ رەپتارىغا بىقىش دەيدۇ.بۇنى يەنى غەرىپ بىلەن شەرىق پەرقىنى كۇنزا ياكى سۇنزادىلەر بىرقوللۇق يىتىشتۇرۇپ چىققان دىگەندىن كۇرە،،تەقدىر ئەزىم دىسەك تىخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.ياكى غەرىپ بىلەن شەرىق پەرقى،ماكان زامان ئىنسان دىن ئوخشىماسلىقىنى مەنبەقىلىدۇ،پەيلاسۇپلار ئۆزتەمىدە گۇللىنىشىنى ئۆز خاسلىقىنى يۇكسەلدۇرۇشكە كۇچەيدۇ دىگەن تۇززۇك.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:50:47

‏روھنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرساڭ خوش بۇلامدۇ ياكى زەنجىر كىشەنلىسەڭ كۆڭلى ئىچىلامدۇ.
‏جىنايەتچىني تۇرمىغا قامايدۇ،ماۋۇ دۇنيادا،نىمىشقا روھى بۇزۇلغاچقا ئوڭشاش ئۇچۇن. قىرىق كۇن ئىتىكاپ قىلىدۇ بەزىلەر،نىمىشقا روھنى تاۋلاش ئۇچۇن.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 18:16:30

خەلىق ناخشىلىرىدا نۇرغۇن مىسىرالار بار.ئاللا يارىم قارا كۆز....ئاللا بوستان چاچ...ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا....مۇشۇنداق مىسىرالار نۇرغۇن.بۇنىڭدىن شېئىرنىڭمۇ ئىتىقاد بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ چۈشىنىمەن.بۇرۇنقى ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى،يەنى ھازىرقى مودا دەپ ئاتىلىپ ئاممىباب  دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان  يەنى بۇرۇنقى خەلىق ئىغىز ئەدەبىياتىدىكى يازمىنى ئۆزگەرتىپ ئىيتىلىۋاتقان ئوخشىتىلغان ناخشا تىكىسىتلىرىنىڭ ئەسلىسىدە ئاللا دىگەن سۆز كۆپ ئۇچىرايدۇ.بۇرۇنقى س د دەيلەردىن ناخشا ئاڭلىسام شۇنداق گەپلەر چىقاتتى.ھازىرقى بەزى ياش ناخشىچىلار تىكىستنى ئۆزگەرتىپ،جاز مۇزىكىللىرىنى كىرىشتۈرۈپ زامانىۋى ئۇسلۇبتا ئىيتىدىغان بولۇپ كەتتى.تىكىستلىرىدىمۇ ئاللا دىگەن سۆز بەك ئۇچىرمايدۇ.شوڭىلاشقا ئىتىقاد بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايمەن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:48:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 20:51  

شىئىر بىلەن ئىتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى باردۇ بەلكىم، ماۋۇ تىمىدا دىيىلگەندەك بولماس. زاپ بىي،، بۇنۇمنى قۇلۇقۇم تۇققان دىگەندەك گەپ بۇلۇپتۇ بۇ.
ئىتىقادمۇ تۆت تۇرلۇك بولىدۇ. بىرى تەۋراتنى چۆرىدىگەن  يەھۇدىيچە بىلىش سۇپەتتىكى ئىتىقاد،ياكى مەدىنىيەت.
يەنەبىرى ئىنجىل ئۇچلانغان نىساراچە مەدىنىيەت، بۇ ئادىللىق بولىدۇ.يەنە بىرى ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىسلام مەدىنىيتى،ئاخىردىكىسى بۇددىسىتچە مەدىنىيەت ئىتىقاد‹تەقۋادارلىق›.
ياخشىلىق سۇ سۇپەتتىكى ئىتىقادتا ياكى مەدىنىيەتتە، تەپەككۇر پەزىلەتنى، قەلىپ ھۇزۇرنى، كۆڭۇل مۇھەببەتنى، روھ ....  ئەنئەنە ئۆرۇپ ئادەت ئۇدۇم دىن ،ئادەت ئىنسانچە ئادەت تارتىدۇ.ياكى ئادىمىيلىك ئاساس قىلغان ئادەت ،،،،،نى ياقىلايدۇ. بىزلەر داستىخان سالىدىغان ئىشلارنى ئادىمگەرچىلىك دەيمىز. تەپەككۇر ئەركىن ئۇچسا بۇلىدۇ، قەلىپمۇ شۇ ، بىراق كۆڭۇل بىلەن روھنى ئەركىن قويساق ،بۇلار رىياللىققا بەك يىقىن بولغاچ ،ياكى ئاسان رىياللىنىدىغان بولغاچ چاتاق چىقىدۇ. بۇلۇپمۇ روھ ئەركىنلىكنى خالىمايدۇ. شۇڭا تەۋرەنمەس روھ دەيمىز. بۇنى ئەركىن قويساق، ئىرادە ۋاپا سەبرى مەۋقە يىدە چىڭ تۇرۇش ۋىجدان ماۋۇ گەپلەر گە تەسىر قىلىدۇ. چىنىقىش روھنى تاۋلايدۇ.
ياكى يەھۇدىيلار تەپەككۇرغا بىلىشكە كۇچەيدۇ دىسەك، نىسارالار قەلىپكە ئادىللىققا كۇچەيدۇ، مۇئمىنلار پەزىلەت كۆڭۇل ياخشىلىققا كۇچەيدۇ. بۇدىسىتلار كۇنەگ روھ تەقۋادارلىققا كۇچەيدۇ.
شىئىرنىڭ مۇشۇ ئىتىقادلاربىلەن مۇناسىۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تىخى ياخشىلىق بىلەن شىئىر بەك يىقىن. مەسلەن تەسەۋۋۇپنى مىساللىساق، شۇلارنىڭ مىسرالىرىدا ئىلاھىيەزىكىرلىرى ئەكىس ئىتىدۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:57:51

دىمەك ئىتىقاد، شىئىردىن كىلىپ چىققان دىيىش بۇ قاملاشمىغان گەپ، بەلكى شىئىر ئىتىقاد تەۋىسسىيەسىدىكى بىر يۇمشاق ۋاستە.
بەت: 1 [2]
: ئايتۇغدى: شېئىر بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى