tayirT يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 13:48:50

تۇلۇقسىزدا سىايەت ئىمتىھانىدا  كۈچۈرۋاتسام كامىسسىيە كانسىپىكىمنى تارتىۋالدى(A3 قەغەزگە يېقىن كېلەتتى)، يەنە كۈچۈردۈم كانسىپەك دەپتىرىمنى يەنە تارتىۋالدى (A4  قەغەز چوڭلىكقىدا )، شۇنىڭ بىلەن سەن ئىككى قېتىم كانسىپەك يىزىپ دەرىس كاللاڭدا قالمىدىما ؟ سەن بەك دۆتمۇ ؟ دەپ قۇيۇپ كەتتى (كامىسسىيە مىنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچۇم ئىدى. جىزىكا دىگەننى ئىككى پاراللىل سىنىپتا مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتىدىغان ئادەم چىقمايتى مۇئەللىممۇ بەك ئامراق ئىدى.) يۈزەمنى قىلدى بولغاي. بىردەم تۇرۇپ كىلىپ كانسىپىڭمۇ تۈگىدى بولغاي قانداقمۇ قىلارسەن، يەنە بولسىغۇ كۈچۈرۋالاتىڭ ھە دەپ قۇيۇپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر كانسىپەكتىن (A4 قەغەزدىن خېلى كىچىك) كۈچۈرۋاتسام خىجىل بولماي كۈچۈرۋاتامسەن دەپ يەنە تارتىۋالدى. بىردەم تۇرۇپ يەنەكۈچۈردۇم ئىمتىھان ۋاقتىمۇ تۇشۇپمۇ قالاي دەپ قالغان ئىدى. يەنە كانسىپىكىمنى (  تېلېفۇن دەپتىرىچىلىكلا كېلەتتى) تارتىۋېلىپ ياقا تۇتۇپ تۇرۇپ كىتىپ خەتلىرىگە قارىسام ھەممىسىنى ئۆزەڭ يىزىپسەن . 4 كانسىپەك يازغىچە ئىسىڭدە قالماپتۇ داڭقان كاللا دىۋىتىپ كۆرمىگەنى كۆرسىتەمسەن ئەقىللىق دىسەم 4 قېتىم كانسىپەك يازدىم دىگىن ، مەنمۇ 4 قېتىم تۇتۇۋېلىپ قەغىزىڭنى تارتىۋالمىدىم. يەنە ئۆزەڭ يازغان كانسىپەك بولسا ئېلىپ كۈچۈرسەڭ قەتئى تارتىۋالمايمەن نەزىرىمدىن بىرچۈشتۈڭ دەپ قۇيۇپ كەتكەن ئىدى. ئىسىمدىن چىقمايدۇ. شۇ ئىمتىھانىدا 58 ئاپتىكەنمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 15:56:08

بىلەككە ، ئىشتان چاپانغا يازىدىغانلا  يوقكەندە

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:00:13

مەن ھەر قېتىم كومىسىيە بولغاندا بالىلارنىڭ كۆچۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق  دەۋرىمىزدىكىدىن زور دەرىجىدە قالاقلىشىپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلىنىپ كېتىمەن…:lol

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:28:04

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 15:56 static/image/common/back.gif
بىلەككە ، ئىشتان چاپانغا يازىدىغانلا  يوقكەندە

پۇتۇمغا يازسام تۈكلەر توسۇۋېلىپ ئاران كۆچۈرگىنىم ئېسىمدە، لېكىن شۇ ئىمتىھاندا پۇتۇمغا يېزىپ كىرىپ كۆچۈرمىگەن بولسام قەتئىي ئۆتەلمەيتتىم:lol

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:31:35

مېنى بىلمەيدىغان بالىلارغا يەنە قايتا ئىمتىھاندا نازارەتچى بۇلۇپ كىرسەم مېنى كۆرۈپلا سەككىز ئۆلۈش ئوقۇغۇچىنىڭ چىرايى پۈرۈشۈپ قۇدۇڭشۇپلا كىتىدىغۇ-تاڭ:lol

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:56:24

باشلانغۇچتا بىر  ساۋادى  چىقمىغان  بالىنى  مىنىڭ  يىنىمدا ئولتاغۇزۇپ  قويدىدە  ياردەم  قىل  دەپ ماقۇل  دەپ  خەنسۇتىل ئىمتاھانىدا ئۆزەمنىڭكىنى  يىزىپ  بولاپ  ئۇنىڭكىنى  يىزىپ  بىرىپ  بىر خەتنىڭ  تون  بەلگىسىنى يىزىش  چىقىپتىكەن بىلمەي خاتامىكى  دىگىنىمنى ئۇنىڭكىگە توغرىمىكى  دىگىنىمنى ئۆزەمنىڭكىگە يازسام ئۇ 100مەن 98ئاپتىكەنمەن ئوقۇتقۇچىمۇ  ھەيران  قالغان:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 18:41:28

  ئالى مەكتەپتە 条子 ياساپ كۆچۈرەتتۇق. ئېكىسئېلدا كىچىكلىتىپ بېسىپ چىقىرىپ دىگەندەك.  

