bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 06:26:14

(bilgejan) شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 11:32  

شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى
ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە

ماشىندىكى قىزغىن پاراڭلىرىمىز ئۈزۈلمىگەن پىتى ئايرودرۇمنىڭ بېلەت سېتىش زالىغا كىرىپ كەلدۇق. بىز كىرگەن ئىشىكنىڭ دەل ئۇدۇلىدىكىسى مەن چۈشكەن ئاۋىئاتسيە مۇلازىمتىنىڭ بېلەت چىقىرىش ئورنى بولۇپ، قەدەملىرىمىزنى توختاتتۇق ۋە ئىككىمىزنى ئۇزىتىپ كەلگەن بۇ ئەزىز كىشىنى ئەمدى قايتىشقا دەۋەت قىلدۇق.
-چۈشتىن كىيىن قاتنىشىدىغان يىغىنىڭىز بار ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى، سىزنى كېچىكتۈرۈپ قويمايلى، دەپ سۆز باشلىدى تاشپولاتكام.
مەنمۇ ئۇنىڭ پىكىرىگە ئاۋاز قوشتۇم:
-شۇنداق، ھېلىمۇ شۇنچە كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالدۇق، ئەمدى سىز يىغىن تەييارلىقلىرىڭىزنى قىلىۋىلىڭ، بىز مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى...

ئۇنىڭ قايتىپ كىتىشى ئۈچۈن شۇنچە كۈچىگەن بولساقمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقىلى 20 يىل بولاي دىگەن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مېھماندوستلۇقى قان-قېنىغا سېڭىپ كەتكەن بۇ مېھرى ئىسسىق كىشىگە كار قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇ تىزلا بىر قارارغا كىلىپ تاشپولاتكامنى ئىلىپ ئۇنىڭ بىلەتلىرىنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كىلىپ بىللە ساقلايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ئىككىسى زالنىڭ ئۇ تەرىپىگە پاندىشىپ كىتىپ قالدى. ئامېرىكىدا بايرام مەزگىلى بولغاچقا ئايرودرۇم ناھايتى قىستاڭ كۆرۈنەتتى، ئالدىمدىكى ئۇزۇن S شەكىللىك قاتاردا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر خۇددى بىر ئېزىدا توختاپ قالغاندەك ھېچبىر ئالدىغا سۈرۈلەي دىمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئۈچ كۈنلۈك سەپىرىمنىڭ تولىمۇ خۇشال ۋە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىدىن كەيپىياتىم چاغ بولغاچقا، ئادەتتە قاتاردا تۇرساملا ئىچىم سىقىلىپ تېزراق نۆۋەت كىلىشىنى كۈتۈپ جىددىيلىشىپ كىتىدىغان مەن بەخىرامان ھالدا خىياللارغا پاتتىم. تۇرۇپلا كىمدۇر بىرىنىڭ رەئىسلەرنىڭ ھوزۇرىدا ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمگەندىكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ كۆرۈشكەن رەئىسلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقىشىنى ماختىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالغانلىقى ئېسىمگە كىلىپ، مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھوزۇرى باشقىچە، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە تۈزۈت قىلىپ كىتىشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق چۈنكى كۆپىنچە ئالىملار تۈز مىجەزلىك، ئاددى-ساددا، چىقىشقاق ۋە كىچىك پىئېل  كىشىلەردۇر. ئۇلار سىزنى دوستىدەك كۆرۈپ مۇئامىلىدە بولغاچقا، تىزلا سىزنىمۇ ئۆزى بىلەن كونا دوستلاردەك ھېسسىياتقا ئەكىلەلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ھەر بىر دىئالوگدىن ھوزۇرلانماي، يېڭى نەرسىلەرنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز. مۇشۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاپ قىلدىم ئىچىمدە: بىراۋ بىلەن كۆرۈشۈشتىن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك بولسا مانا مەن پەخىرلىنىشىم كېرەك!

ئۈچ كۈن ئاۋۋال بۇ ئىككەيلەن بىلەن مۇشۇ پورتلاند ئايرودرومىدا كۆرۈشكەن مېنۇتلار ئېسىمگە چۈشتى. ئۇ كۈنى مەن چۈشكەن ئايروپىلان 4 سائەت كېچىكىپ قالغان ئىدى، شۇڭا بىر خىل خىجىللىق، گاڭگىراش ئىچىدە يۈك تاق ئىلىش ئورنىغا تىز-تىز قەدەم ئىلىپ كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولغان ئىككى نۇرلۇق سىمانى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجانغا چۆمگەن ئىدىم. قولۇمدىكى سومكىنى تاشلاپلا ماڭا قۇچاق ئاچقان بۇ مېھىرلىك كىشىلەر بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. بىر يات ئەلدە ئۇيغۇرغا چىرايى ئوخشاپ قالىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىڭىزمۇ خىلى سەپسېلىپ زادى ئۇيغۇرمىدۇ، ئەمەسمىدۇ دەپ قاراپ كىتىسىز. مۇنداق تونۇش ئىللىق چىرايلارنى كۆرگەندە يۈرەكلەر دۈپۈلدەپ سوققىنى سوققان... نەچچە دەقىقە ئاۋۋالقى گاڭگىرىغان تۇيغۇلىرىم دوستلارچە ئەھۋالىشىشلاردىن قەيەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى، بۇ ئىككەيلەننى ماڭا بىر مۇنچە ساقلاپ مېنى مۇنچىۋالا قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ دەپ ئويلاپ يىتەلمىگەچكىمۇ، قەۋەتلا خۇشال بولدۇم ۋە يۈك تاقىلىرىمنى تىزلا ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئايرودرۇمدا شۇ خۇشال ھاياجانلىق كەيپىياتتا بىر مۇنچە سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. ئاۋۋال تاشپولاتكام ئىلىپ كەلگەن كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ ئاپپاراتىغا ئوخشايدىغان ئېسل ئاپپاراتتا ئىككى-ئىككىدىن بىر-بىرىمىزنى تارتىپ بولۇپ، ئۈچىمىزنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا سېرىق چاچلىق بىر خانىمدىن ياردەم سورىدىم. ئۇ چوڭ ئاپپاراتتا تارتىپ بولغاندىن كىيىن، بىز تېلېفۇنلىرىمىزنى چىقىرىشىپ ئۇنىڭدىمۇ سۈرەتكە تارتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندۇق، ۋە بۇ ئايالغا كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈردۇق: «ئوتتۇرىمىزدىكى بۇ كىشى بىر چولپان، شۇڭا كۆپرەك سۈرەتلەرگە چۈشىۋىلىشىمىز كىرەك». ئۇ ئايال قىزىقسىنىپ سورىدى:
-شۇنداقمۇ؟ مەن بىلمەلمەپتىمەن.
-ئۇ دىگەن دۇنيادىكى ئون مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ بىرى، ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى سەھنىدە ئەمەس تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزگەچكە ئۇنى كۆرمىگەن بولۇشىڭىز تەبئىي، دەپ چاقچاق قىلدىم،- مەن. ئۇ خانىم باش لىڭىشتتى ۋە قىزغىنلىق بىلەن بىز بولدى دىگۈچە سۈرەتلەرگە تارتىپ قويدى.

شۇنداق قىلىپ شۇ قىزغىن كەيىپىياتتا سىرتقا چىقىپلا ھەيران قالدۇق، بىر دەمدىلا 20 مېتىر نېرىدىكى ئادەمنى پەقەت كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە چاڭ (تۇمان) قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئىككەيلەن ماشىنىنى توختاتقان ۋاقىتتا ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن پاراڭ تېمىمىز تەبئىيلا مەن كەلگەن تېكساسنىڭ ۋە تاشپولاتكام كەلگەن كالىفورنىيەنىڭ ھاۋاسى ئۈستىگە يۆتكەلدى. تاشپولاتكام كالىفورنىيەنىڭ ھاۋاسىنىڭ ھېلىمۇ ئىللىق ۋە كۈندە دىگۈدەك ناھايتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەنمۇ تېكساستا قىسقا يەڭ كۆينەكنىىڭ ئۈستىگە ئۈزۇن يەڭنى سەپلىگىلى تېخى بىرەر ھەپتە بولغىنىنى ئېيتىپ ماختىنىپ ئۈلگۈردۈم. شۇ پاراڭلار بىلەن ماشىنا توختىتىش ئورنىدىنمۇ چىقىپ قالدۇق، ۋە ماشىنا توختىتىش ھەققىنىڭ 3 دوللار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە ھەجەپ ئەرزانكەن دسىەك، ساھىبخان بىز ئويلىمىغان يەردىن:
-ئەسلى بىكارلىق ئىدى، دىمەسمۇ، پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.  

ماشىنىدا كىتىۋىتىپ ھەممەيلەن ئۆزىمىز توغۇرلۇق، ئائىلىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىز توغۇرلۇق بىر قۇر قىزغىن سىردىشىپ چىققاندىن كىيىن نەچچە مېنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال قىلىۋىلىشىمغا پۇرسەتمۇ چىقتى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئىككى كىشى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغىنىدىن قەۋەتلا خۇشال ئىدىم، بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن خۇشال بولماي كىم خۇشال بولسۇن؟! بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئاللىقاچان پەرەز قىلغىنىدەك، ماشىنا ھەيداۋاتقنى دەل ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ، يېنىدا ئولتۇرغان كىشى بولسا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بىلىمىنىڭ زاكىتىنى تۆلەپ كىلىۋاتقان جامائەتكە تونۇشلۇق پەخىرلىك ئۇستاز، ئامېرىكىدىكى ماتېماتىكا پەنلىرى پىرافىسورى تاشپولات روزى ئىدى. دەل تاشپولاتكام بۇ قېتىملىق سەپىرىمىزنى پىلانلاپ بۇ كاتتا ئۇچرىشىشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشنى كاتتا ئۇچرىشىش دىيىشكە تولۇق ھەقلىقمەن: بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر پۇشتىدىن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ياشاپ ئۆتكەن مەن بىلىدىغان ئىنسانلار ئىچىدە ئىلىم-پەندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ئاجايىپ كاتتا ئىلمىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان، نامى دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ شانلىق بەتلىرىدىن ئاللىقاچان ئورۇن ئالغان بىر كىشى بولسا، يەنە بىرى ئامېرىكىغا كەلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مول بىلىمى، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستىداتى ۋە غايەت زور تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئامېرىكىدەك بىر ئالىي مائارىپى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتتىكى بىر ئۇنىۋىرستىتنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە پىرافىسىورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئۇستاز. بۇ ئىككى ئۇستاز بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بىر نەچچە كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ، چوقۇم ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئالاھەزەل بىر سائەتكە يىقىن ماشىنا ھەيدەپ كەچ كىرگەندە شۆھرەتكامنىڭ پورتلاند شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق. ئىشىكتە شۆھرەتكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. گۈلنۇر خانىم بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ تۇرساق بالىلار يۈگۈرۈپ كىلىپ تاشپولاتكام ئىككىمىزنى قۇچاقلاپ قويدى. نېمىدىگەن ئەدەپلىك بالىلار دەپ قالدۇق ئىچىمىزدە...


بۇ كەچنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى شۇ ۋاقىتتىمۇ بىلمىگەن، ھازىر ئەسلىسەممۇ بىلەلمەي قالدىم. مەن كىلىشتىن ئاۋۋال تاشپولاتكام شۆھرەتكامغا مېنىڭ ئۇ ئېلان قىلغان ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تور ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە يەتكۈزگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا شۆھرەتكامنىڭ ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن 2013-يىلدىكى دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىلمىي بۆسۈشىنىڭ 4-سى بولۇپ باھالانغاندا مەن بۇ خەۋەرنى ئالدى بىلەن ئىزدىنىش تورىدا، ئاندىن تولۇقلانغان مەزمۇنىنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى ئۈچۈن خەۋەر يېزىپ سۇنغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر تىزلا تارقىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپ دىگەن ئىسىم ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا شۈبھىسزكى شۇ ئايدىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىسىم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر يۈرىكىگە ئىگە بارچە كىشىلەر خۇشال بولۇشتى، ھاياجانلاندى ۋە ئالىمنى ئالقىشلىدى. بىز بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەچ  ئۇنى يۈز تۇرانە مۇبارەكلىدۇق ۋە بارچە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن خۇشال بولغان كىشىلەرنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى شۆھرەتكامغا يەتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن شۆھرەتكام ۋە گۈلنۇر ھەدەم ئىككىلىسى ھەيران قالدى ۋە ناھايتى خۇشال بولدى. بىز گۈلنۇر ھەدەم تەييارلىغان ئوخشاپ كەتكەن سامسا، پەرمۇدە، بىر نەچچە خىل تەملىك قازاقىستان خام سەيلىرى ۋە ئىشتىھايىمىزنى ئېچىپ مېززىلىك پۇراپ ئاخىرى پىشقان (قورساقمۇ سەل ئېچىپ قالغان ئىدى ئەمەسمۇ ) پولۇ بىلەن شۆھرەتكام دەملىگەن قىززىق چايلارنى ئىچكەچ ئولتۇرۇپ بۇ ئازادە ھەم چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيدە پاراڭغا چۈشكەنچە بىر دەمدىلا كېچە كىرىپ بالىلارنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتىمۇ بولدى. بالىلارغا خوش دىگەندىن كىيىن بىز يەنە سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

پاراڭ تېمىلىرى شۆھرەتكامنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرىگىچە؛ ئۇنىڭ قانداق قىلىپ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىپ كەلگەنلىگىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدىكى كىشى ئويلاپ يىتەلمەيدىغان ئىزدىنىش جەريانلىرىغىچە؛ تاشپولاتكامنىڭ ئىلگىرى ياپونيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ئۆزگىچە سەرگۈزەشتىلىرىدىن تارتىپ ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگەندىكى كىشىنى تېرىشىشقا ئۈندەيدىغان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياپونلار ۋە ئامېرىكانلارغا بولغان قاراشلىرىغىچە؛ مېنىڭ ئۆتكەن يىل ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىدا دوكتۇرلۇقنى تاماملىغاندىن تارتىپ قانداق قىلىپ ھازىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېكساس ئۇنىۋېرسىتىتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزىگە ئورۇنلىشىشىمغىچە بولغان جەرياندىكى ھېكايىلىرىم... ئىشقىلىپ ناھايتى كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلاردا ھوزۇرلۇق پاراڭ سېلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدۇق. شۇنداق، ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان ھېكايىلىرى بار كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يەنە قانداق گەپلەر چىقاركىن دەپ زېرىكمەي قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرىدىغان ئىشكەن. گۈلنۇر ھەدەمنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە، 7-8 يىللار ئىلگىرى ئۇلار ھازىر مەن تۇرۋاتقان تېكساسنىڭ سان ئانتونىيو شەھرىگە كۆچۈپ كىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تېكساس ئۇنىۋىرستىتى سان ئانتونيو تارمىقى شۆھرەتكامنى پىرافىسورلۇققا تەكلىپ قىلغان ئىكەن. ئۇ سان ئانتىيونىڭ بىر گۈزەل شەھەر ئىكەنلىكىنى ماختىغاچ تېكساستىكى ئۆيلەرنىڭ چوڭلۇقى ۋە ناھايتى ئەرزانلىقىنى، ئەمما شۆھرەتكام ئۇ يەردە تەتقىقاتى ئۈچۈن مايمۇنلارنى ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلىقتىن ئاخىرىدا خىزمەت تەكلىپىنى رەت قىلغانلىغىنى سۆزلەپ بەردى. پاراڭ ئارىلىقىدا پات-پات كۈلكىمىز يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈلۇپ بالىلارنى ئويغىتۋىتەرمىزمۇ، دەپ ئويلاپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. گۈلنۇر ھەدەمنىڭ ئوچۇق-يورۇقلۇقى ۋە دوستانلىقى، شۆھرەتكامنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ھېكايىلىرى، تاشپولاتكامنىڭ ئادەمنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزۈپ قويغۇدەك قىززىق پاراڭلىرى بىلەن ئۆي ئىچى كىشىگە ناھايتى يىقىشلىق كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تولغان ئىدى. جىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق، ئەمما يۈرەكلىرىمىز ھىچ قانمىدى. ئاخىرى گۈلنۇر ھەدەم:
-مەن بىلىمەن، سىلەرگە قويۇپ بەرسەم بىر كېچە پاراڭلاشساڭلارمۇ گىپىڭلار تۈگىمەيدۇ. ھەر قېتىم ئۆيىمىزگە سىلەردەك مېھمانلار كەلسىلا شۇنداق بولىدۇ، ھازىر ئارام ئىلىپ پاراڭنىڭ ئاخىرىنى ئەتتىگەنلەككە قىلىشايلى، دەپ بىزنى ئارام ئىلىشقا دەۋەت قىلدى.


شۇنداق قىلىپ بىز ئەتىسى شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسىغا بىرىپ كۆرۈپ كىلىشىنى پىلانلاپ ئارام ئىلىشقا تەرەددۇق قىلدۇق. تاشپولاتكام ئىككىمىز ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئىچكىرىسدىكى بىزگە راسلانغان ئازادە ئۆيگە نەرسىلىرىمىزنى ئىلىپ چىقىپ جايلىشىۋالدۇق. گەرچە سائەت 12 دىن ئاشقان بولسىمۇ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئىدى. بىز گەرچە ئۆتكەن يېرىم يىلدىن بىرى تېلېفۇنلاردا كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ، بۇ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىمىز ئىدى، ئەمما بىز كونا دوستلاردەكلا چىقىشىپ كەتتۇق، يۈرەكلىرىمىز يىقىن بىلىندى. مەن تاشپولاتكامنى ئوخشاشلا ناھايتى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇنىڭ مىجەزى مەن ئويلىغاندىنمۇ خۇشچاقچاق بولغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا مەنمۇ چاقچاقلارنى قىلىپ يىقىن دوستىلاردەك بىردەمدىلا ئۆزلىشىپ قالدىم. تاشپولاتكامنى مەن ئۆتكەن يىلى توردا ئۇ توغۇرلۇق يېزىلغان ماقالىدىن بىلگەن ئىدىم ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تىپلغۇسىز تېرىشچانلىق، ئىجتىھاتچانلىق روھى قايىللىقىمنى قوزغىغان ئىدى. تاشپولاتكام ئىككىمىز ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئاممىباپ ماقالىلەرنى يېزىش ئارقىلىق بىلىمىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بارماق بىلەن سانىغۇدەك بىر نەچچە كىشىنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا، بىز پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتۇق. ئۇ ئاۋۋال تۇنجى بولۇپ ئۆتكەن يىل يازدا ماڭا تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئيېتىپ ئۇچۇر قىپتىكەن، مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇ ۋاقىت دەل مەن «دوكتۇرشۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» ناملىق ماقالەمنى ئېلان قىلغان 8-ئاي ۋاقىتلىرىغا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تەبئىي پەنلەرگە ئائىت دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاممىباپ تىلدا كەسىپ سىرتىدىكىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى  مېنىڭ شۇ ماقالەمدىن تولۇق ھېس قىلغانلىقىنى ۋە مېنىڭ مۇشۇنداق كۆپ جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاممىباپ ھەم ئىلمىي قىممىتىمۇ يۇقىرى بىر نادىر ئەسەرنى يازغانلىقمىدىن ناھايتى سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتقاچ ئاتايىتەن مېنىڭ دوكتۇرلۇقنى تاماملىغانلىقىمنى مۇبارەكلەپ تېلېفۇن قىلغان ئىكەن. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۇ فېيسبۇك (چەتئەللەردىكى كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت تورى) تا ئۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى نۇسخىسىنىمۇ ئۇرۇپ چىقىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ ناھايتى خۇشال بولدۇم، تەسىرلەندىم ۋە ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزۈم تېلېفۇن ئۇرۇپ سالام قىلمىغانلىقىمدىن ئېزا تارتىپمۇ قالدىم. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن تونۇشىدىغان ياكى تونۇشمايدىغان ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تېلېفۇن ياكى توردا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق ماڭا بەرگەن مەدەتلىرى ۋە ئەمەلىي ياردەملىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستىتىدىكى ئېلىكتىر ئېنژىنىرى، پىرافىسور رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن پېنسىلۋانىيە شىتاتى فىلادېلفىيە شەھرىدىكى دۇنياۋى چوڭ دورا شېركىتى فايزەردىكى ئاتاقلىق دورىشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى رىشات ئابباس ئاكامنىڭ مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋاقتىمدا ئالاھىدە تېلېفۇن ئۇرۇپ «ئامېرىكىدا تەبئىي پەندە دوكتۇرلۇقنى ئالغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن» دىگەنلىرى ۋە ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىمنى ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز، دەپ قارايمەن. تاشپولاتكامنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفۇنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا مېنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى ۋە ئۇنىڭ گەپكە ئۇستا، نۇتۇق قابىلىيىتى ناھايتى يۇقىرى، تولىمۇ خۇشچاقچاق كىشى ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت تېلېفۇندا شۆزلەشكەندىلا ھېس قىلىپ شۇندىن كىيىن تارتىنمايلا پاراڭلاشقۇم كەلسە ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ قويۇپ پات-پات ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. شۇڭىلاشقىمۇ بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە بىر-بىرىنى ئوبدان بىلىدىغان كونا دوستلاردەك ئىككىلىمىز قىزىقىدىغان پاراڭ تېمىلىرىدا كەڭ-كۇشادە سۆزلەشكەچ شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاپپاراتىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كومپىيۇتىرغا كۆچۈرۈپ بىر نەچچە پارچىسىنى فېيسبۇكتا ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۇق. تاشپولاتكام بىلەن پاراڭلىشىپ مەن ناھايتى قىممەتلىك ساۋاقلارنى چۈشىنىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ ئۇنىۋىرسال بىلىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، يۇمۇرىستىك خاراكىترى، بولۇپمۇ نۇرغۇن مەسلىلەرگە بولغان قارىشىنىڭ مەن بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. تاشپولاتكامنىڭ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقى ۋە تۇرمۇشۇمغا كۆيۈنۈپ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاۋىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيدىن پەقەت ئۇنىڭ يەڭگىل خوررەك ئاۋازىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم...

ئۈچ كۈنلۈك ئەسلىمىلىرىمنى ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە شۆھرەتكام بىلەن تاشپولاتكام يېىنمدا پەيدا بولدى. تاشپولاتكام چۈشمەكچى بولغان ئايروپىلان بىر سائەت كېچىكىپ ئۇچماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شۆھرەتكام مەن چۈشىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ بىقىش ئۈچۈن يىنىدىن تېلېفۇنىنى چىقاردى، دەپ بىردەمدىلا تەكشۈرۈپ بۇ ئايروپىلاننىڭ 3 سائەت كېچىكىپ ئۇچىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن بۇنىڭدىن بەك نارازىمۇ بولۇپ كەتمىدىم چۈنكى كەچكىچە ئۆيگە بىرىۋالساملا بولىدىغاننىڭ ئىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشقا تولا ئۇچراپ كۆنۈپمۇ قالدىم. تاشپولاتكام تەبىئيلا يەنە ياپونيەنى سېغىنىپ قالدى بولغاي:
- ياپوندا بۇنداق ئىش بولمايتتى، ئەگەر تەساددىپىي شۇنداق ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا پۇلىڭىزنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بىرىدۇ. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن ناچاركەن.
-تاشپولاتكا، سىز پورتلاندغا كەلگەندىكى ئايروپىلان كېچىكمەپتىكەن، ئەمدى ئاران بىر سائەتلا كېچىكىپتۇ. قاراڭ، سىز يەنىلا مەندىن تەلەيلىك ئىكەنسىز.
-بايرام مەزگىللىرىدە دائىم مۇشۇنداق ئىش يۈز بىرىدۇ، دەپ قوشۇپ قويدى شۆھرەتكام.
شۇنداق قىلىپ ئۈچىمىز بىللە ئۆچرەتتە كۈتمەكتىمىز. چاقچاقلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاچ بۇ ۋاقىتمۇ ناھايتى كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە، ئەمما بىز شۆھرەتكامنى يەنە قايتىپ قىلىشقا دەۋەت قىلدۇق. ئۇ يەنە ۋاقتى بارلىقى ۋە تېزراق بېلەتنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن بىزنى ئايرودرومدا مېھمان قىلىپ ئاندىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل مەردلىكى، مېھماندوستلۇقى، دوستلۇقنى قەدىرلىشى ۋە بىزنىڭ قايتىش پىلانلىرىمىزغىچە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىدىن ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسل، ھەر جەھەتتىن ئىزدىسىمۇ ئالدىراپ نۇقسان تاپقىلى بولمىغۇدەك كاتتا ئادەم ئىكەنلىكىگە بۇ نۆۋەت مەن شەكسىز ئىشەندىم ۋە مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن، ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش بولۇپ ياشاپ، ھەتتا ئۇنىڭ دوستلۇقىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلماقتىمەن. قېرىشقاندەك  بىز ئالدىرىغان بىلەن بۇ ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ كۆپلىگەن ئايروپىلانلىرى كېچىككەن بولۇپ ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئۇچۇش ۋاقىتنى تەڭشىشى، ئۇلار ھەر ھالدا رازى بولغۇدەك مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنىشى كىرەك بولغاچقا بۇ ئۆچرەتتە تۇرۇش ناھايتى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. 20 مېنۇتلارچە بىللە ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىرى شۆھرەتكام مەكتىپىدە قاتناشماقچى بولغان يىغىننىڭ ۋاقتىغا ئاز قالغاچ، ئۇ قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇ بىزنىڭ پورتلاندغا يەنە كىلىشىمىزنى، ئۆيلىرىمىزگە ساق-سالامەت بىرىۋىلىپلا چوقۇم ئۇنىڭغا ئۇچۇر يېزىپ خەۋەردار قىلىشىمىزنى نەچچە رەت تاپىلىغاچ قوللىرىمىزنى كۈچلۈك سىقىپ ۋە مېھىرلىك قۇچاقلاپ خوش دىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدۇق ۋە تاشپولاتكام ئىككىمىز ئۇنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىدىن قانچىلىك خۇشال بولۇشقانلىقىمىزنى دىيىشىپ داۋاملىق بىللە ساقلىدۇق. ئەمدى تاشپولاتكام مېنى مېھمان قىلىپ ئاندىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئيېتىۋىدى، بۇنى بىلىپ قالغاندەك ئىش بىجىرىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ بىرى كىتىپ قىلىپ پەقەت بىرلا خىزمەتچى ئىش بىجىرىۋاتقان بولغاچقا ماڭا ھىچ نۆۋەت كىلەي دىمەيتتى. يەنە يىرىم سائەتلەرچە ساقلاپ نۆۋىتىمۇ كەلدى ۋە ئاخىرى بىلگىنىمىزدەك مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ قالغانلىقى ۋە دەنۋىردە ئالمىشىدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىم، شۇنىڭ ئۈچۈن دەنۋىردە بىر كېچە مېھمانخانىدا قونۇپ ئاندىن ئەتىسى ئەتىگەندە تېكساسقا كىتىۋىلىشىم كىرەكلىكى ئايدىڭ بولدى. ئۇلار ماڭا مېھمانخانا بېلىتى ۋە ئايرودرۇمدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاماق بېلەتلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ئاددىيلا كەچۈرۈم سوراپ شۇنچە ئۇزۇن كۈتۈپ ئاران نۆۋەت كەلگەن پۇكەيدىن مۇشۇنداق يولغا سېلىپ قويدى. بۇنداق بولۇشىنى ياقتۇرمىساممۇ ئامال قانچە؟ بۇ ۋاقىتتا تاشپولاتكام مېڭىشقا بىر سائەتلا قالغاچقا ئۇنىڭ ئامېرىكا ئايرودروملىرىدىكى ئاجايىپ تەپسىلىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ بولغۇچە كىتىدىغان ۋاقىتنى مۆلچەرلىسەك يەنە بىر دەم پاراڭلىشىۋالغۇمىز بولسىمۇ ئۇ ئۈلگۈرمىگىدەك. تاشپولاتكام ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ كىلىپ لوس ئانژىلىستا ئويناپ كىتىشكە تەكلىپ قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سالام يوللىغاچ ئۇلارنى سان ئانتونىيوغا تەكلىپ قىلىپ قېيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.

پورتلاند ئايرودرۇمنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالى بۈگۈن ئالاھىدە يىقىملىق بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى. زال ئىچىدىكى بايراملىق چىرايلىق بېزەكلەرگە قوشۇلۇپ قەھۋەخانا يىنىدا توختىتىلغان پىئانىنونى يېقىملىق كۈيلەرگە چېلىۋاتقان ئۇزۇن چاچلىق قىز، زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بايراملىق بېزەكلەرنىڭ يېىنىدا ئەپچىل بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گېتتارنى توكقا ئۇلاپ ناھايتى يۇقىرى ماھارەتتە كىشىنى خۇشاللىققا ئۈندەيدىغان شوخ مۇزىكىلارغا چېلىۋاتقان ياش يىگىت كىشىگە ئېسل زوق بېغىشلايتتى. مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنى ئىزدەپ تىپىپ قارىسام پەقەت بىر نەچچە كىشىلا ساقلاۋىتىپتۇ، يەنە بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى يېڭى سېتىۋىلىپ تېخى ئوقۇشقا پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن ئىنسان مېڭىسى توغرىسىدىكى «INCOGNITO-مېڭىدىكى مەخپىي ھايات» ناملىق  كىتابىمنى ئوقۇپ ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىدىم-دە،  گىتتارچىغا يىقىن بىر يەردىكى قەھۋەخانىدىن بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن بىر تەخسە مېۋە سالات بۇيرۇتۇپ قويۇپ مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھوزۇر بىلەن كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. مۇزىكىنىڭ توختاپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ بىشىمنى كۆتۈرسەم گىتتارچى يىگىت نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ، مەن ئۇچىدىغانغا يەنە بىر سائەتتىن ئازراق ۋاقىت بار ئىكەن.  ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ۋە بۈگۈن كەچ ئۆيگە بارالمايدىغانلىغىمنى دەپ قويۇش ئۈچۈن ئايالىمغا تېلېفۇن قىلىۋىدىم، قىشلىق تەتىلنى بىزنىڭكىدە ئۆتكۈزۋاتقان ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى، كېنتاكىي شىتاتلىرىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈچ ياش سىتۇدىنىت مېھمىنىم نەچچە كۈندىن بىرى چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ بىرىشىمنى ئۆتۈندى. ئۇلارغا سۈرەتلەرنى ئەۋەتكەچ بايا بېلەت سېتىش زالىدا ئۈزۈلۈپ قالغان خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم.

ئايرودرۇمدا ساقلىغاچ سۈرەتلەرنى كۆرۈۋىتىپ بىلىپ-بىلمەي كۈلۈمسىرەپ قوياتتىم. سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى كېچىسى تاشپولاتكام ئۇيقۇغا كەتكەندىن كىيىنمۇ خىلى ئۇزۇنغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەسلى ۋاقىت رايونى پەرقى بويىچە ئېيتقاندا مېنىڭ ئادەتتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىمدىن ئاللىقاچان ئۈچ-تۆت سائەت ئېشىپ كەتكەن ئىدى. شۆھرەتكام كەچلىك تاماق جەريانىدا سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ كۆپىنچە كىشىلەرگە تېخى بىلىنمىگەن كەچۈرمىشلىرىدىن راستىنلا ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۆمگەن ئىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بۇ تۇنجى قېتىم بىرەسمىي سورۇندا كۆرۈشۈشۈم بولغاچقا تەسىراتىم بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭقۇر بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ قەدەر كىچىك پىئېل، خۇشچاقچاق مىجەزى، ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىكى يۇمۇرىستىكلىكى ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ روھىي ۋە جىسمىدىن تۆكۈلۈپلا تۇرغان شۇ قەدەر كەمتەرلىك، سەمىمىيلىكى ماڭا ئەڭ زور تەسىر قىلغان نۇقتا بولسا كىرەك. مەن ئازراق پۇل تىپىپ ياكى كىچىككىنە ئەمەلنى قولىغا كىرگۈزۋىلپلا  ئۆزىنى ئاجايىپ كاتتا چاغلاپ باشقىلارنى كۆز قىرىغا ئىلىپمۇ قويمايدىغان ، ھەتتا ھىچقانداق بىر ئىنسانغا پايدىلىق ئىشمۇ قىلماستىن قولىغا ئۆتۈپ قالغان تىرناق چاغلىق ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ باشقىلاردىن تازىم تەما قىلىپ يۈرىدىغان نادانلارنى كۆپ كۆرگەن. مۇشۇنداق كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئالىمنىڭ كەمتەرلىكى ئالدىدا ئازراق ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەملە بولسا تەسىرلەنمەي، ئويغا پاتماي تۇرالمايتتى… ئەتە ئالدىمدا ناھايتى مۇھىم بىر كۈن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، خىياللىرىم كېتىڭلار، مېنى ئۇخلىغىلى قويۇڭلار!

تۈنۈگۈن مەن كەلگەندە كەچ كىرىپ قالغان بولغاچقا ئەتتىگەندە تۇرۇپلا ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا سەپسالدىم. پورتلاند شەھرىگە بۇ ئىككىنىچى قېتىم كىلىشىم. تۇنجى قېتىم 2011-يىلى 8-ئايدا دەل شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى دۇنيا «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ 44-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بىرىش ئۈچۈن كەلگەنتىم. شۇ قېتىملىق سەپىرىمدە پورتلاند شەھرىنىڭ 8-ئاينىڭ باشلىرىدىكى سالقىن، يىقىشلىق ھاۋاسى، ياپيېشىللىقى، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان كولۇمبىيە دەرياسىنىڭ شەھەرگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇشى، شەھەر ئەتراپىدىكى گۈزەل تاغلىرى مېنى قانچىلىك مەپتۇن قىلغان بولسا، دەل مۇشۇ شەھەردە 30 دىن كۆپرەك دۆلەتتىن كەلگەن ئالىملار قاتناشقان خەلىقئارالىق يىغىندا  تۇنجى قېتىم ئىلمىي دوكلات سۆزلىشىم، كىتاب شەھىرى دەپ ئاتالغان پورتلاندنىڭ شەھەر مەركىزىگە يىقىن جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانا-پوۋېل كىتابخانىسى (Powell's Books) دىن ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن بىر نەچچە پارچە ئاناتومىيەگە ئائىت كىتابلارنى تىپىۋىلىشىم ۋە شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىكى تىنچ ئوكيان بويىدا تۇنجى قېتىم ئوكيانغا چۆمۈلۈشۈم…. ماڭا ئاجايىپ ھاياجان ۋە خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان ئىدى. پورتلاندنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسىمۇ ئوخشاشلا ياپيېشىل ئىكەن، شۇغىنىسى ھاۋانى يەنىلا ئازراق تۇمان قاپلاپ تۇراتتى. توغرا، تۇمان ئەمەس چاڭ دەي! «چاڭ دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە، تۇمان دىگەن رۇسچە سۆز» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى شۆھرەتكام، ئالدىنقى كۈنى ماشىنىدا كىلىۋىتىپ. قانداق قىلىپ تۇمان دىگەن سۆزنىڭ شۇنچە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ «تۇمان» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «چاڭ» دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە قوشۇلدۇق. ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بۇ سۆزنىڭ باھانىسى بىلەن بۇ ئۈچەيلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ قالساق دۇنيادىكى 80% كىشىلەر بىلەن تەرجىماننىڭ ياردىمىسىز ئالاقە قىلالايدىغانلىقىمىز خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى. ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى يېشىللىقنى، مەھەللىنىڭ 12-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىمۇ گۈللەرگە پۈركىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ پورتلاندىنىڭ قىشتىمۇ ئوخشاشلا گۈزەل شەھەر ئىكەنلىگە قايىل بولدۇم.

