matimatika يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 01:19:15

60% دەك چۇشەندىم، ھەر ھالدا  ئۆزەمچە لاياقەتلىك بولۇم.:)

تېمىڭىزغا تەشەككۇر!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 09:22:38

yasir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 22:04 static/image/common/back.gif
ئسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان. ئامىركىلىقلار ئىچىدە 60-70  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياسىر ئاكا،
مەندىن چوڭ بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئېنىم دېسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق يېقىملىق ئاتاشتىن رەنجىمەيمەن، ئەلۋەتتە. سىز مېنىڭ ئامېرىكىلىق خىزمەتداشلىرىم ھەققىدە يازغان ھېكايەمدىن ئامېرىكىلىقلار ساغلاملىقىغا بەك دېققەت قىلىدىكەن دەپ چۈشەنگەندەك تۇرىسىز. ئامېرىكىدا كىشىلەر ئىككى خىل، يەنى ساغلام كىشىلەر ۋە ساغلام ئەمەس كىشىلەر. ئادەتتە سېمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساغلام ئەمەس كىشىلەر، ئورۇق كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساغلام كىشىلەر توپىغا كىرىدۇ. ئادەتتە مەن ئىشلەيدىغاندەك تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى يۇقىرى ساپالىق كىشىلەر ئىچىدە ئورۇق ۋە ساغلام كىشىلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ مۇتلەق شۇنداق ئەمەس، ئەمما شۇنداق بىر يۈزلىنىش ئامېرىكىدا ناھايىتى روشەن.
ئەمما ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ 30% سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولۇپ، ئامېرىكىقلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن بەك ساغلام دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ساغلاملىققا دېققەت قىلىدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ 60-70 ياشلاردىمۇ تاغقا يامىشىپ، دەريالاردا سۇ ئۈزۈپ، تاغلاردا قار تېيىلىپ دېگەندەك بىزنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدىكى خەتەرلىك ۋە ياشلارغا ماس كىلىدۇ دەپ قارىلىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنىڭدا دەرۋەقە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ۋە بۇ خىل كىشىلەر توپىمۇ خېلى چوڭ ساننى ئىگىلەيدۇ. بىز مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلساق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

گەپنى قىسقارتسام، مەن بۇ يىلقى كىتاب ئوقۇش يىلى ئۈچۈن كىشىلەرگە ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان كىتاب يېزىش ئارقىلىق قوللىشىمنى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم. مەن يازماقچى بولغان كىتابتا دەل سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. كىتابىمنىڭ تېخى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ قويدۇم، يېزىشقا پۇرسەت چىقسىلا ئىمكانقەدەر تىزراق يېزىپ پۈتتۈرۈپ ياز چىقىپ كەتمەستە نەشىرگە سۇنارمەن، دەپ پىلان قىلىۋاتىمەن. ياخشى تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ئەگەر يەنە مەلۇم ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم تېمىلارنى تەۋسىيە قىلساڭلار، مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:03:16

دوستۇم
سىزنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتلىرىڭىز قانداق كېتىپ بارىدۇ؟ مۇشۇ توغرىلىقمۇ بىر ئۇچۇر بېرىۋەتسىڭىز تورداشلاربىلىپ قالسا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:04:31

ئېلكىتاپ مەندىمۇ يوقتى،چۈشۈرەلمىدىم
ماڭىمۇ ئېلخەت ئارقىلىق رەسىملەرنى قوشۇپ يوللاپ بەرسىڭىز

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:26:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 11:27  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 10:03 static/image/common/back.gif
دوستۇم
سىزنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتلىرىڭىز قانداق كېتىپ با ...

مېنىڭ تەتقىقاتلىرىممۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدە قارلۇق شېركىتى ۋە ئۆز تۈرك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى» دە ئۆز تەتقىقاتىمدىن ئۇيغۇرچە لىكسىيە بەرگەن ئىدىم، ھەم بۇ دوكلات يېقىندا رەتلەپ ئىشلىنىپ يوۋكۇ تورىغا يوللانسا تەستىقلانماپتۇ ھەم تېڭشۈن تورى ۋە باشقا تورلارغا يوللاۋىتىپتۇ. ئەگەر تەستىقلىنىپ قالسا پات ئارىدا مۇنبەرلەرگە يوللىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولالايسىلەر.

يېقىندىن بىرى يەنە خىلى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىم ۋۇجۇدقا كىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئاللىقاچان 2 خەلىقئارالىق ئىلمىي يېغىنغا ماقالە تاپشۇردۇم. بۇ دوكلاتلىرىمنىڭ بىرسى 3-ئايدا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھرىدىكى «كۆپىيىش تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتى»نىڭ ئىلمىي يېغىنى. يەنە بىرسى 6-ئايدا پورتورىكودا ئېچىلىدىغان «خەلىقئارا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ يىللىق ئىلمىي يېىغىنىدا سۆزلىنىدۇ. 11-ئايدا چىكاگودا ئېچىلىدىغان يەنە بىر خەلقىئارالىق ئىلمىي يېغىن «دۇنيا نېرۋولوگىيە ئىلمىي جەمئىيتى»نىڭ يىللىق يېغىنىغا ماقالە تاپشۇرۇشنى كۆزلەپ يېڭى تەتقىقاتلارنى ئىشلەۋاتىمەن ۋە ياخشى نەتىجىلەر چىقىپ قالسا 5-ئايغىچە بۇ يېغىنغىمۇ ماقالە تاپشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن. تۆرەلمە مېڭىسى يېتىلىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىمدىن ناھايىتى قىزىقارلىق نەتىجىلەر چىقتى ھەم بۇ نەتىجىلەرنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ ژورنالغا تاپشۇردۇم. ژورناللارغا تاپشۇرغان ماقالىلىرىم ئېلان قىلىنىپ بولسا ئاندىن ئاشكارىلىشىم كېرەك، شۇڭا بۇ توغرىدا ھازىرچە كۆپ توختىلالمايمەن. تەتقىقات بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار يىلدا بىرەر-ئىككى يېڭى نەتىجىلەرنى چىقىرىپ ئىلمىي يېغىنلاردا ۋە ژورناللاردا ئېلان قىلالىسا خېلى ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان يېڭى ئۇچۇرلار چىقىپ تۇرمايدۇ. بەلكىم كىلەر يىللىرى مەندىنمۇ ياخشى خەۋەرلەرنى ئاڭلىشىڭلار مۇمكىن. يېقىندا بىز مايمۇنلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىنايدىغان بىر تەجىرىبىنى باشلىماقچى بولۇۋاتىمىز ھەم مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتىمەن چۈنكى بۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. بۇ تەتقىقاتىمىز دەل مايمۇنلارنىڭ بارماق ئۇزۇنلىقى نىسبىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قىلمىشلىرى، خاراكتىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بارماق بىلەن ھەمجىنىسلىق ھەققىدىكى بىر ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ سۇنسام نۇرغۇن كىشىلەر قايىل بولۇشمىغان ئىدى. قارىغاندا بۇنىڭغىمۇ ئەمەلىي تەجىرىبىلەر بىلەن جاۋاب چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:57:40

بۇ قېتىم ئېلىپ ئوقۇۋاتقان كىتابلارنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلسام «ئەقىللىق» خېتىنى «ئەقىللىك» دەپ كۆپ يەردە ئاپتۇ. بۇنى نېمە دەيمىز ئەمدى. ئادرېىس ئىنگىلىزتىلىدا ADDRESS دەپ يازىدىكەن .

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:31:08

bilgejan ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياسىر ئاكا،
مەندىن چوڭ بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئېنىم دېسىڭىز بولىدۇ
چۈشەندىم.ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .كىتاۋىڭىزنىڭ تىزراق پۈتۈپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن .كىتاۋىڭىز نەشىردىن چىققاندا چۇقۇم يېقىن يۇرۇقلىرىمغىمۇ سوۋغا قىىمەن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: 1 [2]
: (bilgejan) شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى