mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 17:32:51

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:57 static/image/common/back.gif
飞鸽传书دېگەندەك دېتاللارنى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟

ياق ، ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن ،   ھازىر چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ، QQ  دەك بىر دېتال قوزغالدى،  قانداق ئىشلىتىشنى تازا بىلمەي سىناپ كۆرۈپ بېقىۋاتىمەن .  بۇنى ھەر ئىككى كومپىيۇتېرغا قاچىلايمىزمۇ ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 18:00:09

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:57 static/image/common/back.gif
飞鸽传书دېگەندەك دېتاللارنى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟

ھازىر سىز دىگەن ئاۋۇ يۇمشاق دېتالنى ھەر ئىككى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ھۆججەت كۆچۈرەلىدىم .  لېكىن ، 100 مىگابايتتىن كىچىك ھۆججەتلەرنى كۆچۈرگىلى بولدى ، ئۇنىڭدىن چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرەي دىسەم ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ كۆچۈرۈلمىدى .   مەن بىرەر يېرىنى بىلەلمىدىممۇ ياكى  100 مىگابايتتىن چوڭ ھۆججەتنى كۆچۈرگىلى بولمامدىغاندۇ بۇ يۇمشاق دېتالدا ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 18:09:17

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:50 static/image/common/back.gif
مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ،  ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تو ...

ۋىيشىن ، كىيۇ كىيۇ قاتارلىق يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممسى سىمسىز تور مۇھىتىدا ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بۇلىدۇ.

مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ،  ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تورىغا ئۇلانغان ،  بۇلار ئارىسىدا سىمسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ يوق ؟ بولسا قانداق ئۇسۇل بىلەن قىلىمىز ؟  
      ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تورىغا ئۇلانغان بولسا ئىككىسىدە ئىككى كىيۇ كىيۇ نى قوزغىتىڭ دە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋېرىڭ ،كىيۇ كىيۇ بىر كۈندە 20*1024م ب نەرسە ئەۋۋەتىشكە بولىدۇ

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 18:09:49

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 18:00 static/image/common/back.gif
ھازىر سىز دىگەن ئاۋۇ يۇمشاق دېتالنى ھەر ئىككى كومپىيۇ ...

ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق ئىدىغۇ؟ يا يېڭى نەشرىلىرىدە چەكلىمە قوشۇۋالدىمۇ بۇلار.
ئەسكەرتىشلىرىگە قاراپ يەنە بىر سىناپ بېقىڭ، بەك بولمىسا نەچچە يىل بۇرۇنقى كونا نەشرىنى ئىزدەپ، ئىشلىتىپ بېقىڭ.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 19:48:31

يۇقارقى پاراڭلىشىش قورالىدا چوقۇم ئۈچۈنچى تەرەپ مۇلازىمىتېرىدىن ئۆتىدۇ ... بەرىبىر تور سۈرئىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .... ئۇنىڭدىن بارماق دېسكىسىدا كۆچۈرسىلا بولمىدىمۇ .....:lol

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 23:10:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 23:29  

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:50 static/image/common/back.gif
مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ،  ھەر ئىككىسى بىر ۋايفاي تو ...
ئىككى كومپيۇتېرغا ئايرىم يۇمشاق دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز ھەي، مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىدۇ ئۇ ئىشنى.
سىزدە ئىككىسى ئارىسىدا ھۆججەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قاتتىق دېتال شەرتى تولۇقكەن. مەيلى سىملىق ياكى ۋايفايدا بولسۇن، دائىرىلىك توردا، تور خوشنا قىلىپ تەڭشىۋالسىڭىز، ھۆججەتلەرنى ئەركىن ئالماشتۇرالايسىز.
ھەتتا، ۋايفاي بولمىغان تەقدىردىمۇ، ۋىندوۋس 7 دىن يوقىرى سىستېمىدا، كومپيۇتېر ئۆزىنى ۋايفاي تارقاتقۇچى قىلىپ، باشقا كومپيۇتېرلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ.
تور خوشنا قۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، كومپيۇتېر كۆزنىكىدىن تورنى چەكسىڭىز، ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ. ياكى، بىرىنىڭ كومپيۇتېر كۆزنىكىنىڭ ئادرىس رامكىسىغا، يەنە بىرىنىڭ ip سىنى قوش تەتۈر يانتۇ سىزىقنىڭ كەينىگە يېزىپ ئاچسىڭىزلا، ئورتاق قىلىنغان مۇندەرىجىنى ئاچالايسىز.
ئەگەر، قارشى تەرەپنى قەتئىي تاپالمىسا، سىز بۇ ئىككى كومپيۇتېردا ئورتاق قىلىش تاقىۋىتىلگەنلىكتىن بولىدۇ، مۇندەرىجىنى ئورتاق قىلىش ئارقىلىق ئاچالايسىز.
مېنىڭ چوڭ كومپيۇتېرىم سىم بىلەن، سۇرفېس ۋايفاي بىلەن بىر روتېردا، ئورتاق مۇندەرىجىلەرنى بىمالال كۆرۈشىدۇ، دېسكا بوش سىغىمى يەتسىلا، ھۆججەت سانى ۋە سىغىمنىڭ چەكلىمىسى يوق.  ئون بەش يىلدىن بېرى بۇ ئىقتىدارنى windows نىڭ ھەر خىل نەشىلىرىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىرسىگە ئۇلانغان پىرىنتېردا، ھەممىسىدە تۇرۇپ بېسىۋېرىمىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 23:14:28

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 16:13 static/image/common/back.gif
باھاسى نەچچە ئىكەن ؟

http://www.microsoftstore.com.cn/%E7%B1%BB%E5%88%AB/Surface/Surface-Pro-3/p/0660-00000

5688 يۈەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 23:20:56

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 00:47 static/image/common/back.gif
باھاسى ۋە سەپلىمىسىنى دەۋەتمەپسىز

ئېكران 12 سۇڭ.
ئالغىنىمنىڭ ئىجرا سىغىمى 4 گېگا، ساقلاش سىغىمى 64 گېگا. باش ئۆزەك i3،
يوقىرى سەپلىمىلىكى،  i7 باش ئۈزەكلىكنىڭ ئىجرا سىغىم 8 گېگا ۋە ساقلاش سىغىمى 512 گېگالىقى بار، 14 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.
ئېغىرلىقى 800 گىرام
تەپسىلاتىنى مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://www.microsoftstore.com.cn/%E7%B1%BB%E5%88%AB/Surface/Surface-Pro-3/p/0660-00000

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 07:19:28

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 23:20 static/image/common/back.gif
ئېكران 12 سۇڭ.
ئالغىنىمنىڭ ئىجرا سىغىمى 4 گېگا، ساقلاش  ...

توكى قانچە سائەت يېتىدىكەن ؟  

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 07:22:11

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 23:10 static/image/common/back.gif
ئىككى كومپيۇتېرغا ئايرىم يۇمشاق دېتال قاچىلاش ھاجەتس ...

قېنى سىناپ باقاي ،  بۇنداق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بۇرۇنلا ئاڭلاپتىكەنمەن ، لېكىن ئۆزەم ئىشلىتىپ باقمىغان .  
ۋاقتىڭىز چىققاندا ، ۋىندوۋس8 موھىتىدا بۇ ئىقتىدارنى قانداق تەڭشەش ، ھەمبەھىرنى قانداق قۇرۇش ، ۋە قانداق قىلىپ ئۆز ئارا ھۆججەت كۆچۈرۈش ، ئۈسكۈنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىرەك ، بولسا سۈرەتلىك قىلىپ بىر تېما يوللىسىڭزكەن ، ياكى بۇرۇن يوللانغان شۇ مەزمۇندىكى تېما بولسا ئادرىسى بولسىمۇ بولىتى ...

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:09:31

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 07:34 static/image/common/back.gif
قاچىدىكى تاماقنى تەخسىگە تۆكۈپ يېسە، قوساق تويىۋېرىد ...

:handshake

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:18:27

مەن  ئوففىس ھەقسىزكەن  دەپ  中文版دېگەننى ئالغان ،

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:45:27

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 23:10 static/image/common/back.gif
ئىككى كومپيۇتېرغا ئايرىم يۇمشاق دېتال قاچىلاش ھاجەتس ...

سىز دىگەن بۇ ئۇسۇل بويىچە  ، ۋىندوۋس8 دە ئاۋال قاتتىق دىسكا رايۇنىنى ئورتاقلىۋىتىپ ، ئاندىن « تور » نىڭ ئىچىدىن سىز دىگەندەك ئىككى يانتۇ سىزىقنىڭ كەينىگە كومپىيۇتېرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بۇيرۇق بەرسەملا ، يەنە بىر كومپىيۇتېردىكى قاتتىق دىسكا رايۇنى كۆرۈندى . ئاندىن ھۆججەت كۆچۈرۈپ باقتىم ، كۆچۈرۈلدى،  كەڭ بەلۋاغ 4 مىگالىق تور . ۋايفاي ئارقىلىق ئىككى كومپىيۇتېر ئارا كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلۈش تىزلىگى 4Mb-3Mb/s ئەتراپىدا بولدى . بۇ تىزلىك نورمالمۇ ؟  

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:28:31

ۋايفايدا سۈرئەت نەزەرىيە تېزلىكىگە چىقالمايدىكەن، قاتتىق دېسكا يېتىشەلمەيدۇ، ئىككىلا تەرەپ ئۇيۇل دېسكا (SDD) بولسا قانداقكىن. نورمال دەپ تۇرۇڭ.

تور قوشنىدا كۆچۈرۈش تېزلىكى كەڭ بەلباغ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

بەت: 1 [2]
: [باچكا] سۇرفېس پرو 3، ۋىنفون ۋە ۋان نوت