dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:04:59

ئاسمان قىرىندىشىم ، مەن تېمىنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇپلا كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ، چامىمنىڭ يېتىشىچە توردىن ئۇچۇر ئىزدەپ تەمىنلەپ قويدۇم... مېنىڭچە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇرنى تاپماق تەسمىكىن، كۈنمىڭغا بېرىپ -كېلىپ يۈرگەنلەر بولسا باشقا گەپ. قىنى بىكار بولغاندا يەنە بىر ئىزدىنىپ باقايلى ..

13899857644 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:40:06

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،يۈننەندە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بار،ئۇيغۇرلارنى قويغىلى بۇلىدۇ.ئۇ يەردىكى قەبرىستانلىققا ھەپتە ئون كۈندە بىر ئىككى ئۇيغۇر قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ.قەبرىستانلىقتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئاۋال ئايروپىلاندا كۈنمىڭغا چۈشۈپ،ئاندىن رۈيلىغا بارىسىز،ماشىنىدا بارسىڭىز بۇلىدۇ.ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى قەدەمدە بىر ئۇچىرىتىسىز. شۇلاردىن ياردەم سۇرىسىڭىز بۇلىدۇ.كۈزىڭىز كۆرگەنگە،قۇلىقىڭىز ئاڭلىغانغا،ھەيران قالماڭ،ئېچىنىپمۇ يۈرمەڭ.ئۈزىڭىزنىڭ ئىشىدىن باشقا ئىشقا ئارلاشماڭ،بىرەرىدىن ئارتۇق گەپمۇ سۇرىماڭ. ئىشىڭىزنى تىز پۈتتۈرۈڭ، قايتىڭ.  ئاللاھ سەپىرىڭىزنى،ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:35:59

يۇرتقا ياندۇرۇپ ئەكەلسەڭلا  ئامال بار ........   2012 يىلى  خېنەن نەنياڭدىن    بىر مىيىتنى    يۆتكەپ  ئەكەلگەننى كۆرگەن ئىدىم           مىيت ئىگىلىرى   40000 كويغا  بىر جىنبېي   ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ   ئىچىگە  چوڭ توڭلاتقۇ ئورنىتىپ   ماشىنىنىڭ ئۈستى تەرپىگە توك چىقىرىش ماتورى سەپلەپ     توڭلاتقۇنى سۇۋۇتۇپ  ئەكەلگەن خوتەنگە    بۇيەرمۇ 4200 كىلومىتىر ئىدى

kalampai يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:27:34

مانا رۇيلىدىكى كېڭىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى دىگەن ئەسەر .http://eser.okyan.com/eser/tehlil/sirlirim/2010/0908/2539.html

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 15:08:44

خوڭخې -گېجىيۇ ناھىيسى-شادىيەن كەنىتى...بۇيەردە ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار بار... خۇيزۇلارنىڭ مۇئامىلىسى ياخشى..بىلىشىمچە ئىچكىردىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت مۇشۇ يەردىكەن، ..تاغ تەرەپتە قەبرىستانلىقى بار...ئەمما ئۇيغۇرلارنى قەبىرىگە قويامدۇ ،بىلمەيمەن...

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:40:50

قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىركۈن كەپتۇ ئەمەسمۇ بۈلىدىغان تورداشلار ياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار
بەت: 1 [2]
: ئىزدىنىشلىقلار، ماڭا ياردەم قىلىڭلار