بۈگۈن تولۇق بىر كۈن شۆھرەتكامنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسى ۋە ئىشخانىلىرىغا بىرىپ كۆرۈپ بېقىشنى پىلانلىغان بولغاچقا مەن ئالاھىدە روھلۇق ئورۇنۇمدىن تۇرغان ئىدىم چۈنكى ئۇنىڭ زادى قانداق بىر مۇھىتتا شۇنداق دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى. گۈلنۇر ھەدەم تۈجۈپلەپ تەييارلىغان داستىخاندا ئولتۇرۇپ ئەتكەن چاي بىلەن ئوبدان ناشتىلىق قىلغاچ شۆھرەتكامنىڭ قىزى نارگىز ۋە ئوغلى ئادىلجان توغۇرلۇق قىزىقىپ سورىدۇق. بالىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋتقان بولۇپ، مەكتەپتە ناھايتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىكەن.  بالىلارنىڭ ناھايتى ئەدەپلىك، قىزغىن ۋە بىر-بىرى بىلەن ئېناق ئىكەنلىكى دىققىتىمنى تارتىپ ئۆزەمنىڭ كىچىكىمدە توختىماي ئېنىم بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىم ئېسىمگە كەپ قالدى ۋە بۇ بالىلاردىن ناھايتى سۆيۈندۈم. ھازىر قىشلىق دەمئىلىش ۋاقتى بولسىمۇ ئۇلار كۈندە ۋاقتىنى ناھايتى زىچ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۈگۈن نارگىز دالىدا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش كوماندىسىنىڭ مەشىقىگە، ئادىلجان ۋاسكېىتبول مەشىقى قىلغىلى بارماقچىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ تۈرلەرنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېگىز ئۆسكۈسى بولۇپ، بولۇپمۇ نارگىز ئۆسىمەن دەپ خىلى جاپا تارتىپتۇ. ئىلگىرى ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا بويۇم ئۆسىدۇ دەپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىغا قاتناشقان ئىكەن، كىيىن مەكتەپنىڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپتۇ. ئەمدى ھازىر ئۇ قاتناشقان دالىدا يۈگرۈش كوماندىسىدىكىلەر شۇ يىلى شىتاتلىق مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكنى ئالغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ بۇ نەتىجىنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەتتا بايرام مەزگىلىدىمۇ ھەپتىدە 5 كۈن جاپالىق مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋىتىپتۇ. گۈلنۇر ھەدەم ئادىلجاننى ۋاسكېتبول مەشىقىگە ئىلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادىلجاننىڭ ئاۋۋال ئەتىگەندە شۇ كۈنلۈك تاپشۇرۇقلىرىنى تۈگىتىۋىلىشى كىرەكلىنى، مەشقتىن قايتىپ ھەدىسى ئىككىسىنى كىنوغا ئاپىرىپ كىلىدىغانلىقى ۋە كەچتە ئۆيگە قايتقاندا ئېلىكتېرونلۇق ئويۇنىنى ئوينىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ناشتىدىن كىيىن ماڭايلى دەپ تەمشىلىپ تۇرساق، ئادىلجان بىرىلگەن تاپشۇرۇقنى چوقۇم دادىسى بىلەن تاماملىشى كىرەكلىكىنى ئېيتىپ شۆھرەتكامدىن ياردەم سورىدى. شۆھرەتكام ئىككىلەنمەيلا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دادا-بالا ئىككەيلەن دەرھاللا ساپادا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇققا تۇتۇش قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئويلاپ قالدىم: بىزنىڭ قانچىلىك دادىلىرىمىز «ئالدىراشلىقى» دىن ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغاندۇ؟  
بۇ پۇرسەتتە تاشپولاتكام ئىككىمىز ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقىپ سەگىدەپ كىردۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭ تارقاپ ھاۋامۇ ئېچىلدى، بىز كۈندۈز كۈننىڭ يورۇقىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن بىر مۇنچە سۈرەتلەرگە چۈشىۋالدۇق ۋە خۇشال كەيپىياتتا ئۆيدىن چىقتۇق. بۇ سەپىرىمىزدىكى مېنىڭ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمىغۇدەك تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇشتۇمتۇت شاپىلاق بىلەن بىرنى سالغاندەك كاللامنى سېلكىۋەتكەن ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەلەر ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىقىندا ئېلان قىلىنىغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەق مەيدان دوكلاتى» ( http://bbs.izdinix.com/thread-56948-1-1.html) (http://bbs.izdinix.com/thread-56092-1-1.html) ناملىق فىلىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سالىمەن. بۇ دوكلاتنى شۆھرەتكام ئۆتكەن يىل 10-ئايدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئىككى مۇھىم ساھەگە يىغىنچاقلىغانلىقى ۋە ھەر ئىككىلىسىدە يەنىمۇ چوڭ ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، لېكىن قانۇندىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشتا بەزى مەسلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى ھەم پات ئارىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئامېرىكا «يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى» بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بىر بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ خىل قېيىنچىلىقلارغا يولۇققاندىكى ھېسسىياتىنى ئوبدان چۈشىنەلەيتتىم. بىر ئالىم ئۈچۈن ئۆزى قىلىۋاتقان تەتقىقاتنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشتىنمۇ چوڭ مۇكاپات بولمىسا كىرەك. نېمىلا بولسۇن شۇنچە يىل تېرىشىپ مەلۇم ساھەدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە تەتقىقات سەۋىيسىنى ھازىرلاپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر تەجىرىبخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاخىرىدا ھىچكىم قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن، سىناپمۇ نەتىجە قازىنالمىغان بىر ساھەدە بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىش مەندەك سانسىزلىغان ئەمدىلا تەتىقىقات ساھەسىگە قەدەم ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارمىنى. شۆھرەتكامغا نېسبەتەن ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى، ئۇنىڭ ئەمدىكى ئارمىنى ئېنىقكى شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كىلىدىغان بىر ئۈنۈمنى كۆرۈشتۇر. مەن گەرچە شۇنداق يۈكسەك پەللىگە يىتىپ بولغان بىر ئالىمنىڭ بۇ ئاخرىقى مۇددىئا ئۈچۈن قانچىلىك تەقەززا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالمىساممۇ، ئەمما شۆھرەتكامنىڭ قەلبىدىكى تەققازالىقنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىلمىي مۇنازىرىلىمىزدىن خىلى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.   ئىنسانلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك نەپ ئىلىپ كىلىش - بىزدەك تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىمىز، كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ تېرىشىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مۇددىئاسىدۇر. بىز كۆرۈۋاتقان بارچە مىدىتسىنادىكى ئىلگىرلەشلەرنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندەك قانداقتۇر دوختۇرلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولماستىن، ئەمەليەتتە بىزگە ئوخشاش ئاساسى بىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالدى بىلەن ھايۋانلاردا سانسىزلىغان مەغلۇپ بولغان تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ ئاز-ئازدىن ھاياتلىق دۇنياسىىنىڭ تىلسىماتلىق سىرلىرىنى پەيدىنپەي يېشىپ بىرىدىغان بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا كۆچۈرۈلۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ھەممەيلەن بىلىدىغان ئاسپىرىن دىگەن دورىنى مىسال ئالسام، سىز بۇ دورىنى ئىشلىتىپ يەڭگىل ئەمما ئۈزلۈكسىز سىزنى بىئارام قىلىۋاتقان چىش ئاغرىقىڭىز قويۇپ بەرسە چوقۇم بۇ دورىنى ئىچىشكە بۇيرۇغان دوختۇردىن كۆڭلىڭىزدە مىننەتدار بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ دورىنى كىملەرنىڭ قانداق ياسىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ سىز كۆرۈپ تۇرۋاتقان ھەر بىر مۆجىزىدەك مىدىتسىنادىكى يېڭىلىقلار تىگىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەمەليەتتە ناھايتى زور ساندىكى بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، ئاشۇ ئاسپىرىنغا ئوخشاش دورىلارنى ياساشتىن بۇرۇن لازىم بولىدىغان بارچە بىلىملەرنى بىئولوگلار ئاز-ئازدىن تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ھەتتا ناھايتى تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلارنى تەجىرىبىە قىلىپ ئېرىشكەن نەزەرىيۋى بىلىملەرنىڭ ئىنسانلارغا، كىلىنىكىغا تەدبىقلىنىشىدىن كەلگەن. ئىشەنمىسىڭىز، سىز بىر دوختۇردىن ئاسپىرىن نېمە ئۈچۈن ئاغرىقنى توختىتىدۇ دەپ سوراپ بىقىڭ، جاۋابى بەلكىم ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دوختۇرلار ئاسپىرىننىڭ تومۇرلارنىڭ كېڭيىىپ-تارىيىشىدا رول ئوينايدىغان پىروستاگىلاندىن دەپ ئاتىلىدىغان ئاغرىق سېزىمىنى پەيدا قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ سېنتىزلنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئېنزىمنى تورمۇزلىغۇچى ماددا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالالىشى ناتايىن، ئەمما بىئو-خېمىيە بارچە بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ جىنى بولغاچقا بىئو-خېمىيەنىڭ قېلىن توملۇق كىتابلىرىدىن بىرنى ئەمەس نەچچىنى تۈگەتمىسە بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالالىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق بىر بىئولوگدىن سورىسىڭىز بۇنى سىزگە ئىزىپ ئىچكۈزۈپ ھەتتا سېڭدۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ چۈنكى بۇنىڭ سىرلىرىنى بىئولوگلار بايقىغان ۋە ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ بىلىملەرنى ئوبدان بىلىشىنى شەرتسىز بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدۇ. مىدىتىسنانىڭ ھەر قايسى تارماق ساھەلىرىمۇ ئەمەليەتتە بىئولوگىيەنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا مەركەزلەشكەن مۇھىم بىر تارماق پېنىدىن ئىبارەت، شۇڭا بەلكىم بۇنچىۋالا ئايرىپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ غايەت زور رولىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن ھەم ئۆزەممۇ دوختۇرلارنى ناھايتى ھۆرمەتلەيمەن، پەقەت دىمەكچى سىز بىزلەرنىڭ ساغلاملىقى، كېسەللەردىن خالىي، خۇشال-خۇرام ياشىيالىشىمىزدا دوختۇرلاردىن باشقا يەنە كىشىلىرىمىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغان بىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق چۈمۈلىلەردەك تىرىشىپ-تىرمىشىپلا تۇرىدىغان مېھنەتلىك بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. ئۇلارنىڭ مىننەتسىز، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زېرىكىشلىك بىلىنىدىغان جاپالىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ جامائەتكە بىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغاچقا بۇ يەردە قوشۇپ قويۇۋاتىمەن. ئەمما بىز ئۈچۈن ھاياتلىقتىنمۇ قىزىقارلىق نەرسە دۇنيادا يوق، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈپكى سىرلىرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىئولوگىيەدىنمۇ قىزىقارلىقراق، مەنىلىكرەك يەنە بىر كەسىپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستۇر. دەل شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكامدەك كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەنالارنى تاپىدۇ ۋە ھەر بىر كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، ئىزدىنشلىرىدىكى ھەر بىر جەڭ ئېلان قىلىشلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىدۇ. بۇنچىۋالا ئابىستراكىت گەپلەرنى قىلىپ بىشىنى يەڭگىل باشلىغان بىر ماقالىنى مۇرەككەپ، چۈشىنكسىز قىلىۋەتكۈم يوق، ئەمما بۇ چىن يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى دەۋىلىش مەن ئۈچۈن ھوزۇر، ئۆزەممۇ ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ يازسام ئاندىن باشقىلارغا ھوزۇر، ئېلھام ئاتا قىلالايمەن دەپ ئويلايمەن.

شۇنداق قىلىپ گەپكە قايتىپ كەلسەك، شۆھرەتكام بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبەتلىرىمىزدىن قانچىلىك زور تەسىراتلارغا ئېرىشكىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن، بۇ سۆھبەتلەردىن بىردە ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر ئىلمىي يەكۈنلەر ۋە يېڭى بىلىملەرنى كاللامغا قاچىلاۋاتقىنىمدىن خۇشاللانسام، يەنە بىردە ئۇ ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ ئىچىم تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىققا تولاتتى. شۆھرەتكامدەك بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا قېينچىلىقلارغا يۈزلىنىشى بىردە مېنى ئېغىر ئويلاندۇرسا، بىردە ئۆزەمنىڭ شۇنچىلىك ئىمكانسىز ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىمدىن، ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتسە شۇنچىلىك ياردەم قىلغۇم بولسىمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىدىن يۈرىكىم پۇچۇلىناتتى. بۇ كۈندىكى ھېسسىياتىمنى ۋە بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە چامىمنىڭ يىتىشىچە يەتكۈزۈشكە تېرىشىپ باقاي.


ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ شەھەرلىرىگە ئوخشاش چىرايلىق ۋە رەتلىك سېلىنغان پاكا-پاكار ئۆيلەر ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن مەھەللىلەردىن تۈزۈلگەن بىر شەھەردىن ئۆتۈۋىدۇق، شۆھرەتكام بۇ كىچىك شەھەرنىڭ پورتلاند شەھرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بېۋىرلى (Beverly) دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەپتىدە ئۈچ كۈن مۇشۇ يولدا تەخمىنەن 15 مېنۇت ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى. ھاۋا يەنىلا بىر خىل بۇلۇتلۇق ھەم ھازىر يامغۇر ياغقاندەكلا نەم كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىشلەيدىغان ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى دەل مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان بولۇپ، مەركىزى كوچىنىڭ خىلىلا ئىچكىرىسىدىكى بىر خالتا كوچىغا كەلگىنىمىزدە ئالدىمىزدا قويۇق ئورمانلىقلار تاشلىنىپ ياتاتتى. مۇشۇ ئورمانلىقنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللىرىدىن ئۆتۈپ بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بىز «ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى - ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» دەپ خەتلەر يېزىلغان يول بويىدىكى يوغان تاشنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بىر قاراۋۇلخانىغا يىقىنلاپ كەلدۇق. شۆھرەتكام چۈشەندۈرۈپ ئامېرىكىدا ھايۋانلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھەر دائىم مايمۇن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يېراق بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغى ۋە مۇشۇ يەردىن ئىشلەيدىغان كىشىلەر باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇشۇ قاراۋۇلخانىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. بىلىشىمچە، بۇ تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكىدىكى جەمئىي 8 پرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گانگې دەرياسى مايمۇنلىرىنى ساقلاۋاتقان مەركەز بولۇپ، بۇ مەركەزدە 4500 غا يېقىن ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار ساقلانغان. مەن ئىشلەۋاتقان «غەربىي جەنۇپ پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» ئىت باش مايمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 3200 دىن كۆپرەك ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار بار. گاڭگې دەرياسى مايمۇنى ۋە ئىت باش مايمۇنلار تەجىرىبخانىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىنسان-ئەمەس پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ ياردىمىسىز نۇرغۇنلىغان ۋاكسىنىلار ياسالمىغان، نۇرغۇنلىغان كېسەللەر ساقايمىغان بولاتتى. ئامېرىكىدىكى بۇ سەككىز پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 90-يىللاردىن كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك شۇ رايوندىكى داڭلىق مېدىتسىنا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ تارمىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇنداق بولۇشى مايمۇنلارنى بىقىشنىڭ چىقىملىرىنى تېخىمۇ ئاسانراق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن. (بۇ جەھەتتە جۇڭگودا پەقەت جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى كۇنمىڭ ھايۋاناتلار تەتقىقات مەركىزىدە 2005-يىلى قۇرۇلغان كۆلىمى ناھايتى كىچىك بىر پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى بىلەن بېيجىڭ شىيىخى تىببىي ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى تەجىرىبىگە ئىشلىتىدىغان ھايۋانلار مەركىزىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى مايمۇن مەركىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق زور تىپتىكى تەتقىقات مەركەزلىرى مۇتلەق يوق). شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، مەنمۇ ھايۋانلارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ھەم ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما ئوۋ ئوۋلاش ياكى پۇل تىپىش نىيىتىدە ئەمەس، ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشنى كۆزلىگەن بۇ پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قوللاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن (ھەم شۇڭا شۇنداق مەركەزدە ئىشلەۋاتىمەن). بۇ تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت تىببىي ئىلىمىنىىڭ ئىلگىرىلىشىدە قوشقان تۆھپىلىرىنى ساناپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بىزگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكىدىن بىرنى مىسال قىلسام، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى دەل مەن ئىشلەۋاتقان غەربىي جەنۇپ پىرىماتلار مەركىزىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ بۇ ۋاكسىنا بولمىسا دۇنيادا ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولمىغان ئىنسانلار ناھايتى ئاز قالغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئامېرىكىدا ھايۋاناتلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچى ناھايتى زورىيىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ نامايىشلىرى ۋە ناچار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىۋىرىشى ئارقىسىدا خارۋاردا ئۇنىۋېرستىتى قارىمىقىدىكى «يېڭى ئىنگىلاند دۆلەتلىك پرىماتلار مەركىزى» بۇ يىل 6-ئايدا پۈتۈنلەي تاقالماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھايۋانلىرىنىڭ بىزنىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېلىنمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدىم. شۇڭا، بىزمۇ بەلگىلىمە بويىچە بۇ تەتقىقات مەركىزىدە ھىچقانداق سۈرەتكە تارتمىدۇق، پەقەت شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىدا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق. بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بۇ تەتقىقات مەركىزى كىرىشكىلا كىشىگە تەبىئەتكە ناھايتى يېقىن تۇيغۇ بىرەتتى ھەم بەكلا يېڭى ۋە چىرايلىق كۆرۈنەتتى. بىز ماشىنىدىن چۈشسەك بىراقلا سوغۇق بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى ۋە ماشىنا توختىتىش ئورنى بىلەن شۆھرەتكام ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئارىلىقى خېلى ئۇزۇندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشىمىزگە ئۇرۇلغان ئىسسىق ھاۋا تولىمۇ خوشياقتى. تاشپولاتكام سەل يىلىڭ كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاندۇرمىغىنى بىلەن خىلى تىترەپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەندە:
-تاشپولاتكا، سەل توڭۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە، ھە-دەپ قەستەن چاقچاق قىلىۋىدىم. تاشپولاتكام:
-ئۇكام، مەن غۇلجىدا چوڭ بولغان، بۇنچىلىك سوغۇق مەن ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس دېدىيۇ، ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.

شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىلىرى مەخسۇس غول ھۈجەيرە ۋە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا ئاتاپ يېڭىلا سېلىنغان بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا بولۇپ، ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان تەشتەكتىكى ئېگىز ئۆسكەن گۈللەر ۋە بىر ياقتىن كېلىۋاتقان قېنىق قەھۋە پۇرىقى كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايتتى. بىنانىڭ ئىشكىدىن كىرىپلا كۈچلۈك تەتقىقات پۇرىقىغا تولغان بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بىنادىن كىرىشكە يېقىندا بۇ يەردە سۆزلەنمەكچى بولغان ئىلمىي لېكسىيەلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى ئۇچ پۇتلۇق يۆتكىلىشچان ئېلان تاختىلىرىدا تېزىلىپ كەتكەن، شۆھرەتكاملار ئېلان قىلغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى مۇقاۋىسىغا چىققان غول ھۈجەيرە ۋە گاڭگې دەرياسى مايمۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تاملارغا يوغان جازىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ئىدى. گەرچە بۈگۈن روژدىستىۋا بايرىمىنىڭ 2-كۈنى بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىنادىكىلەر بايرامنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.لېفىتقا ئولتۇرۇپ شۆھرەتكامنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتكە جايلاشقان تەجىرىبخانىسىغا چىقىۋىدۇق، ھەيرانلىق ئىچىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بايرام ۋە دەمئىلىش كۈنلىرىدە ئىشلەشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئاكادېمىيە ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا، بولۇپمۇ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ھەر كۈنى يېڭىلىقلارنى دۇنياغا سۇنۇۋاتقان تەجىرىبخانىلاردا تېخىمۇ شۇنداق. شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشخانىلاردا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق چىراي بىر مۇنچە تەتقىقاتچىلار ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىز شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگۈچە شۆھرەتكام ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتى ۋە بىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويدى، بىزمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بۇ جاپاكەش، سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدۇق. قىسىقىغىنە بىر نەچچە دەقىقە ئىچىدە، تاشپولاتكام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ قويدۇق، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى شۆھرەتكامنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئازراق ھېس قىلدۇق، دەۋاتقاندەك قىلاتتى. شۆھرەتكام بىزنى ئىشخانىسىغا كىرىپلا سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە چاپانلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئىلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ ئازادە ئىشخانىسىنىڭ تاملىرىغا ئۇ ئېرىشكەن بىر مۇنچە دۆلەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرى ئېسىلغان ۋە لىق توشۇپ كەتكەن كىتاب جاھازىلىرى بىلەن ئالاھىدە يىقىملىق بېزەلگەن ئىدى. كىتاب جاھازىسىدا يەنە ئۇنىڭ يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىمۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بىز ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك بىر قىسىم جاۋاپ قايتۇرۇشى زۆرۈر بولغان ئېلخەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرغىچە ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ تۇردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىئانە مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئەتىسى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىشى كىرەكلىكىنى ئيېتىپ بەرگەن ئىدى، مەن سەل ھەيران قالدىم، ئەمما بۇ سوئاللىرىمغا ئۇزۇن ئۆتمەي جاۋابمۇ تاپتىم…


بىز ئىشخانىدا پۇتىمىزغا ئاياق قاپلىرىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن تەجىرىبىخانىلارنى كۆرگىلى چىقتۇق. كارىدورنىڭ تاملىرىغا ئۇ «تەبىئەت» ژۇرنىلى، «ھۆجەيرە» ژۇرنىلى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن تاللانغان سۈرەتلەر رامكىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ۋە بىر تام دوسكىسىغا تەجرىبىخانا يېقىندا ئېلان قىلغان بىر توپ ماقالىلەر مىخلاپ قويۇلغان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن غول ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرىدىغان تەجىرىبخانىغا كىردۇق، بۇ يەردە بىر ئاق خالات كىيىۋالغان ئېگىز سېرىق چاچلىق ئايال بىزنىڭ كىرگىنىمىزنىمۇ تۇيماستىن مىكروسكوپتا تىكىلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىر ھازادىن كىيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە شۆھرەتكام ئۇنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ ئۆي ئىچى ئالاھىدە ئىسسىق بولۇپ، غول ھۆجەيرە مۇشۇنداق ئىسسىق مۇھىتىنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇشۇنداق ئىسسىق ساقلىنىشى زۆرۈكەن. شۆھرەتكامنىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئايال پۈتۈن تەجىرىبخانىدا ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تەجىرىبخانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر تېخنىكىدا بۇ ئايالنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلار يوق دىيەرلىك بولۇپ، شۆھرەتكام ئۆستۈرگەن غول ھۈجەيرىلەرنى كۈندە بىقىش ۋەزىپىسىنى ئۇ ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. شۇنداق، ھۆجەيرىلەرنىمۇ بىقىش كىرەك خۇددى بوۋاق بالىنى باققاندەك باقمىسڭىز ئۇلار «خاپا» بولۇپ قالىدۇ، كۈنىگە «يەيدىغان-ئىچىدىغىنى» نى ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسىڭىز، ئۇلار سىز ئىشلىمەكچى بولغان تەجىرىبىلەرگە ئوبدان ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆلۈپ قالسا بىر مۇنچە ۋاقىت ۋە تەتقىقات مەبلىغىگە زىيان بولىدۇ، دىگەن گەپ. بۇ بىر مۇنچە باكتىرىيەسىىز مەشغۇلات مۇنبەرلىرى، مىكروسكوپلار بىلەن تولغان تەجىرىبخانا تاشپولاتكامغا راۋۇرۇس ئالاھىدە بىلىندى بولغاي: ئۇكام، سىزنىڭ تەجىرىبخانىلىرىڭىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشامدۇ، قاراڭ ئاۋۇ شۆھرەت ئىشلىتىپ سۈرەتكە چۈشكەن مىكروسكوپ شۇ ئوخشايدۇ، نېمىدىگەن مۇرەككەپ كۆرۈنگەن، دەپ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەلۋەتتە بۇ تەجىرىبخانىنى سىز كۆرسىڭىزمۇ شۇنداق ئويدا بولۇشىڭىز ئېنىق، ئەمما بۇ تەجىرىبخانا مەن ئامېرىكىدا كۆرگەن باشقا تەجىرىبخانىلاردىن ئۇنچىۋالا كۆپ پەرقلەنمەيتتى، پەرقلىنىدىغىنى ئېنىقكى بۇ يەردە كىملەرنىڭ، قانداق تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقىنى ئىدى. بىز يەنە ھايۋانات ئاناتومىيە تەجىرىبىخانىسى ۋە باشقا ھۈجەيرە بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ئەڭ ئاخرىدا مەخسۇس مىكروسكوپ ئۆيىنىڭ يېىنىغا جايلاشقان يەنە بىر يورۇق، كەڭرەك تەجىرىبخانىدا خىلى ئۇزۇن مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. مەن بىلمەكچى بولغان سوئاللىرىمنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇشۇ يەردە جاۋاب چىقىپمۇ قالدى.

ئالدىنقى كۈنى كەچتە شۆھرەتكامنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ يېقىندا «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن بىر پارچە ماقالىسىنى شۇلارغا تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ماقالىسىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە ئىككى-تۆت ئېغىز پاراڭ ئاڭلىغاندىن باشقا ئۇنىڭ تەتقىقاتى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلىشىشكە تېخى پۇرسەت چىقمىغان ئىدى. ھەممە قىزىقارلىق مۇنازىرىلەر تاشپولاتكامنىڭ گەپنى تېشىشى بىلەن باشلاندى:
-شۆھرەت، بۇ تەجىرىبخاناڭلار چوڭ ھەم ئۈسكۈنىلىرىمۇ ناھايتى تولۇق ئىكەن. بارچە تەتقىقاتىڭلار مۇشۇ يەردە بولىدىكەندە؟
-ئۇنداق ئەمەس، ئەمەليەتتە بىز بۇ يەردىن كىلەر يىلغىچە پۈتۈنلەي كۆچۈپ كەتمەكچى، ھازىرمۇ تەجىرىبخانامدىكلەرنىڭ يېرىمىنى  ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى سېلىنغان تەجىرىبىخانىغا كۆچۈرۈپ بولدۇم. ھازىر پەقەت مايمۇنغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىلا مۇشۇ يەردە ئىشلىنىۋاتىدۇ، مايمۇنلارنىڭمۇ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ مەركەزنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۋەتتۇق، ھەتتا مىتو (Mito) بىلەن چۈرەكىر (Tracker) نىمۇ ئۆتكۈزۋەتتۇق.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ۋە كاللامدا چاقماق تېزلىكىدە نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى. باشقىسىغۇ مەيلى، ئەممە مىتو بىلەن چۈرەكىر ئۇنداق ئادەتتىكى مايمۇنلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ سۈرىتى ئۆز ۋاقتىدا «تەبىئەت» ژورنىلىغا بېسىلغان بولۇپ، خۇددى چولپانلاردەك كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تونۇيالايدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. بۇ ئىككىسى قوش كېزەك بولۇپ، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ «ئۈچ ئەجداد» يەنى «بىر ئاتا، ئىككى ئانا»دىن تۇغۇلغان مايمۇنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايتتى. بۇ مايمۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشنىڭ شۆھرەتكام ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك تەسكە توختىغانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.  مەن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇنىڭ مەيۈسلەنگەن چىراي ئىپادىسىدىن سېىزىۋالدىم. مۇشۇ سورىغانچە بىرەر سائەتچە شۇ تۇرغان جايىمىزدا تۇرۇپ مۇنازىرە قىلىشتۇق.

-شۆھرەتكا، بۇ مايمۇنلار شۇنچە مۇھىم تۇرسا، نېمىشقا ئۆتكۈزۋەتكەنسىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئەجەبلىنىپ.

-تۇرسۇنجان، بۇ مۇنداق ئىش- دەپ تولىمۇ ئەستائىدىللىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، شۆھرەتكام.

ئۇنىڭ ئېغىزىغا تىكىلگىنىمچە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىسام يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىكى پەن-تەتقىقات ئىشلىرىدىكى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ھېس قىلىپ ھەيرانلىققا تولاتتىم، ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا قاراپ كىمدۇر بىركىملەردىن ئاغرىنغاندەك قىلسام، يەنىلا شۆھرەتكامنىڭ ئۈمىد ئۈچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان غالىپلارغا خاس كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىنىپمۇ قالاتتىم. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، شۆھرەتكامنىڭ ئىككى مۇھىم تەتقىقاتنىڭ بىرى ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىنى يېڭى بىر تۆرەلمىنى ئۆلتۈرمەستىن ئايرىپ ئالىدىغان تېخنىكىنى يارىتىشقا مەركەزلەشكەن بولسا، يەنە بىرى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىكى خوندىرىئوسومدا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېنلىرى بار ئانىلارنىڭ ساغلام بوۋاقلارنى تۇغالىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى بىر داۋالاش تېخنىكىسىنى يارىتىشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ مايمۇننى تەتقىقات مودىل ھايۋىنى قىلىپ تاللىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىمۇ ئۇ بۇ تېخنىكىلارنى ئاۋۋال مايمۇندا سېناق قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىققىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىغىنى دەسلەپكى قەدەمدە يەكۈنلەپ ئاندىن ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بالايئاپەتلەرنى كەلتۈرۋاتقان، ھازىر ھىچقانداق داۋاسى يوق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان. مايمۇن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشى، فىزىئولوگىيە ۋە يىتىلىش جەريانى ئىنسانغا ئەڭ ئوخشىشىدىغان ھايۋان بولۇپ، مايمۇندا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەتكە ئېرىشكەن تېخنىكىنىڭ ئىنسانلاردا قوللىنىشقا ماس كىلىش ئېھتىمالى باشقا ھەر قانداق ھايۋاندا قىلىنىغان سىناقلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل تەتقىقات پىلانى بويىچە ئەڭ ئاۋۋال 2007-يىلى تۇنجى دۇنياۋى بۆسۈش بولغان يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقتى ۋە بۇ نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى دۇنياۋي «10 چوڭ بايقاش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ئۇنىڭ نامىنى بىراقلا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇدا بەش يىل سىناق قىلىپ بۇ تېخنىكىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازاندى ۋە ئۆتكەن يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بۇ شانلىق بۆسۈشنى «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ دۇنيانى يەنە بىر نۆۋەت ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىمۇ بىلگىنىمىزدەك ئۆتكەن يىللىق دۇنيادىكى «مىدىتسىنادىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ئۇنىڭ نەتىجىلىرى دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ تېخنىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئەگەر كەلگۈسىدە كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ھەر قانداق كېسەل بولغان كىشىگە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان (ئىممۇنىتى يەكلىمايدىغان) ھۈجەيرە، ھەتتا ئەزالارنى تەجىرىبىخانىدا يېتىشتۈرۈپ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى مۇتلەق زور كېسەللەردىن خالىي قىلىشى مۇمكىن. شۆھرەتكامنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنى بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ قانداق قىلىپ ئۇ ئايرىپ ئالغان ھۈجەيرىلەرنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ بىمارلارغا خاس يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ پاركىنسون كېسىلى (شۆھرەتكامنىڭ ئانىسى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن)، دىئابىت كېسىلى، قېرىلاردىكى ھاڭۋاقتىلىق كېسىلى قاتارلىق داۋاسى يوق كېسەللىكلەرنى ئالدى بىلەن داۋالاشقا يول ئېچىش ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى نەتىجىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئىدى. 2009-يىلى ئۇ ئىككىنچى بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىدىكى خوندىرىئوسومنى كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى ئانا تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر بىرىكمە تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ھاسىل قىلىپ ئۇرۇقلاندۇرغاندىن كېيىن ساغلام بالا تۇغقىلى بولىدۇ، دىگەن ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى مايمۇندا سىناق قىلىپ پۈتۈنلەي مۇۋاپىققىيەت قازانغاندى. مىتو بىلە چۈرەكىر دەل شۇ نەتىجىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ئىلىپ يۈرگەن بولۇپ، يەنە بىر چىشى مايمۇننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىككىسى خوندىرىئوسوملىرى ھەرقانداق كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى گېنلاردىن خالىي ھالدا ساق-سالامەت دۇنياغا كۆز ئىچىپ دۇنيادىكى تۇنجى بىر جۈپ «ئۈچ ئاتا-ئانا»دىن تۇغۇلغان مايمۇنلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شۆھرەتكاملار بۇ تېخنىكىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ زور مۇۋاپىققىيەتكە ئېرىشىپ، دۇنيانى ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا يېڭىچە ئۈمىد ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ تېخنىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق كېسەل داۋالاش تېخنىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالىغاندا كېسەل تېخى كۆرۈلمەستىلا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدىغان بولغاچقا بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى يۈز پىرسەنىت بولىدۇ، يەنى كېسەل ئانىدن بالىغا ئۆتىدىغان بولغاچقا ئانىنىڭ تۇخۇمىنى «داۋالىسىا»لا بالا كېسەلدىن خالىي تۇغۇلىدۇ، دىگەن گەپ.


شۇ تەرىقىدە شۆھرەتكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى جىددىيچىلىك ئىچىدە ساقلايتتىم. ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ شۆھرەتكام ياراتقان بۇ دۇنياۋى ئىلغار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دوختۇرخانىلارغا ئىلىپ كىرىپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، شۆھرەتكامنىڭ ھازىر ئەس-يادى مۇشۇ ئىشتا ئىكەن، ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن بەدەللەرنى تۆلەۋىتىپتۇ. «بۇ ئىككى چوڭ تەتقىقات تۈرى ئىچىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاشقا يەنە ئاز دىگەندە بەش يىل ياكى ئون يىل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما قانچىلىك قېيىنچىلىقلار بولسىمۇ مەن بۇ تەتقىقاتىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن»-دەيدۇ، شۆھرەتكام.
-شۆھرەتكا، سىز مايمۇنلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرسىڭىز، ئۇ مايمۇنلارنى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز قانداق قىلارسىز، دەپ سورىدىم مەن كاللامدىكى ئەنسىرەشلىرىمگە جاۋاپ ئىزدەپ.

-تۇرسۇنجان، بىلگىنىڭدەك مايمۇنلارنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ناھايتى يۇقىرى. يۈز چاشقان باققان پۇلغا بىر مايمۇننى باققىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىن باشقا يەنە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگىچە كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز، ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۈرۇشىمىز، يەنە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىشىىزغا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندىن بىرى، ئامېرىكا ساغلاملىق ئېنىستېتۇتى (NIH, National Institute of Health) تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ ئاجراتقاندا ئەڭ ئالدى بىلەن چاشقاننى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چاشقانداق مۇتلەق قىلغىلى بولمايدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈنلار مايمۇننى ئىشلىتىشكە قوشۇلىدۇ. شۇ سەۋەب گەرچە چاشقان بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرمىساممۇ، نەچچە مىڭ تەجىرىبە چاشقانلىرىنى سېتىۋالدىم ۋە ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋرېرسىتىدىكى تەجىربخانىدا ھازىر ئاساسلىقى ئىنسانلار بىلەن چاشقانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن. ھازىر قولۇمدا چاشقاننى ئىشلىتىپ قىلىدىغان تەتقىقات تۈرىدىن بەشىگە NIH نىڭ مەبلىغى بار، ھەممىسى R01. مۇشۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ چاشقاندا بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى قىلىپ قويۇپ ئاساسلىقى مەبلەغنى ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىمەن.

