Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:54:51

[باچكا] سۇرفېس پرو 3، ۋىنفون ۋە ۋان نوت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 22:15  

سۇرفېس 3 ۋە ۋان نوت، ۋىنفون
(ئىزدىنىش تورىدىن باچكا يازمىسى)

http://www.microsoft.com/global/en-us/news/publishingimages/ImageGallery/Images/Products/SurfacePro3/SurfacePro3Primary_Print.jpg

  تاختا كومپيۇتېرنى ئېلىپ يۈرۈش خاتىرە كومپيۇتېردىنمۇ قولاي بولغاچقا، كۆڭۈلدىكىدەك كۆچمە قورال بولۇپ قالدى. زادى قانداق سىستىما ۋە ماركىدىكى تاختا كومپيۇتېرنى تاللاشقا دۈچ كەلگەندە، پەقەت كۆڭۈل ئېچىش، ئالاقە ۋە تور سودىسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارغا، ئايپەد ياكى ئاندرويد پەد كۆڭۈلدىكى تاللاش بولۇشى  مۇمكىن، دەرۋەقە، يەنە بىر توپ كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى مەھسۇلاتقا بەكرەك ئېھتىياجلىق.
  ۋىندوۋس سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېرلار، ئىقتىدار ۋە باھا جەھەتتە، ھەر خىل تاللاش بىلەن تەمىنلىگەن، بولۇپ، دەل شۇنداق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە ۋە سودا تۈرىدىكى مەھسولاتتۇر.
  Surface Pro بولسا، ۋىنپەدلەر ئىچىدىكى بايراقدار مەھسولات بولۇپ، ئەڭ يېڭى Surface Pro3 تە، قاتتىق دېتالنىڭ لايىھەلىنىشى بەك ئۆزگىچە. باشقا مەھسۇلاتلاردىن پەرقلىنىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكتىن ئۈچنى مىسال ئالسام: بىرى، سۇرفېسنىڭ بىرلا USB ئېغىزى بولسىمۇ، توك مەنبە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ زەرەتدانىدا يەنە بىر USB ئېغىزى تەمىنلەنگەن، باشقا مەھسۇلاتلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ لايىھە ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ؛ ئىككىنچىسى، سۇرفېس پرو 3 نىڭ كەينىدىكى تىرەك ئەلالاشتۇرۇپ، 150 گىرادۇس دائىرىدە خالىغان بولۇڭدا ئېچىشقا بولىدىغان بولغان، ھەم يېپىلىشى ئىنتايىن ياخشى، ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇ نادىر ۋىنپەدنى ھەر قانداق ئورۇندا، خالىغان يانتۇلۇقتا قويۇپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق قىلىنغان؛ ئۈچىنچىسى، ئۆلچەملىك سەپلىمە بولغان چەكمە قەلەم، بۇ قەلەم ئالدىنقى ئەۋلات سۇرفېس قەلىمىدىن يەنە ئەلالاشتۇرولغان. ئېكران يۈزىگە تەگمەي بىر سانتىمېتىر ئارىلىقتا نۇر بەلگە ئورۇن سېزىدۇ، يان كۇنۇپكا ئىككى دانىگە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بىرى ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى، يەنە بىرى دائىرە تاللاش كۇنۇپكىسى. قەلەم ئۈستى كۇنۇپكىسىنى باسساق، كومپيۇتېر ئوچۇق ياكى ئۇيقۇدا بولسۇن، ئۈچ سېكونت ئىچىدە ۋان نوت (OneNote ) ئەپىنى قوزغىتىپ، تويۇقسىز كەلگەن ئىلھامنى چاقماق تېزلىكىدە خاتىرلەش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.قەلەمنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، سىز قەلەم بىلەن ۋان نوتقا سىزىۋاتقاندا، قولىڭىزنى ئېكرانغا قويسىڭىز بولىدۇ، قەلەم بىلەن سىزىشقا دەخلى قىلمايدۇ، ھەم بارماق بىلەن نوقۇشقا، بارماق بىلەن سىزىشقا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

