elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:59:24

ئىمتھاندىكى سەتچىلىكلەر

‏ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر 1

‏بىر قىتىملىق ئىمتېھاندا زۇكام بولغاچقا ئىمتىھاندا مىشقىرىشقا ئامال يوق بۇرنۇمنى شىپ - شىپ  قىلىپ تاتىۋەردىم، تارتقانسىرى ئېقىپ، تارتقانسىرى ئېقىپ سۇرئىتىممۇ تېزلىشىپ كەتتى، بىر چاغدا ئالدىمدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشىم ماڭا قارا ،
‏__ سەن ئېمتىھان بىرۋاتامسەن ياكى لەڭمەن يەۋاتامسەن دەيدۇ.

‏ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر 2

‏يەنە شۇ زۇكام ، ئالدىنقى قىتىمدەك بولمىسۇن دەپ قەغەز تەييارلىۋالغان ئىدىم، تازا ئېقىپ ئېغىزغا كىرىپ كىتەي دىگەندە قەغەزگە ئېيتىپ قاتلاپ قۇيۇپ قويسام،  بىر چاغدا ئاسسىنىت مەندىن گۇمانلاندى بولغاي، قېشىمغا كىلىپ ھېلقى قەغەزنى ئاستا قاتلاقتىن بىر بىرلەپ ئاشتىدە ئىچىدىكىسىنى كۆرۇپ گەپ قىلماي قەغەزنى ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.


‏ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر 3

‏بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھاندا ئاسسىنىت مەن بىلەن قىيىشقاندەك بىشىمغا كىلىپ قاراپ تۇرۋالدى، يازاممىغانسىرى يا كەتىمىدى، قارسام «خىجىل بۇلۇش» دىگەن سۆزگە جۈملە تۈزدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىر جۈملە تۈزگەن، ھېلقى بەزەڭ ئاسسىنىت گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.
‏خىجىل بۇلۇش- بىرسى بېشىڭىزدا رەسۋالاچە قاراپ تۇرۋالسا، خىجىل بولغانلىقتىن ھېچنىمە يازالماسىز.


4 ‏ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر

‏بىر قىتىملىق ئىنگلىزچە ئىمتھاندا تاللاش بوش ئورۇنلارنى ئالدى كەينىمدىن بىر ئامال قىلىپ يازدىم لىكىن ئاخىردىكى 20نۇمۇرلۇق ماقالە يىزىشنى كۆچۈرۇشكە ئامال بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە بىر ماقالىنى پىنيىنچىلاپ يىزىپ بەردىم.
‏قانداق ئادەم تەكشۈردىكىن 15نۇمۇر بېرىپتۇ.




  5 ‏ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر

‏سىنىپىمىزدا دەرس ئۇقمايدىغان ئەڭ قاشاڭ بەشىمىز بار، دائىم ئوخشاش رەڭدىكى توپ كىيىمى كىيىپ يۈرمىز.
‏بىر قىتىمىلىق تارىخ ئىمتىھاندا ئاۋۇ تۆتى ئىسمىنى يىزىپلا قەغەزنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ئاسسىنىتمۇ بىزنىڭ خۇيىمىزنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا قاراپ،
‏__سەن تاپشۇرمامسەن دىگەنتى،
‏ __تۇرۇپ تۇرۇڭ تەكشۇرۋالاي دېدىم


ئىمتىھاندىكى سەتچىلىكلەر 6

‏بىر قىتىملىق خەنزۇچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھاندا كەينىمدە چىرايلىق بىر قىز ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ مەندىن خەنزۇچە بىلەمسىز دەپ سورغان، مەن مىڭكاۋخەن دىدىم. ئۇ ناھايتتى خۇشال بۇلۇپ ماڭا ياردەم قىلسىڭز دىدى، مەن بۇلىدۇ، نىمە يازسام شۇنى يېزىڭ دىدىم،  ئۇ قىز ئىمتىھان جەرياندا ئۆزنىڭكىنى ئۆچۈردۇ مىنىڭكىنى يازدۇ ، ئۆزنىڭكىنى ئۆچۈردۇ مىنىڭكىنى يازىدۇ. ئىمتىھان تۈگىگەندە ئۇنىمىسام ئۇنىماي مىنى مىھمان قىلدى. كىيىن ئىمتھان نەتىجىمىز چىققاندا قارسام نۆلىنجى دەرجىنى ئاپتىمەن.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 21:04:32

تىلفۇندا يازغان تىما بولغاچقا  يىزىش بەك تەسكە توختىدى ،  ئاخىرىنى داۋاملاشتۇراسلە ، ئالتىنچىسى راست بولغان ئىش

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 22:16:43

بۇمۇ راست بولغان ۋەقە.

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا(ئالى مەكتەپتە) بىر سۇئالنى كۆرۈپ گۈلقەقەلىرىم يايراپ كەتكەنىدى. سۇئال مۇنداق ئىدى.
9. سۇئال: تۆۋەندىكى يازغۇچىلاردىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا تەۋە ئايال يازغۇچى(      )
ئا. ئەختەم ئۆمەر    ب. زوردۇن سابىر      س. مۇھەممەت باغراش        د. خالىدە ئىسرائىل

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 22:41:09

:lol

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 22:54:26

ىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھاندا ئاسسىنىت مەن بىلەن قىيىشقاندەك بىشىمغا كىلىپ قاراپ تۇرۋالدى، يازاممىغانسىرى يا كەتىمىدى، قارسام «خىجىل بۇلۇش» دىگەن سۆزگە جۈملە تۈزدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىر جۈملە تۈزگەن، ھېلقى بەزەڭ ئاسسىنىت گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.
‏خىجىل بۇلۇش- بىرسى بېشىڭىزدا رەسۋالاچە قاراپ تۇرۋالسا، خىجىل بولغانلىقتىن ھېچنىمە يازالماسىز.
...................................................تولۇق ئوتتۇرۇغا ئۆرلەش  ئىمتىھام مەيدانىنى باشقا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن،ئىنتىھام قەغىزى تارقىتىش ئالدىدا  مەنمۇ قىسىپ ئولتۇرماي قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ بىر گەپ قىلىپ قويۇپ، كومىسسىيە مۇئەللىمە مانا ئەمىسە دەپ مەن ئولتۇرغان جوزىغىلا چىقىپ ئولتۇرىۋالدى، يا يانچۇقتىكى قەغەزنى ئالغىلى بولمىغان،ئەنە كېتە مانا كېتە دىسەم بەزدەك ئولتۇرىدۇ ،ئاخىرى چىدىماي «باشقا جوزىغا چىقىپ ئولتۇرامسىز » دىسەم ،« نىم بوپسەن دەيدۇ » .................... «پۇتىڭىز بەك پۇرايدىكەن،جاۋاپ يازالمىدىم » دىسەم  « ماز شۇم » دەپ قويۇپ قوپاپ كەتكەنتى :lol
لېكىن بەرىبىر يېنىمدا تۇرىۋېلىپ كۆچۈرگىلى قويمىدى:lol

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:00:35

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:16 static/image/common/back.gif
بۇمۇ راست بولغان ۋەقە.

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھا ...

سۇئال  چىقاغۇچى غورورۇڭلارغا تىگىپتىغۇ ;P

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:29:30

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:16 static/image/common/back.gif
بۇمۇ راست بولغان ۋەقە.

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھا ...

بەزى شەيتىنى كۈچلۇك بالىلار بارتى، مۇشۇنىڭغىمۇ خاتا جاۋاب بىرىپ سالىدىغان:L

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:56:29

«ئاسسىنىت» دېگەن كومىسىيەمۇ؟ مەن شۇنداق چۈشەندىم. خەنچە 监考 دەيمىزغۇ....

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 00:00:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elxat421 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 00:11  

Aqsu يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 23:56 static/image/common/back.gif
«ئاسسىنىت» دېگەن كومىسىيەمۇ؟ مەن شۇنداق چۈشەندىم. خەن ...

شۇنداق

ئەسلى «ئاسسىستېنت» ، ئېغىز تىلىدا شۇنداق دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن

munir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:15:38

بەكلا قىزىقارلىقكەن جۇمۇ :lol

maslakdax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:26:31

كومىسسىيە ياكى ئاسسسنت دەپ چۈشىنىكسىز سۆزگە زورۇقماي نازارەتچى دېسەڭلار بولمىدىمۇ دەيمەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:37:11

maslakdax يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 08:26 static/image/common/back.gif
كومىسسىيە ياكى ئاسسسنت دەپ چۈشىنىكسىز سۆزگە زورۇقماي  ...

   ئاشۇنداقراق بىر نەرسە دىسە ئۆزىنى چوڭ سۈپەت ھىس قىلمامدۇ ؟ ;P :handshake

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:48:23

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:16 static/image/common/back.gif
بۇمۇ راست بولغان ۋەقە.

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھا ...

يەنىمۇ ئازراق ئېنىق دەپ بېرىۋەتمەي

بىر قېتىم ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ماقالە يازىدىغان بېتىدە ئۆزۈمنى بىلمەي توكۇلدىتىپ شۇنداق ھاياجان بىلەن ماقالە يېزىۋاتسام ئاسسېنت يېنىمغا كېلىپ:
- سىز بىرەرسىگە تېلېگرامما يوللاۋاتامسىز؟ دېگەنتى،
-ئېلىڭە، دەپلا چىقىپ كەتكەن نومۇسچىلىقتا

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:52:10

ئىمتىھاندا كوچورگەندە قاملاشتۇرالماي دائىم تۇتۇلوپ قالاتتىم ،ئالدىمىدىكى سەمەت بەك كوچورەتتى ،ئاسسىت بىلەنمۇ چاتىقى يوق ،بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ كىتاپتىنلا كوچورەتتى لىكىن ئۇ بىر قىتىممۇ تۇتۇلوپ قالمىغان ئىدى ..:(

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:44:50

بىر قىز ئىمتىھاندا كۆچۈرىۋېتىپ، مۇئەللىم يېنىدىن ئۆتكىچە كىتابنى پۇتىنىڭ ئارىسىغا قىسىۋالدى، شۇنداقلا يېنىغا كېلىشىگە كىتاب چۈشۈپ كېتىپ، مۇئەللىم بىر نېمە دېمەي دېسە، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق، بىر نېمە دەي دېسە، دەرستە ياخشىتى، شۇنىڭ بىلەن كىتابى بىلەن قەغىزىنى تارتىۋېلىپ نۆل قىلىۋەتكەن نەتىجىسىنى...

يەنە بىر قېتىمدا مەملىكەتلىك بىر ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقاندا، بىر قىز مۇئەللىمنى كۆرۈپ قەغىزىنىڭ ئاستىغا كۆچۈرىدىغان قەغەزنى تىقىپ قويۇپتىكەن، شۇ قىزنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ كەينىدىكىنى تەكشۈرىمەن دەپ مېڭىشىغا ھېلىقى قىزنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە تېگىپ كېتىپ ئىمتىھان قەغىزى چۈشۈپ كېتىپ كۆچۈرىدىغان قەغىزى مانا مەن دەپ ئېچىلىپ قېلىپ قەغىزىنى تارتىۋالغانتى...