ئامېرىكىدا NIH ئەڭ چوڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالىدىغان ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، NIH نىڭ كۆپ خىل مەبلەغ تۈرى ئىچىدە R01 ئەڭ مۇھىم ۋە سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى كۆپىنچە 1 مىليون دوللار بىلەن 2 مىليون دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ ۋە 5 يىلغا بۆلۈپ بىرىلىدۇ. NIH پەقەت مىدىتسىنا ۋە بىئولوگىيەنى ئاساس قىلىپ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان بولۇپ (بۇ يىل ئۇلار ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 54%نى تەتقىقات تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ سوممىسى 16.9 مىليارد دوللارغا يىتىدىكەن)، ئامېرىكىدىكى باشقا بارلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەنلەرگە مەبلەغ ئاجىرىتىدىغان ئىككىنچى چوڭ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان  ئورگان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى (NSF, National Science Foundation) بىلەن سېلىشتۇرغاندا (ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق تەتقىقات ئومۇمىي مەبلىغى 7.6 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ مەلۇم قىسىمى يەنە بىئولوگىيە ئاساسىي تەتقىقاتىغا ئاجىرىتىلىدۇ) تەتقىقات مەبلەغ سوممىسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكا جەمئىيتىنىڭ بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىگە يۈكسەك ئېتىبار بىرىدىغانلىغىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ۋە ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا پېنىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭكىنى قوشقاندىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا كىرەك. ئاددىي بىر مىسال ئالسام، دۇنيادىكى راك كېسىلىنى ئەڭ ياخشى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار ئىچىدە دۇنيادا ئالدىنقى «10 ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا»نىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ھەم نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ تەخمىنەن 45% (جەمئىي 208 كىشى ئىچىدە 93 كىشى) ئامېرىكا پۇقرالىرىدۇر. بۇ بىر تەرەپتىن بىزدەك ئامېرىكىدا بىئو-مېدتىسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساھەدە ئامېرىكىدىكى رىقابەتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى كىشىگە جەڭ ئېلان قىلاتتى ۋە زور بېسىم ھېس قىلدۇراتتى. بۇ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا دۇنيادىكى ئەڭ نوچىسى بولىشىڭىز كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپمۇ ئېرىشكەن مەبلەغنىڭ تايىنى يوق، قىلغان ئىشتىن تۈزۈك نەتىجە چىقىرالماي ئۆتۈپ كىتىدىغان گەپ. ئادەتتىكى تەجىربىخانىلار ئۈچۈن NIH نىڭ بۇنداق تەتقىقات تۈرىدىن بەشى ئەمەس بىرسىگە ئېرىشسىمۇ خىلى خۇشال ئولتۇرىدىغان ئىش چۈنكى ئىقتىسادى كېرزىس تۈپەيلى يىقىندىن بىرى تەتقىقات مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەتقىقاتچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشمىغاچقا بۇنداق تەتقىقات مەبلىغىدىن بىرنى ئىلىشمۇ نۇرغۇن ئالىملار ئۈچۈن ئاسمانغا چىققاندەك قېيىن ئىش بولۇپ قالدى. ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى ھەر قانداق تەتقىقاتلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ھېقانداق مەبلەغ سالمايدىغان بولغاچقا، شۆھرەتكام بىر قىسىم شەخسىي تەتقىقات فوندلىرىنىڭ مەبلەغلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ خىلى كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. شۇڭا بۇ گەپتىن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم چۈنكى مۇشۇنداق كۆپ مەبلەغ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن مايمۇن تەتقىقاتىغا پۇل يەتمەيدۇ؟ شۆھرەتكام داۋاملىق چۈشەندۈردى:

-قارا، مەن ئۈچۈن ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتى ئەڭ مۇھىم، ھەم قانداقلا بولمىسۇن بۇ تەتقىقاتىمنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ. ئەمما بۇ ناھايتى قىممەت توختايدىغان تەتقىقات تۈرى. بىزنىڭ تەجىرىبىخانىدا ئىش باشلىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئادەتتە بىر مىليوننى خەجلىمەي تۇرۇپ ئەمەلىي تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ نەتىجە چىقىرشىتىن سۆز ئاچالمايمىز. بۇ تېخنىكىدا چوقۇم ساغلام ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسى لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىز مەكتىپىمىزنىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان ئاياللارنى يىغىپ كىلىمىز ۋە ئادەتتە ھەر بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلىشى ئۈچۈن 5000 دوللار بىرىشىمىز كېرەك. ئاندىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ پېسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشكە، ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى دورىلار بىلەن دوختۇرخانىدا غىدىقلاپ ئاندىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇخۇمنى ئايرىۋىلىشقا كىچىك تىپتىكى ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىمارنىڭ يول كېراسى، ۋاقتى، سېستىرالارنىڭ ھەققى، پىسخىك مەسلېھەتچى، ئادوكات، دوختۇرلارغا بېرىلىدىغان پۇللار قوشۇلۇپ بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلشى ئاز دېگەندە 25،000 دوللارغا توختايدىغان گەپ. بىز بىر يىلدا نەچچە مىڭ تۇخۇم ئىشلىشتىشكە ئېھتىياجلىق چۈنكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى يتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تۇخۇم ھۆجەيرىسى زۆرۈر. شۇنداق بولغاندا ئويلاپ باقساڭ بولىدۇ، بىز تەجىرىبخانىدا ئىش باشلىماي تۇرۇپ يىلىغا نەچچە مىليوننى چىقىم قىلىمىز. ئاندىن تەجرىبىخانىدا ئىشلتىدىغان دورىلارمۇ ئەرزان ئەمەس، بولۇپمۇ كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشقا ئىشلتىدىغان دورىلار تەتقىقات ئۆلچىمىدە ئەمەس كىلىنىكىلىق ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەككەن. ئوپمۇ-ئوخشاش دورىنى كىلىنكىلىق-ئۆلچەمدىن ئۆتكەن دەپ سېتىش ئۈچۈن شېركەتلەر نۇرغۇن پۇل تۆلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كىتىدىكەن. شۇڭا، ھازىرچە مەن پەقەت ئىنسانلاردا كىلىنىكلىق سىناق قىلشنى كۆزلەۋاتقان بولغاچقا، مايمۇنلاردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشنى قىلىپ بولغاندىكىن ئامالسىز ئۇلارنى يوق قىلدىم. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پۇلى كۆپ ئەمەس، كۆپ ياردەممۇ قىلمىدى، بولۇپمۇ ئىنسان ئۈستىدىكى تەجىرىبىلەرنى چوقۇم دوختۇرخانا جايلاشقان مەكتەپ ئاساسىي ھويلىسىدا قىلىش لازىم بولغاچقا ئۇلارغا يېڭى تەجىرىبخانىلار بېرىڭلا دىسەم، ئۇنىماي قويدى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم ۋە ئۇلارغا شۇنداق دەپ قوقاقمۇ سالدىم.

-ھە، مۇنداق دەڭ. ئېسىت، بۇ مەكتەپ سىزدەك دۇنياۋى نەتىجىلەرنى يارىتىپ مەكتەپنىڭ ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاتقان ئالىمنى كۆپرەك قوللىمىغىنى راستىنلا ياخشى بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپتىن كۆچۈپ كىتەمسىز؟ دەپ سورىدىم، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن.

-ئۇلار مېنىڭ كىتىشىمنى خالىمايدۇ. مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتى مېدىتسىنا مەركىزى (ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مېدىتسىنا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، تەتقىقات كۈچى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا مەركىزىدىن دىن قالسىلا ئامېرىكىدا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ) گە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىۋىدىم، ئۇلار مېنى قوبۇل قىلىپلار قالماي، ماڭا 50 مىليون دوللار ئاجىرىتىپ مەخسۇس خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى داۋالاش مەركىزىدىن بىرنى قۇرۇپ بىرىپ بارلىق كىلىنىكىلىق سىناققا كېتىدىغان چىقىمنىمۇ ئۈستىگە ئالدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆچۈشكە تەييارلىنىپ تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىمنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ بىرىشىمنى، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش تۈگۈل ئۇلارنى ساقلىسىمۇ شىتات قانۇنىغا خىلاپ بولارمىش. مەن قانداقمۇ بۇنى قوبۇل قىلاي؟! مەن شۇنچە كۆپ ئەجىر قىلىپ ئاران يىتىشتۈرگەن بۇ ھۆجەيرىلەر ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى زور قىسمىنى كەينىمگە تاشلاپ قويالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ياق دىمەي بولمىدى. پۈتۈن ئامېرىكىدا نىيۇيورك شىتاتى بىلەن ئورىگون شىتاتىدىن باشقا بارلىق 48 شىتاتتا ئىنسان تۆرلمە غول ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش چەكلەنگەن ئىكەن. شۇڭا مەن ھازىرچە مەكتىپىمگە ئۇلار تەجىرىبخانا بەرمىسە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتىغا كۆچۈپ كېتىمەن دەپ بېسىم قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر يېڭى تەجىرىبخانا بەردى، ئەمما ئىشلىتىش ھەققى تۆلەيمەن ۋە ئاز دىگەندە كەلگۈسى 3 يىلدا كۆچمەسلىككە توختام تۈزدۇرۋالدى.

مانا شۆھرەتكامدەك داڭلىق ئالىملارنىڭ قەدرى ئامېرىكىدەك دۆلەتتە ئەمەس، بەلكىم دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ مەكتىپىگە بېسىم ئىشلىتەلىشى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدا ئىقتىدارلىقلار ۋە مۇۋاپىققىيەت قازانغانلارنى چوڭ بىلىش، قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «سورىمىسا بەرمەيدىغان» بىر جەمئىيەتنىڭ قات-قېتىغا سېڭىپ كەتكەن ئىددىيەنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى يىتەكچى پرافېسورۇم دوكتۇر فورد: «ھەر دائى ئېسىڭدە تۇت، كىشى پەقەت سورىغىنىغا ئېرىشىدۇ، سورىغاننىڭ ھەممىگە ئېرىشەلمەيسەن، ئەمما سورىمىساڭ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسەن» دەيتتى. شۆھرەتكام يەنە بىر جەھەتتىن بالىلار ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلى بولغاچقا كۆچۈپ باشقا يەردە ئوقۇشنى تازا خالىمايدىغانلىقىنى ۋە 4-5 يىلغىچە كۆپرەك مەبلەغ بىلەن تەمىلەيدىغان ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئورىگوندىن كۆچۈپ كىتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىشلەۋاتقان ئورىگوسن ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەبلەغلىرى راك كېسىلى تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلىنغان بولۇپ، يىللاردىن بىرى ئۇلار 50 مىليون دوللار سوممىسىدىكى تەتقىقات مەبلىغىنى پەقەت راك تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلغان بولسىۇ، ئەمما بۇ مەكتەپتىن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا بىرەرمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقماي ئەكسىچە، ئامېرىكىدا سەل كىيىنكى قاتاردا تۇرىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكام ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مەكتەپكە شۇنچە كۆپ دۆلەت مەبلىغى ئىلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە مەكتەپنىڭ نامىنىنىمۇ تونۇتۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۇنىڭغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ بەرمىگىنىدىن نارازى ئىكەن.

-مۇشۇ تاپتا ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى قويۇپ تۇرايلى، خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى گېن تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش تۈرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنىڭ ئۆزىگىلا 25-30 مىليون دوللار كەتكۈدەك. بۇ تېخنىكا ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولدى ۋە ھازىر ئەنگىلىيە مەن بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇ تېخنىكىنى ئەنگىلىيەدە كىلىنىكلىق سىناق قىلىپ پات ئارىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلتىشكە بولىدىغانلىقىنى قانۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى. مەن FDA (ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى) بىلەن ئۆتكەن ئايدا سۆزلەشتىم، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەسلى بىر توپ ئادوكات، بىرەر مىڭ بەتلىك مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ پۇختا تەييارلىق بىلەن بىرىش كېرەككەن، شۇڭا ئۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئالاھىدە ياخشى نەتىجە چىقمىدى، بۇ قېتىم ئىككىنچى ئايدا كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويدۇم، ھەم ھازىر شۇ ئىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن. مەكتەپتىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجىرىتىشنى سورىسام، ئۇلار سەنمۇ ئىئانە توپلىساڭ، بىز سەن ئىئانە توپلىغان پۇلغا باراۋەر مەبلەغ ئاجرىتىپ بىرىمىز دەيدۇ، شۇڭا ھازىر ئىئانە توپلاشنىمۇ باشلىدىم، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. نۇرغۇن يىغىن، ئۇچرىشىشلارغا بېرىپ تەتقىقاتىمنى چۈشەندۈرۈشۈمگە ۋە باشقىلارنى ئىئانە قىلىشقا قايىل قىلىشىمغا توغرا كىلىۋاتىدۇ.

تاشپولاتكام بولغان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى بولغاي:

-شۆھرەت، بۇ مەكتەپنىڭ قىلغىنى بولماپتۇ. ئەسلى مۇنداق ياخشى تەتقىقاتلارنى بۇلار بەكرەك قوللىسا، راك كېسىلىگە بىرىدىغان  50 مىليوننىڭ يېرىمىنى سىلەرنىڭ تەجرىبىخانىغا سەرپ قىلغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. ياپون ھۆكۈمىتى ياماناكا (2012-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن غول ھۆجەيرە ئالىمى) ئۈچۈن قانچىلىك مەبلاغ لازىم بولسا دىسىلا چىقىرىپ بىرىدىغانلىغىنى ئېيتقان. بىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنى قوللىغۇدەك  بايلار بولغان بولسىتى….

شۇنداق، ياماناكانىڭ كەينىدە ئۇنى شەرتسىز قوللايدىغان كۈچلۈك ياپونيە ھۆكۈمىتى بار، بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەكمەندەك يەھۇدى ئالىملارنىڭ كەينىدە ئۇلارنى قوللايدىغان يەھۇدي بايلار تەييار، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئالىمىمىزغا ئەمدى نېمە جاپا؟! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمنى چۆرگىلىتىپ قويۇۋەتكەندەك بوپقالدىم. مەن ئەزەلدىن مائارىپنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم بىردىبىر ئامىل دەپ تونۇيتتۇم، ئەمما شۇ تاپتا مەن ياخشى مائارىپ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنى چىڭ تۇتمىغان مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قېيىن ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمىدىم. ئەسلىدە بىر ئالىم ئەڭ كۆپ ۋاقتىدا پەقەت ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسا، دېققىتىنى ئىئانە توپلاش، قانۇن ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش دىگەندەك ئىشلارغا بۆلۈشكە توغرا كەلمىگەن بولسا بولاتتىغۇ؟! بۇ زاداى قانداق ئىش بوپكەتتى... نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەتقىقاتلىرىنى جايلاپ قىلىپ بولالماي يۈرگەندە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا پىدائىيلارچە يول ئېچىپ دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن بىر خىل ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىچىم تىت-تىت بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇ توغۇرلۇق يەنە ئىچكىرىلەپ سوئال سورىغۇم كەلمىدى. ئەمما كاللامنى قاپلىۋالغان خىياللارنىڭ ئايىقى پورتلانددىن قايتىپ كىلىپمۇ نەچچە ھەپتىگىچە مېنى چىرمىۋالدى. بۇ ئىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خاپا بولغىلى بولمايتتى، ھېلىمۇ شۆھرەتكام ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇ ئەگەر ئامېرىكىدىن باشقا جايدا بولغان بولسا، بەلكىم ھازىرقى نەتىجىلىرىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشى تەسكە توختايتتى. ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىر ئاغرىنىش بار، يا ئۆزەمدىن ئاغرىندىممۇ ياكى بىراۋلاردىنمۇ بىلمىدىم، نامەلۇم بىرسىگە بولغان ئاچچىقىم بارلىقى ئېنىق، ھەر قانچە قىلساممۇ كىمدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەيتتىم، بەلكىم ھېچكىمدىن ئاغرىنماسلىق، ئەكسىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، تېخىمۇ تېرىشىش كىرەكتۇ. شۆھرەتكامنىڭ مەن يەنىلا ئۈمىدۋار، مەن دىگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلالايمەن دىگەنلىرىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆزەمگە تەسەللىي تاپاتتىم-يۇ، بۇ ئىشنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىنى، مەسلىلەرگە بولغان بۇرۇنقى نۇرغۇن ئويلىنىشلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايتتىم.

شۇنداق قىلىپ مۇشۇ پاراڭلار بىلەن بىز بۇ مەركەزدىكى مايمۇنلارنى بىر كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن شۆھرەتكامنىڭ OHSU مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلدۇق. بىز مايمۇنلار ساقلىندىغان ئالاھىدە ئۆيلەردە ئۇلار بىلەن يىقىن تۇرۇپ سالاملىشىپ قويدۇق، پاراڭلىرىمىز ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى شۆھرەتكامدىن كۈتۈۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەربىيلەش ئۈستىدىكى پىكىرلىرىگە مەركەزلەشتى.


بىز قويۇق ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرۈپ ماڭغاچ قىززىق پاراڭلارغا چۇشتۇق. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، شۆھرەتكام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە چىققان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بىر دۇنياۋى داڭلىق ئالىمدۇر. بۇ يىل 10-ئايدا نۇرغۇنلىرىمىز نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى يىللاردىكىدىن بەكرەك تەققازالىق ئىچىدە كۈتتۇق چۈنكى ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا بىز ئۈمىد باغلىغۇدەك بىرەيلەن بار، بىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىپ قالسا نەق شۇ ئالاھىدە مېنۇتنى قولدىن بىرىپ قويغۇمىز يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئىسىمى راستىنلا ئېلان قىلىنىپ قالسا يۈرەكلەر ھاياجان ۋە شادلىقتىن يېرىلىپ كىتەرمۇ! شۇنداق تەققازالىق بىلەن ساقلىغانلار ئىچىدە ئەلۋەتتە تاشپولاتكام ئىككىمىزمۇ بار. نوبېل مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت ياۋروپادا چۈشتىن كىيىنكى ۋاقىت بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا تېخى تاڭ ئاتىمىغان، يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىتقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا بىز بىر كېچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ شۇ مېنۇتنى تەققازالىق بىلەن ساقلىغان ئىدۇق. مەن شۆھرەتكامنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى، ئۇيغۇر ئۈچۈن غايەت زور ئۈمىد ۋە ئىلھام ئىلىپ كەلگەن بۇ ئالىمىمىز ئۈچۈن قانچىلىك ساقلىساقمۇ ئەرزىيتتى. بىز شۆھرەتكامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بۇ توغۇرلۇق گەپ ئاڭلايلى دەپ ئۇنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارىشىنى سوراپ باقتۇق.
-غول ھۈجەيرە ساھەسىگە تېخى ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتى بىرىلدى. ياماناكانىڭ شۇنچە تېز ۋاقىتتا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئاساسلىقى ئۇ ئىجاد قىلغان غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش تېخنىكىنىسى كۆپلىگەن تەجىرىبخانىلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. ئەپسۇسكى، ياماناكا يتىشتۈرگەن iPS ھۆجەيرىلىرى شۇنچە كۆپ تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ئۈستىدە سانسىز قېتىملاپ سىناق قىلىنغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە تېخى ئىنسانلاردىكى بىرەر كېسەلنى داۋالىغىنى يوق چۈنكى iPS ھۆجەيرىلىرىدە كۆپلىگەن گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەچكە ئۇلار گېنتىكىلىق جەھەتتە نورمال ھۈجەيرىلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.  مەن ئىجاد قىلغان يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىغىلى بولىدىغانلىقى بايقالغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى، كىشىلەر بۇ تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ بولغۇچە يىللار كىتىشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تەبىئەت ژورنىلغا تاپشۇرغان ئەڭ يېڭى ماقالىمىزدە بۇ ئىككى ئۇسۇلنى سېلىشتۇرۇپ مەن ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈ تېخنىكىسى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتلەردە نورمال غول ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقى ۋە iPS ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەردۇق. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنسا چوقۇم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى تارتىلىدۇ. ئەمما بۇ يېڭى تېخنىكىنى ئىلىم-پەن ساھەسى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ بولغۇچە 5 يىل ھەتتا 10 يىل كىتىشى مۇمكىن. نوبېل مۇكاپاتى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مەلۇم بايقاشنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن بىرىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا غول ھۈجەيرە ساھەسىگە كىلەر قېتىم قاچان نوبېل مۇكاپاتى بىرىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.

شۆھرەتكامنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ناھايتى مۆتىدىل پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭدا پىشقان ئالىملاردا بولىدىغان سالماقلىق ۋە ئەمەليەتچانلىقنىڭ تولۇق يىتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىنى «تەبىئەت» ژورنىلى تەھرىرى باشقا ژورنالغا تاپشۇرمايسلىقنى ئالاھىدە تاپىلىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ قېتىم ماقالىنى قاچان تاپشۇرىسىلەر دەپ سۈيلەپ تۇرۇپتۇ.  «تەبىئەت» ژورنىلىدەك دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش 99% تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ چۈشى، پەقەت ئەڭ ياخشى 1% ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز سالماقتىكى ئالىملارلا مۇشۇنداق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۆھرەتكام ماقالىدىن ھىچقانداق چاتاق چىقماسلىقنى كۆزلەپ 70 قېتىمدىن كۆپرەك تۈزەتكەندىن كېيىن 6-ئايدا يېزىلىپ بولغان ماقالىنى ئاخىرى 12-ئايدا تاپشۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى بويىچە، ئۇ ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا ئايرىپ ئېلىنغان ئنسان غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ iPS ھۆجەيرىلىرىدىن ئەۋزەللىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇ يەنە كەم دىگەندە 10-15 پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى كىرەكلىكى، ھەر جەھەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن باھالاپ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلىغاندىلا ئاندىن بۇ تېخنىكنىڭ كەلگۈسىدە كىلىنىكىلق سىناق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشىغا يول ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۆھرەتكام ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى:

-ماڭا ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خەت كىلىپ تۇرىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ خېتىگە قىسقا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرىمەن. مېنىڭ تەجىرىبخانامغا قىزىقدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرىمەن، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتۇرلۇققا كىرەلىشى ئۈچۈن ناھايتى قاتتىق تاسقاشتىن ئۆتىدۇ. ھازىرغىچە مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، ئۇنىۋېرسىتىمىزنىڭ دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە چۈشكەن بىرەر ئوقۇغۇچى كۆرۈپ باقمىدىم. كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا بەك قىزىقىمىز دەيدۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

-شۆھرەتكا، سىز ھازىر ناھايتى مۇھىم بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا تۇرىۋىتىپسىز، ئادەتتە پىرافىسورلار دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياكى پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلارنى قوبۇل قىلسا تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق ئۇلارنى قامدايدۇ. سىز بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدىمۇ مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىپ قالسا يەنىلا قوبۇل قىلشنى ئويلىشامسىز ياكى ھازىرچە مەبلەغنى پەقەت تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىشنى ئويلىشامسىز؟ دەپ سورىدىم، مەن كەينىگە ئۇلاپلا.

-مۇنداق گەپ، ئادەتتە بىرىنچى يىلدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىمىنى مەكتەپ كۆتۈرىدۇ، شۇ بىر يىل جەريانىدا مەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھەر خىل تەتقىقات ئۈچۈن بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى تەتقىقات مۇكاپاتلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىپ بىرىمەن. مۇنەۋۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىچىدە بۇنداق مۇكاپاتلاردىن ئاز دىگەندە بىرەسىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلار تەجىرىبخانامغا كىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم بىرەر تەتقىقات مەبلىغى ياكى مۇكاپاتلىرىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇشى كىرەك. دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن قىزىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقە قىلسا مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ مەبلەغ ھەل قىلساق بولىدۇ. مەن يىلدا 15-20 پارچە چوڭ-كىچىك تەتقىقات تۈرى دوكلاتلىرىنى يېزىپ سۇنىمەن، بۇنىڭ ھەممىسى تەستىقلىنىپ مەبلەغگە ئېرىشمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەن شۇ بىر قىسىم ئۆزەم يازغان تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئىش قوشۇپ تەتقىقات مۇكاپاتى مەبلەغلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە بىرىمەن، ئادەتتە ياش ئالىملارغا قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەنرەك بولغاچقا مەن مەبلەغگە ئېرىشمىگەن ئۇ تۈرلەرنى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىپ ئىلتىماس قىلسا ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن پوستدوكتۇر قوبۇل قىلىشتا غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانلارنى ئاۋۋال ئويلىشىمەن. دىمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە مەبلەغ مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت تېرىشچان، قىزىقىشى كۈچلۈك، قولىدىن ئىش كىلىدىغان، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار بولسىلا مەن ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى ئويلايمەن.

ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزەمدىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۆتكەن يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىغا ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ ناھايتى قىسقا قىلىپ «ئەگەر تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ ئۆزىنىڭ مەبلىغى بىلەن كىلىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرسا، مەن بۇ گەپنىڭ تېگىگە يەتمەپتىمەن.... بەرىبىر، مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتىم غول ھۆجەيرە ساھەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا ئۆتكەن يىل مۇشۇ كۈنلەردە پوستدوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىمدا پەقەت ئۆزەمنىڭ ساھەسىدىكى داڭلىق تەجىرىبخانىلارنى ئالدىن ئويلاشقان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ، شۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلىماي تۇرالمىدىم... بۇ ئۇچۇر ھېچبولمىسا ئالىمنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قىزىقىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەسقىتىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.

شۆھرەتكامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەتنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا خاس مىجەزى، گەپ-سۆزلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن قەلىبداش ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇ بىزگە شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تاماق يىگەچ سۆزلەپ بەرگەن ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلغان روسىيەگە بولغان قاتتىق نەپرەتلىنىشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. بىز بۇ پرىماتلار مەركىزىدىن ئايرىلىپ شۆھرەتكامنىڭ OHSU دىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارغىنىمىزدا كۈن ئېچىلىپ ھاۋامۇ خىلى ئىللىپ قالغان ئىدى.

خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ئەھمىيەتلىك ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزگەن گۈزەل شەھەر پورتلانددىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى. پورتلاند ئايرودورۇمىدىن يولغا چىقىپ كەچ سائەت 9:00 لاردا دەنۋېرگە يىتىپ كەلدىم. دەنۋېر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرى بولغان روكىي تاغلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل بۆلەكلىرى ياتىدىغان كالورادو شىتاتىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئىدى. دەنۋېر مەن ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگىنىمدە تۇنجى قەدەم باسقان ۋە ئامېرىكىدىكى تۇنجى ھەپتىلىك ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن شەھەر. دەنۋېر مەن تونۇشقان ئەڭ قەدىناس ئامېرىكىلىق دوستىلىرىم ياشىغان ۋە ئەڭ ئۇيغۇرسىراپ يالغۇزلۇققا چىدىماي قالغان شۇ قېيىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن يۈز-تۇرانە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۆزۈمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلغان گۈزەل شەھەر! دەنۋېر ئۆتكەن تۆت يىلدا مەن ھەر ئايدا بىر دىگۈدەك كىلىپ ھالال گۆشتىن تارتىپ يۇرتمىزدا يەيدىغان كۆكتاتلارغىچە، تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرىدىن تارتىپ قومۇلنىڭ قوغۇنلىرىغىچە، كورلىنىڭ نەشپۈتىدىن تارتىپ يەكەننىڭ باداملىرىغىچە، ھەرخىل خۇش-پۇراق خۇرۇچلاردىن تارتىپ بۆرەك، تىل، جىگەر، ھەتتا ئۈكلەنگەن قوي كاللىسى دىگەندەك مەن ۋە ئائىلەمگە يات ئەلدە ئۇيغۇرنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، يۇرت سېغىنچىمىزنى ئازراق بولسىمۇ بېسىقتۇرغان مېھرى ئىسسىق شەھەر! دەنۋېر نەچچە ھېيت-بايراملارنى ئۇيغۇر دوستلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكىدىكى ھاياتىمىزنى بېيىتقان ۋە بىزگە خۇشال ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلغان،  يېڭى ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشقان ۋە دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتكەن يىغىلىش شەھرىمىز. ھەر قېتىم ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ماشىنا ھەيدەپ يېمەكلىك سېتىۋىلىش ئۈچۈن كەلسەك ئامېرىكىلىق دوستلىرىمىزغا غەلىتە ۋە كۈلكىلىك بىلىنگەن بىلەن، مەن ۋە ئائىلەم ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك، ھەر كەلگىنىمىزدە بىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان بىزنىڭ مەيلىمىزنى تارتىدىغان مەنزىلگاھ... بىر نەچچە يېقىن ئۆتىدىغان ئۇيغۇر دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشۈپ ئۆتەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىميۇ، ئەمما يۈك-تاقلىرىمنى ئىلىپ تەييار بولغۇچە ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىغا بىرىپ ئورۇنلىشۋالدىم-دە، قولۇمغا قەلەم ئىلىپ ھازىر يېزىپ ئولتۇرغان ھېكايەمگە تېزىس تۈزۈۋالدىم. گەرچە شۇ كۈندىكى تېزىس بويىچىلا يازمىغان بولساممۇ، ئەمما شۇ كۈنى مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن شۇ ئۈچ كۈندىكى ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى مەمنۇنىيەت ۋە ھېرىسمەنلىك بىلەن ئەسلەپ چىققان ئىدىم.

شۇ كۈنى چۈشلەردە بىز پرىماتلار مەركىزىدىن ئايرىلىپ شۆھرەتكامنىڭ يەنە بىر ئىشخانىسىغا باردۇق. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى پورتلاند شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات، شەھەر مەركىزى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسىي مەكتەپ ھويلىسى بىر تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىكەن. شۆھرەتكامنىڭ يېڭى تەجىرىبخانىسى مەكتەپنىڭ كېڭەيتىپ سالغان تۆپىلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدىكى تۈزلەڭ ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرى مەكتەپنىڭ ئانا-بالىلار ساقلىقى ۋە تۇغۇت دوختۇرخانىسى، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى تەتقىقات تەجىرىبخانىلىرى بولۇپ، شۆھرەتكام 13-قەۋەتنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇلۇڭدىكى ئىشخانىدا ئولتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشخانىسىغا ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى كەلسە كىرەك، چوڭ ۋە ئازادىلىكىدىن باشقا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن پورتلاند شەھرىنىڭ دەريا، ئاۋات شەھەر مەركىزى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى گۈزەل بىر كۆرۈنۈش ھەر قاچان كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدىكەن. مەن بۇ ئىشخانىغا قاتتىق ھەۋەس قىلىپ تۇرسام، تاشپولاتكاممۇ بۇ ئىشخانىنى ماختاپ كەتتى ۋە شۆھرەتكامدىن سورىدى:

شۆھرەت، سىلەرنىڭ ئىشخانىلىرىڭلار ھەجەپمۇ ئېسلكەن. ئىشخانا دىگەن مۇشۇنداق كەڭرى ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولسا، ھە؟

-بۇنداق چوڭ ئىشخانىدىن ھەر قەۋەتنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا بىردىن ئىككىسىلا بار ئىكەن. مەن كەلسە ئەسلىدىكى ئوتتۇرىدىكى ئىشخانىلاردىن بىرسى بوش ئىكەنتۇق. مەن فاكۇلتىت مۇدىرىغا ئېيتىپ ئىككى بۇلۇڭدىكى ئىشخانىدىن بىرسىنى ماڭا بىرىسىلەر، بولمىسا باشقا بىنادىن ئورۇن بېرىڭلار دەپ تەلەپ قىلدىم. ئۇ چەتتىكى چوڭ ئىشخانىدا ئۆزى ئولتۇرۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ماۋۇ ئىشخانىنى ماڭا بوشاتقۇزۇپ بەردى. ھېلىقى بوشىتىپ چىقىپ كەتكەن پېرافىسور ھازىرمۇ مېنى كۆرسە ھومېيىپ قارايدۇ. ئەمما مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كەتكەن بولسام پۈتۈن بىر قەۋەتنىڭ ھەممىنى ماڭا بەرگەن بولاتتى. شۇڭا مەنچە بۇ بەك كۆپ سورىغانلىق ئەمەس، دەپ چۈشەندۈردى شۆھرەتكام.

دېمىسىمۇ شۆھرەتكامدەك ئالىملارنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مەكتەپ قانچە قىلسىمۇ ئەرزىيىتتى.

شۆھرەتكامنىڭ بۇ مەكتەپ رايونىدىكى تەجىرىبخانىسى ھازىر يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان نۇرغۇن تەجىرىبخانىلارغا ئوخشاش ناھايتى چوڭ، تەخمىنەن 30 چە كارىدوردىن تۈزۈلگەن بىر يوغان زالدەك تەجىرىبخانىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ چوڭ تەجىرىبخانىنى ئۇ باشقا كۆپلىگەن تەجىرىبخانىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىدىغان ئىشكەن. باشقا تەجىرىبخانىلارغا 2-3 كارىدورلۇق ئورۇن بۆلۈپ بېرىلگەن بولسا، شۆھرەتكامغا چوڭراق بىر بۆلىكى بېرىلگەن بولۇپ، شۆھرەتكامنىڭ دېيىشىچە ئۇ لازىم بولغان بوشلۇقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىۋىتىپتۇ. بۇ بىنانىڭ ئاستىدىلا ئۇنىۋېرىست دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى ئورۇنلاشقان بولغاچقا، شۆھرەتكامنىڭ كىلىنىكىلىق خادىملار بىلەن ھەمكارلىشىش زۆرۈر بولغان تەتقىقات تۈرلىرى ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق ئىكەن.  شۇغىنىسى، بۇ تەجىرىبخانا ئۈچۈن ئۇ ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ھازىرچە ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ يېرىمى بۇ يەردە بولسىمۇ، ئەمما ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم پرىماتلار مەركىزىدىكى تەجىرىبخانىغا بىرىشىغا توغرا كىلىدىكەن. مۇنداق بولغاندا، ھەر قېتىم بىرىپ كىلىش ئۈچۈنلا بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئىككى تەجىرىبخانىدا ئارىسىدا قاتناپ ئىشلەۋاتقانلارغا بەكمۇ قولايسىز بولۇپ قاپتۇ. شۆھرەتكام ئۆزىمۇ ھەپتىنىڭ يېرىمىدا ئۇ تەرەپتە، قالغان يېرىمىدا بۇ يېڭى ئىشخانىسغا كىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە شۆھرەتكام پرىماتلار مەركىزىدىكى بارلىق تەجىرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى دىگۈدەك بۇ ياققا يۆتكەپ كىلىپ پەقەت مۇشۇ يەردىكى تەجىرىبخانىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ. بۇ تەجىرىبىخانىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئۇ بىزگە ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان قېيىنچىلىقلار ۋە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئويلىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ بىلىمنى ۋە بىلىملىكلەرنى ئەڭ چوڭ بىلىدىغان بۇ دۆلەتتە، ئۇ دۇچ كىلىۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ پەقەت مەزگىلللىك ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىكەن. شۆھرەتكامنى ھازىرقى مەكتىپى تۇتۇپ قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاپ بىرىش شەرتلىرى بىلەن ئۇنى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە مەكتەپتىن كەتمەسلىككە تەسلىكتە كۆندۈرۈپتۇ. مەكتەپ مەخسۇس ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدىن ئورىگون شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقلىرىدىن تارتىپ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بايلارغىچە ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى مەكتەپنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەم ئاساسلىقى شۆھرەتكامنى ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ ئۆز تەتقىقاتىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا شۆھرەتكام ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشتا ياردەمگە ئېرىىشىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدىكەن. ئامېرىكىدا نۇرغۇن بايلار ۋەسىيەتنامىسى ئارقىلىق ياكى ئۆلۈشتىن بۇرۇن مەبلىغىنى ئۆزى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئائىلە ئەزالىرى گىرىپتار بولغان مەلۇم كېسەللەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا سەرىپ قىلىش يولى بىلەن ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى مەبلەغ بىلەن قوللاپ مەلۇم ساھەدە تېزراق يېڭىلىق يارىتىلىشىنى ۋە كېسەللەرگە داۋا تىپىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ ئىش ناھايتى ئومۇملاشقان بولۇپ، مەن بۇنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان بۇرۇن ئوقۇغان ئۇنىۋېرسىت ۋە ھازىر ئىشلەۋاتقان تەتقىقات مەركەزلىرىدىمۇ دائىم ئۇچرىتىپ تۇردۇم. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى يىتەكچى پرافىسورۇم 1985-يىلىلا پرافىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىشقەدەم ئالىملار ئۆزلىرى يىتەلەيدىغان پرافىسورلۇقتىن ئىبارەت ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى داۋاملىق تېرىشچانلىق بىلەن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان يەنە بىر نەرسە - دەل شەخىسلەر مەبلەغ سالغان مەخسۇس بىر ساھەدىكى تەتقىقاتقا ھاياتىنى بېغىشلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر شەخىس نامى بىلەن ئاتالغان «مەخسۇس ئورۇن، Endowed Chair" غا ئېرىشىش بولۇپ، بۇ ئۇلارغا ئۇنۋېرسىتتىكى مۇئاشىدىن باشقا كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان شەكىل ئىكەن. ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق پرافىسورلار ئۆز ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقاندىن كىيىن مۇشۇ خىل شەكىلدىكى شەخىسلەر مەبلەغ سالغان تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەنمۇ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كىلىۋىتىپتۇ. شەخىسلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن بىلەن ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرى زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ خىل ئەۋزەل ۋە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىقا كىلىشى ئەلۋەتتە ئامېرىكا جەمئىيتىدە كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى چۈشىنىشىگە قولاي شارائىتلار يارىتىپ بىرىلگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلارنى يىقىنىدىن چۈشىنىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئالىملارنىڭمۇ ئاددى خەلق بىلەن قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىدىكى ئىلگىرلەشلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە ئورتاقلىشىپ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. ئاددىيسى، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان ئىشخانامنىڭ نامىمۇ بىر ئۆلۈپ كەتكەن ئەر-ئايالنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ شۇ ئىشخانىنى ياساشقا ئۇلارنىڭ مەبلەغ سالغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. تەتقىقات مەركىزىمىز (تېكساس بىئو-مىدىتسىنا تەتقىقات ئېنىستىتۇتى) دىكى ھەر بىر بىنانىڭ نامى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىسملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ ھەممىسى پۈتۈنلەي شەخىسلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرست، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان بىنا، ئىشخانا، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ساناپ بولغۇسىز دەرىجىدە كۆپلۈكىدىنمۇ مۇشۇنداق تەتقىقات ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ۋە ئۆز نامىنىڭ شۇ شەكلىدە داۋاملىق ياد ئېتىلىشىىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىشمۇ بەكلا ئومۇملاشقان بولۇپ، يېنىدىن يىلىغا كەمىدە نەچچە يۈز دوللاردىن يۇقىرىسى نەچچە يۈزمىڭ دوللارغىچە مەبلەغ چىقىرىپ تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنى تەسىس قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ ناھايتى نۇرغۇن. دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنىڭ 3-يىلى 5-ئاي مەزگىللىرى ئىدى، فاكۇلتىت ئەۋەتكەن «يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى»غا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋىلىپ ناھايتى ھەيران قالدىم. ئۇلار مېنىڭ قاتنىشىشقا ۋاقتىم بار-يوقلۇقىنى ۋە قانداق تاماقلارنى يېيىشنى خالايدىغانلىقىمنى سوراپتۇ. مەن شۇ ۋاقىتتا  ئاندىن ئۆزۈمنىڭ «كېرچېر خەلىقئارالىق ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلىدىم. بۇ مۇكاپات پەقەت مەن ئوقۇغان مەكتەپتىكى چەتئەلدىن (ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا بىرىلمەيدۇ) كەلگەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، ئەسلىدە قىزىم ئەمدىلا تۇغۇلۇپ مەن مەكتەپتىن ئىككى ھەپتىلىك رۇخسەت سورىغان مەزگىلدە يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەيلا شەخسىي تەرجىمھالىمنى ئەۋەتىپ بىرىشىمنى سورىغان ئىدى، مەن ئانچە ئېرەن قىلماستىن بىرەر ئىشقا لازىم بولغاندۇ، دەپ ئويلاپ ئەۋەتىپ بىرىپتىمەن. كىيىن ئۇقسام ئۇ مېنىڭ ئۆيدە يېڭى تۇغۇلغان بالام ۋە ئايالىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىلەن ناھايتى ئالدىراشلىقىمنى بىلگەچ ئالايىتەن ئۆزى ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا ۋاكالىتەن شۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ قويغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ دىگەن ۋاقىتتا بارسام بىر زىياپەت زالىدا كاتتا بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈۋىتىپتۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورنى بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەن ئورنۇمنى تاپسام ماڭا بەرگەن مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان 75 ياشلار ئەپچۆرىسىدىكى كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئەر-ئايال كېرچىرلار ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇن ئىكەن. دوكتۇر جىم كېرچىر ئەسلىدە مەكتىپىمزدىن پېنسىيەگە چىققان پرافېسور بولۇپ، ئۇ ئايالى لىندا كېرچىرنى ماڭا تونۇشتۇردى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ گەرچە سوممىسى ئاز بولسىمۇ (500 دوللار) ئۆز ۋاقتىدا لىندا خانىم روسىيەدىن ئامېرىكىغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇغىلى كەلگەندە باشتىن كەچۈرگەن قېينچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ چەتئەلدىن ئامېرىكىغا كىلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دۇچ كىلىدىغان قيىنچىلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزسىدىن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار مېنىڭ تەرجىمھالىمنى كۆرۈپ كۆپلىگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدىن ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ قاراپ مېنى تاللىغانلىقىنى ۋە مەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا قىلغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ ئۈلگۈردى. لىندا خانىم ناھايتى ئەستائىدىللىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا قانداق قېينچىلقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. بۇ پائالىيەتتە مەن ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۈم ۋە ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىپ مەنمۇ ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. سەھنىدە ماڭا تەقدىرنامە تارقىتىپ بىرىلگەندە بۇ ئىككەيلەنمۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى ۋە ھەممەيلەننىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە لىندا خانىم كۆزىگە ياش ئالدى. بۇ يىغىندا مۇشۇنداق مۇكاپات تارقاتقان كىشىلەردىن ئاز دىگەندە 300 دىن ئارتۇق كىشى كەلگەن بولۇپ، بۇنداق يىغىنلار ئامېرىكىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ ھەممىسىدە يۈز بىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم. دىمەكچى بولغىنىم، ئامېرىكىدا بۇ ئاللىقاچان جەمئىيەتتە رەسمىي بىر مەدەنيەت ھادېسىسى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بىر ئىش بولۇپ، ئاللىقاچان ھەممە جاي، ھەممە كەسىپ-ساھەلەرگىچە ئومۇملاشقان. ئەلۋەتتە قىزىقارلىق ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلايدىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۆھرەتكام كۈلۈپ تۇرۇپ بىزگە دەل شۇنداق مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بەردى. ئورىگون شىتاتىدىكى بىر داڭلىق باينىڭ ئايالى ئات بىقىشنى ۋە ئات مېنىشنى ناھايتى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھازىر ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەسىللىك ئېتىدىن غول ھۆجەيرىنى ئايرىپ ئىلىپ ساقلاپ قويۇپ، كەلگۈسىدە بۇ ئات ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ غول ھۆجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئاتنى كلونلىماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاتلىرىغا قارايدىغان شۆھرەتكام بىر مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بىر مال دوختۇرى ئايالدىن شۆھرەتكامنىڭ كلون تېخنىكىسىنى پىشۋاسى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بۇ ئىشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتماقچى بوپتۇ. شۆھرەتكام ئاتنى كلونلاشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەگەر ئۇ باي ئايال ئۆزىنىڭ ئىنسان غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتى ئۈچۈن بەلگىلىك قوشۇمچە مەبلەغ ئىئانە قىلىشنى خالىسا ئاندىن بۇ ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ئۇ قاتناشماقچى بولغان يىغىننىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ شۆھرەتكامنىڭ ئۆز ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مەسىلە ھەل قىلىشقىمۇ خىلى ئېپى بارلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا يەنىمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئەگەر ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىمۇ شارائىتى بارلار مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تەتقىقات ئىشلىرى ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئالىملارنى قوللاشقا مەبلەغ ئاجراتقان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە!