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:22:07

ب غا بۇرۇننى، ئا غا باشنى، س غا قۇلاقنى، د غا كۆزنى بەلگە قىلىپ كۆچۈرمىگەنما ھەر قايسىڭلار كىچىك ۋاقتىڭلاردا:lol
ئىمتىھاندا قاش - كۆز ئويناتقانلارنى تاللاش سوئالىنى دېيىشكىلى تۇرۇپتۇ دەپ بىلەتتۇق.{:92:}

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:22:35

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:16 static/image/common/back.gif
بۇمۇ راست بولغان ۋەقە.

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھا ...

ۋاي مانى كۆرۈپ تامدىن ئەكس سسادا قايتقىدەك كۈلىۋەتتىم :lol

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:45:37

ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بەرگەندە ئارقامدىكى قىز ئىمتىھان ۋاقتىدا مىشىلداپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇرىۋەتكەنلىكىنى ئەل-ئاغىنىلىرىمنىڭ ھەممىسىگە دەپ يۈرگەنتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياز بولسۇن قىش بولسۇن ئىمتىھان ۋاقتىدا چوقۇم بۇرنۇم مىشىلدايدىغان بوپقالغانىدىم {:136:}

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:47:44

باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقى بولسا كېرەك، ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىدە سۇپەت دىگەن نىمە ؟ دەپ بى سۇئال چىكىپتىكەن،ئوقۇتقۇچىمنىڭ تاپلىشى بۇيچە يېنىمدىكى ئەليۇلئەلاغا ئاستا پىچىرلاپ جاۋابىنى دەپ بىرۋاتمەن. ئۇگۇي ھەجىلەپ يېزىۋاتىدۇئۆزىمۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ؛ -ئادەم- ئادەم ،ۋە-ۋە -نەرسىلەرنىڭ-نەرسىلەرنىڭ-رەڭگىنى-رەڭگىنى-تەمىنى-تەمىنى- خۇلقىنى-قۇلقىنى........ئاگۇينىڭ گىپىدىن ئۆزەمنى تۇتالماي كۈلۈپ ھېقىقداپ كىتىپتىمەن. بىر چاغدا ئېسىمگە كەلسەم كامسىيە گۇي يەردە ئولتۇرىدۇ قۇسغىنى تۇتۇپ ،كۆزىدە ياش......ئىشقىلىپ شۇ چاغدا ئىشتىنىمنىڭ ئېغى ھۆل بوپكىتىپتىكەن{:90:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:37:09

