mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:18:39

گۇگول ( Google ) تەرجىمانىدا ئۆزبىكچە ئىشلىتىپ بېقىڭ

مەن ئادەتتە Google  تەرجىمانىدىن خېلى كۆپ پايدىلىنىمەن ،  ئۆزەم بىلمەيدىغان تىلدىكى تېكىستلەر ئۇچراپ قالسا دەرھال Google تەرجىمانىنى ئېچىپ ، شۇ تېكىستنى ئۆزەم بىلىدىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىپ كۆرۈپ باقىمەن .  دەرۋەقە تەرجىمىنىڭ دەللىكى ، سۈپىتى ئادەم قىلغان تەرجىمىگە يەتمىسىمۇ ، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەسقاتىدۇ ،  ھېچبولمىغاندا بىز بىلەلمىگەن شۇ تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇندىن خەۋەردار بولالايمىز .  
خەنزۇچىنى ياخشى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ ئانچە زۆرۈرمۇ ئەمەس ،  Google  تەرجىمانىغا قوشۇلغان ھەر قانداق بىر تىلنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرەلەيدۇ .  لېكىن ئارىمىزدا خەنزۇچە بىلمەيدىغان ، ياكى سۆزلىشىشنى ئاز - تولا بىلسىمۇ لېكىن خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇيالمايدىغان تورداشلىرىمىزمۇ نۇرغۇن .
ئۆزبېكچە كىنو - ناخشىلارنى كۆرۈپ ، ئاڭلاپ باققان ، ھەم ئۆزبېكچە تېكىستلەرنى ئوقۇپ باققانلارغا مەلۇملۇق ،  ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمىزدىن باشقا ، تىلىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان تىل دەل ئۆزبېك تىلىدۇر . بۇ ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدى يېقىنلىق شۇ دەرىجىدىكى ، تېلى ئوچۇق ، سۈرئېتى نورمال بولغان ئۆزبېكچە كىنولارنى ناھايتى راۋان ھالدا 90 پىرسەنتكە يېقىن چۈشىنىپ كۆرۈشكە بولىدۇ .  ئۆزبېكچە ناخشىلارمۇ ھەم شۇنداق .  ئىشىنىمەنكى ، ناخشا ئاڭلاشقا ئامراق تورداشلىرىمىزنىڭ تېلىفۇنىدا ئېسىل ئۆزبېكچە ناخشىلار چوقۇم بار .
ئۆزبېكچە تور بەتلەرنىمۇ كۆرۈپ باققان ئىدىم .  سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۆزبېكچە تېكىستلەرنى سىلاۋىيانچە ھەرىپلەرنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىلەلمەيمىز . لېكىن لاتىن يېزىقىدىكى ئۆزبېكچە تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى راۋان چۈشەنگىلى بولىدۇ .  
خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرچە تىلىمىزنىڭ Google  تەرجىمانىغا قوشۇلۇش ئىمكانىيتى تۆۋەنرەك بولغاچ ، ئانا تىلىمىزغا ئەڭ يېقىن تىل بولغان ئۆزبېك تىلىنىڭ Google  تەرجىمانىغا قوشۇلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم .   تېخى يېقىندىلا  ئۆزبېك تىلى يوق ئىدى .  بۈگۈن بىر تېكىستنى تەرجىمە قىلىش ئىھتىياجى بولۇپ ، Google  تەرجىمانى بېتىگە كىرسەم ، تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان تىللار قاتارىدا ئۆزبېك تىلىمۇ تۇرىدۇ .   شۇ ھامان سىناپ باقتىم ،  ھەم ناھايتى خوش بولدۇم . ئىشلىتىپ باققايسىلەر  .

( گۇگول تورى نورمال ئىچىلمايدىغان بولسىمۇ ، لېكىن تەرجىمە بېتى نورمال ئېچىلىدىكەن )

Google تەرجىمە بېتىنىڭ ئادرىسى :  http://translate.google.cn/?hl=en




Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:18:21

گۇگۇل تەرجىمانىغا قازاقچە،ئۆزبېكچە قاتارلىق ئون تىل قوشۇلدى
يوللىغۇچى : hajim2014 يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-13 13:12:29
گۇگۇل تەرجىمانى بىر مەزگىل «ماشىنا تەرجىمانى» نىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىپ، تەسىر دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىغان ئىدى. ھازىر گۇگۇل تەرجىمانىغا يېڭىدىن ئون تىل قوشۇلدى.

\جۇڭگۈەنسۈن لىنىيەسى تورىنىڭ 12-دېكابىر خەۋىرى: گۇگۇل تەرجىمانى بىر مەزگىل «ماشىنا تەرجىمانى» نىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىپ، تەسىر دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىغان ئىدى. ھازىر گۇگۇل تەرجىمانىغا يېڭىدىن ئون تىل قوشۇلدى.
يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ ئون تىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىچېۋا تىلى، مالاگاسى تىلى، سېسوتو تىلى، مالايالام تىلى، بېرما تىلى، سىنخالا تىلى، سۇندا تىلى، قازاق تىلى، تاجىك تىلى، ئۆزبېك تىلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر گۇگۇل تەرجىمانى قوللايدىغان تىللارنىڭ سانى 90 غا يەتتى. يېڭىدىن قوشۇلغان ئون تىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 200 مىليون نوپۇسنى قاپلايدۇ، بۇ تىللار ئارىسىدا ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.
تور بەت نۇسخىسىدىكى گۇگۇل تەرجىمانى نۆۋەتتە يېڭى قوشۇلغان بۇ ئون تىلنى قوللايدۇ، كۆچمە نۇسخىدىكىسى دېتال يېڭىلانغاندىن كېيىن قوللايدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم
                             مەنبە : ئوكيان تورى                                   

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:26:50

يىڭى قوشقانغا  2ئاي بولدىغۇ دەيمەن .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:32:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 21:35  

گوگىل ئىچىلسىغۇىغۇ، بۇ ياخشى بولاتتى كىيىن...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:01:43

مەن باياتىندىن بېرى خېلى كۆپ تېكستلەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقتىم، ئۆزبېكچىگە .   ئىشقىلىپ يامان ئەمەس ،  تەرجىمىدىن ئاساسى مۇددىئانى بىلگىلى بولىدىكەن ،  بەزى جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسى خاتا ، بەزى تەرجىمىلەر بولسا شۇنداق كۈلكىلىك  ،  لېكىن قانداقلا بولسۇن  ئۆزبېكچىنىڭ قوشۇلغانلىغى بىزگە نىسبەتەن بىر خوشاللىق ئىش ،  ياخشى  ئىش .  ئاددى جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقسام ، چىققان تەرجىمە بەئەينى ئۇيغۇرچىنىڭ ئۆزىلا .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:09:27

بىر مۇنبەر بار ئىدى ،  تېما - ئىنكاسلارنى ئۇيغۇر - لاتىن - سىلاۋىيان يېزىقلىرى بويىچە ئالماشتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان .   ئۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئىنكاسلارنى بىرلا كونۇپكا بىلەن لاتىن يېزىقىغا ، ھەم سىلاۋىيان يېزىقىغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى .  ھەم  لاتىنچە يېزىلغان تېكستلەرنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى . ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ قايسى مۇنبەرلىگى ،   بولمىسا باشقا تىللاردىكى تېكستلەرنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاندىن ئۆزبېكچە تەرجىمىنى ئۇيغۇرچە يېزىققا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ باقاتتىم ... :)

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:11:27

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 21:32 static/image/common/back.gif
گوگىل ئىچىلسىغۇىغۇ، بۇ ياخشى بولاتتى كىيىن...

گۇگول ئېچىلسىغۇ ياخشى بولاتتى ،  لېكىن ھازىر گۇگول ئېچىلمىغان بىلەن گۇگول تەرجىمە بېتى نورمال ئېچىلىدىكەن .  مۇشۇنىڭدىن بولسىمۇ پايدىلىنىپ تۇرمامدۇق ،  كىيىنچە ئېچىلىپمۇ قالا .  ھازىر بىڭ ئوبدان ئىشلەۋاتىدۇ  گۇگولغا يەتمىسىمۇ .