مەن قىزىقتىم، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغاندا باشقىلار ئىمتىھان قەغىزىنى ئېچىپ بەرسىمۇ قەغىزىگە قاراشتىن قورقۇپ، ئىمتىھاندىن چىققاندا ھارغۇچە تىل ئاڭلايتتىم، كۆچۈرۈشنىمۇ قاملاشتۇرالمىدىڭمۇ دەپ، ئالىي مەكتەپكە چىققاندا، بىر ئىمتىھاننى ئىتتىكلا بېرىپ بولۇپ ۋاقىت توشۇشىنى ساقلاپ يامان ئىچىم پۇشتى، قارىسام ئالدىدىكى قىزنىڭ يازمىغان يېرى جىقكەن، شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىنى دېگۈدەك دەپ بېرىپ چىقىپ كېتىپ، ئىمتىھاندىن كېيىن، مۇئەللىم پالانچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى خاتالىقمۇ سېنىڭكىگە ئوخشاشكەن دېگەنتى، چاندۇرماي تاساددىپىيلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ دەپ قويغانتىم.:lol

بىر ئىمتىھاندا قىزىق، بىر ساۋاقدىشىمىز، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيمەن دەپ ئەتىگەن كېلىپ، تامغا، ئورۇندۇقىغا يېزىپ توشتۇرىۋەتكەنتى، بىلىۋالغۇدەك ھالەتتە ئەمەستى، كومىسىيە مۇئەللىم كىرىپ ئالدىنقى رەتتە ئادەم يوقكەن، ھەممىڭلار، ئالدىغا بىر ئورۇن يۆتكىلىڭلار دېگەنتى، ھەممىمىز ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان ھالەتتە قاراپلا قالغانتۇق.:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:55:17

ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى تۇنجى كۈنى ئىمتاھان باشلىنىش ئالدىدا بىر ئادەم مىنا تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە ئوخشاش بىر نەرسىنى ئەكىرىپ، سىنىپنىڭ ئۇ يەر-بۇيىرىگە تۇتۇپ بىقىپلا تىلىفۇن بارلار دەرھال ئالدىغا ئىچىقىپ قويۇڭلار دە ، بىرنەچچە بالا ئالدىراپلا ئىچىقىپ قويدى، ئاندىن يەنە تۇتۇپ بىقىپ ،ھە ئەمدە تۈگەپتۇ دەپ چىقىپ كىتىپ تۇرىشىغا بىر بالىنىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتكەن، ھەممەيلەن سەت كۈلۈشۈپ كەتكەنىدۇق.:lol

يەنە بىر قېتىم تارىخ ئىمتاھانى بەك قىيىن چىقىپ كىتىپتىكەن، يىلنامىلەرنى پەقەت يازالمىدىم، سىنىپمۇ بەك تىمتاس بوپ كەتتى، ئاخىىرى قوينىمدىكى كىتابنى ئاستا ئىلىپ پارتىنىڭ ئاستىغاقويسام پالاق! قىلىپ بەك سەت ئاۋاز چىكەتتى، ياندىكى بالا شۇنداق كۈلۈپ كەتكەن، ئەسلىدە پارتىنىڭ ئاستى تۆشۈك ئىكەن.{:92:}

ئالىي مەكتەپ ئۇنىۋرىسال قىسمىدا بىر قانچە بالىلار تىلفۇندا جاۋاپ يوللىشىدىغان بولغان، شۇ ۋاقىتلار تىلفۇنۇم يوق، ئۆيدىكىلەرنىڭ تىلفۇنىنى ئىلىپ كىرگەن، شۇنداق ساقلىسام ئۇچۇر كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز سۆزۈم ئىشلەپ خىلى ياخشى نومۇر ئالغانىدىم، كىيىن سۈرۈشتۈرسەم ھەممىسى يوللىشىپتۇ پەقەت ماڭا كەلمەپتىكەن ، ئەسلى مەن ئىيتىپ بەرگەن نومۇرنىڭ ئاخىرقى تۆت خانىسىنى ئىكىكىدىن ئالماشتۇرۇپ يوللاپتۇ، تىخى ئىچىنىشلىقى مەن ئەكىرگەن تىلفۇننىڭ شۇ ۋاقىتلاردا قىسقا ئۇچۇر كەسپى ئوچۇق ئەمەسكەنتۇق.:funk:

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:04:37

بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قىززىقتى،ئەتە ئىمتاھان دىگەن كۇنى سىنىپقا كىرىپ،ئىمتاھاننى چىقىش نوقتىسى كىتابنىڭ ھەممە يىرى،مەن سۆزلىگەن يەرلەدىن چىقىدۇ دەپ قوياپ چىقىپ كىتىتتى،ئامال يوق ئورۇندۇقنىڭ ئۇستىگە مۇھىم مەزمۇنلارنى كۆچۇرۇپ قوياتتۇق،كومىسسىيە كىرىپ ھەممىزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇراتتى:lol:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 12:43:36

باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللق خەنزۇتىلى ئىمتاھانىدا

مەن پىنيىندىن باشقا ھېشنىمە ئۇقمايتىم  ئىمتاھان سوئالىنىڭ 40 نومۇرلۇقى پىنيىنغا قاراپ خەنزۇچە خەت يېزىش ئىدى 20  نومۇرلىقى تاللاش سوئالى 10 نومۇرلۇقى ھۆكۈم قىلىش سوئالى ئىدى مەن كىتابنىڭ كەينىدىكى سۆزلۈكلەرنى قەلەم قاپچۇقى ئۇشلىغۇچ كىيىملىرىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ كىرەتتىم ( بۇچاغدا ئۆزۈمنى كىنولاردىكى تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەردەك ھېس قىلاتتىم) ئىمتاھان باشلاندى  كومىسسىيە مىنىڭ چوقامدا ئولتۇرۋېلىپ مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى 20 مىنۇت بولغاندا بۇرنۇمنىڭ ئىلھامى تۇتقىلى تۇردى شۇنى بىلەن ئاۋاز چىقارماي بىر قانچە قېتىم تارتىۋالدىم كىين ئامال بولمىدى ، تازىلىق قەغىزى تېخى يوق ، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ بىرنى تارتىۋېلىپ ئۆلەي تازا ئۈنلۈنك بىرنى تارتسام كومىسسىيەنىڭ كۆڭلىگە تەگكەن چىراي
قېشىمدىن كەتكەن ئىدى  شۇ قېتىملىق ئىمتاھاندا 63 ئېلىپتىكەنمەن ماقالىسىنى سۇئال قەزىدىكى ماقالە تەلىپىنى كۆچۈرۈپ قويغان ئىدىمشۇنىڭغىمۇ 15 نومۇر بېرىپتىكەن:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 13:37:07

ۋاي تۆۋە تولۇقسىزدا كومسىيە خانىم ياخشى يازالىغانلارنىڭ ئىمتاھام قەغىزىنى بىر بىرمىزگە ئالماشتۇرۇپ كۆچۇرگىزەتتى .
ھازىر ئويىلىسام ھەيران قالىمەن .

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 13:41:22

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۇنجى پەن باشلىنىشتىن بۇرۇن كەينىمدىكى قىز سوراپ قالدى:
-سىز دەرىسكە ئۇستىمۇ؟
ئۇ چاغلاردا تەقلىدىي ئىمتىھانلاردا ئالدىنقى مەكتەپ بويىچە ئۈچنىڭ بىرىتىم.ئازراق گەپكە سالاي دەپ:
-قانداق بولسا ئۇستا ھېساپنىلىدۇ؟-دېسەم
-خاتىرجەم بولۇڭ،ئىمتىھان ۋاقتى مەن ياردەم قىلىمەن_دېمەسما{:118:}
لېكىن ئىمتىھاندا يەنىلا مەن دەپ بەرگەنتىم.
بەت: [1] 2 3
: ئىمتھاندىكى سەتچىلىكلەر