ئالي ماتىماتىكا ئىنتىھانىدا ئاق كۆڭۈل مۇئەللىم ،ئىجدىماھىي پەننىڭ باللىرى ئۆتەلمەيدۇ دەپ ئۇيلىغانمۇ.كۈرسىتىپ بەرگەن دائىردىكى مەسىللەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى جاۋابىنى ياتلىۋالسىمۇ ئۆتۈپ كەتسۇن دەپ ،دەسلەپكى 10 سۇئالنى نەق 70 نۇمۇرلۇق بوش ئۇرۇن تولدۇرۇش قىلىپ چىقىرىپتۇ.نەچچە قېتىم ئىشلەپ ئۆتكۈزۈپ بولغان بولغاچ ،ناھايىتى تىزلا ئىشلەپ بولدىم ،ئىنتىھان ۋاقتىنىڭ يېرىمى توشىشى بىلەن ،ئالدىن كىلىشىۋالغىنىمىز بۇيىچە كەينىمدىكى ساۋاقدىشىم بىلەن بىۋاستە چۇرنىۋاي قەغەزنىلا ئالماشتۇردۇق.چورنىۋال قەغەزدە 10 سۇئالنىڭ پۈتۈن ھىساپلىنىش جەريانى ،ھەم ئەڭ ئاخىرىققى نەتىجىسى ئىننىق باتتى.بىلەلمەي تۇرمىسۇن دەپ،ھەتتا ھەر بىر سۇئالنى بىر دائىرىگە ئېلىپ ،نىچىنچىلىرىنى قۇيۇپ بەردىم.
ئىنتىھاندىن چىقىپ خۇشال بىز ،مەن مەيدەمگە ئۇرۇپ 10 مەسىلىدىن گەپ يوق سەككىزى توغرا،50 ئالساڭمۇ قالغىننى، مۇئەللىم تاپشۇرۇق نەتىجىلىرىنى قۇشۇپ ئۆتكۈزۋىتىدۇ،،،،،،:lol
قىشلاق تەتىلدىن كەلسەك نەتىجىلەر چىقىپتۇ،مەن :lol63. ئۇ 17 ئاپتۇ:funk:. ياتىقىغا كىرسەم قارايدىغانغا كۈزى يوق .
مەن بەرگەن قەغەزدىكى جاۋاپلارنى توغرا يازغانمۇ؟ ئىنچىنچى -نىنچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيمىغانسەن؟ سانلارنى خاتا يىزىپ قۇيدىڭمىيا؟ سۇئالنى ياغدۇرۋەتتىم.
ھېي ئاداش ،سەن قانچىنچى ھىساپلىقىنى ئېنىق يېزىپ،ھەربىر مەسىلەنى  ھىساپلاپ بىر دائىرىگە ئېلىپ قۇيۇپسەن ،مەن ھەربىر ھىساپقا ماس كىلدىغان دائىردىكى سەن يازغان پۈتۈن سان ھەرەپلەرنى قالدۇرماي شۇ بوش ئۇرۇنغا يازدىم.{:107:}نىمىشقا شۇنداق بولدىكىن،،،،،.
ئالىي ماتىماتىكىنىڭ ئاددى بىر سۇئالنىمۇ ھىساپلاش ئۈچۈن ،ئىش قەغىزىدىنمۇ ئىككى -ئۈچ قۇر كىتىدۇ.بەزى سۇئاللار چورنىۋاي قەغەزنىڭ بەشتىن بىرنى ئىگەللىگەن ، بىر ئىسىمنىمۇ ئاران يازغىلى بولدىغان شۇ بوش ئۇرۇنغا ،بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ شۇنچە ئىشلەش جەريانىنى قانداق سىغدۇرغانلىقى ھازىرغىچە ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:05:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 21:10  

شۇنداق ياخشى ئوقۇيدىغان بىر قىز ئۇقۇغۇچىنىڭ ،ئىنتىھان تۈگەيدىغانغا 10 مىنۇت قالغاندا ،كەينىدىكى ئۇقۇغۇچىنىڭ سائەت قانچە بولدى ؟دەپ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بىرىمەن دەپ .كەينىگە قاراپ قويغاندا ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكىلەر كۆرىپ قىلىپ ،فاكولتىتىكى ئوقۇتقۇچى -باشلىقلارنىڭ بۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، دەپ گوۋاھ بولغىنىغا قارىماي ،بىر پەندىكى نەتىجىسىنى يوق بولغانلىقىدەك راست بىر ئىشنىمۇ ئاڭلىغان.چاقچىقى چاقچاق پىتى قىلىپ ئىنتىھاندا يەنىلا كۈچىرىمەن دىمەي !بىلگەننى يازغان ياخشىكەن.بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:18:36

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 09:52 static/image/common/back.gif
ئىمتىھاندا كوچورگەندە قاملاشتۇرالماي دائىم تۇتۇلوپ ق ...

ئىمتاھاندا ئاشۇنداق ھېچنىمىگە قارىماي يۈرەكنى قاپتەك قىلىپ كۆچۈرسە ئاسان بايقالمايدۇ.
سىزگە ئوخشاش قاچان كومىسىيە تۇتىۋالاركىن.... ماڭا قاراۋاتامدىغاندۇ.... دەپ دەككە دۈكىدە
بىر ئوقۇتقۇچىغا بىر قەغەزگە قاراپ كۆچۈرسىڭىز كومىسىيەنىڭ ئاسانلا دىققىتىنى تارتىپ قويىسىزدە تۇتۇلۇپ قالىسىز:lol

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:04:30

شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان چاغدا بالىلار «ھەر بىر كومپىيۇتېردا بىردىن كۈزەتكۈ بار،بوينۇڭنى ئۇيان بۇيان تولغاپ قالساڭلا باشقىلاردىن سوراپ يېزىۋاتىدۇ دەپ نەتىجەڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ» دىسە راس ئوخشايدۇ دەپ 37 مىنۇتقىچە ھەيكەلدەك ئېكراننىلا قاراپ جاۋاب بېرىپ چىكەتكەن……بۇمۇ بىژ سەتچىلىك!……:lol:lol:lol:lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:16:25

paranghumar117 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 19:47 static/image/common/back.gif
باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقى بولسا كېرەك، ئۇيغۇر تىلى دەرىسل ...