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:40:53

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 22:09 static/image/common/back.gif
بىر مۇنبەر بار ئىدى ،  تېما - ئىنكاسلارنى ئۇيغۇر - لاتىن  ...

قۇتيار تورىدا بولىدىغۇ دەيمەن، Www.qutyar.net

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:41:27

گوگىل بۇنىڭدىن كىيىن ئىچىلمايدۇ،ئىچىلىشدىن ئۈمىد كۈتۈشمۇ بىكا!

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:09:39

مەن ، ئېنگىلىزچە ئۈگىنىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىلىدىغان ، يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى 2 قىسىم 1 - دەرىسلىك بولغان  «  خۇسۇسىي پاراڭ »  دىگەن تېكستنى گۇگول تەرجىمانى ئارقىلىق ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ باقتىم .  ئاندىن ئۆزبېكچە تەرجىمىنى ئۇيغۇرسوفىت ئالماشتۇرغۇچى ئارقىلىق ئۆزبېك لاتىنچىسىدىن ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقتىم .  قېنى سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار  ... :)

a private conversation

Last week I went to the theatre. I had a very good seat. The play was very interesting. I did not enjoy it. A young man and a young woman were sitting behind me. They were talking loudly. I got very angry. I could not hear the actors. I turned round. I looked at the man and the woman angrily. They did not pay any attention. In the end, I could not bear it. I turned round again. 'I can't hear a word!' I said angrily. ' It's none of your business,' the young man said rudely. 'This is a private conversation!

گۇگول تەرجىمانىنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسى :   

Shaxsiy suhbat

O'tgan haftada men teatrda ketdi. Men juda yaxshi qo'ltiq bor edi. Play juda qiziqarli edi. Men uni zavq bermadi. Bir yigit va bir yosh ayol, mening orqamda o'tirgan edi. Ular baland ovozda gaplashib qilindi. Men juda g'azablandilar. Men aktyorlar eshitmasdi. Men o'girilib. Men erkak va jahl bilan ayolga qaradi. Ular har qanday e'tibor bermadim. Oxir-oqibat, men uni chiday olmadilar. Men yana o'girilib. «Men bir so'zni eshitish mumkin emas!» Men jahl bilan dedi. «Bu sizning ishingiz emas ekan,« yosh yigit qo'pollik bilan aytdi. "Bu bir xususiy suhbat bo'ladi!

يۇقارقى تەرجىمىنى ئۇيغۇرسوفىت ئالماشتۇرغۇچى ئۇيغۇرچە يېزىققا ئالماشتۇردى :

شەخسىي سۇھبەت

ئوتگەن ھەفتەدە مېن تېەتردە كېتدى. مېن جۇدە ياخشى قولتىق بار ئېدى. پلەي جۇدە قىزىقەرلى ئېدى. مېن ئۇنى زەۋق بېرمەدى. بىر يىگىت ۋە بىر ياش ئەيال، مېنىڭ ئارقەمدەئوتىرگەن ئېدى. ئۇلەر بەلەند ئاۋازدە گەپلەشىب قىلىندى. مېن جۇدە غەزەبلەندىلەر. مېن ئەكتيارلەر ئېشىتمەسدى. مېنئوگىرىلىب. مېن ئېركەك ۋە جەھل بىلەن ئەيالگە قەرەدى. ئۇلەر ھەر قەندەي ئېتىبار بېرمەدىم. ئاخىر-اقىبەت، مېن ئۇنى چىدەي ئالمەدىلەر. مېن يانەئوگىرىلىب. «مېن بىر سوزنى ئېشىتىش مۇمكىن ئېمەس!» مېن جەھل بىلەن دېدى. «بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز ئېمەس ئېكەن،« ياش يىگىت قوپاللىك بىلەن ئەيتدى. "بۇ بىر خۇسۇسىي سۇھبەت بولەدى!

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:14:48

Google  تەرجىمانىدىكى ھەر قايسىى تىللارئارا تەرجىمىنىڭ سۈپىتى زور پەرىقلىنىدىكەن جۇمۇ ،  مەن ئېنگىلىزچىدىن قىلىپ باققان تەرجىمىلەر خېلى يامان ئەمەس ، يۇقارقى ئىنكاستا كۆردىڭلار .    ئاندىن بىر خەنزۇچە تور بەتتىكى بىر بۆلۈك خەنزۇچە تېكستنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقسام ئەمەسلا بىر نەرسە قىلىپ قويدى .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:23:47

CNN تورىدىكى ئەڭ يېڭى بىر خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم .  

مەنبە :  http://edition.cnn.com/2015/02/03/world/ukraine-fighting/index.html

Civilians increasingly under fire in Ukraine as devastation grows


gleaming, modern airport terminal reduced to shattered concrete and twisted metal. Charred cars in the parking garage. The sound of artillery shells exploding nearby.

These are the sights and sounds that CNN's Nick Paton Walsh observed in and around the besieged city of Donetsk in eastern Ukraine.

Six months ago, Donetsk's once proud Sergey Prokofiev International Airport was still in use.

But the worsening conflict between Ukrainian forces and pro-Russian separatists in eastern Ukraine has transformed it into a scene of devastation -- a symbol of the wider destruction that's left the Donetsk region reeling.

Civilians are increasingly falling victim to the fighting, with at least 224 killed and more than 540 others injured in the final three weeks of January, the U.N. high commissioner for human rights said Tuesday.

ئۆزبېكچە تەرجىمىسى :

Ukrainada tobora olov ostida tinch aholi vayron qilish sari


duv, zamonaviy aeroport terminali parchalangan beton va twisted metall qisqartirildi. Mashinalar garajda kuygan bosib o'tgan avtomobillar. Yaqin otashin artilleriya chig'anoqlari ovoz.

Ushbu manzarasi va CNN Nik Pato Walsh va Sharqiy Ukraina Donetsk qamal shahar atrofida kuzatiladi, deb eshitiladi.

Olti oy oldin, Donetsk ning bir marta faxrlanamiz Sergey Prokofev International Airport foydalanish edi.

Ikkinchi yuborilgan Donetsk mintaqani tark keng ko'lamli halokatning bir ramzi - Lekin Ukraina sharqidagi Ukraina kuchlari va pro-Rossiya o'rtasida yomonlashuvi nizo vayronagarchilikdan bir sahna ichiga o'zgartirdi.

Tinch aholi tobora kamida 224 o'ldirilgan va 540 dan ziyod boshqalar yanvar yakuniy uch hafta ichida tan jarohati bilan, kurash qurbonlariga aylanishmoqda, inson huquqlari bo'yicha BMT Oliy komissari Seshanba dedi.

ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇلغىنى :  

ئۇكرەئىنەدە تابارە ئالاۋ ئاستىدە تىنچ ئەھالى ۋەيران قىلىش سەرى


دۇۋ، زەمانەۋىي ئەېراپارت تېرمىنەلى پەرچەلەنگەن بېتان ۋە تwىستېد مېتەلل قىسقەرتىرىلدى. مەشىنەلەر گەرەجدە كۇيگەن باسىبئوتگەن ئەۋتامابىللەر. ياقىن ئاتەشىن ئەرتىللېرىيا چىغەناقلەرى ئاۋاز.

ئۇشبۇ مەنزەرەسى ۋە Cنن نىك پەتا Wەلش ۋە شەرقىي ئۇكرەئىنە دانېتسك قەمەل شەھەر ئەترافىدە كۇزەتىلەدى، دېب ئېشىتىلەدى.

ئالتى ئاي ئالدىن، دانېتسك نىڭ بىر مەرتە فەخرلەنەمىز سېرگېي پراكافېۋ ئىنتېرنەتىئانەل ئەىرپارت فايدەلەنىش ئېدى.

ئىككىنچى يۇبارىلگەن دانېتسك مىنتەقەنى تەرك كېڭ كولەملى ھەلاكەتنىڭ بىر رەمزى - لېكىن ئۇكرەئىنە شەرقىدەگى ئۇكرەئىنە كۇچلەرى ۋە پرا-راسسىيائورتەسىدە يامانلەشۇۋى نىزا ۋەيرانەگەرچىلىكدەن بىر سەھنە ئىچىگەئوزگەرتىردى.

