asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:16:34

ئىزدىنىشلىقلار، ماڭا ياردەم قىلىڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 14:18  

ئىزدىنىشلىقلار، ماڭا ياردەم قىلىڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىشلىقلار:

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرىنىڭ ئىسمى نېمە؟
يۈننەن ئۆلكىسى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ؟
ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن يۈننەنگە قانچە سائەتتە كىرگىلى بولىدۇ؟
يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ قايسى شەھەر (ناھىيە)سىدە خۇيزۇلار قەبرىستانلىقى بار؟
ئەگەر شۇنداق قەبرىستانلىق بولسا ئىسمى نېمە، ئورنى شەھەرنىڭ قايسى تەرىپىدە؟
بۇ قەبرىستانلىققا ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتىنى قويغىلى قويامدۇ؟
شۇ شەھەر (ناھىيە)نىڭ يۈننەننىڭ مەركىزىي  بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك؟

يۇقارقىلارنى تەپسىلىي بىلىدىغان تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماي سوئاللىرىمغا سەمىمىي جاۋاب بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

ھۆرمەت بىلەن توردىشىڭلار:
ئاسمان

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:44:05

مەركىزى شەھىرى كۈنمىڭ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:55:30

ئۈرۈمچىدىن كۇنمىڭغىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 3788 كېلومىتىر(بەيدۇ خەرىتىسى).
ئايروپىلان بىلەن تەخمىنەن 4 سائەتتە بارغىلى بولىدۇ(qunar تورى)
يۈننەندە خۇيزۇلار باركەن، قىسقىچە تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
云南有回族,在最近一次的人口普查中,回族在云南少数民族中占第七位,云南回族人口为69.8万人,占云南总人口的1.52%,而且有一些自治地区,如大理州的巍山彝族回族自治县、昆明市的寻甸回族彝族自治县等。

يۈننەندە ئىككى يەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى باركەن، بىرى كۇنمىڭدا، يەنە بىرى 普洱 شەھرىدىكەن.(بەيدۇ خەرىتىسى)

مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغانىكەن، لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن كىشىنى قويغىلى بولىشى كېرەك.
كۈنمىڭ يۈننەننىڭ مەركىزى شەھرى، كۈنمىڭدىكى قەبرىستانلىق ئەڭ يېقىن بولسا كېرەك.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:57:28

ئۈرۈمچىدىن  كۈنمىڭغىچە 4216 كېلومېتر كېلىدىكەن  مۇساپىسى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ 6 سائەت ئەتىراپىدا ئۇچارمىش

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:01:25

گۇدلاك بۇرادەر، تەپسىلىي ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، رەھمەت سىزگە.
____________________________________________________

ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا كۈنمىڭ شەھىرى ئىچىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ شەھەرنىڭ قايسى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ۋە قەبرىستانلىقنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرسە چەكسىز خۇش بولاتتىم.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:01:40

يۈننەندىكى خۇيزۇلار ئاساسلىقى مۇنۇ ئىككى ئاپتۇنۇم ناھىيىگە جايلاشقان ئىكەن :

巍山彝族回族自治县、寻甸回族彝族自治县
ماۋۇسى  كۈنمىڭغا يېقىنكەن : 寻甸回族彝族自治县

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:03:15

بەزى ئىنكاسلىرىم تەستىققا چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە،  مەن بىكار تۇرغىچە دەپ بەيدۇلاپ قويدۇم، بىلىدىغانلار قالغىنىنى تولۇقلاپ قويار...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:09:17

http://ditu.baidu.com/
مۇنۇ ئادرىستىن كىرىپ 昆明穆斯林陵园 دەپ ئىزدەڭ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:11:15

كۇنمىڭدىكى  مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى  : 昆明金家山

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:15:21

داداش ئەپەندى، مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:15:38

كۇنمىڭ ئايرىدورۇمىدىن   قەبرىستانلىققىچە تەخىمەن 2 سائەتلىك يول ئوخشايدۇ تاكسىدا

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:17:55

asman يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 15:15 static/image/common/back.gif
داداش ئەپەندى، مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ قالد ...

كۇنمىڭ جىن جىياشەن خۇيمىن گوڭمۇ

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:29:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 15:49  

dadash يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 15:17 static/image/common/back.gif
كۇنمىڭ جىن جىياشەن خۇيمىن گوڭمۇ
بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى نېمە؟
بۇ قەبرىستانلىق شەھەرنىڭ قايسى تەرىپى (جەنۇب، شىمال، غەرب، شەرق)گە توغرا كېلىدۇ؟
بۇ قەبرىستانلىققا ئاساسلىقى خەنزۇلار قۇيۇلامدۇ؟ ياكى خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلار (مۇسۇلمانلار) ئارىلاش قويۇلامدۇ؟

مۇشۇلارنى بىلىۋالسام ئىشىم تۈگەيتتى. :lol

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-10 17:47):
كۈلگەن چىراي بەلگىسى خاتا يوللىنىپ قاپتۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 16:06:09

مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغاندىكىن مۇسۇلمان ئەمەسلەر قويۇلمايدۇ، بۇنىسى چوقۇم.
ئۇيغۇرچە ئىسىمغا كەلسەك، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كەتكەندىن باشلاپ يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ ھىچكىمگە بىلدۈرەلمەيسىز. ئەسلى ئىسمىنىڭ ئوقۇلىشى قانداق بولسا شۇ بويىچە بىلىۋالغىنىڭىز ئەۋزەل.

قەبرىستانلىقتىن كۈنمىڭ شەھرىدە بىر قانچىسى باركەن، بىرىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرىنى قالدۇراي.
ئىسمى: 昆明市回民殡葬服务处金家山回民公墓
ئادرېسى: 羊仙坡32号

تېلېفونىڭىزغا بەيدۇ خەرىتىسىنىڭ ئەپ دېتالىنى قاچىلاپ، يۇقارقى ئىسىم بويىچە ئىزدەپ، يول باشلىغۇزۇپ ماڭسىڭىز، ئالدىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 16:34:49

ھەممىڭلارغا رەھمەت.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 16:44:01

رۇيلىدە كېڭىيۋاتقان ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى دەپ بىرماقالە بولىدىغان ، شۇ ماقالىدىنمۇ ئازراق نەرسە بىلەلىشىڭىز مۇمكىن .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:33:11

ئامال  بار  ئۇز  يۇرتۇڭلارغا ياندۇرۇپ  ئەكىلىڭلار..:shutup:

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:46:18

diktatur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 16:44 static/image/common/back.gif
رۇيلىدە كېڭىيۋاتقان ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى دەپ بىرم ...

قېرىندىشىم، شۇ ماقالىنى تاپقىلى بولارمۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:53:00

ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ مىيىتىنى يۆتكىگىلى  قويماس ، مەنغۇ بىلمەيمەن ، ئەمما شۇنداقمىكى دەيمەن ،،،

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:31:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 19:35  

مەن ھازىر بەك قىيىن ئەھۋالدا قالدىم، يەنە كىلىپ خەنزۇچە خەتتىن بىرنىمۇ تونۇمايمەن، بىلىدىغانلاردىن بىرەرسىڭلار كۈنمىڭ شەھىرىدىكى ئايرۇدرۇمدىن مانچە كىلومېتىر ياراقلىقتا،  شەھەرنىڭ پالانى تەرىپىدە (شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال) يەنى پالانى ئىسىملىك بىر قەبرىستانلىق بار، شۇ يەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتىنى قويغىلى بولىدۇ، دەپ، شۇ خەتنى ئۇيغۇرچە يېزىش ئارقىلىق يول كۆرسەتكەن بولساڭلار چەكسىز خۇش بولاتتىم.
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىشلىقلار، ماڭا ياردەم قىلىڭلار