ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەشتىن ياردەم!
ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەشتىن ياردەم!سۆيۈملۈك ئىزدىنىش ئەھلى،مىنى چوقۇم نائۇمۈد قويمايدۇ دەپ ئاتتەك ئۈمۈد باغلاپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار!
مۇنداق ئىش،مىنىڭ بىر يېقىن تۇققۇنۇم مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىمەكچى بولۇپ ئۆي سېتىۋالسا نوپۇس يۆتكىگىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ئۆتكەن يىلى 400مىڭغا بىر ئىككىنچى قول ئۆي سېتىۋالغان ئىدى،كىم بىلسۇن،يۆتكەش ئۇچۇن يەنە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق كېتىدىغىنىنى،ئىككىنچى قول ئۆي سېتىۋالغانلار نوپۇس يۆتكەش ئۈچۈن چوقۇم ئۆي سېتىۋالغۇچى رەپىقىسى بىلەن ئىككى يىللىق جامائەت پاراۋانلىق فوندىمۇ ئىشقىلىپ ياخشى تەرجىمە قىلالمىدىم(社保)تاپشۇرغاندىن كىيىن ئاندىن بىر ئائىلە 4 كىشىنىڭ نوپۇسنى يۆتكىگىلى بولىدىكەن.
ھازىرقى مەسىلە،مۇشۇ پاراۋانلىق فوندىنى ئالدىنقى ئىككى يىلنى تولۇقلاپ تاپشۇرغىلى بولامدۇ يوق؟تۇققانلار خوتەندىن،ئۇلار ھېساپتا دېھقان دىسەكمۇ بولىدۇ،دادا بولغۇچى بۇرۇن تۇرۇشلۇق يېزىدا چوڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن ئىستپا سورىغانمۇ ئىشقىلىپ چىقكەتكەن،ئانا بولغۇچى ئىزچىل ئائىلە ئايالى.ھازىرچە ئېرىشكەن ئۇچۇر مەلۇم شىركەتتە ئىشلەپ ئىككى يىلغا تولغان بولسا ئالدىنقى ئىككى يىلنى تولۇقلاپ تاپشۇرغىلى بولامىش،لىكىن بۇلار شىركەتتە ئىشلىمەيدۇ،شىركەتتە ئىشلەيدىغان ياشتىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن.
يىڭى ئۆي سېتىۋالسىغۇ بۇ ئاۋارىچىلىق يوقلا يۆتكىگىلى بولىدىكەن،لىكىن 400مىڭغا ئاۋۇ ئۆينى ئەپ قويغان بولغاچقا ھازىر سېتىپ پۇل قوشۇپ يىڭى ئۆي ئالايلى دىسە ئۇ ئۆينى 400مىڭغا ئالىدىغان ئادەم چىقمايدىغان چىراي،يەنە بىر ئۆينى سېتىۋىلىشقا سەل قىسىنىپ قالدى،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلىك ئىشقا يولۇقۇپ باققانلار ياكى نۇپۇس يۆتكەشكە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلساڭلار!مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئىككى يىللىق جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئالدىن تاپشۇرغىلى بولامدۇ يوق؟تاپشۇرغىلى بولسا قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟قايسى ئورۇننى ئىزدەش كېرەك؟
ئەمىسە پۈتۈن ئۈمۈدۈم ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ جاۋابىدا قالدى.رەھمەت سىلەرگە! بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ھېساۋىنى قۇرۇپ بولۇپ، ئالدىنقى 20 ئايلىقنى تولۇقلاپ ئۇرۇش ئۈچۈن، مەن كىرسەم مۇمكىن ئەمەسلا دېدى. ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىمۇ شۇ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرىغا ئىمزا قويغۇزۇپ، ئالدىغا قايتىدىن خەن يولداشلارنى كىرگۈزۈپ، ئاران پۈتتۈردۇق. تەس جۇمۇ، شەخىسنىڭ ئىشىغا.
سىلەر، ئۆي تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتىتنىڭ ئادەملىرىدىن ئىچكىرىلەپ سوراپ بېقىڭلار، خىزمەتچىسىدىن ئەمەس، شۇجىسىدىن. پۈتۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۈۋەن.
كۆچۈپ كەلگەن بولسا، بالىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش ئىشىنى بالدۇرراق تۇتقاي. بۇ ئىجدىمائي پاراۋانلىق فوندىنى ئۆي ئالماي تۇرۇپمۇ تاپشۇرغىلى بولار؟ ئاندىن باشقا شەھەردە تۇرۇپ ، ئىككى يىل تاپشۇرۇپ بولۇپ ،ئىككى يىلدىن كېيىن نوپۇسنى يۆتكەپ بىراقلا كۆچۈپ كەلگىلى بولامدۇ؟ ئاندىن يەنە ئۆي ئالماي تۇرۇپمۇ نوپۇسنى يۆتكىگىلى بولامدۇ؟ ئاسانغا ئاسان ،تەسكە تەسكەن دۇنيا. ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ نوپۇس يۆتكىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر
ئىككى يىللىق سىياسەت ھازىر ئۈچ يىلغا ئۆزگىرىپتۇ ، بىر چاغلاردا ئۈرۈمچى نۇپۇسى بار خۇتۇن ئالسا ئاسەن يۆتكىلىدىكەن دەپ بىر ئايال بىلەن 10000 سومغا دىيىشىپ ئەمدى توي خېتى ئالاي دىسەم ئۇ سىياسەتمۇ توي خېتى ئېلىپ ئۈچ يىلغا توشسا ئاندىن يۆتكەيدىغانغا ئالمىشىپتۇ.................
بولسا مۇشۇ تىمىدا ئاسانراق نۇپۇس يۆتكەش يوللىرى ئېچىلىپ قاسا ھەممىمىز ئورتاق پايدىلانساق tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 09:37 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ نوپۇس يۆتكىشىگە قويۇل ...
خاپا بولماي تەرجىمە قىلۋىتىڭە، مەنمۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا 38 كۇۋادىرات مىتىرلىق كاتاكتەك ئۆيدىن بىرنى سېتۋالغان ئۆينىڭ خېتى تېخى چىقماغلىق قانداق رەسمىيەتلەرنى بىجىرسەم يۆتكىيەلەيمەن ئۇقۋالاي . قانچىگە ئالدىڭىز 38 كۇۋادىراتلىق ئۆينى قانچىگە ئالدىڭىز 38 كۇۋادىراتلىق ئۆينى بىلىپ قالايلى خەق يۆتكەپ بىرىمە دەپ بىر يىل ئەخمەق بولدۇم ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەش ۋاقىتلىق توختىتىلدى ، مەيلى نەچچە ئۆي ياكى نەچچە يىل سۇغۇرتا تاپشۇرۇڭ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 19:49
ئاساسلىقى نوپۇس يۆتكەش ئۈچۈن
1.ئۆي ئېلىش، يېڭىسى ئاسان. كونىسىغا ئىككى يىللىق سۇغۇرتا پۇلى تۈلەيدىغان گەپ. سۇغۇرتا تۆلىگەن ۋاقىتنى مۇشۇنىڭ دەللاللىرىنى تاپالىسىڭىز 10000-15000نى ئېلىپ ئالدىغا توغرىلاپ بېرىدۇ. يادىڭىزدا بولسۇن، مەيلى بۇ ئىش ياكى باشقا ئىش بولسۇن قائىدىگە ئۇيغۇن بولغاندىكىن، بىكارغا قىپ بەرسە، دەپ قالماڭ . قائىدىگە ئۇيغۇنىغا پارا ئالىدۇ، ئۇيغۇن ئەمەسنى بىجىرمەيدۇ.
2. شىركەت قۇرسىڭىز ياكى شىركەتكە ئەزا بولسىڭىز ۋە ياكى ئۈرۈمچىدىكى بىرەر مايمۇن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرسىڭىز نوپۇسىڭىزنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىش يولى ئېچىلىپ قالار. قالغىنىغا پۇلغا زورلاشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق. مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئىشنى سورۋالاي ،
مىنىڭ ئاكام ئۈرۈمچى نۇپۇسىغا يۆتكەلگىلى بەش ئالتە يىل بولاي دىدى ، مەن شۇنىڭغا بېقىندى بۇلۇپ نۇپۇسنى يۆتكىيەلەمدىم ياكى يۆتكىگىلى بولمامدۇ؟
بىلدىغانلار ياردەم قىلىۋەتساڭلار؟ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۈرۈمچى نۇپۇسىغا ئۆتمىسە قانداق كاشلىسى بار؟نىمىلەردىن بەھرىمان بۇلالمايدۇ؟
ئۆي ئېلىشقا نەچچىلىك پۇل كىتىدۇ؟ ئاڭلىسام ئۈرۈمچىگە سىرتتىن كىرگەن قانداق مىللەت ،كادىر بولسىمۇ يېشىل كارتا بولمىسا كىرگىلى بولمامدۇ؟
قەشقەر ،ئاقسۇ ،كورلا تەرەپلەرگىمۇ شۇنداقمۇ؟ Yatmix يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 09:26 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۈرۈمچى نۇپۇسىغا ئۆتمىسە قانداق كاشلى ...
قولايلىق كارتىڭىز بولىشى ۋە ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئادەمدىن بىرسى كىپىل بولىشى كېرەك. hiyali99 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 12:47 static/image/common/back.gif
قانچىگە ئالدىڭىز 38 كۇۋادىراتلىق ئۆينى بىلىپ قالايلى خ ...
175000 غا ئالدىم ئاشخانا ، ياتاق ئۆي ۋە مىھمان خانسىغا كۈن نۇرى بەك ياخشى چۈشۈدۇ . pusat يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 20:36 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئىشنى سورۋالاي ،
مىنىڭ ئاكام ئ ...
بولمايدۇ.نۇپۇس باش دەپتىرىڭىزدە ئاكىڭىز ئىسمى يوق ھەقاچان. ئۈستىدىكى بىرسى ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەشنى ۋاقىتلىق توختاتتى دەپ يۈرۈيدىغۇ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟مەن ئۆيمۇ سېتىۋالغان تېخى تۆت يىللىق سۇغۇرتىمۇ تاپشۇرغان . مۇشۇ كۈنلەردە نوپۇس يۆتكەي دەپ ئويلىغانتىم
بەت:
[1]
2