تىنچ ئەھالى تابارە كەمىدە 224ئولدىرىلگەن ۋە 540 دەن زىياد باشقەلەر يانۋەر ياكۇنىي ئۇچ ھەفتە ئىچىدە تەن جەراھەتى بىلەن، كۇرەش قۇربانلەرىگە ئەيلەنىشماقدە، ئىنسان ھۇقۇقلەرى بويىچە بمت ئالىي كامىسسەرى سېشەنبە دېدى.

***************

تەرجىمە سۈپىتى مۇشۇنداقراق ئىكەن ، لېكىن ھەر ھالدا ئاساسى مۇددىئا ئۇقۇلىدىكەن .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:26:41

Uyghurking يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 22:40 static/image/common/back.gif
قۇتيار تورىدا بولىدىغۇ دەيمەن، Www.qutyar.net

ئۇنى ئىزدەپ بولغىچە ، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئۆزبېكىستان ساياھېتى خاتىرىسىدە ئۆزبېكچىنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرىدىغان بىر پىروگىرامما تۈزۈپ قويدۇم دىگىنى ئېسىمگە كېلىپ ، ئۇيغۇرسوفت توربېتىنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىن بۇ پىروگىراممىنى چۈشۈردۈم .  ئۆزبېك لاتىنچىسىنى شۇ پىروگىرامما ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇردۇم .

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:42:42

گوگۇل بەك زۆرۈر بولغانلار بۇ ئادرىستىن كىرىپ سىناپ بېقىڭلار!
https://g-et.com/?gws_rd=ssl

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:55:55

بۇمۇ بۇلىدۇ گوگۇل ئېچىلمىسا www.goto.com   يەنە ياھومۇ بار yahoo.com

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:02:09

بىلكان تورىغىمۇ بەك ئامراقتىم، يېقىندىن بېرى ئېچىلمايۋاتىدۇ … شۇ يەردىمۇ تەرجىمە ئىقتىدارى بار ئىدى.
www.bilkan.biz
بولۇپمۇ بۇ توربەتنىڭ ئەڭ ئاۋات مۇنبەر ۋە بىلوگلاردىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارىنى تولا ئىشلىتەتتىم.
تومۇزدىكى تور توختاشتىن بۇرۇن «بىلگە» دەپ بىر تور بەتمۇ مەخسۇس مۇنبەردىكى ئەڭ يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتەتتى. ئۇمۇ يوق بولۇپ كەتتى…
:(
www.bilge.cn

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:07:24

« ئىلكان» يازىمەن دەپ «بىلكان » دەپ يېزىپ ساپتىمەن… ئىلكان ماشىنا تەرجىمە بېتى، مۇنبەر جەمگاھ بېتىنى ياسىغۇچى قەيسەر يۈرەك قېرىندىشىمىز تىزرەك  ئوڭشىغان بولسا مۇشۇ گەپ يوق:lol تورداشلارغا ئۆزرىلەر…
www.ilkan.biz

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:50:47

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 00:07 static/image/common/back.gif
« ئىلكان» يازىمەن دەپ «بىلكان » دەپ يېزىپ ساپتىمەن… ئى ...

ئىلكان مۇنبىرى ئېچىلىدىكەنغۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:51:20

altunchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 23:42 static/image/common/back.gif
گوگۇل بەك زۆرۈر بولغانلار بۇ ئادرىستىن كىرىپ سىناپ بېق ...

رەھمەت ، ماۋۇ ئادرىستا گۇگول بېتى ئېچىلدى .

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:57:25

ئىنگىلىزچە I'm Uyghur دېگەننى تەرجىمە قىلدۇرسام Men Uyg'ur emasman دەۋەتتىغۇ! :lol
بەت: [1] 2 3
: گۇگول ( Google ) تەرجىمانىدا ئۆزبىكچە ئىشلىتىپ بېقىڭ