بىز ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تاغ ئۈستىگە جايلاشقان مەكتەپ ھويلىسىنى كۆرۈپ قايتىشقا تەمشىلىپ شۆھرەتكامنىڭ بۇ ئېسىل ئىشخانىسىدىن چىقتۇق. مەكتەپنىڭ ئاساسلىق دوختۇرخانىلىرى ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاغنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولغاچقا بۇ تەرەپتىكى بىنالاردا ئىشلەۋاتقانلار ۋە بىمارلار ئۈچۈن مېڭىپ ئۈستىگە چىقىپ بولۇش ناھايتى قولايسىز ئىكەن. يېقىندا مەكتەپ نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ تۆۋەن بىلەن يۇقىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر « ساغادا، sky-tran» ياساتقان ئىكەن. ئۇلار سالغان مەبلىغىنى ئازراق بولسىمۇ قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن بۇ ساغادىنى بىر تەرەپتىن قاتناش قورالى قىلىپ ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلغۇچىلاردىن ھەق ئىلىپ توشۇشنى يولغا قويۇپتۇ. بۇ 50 چە ئادەم سېغىدىغان كىچىكرەك پويىزنىڭ ۋاگونىدەك كۆرۈنىدىغان ساغادا ئۈچۈن مەكتەپ خىزمەتچىلىرى ۋە بىمارلاردىن باشقىلار 4 دوللارغا بېلەت ئىلىپ ئاندىن چىقىقىلى بولىدىكەن. گەرچە بۇ كۆپ پۇل بولمىسىمۇ شۆھرەتكامنىڭ ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي بىزگە بېلەت ئىلىپ بىرىشىدىن سۆيۈنۈپ قالدۇق چۈنكى ئۇيغۇردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدا پۇل تۆلەشنى تالاشقان كۆرۈنۈشىنى ئاساسەن ئۇچراتمايسىز. بۇ ساغادا بىزنى نەق ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا كەلگەندە بىر سېلىكىۋىدى، يولۇچىلار ئىچىدىكى بالىلار چۇقىرىشىپ كەتتى ۋە يەنە شۇنداق سېلىكىىشىنى ئۈمىد قىلىپ قايتىدىن چىقىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىشتى. بىز ئۈستىگە چىقىپ پورتلاند شەھرىنىڭ گۈزەل مەنزىسىنى تاماشا قىلىش سۇپىسى قۇرالغان دوختۇرخانا بىناسىنىڭ كەڭرى بالكونىغا چىقىپ بىر نەچچە پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق. مەكتەپنى بىر قۇر تاماشا قىلغاندىن كىيىن شۆھرەتكام بىزنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تاماقخانىسىغا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، تاشپولاتكام ئىككەيلەنگە بۇ تەكلىپ ئوبدانلا خوشياقتى. تاماق يىگەچ شۆھرەتكامنىڭ روسىيە توغرىسىدىكى قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە تاشپولاتكام ياپونيەدە كۆرگەن مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىچە ئىشلارنى ئاڭلاپ ناھايتى زوق-شوخ بىلەن پاراڭغا چۈشتۇق.


شۆھرەتكام ئۆيگە قايتىش يولىدا كېتىۋىتىپ بىزگە ئۆزىنىڭ ئورىگون شىتاتىدىن باشقا ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتى قانۇنلۇق بولغان بىردىبىر شىتات - نىيۇيورك شىتاتىدىكى ئالىملار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ پات ئارىدا نىيۇيورك شەھرىدىكى دۇنياغا ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ بىرى بولغان كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىدا لىكسىيە سۆزلەشكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ۋە شۇ يەردىكى بىر نەچچە تەجىرىبخانا بىلەن ھازىردىن باشلاپ ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئۆزى ئايرىپ ئالغان ئىنسان غول ھۆجەيرىلىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئايدا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ كولۇمبىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئىنسان غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناق قىلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كولۇمبىيەنى بەكلا ياقتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەچ ئالدىنقى كۈنى كەچتە مەن خىزمەت تەكلىپىنى رەت قىلغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىدىكى تەجىرىبخانا توغۇرلۇق سوراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ئۇ داڭلىق تەجرىبخانىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرگەچ نىيۇيورك شەھرىدىكى باشقا جايلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەر ئۈستىدە پاراڭ سېلىشىپ كەچ كىرمەيلا ئۆيگىمۇ كەپ قالغان ئىدۇق. بۇ كۈنى كەچ ئامېرىكىغا كىلىپ ئىچكەن ئەڭ تەملىك ئۈگرىگە ئېغىز تەگدۇق. گۈلنۇر ھەدەمنىڭ بۇ ئۈگرىسى تاشپولاتكامغىمۇ ئالاھىدە تېتىپ كەتكەن ئىدى. بىز بىر تەرەپتىن گۈلنۇر ھەدەمنىڭ ھۈنىرىنى ماختىغاچ كۆرمىدىم دەپ ئولتۇرۇپ ئىككى قاچىدىن ئۈگرىنى سوقۇۋەتكەندىن كىيىن شۆھرەتكام بىلەن ئىشلىمەكچى بولغان قىسقا زىيارەت فىلىمىنى ئىشلىۋىتىشنى سورىساق، ئۇ ئەتىسى ئەتتىگەندە قىلىشىمىزنى ئېيتىپ بىزنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىللە كىنو كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

شۇنداق، ئالىملارمۇ بەزىدە كىنو كۆرۈپ قويىدۇ چۈنكى ئۇلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئىلىشقا ھەقلىق. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زادى قانداق ئادەمنى ئالىم دىيىش كىرەكلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى كەمچىل بولغانلىقتىنمۇ ئالىم دىسە ھىچ ئىش قىلماي تەجىرىبخانىدا، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئادەملەرنىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمەليەتتە ھەممىنى ئۇنتۇپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنى بىلگەن كۆپىنچە كىشىلەر، نۆۋىتى كەلسە ھەممىنى ئۇنتۇپ دەمئىلىشنى ۋە تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئىلىشنىمۇ بىلىدۇ. شۆھرەتكامغا نېسبەتەن ئۇنىڭ ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئىلىش پۇرسىتى يىلدا شۇ بىر-ئىككى نۆۋەت كىلىدىغان بولغاچقا، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەلۋەتتە يەردە قويماي دېگىنى بويىچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېسىل بىر مەيدان كىنو كۆردۇق. كىنودىن كىيىن ئانچە بەك كېچە بولۇپ كەتمىگەچ بىز يەنە سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

-شۆھرەتكا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش ھاياتىڭىز ئۈستىدە سۆزلەپ بىرىڭە؟ مېنىڭ سىزنىڭ قانداق قىلىپ روسىيەدە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى، دەپ سورىدىم قىزىقىپ.  

كىم بىلسۇن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بەكمۇ قىزىقارلىق، ئۇزۇن ۋە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر جاۋاب بولدى. شۆھرەتكامنىڭ بۇ ھېكاىلىرىنى قانچىلىك ئادەم بىلىدىكىن بىلمەيمەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن زور نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم. مەن بايا ماشىنىدا كەلگۈچە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىدىكى خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمگە سەل پۇشايمان قىلغان بىلەن ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاپ ئۆز قارارىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ زور ئىشەنچ قىلىپلا قالماي، ئۆز يولۇمدا توختىماي تېرىشىشىمنىڭ چوقۇم بىر ياخشى نەتىجىگە باشلايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.


شۆھرەتكام قىززىق چاينى ئوتلىغاچ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بىزنى كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ سوئالىمغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى:

-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتىدا روسچە مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئوغۇللار چوقۇم ھەربىي ۋەزىپە ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار مېنى ھازىرقى ئوكرائىناغا يېقىن بىر يەردىكى سوۋېتىنىڭ بومبا بازىسىغا ئىلىپ بېرىشتى. تۇنجى كۈنى بىر ئېگىز كوماندېر يېڭى كەلگەنلەرنى ۋەزىپىگە بولدى. ئۇ چاغلاردا مېنى كىچىككىنە جۇغۇم بىلەن ئاپتومات كۆتۈرۈپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلالايدۇ دەمسىلەر؟ (ھاھاھاھ...) كوماندىر ماڭا بىر قارىۋېتىپ: «سەن نېمە ئىش قىلالايسەن؟» دەپلا سورىدى. بۇرۇن رادىئولارنى بۇزۇپ ئوڭشاشقا بەك قىزىقاتتىم ۋە ئازراق رادىئودا سىگناللارنى . «رادىئودا سېگناللاشنى ئازراق بىلىمەن»  دەپ جاۋاب بەردىم، مەن. شۇنداق قىلىپ مەن ۋە بىللە كەلگەن بىر نەچچەيلەننى ئۇلار رادىئو سېگناللىرى ئارقىلىق كەلگەن ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلىشتا بىر ئايدەك تەربىيىلىدى. «تۇت، تۇتۇتۇت، تۇتۇت، تۇت تۇت....» دەپ ئاۋاز كەلسە بىز شۇ ئاۋازدىكى پەرقكە ئاساسەن كەلگەن ئۇچۇرنى ئاڭلاپ يېزىپ دەرھال كوماندېرغا خەۋەر قىلاتتۇق. ئۇ چاغلاردا سوۋېت ئارمىيىسى توختىماي مانېۋىر ئۆتكۈزەتتى ھەم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئارميىلىرى بازىمىزنى بىلىپ قالسىلا پاچاقلاپ تاشلايدۇ، دەپ بىزنى قورقۇتاتتى. بۇ بىر ناھايىتى مەخپىي بازا بولغاچقا، بىز تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئورمانلىقنىڭ ئىچىلىرىدە بازىمىزنى نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلارغا، باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلەتتى. ئەس-خىيالىمىز بازىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا جېنىمىز ئامان قالارمۇ دەپ ئەنسىرەش بىلەن ئۆتەتتى. تەسادىپىي بىر كېچىلەردە يۇقىرىدىن بۇيرۇق كېلىپ باشقا جايغا كۆچۈپ يېڭى بازا قۇرۇشىمىز ئۇقتۇرۇلاتتى. ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن كېچىلىرى ۋە ئادەم ئۆتمەيدىغان كىچىك يوللاردىن، قاپقاراڭغۇ ئورمانلاردىن كېسىپ ئۆتەتتۇق. پەقەت كوماندىر توختاڭلار دېگەن ئورۇندا توختىغاندىن باشقا قەيەرگە بېرىپ قاچان توختايدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەيتتۇق. شۇنداقتىمۇ بىز ئۆزىمىزنى تېخى تەلەيلىك چاغلايتتۇق چۈنكى ھېچ بولمىغاندا كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەتتۇق. مەھەللىمىزدىن بىر قىسىم بالىلارنى تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرىدا ئىشلەشكە تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ بىچارىلەر بىر كەتسە دېڭىز ئاستىدىن بىر قېتىممۇ چىقماي كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەي ئىككى يىلنى توشتۇرۇپ قايتىپ كېلەتتى... ئۇلارنىڭ گەرچە ھاياتى بىزدەك خەۋپ ئىچىدە ئۆتىمىسىمۇ، ئەمما مەن ھەرگىز دېڭىز ئارمىيسىگە بېرىشقا رازى ئەمەس ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بىر يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپ بولغاندا ئۇلار بىزنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا تىزىملىتىڭلار مۇكاپات بىلەن ئوقۇيسىلەر دەپ ئېمتىھان ئالدى. بۇ ئېمتىھان ھەربىيلەردىن ئالىدىغان ئېمتىھان بولغاچقا ئادەتتىكىدىن كۆپ ئاسان ئىدى، مەن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتتۈم. قازاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن موسكۋادىكى ئاكادىميەگە ئوقۇشقا تىزىملاتسام، بىرىنچى بولۇپ موسكۋادىن چاقىرىق كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بازىدىن ئۆيگىمۇ قايتماي ئۇدۇللا موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا چۈشتۈم. بىر يىلدىن كېيىن سىڭلىم مايسەم ئۆزى ئېمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەن بىلەن ئوخشاش مەكتەپتە بىئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئىككىلىمىز بەك تېرىشىپ ئوقۇدۇق. ئوقۇش جەريانىدا پەقەت بىر قېتىم پويىزدا بىر ھەپتىدەك ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتۇق. بىزگە مۇكاپات پۇلى ۋە نۇرغۇن تاماق بېلەتلىرىنى بېرەتتى. بىز بۇلارنى يېغىپ خەت سالغاچ مومامغا ئەۋەتەتتۇق. مەن شۇ مومامنىڭ قولىدا ئۆسكەن. بوۋام ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەربىيگە تۇتۇلۇپ ھېچ خەۋەر كەلمەي، كېيىن ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئۇقتۇرۇپتىمىش. مومام ئۇنىڭ قەيەردە ئۆلگىنىنىمۇ بىلمەيتتى. ئاخىرىدا مەن موسكىۋادىكى ئاكادىميەدە ئاسپىرانتلىققا چۈشتۈم. ئۇ ۋاقىتلاردا روسىيەدە پەقەت ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغىلا مەبلەغ سالاتتى. مېنىڭ يىتەكچى پرافىسورۇمنىڭ ئۇستازى ئۆز ۋاقتىدا سوۋېتنىڭ يادرو بومبىسى ياسالغاندا تۇنجى بولۇپ يادرو بومبىسىدىن كىلىدىغان رادىئاتسىيەنىڭ جانلىقلارغا ناھايتى زېيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنسان گېنلىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان داڭلىق بىر ئالىم ئىكەنتۇق. ئۇنىڭ تەتقىقاتى سوۋېت ھەربىيلىرىگە ياقمىغاچقا ئۇنى سىبىرىيەگە پالاپتىكەن. مېنىڭ ئۇستازىم سىبىرىيەدە تۈرمىدە ياتقاچ ئۇ كىشىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن ئىكەن. ئۇ قانداق قىلىپ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ رادىئاكسىيە تەسىرى بىلەن زېيانغا ئۇچراپ كېيىنكى ئەۋلادقىمۇ ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا بىز ئالدى بىلەن كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۆرەلمىدە قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدۇق، شۇڭا تەبئىيلا ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە غول ئىپتىدائىي كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى بىلگەندىن كىيىن ئاندىن مەن غول ھۈجەيرە دىگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلىغان ۋە ناھايتى بەك قىزىقىپ قالغان ئىدىم. شۇ قىزىقىشىم بويىچە تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۋالدىم. روسىيە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاي ئەمەس، ئۇلار ئۇرۇش قىلىش ۋە ھاراق ئىچىشنى ئەڭ چوڭ بىلىدۇ. شۇڭا روسىيەدىن كېتىشنى پىلان قىلىپ دەسلەپ گېرمانىيەگە باردىم، دە - دەرھال ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتلارغا پوستدوكتۇرلۇققا خىزمەت ئىلتىماسى سۇندۇم. گەرچ ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنگىلىزچىنى تۈزۈك بىلمىسەممۇ ياخشى ماقالىلەرنى چىقارغان بولغاچقا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىدىن مېنى خىزمەتكە قوبۇل قىلدى. گېرمانيەدە 9 ئاي تۇرۇپلا ئامېرىكىغا يېنىپ كەلدىم. شۇ قىزىقىشىمنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەر چىقتى. ئامېرىكىغا كەلمىگەن بولسام، بەلكىم ئۆزۈم ئويلىغان ئىشلارنى قىلالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.

شۆھرەتكام پات-پات چاي ئىچىۋىلىپ داۋاملاشتۇرۋاتقان ھېكايسىنىڭ ئارىسىغا ئانچە-مۇنچە سۆز قىستۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاشپولاتكام ئىككىمىز ئۇنىڭ بۇ قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدۇق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «تۇت تۇتۇتۇت تۇ تۇت...» دىگەن گەپلىرى ماڭا ناھايتى قىززىق تۇيۇلۇپ كەتكەچكىمۇ زادى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، شۆھرەتكامنىڭ ئۆز قىزىقىشىدىن ۋاز كەچمەي بىر ساھەگە شۇڭغۇپ كىرىپ تەتقىقاتىنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۇنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. مېنىڭ تونۇشلىرىم ئىچىدىمۇ روسىيەگە ئوقۇشقا چىققانلار بولغاچقا، شۆھرەتكامدىن سورىدىم:

-شۆھرەتكا، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار روسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋاقتىدا روسىيەدە ئوقۇغان ئىكەنسىز، سىزچە روسىيەنىڭ ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالى قانداقراق؟

-ئۇيغۇر بالىلار نېمىمۇ قىلار شۇ روسىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ.. رۇسلار ئىلىم-پەنگە مەبلەغ سالمايدۇ، ئۇلار ھازىرمۇ 60-70-يىللاردا قالغان شۇ تېخنىكىلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئاۋارە. ھازىر روسىيە ئىلىم-پەندە بەكلا دۇنيانىڭ ئارقىدا قالدى، بولۇپمۇ تەبئىي پەن ئوقۇيدىغانلار روسىيىگە چىقسا ، ئۇ يەردە كۆپ نەرسە ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ئەسلى ئامال بار تېرىشىپ مائارىپى ياخشى دۆلەتلەردە كۆپرەك ئوقۇسا ياخشى ئىدى، دەپ ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى بىلدۈردى.

مۇشۇ پاراڭنىڭ ئارىلىقىدا گۈلنۇر ھەدەم سۆز قوشتى:

-ھازىر روسلار بەكلا مىللەتچى بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ، بىز ئوقۇغاندا ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس ئىدى. قازاقىستاندىكى جىيەن ئوغلۇم قاچان ئۇنىۋېرستقا بارارمەن دەپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ يىل موسكۋاغا ئوقۇشقا بارغان ئىدى. دەسلەپ تېلېفۇن ئۇرسام ئۇ ناھايىتى ھاياجان، بەكلا خۇشال ئىدى. يېقىندا كۆرۈشسەم بەكلا جىمغۇرلىشىپ كېتىپتۇ. سورىسام، روس ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەر ئىشقىلىپ روستىن باشقا مىللەتلەرنى ھاقارەت قىلىدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭ ئالدىدىلا دەۋىرىدىكەن. نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر يەردە تۇرۇشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ياتاققا سولىنىۋىلىپ ھەپتە ئاخىرلىرىنىمۇ ئۆزى يالغۇز ئۆتكۈزىدىكەن. شۇڭا، ئەمدى دەسلەپكى ھاياجىنىمۇ يوق، قازاقىستانغا كېتەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، دەيدۇ.

دېمىسىمۇ، مەيلى قەيەر بولسۇن، چەتئەلدە ئوقۇش ئىلىپ كىلىدىغان نۇرغۇن بېسىملارنى ئويلىغاندا ئوقۇغاندىكىن مائارىپى ياخشى دۆلەتلەردە ئوقۇسا تېخىمۇ تارتقان جاپاغا چۇشلۇق ئىش بولغان بولاتتى. بۇ كۈنىمۇ تۈگىمەس پاراڭلىرىمىز بىلەن خىلى كېچىنى قىلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە شۆھرەتكامنى بىلەن بولغان پارىڭىمىزدىن ئازراق سىنغا ئىلىشنى مەسلېھەت قىلىپ ئەھمىيەتلىك بىر كۈننى ئاخىرلاشتۇرغان بولدۇق.

دەنۋېردىكى مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ يادىمغا ئالغان پورتلانددىكى ئەسلىمىلىرىممۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. مەن ئەتىسى ئەتىگەندە دەنۋېردىن يولغا چىقىپ سان ئانتىيوغا سالامەت قايتىپ كىلىۋالدىم. سەپىرىمىزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە شۆھرەتكام بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا سۆھبىتىمىزنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. http://bbs.izdinix.com/thread-56528-1-1.html بۇ كۈندىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى شۆھرەتكامنىڭ بىزنى ئالاھىدە ئايرودرۇمغا ئۇزىتىپ چىقىپ قاتاردا بىللە ساقلاپ تىپىك ئۇيغۇرغا خاس مېھماندوستلۇقىنى كۆرسەتكىنى بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئالتە يىل ئاۋۋال قەشقەردىن ئىلىپ كەلگەن گىلەمنىڭ ھېكايىسى بولدى. شۆھرەتكام 2008-يىلى قەشقەرگە بارغىنىدا قەشقەردىكى ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان دوستلار شۆھرەتكامنىڭ زىرىگە ئامراقلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا زېرىنىڭ ئەڭ پۇراقلىقىنى ئىلىپ سوۋغا قىلماقچى بولۇشۇپ نەچچە ئون زېرە ساتقۇچىنىڭ زىرىسىنى پۇراپ تاللىغان ئەڭ پۇراقلىق زېرىدىن بىر كىلو يوللۇق تۇتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ ئويلىمايلا قەشقەردىن ئالغان گىلەمنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەمما زېرە سالغان خالتا تېشىلىپ كەتكەچكىمۇ زىرە پۈتۈنلەي گېلەمنىڭ ئۈستىگە چېچىلىپ كەتكەچ گېلەمنى ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە ئاسقان كۈندىن باشلاپ ئۇدا ئىككى-ئۈچ يىلغىچە بۇ گېلەمدىن زېرىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى كەتمەپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ زېرىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ كۈندە قەشقەرگە بارغاندەك بوپتۇ، ئەمما بىز بارغاندا زېرىنىڭ پۇرىقى قالمىغان ئىكەن. ئۇ چاقچاق قىلىپ بۇدا بارغاندا قەشقەردىن يەنە ئازراق زىرە ئىلىپ كەلمىسەم بولمىدى دېگىنىدە، يۈرىكىمدە سېزىلگەن ئىللىق ۋەتەن سۆيگۈسى مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ...

ئويلىسام بۇ قېتىملىق پورتلانددىكى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشتا شۆھرەتكام ۋە تاشپولاتكاملاردىن ئۆگەنگىنىم كۆپ بوپتۇ، يازغانلىرىمنى قايتا ئوقۇپ باقسام، بىلگەنلىرىم، ھېس-قىلغانلىرىمنىڭ يېرىمىنى ئاران يەتكۈزەلىگەندەك قىلىمەن. بارچە ئويلىغانلىرىمنى بەلكىم بىر نەچچە جۈملە ياكى بىر ئابزاسقا يېغىشىم مۇمكىن ئىدى، ئەمما بۇ ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى يازمام ئارقىلىق كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئالىملىرىمىزنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، ئويلىرى، تەتقىقاتلىرىدىكى ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى ئەمەلىي كۆرگەنلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى يازما يېزىپ چىقىپ سۇندۇم. گەرچە ئوقۇرمەنلەر مەن ئويلىغاندەك ئاكتىپ مۇلاھىزە ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھايات ئالدىراشچىلققا تولغان مۇشۇ كۈنلەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يازمامغا بولغان قىزىقىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ داۋامىغا بولغان تەشنالىقىنى ئاڭلاپ تۇرمىغان بولسام بەلكىم مۇشۇنچىلىكمۇ يېزىپ چىقالمىغان بولاتتىم. شۇ ۋەجىدىن بۇ يازمامدىكى ئىنكاس قالدۇرغان بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن. مۇشۇ يەردە، بۇ سەپەرنى پىلانلىغان تاشپولاتكامغا ۋە بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالغان شۆھرەتكام ئائىلىسىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىپ بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
تامام.

بىلگەجان (تېكساس، ئامېرىكا)
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى



ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماقالىنىڭ مەرھۇم يوليار (ئابلەت) ئاكا ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىگەن نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋالالايسىز:
http://good.gd/3084533.htm
http://good.gd/3084535.htm



مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:





























bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 06:57:31

بۇ يازما مەن ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان   ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر ناملىق قىسملىق چاتما ماقالىلىرىمنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، بۆلەككە بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان پەيىتتە، مەن بۇ ماقالەمنى توپلاپ ئايرىم ئېلان قىلىپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئوقۇمىغانلارنىڭ بىر ئوقۇپ قويۇشىنى، ئوقۇپ بولغانلارنىڭ قايتا ئوقۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

                                          

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 09:28:18

بۇ ماقالىنىڭ مەرھۇم يوليار (ئابلەت) ئاكا ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىگەن نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋالالايسىز:
http://good.gd/3084533.htm
http://good.gd/3084535.htm

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:25:31

رەھمەت بىلىمجان ئەپەندىم، ئاشۇنچە كۆپ خەت بېسىشقا نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزمىزنىڭ قولى پايىلىمايدۇ.

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:37:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان .يازمىڭىزنى قايتا ئۇقۇپ يېڭىدىن ئۇقۇغاندەك تەسىراتقا كەلدىم.شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە بارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،تەتقىقاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن .بۇ يازمىنى يازغىلىمۇ بىريىل بوپتۇ .بۇ بىر يىل جەريانىدا پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىدا قانداق ئىلگىرلەشلەر بولدى،ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن بولغان سۆھبەتلەر قانداقراق كېتىپ بارىدۇ؟دىگەندەك مەسىللەرنىڭ ئەڭ يىڭى ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:14:49

تامان ئوقۇپ چىقىپتىمەن. ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شۇنچە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باشتىن ئاخىر ئۈمىدۋار بولۇۋاتقانلى بولدى.
بىلگەجان ئالدىنقى بىر قانچە ماقالىڭىزدە ئامېرىكانلارنىڭ نېمە يېسە شۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى ھېسابلاپ ئىستېما مىلىدىغىنىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپتىكەنسىز، شۇ چاغدا كاللامدا بىز يەۋاتقان تائاملارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچىلىكتۇ دېەەنلەر كەچتى. لېكىن بىزنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمىز ئاۋۇ ئامېرىكانلاردىن جىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز. ۋىندوۋس10 نىڭ تاماق ئەپىدىمۇ ھەر كۈنلۈك تائام ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىسسىقلىق كالورىيەسىنى خاتىرىلەپ ئاخىرىدا سالامەتلىككە تەخمىنىي دىيگىنۇز قويىدىغان ئەپكەن؛ قىزىقىپ قالغانتىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:19:38

yasir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 10:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان .يازمىڭىزنى قايتا ئۇقۇپ  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۆھرەتكامنىڭ بۇ تېخنىكىسى ئەنگىلىيە نىيۇكەسېل ئۇنىۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئەنگىلىيەگە كىرگۈزۈلگەن، بۈگۈن بۇ تېخنىكا ئەنگىلىيەدە قانۇننىڭ ماقۇللىدىن ئۆتۈپتۇ، تېخى بايا شۇ توغرىدا خەۋەر بەردىم. ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى قاراپ چىقىپ ئېنىق قارار چىقارماي تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات زۆرۈر ئىكەن دېگەن ئىدى. بۇ يىل قايتا ئويلىشىدۇ. ئەگەر ئېنىق قارار چىقسا خەۋەر بېرىمەن.
http://bbs.izdinix.com/thread-62211-1-1.html

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:20:52

ئېلكىتاپ چۈشمىدى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:23:10

yehya1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 11:20 static/image/common/back.gif
ئېلكىتاپ چۈشمىدى

مەرھۇم يولياركام بىر مۇنچە ئەجىر قىلىپ ئىشلەپ يوللاپ قويۇپتىكەن، ئېسىت، ئۇ كېتىپ ئەمدى ئۇ ماتىرىياللارمۇ چۈشمەس بوپ قالغان ئوخشايدۇ... مەندە چۈشۈرۋالغان نۇسخىسى بار. ئېلخەت ئادېرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي.

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:24:19

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۆھرەتكامنىڭ بۇ تېخنىكىسى ئەنگىلىيە نىيۇكەسېل
يازمىنىڭ باشتىكىسىنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ ئاندىن كېيىنكىسىنى كۆرۈپتىمەن .رەھمەت .بىلىۋالدىم.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:30:13

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئەمەس، تۇرسۇنجان نۇر مۇھەممەد بىلگە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:34:39

Alif يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 11:30 static/image/common/back.gif
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئەمەس، تۇرسۇنجان نۇر مۇھەممە ...

رەھمەت. سىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ماتىرىيال بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز. مەن ئىملايىمنى توپتوغرا ئۆلچەم بويىچە يازاي دېگەن چۈنكى يېزىقىمىزنى بەكمۇ سۆيىمەن ھەم توغرا يازماسلىققا ھەددىم ئەمەس.

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:37:34

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 11:23 static/image/common/back.gif
مەرھۇم يولياركام بىر مۇنچە ئەجىر قىلىپ ئىشلەپ يوللاپ  ...

13070084513@163.com

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:38:43

yehya1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 11:37 static/image/common/back.gif


تەتۈر چىقىپ قاپتۇيا

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:53:09

رەھمەت سىزگە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:54:37

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىز مۇتەللىپ دادىسى بىلەن بىللە خەلىقئارالىق داڭلىق ژورنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىپتۇ. قارىغاندا بۇ قىزدىمۇ ئۈمىد زور ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كەلگۈسىدە دادسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىشىگە تىلەكداشمەن. :)

http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S1471491414002159

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:01:32

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-02-04 11:34:39 static/image/common/back.gif


رەھمەت. سىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئائىت م
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، يېقىندا ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئىملا قۇرالى ياساپ تارقاتقانىدى، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز…
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:
imla.uighursoft.com

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:13:49

بىلگەجاندىنمۇ شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىدەك ئېسىل نەتىجىلەر چىقىشىغا ئىشىنىمەن.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 19:31:39

مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزدىن قانچىلىك پەخىرلەنسەك ئەرزىيدۇ ، ئسىت ئوقۇيالماي قالغىنىم

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:04:18

ئسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان. ئامىركىلىقلار ئىچىدە 60-70 ياشلارغا كىرگەندە يەنە يىڭى بىركەسىپتە ئۇقۇپ يىڭى بىر كەسىپكە تۇتۇش قىلىدىغانلار بار ئوخشايدۇ.(توردىكى يازمىلاردىن چۈشىنىشىمچە .راست شۇنداق ياكى  ئەمەسلىكى شۇ يەردە ياشاۋاتقانلارغا تېخىمۇ ئايان).ئەمما رايۇنىمىزدا70 ياشقا كىرگەنلەرئىچىدە ئۈزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۈزى چىقالمايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. 40 ياشقا بارا -بامايلا  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا ئوخشاش كېسەللىكلىرى بىلەن ئۈلۈپ كېتىۋاتقانلاربارغانسىرى كۈپىيىۋاتىدۇ.نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىنىسى ،پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى    ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈلىمى ھەققىدىكى يازمىنى  ئۇقۇپ بىركىچە ئۇخلىمىغان ئىدىم .شۇ چاغدا مەن بۇ كىسەللىكنى ھەركەت ئاز كىشىلەردە كۆپ كۈرۈلسە كېرەك دىگەن تۇنۇشقا كەلگەن . بۇقېتىم بوكىس چولپىنى ئابدۇراخماننىڭ ئۈلىمىدىن كېيىن بۇ قاراشلىرىمدىنمۇ گۇمانلىنىشقا باشلىدىم
ئۇندىن باشقىمۇ ئۇيغۇرنىڭ نۇرغۇن كۆزگەكۈرۈنگەن كىشىللىرى بىزدىن ياپ –ياش ئايرىلىپ قالدى .بۇ تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
شۇڭا بىلگەجان ئىنىم(يېشىم سىزدىن چوڭ بولغاچقا ئىنىم دىدىم ،كۆڭلىڭىزگەكەلمەس دەپ ئويلايمەن) ،مۇمكىن بولسا ئامىركانلارنىڭ ساغلام ياشىيالىشىدىكى سەۋەپلەرنى،ساغلاملىق ئادەتلىرىنى بىزگەتۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز،ھەم ئەشۇھەقتىكى بىلىملەرنى  ئۇيغۇر يىمەك ئىچمىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ساغلام ياشاش رېتسىپى تۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز .كۆپ كىشىلەر مەنپەتلىنەر ئىدى دەپ ئويلايمەن . سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ شۇنچە قىسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . شۇڭا بۇنى پەقەت ئۇيغۇر جەمىيتى ئۈچۈن تەييارلاپ يوللاۋاتقان يازما تەييارلاش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز دىگەنلا ئۈمىتتمەن.
رەھمەت
بەت: [1] 2
: (bilgejan) شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى