sardar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:07:45

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى(户口迁移证),ئىشلەۋاتقان ئورۇن بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامى ، ئەڭ تۈۋەن بولغاندا ئىككى يىللىق ئىجتىمائىي پارۋانلىق سوغۇرتىسى تەپسىلىي خاتىرىسى، جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى، دېپلوم قاتارلىقلارنى ئېلىپ يىكەنكۆل ئىقتساسلىقلار بازىرى ياكى قورۇلۇش يولى(建设路)دىكى ئىتتىپاق كومىتىتىغا بېرىپ ئۈرۈمچى كوللېكتىپ نوپۇسىغا ئېلتىماس قىلىسڭىز بولىدۇ ،ئىككى مىڭ يۈەندەك بېجىرىش ھەققى تۆلەيسىز . لېكىن بۇ نوپۇسقا خوتۇن باللىرىڭىزنىڭ نوپۇسىنى ئالدۇرغىلى بولمايدىكەن، پەقەت شۇ ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالغاندا قەرىز بېجىرىش ئاسانغا توختايدىكەن. ھەم ئۆي ئېلىپلا شۇ ئالغان ئۆيگە رەسمىي ئۈرۈمچى نوپۇسى قىلىپ  يۆتكىگىلى بولىدىكەن . لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چۇقۇم زېرىكمەي خېلى كۆپ ئورۇنلارغا دوقۇرىشىڭىز كېرەك . مەن تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداق بېجىرگەن .
بەت: 1 [2]
: ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەشتىن ياردەم!