تۈۋەندىكى رەسىملەر، سۇرفېسنى قاپتىن ئېچىش ۋە ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش جەريانىم. (رايونىمىزدىكى قازاق ۋە قىرغىز يېزىقىدىمۇ تىل بولاق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
ئالدىن زاكاسقا ئاساسەن، مىكروسوفت دۇكىنى پوچتىدىن ئەۋەتكەن بولاق. ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىشلارلا، بولاق يېشىشتەك كۆڭۈللۈك. سۇرفېس پرو 3 نى بولاقتىن يېشىش جەريانى:



بولاقتا بار بويۇملار: سۇرفېس، قەلەم، قەلەمنىڭ 7- نومۇرلۇق باتارىيىسى، زەرەتدان،قوللانما، ئوفىس 2013 ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىنىڭ ئاچقۇچ نومۇر كارتىسى، لاياقەتنامە، ۋە مىكروسوفت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن خۇرۇم قاپ قاتارلىقلار. مەن كۇنۇپكىلىق ياپقۇچنى زاكاس قىلمىغان، شۇڭا ئۇ يوق.




خىزمەتدىشىم ئەگىشىپ ئالغان سۇرفېسنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى سىناپ كۆرۈشۈمچە، 1- ئەۋلاتقا قارىغاندا، 3- ئەۋلات كۇنۇپكا تاختىسىنى ھەقىقىي مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ، بېسىلىش ئارىلىقى، بارماق سېزىمى ئۆلچەملىك. چىراق بولغاچقا، كېچىدىمۇ بىمالال باسالايسىز. ئۇ بىر ئىنتايىن مۇنەۋۋەر كۇنۇپكا تاختىدۇر.
تەڭشەش:


سۇرفېس پرو 3 نى تۇنجى قوزغاتقاندا، باتارىيىسىدە توك يوق ھالەتتە بولۇپ، چوقۇم زەرەتداننى چېتىپ قوزغىتىشقا توغرا كېلىدىكەن. توك قاچىلاش سۈرئىتى تېز.


ھېساۋاتىڭىز يانفۇن نومۇرىڭىز ئارقىلىق قوغدىلىدۇ:


تۇنجى قوزغىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم قەلەمگە باتارىيىنى سېلىپ، تونۇتۇشقا تەييار قىلىپ قويۇشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن، كېيىن تونۇتقىلىمۇ بولىدۇ. يەنە، ئاۋۇتلۇك ياكى خوتمايىل قاتارلىق مىكروسوفت ھېساباتىڭىزنىڭ بولۇشى مۇھىم. مېنىڭ جەريانىمدا، قەلەمنى تەييارلاشقا ئۈلگۈرەلمەپتىمەن.


بارلىق تەڭشەش جەريانىدىن كېيىن، خەنچە ئارا يۈز چىقىدۇ. سىستېمىنى يېڭىلاش ۋە كونترول يۈزىگە كىرىپ،  تىل بولاقنى قاچىلاش قاتارلىق جەريانلاردىن كېيىن قايتا قوزغاتساق، بىز كۆرۈشنى كۈتكەن ۋىندوۋىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئارا يۈزى قوزغىلىدۇ، ئوڭدىن سولغا ئىشلەيدىغان دۇنياغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.




تۈۋەندىكىسى، سىستېما خاسلىقىدىكى قاتتىق دېتال ئۇچۇرى ۋە ئېكراننىڭ ئىنتايىن يوقىرى بولغان ئېنىقلىق قىممىتى.


يېڭى سىستېمىدا، ئوفىس قاچىلاش ئەپى تەمىنلەنگەن، قاچىلاش باشلانغاندا، قاپ ئىچىگە سېلىنغان ئاچقۇچ كارتىدىكى نومۇرنى كىرگۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن، سىستېما ۋە ئوفىسنىڭ ھەقىقىي نەشىرى بىرلەشكەن خىزمەت مۇھىتىمىز تەييار بولىدۇ.



ئاندىن، تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئوفىس تىل بولاقنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، سىستېمىنى قايتا قوزغاتساقلا، ئوفىسمۇ ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇرچە ئارا يۈزدە قوزغىلىدۇ.
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/details.aspx?id=36528

http://www.microsoft.com/ug-CN/download/details.aspx?id=36528

بۇ يەردە ئىككى نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈر، بىرى، ئۇيغۇرچە تىل بولاق چۈشۈرگەندە، 86 نى تاللايمىز، بۇ ئۆزەك رامكىسىغا قارىتىلغان، سىستېما خاسلىقىدىكى 64 بولسا خانە كەڭلىكىگە قارىتىلغان).

ئەسكەرتىش: ئوفىسنىڭ تىل بولاق چۈشۈرۈش بېتىنى ئاچقىنىمدا، نېمىشقىدۇ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسى ئېكران ئىچىدە كۆرۈنمەي قالىدىكەن، سۇرفېسنى ئايلاندۇرۇپ تىك تۇتساق، ئېكران چۆرگىلەپ، چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنىڭ يېرىمى كۆرۈنىدۇ، چېكىۋالىمىز. ئۈستەل كومپىيۇتېرىدىمۇ ئۇچراپتۇ.


شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلغان ۋىندوۋىس بىرلەشمە مۇھىتىغا ئاخىرى ئېرىشتىم: ئۈستەل كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يانفۇن ھەممىسىلا ۋىندوۋىس مەشغۇلات سىستېمىسى بولدى، زور ئارتۇقچىلىقى شۇكى، بۇ ئۈچى بىر مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغاچقا، ئۆز ئارا ئەڭ زور دەرىجىدە ماسلىشىدۇ، مەشغۇلاتىڭىزغا مۇكەممەل قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ۋە بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ.




ماسلىشىش ۋە تولۇقلاش جەھەتتىن مىسال ئالساق، ئالتە سۇڭلۇق لۇمىيا ۋىنفونۇم بولسا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەڭ ئەپلىك قورالىم، يول ئۈستىدە تورغا چىقىش، ئالاقە، سۈرەت تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇش، ئوفىس ۋە pdf ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش، رادىيو- مۇزىكا ئاڭلاش... قاتارلىق قولايلىقلارنى بېرىدۇ؛ ۋىنپەد سۇرفېس بولسا، 12 ديۇملۇق ئېكرانى، 8.1 مىللىمېتىرلىق نېپىزلىقى ۋە ئاران 800 گىراملىق ئېغىرلىقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئشلەپچىقىرىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش، ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. سۇرفېس، سىزگە ھەم تاختا كومپيۇتېر، ھەم خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ رولىنى ئوينايدۇ؛ ئۈستەل كومپيۇتېر بولسا، ۋىنفون ۋە ۋىنپەدكە قارىغاندا، ناھايىتى چوڭ ئېكىرانى، زور ساقلاش سىغىمى، نۇر دېسكا قوزغاتقۇچنى بىۋاستە ئىشلىتىش قاتارلىق ئورنىنى ئالغۇسىز ئەۋزەللىكلىرى بىلەن، ۋىندوۋىس ئىشلىتىش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، سۇرفېس پرو 3 تە، پەقەت ۋايفاي ياكى تور سىم ماسلاتقۇ ئارقىلىقلا تورغا چىقالايدىغان بولۇپ، يانفۇن تورى نەشىرى يوق. بىراق، لومىيانىڭ تور ئورتاقلىشىش ئىقتىدارىنى قوزغاتسىڭىزلا، ۋىنفون بىر كۆچمە ۋايفايغا ئايلىنىدۇ، دە، سۇرفېس خىيمەنگە، ۋىنفون ئەرش يولۋىسىغا ئايلىنىدۇ.:lol

بىر تىلغا ئېلىشقا مۇۋاپىق نۇقتا شۇكى، سۇرفېسنىڭ سول ئۈستۈنكى يېنىدا، تىڭشىغۇچ 3.5 مىللىمېتىرلىق ئېغىزى بار بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە تۆت سىملىق تىڭشىغۇچ ۋە مىكرافۇن قوللايدىغان، خۇددى يانفۇن تىڭشىغۇچ ئېغىزىغا ئوخشاش ئېغىزدۇر. ئەگەر، ئىككىلا تېلېفۇندىن چىققان ئاۋازنى سىم بىلەن مىك ئېغىزىغا ئۇلىيالىساق، يانفۇندا، ئۈندىداردىكى ئاۋازنى Adube Audition ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ساقلىۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ سىمنى ياساپ قالسام، جەريانىنى تېما قىلىپ يېزىپ قويىمەن. قويۇلۇۋاتقان ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋاز تەڭشەكتە ئازراق تەڭشەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.



OneNote- ۋان نوت، بۇ بىر تېز سۈرئەتتە خاتىرلەش دېتالى بولۇپ، سۇرفېس پرو 3 نىڭ قەلىمى بىلەن بەك ماسلاشقان، خالىغان چاغدا قەلەمنىڭ ئۈستى كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، ئۈچ سىكونت ئىچىدە ۋان نوت قوزغىلىپ، سىزنىڭ ئىلھامىڭىزنى خاتىرلەشكە تەييارلىنىدۇ، ۋان نوت بېتىدە قەلەمدە سىزىۋاتقاندا، ئېكرانغا قولىڭىزنى قويسىڭىز بولىدۇ.


ۋان نوت ھۆججەتلىرى، مىكروسوفت بۇلۇتىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ۋىنفونىڭىزدىمۇ ئوخشاش مەزمۇننى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.
مىكروسوفت بۇلۇتىدا ساقلاشنى تاللاش ئارقىلىق، سۇرفېس ۋە ۋىنفوندا، ئوخشاش ۋورد، ئەكسېل قاتارلىق ئوفىس ھۆججەتلىرىنى خالىغانچە كۆرۈشكە بولىدۇ، ۋىنفوننىڭ تەھرىرلەش ئىقتىدارى يەنىلا چەكلىك، ھازىرچە.

ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى تەبئىيلا ۋىنپەد تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋاتقان دەۋىردە، ئۆزىڭىز پۇشايمان قىلمايدىغان تاختا كومپيۇتېر تاللاش ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تاللاپ ئىشلىتىش ناھايىتى مۇھىم. سۇرفېس پرو 3 قاتارلىق مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش، سىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.


ئىزدىنىش تورىدىن- باچكا.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:16:45

قايسى كۈنى بەيخۇاسۈندىكى مىكروسوفت دۇكىنىدا بىر مەھەل ئويناپ چىققان، ھەقىقەت پەچەتكەن كاساپەت، ئەمما پۇلىسىمۇ خېلى باركەن. :)

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:31:26

تېما بەكلا ئەبجەش كۆرۈندى. ئۇيغۇرچە ياخشىراق ئىپادىلىگىلى بولماسمۇ ياكى بىۋاستە ئىنگىلىزچە يازماپسىز ئىسمىنى.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:43:09

زەرەتدانىدا يەنە بىر USB ئېغىزى تەمىنلەنگەن، باشقا مەھسۇلاتلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ لايىھە ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ؛

بۇ لاھىيىنى بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا 2012 يىلىدىلا ئۇچراتقان ئىدىم.

يازماڭغا رەھمەت!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:56:53

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 22:43 static/image/common/back.gif
زەرەتدانىدا يەنە بىر USB ئېغىزى تەمىنلەنگەن، باشقا مەھ ...

بىلكان كۆرمىگىنىم چېنىپتۇ ئەمىسە.. رەھمەت..

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 01:30:14

سۇرفېس خىيمەنگە، ۋىنفون ئەرش يولۋىسىغا ئايلىنىدۇ:lol:lol:lolئالامەت ئوخشىتىش

ۋىنفۇن دىن سىمسىز تور تارقىتىپ سۇرفېستە تورغا چىقسا كارتىمىزدىن ئېقىم مىقدارى تۇتامدۇ يا ........؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 07:34:33

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 01:30 static/image/common/back.gif
ۋىنفۇن دىن سىمسىز تور تارقىتىپ سۇرفېستە تورغا چىقسا ك ...

قاچىدىكى تاماقنى تەخسىگە تۆكۈپ يېسە، قوساق تويىۋېرىدۇ، تاماق ئوخشاشلا تۈگەپ كېتىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:56:02

سۇرفەس ھەي !

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:37:09

مەھسۇلات نامىنى يەنىلا ئۆزتىلى بويىچە ئالسا بولىدىكەن، ئۇيغۇرچە ئاھاڭ تەرجىمىسى سەل غەلىتە تۇيىلىدىكەن.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:56:13

سۈرفەيگە قىزىقتۇرۇۋەتتىڭىز. ئالىم مالىمنىڭ بىلوگىدىكى HP تاختا كومپيۇتېرىنى كۆرۈپ ئوت كەتكەن. تۈنۈگۈن كەچتە ئىزدەپ يۈرۈپ Vido دېگەن تاختا كومپيۇتېرىنى 599سومغا زاكاز قىلىۋەتتىم، HP قارىغاندا باھاسى مۇۋاپىقكەن. ئەمما كامېرا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتا HP يەتمەيدىكەن. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدا ئېلكىتاب ئوقۇش، ۋىندوۋسنىڭ ئويۇنلىرىنى ئويناش، ئىزدىنىش-بوزقىرلارنى ئارىلاشقا ئىشلەتسەك ياخشى بولغىدەك. ۋىن10نىڭ رەسمىي نەشرى تارقىتىلغاندا بەلكىم سۈرفەيسمۇ يېڭىلىنىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا ئۈچ تەرەپتىن ۋىنلىشىپ كېتەرمىز{:92:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 15:59:16

ما ئوففىس 2013نىڭ ئاچقۇچى نوچىكەن جۇمۇ


مۇشۇنداق ئاچقۇچ تاقاتسا ئوغرى نەشىردىن مۇداپىئە قىلغىلى بولغۇدەك

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 16:13:22

باھاسى نەچچە ئىكەن ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:49:16

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 15:59 static/image/common/back.gif
ما ئوففىس 2013نىڭ ئاچقۇچى نوچىكەن جۇمۇ




:lol

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:40:56

مەن مىكروسوفىتنىڭ تورىغا چىقىپ قارىسام بەك چوڭ ھەم باھاسىمۇ بەك قىممەت كۆرۈنگەن ، مۇۋپىقراقلىرى يوقمىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ؟ سەپلىمە باھاسى قاتارلىق جەھەتتىمۇ ئورتاقلىشىۋەتمەمسىز ...  ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:42:59

باچكا ئەپەندىم ،ۋاختىڭىز ئىلىكتىرۇنلۇق مەھسۇلاتلار بىلەنلا ئۆتۇپ كىتىدىغان بولدى ، :lol

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:47:57

باھاسى ۋە سەپلىمىسىنى دەۋەتمەپسىز

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:54:45

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 15:59 static/image/common/back.gif
ما ئوففىس 2013نىڭ ئاچقۇچى نوچىكەن جۇمۇ




ھاھاھا..

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 16:01:11

دەششەتكەن  ماۋۇ   ۋەھشى

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 16:50:06

مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ،  ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تورىغا ئۇلانغان ،  بۇلار ئارىسىدا سىمسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ يوق ؟ بولسا قانداق ئۇسۇل بىلەن قىلىمىز ؟  
بۇنىڭ بىرى ئاساسى كومپىيۇتېر ،  يەنە بىرى ۋىندوۋسپەد ،  مۇشۇ ئاساسىي كومپىيۇتېردىن ۋىنپەدكە ھۆججەتلەرنى سىمسىز كۆچۈرگىلى بولسا بولاتتى .  
ئايفۇنۇمدا بىر ئەپ بار ،  شۇ ئەپنى قوزغىتىپ ، بۇ ئەپنىڭ ۋايفاينىڭ بەلگىسى بار بىر يېرى بار ، شۇ يەرنى بېسىپ قويسام ئۆزى بىر ئادرىس تىزىملگىنى كۆرسىتىدۇ . 192.168.1... بىلەن باشلانغان .  ئاندىن ئاساسىي كومپىيۇتېرنىڭ تور كۆرگۈسىنىڭ ئادرىس سىتونىغا شۇ ئادرىسنى يېزىپ كىرسەم ئايفۇن بىلەن ئۇلىنىدۇ ،  كومپىيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى شۇ ئەپنىڭ ئىچىگە سىمسىزلا يۆتكەشكە بولىدۇ .  
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىككىلا كومپىيۇتېر بىر ۋايفاي تورىدا بولغاندىكىن ، بۇ ئىككىسى ئارىسىدىمۇ بولامىدىكن دەپ ياردەم سورىشىم ...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 16:57:20

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:50 static/image/common/back.gif
مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ،  ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تو ...

飞鸽传书دېگەندەك دېتاللارنى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟
بەت: [1] 2
: [باچكا] سۇرفېس پرو 3، ۋىنفون ۋە ۋان نوت