خەپ ما بالىنى لەپتۇپىمدىن چاتاق چىقسا سېنى ئىزدەيمەن كۈلىمەن دەپ بىر پىيالە چاينى كومپىيوتېرنىڭ ئۈستگە پۈركىۋەتتىم دىسە .:Q  

joshua يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:24:57

ئالىي مەكتەپتە يامان تەس بىر كەسپىي دەرس بولىدىغان...
ئىمتىھاندا 120 ئوقۇغۇچىغا 8 كومىسسىيە كىرىپتۇ...
ئىشتىنىمنىڭ ئېغىغا (تەنتەربىيە ئىشتىنى) لىق قەغەز قىستۇرۇپ كىرگەن، ھېلىقى قارا قاغىدەك ئادەملەرنى كۆرۈپ، جىددىيچىلىكتە ھاجەت قىستاپ كەتتى.
رۇخسەت سوراپ ھاجەتكە چىقتىم، ئايرىم خانىگە كىرىپ، بەل تاسمامنى بوشاتقىنىمنى بىلىمەن...
بىر چاغدا قارىسام كۆلچەكتىكى سۇدا بىرنەچچە ۋاراق قەغەز لەيلەپ يۈرىدۇ...
ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرۈپ چىققان بولغاچقا، كۆلچەكتىكى قەغەزدە نەق جاۋاپ بارلىقىنى بىلەتتىم... ئۇزۇن ۋاقىت ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم، يەنە تۇرسام قەغەزلەر ئېرىپ كېتەتتى......
ئاخىرىنى دېمەي بولدى، ئىشقىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىم.:'(

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:27:49

بۈگۈن ئىمتىھان سوئالى ئىشلەيلى
1.ئىنىشتىيىننىڭ نىسبىلىق نەزىرىيىسىنىڭ فورمۇلاسىنى بىلەمسىز؟
A.بىلىمەن
B.بىلمەيمەن
2.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى:
a.زوردۇن سابىر
b.مەمتىمىن ھوشۇر
c.خالىدە ئىسرائىل
d.جالالىدىن بەھرام
3.ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ فامىلىسى:
a.ئەخمەت
b.سادىر
c.نىغمەت
d.ئابدۇرەھىم
4.ئابلاجان ئېيتقان ناخشىدىكى مەمەتجاننىڭ نىمىسى بار؟
a.ئايفون تېلىفونى
b.ئۆچكىسى
c.پۇلى
5.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە يىگىلى بولىدىغان نەرسىلەر قايسى؟(كۆپ تاللاش)
a.پۇشايمان
b.غەم
c.تاماق
d.شاپىلاق
6.ئۇراننى بايقىغان  چەتئەللىك ئايال كەشپىياتچى كىمۇ؟
a.سۇڭ چىڭلىڭ
b.دىلبەر يۇنۇس
c.گو مىي مىي
d.كىيۇرى خانىم
7.ئەلخۇمارغا نەچچە يىل بولدى؟
a.1532يىل
b.500يىل
c.7يىل
d.0.5يىل
8.ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشاننىڭ “تاغ سۇلىرى”دىگەن ناخشىنىڭ تېكىستى،تۆۋەندىكىلەردىن قايسى توغرا:
a.داخى شاڭ دۇۋ لىيۇ ئا،تىيەنشاڭ دى شىڭ شىڭ سەن بىي دوۋۋا
b.باغ ئارىلاپ سۇ ئاقتى،دەل دەرەخلەرگە ياقتى
c.ئىگىز،ئىگىز تاغلار بويلاپ ئاققان شوخ سۇلار
9.پىلانلىق تۇغۇت دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق سىياسىتى()
a. !
b. .
c. ?
d. …
جاۋابىنى تېىپىڭلار ھە

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:28:45

يۇقارقىسى بۇگۇنكى ئۈندىداردىكى ئۈزۈندىلەر

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:55:56

ئاۋۇ سۇئاللاردىن پارول پاناق پۇراۋاتىدا
بەت: 1 [2] 3
: ئىمتھاندىكى سەتچىلىكلەر